ئالۋۇن(تۇرسۇنجان مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 08:50:08

ئالۋۇن(پوۋېست)تۇرسۇنجان مۇھەممەت1ئەڭ ئاخىرقى مېھمان ئۇزاپ بولغاندا كېچە تەڭدىن ئاشقانىدى . داۋۇت مەيچى ئاسمانغا قاراپ ، كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئېغىر نەپەس ئالدى . ئۇنىڭ ھاراق ، تاماكا ۋە ئاللىقاندا...

    ئالۋۇن(پوۋېست)
    تۇرسۇنجان مۇھەممەت


    1

    ئەڭ ئاخىرقى مېھمان ئۇزاپ بولغاندا كېچە تەڭدىن ئاشقانىدى . داۋۇت مەيچى ئاسمانغا قاراپ ، كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئېغىر نەپەس ئالدى . ئۇنىڭ ھاراق ، تاماكا ۋە ئاللىقانداق نەرسىلەرنىڭ ھىدى سىڭىپ كەتكەن ئىچكى ئەزالىرىدىن سېسىغان گۆشنىڭكىدەك بىر خىل قاڭسىق پۇراق ئېتىلىپ چىقتى . «گارت» قىلغان كىكىرىك بىلەن كۆكسى-قارنى بوشاپ ، ئۆزىنى يەڭگىل سەزدى . ئۇ يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ تۇرغان ئاسمان بېتىدىن نەزىرىنى ئۆيى تەرەپكە ئاغدۇرغىنىدا ، كۈندىكىدەك غەللە ساناش تەقەززاسى كۈچىيىپ ، ئۆزىنى قازناققا ئاتتى.
    قازناقنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان كىچىككىنە تۆمۈر ساندۇق بەئەينى ئالائىدىننىڭ سېھىرلىك چىرىغىدەك ، ئۇنىڭغا چەكسىز ۋەدىلەرنى بېرىپ ، قۇچىقىنى ئېچىپ قاراپ تۇراتتى . ئاشۇ تۆمۈر ساندۇقتا ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۈمىد-ئارزۇلىرى سولىنىپ ياتاتتى . ئۇ ئاشۇ ئۈمىد-ئارزۇ ئۈچۈن بۈگۈن ھېرىپ چارچىدى ، تۇتقان-قويغىنىنى بىلمەي ، پۇتى پۇتىغا تەگمەي شاپاشلىدى ، مانا ئەڭ ئاخىرقى مېھمانمۇ ھازىر ئۇزىدى ، پېشكەل ئوغرىنىڭ قىلىقلىرى ئۇنىڭ جان-مېنىنى چىقارغان بولسىمۇ ، كېتەر چاغدا غەللىگە تاشلىغان بىرمۇنچە پۇل ئۇنىڭ ھەممە ھاردۇقلىرىنى ، رەنجىشلىرىنى بىراقلا يوققا چىقاردى.
    داۋۇت مەيچى بىر بۇلۇڭغا تۈرتۈلۈپ كەتكەن ئورۇن-كۆرپىلەرنى يېغىشتۇرۇۋاتقان تاز چىراي خوتۇنىغا مۇنداقلا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، غەللە ساندۇقنى قۇچىقىغا ئالدى .
     — كېچە بىر يەرگە بارغاندىمۇ ساندۇققا قاراپ باقمىسىلا كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كىرمەمدۇ؟ — دېدى ئايال نارازى بولغاندەك ئالىيىپ.
     — كېچە بىر يەرگە بارغان بولسا  كۆزۈڭگە كۆپچىمەمسەن؟ — داۋۇت مەيچى خوتۇنىغا گۆلەيدى .
     — ئۇنداق دېگەنبىلەن ئادەمنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا بارار-بارمايلا كاچكۇلغا سەكرىگەن ئىتتەك دۈگدەرەپ ئادەمنىڭ قوينىغا كىرسىلە ئويغىنىپ كېتىمەن، — ئايال نارازىلىق چىقىپ تۇرغان ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى داۋۇت مەيچىگە تىكتى، — بىرلا ئويغىنىپ كەتسەم قايتا ئۇخلىمىقىم تەس.
     — خوتۇن دېگەننىڭ پوقى دورا ئەمەس، — دېدى داۋۇت مەيچى خىر-خىر ھىجىيىپ، — ئاشۇنداق ھېرىپ-ئاچقاندا ، توڭۇپ-تەرلىگەندە قوينىغا كىرەرمىز دەپ ئالمىساق نېمە قىلىمىز سىلىنى قېرى كالىدەك بورداپ؟
    دەل شۇ چاغدا قازناققا ئون يەتتە-ئون سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز كىرىپ كەلدى . ئۇنى كۆرۈپ ئايال باشقا گەپ-سۆز قىلماستىن ، بىر قۇچاق يوتقان-كۆرپىنى قولتۇقلىغىنىچە سىرتقا ماڭدى . قىزمۇ چىنە-قاچا ، قاپاق-تاۋاقلارنى جالاقلىتىپ ئېلىپ ماڭدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل خالىماسلىق ، نارازىلىق ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى .
    داۋۇت مەيچى قازناقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن دەملىدى ، ئاندىن «بىسمىللا» دېگىنىچە ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى . ساندۇقتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك خېلىلا پۇل بار ئىدى . قالايمىقان چېچىلىپ تۇرغان ھەررەڭ-سەررەڭ  پۇللارنى قاماللىغاندا ، ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىكى ئۇششاق قورۇقلار يەنىمۇ كۆپەيدى ، يىرىك ساقاللىرى دىر-دىر تىترىدى ، ئىسلاشقىنىدىن قارامتۇل كۆرۈنىدىغان چىرايىغا ئاشۇ بىر تۇتام پۇلدىن تارىغان ئاجايىپ بىر خۇشاللىقنىڭ يارقىن نۇرلىرى ۋىللىدە تېپىپ چىقتى . داۋۇت مەيچىنىڭ بۈگۈن ھەقىقەتەن ئامىتى كەلگەنىدى.
    ئۇ پۇللارنى ئاۋۋال چوڭلىرىدىن باشلاپ سايلاشقا باشلىدى ، ئاخىرىدا موچەن-سىنتلىرىغىچە بېلىنى باغلىدى . ئۇ خۇددى قانداقتۇر بىر ئىگىلىكنىڭ ماگناتلىرىدەك ، قولىدىكى پۇللارنىڭ ھېسابىنى مەڭگۈ ئېلىپ بولالمايدىغاندەك بىر ھېسسىياتتا بارمىقىغا تۈكۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىرمۇ بىر ساناپ چىقتى . ھەممىسى 255 يۈەن ئالتەمو سەككىز پۇڭ ئىدى.
     — قايسى تىجىمەلنىڭ ئىشىكىنا بۇ؟ — داۋۇت مەيچى پارچە پۇللارنى سانىغاندا بىردىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى . دېمىسىمۇ بۇ پۇللار كىمدۇ بىرىنىڭ يەنىلا ھېسابنى چالا قىلغىنىنى ، يېگەن-ئىچكىنىنىڭ پۇلىنى پۈتۈنلەي تاپشۇرمىغىنىنى بىلدۈرەتتى، — ھەي ، ئۆزىنى بىلمەيدىغان سىيىت نوچىدىن يەنە بىرسى تېپىلىپتۇ-دە، — داۋۇت مەيچى رەتلىنىپ بېلى باغلانغان پۇللارنى كەڭ ئاغلىق رەسمانى ئىشتاننىڭ ئىچىگە ئورنىتىۋالغان يانچۇققا سېلىپ ، ئاغزىنى ئىلغۇچ بىلەن ئېتىپ قويدى، — بۇيرۇتارىدا  يانچۇق بىلەن ھېسابلاشماي نوچىلىق قىلىپ ، ھېساب-كىتاب قىلغاندا بەزگە تويمىغان ئاچ مۈشۈكتەك كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ تىل چاينايدىغان ، ھەتتا ئىشتاننى سېلىپ ئادەمنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىشتىنمۇ يانمايدىغان بىنومۇسلار ھەجەپ كۆپىيىپ كەتتى مۇشۇ كۈندە . نېمە ئامال «نېسى بولمىغان تىجارەت يوق» دېگىنى راست ئوخشىمامدۇ؟ — ئۇ تاماكا ئىسى ۋە بۇزۇلغان ئۈزۈم پۇراپ تۇرىدىغان قازناقتىن دالان ئۆيگە چىقتى . ئايال بەكلا چارچىغانلىقتىنمۇ ياكى شۇنداق ياتسىلا ئۇيقۇسى تەييارمۇ ، ئەيتاۋۇر خارقىراپ 9※碟旺※膣※铭锄。?
    ارارىمنى!

