ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆيدۈرۈلىشى

يوللىغۇچى : hunwolf يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-13 19:22:05

ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆيدۈرىلىشىراھىلە قادىردۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپېراتورلارنىڭ بىرى بولغان قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكى شەرق مىللەتلىرى ئارىسىدا <<ئىسك...

    ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆيدۈرىلىشى

     راھىلە قادىر

     

    دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپېراتورلارنىڭ بىرى بولغان قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكى شەرق مىللەتلىرى ئارىسىدا <<ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن>>(بۇنىڭ مەنىسى <<قوش مۈنگۈزلۈك ئىسكەندەر>> دېگەنلىكتۇر) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. دۆلىتىنىڭ زىمىنىنى ماكىدونىيەدىن ھالقىتىپ، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيتىپ بۈيۈك بىر ئىمپېرىيىنى قۇرغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن  قەدىمكى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار  تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرىت، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ مۇھىم بىر تېما ۋە ئوبرازغا ئايلانغان. ئەرەب، پارس ۋە تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ نامىغا باغلىنىشلىق بولغان نۇرغۇن ئەپسانە، رىۋايەت، ھېكايە، چۆچەك، قىسسە ۋە داستانلار يارىتىلغان. مەسىلەن، مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ <<سەددى ئىسكەندەر>> داستانى بۇنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر. نەۋايى بۇ داستانىدا ئىسكەندەرنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى تېما قىلىش ئارقىلىق يەنە ئۆز دەۋرىدىكى  ھېراتنىڭ سۇلتانى  ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئوبرازىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى.

    مىلادىدىن بۇرۇنقى 356- يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 323- يىلى 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن  مەشھۇر پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەچكە، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار بىلەن مەدەنىيەتنى  تەڭ ئورۇنغا قويغان ئالىم ھۆكۈمدار بولۇپ يىتىشكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ  ھايات چېغىدا ھەر خىل  ھەر خىل تىل -- يېزىقتىكى كىتاپلار توپلانغان  خاس بىر كۇتۇپخانا  قۇرۇشنى  ۋە بۇ كۇتۇپخانىنى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت سارىيىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىغان. لېكىن ئۇنىڭ شەرققە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە  بابىلدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈشى  بىلەن بۇ ئارزۇسى  ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇنداقتىمۇ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىسكەندەرنىڭ  ۋارىسلىرى  ئۇنىڭ نامىغا باغلانغان بىر كۇتۇپخانا قۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا   گرېك  مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

    ئىسكەندەر ئىشغال قىلىنغان رايونلاردا ئۆزىنىڭ نامىغا ئاتاپ سەككىز شەھەر سالدۇرغان. مىسىرنىڭ شىمالى قىسىم رايونىدا ، يەنى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدا قۇرۇلغان ئىسكەندىرىيە ئاشۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر  . ئىسكەندەر  ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىمپېرىيسىمۇ پارچىلىنىپ  كەتكەن. ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان لاگۇسنىڭ ئوغلى، مىسىرنىڭ ۋالىسى پتولېمائۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى  305 - يىلى مىسىردا مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ، پتولېمائۇس خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.  تارىختا 300 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىقنىڭ زىمىنى جەنۇپتا ھازىرقى سۇداندىن شىمالدا سىپرۇس ۋە ئىگەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغىچە كېڭەيگەن.  پتولېمائۇس ئۇرۇشتىن  سىرت  ئىلىم— پەن ۋە ئەدەبىياتقىمۇ مەپتۇن كىشى بولغاچقا،  ئۆز دۆلىتىنى  ھەم ھەربىي دۆلەت ھەم مەدەنىيەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ھېمايىسىگە ئىرىشكەن. ئۇ قەدىمكى قانۇنلار ۋە دىنىي مۇراسىملارنى قوغداپلا قالماي، يەنە ئىلگىرىكى مىسىر  ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئۈنۋانى بولغان <<فىراۋۇن>> دېگەن نامنىمۇ قوللانغان.