    پېشقەدەم شائىر مۇھەممەت رەھىم ياسىن ھاۋازىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «1979 -يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا بىر گۇرۇپپا مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بىلەن «تيەنئەنمىن شېئىرلىرى» توپلىمىنى ئىشلىدۇق . شۇ جەرياندا ياسىن ھاۋازىنىڭ خەنزۇچە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىشتىكى ئىقتىدارىنى كۆرگەنىدىم . «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» ناملىق توپلامنى ئوقۇپ ، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى . ئۇ تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان «گۈل ۋە باغۋەن» ناملىق كىتابتىكى  بەزى شېئىرلار خۇددى ئۇيغۇر شائىرى يازغاندەك تەرجىمە قىلىنغان . مەسىلەن ، ۋاڭ چاڭلىڭ  قەدىناس دوستلىرىغا مۇنداق دەپ يازغان:
    سورىسا ھالىنى  ئۇ لوياڭدىكى يارەنلىرىم،
    خۇددى تاش چەينەكتىكى بىر پارچە مۇز كۆڭلۈم مېنىڭ.

    بۇ توپلامدىكى ئوبزورلار ئارىسىدا بارماق ، ئارزۇ ۋەزىندىكى يېزىلغان شېئىرلار ناھايىتى كۆپ ، «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» ناملىق توپلامدىمۇ شېئىرىي تەرجىمىنىڭ بايراقدارى ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمە قىلغاندەك پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلاردىن بىرقانچىسى بار . مەسىلەن ، دو فۇنىڭ بىر غەزىلى ھېلىمۇ يادىمدا:

    يانى تارتساڭ تارت ئۇنىڭ كۈچراغىنى ،
    تاللا ھەم ئوقنىڭمۇ ئۇزۇنراقىنى .

    ئادەم ئاتساڭ ، ئېتىنى چەنلە ئاۋۋال ،
    ياۋنى تۇتساڭ ، تۇت ئاۋۋال سەردارىنى .

    باركى ھەر ئەلنىڭ تېگىشلىك پاسىلى ،
    قوغدىماق ھەقدۇر ئۇنىڭ گىردابىنى .
    مەن بۇ توپلاملاردىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ ، خۇددى ناۋائى ، پۇزۇلى ، مۇقىمىيلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندەك ھۇزۇرلانغانىدىم.»
    تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

    مەيخۇمارلىق

    ھوشۇمدىن كەتكۈدەك مەي ئىچەرمەن ، بەس ،
    بۇ مېنىڭ مەيخۇمار بولغىنىم ئەمەس .
    جىمىكى ئالەمنى غەرق مەست كۆرۈپ ،
    مەنغىنە ھوشۇمدا يۈرسەم بولدى تەس .
    — ۋاڭ جى

    ھەپسىدە يېتىپ تومۇزغىنى كۈيلەش

    پەسلى كۈز تىنماس تومۇزغا چىرقىراپ ،
    سالدى مەھبۇسقا ھېسابسىز ئىزتىراپ .

    نالىسى ئاقۋاش پېقىرنى قىلدى لال ،
    قالمىدى تەندە چىدام باش پىرقىراپ .

    ئۇچمىقى نەھەد ئۇنىڭ ، شەبنەم قېلىن ،
    پۈتتى ئاۋازى بوراندا خىرقىراپ .

    پاك دېسەم تومۇزغىدەك ، كىم چىنپۈتەر؟
    كىم ئىچى ئاغدىركى مەنچۈن سىرقىراپ!
    — لۇ بىنۋاڭ

    چيۇ فۇ نەزمىسى

    ئۈچ مىڭ گەز كەلگۈدەك بوپتۇ ئاق چېچىم ،
    دەرد بىلەن تولغاچقا جىمى ئىچ -تېشىم .
    قەيەردىن قونغانكى كۈزنىڭ قىروسى ،
    ھەيرانمەن ئەينەككە قارىغان پېتىم .
    — لى بەي

    مېڭ خاۋرەنگە بېغىشلاپ

    مېڭ جاناب ، جانۇ -دىلىم قايىل ساڭا ،
    شۆھرىتىڭ بىرلە جاھان مايىل ساڭا .
    گۈل چىراي پەيتنىڭ ئەمەلگە چاپمىدىڭ ،
    قېرىساڭ ، جۇر قارىغاي كامىل ساڭا!

    خانغا پۈكۈلمەي ، بولۇپسەن گۈل خۇمار ،
    نۇر چاچار كۆكتە قەمەر دادىل ساڭا .
    خىسلىتىڭ تاغدەك بۈيۈك ، يەتمەك قىيىن ،
    بىلدۈرەي ئىززەت -سالام ئادىل ساڭا .
    — لى بەي

    جاڭ خوجامغا مۇشائىرە

    ياشىنىپ جىملىققا باغلاپ ئىشتىياق ،
    ھەننىۋا ئىشتىن كۆڭۈل ئۈزدۈم بىراق .

    چىقمىدى دەردلىك خىياللارنىڭ ئۇچى ،
    ۋاي ئىسىت ، بۇ تاغ تامان باستىم ئاياق .

    يەشتى بەلباغىمنى سادا رىغبىتى ،
    سازنى كۈيلەتسەم قەمەر ياقتى چىراغ .

    كى گادايلىق سىرىنى سوراغلىساڭ ،
    زوق بىلەن بېلىق كۈيىگە سال قۇلاق .
    — ۋاڭ ۋېي

    جۇڭنەن تېغىدىكى ئارامگاھ

    چۇقىران چاغىم ئۇراتتىم بۇتقا باش ،
    دەرۋىش ئولدۇم  بۇندا ئۇلغايغاندا ياش .

    سۈرىمەن نىمان خۇرەملىك پەيزىنى ،
    خۇشلۇقۇم تۇتسا ئىشىم تاغ ئارىلاش .

    قەدىمىم توختار ئاياغدا سۇنىڭ ،
    ئادىتىم بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ قاراش .

    گەر مۇلاقات ئولسا ئورمانچى بوۋاي ،
    يوقكى يانماقلىق بولۇپ ھال -مۇڭ سوراش .
    — ۋاڭ ۋېي

    ياز ئاخشىمى دالاندا شىن زىنى ئەسلەش

    بىردىنلا ئولتۇردى تاغقا زەر قۇياش ،
    تولۇن ئاي مەشرىقتە كۆلدىن ئالدى باش .

    زەپ ھۇزۇر چېچىمنى مۈرەمگە تاشلاپ ،
    كۆزنەكنى كەڭ ئېچىپ بۇندا سالقىنلاش .

    نىلۇپەر ھىدىنى يەتكۈزدى شامال ،
    نامبۇكتىن مەلۇمدۇر شەبنەم تامچىلاش .

    خۇش ناۋا قىلماققا خىيال ئەيلىدىم ،
    ھەسرىتا بولمىدى يېنىمدا سىرداش .

    ئاشۇ  دەم دوستۇمنىڭ مېرھى ماڭا يار ،
    دۇرۇسكەن تاڭغىچە چۈشۈمدە ئويلاش .
    — مىڭ خاۋرەن

    كەچ پەردىسى يېيىلغاندا نەنشەنگە قايتىش

    شىمالدا ئۆتۈنۈش ، خەتنى توختاتتىم ،
    جەنۇبىي تاغدىكى كەپەمگە قايتتىم .
    قانابىل ياقمىدىم ئاقىل خوجامغا ،
    چەتلەشنى دوستلۇدۇم ، كۆپكېسەل تارتتىم .

    كونا يىل ئۇزىغاي باھار بىلەن تەڭ ،
    ئاقچەچلە قېرىلىق سايانغا چاپتىم .
    قارىغايلىق ، ئاي نۇرى كۆزنەكتە ئوينار ،
    ھېسابسىز دەرد ئىلە تولغىنىپ ياتتىم .
    — مىڭ خاۋرەن

    ۋاڭ ۋېي بىلەن خوشلىشىش

    ھەر كۈنى چىقسام يانارمەن قول قۇرۇق ،
    نېمىگە ئەمدى يەنە ئولتۇرغۇلۇق .

    خۇش پۇراق گۈللەر ئارا كېتەي دېسەم ،
    ساڭاكۆزۈم قىيغۇدەك يوقتۇر يوچۇق .

    داۋۇت مەيچى تامبىلىنى سېلىپ پۈرلەپ-تۈرمەكلەپ بېشىغا قويغاندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ يوتقىنىنى قايرىدى-دە ، سۇغۇردەك بىرلا دەۋرەپ كىرىپ كەتتى . ئايال ئۇيقۇلۇق ھالدا يىلاندەك تولغىنىپ گۇڭۇرلىدى:
     — بېشىنى يېگۈر داۋۇت تاز ، يەنە ئۇيقۇنى ھارام قىلىپ...
    داۋۇت مەيچى مۇزدەك ئالقىنى بىلەن ئايالىنىڭ خالتىلىشىپ ، بېقىنىغا ساڭگىلاپ قالغان كۆكسىنى مۇجۇپ تۇتۇپ قويدى ، ئايال يىلان چاققاندەك تولغىنىپ  يۇلقۇندى . شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ جەينىكى داۋۇت مەيچىنىڭ نەق كۆزىگە كېلىپ تەگدى ، «پال» قىلىپلا چاچرىغان بىر پارچە ئوت ئۇنىڭ كۆز گۆھىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى.
     — نېمىگە چىچاڭشىيسەن قېرى چوشقا؟ — داۋۇت مەيچى ئوت چىقىپ كەتكەن كۆزىنى  تۇتقىنىچە ئايالىغا تىل سالدى، — پۈرلىشىپ قالغان بەز خالتاڭنى ساۋاپ بولار دەپ تۇتۇپ قويسام ، كۈكۈيۈن چاققان غۇنىجىندەك سەكرەپ مۈڭىسەنغۇ؟ مانا ئەمىسە، — ئۇ شۇنداق دەپلا ئايالىنىڭ ساغرىسىغا كۈچ بىلەن بىرنى تەپتى-دە ، ياستۇق ئاستىدىكى ئىشتاننى قولتۇقلاپ يەنە قازناققا ماڭدى.
     — مېنى تەپكەن پۇتلىرىڭ دوزاخقا تۇتۇرۇق بولار خۇدايىم، — ئايالنىڭ بوغۇق ئاۋازدا قىلغان نىدالىرى ئۆي ئىچىدە ياڭراپ كەتتى، — ئادەمگە يا كېچىسى ئارامچىلىق يوق ، يا كۈندۈزى ، مەن تويدۇم ، بۇنداق كۈندىن تويدۇم ، ھۇ ھاراقكەش ، تۈز يولدا كېتىۋېتىپ ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتەرسەن ئىلاھىم ، ئىت ئۆلۈمىدە ئۆلەرسەن قېرى لەقۋا...
    داۋۇت مەيچى ئاغرىغان كۆزىنى تۇتقىنىچە يوتقان-كۆرپىسى يىغىۋېتىلگەن قازناق سۇپىسىغا كېلىپ ، ئىشتاننى بېشىغا قويۇپ قىيسىيىپ ياتتى . ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىكى دەھشەت ئاغرىق ئۇيقۇسىنى قاچۇرغانىدى . ئۇ يەنە ئىشتاننى كىيىپ قازناقتىن سىرتقا ماڭدى . كەچكۈز كىرىپ قالغانىدى ، كېچىنىڭ كىشىگە ئارام بېرىدىغان سالقىن ھاۋاسىنىڭ ئورنىنى چىداپ بولماس ئاچچىق سوغۇق ئىگىلىگەنىدى . قاياقتىندۇر سوقۇپ تۇرغان ئىزغىرىن شامال داۋۇت مەيچىنىڭ بىر جەينەك زەربىسىدە مەستلىكىدىن يېشىلگەن ۋىجىك تېنىنى شۈركەندۈرۈۋەتتى . ئاسماندا بۈگۈن نېمىشقىدۇر يۇلتۇزلار كۆپىيىپ  قالغانىدى . بىر تاغار ساماننى چېچىۋەتكەندەك كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلار توپىنىڭ سەل نېرىسىدا بەكمۇ يارقىن نۇرلىرى بىلەن چاقناپ تۇراتتى . باشقىچە پارقىراپ كەتكەن چولپان  يۇلتۇز بۈگۈن ئەسلى ئورنىدىن تېخىمۇ پەسلەپ كەتكەندەك ، ئۇنىڭ باش ئۈستىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . داۋۇت مەيچى قول سوزسىلا ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قوينىغا سالىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا چولپانغا تىكىلدى . يۇلتۇز بىر قارىسا ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ ھالىدىن كۈلۈۋاتقاندەك جىمىرلاپ تۇراتتى.
    دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوشنىسى كامىلجاننىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسى غارقىراپ ئېچىلىپ ، ئىشىك ئارىلىقىدىن قىلىچنىڭ بىسىدەك يالتىراپ كېچە باغرىنى تىلىپ تۇرغان چىراغ يورۇقى ئېتىلىپ چىقتى . ئاشۇ يورۇقلۇقتا ئۈچ كىشىنىڭ چىرايى غىل-پال كۆرۈنۈپ قالدى . سېمىز بەستى قېلىن دۇراپ پەلتۇ ئىچىگە ئاران سىققان ، بېشىغا بايۋەچچىلەردەك قاما تۇماق كىيىۋالغان ، پارقىراپ تۇرغان مەڭزىدىن ۋە شامال سوققان قومۇش پۈپۈكىدەك ئىرغاڭلىشىدىن خۇش كەيپلىكى بىلىنىپ تۇرغان بىر جاناب يېشى تېخى 18 لەردىن ئاشمىغان ، چىرايلىق بىر قىزنى قولتۇقلىۋالغانىدى . ئۇلارنى ئۇزىتىپ  چىققان كامىلجاننىڭمۇ خۇشاللىقتىن چىرايى پارقىراپ كەتكەنىدى.
     — يەنە كېلىشەرلا با جۈجاڭ، — دېدى كامىلجان سېمىز كىشىنىڭ پەلتۇسىنى ئوڭشىغاچ، — سىلىگە ئىشىكىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق.
     — مۇلازىمىتىڭلاردىن بەكلا رازى بولدۇم، — قاراڭغۇلۇقتىن كىشىنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ تېگىدىغان غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلاندى، — بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بولىدىكەن ، شۇنداق تېپتىنچ ، ئەتراپىڭدا كۆز-قۇلاقمۇ يوق . مەن ئەتە يەنە كېلىمەن ، پۇلدىن غەم قىلماي ئاشۇ خانىمنى يەنىلا ماڭا ئېلىپ قويۇڭ.
     — ئوبدان، — كامىلجاننىڭ ھاياجان ئارىلاش تىترەك ئاۋازى ئاڭلاندى، — سىلى دائىم كېلىپ تۇرسىلا مېنىڭ سوداممۇ روناق تاپىدۇ با جۈجاڭ ، چۈنكى سىلە دېگەن ئالدى يوللۇق ئادەم ، تىجارەتتە يول بولمىسا بىزنىڭ تۈگەشكىنىمىز شۇ . ئەتىگىچە بالىلار ئۇ خانىنى يەنىمۇ  سەرەمجانلاشتۇرۇپ ، كۆڭۈللىرىدىكىدەك جابدۇپ قويسۇن . خاتىرىلىرىنى جەم قىلىپ كېلىۋەرسىلە.
     — خوش ئەمىسە، — ھېلىقى يوغان گەۋدە شۇنداق دەپلا مەستلىكتىنمۇ ياكى چارچاپ ، پۇت-قولىدا جان قالمىغانلىقتىنمۇ ، ئەيتاۋۇر لىڭشىپ ئاران تۇرغان قىزنى قولتۇقلىغىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى . كامىلجاننىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسى يەنە سەت غاراسلاپ يېپىلدى . ئۇياقتىن كامىلجاننىڭ قانداقتۇر بىر كۈيگە ئىسقىرتقان ئاۋازى ئاڭلاندى.
     — كاساپەتنىڭ سودىسى ياخشى بولغان ئوخشىمامدۇ؟ — داۋۇت مەيچى بۇ قوشنىسىنى ئوبدان بىلەتتى . كامىلجان بىرەر ئىشتىن كۆڭۈلدىكىدەك پايدا ئالالىسا مانا مۇشۇنداق ئىسقىرتىپ قوياتتى . ئۇ بارچە خۇشاللىقىنى ئاشۇ ئىسقىرتىشىدا ئىپادىلەيتتى.
    داۋۇت مەيچى ئىشىكنى كۈچ بىلەن قاتتىق يېپىۋەتكەندىن كېيىن ، ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى ئۈجمە كۆتىكىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ خىيالى چېچىلىپ ، مۇشۇ بىرنەچچە ئايدىن بېرى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار يەنە كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى...