    مىسىردا قۇرۇلغان بۇ يېڭى دۆلەت ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. فىراۋۇن پتولېمائۇس بۇ شەھەرنى يېڭىباشتىن ئوڭشاپ ،ئافىناغا ئوخشاش شۇ دەۋردىكى مەشھۇر بىر  شەھەرگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. ئۇ گرېتسىيەنى تەقلىد قىلىپ ساراينىڭ ئەڭ گۈزەل يىرىگە مۇزېي ۋە كۇتۇپخانا قۇرغان. موزىيغا شۇ دەۋردە ھەر  قايسى ئەللەردە مەلۇم بولغان ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكتىن بىردىن ئۆرنەك ئەكەلدۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت بوتانىكا باغچىسى ۋە بىر رەسەتخانا تەسىس قىلىنغان.  ئوپىراتسىيە ئارقىلىق ئىنسان  تېنىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن  بىر ئاناتومىيە سالونى قۇرۇلغان. موزىيدا فىزىكا، خىمىيە، تېبابەت، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە فىزىئولوگىيە پەنلىرى ئۈچۈن ئايرىلغان ئايرىم ئۆيلەر بار ئىدى.  دېمەك، بۇ يەر ئۈگىنىش، تەتقىقات ۋە سەنئەت مەركىزىگە ئايلانغان بىر ئىلمىي ئورگان ئىدى. كۇتۇپخانا موزىيغا يېقىن بىر يەردىلا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ موزىيغا قاراشلىق بىر ئورگان سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغانمۇ ياكى مۇستەقىل بىر ئورگان سۈپىتىدە قۇرۇلغانمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات يوق.  بۇ كۇتۇپخانا ئىسكەندەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ۋە پارۇس مۇنارى بىلەن بىرلىكتە ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئەڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشقا ئايلانغان. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى بىردىنبىر مەخسەت <<پۈتۈن دۇنيادىكى كىتاپلارنى توپلاش>> ئارقىلىق بۇ ئورۇننى <<دۇنيا بىلىم ئامبىرى>>غا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا پادىشاھلار  ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى ۋە قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كىتاپ توپلاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. كۇتۇپخانىغا مۇدىر بولغان كىشى تېپىلىش ئىمكانىيىتى بولغان  ھەر قانداق بىر كىتاپنى قولغا چۈشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىنغان. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مىسىرغا ئېلىپ كەلگەن كىتابىنى  ئاۋۋال كۇتۇپخانىغا  كەلتۈرۈشى شەرت قىلىنغان. چەت مەملىكەتلەرنىڭ ئىسكەندىرىيە پورتىغا كىرگەن كىمىسىدىمۇ قاتتىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بىرىلغان. قايسى يېزىقتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرەر كىتاپ بايقالغان  ھامان ئۇنى  كۆپەيتىش  ئۈچۈن دەرھال كۇتۇپخانىغا تاپشۇرغان. كۇتۇپخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن كىتاپلار  بىر نۇسخا كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ئەسلى نۇسخىسى كۇتۇپخانىغا قالدۇرۇلۇپ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. چەتئەللەرگە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭمۇ ئۆزلىرى بارغان مەملىكەتلەردە ئۇچراتقان كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ ئەكىلىشى ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر خىزمىتى ھېساپلىناتتى. بۇ كۇتۇپخانا ئۈچۈن ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى توپلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت  بىرىلگەچكە ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن  ھەتتا پادىشاھلارمۇ  ھەر خىل ھىيلە -- نەيرەڭ  ئىشلىتىشتىن  يىراق تۇرمىغان.  مەسىلەن، پتولېمائۇس Ⅲقەدىمكى گېرىتسىيەنىڭ ئۈچ داڭلىق تىراگىدىيە يازغۇچىسى ئېسكيلوس، ئېئۇرىپىدېس ۋە  سوپخوكلىس قاتارلىقلارنىڭ ئافىنا ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلىرىنى  زاكالەت پۇلى قۇيۇش ئارقىلىق ئارىيەتكە ئالغان. كىتاپلارنى قايتۇرۇپ بىرىدىغان چاغدا پادىشاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بويىچە  ئاشۇ كىتاپلارنىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن، ئەسلى نۇسخىسى بولسا ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن. ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كىتاپ توپلاش نەتىجىسىدە بۇ كۇتۇپخانا تىز تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ دەستلەپكى دەۋر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىغا ئايلانغان. بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى 9- ئەسىردە ياشىغان  داڭلىق شائىر ھومىرنىڭ شېئىرلىرى  كۆچۈرۈلۈپ، لاتىن تىلغا تەرجىمە قىلىنغىنىدەك،  يەنە  گرېكلارنىڭ پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەت، تارىخ، ئەدەبىيات، فىزىكىغا ئائىت مەشھۇر ئەسەرلىرى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرىمۇ  ساقلانغان. ھەر قايسى ئەللەردىن نۇرغۇن ئالىملار ۋە ئىلىم ئىگىلىرى ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىغا كېلىپ،  ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. گرېتسىيەلىك جۇغراپىيەشۇناس، ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە شائىر ئېراتوسنى  ۋە  ھۆججەتشۇناس ۋە تارىخچى ئارىستوك قاتارلىقلار  ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسدا مۇدىر بولغان.  گرېتسىيەلىك پەيلاسوپ  ئانېسىدېمۇس ۋە فىزىك ئارخېمىد قاتارلىقلارمۇ بۇ كۇتۇپخانىدا لىكسىيە سۆزلەش ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق بۇ ئورۇننى <<دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ>> دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە قىلغان. دېمەك، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى ئالى مەكتەپ ۋە پەنلەر ئاكادىمىسى  خاراكتېرىنىمۇ ئالغان بىر  بىلىم يۇرتىغا ئايلانغانىدى.

    ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھتىن تارتىپ كۇتۇپخانا خادىملىرىغىچە  ھەممە كىشى كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇلار كىتاپلارنى سېتىۋېلىش، كۆچۈرۈش، ئارىيەت ئېلىش، تەرجىمە قىلىش، تۈزۈش ۋە ئالداپ ئېلىشتەك ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۇتۇپخانىنى ئەسلى ئەسەر، كۆچۈرۈلمە نۇسخا ۋە قول يازمىلار بىلەن توشقۇزغان. پتولېمائۇس خانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ  كۇتۇپخانىنىڭ كىتاپ مەنبەسىمۇ داۋاملىق بېيىغان.  كىتاپلار ئومۇمەن قوۋزاق ياكى قوي تىرىسىگە  كۆچۈرۈلگەن. كۆچۈرۈلگەن كىتاپلارنىڭ ھەجىمى چوڭ ۋە سانىمۇ كۆپ بولغاچقا، كىتاپلارنى كۇتۇپخانىغا سىغدۇرۇش تەسكە توختىغان . شۇنىڭ بىلەن ئوردىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدىكى ساراپىم ئىبادەتخانىسىغا بىر شۆبە كۇتۇپخانا قۇرۇلغان. ئاساسىي كۇتۇپخانا بىلەن شۆبە كۇتۇپخانىنىڭ ھەر ئىككىسى پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن  بىرلا مۇدىر ئارقىلىق باشقۇرۇلغان. كېيىنكىلەر  ھەر ئىككى كۇتۇپخانىنى ئومۇملاشتۇرۇپ <<دۆلەت كۇتۇپخانىسى>> ياكى <<چوڭ كۇتۇپخانا>> دېگەن نام بىلەنمۇ  ئاتىغان.  ئىسكەندىرىيە  كۇتۇپخانىسىدا ئۆز ۋاقتىدا زادى قانچىلىك ئەسەرنىڭ ساقلانغانلىقى   ھەققىدىكى بايانلارمۇ بىر  بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پتولېمائۇس Ⅱھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە كىتاپلارنى تۈرگە ئايرىشقا مەسئۇل بولغان كالىماكېس كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان  ئەسەرلەرنىڭ 490مىڭ پارچىغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. مىلادى 2-ئەسىردە ياشىغان لاتىن  يازغۇچىسى گېرىئۇس ئەسەر سانىنىڭ700مىڭ پارچىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىر چەتئەللەردە ئىلان قىلىنغان بەزى ئەسەرلەردە ئىسكەندىرىيە  كۇتۇپخانىسىدا  900مىڭ پارچە ئەسەر ساقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئومۇمەن، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدا  شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تارتىپ تاكى يىراق شەرققىچە بولغان ئەللەردە ياشىغان   ئالىملار ، پەيلاسوپلار ۋە ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر گېركچە، قەدىمكى مىسىرچە، فىنىكچە، سۇمىرچە، ھىتىتچە، ھىبرايچە ئىرانچە، ھىندىچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان. قىسقىسى، ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى رايونلاردا ۋە باشقا ئەللەردە بارلىققا كەلگەن مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىغا جەملىنىپ، بۇ ئورۇننى دۇنيادىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋىرسال كۇتۇپخانىغا ئايلاندۇرغان.