    2
    قاينۇق مەھەللىسى ناھىيە بازىرىنىڭ بۇرنىغىلا جايلاشقان قەدىمىي مەھەللە . شەھەردىن باشلانغان ئاسفالت يول مەھەللىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ . بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلارمۇ ئاساسەن ناھىيە بازىرىنى تەشكىل قىلىدىغان سان-ساناقسىز ۋېنتىلار  — باققال ، موزدۇز ، ساتىراش ، ۋاپۇرۇش ، ئاشپەز ، ناۋاي ، تۈنىكىچىلەردىن ئىبارەت . مۇشۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ يۈرگەن بۇ كىشىلەر خۇددى ئۆلچەمسىز قۇيۇلۇپ يا تۈزۈك ئىشلىتىلمەي ، يا تاشلىۋېتىلمەي قالغان ۋېنتىلاردەك سۆرۈلۈپ يۈرۈپ مۇشۇ كۈنگىچە كەلگەنىدى .  بۇ مەھەللىنىڭ يەرلىرىنى كەنت مەسئۇللىرى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېلىشىغا سېتىپ بېرىپ ، يەردىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار قىلارغا تۈزۈككىنە ئىش تاپالماي ، شەھەر كوچىلىرىدا لالما ئىتلاردەك لاغايلاپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىشقانىدى . كېيىن نېمە بولغان ، بۇ مەھەللىدە  ئازدۇر-كۆپتۇر گازىر-پۇرچاق ، كاۋا-قاپاق ، لوۋۇيا-ماش ساتىدىغان ئۇششاق يايمىكەشلەر پەيدا بولۇپ قالدى . سودا قىلىنغانىكەن ، خەقنىڭ قولىدا پارچە-پۇرات بولسىمۇ پۇل پەيدا بولىدۇ . «ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا» دېگەندەك سىنتىرغا زار كىشىلەر مەھەللىداشلىرىنىڭ قولىدىكى پارچە-پۇرات بولسىمۇ شىرىقلاپ ، قۇلاققا ئاجايىپ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان پۇلنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۆز تەبىئىتىگە ماس ھالدا چىدىمايلا قېلىشتى . شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىدە بەس-بەستە غالتەك ھارۋا ياساش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ ، باققاللار ، گازىرچىلار ، كاۋىچىلار ۋە تۈرلۈك ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىراقلا بازارغا يۈرۈش قىلدى . ئۇلار ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن خۇددى بىرى كوماندا بەرگەندەكلا مايسىرىغان غالتەكلىرىنى غىچىرلىتىپ بازارغا پالاقلايدىغان بولدى.
    داۋۇت مەيچىمۇ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراپ ، مەھەللىداشلىرىنىڭ قىلىپ يۈرگەن تىجارىتىگە يىراقتىن كۆز سېلىپ ، بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . دېمىسىمۇ  ئۇ ئاشۇ كىچىك ، قىستاڭ  بازارغا قانداق كىرىشنى ، نېمە تىجارەت قىلىشنى ، قانداق پايدا ئېلىشنى بىلەلمەي  دېلىغۇللۇقتا قالغانىدى . ئۇ كۆزىتەتتى ، باشقىلاردىن بازار ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلايتتى . بازاردا قانداق تىجارەتنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى ، نېمىنىڭ پۇل بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرەتتى . ئەمما بىر ناننى ئىككى قىلىپ بولالماي يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز رىزقىغا چاڭ سېلىش غەرىزىدە سورالغان سوئالىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى ، مۇشۇ بازارنى مارىلاپ  يۈرگەن ئادەمگە راست گەپ قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
     — ھەي ئىسىت ، نېمىشقىمۇ بۇنداق پۇقنى يېگەن بولغىيدىم؟ سالغان دەسمايىنى قايتۇرالماي يۈرىكىم ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ داۋۇتۋاي ، تىجارەت قىلدىم دەپ ئۆز بېشىمغا ئۆزۈم پىت سالغانىكەنمەن . بۇ كوچىغا خۇدايىم بەندەم دېسە ھەرگىز يولاتمىسۇن!
     — بازارغا كىرىپ بولغۇچە تۆت تەرەپتىن بازار باشقۇرغۇچىلار ، باجگىرلار ، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكىلەر ، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ، تازىلىق قىلغۇچىلار ، يەر ئورنى ھەققى يىغقۇچىلار شىۋاقلىقتىكى ئېشەك يېغىرىغا ئۆزىنى ئاتقان چىۋىنلاردەك ئەتراپىڭدا پەيدا بولۇشىدۇ ، تاپقان بىر-ئىككى تەڭگەڭ قايسىبىرىگە توشايدۇ دەيسەن؟ ئاشۇ تويمىغۇرلارنى بېقىپ بولالماي پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلدۇق . سىلە بولساڭلىمۇ تىنچ ياشاڭلا داۋۇت ئاخۇن.
     — مۇشۇ كۈندە ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بولۇپ كەتتى ، بىز تېشىمىزدا ھېيت ئوينىغان بىلەن دەردىمىز ئىچىمىزدە! ئاۋۇينىڭ بارىدا بىرنېمىلەرنى قىلىپ تىمىسقىلاپ يۈرىيمىز.
    گەپ-سۆزلەر بەكمۇ قورقۇنچلۇق ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئەندىشىلىك ئىدى . شۇڭا داۋۇت مەيچى تاپقان زاغرىسىغا شۈكۈر قىلىپ  يەنە  بىرنەچچە يىلنى ئۇزىتىۋەتتى . ئۇنىڭ كۈنلىرى يىلسېرى كەينىگە ماڭماقتا ئىدى . قىلىدىغان ئىشىنىڭ تايىنى بولمىغاندىكىن ، ئەلۋەتتە يانچۇقلارنىڭمۇ ھالى بوش ، تۇزغا تاپسا گۇگۇتقا يوق ، قازانغا تاپسا چۈمۈچكە يوق كۈنلەر ئۇنىڭ يەلكىسىدىن غايەت زور تاغدەك باسماقتا ئىدى.
     — بۇ قانداق كۈن بولۇپ كەتتى-ھە؟ — بىر كۈنى ئۇ قوشنىسى كامىلجان بىلەن موخۇركا چېكىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى . دېمىسىمۇ ئەينى چاغدا داۋۇت مەيچىگە قوقاق سالغان يايمىكەشلەر بىرەردىن موتسىكلىتلىق بولۇپمۇ قېلىشقانىدى . كونىلىقىدىن ئاۋازىمۇ ئايروپىلاننىڭكىدەك گۈركىرەپ ، مەھەللىنى چىپ تۇتىدىغان بۇ جانىۋارلارغا مىنىۋالغان نوچىلار توپىلىق يولدا بوغىناق چىقىرىشىپ چېپىپ يۈرەتتى . ئۇلار ئەبجەق موتسىكلىتتا ئەمەس ، زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىدا ئولتۇرغاندەك كۆرەڭلەيتتى . ئىلگىرىكى سېرىق سىنتىنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ ئۆتىدىغان كۈنلىرىنى ئونتۇغان  ھالدا ھېچكىمنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويۇشمايتتى . بۇ ھال داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچىنى لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇراتتى.
     — بازاردىكى ھەر نېمىلەرنى دېگەنبىلەن ئاز-تولا مىدىرىغاننىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك،دېدى كامىلجان چېكىلىپ بولاي دەپ قالغان موخۇركىسىنىڭ كۈلىنى پۈۋلىگەچ، — بىز كىشىلەرنىڭ ئەپقاچتى گەپلىرىگە ئىشىنىپ نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇق ، ھېلىمۇ كېيىن ئەمەس ، زادى بىر ئىش قىلمىساق بولمىدى.
     — نېمە قىلاي دەيسىلە كامىلاخۇن؟ — داۋۇت مەيچى قىزىقىپ سورىدى.
     — تىجارەتكە دەسمايە يوق قوشنام ، چوڭراق بىر ئىش قىلالمايمەن ، ياش قىرىققا تاقىغاندا بىرەر ھۈنەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشمۇ ئەپلەشمەيدۇ ، خۇدا بەرگەن تەۋەرۈك دەسمايە  — مۇشۇ نىمكەش چاپانغا ئورالغان ئاۋاق تەندىكى ئىسسىق قان بىلەن ئاز-تولا كۈچتىن باشقا ھېچنېمەم يوق . شۇڭا ، ئاتا كەسپىنى داۋام قىلىپ ساتىراشلىق قىلايمىكىن دەيمەن.
     — مېنىڭمۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياماقچىلىق قىلىش ئويۇم بار، — داۋۇت مەيچى قولىدىكى موخۇركا كۆتىكىنى خۇددى يەۋېتىدىغاندەك كۈچەپ بىر-ئىككىنى شورىغاندىن كېيىن ، يەرگە تاشلاپ پۇتىدا توپىغا ئىلەشتۈردى، — ئاز-تولا يىپ يىڭنە ، ئالىقاندەك ياماقلىق ، بىرنەچچە تال ئۇششاق مىخ ، بىرەر كاللەك موم تېپىۋالسام ، دادامدىن قالغان تەۋەرۈك بولقىنىڭ ھىممىتىدە نان تېپىپ يېيەلەيمەنمىكىن دەيمەن . ئاشۇ كىشىلەر مىسىلداپ يۈرگەن رەستىلەردە خۇدانىڭمۇ بىزگە ئاتىغىنى باردۇ كامىلاخۇن.
     — توغرا ، ھەركىم يېسە ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەيدۇ، — كامىلجان قەتئىيەت بىلەن بېشىنى كۆتۈردى . ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى تېگىدىكى چوڭقۇر كۆزلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر ئۈمىد ئۇچقۇندىدى، — قېنى بۇرادەر ، بىزمۇ بىر ھە-ھۇ قىلىپ باقمايمىزمۇ؟
    شۇ سۆھبەت بولۇپ ھەپتىدىن كېيىن ، ئىككى قوشنا ئەسۋابلىرى قاچىلانغان سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ «يا تەۋەككۈل» دېيىشىپ بازارغا مېڭىشتى . شەھەرگە تۇتىشىدىغان ئاسفالت يول ، يولدىن تەرەپ-تەرەپكە خۇددى دەريانىڭ تاراملىرىدەك سوزۇلغان ئەگرى-بۈگرى تار كوچىلار ، ئاسمانغا بوي سوزۇشقان قەۋەت-قەۋەت ئىمارەتلەر ، غۇيۇلداپ كېتىشىۋاتقان ماشىنىلار ئۇلارغا ئاجايىپ كاتتا ۋەدىلەرنى بېرىۋاتقاندەك ئىدى . خۇدادىن رىزىق تىلەپ ، زور ئۈمىدلەر بىلەن كېلىۋاتقان بۇ ئىككى  قوشنا ئۇششاق ئوقەتچىلەر يايما ئاچىدىغان كەڭرىرەك بىر مەيدانغا كەلگەندە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قېلىشتى . چۈنكى ، بازارنىڭ يەر ئاستى ئەۋرەز يولى بولمىغاچقا بۇ مەيدان ئاشپەز-زاسۈيچىلەرنىڭ ئاخشىمى تۆككەن مەنتاڭ-يۇندىلىرى بىلەن مىلىچلاپ تۇراتتى . يۈرەكلىك قەدەم ئالماقمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى.
    كامىلجان ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرۈپ ساتىراشلار قاتارىغا يۈرۈپ كەتتى . داۋۇت مەيچى پاسىرى چېپىۋېلىنغان  قوناق كۆتەكلىرىدەك قاتار ئولتۇرۇشقان ياماقچىلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ئورۇن  تېپىش ئۈچۈن خېلىلا قاترىدى . سومكىدىكى لاقا-لۇقىلارنى يامىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ئاياغ  دەپ بىلگەن ياماقچىلار ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن بېقىشىپ ، ياسالما كۈلكىلىرى چىقىپ تۇرۇشقان كۆزلىرىدە ئىشارەت قىلىشتى.
     — كونىنى كونا دېمەيمەن ، قانچە كونا بولسا شۇنچە يېڭىلايمەن...
     — تىكىشى ئەرەبىستاندىن ، ھۈنىرى باغداتۇ-رۇمدىن...
     — رازى بولمىساڭ پۇل ئالمايمەن خېرىدار...
    داۋۇت مەيچى سەپنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ، بالا كۆرپىسىچىلىك بوش يەرنى تاپتى-دە ، بىسمىللا دەپ يايمىسىنى يايدى . ئۇنىڭغا ئۈمىدلىك بېقىلغان چىرايلاردىكى خۇش تەبەسسۇم دەرھال ئۆچۈپ ، يامغۇرلۇق ئاسماندەك تۇتۇلدى . كەلگۈچىنىڭ بىر خېرىدار ئەمەس ، ئاغزىدىكى لوقمىنى  تارتىۋېلىشقا كەلگەن كالتە كۆسەي ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىشكىنىدە ، ياماقچىلار ئارىسىدىن غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى . ھەممەيلەن داۋۇت مەيچىگە يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ ، ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دوق قىلىشماقتا ئىدى:
     — نەدىن كەلگەن سۇپرا تاپان بۇ؟ خۇددى بۇ يەردە ئانىسىنىڭ ئېلىشى باردەك ، كېلىپلا تۈگىدەك چۆكۈپ ئولتۇرىدىغۇ؟
     — ئۇنىڭسىزمۇ ئاران جان ئېتىۋاتقان خەق تۇرساق ، ئەمدى كېلىپ يەنە بىر ئاجناق كۆز قېتىلدىغۇ بۇ سەپكە؟
     — بىر ئوبدان كېتىۋاتقان بازار ئىدى ، قازاندىكى ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك بولدىغۇ ئەمدى.
    داۋۇت مەيچى قۇلىقىغا كىرىۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلەرگە پەرۋا قىلماستىن كونا مىخ ، لاتا پۇرۇچلىرىنى ئالدىرىماي رەتلەشكە تۇتۇندى . ئۇنىڭچە بولغاندا بىر ئاز چىدىسا ، بۇ غۇلغۇيلۇق قارا بورانمۇ ئۆتۈپ كېتەتتى . چۈنكى ، جاھاندا مەڭگۈ قاۋاپ ھارمايدىغان ئىت يوق ئىدى . شۇڭا ، ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەشكە باشلىدى.
     — كىمسەن؟ — ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ، خۇددى تۇيۇقسىز بومبا پارتلىغاندەك گۈمبۈرلەپ ئاڭلانغان بىر ئاۋازدىن داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ ، پۇت-قولىدا جان قالمىدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرغان كاسا چىراي بىرىنى كۆردى . كۆزلىرى چەكچەيگەن ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ ، يىرىك ساقىلى دىردايغان ، خۇددى بىچارە چاشقاننى بوغۇشقا تەييار تۇرغان سۈرلۈك مۈشۈكتەك بەستىدىن دەھشەت يېغىپ تۇرغان بۇ كىشى كېلىپلا داۋۇت مەيچىنىڭ چاپان-چارىلىرىنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى، — نەدىن كەلگەن ھابدالسەن؟ بۇ يەرنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
     — بۇ يەرنىڭ خان بازىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ئۇكام ، بىزمۇ ھۆكۈمەتكە پۇقرا بولغاندىكىن بىر كىشىلىك يەر چىقار دەپ ئويلاپ...
     — نېمە؟ ھۆكۈمەتكە پۇقرا بولساڭ ماڭا نېمىدى؟ — ئۇياق قوزۇققا ئولتۇرۇپ قالغان مايمۇندەك چىرقىرىدى، — بۇ يەرنى بارغۇ ، شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى غوجىكاڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ، ئاللىقانداق كەلگىندىلەرنىڭ ئۆزى خالاپ ئولتۇرۇۋېرىدىغان مەسچىت ئالدى ئەمەس ، ئىگىسى بار يەر بۇ! قوپە تۇز قوڭ ئوغرى ، سەپرايىم ئۆرلىمەستە ئىت جېنىڭنى ياقىغا ئال ، ھېلى بولمىسا سېسىق جېنىڭ ھارام بولىدۇ.