    پتولېمائۇس خانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ پارلاق دەۋرىمۇ يەنە پتولېمائۇس خانلىقىنىڭ  ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-- ئاستا يوقالغان. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم  تېما ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى قاچان، قانداق سەۋەپ بىلەن ۋەيران بولغان، بۇ  ۋەيرانچىلىقنى زادى كىم پەيدا قىلغان دېگەن مەسىلىدۇر.  بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن بىرى ھەر خىل مۇنازىرىلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى.  بۇ قاراشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلارغا ئاساسەن رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن قوزغالغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىرىنجىسى رىم ئىچكى ئۇرۇشىدۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى48- يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇماندانى ئۇرىئۇس كايسەرى پتولېمائۇس خانلىقىدىن پاناھلىق تىلىگەن رەقىبى پومپېينى  تۇتۇش ئۈچۈن  ئىسكەندىرىيە شەھىرىگىچە قوغلاپ كەلگەندە مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى كلېئوپاترا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان  ھوقۇق تالىشىش كۆرىشىگە ئارىلاشقان. كايسەرىنىڭ كېيىن يازغان <<ئىچكى ئۇرۇش خاتىرىسى>> دېگەن كىتابىدا دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇرۇش كىمىلىرى كۆپ بولمىغاچقا، يەنە كىلىپ قۇرۇغلۇقتىكى سۇ مەنبەسى ئۆزىۋىتىلگەچكە ئۇ پومپېيگە  قارشى  ئوت ھۇجۇمى قوزغاشقا مەجبۇر بولغان  ۋە  پومپېينىڭ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن ۋە پورتتا توختىتىپ قويغان كىمىلىرىگە ئوت قويۇشنى بۇيرىغان. لېكىن ئۇ ئەسىرىدە ئوتنىڭ شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلارغا تۇتاشقان ياكى تۇتاشمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما ئاشۇ دەۋردە ياشىغان ۋە ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى زىيارەت قىلغان  رىملىق مەشھۇر  مۇنازىرىچى، پەيلاسوپ  سېنېكا <<كۆڭۈلنىڭ تەسكىن تېپىشى ھەققىدە>> دېگەن ئەسىرىدە كايسەرى قوزغىغان مۇشۇ قېتىملىق ئوت ھۇجۇمىدا ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە نەچچە ئون مىڭ پارچە ئەسەرنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. گرېتسىيەلىك مەشھۇر تارىخچى  بارۇتارىك  كايسەرىنىڭ ھۇجۇمىدا كۇتۇپخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  <<ئۇلۇغ ئوت  ئۇرۇش كىمىسىدىن ئەتراپقا يامراپ چوڭ كۇتۇپخانىنى كۆيدۈرۈپ كۆلگە ئايلاندۇردى>> دەپ يازغان. مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدا 700 مىڭ پارچە ئەسەر ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن 400مىڭ پارچىسى ئاشۇ قېتىمقى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن.  بۇ زىياننى تولدۇرۇپ  بىرىش ئۈچۈن كەيسەرى باشقا جايلاردىن بۇلاپ كەلگەن 200مىڭ پارچە ئەسەرنى  ئايال پادىشاھ كلېئوپاتراغا  تەقدىم قىلغان.  دېمەك ، كايسەرىنىڭ قوزغىغان  ھۇجۇمىدا ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار كۆيۈپ ۋەيران بولغان، شۇ قاتاردا ئوردىدىكى باش كۇتۇپخانىمۇ ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان.   ئەسەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.

    ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىككىنجى ئۇرۇش بولسا4- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رىم ئىمپېراتورى تېئودورىئۇسⅠ(346-395) قوزغىغان دىنىي ئۇرۇشتۇر.  كايسەرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئوردا تەۋەسىدىكى قىسمى كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن،  ئوسىرىس ئىبادەتخانىسىدىكى شۆبە كۇتۇپخانا ساقلىنىپ قالغان. 379-يىلى تەختكە چىققان تىئودورىئۇسⅠئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن  جازا يۈرۈشى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قارار  مدقۇللاپ خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىغان ۋە پۇخرالارنىڭ ھەممىسىنى خرىستىئان مۇرتى بولۇشقا زورلىغان.  ئۇ،  بۇ دىنىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يات دىن مۇرىتلىرىغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي قۇرۇلۇشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 391- يىلى تېئودورىئۇسⅠئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى يات دىن مۇرىتلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى چېقىۋىتىش ھەقققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شۇ يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مىسىردىكى ۋالىسى  تېئوپخىلوس  ئوسىرىس ئىبادەتخانىسىنى  خرىستىئانلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا  چېركاۋ سېلىشنى بۇيرىغان. چېركاۋ قۇرۇلۇشىغا ئۇل  قېزىۋاتقاندا  ئۈستىگە مىسىرنىڭ قەدىمكى  دىنىگە  ئائىت يازمىلار يېزىلغان بىر تاش ئابىدە تېپىلغان. خرىستىئانلار بۇ تاش ئابىدە ھەققىدە مەسخىرىلىك سۆز – چۆچەكلەرنى پەيدا قىلىپ مىسىردىكى پۇتپەرەس ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسكەندىرىيىدە دىنىي قوزغىلاڭ پارتلىغان. پۇتپەرەسلەر بىلەن خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولغان. نۇرغۇن كىشى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ئۇرۇشتا خرىستىئانلار ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى جايلاشقان رايوننى قاتتىق ۋەيران قىلىۋەتكەن. ئىمپېراتور  تېئودورىئۇسⅠۋالى تېئوپخىلوستىن <<باشقا چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە  قەدىمكى دىننىڭ تەسىرى نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۈچلۈك>> دەپ سورىغاندا، ۋالى <<بۇ ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدا پۇتپەرەسلىك ئېتىقادىنى  ھېمايە قىلىدىغان  كىتاپلارنىڭ كۆپ ساقلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك>> دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىمپېراتور  تېئودورىئۇسⅠئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزدىن يوقىتىشنى بۇيرىغان. تېئوپخىلوس ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ  يوقىتىش ئۈچۈن  ئۇنىڭ ھەممىسىنى شەھەردىكى ھامماملارغا تارقىتىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەپەككۇرى ۋە  ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ بىلىم ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسى تەلتۈكۈس يوقىتىلغان. دۇنيانىڭ قەدىمكى تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم— پىنىگە ئائىت ئائىت نۇرغۇن مۇھىم مەلۇماتلار  مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلگەن.

    ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ئىنسانىيەت  تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، كېيىنكى كۈندە غەرپلىك بەزى تارىخچىلار بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە غەرپ مەدەنىيەت تارىخىنى نومۇسسىز قىلمىشلاردىن خالى  ھالدا بايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئەرەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى كۆيدۈرگەن كىشى دەپ تۇنۇتقان.  بۇ قاراش  غەرپتىكى بەزى دۆلەتلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرىسلىكىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