    داۋۇت مەيچى كىملەردىندۇر مەدەت تىلىگەندەك ئەتراپقا قارىدى ، ھېلىلا غۇتۇلداپ ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ، ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك قىلىپ كېتىشكەن ياماقچىلار بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈشكەنىدى . قانداقتۇر بىر ئاتا مىراس ئۆچىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ھېلىقى پور كۆتەككە قاراپ كۈلۈشەتتى . باش لىڭشىتىپ ، «بۇ قىلغىنىڭ تامامەن توغرا بولدى ، بۇ بازارغا بىزدىن باشقا ھېچكىمنى يېقىن ئەكېلىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەجەب جايىدا  ئىش قىلدىڭ ، ياشاپ كەت!» دېگەندەك مەنىلەردە ئىلھام بېرىشەتتى.
     — يوقال، — ئۇياق تېخىچە تىترەپ-تەمتىرەپ تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ، كونا لاتىنى چۆرىگەندەك ئېتىۋەتتى . نەچچە سەنتۈرۈلۈپ ، يەرنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن قوپقان داۋۇت مەيچىنى يىغا تۇتتى . شۇنچە كىشىلەرنىڭ   — نامازدا بىر سەپ تۇرىشىدىغان ، بىر ئىمانلىق ، بىر ئېتىقادلىق بۇ ئوقەتچىلەرنىڭ بىر نان ئۈچۈن قىلىپ كېتىشكەن بۇ قىلىقىنى ئۇ زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى . ئەجەبا ، بازار  بۇلارنى شۇنچىلىك بۇزۇۋەتتىمۇ؟ «ھەر كىم ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەيدۇ» دېگىنى قېنى؟ شۇنچە ئادەم مىغىلداپ يۈرگەن بۇ بازارغا داۋۇت مەيچى سىغماسمۇ؟ ئۇ ئاشۇ ئەبگا ھالىتى بىلەن بۇ يەردىكى ئوقەتچىلەرنىڭ قانچىلىك نېنىنى تارتىۋالار؟ ھەي نان!
    داۋۇت مەيچى ئۇياقنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ بازارغا ، مۇشۇ كىشىلەر ئارىسىغا سىغمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئىت جېنىدا «چاغ» دېسە كېتىدىغۇ ، ئۇ لاقا-لۇقىلىرىنى تېرىپ تىقىشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالىغا ئېچىنىش ئەمەس ، خۇشاللىق بىلەن كۈلۈشۈپ تۇرغانلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاستا يۈرۈپ كەتتى.
    شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ بىرنەچچە كۈنگىچە تالا-تۈزگىمۇ چىقمىدى ، خوتۇنى گەپ سورىسا جاۋابمۇ بەرمىدى ، ئاچچىق موخۇركىسىنى ئۇلاپ چېكىپ تورۇسقا قاراپ ياتقىنى ياتقانىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ خوتۇنى ئىچ ئاغرىتىش ، ھالىغا يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە تىنماي كوتۇلداپ بېشىنى ئوچاق قىلاتتى.
     — ھە ، يېنى ئاجراپ كەتكەن مايماق ئېشەكتەك يېتىۋېرەمدۇق؟ ئوسۇرۇپ-چىچىپ ياتقان بىلەن نېمىلىرى ھەل بولاتتى؟ بازارغا بارىمەن دېدىلە ، ھە دېدىم ، بېرىپلا دەككىلىرىنى يەپ ، پالتا-كەكىلىرىنى قاقتۇرۇپ كەپلا ، ئەمدى بۇ دەردنى بىزدىن ئالاملا؟ كۈچلىرى يەتسە ئاشۇ نىجىسنىڭ بىرنېمىسىدىن ئېلىپلا ئاللا بارىكاللىسىنى چىقارسىلا بولمامدۇ؟ قاچانغىچە يېتىپ بېرىدىلا ئەمدى؟ خالتىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالغىلى نېكەم؟ مەرىكىنىڭ پولۇسىدىكى بىر تىكە گۆشتەك ياتماي قوپىلى ئەمدى...
    ئۇ ئايالىغا ئالىيىپ قاراپ قويدىيۇ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
     — قىزىمىز بىر ساۋاقدىشىدىن گەپ ئېيتىپتۇ ، مەكتەپتىن كىتاب پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىڭلار دېگەنمىش . دادام 30 يۈەن ئەۋەرتسۇن دەپتۇ.
     — پۇل يوق، — دېدى داۋۇت مەيچى تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا، — مەكتەپتە ئوقۇما دېسەك ئۇنىمىدى . ئەمدى كېلىپ پۇل-پۇل دەۋەرسە مەن قانداق قىلىمەن؟ يا خانىمدىن ئالسۇن ، يا مېنى 30 يۈەنگە ئالىدىغان ئادەم بولسا ساتسۇن.
     — ۋاييەي ، سىلىنى 30 يۈەنگە ئەمەس ، ئۈچ موچەنگە ئالىدىغانمۇ ئادەم چىقمايدۇ.
     — ئەمىسە مەندە پۇل يوق.
     — ھەي ، ئۇ دېگەن قىز بالا تۇرسا ، دېگىنىنى قىلىپ بەرمىسەك ئالىمادىس بىرەر پۇلدار ئوغرى كۆز سېلىپ قالسا ئىش چاتاق بولمامدۇ؟
     — قېنى شۇنداق قىلىپ باقسۇنچۇ ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ، ئاندىن كېيىن سىلىنىڭ توڭكىيىڭلارنى چېقىپ ، بوينۇڭلارنى قۇشقاچنىڭكىدەك ئۈزۈۋېتىمەن.
    شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە ئىسقىرتقىنىچە كامىلجان كىرىپ كەلدى ، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى خېلىلا كۆتۈرەڭگۈ ئىدى . كامىلجان كىرىپلا ئېغىزىدىكى يېرىمى چېكىلىپ بولغان ئاچچىق موخۇركىسىنى داۋۇت مەيچىگە سۇندى.
     — قانداقراق؟ — دېدى ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن موخۇركا شوراۋاتقان قوشنىسىغا قاراپ، — ئاچچىق بىر ئاز بېسىلغاندەكمۇ؟
     — قويۇڭلار كامىلاخۇن ، بىر مۇسۇلمان دېگۈچىلىكى قالماپتۇ بۇ كىشىلەرنىڭ.
     — ھەي.. . شۇ ئەمەسمۇ؟ سىلە ئاچچىق يۇتۇپ ياتقىنىڭلار بىلەن ھېچكىمنىڭ بىر يېرى غىڭ قىلىپ قويمايدۇ ، ھەر كىمنىڭ قازىنى ئۆزى ئۈچۈن قاينايدىغان زامانكەن بۇ ، نېمانچە  قىلىسىلە دەيمەن؟ قوپۇڭلا بۇرادەر.
     — سىلىنىڭ ئوقەتچۇ كامىلاخۇن؟ ئۇستىرا-كاپقا ئېسىلىدىغان بىرەرسى چىقمىغاندۇ؟
     — كۈزىدە مىخ قاقىدىغانلار بار ئىكەن ، ئەمما ئاشكارا بىرنەرسە دېيىشمىدى . بولمىسا مېنىڭ ئاچچىقىمنىمۇ بىلىسىلە ، بىر ئىش نېرۋامغا تەگكەندە كۆزۈمگە ھېچنەردە كۆرۈنمەي قالىدۇ ، خۇدا ساقلىسۇن ، بىرەردى غىدى-پىدىڭ قىلىدىغان بولسا ، ئۇستىرىنى نەق گېلىغا سۈركىۋېتىمەن.
     — بىر دەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە ئالدىراپ كىرىپ سالماڭلا كامىلاخۇن ، يورۇق ئاپتاپ بولمىسىمۇ كۈن كۆرمىسەك بولماس، — داۋۇت مەيچى شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىسىنى باغلىدى، — نەگە بارىمىز قوشنام؟
     — يىراققا ئەمەس، — دېدى كامىلجان ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، — يىراق يېزىدا بىر تونۇشۇم بار ئىدى ، شۇ بۇرادەر كۆڭلى تۇيغاندەكلا بىر قاپاق مەيزاپ كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ ، نەپسىم تاقىلداپ ھۈنەرنى تېزلا يىغىشتۇردۇم-دە ، ئۆيگە كەلدۇق . سىلىنىڭمۇ كۆڭلۈڭلا جايىدا ئەمەس ، نەچچە كۈندىن بېرى ھۈنەر بىلەن بولۇپ كېتىپ تۈزۈكرەك ھال-ئەھۋالمۇ  سورىيالمىغانىدىم ، شۇڭا بىرەر-يېرىمدەم گۇڭۇر-مۇڭۇر بولۇشايلى دەپ كىرىشىم.
     — رەھمەت! — داۋۇت مەيچىنىڭمۇ لولىسىغا ئوت كەتتى . ئۇ شۇنداق دەپلا كامىلجاننىڭ ئالدىدا ئۆيدىن چىقتى . چۈنكى ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇمۇ بىر-ئىككى سەر قېقىۋېلىش بىلەن يۈرىكىدىكى  بۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، يانچۇقىنىڭ ھالى خاراب بولغاچقا ئىچىگە تىنىپ ، دەردىنى ئاچچىق موخۇركىسىدىن ئېلىپ يېتىۋەرگەنىدى.

    3

    كامىلجاننىڭ ئۆيىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى . ئىسلاشقان تاملار ، ئۆمۈچۈكلەر قالايمىقان تور تارتىشقان تورۇس ، بىر قەۋەت توپا ئاستىدا سۇس يۇرۇپ تۇرغان تۆۋەن قۇۋۋەتلىك لامپۇچكا ، مانتا ئوچاقتا شىڭىلداپ تۇرغان قۇمچۆگۈن ، داستىخاندىكى قىڭغىر-قىيسىق كاكچا نان ، بىر تەخسىدە يېرىمى يېيىلىپ بولغان بەسەي قورۇمىسى ، ھەر ھالدا كامىلجان ساتىراشلىق قىلىپ يۈرۈپ پۇل تاپقاننىڭ نىشانى بولۇپ ، بىر-ئىككى تەخسە پۇرچاقلىق لەمپۇڭ.. . داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئۈچ ئەرنىڭ خېلىلا كەيپى كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى . ئەلۋەتتە  بۇلارنى كەسپىي ھاراقكەش دەپ ئاتاش ئارتۇقچە ، چۈنكى «كاناي ياغلىغىلى يوق تۇرسا ، سۇنايغا نەدە تۇرۇپتۇ» دېگەندەك ، تاپقان-تەرگىنى نانغا ئۈلگۈرمىگەن بۇ بىقۇۋۇللارغا ھاراق ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس . ئەمما ، ھويلىسىدىكى تاللىرى ئوبدان ئوخشاپ قالغان يىللىرى ئانچە-مۇنچە سىركە-مەيزاپ سېلىۋالىدىغان ئادىتى بار . بەزىدە ناھەق دەشنام تېپىپ يەپ قورسىقى كۆپكەن چاغلاردا قازناققا شۇڭغۇشۇپ ، خۇدادىن ئەيمەنمىگەن بىلەن ئاۋامدىن نومۇس قىلىشىپ ، ھېچقانداق ئىس-بۇسىنى چىقارمايلا بىرەر قېتىم ياشاپ قويىدۇ . ئۇلارغا شۇ نەرسىمۇ ئايانكى ، ئۆزۈمنى خۇدا ياراتقان ، سۈيىنىمۇ بىللە ئاپىرىدە قىلغان ، خۇدانىڭ نېمىتىدە ياسالغان بۇ مەيزاپ دېگىنى ئەلۋەتتە ھارام ئەمەس ، شۇڭا ئەقلىنى يوقاتمىغان ھالدا ئاز-تولا ئىچىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق...
    مانا ، كامىلجاننىڭ يىراق يېزىلىق ئاغىنىسى  — ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ پېشىنى تىزىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ ، ئىككى قولىنى قولتۇقىدىن ئاجراتماي ئەدەپ ساقلاپ ئولتۇرغان سايىمجان قىرىقلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان تەمبەل يىگىت . ئۇنىڭ ئارتۇق-تۆشۈك سۆزىمۇ يوق ، ئۈلپەتلىرىنىڭ سۆزىگە كۈلۈمسىرەپلا قويىدۇ . نۆۋىتىنى بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە جىمجىتلا ئىچىدۇ . غۇرتۇلدىغان ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ گېلىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بۇغدىيەك كىشىگە بەكمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ . ئۇ مەيزاپنى ئىچىپ بولۇپ ، لەۋلىرىنى تامشىغىنىچە پىيالىنى چىڭ تۇتۇپ بىرئاز ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ساقىيغا قاراپ بىرنى ھىجىيىدۇ-دە ، پىيالىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ . ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ، پىيالىنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ھالىتى ئادەمگە نۇرغۇن دەردى بار كىشىدەك تەسىرات بېرىدۇ.
     — شۇنداق قىلىپ ، شۇنداق قىلىپ، — دېدى داۋۇت مەيچى بىر پىيالىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ، يىرىك ساقاللىرى ئارىسىغا يۈگرىگەن مەيزاپ ساقىندىلىرىنى ئالىقىنى بىلەن سۈرتۈپ، — نەچچە كۈندىن بېرى يۈرىكىمنى غاجاپ كېلىۋاتقان دەرد-ئەلەملەردىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم-يا!
     — بۇ ئەسلى ئۇنچىۋالا دەرد تارتقۇدەك ئىشمۇ ئەمەس، — كامىلجان ئۇنىڭ قولىدىن پىيالىنى ئالغاچ قوشۇپ قويدى، — سىلە بىزنىڭ مۇشۇ يېشىمىزغىچە تارتقان نۇرغۇن دەردلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ، بىر توڭگۇزنىڭ دەشنىمى دېگەن قانچىلىك ئىشتى؟ ناھايىتى ياماق بازىرىدىن قوغلاپتۇغۇ شۇ؟
     — سىلە شۇنداق دېگىنىڭلا بىلەن ، بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۆزىچە كونا چاپاننى ئاتقاندەك  نېرى-بېرى قىلىپ يۈرسە ، ساقال ئاقارغاندا ئادەمگە ئېغىر كېلىدىكەن . نېمىلا كۆرسەك مەيلى دەيدىغان يەردىن ئۆتۈپ كەتتۇق كامىلاخۇن.