    مىلادى 395-يىلى تېئودورىئۇسⅠ  ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن رىم ئىمپېرىيىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن  مىسىرگە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى(ۋىزانتىيە)  ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. مىلادى 7- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ  ئەرەب ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈپ  چىقتى. 642-يىلى ئەمىر ئىبنۈل ئاس قوماندانلىقىدىكى ئەرەب ئارمىيىسى شەرقىي رىمنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن شەرقىي رىم ئىسكەندىرىيەنى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرۋالغان بولسىمۇ، 646-يىلى ئەمىر قايتا ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى  يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلغان. مانا بۇ ئەرەبلەرنىڭ مىسىرغا يۈرۈش قىلىش تارىخىدۇر.  ئەمىرنىڭ  ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن  ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ تەقدىرى ئوتتۇرىسىدا  بىرەر باغلىنىشنىڭ بار— يوقلىقى  ھەققىدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يۈز يىل ئىچىدە  ھېچكىم  ھېچنەرسە دېمىگەن. پەقەت 13-ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەر ئاندىن <<كىتاپ كۆيدۈرۈش>>كە ئالاقىدار بەزى ھېكايىلانى  تىلغا ئېلىشقا باشلىغان. بۇ ھېكايە ئاشۇ دەۋردە ياشىغان مىسىرلىق تارىخچى ئىبن سەييىتنىڭ <<دانىشمەنلەر تارىخى>> دېگەن كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغان.  ئىبن سەييىتنىڭ دېيىشىچە،  ئەمىر ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش  ھەققىدە خەلىپە ئۆمەرگە مەلۇمات يوللىغان. خەلىپە ئۆمەر ئەمىرگە :<<سەن ئۇ كىتاپلارنى ئاۋۋال تەرجىمە قىلدۇرغىن. ئەگەر ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇقەددەس كىتاپ (<<قۇرئان>>نى دېمەكچى--ئا)  بىلەن ئوخشاش بولسا ئۇنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر مەزمۇنى مۇقەددەس كىتاپقا زىت بولسا بۇلارنى كۆيدۈرىۋەتكەننىڭ ھېچ زىيىنى يوق>> دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى بارلىق كۇتۇپخانىلارنىڭ  كىتاپلىرىنى يىغدۇرغان ۋە بۇ كىتاپلارنى  شەھەردىكى تۆت مىڭ نەچچە يۈز  ھاممامغا يېقىلغۇ قىلىش ئۈچۈن تارقىتىپ بەرگەن. كىتاپ ئالتە ئايدىن كۆپرەك كۆيگەن. 13- ئەسىردىن باشلاپ ئەمىرنىڭ كىتاپ كۆيدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار  تارىخىي كىتاپلاردا بىردەك تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان. پەقەت 17- ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەر بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. تارىخشۇناسلارمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتكەن. ئالدى بىلەن ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس ئالبېرتو ج. پاتېل ئىبن سەييىتنىڭ بايانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەللىلەپ چىققان ۋە بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى <<ئەرەبلەرنىڭ مىسىرنى بويسۇندۇرۇش تارىخى>> دېگەن  كىتابىدا تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن ئامېرىكىلىق ئەرەب تارىخشۇناس فىلىپ ھىتتى 1937 – يىلى ئىلان قىلغان <<ئەرەبلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى>> دېگەن كىتابىدا :<<بۇ ھىكايە ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن توقۇپ چىقىلغان بولسىمۇ، تارىخىي ئەمەلىيەتكە زادىلا  ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەرەبلەر ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان چاغدا بۇ كۇتۇپخانا ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ بولغان>> دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق سەييىتنىڭ بايانلىرىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى ئەسكەرتكەن. مىسىرلىق تارىخشۇناس مۇستافا ئاباد 1990-يىلى ئىلان قىلغان <<ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ تەقدىرى>> دېگەن كىتابىدا ئىبن سەييىتنىڭ ئەمىرنىڭ كىتاپ كۆيدۈرگەنلىكىنى ھەققىدىكى ھېكايىنى قانداق شارائىتتا توقۇپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا  ھىچقانداق بىر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانلىقى ھەققىدىكى  قاراشقا  ھازىرمۇ  غەرپلىك نۇرغۇن ئالىملار  گۇمان بىلەن قارىماقتا ياكى ئۇنى  كۈچلۈك پاكىتلار ئارقىلىق رەت قىلماقتا. ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ رىم ئىمپېرىسى قوزغىغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا  ھالاك بولغانلىقى  ھازىر  ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارىخشۇناسلارنىڭ ئورتاق قارىشى  سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. دېمەك، رىم ئېمپېرىيىسى قوزغىغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقىسىدا ئوردا تەۋەسىدىكى باش كۇتۇپخانا كۆيدۈرىۋىتىلگەن،  كېيىنكى قېتىملىق ئۇرۇشتا ئوسىرىس ئىبادەتخانىسىدىكى شۆبە كۇتۇپخانا  ۋەيران  قىلىنغان.  ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى تەلتۈكۈس ۋەيران بولۇپ 247  يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەبلەر  مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ  ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىدىن ھېچقانداق بىر ئىزنا قالمىغان ئىدى.

    ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى  قەيەرگە جايلاشقان دېگەن مەسىلىمۇ ئارخېئولوگلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كىلىۋاتقان  مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى  ھېساپلىنىدۇ .

    7- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەرەبلەر مىسىرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن پايتەختنى قاھىرىگە كۆچۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسكەندىرىيە  شەھىرىنىڭ ئورنى بارغانسىرى  ئاجىزلاپ، كۆلىمىمۇ تارىيىشقا باشلىغان.  ئۇنىڭ ئۈستىگە كەينى كەينىدىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمى، يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كىتىشى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلىشىدەك  بىر قاتار تەبىئىي  ھادىسلەر نەتىجىسىدە ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سۇ ئاستىدا قالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، غەلىتە پارۇس مۇنارى، بۇرۇشېن رايونىدىكى خان ئوردىسى  ۋە خان جەمەتى ئىبادەتخانىسى، موزىي ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يەردىكى كۇتۇپخانا قاتارلىقلار. گرېك جۇغراپىيەشۇناس سىترابونىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خان ئوردىسى ۋە خان جەمەتى مەيدانى ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. بولۇپ ، بۇ يەر  شەھەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. موزىينىڭ ئورنى ئەزەلدىن مەلۇم ئەمەس. كۇتۇپخانىنىڭ ئورنىمۇ بىر سىر.  شۇڭا ئارخېئولوگلار  بۇ ئىزناسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ  خارابىسىنى تېپىش ئۈچۈن 1979-يىلىدىن باشلاپ  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. 2004 – يىلىدىن كېيىن پولشا ۋە مىسىرنىڭ ئارخېئولوگلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر تەكشۈرۈش ئۈمىكى بۇرۇشېن رايونىدا بىر يۈرۈش دەرسخانا ۋە زالنىڭ خارابىسىنى قازغانلىقىنى ئىلان قىلدى.  قېزىش جەرىيانىدا 30  دەرسخانا بايقالغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە يەنە  دەرس سۆزلەيدىغان مەركىزى مۇنبەرنىڭ بولغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ ئورۇندا جەمى5000دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى دەرس ئاڭلايدىغان شارائىت ھازىرلانغان. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەرىيانىدا بايقالغان بۇ ئورۇننى ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسى شۇ دەپ جەزملەشتۈرگىلى بولامدۇ – يوق؟ بۇ ھەقتە ئارخېئولوگلارمۇ  ئېنىق بىر نىمە دېيەلمىگەن. بۇ ھەقتە كەسكىن بىر ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە يېڭى تېپىلمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ.  ھازىرغىچە بۇ يەردە پەقەت دەرسخانا ۋە زالدىن باشقا ھېچقانداق بىر بەلگە تېپىلمىدى.

    يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بىرى مىسىر  ھۆكۈمىتى قەدىمكى ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى تىرىلدۈرۈش  ئۈچۈن 1995-يىلىدىن باشلاپ ئىسكەندىرىيە شەەھىرىدە  ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى  قۇرۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ كۇتۇپخانىنى قەدىمكى ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇنىڭ ئورنى  ھازىرغا قەدەر  ئېنىقلانمىغاچقا، يېڭى كۇتۇپخانا ئىسكەندىرىيە شەھىرىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا قۇرۇلغان. يەر مەيدانى  40مىڭ كۋادىرات مېتىر كىلىدىغان بۇ كۇتۇپخانا مىسىردىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغاندىن سىرت ، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىق مۇھىم تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش تۈرىگە ئايلانغان. ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ خەرىتىسى 77دۆلەتتىن ئىشتىراك قىلغان 600دىن كۆپرەك ئېنجىنىرنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن تاللاش ئارقىلىق بىكىتىلگەن. ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى قەدىمدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا  ۋە ئۈچ قىتئە مەدەنىيىتىنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدا مۇھىم  رول ئوينىغاچقا، مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە 21 –ئەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە تارىخىي  ئامىلنىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات مۇنبىرىدىمۇ يېڭى قۇرۇلغان ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ مىسىرنىڭ خەلقارادىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىغانلىقى  بىلدۈرۈلمەكتە.

     

    مەنبە : ‹‹شىجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلى ، 2010- يىل، 10سان.

    ئاپتور : ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا خادىمى.

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.