     — ئۆتۈپ كېتىپ نەگە باردۇق بۇرادەر؟ — سايىمجان ئالىقىنىغا جىرتتىدە تۈكۈرۈپ ، ئۇنى يەكتىكىنىڭ ئىچ ئەستىرىگە سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن ، تولىمۇ ئىنچىكە ئاۋازدا ئۈن قاتتى، — بىز دېگەن شەھەرلىك ئەمەس ، ئۇلار دېگەن بىزنى نېمە قىلسا قىلىۋېتەلەيدۇ.
     — ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلار نەدە يۈرۈپ شەھەرلىك بولۇپ قاپتىكەن؟ ناھايىتى شۇ شەھەرنىڭ كىندىك ئاستىدىن قوپقان بىرنېمىلەر ئۇ، — داۋۇت مەيچى شالىسىنى چېچىپ قايناپ كەتتى، — شەھەرلىك دېسە بىزنى دېسە بولىدۇ ، مانا ، ئاتا-بوۋىمىزىدىن تارتىپ مۇشۇ بازار ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەنمىز ، كىندىك قېنىمىزدىن باشلاپ تۇنجى ئوغۇز پوقىمىزغىچە مۇشۇ يەرگە سىڭگەن...
     — ھاي...نېمە دېگىنىڭلا بۇ داۋۇتاخۇن؟ — كامىلجان بېشىنى چايقىدى، — نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلە؟ سىلە شۇنداق دېگەنبىلەن پوقلۇق قوڭۇڭلىنى ئېرتقىلىمۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردىن خالىغانچە بىرەر كاللەك چالما ئالالمايسىلەر ، قويۇڭلا ئۇنداق گەپنى...
     — راست دېدىلە، — سايىمجان يەنە شۇنداق يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە پەس ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىلدى، — بىز بازارغا كېيىن قالغان ، شۇڭا ئاسانلىقچە پاتمايمىز . ئەمما ، بازار دېگەننى قۇربىڭ يەتسە نەدە قىلساڭ بولىۋېرىدىغۇ . مەسىلەن ، مۇشۇ يەردە ، مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە...
     — سايىمجان ، ئاغىنە ، بىر-ئىككى پىيالە ئارتۇق كەتتىمۇ نېمە؟ ئىشتانسىز تۇرۇپ يۇپتاق كالىغا مىنىپ چۈش كۆرگەندەك جۆيلۈپ قوپتۇڭلىغۇ ئەمدى.
    داۋۇت مەيچى بىلەن كامىلجان قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى.
     — مېنى مازاق قىلىشمىسىلا، — سايىمجان سۇس كۈلۈمسىرەپ ئۇلارغا ئايانچلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى، — سىلى ، بىزنى مۇشۇ ئۆيگە جەم قىلغان نېمە؟ خۇمار! مەيزاپ خۇمارى! ھەئە ، دەل ئۆزى شۇ . بۇنداق خۇمار مۇشۇ ئۈچىمىزدىلا بار دەپ قارىشاملا؟ ھازىر دېگەن بارغۇ ، خۇدانىڭ بەيئىتىنى كۆرۈپ ، بىلىپ-بىلمەي شەيتانغا تاشنى تەتۈر ئېتىپ كەلگەن ھاجىلىرىمىز جېنىدا قاپاق بىلەن مۇڭدىشىپ كەيپ سۈرۈۋاتىدۇ . كىشلەر ئارىسىدا «ئاق ھاراق  — شەربىتى مېيىپ ، پىۋا دېگىنى  — شەربىتى زەئىپ ، مەيزاپ-مۇسەللەس  — شىددىتى زىۋىت» دېگەن بىر قىزىق چاقچاق كېزىپ يۈرۈپتۇ ، شۇنىڭدىنلا ئىشنىڭ نەگىچە بېرىپ قالغىنىنى بىلىشىمىدىلىما؟ ھازىر كۆپ سانلىق ئىچەرمەنلەر ئاق ھاراقتىن كېچىپ ، مەيزاپ-مۇسەللەسلەرگە تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇپ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇپ ، پىلىك ئەشكەن شوينىدەك لىڭتاسما بولۇپ قالغان جىسمىغا قۇۋۋەت تولۇقلىماقتا . مەيزاپ-مۇسەللەسلەرنىڭ تېخىمۇ بازىرى چىقىدۇ بۇرادەرلەر . بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر مەيزاپچى بار . ئۇ شارابنى ئاتا-بوۋىسىنىڭ مەخپىي  رېتسىپى بويىچە قەدىمىي ئۇسۇلدا تەييارلىغاچقا يېقىن-يىراققا داڭقى كەتكەن ، ناھىيە بازىرىدىن تارتىپ ۋىلايەت مەركەزلىرىگىچە ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ مەيزىپىغا يۈگۈرۈشىدۇ . ئاڭلىسام ئۇنىڭ مەيزاپلىرى ۋالىي بىلەن ھاكىمدىن ئاشماسمىش.. . مانا ، بۇ مەيزاپمۇ شۇ زاتى مۇبارەك ئۇستىنىڭ تەۋەرۈك قولىدا ياسالغان ، تەمى قانداقراق ئىكەن؟
    كامىلجان ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ، ئىتتىكلا بىر پىيالىگە لىقلاپ مەيزاپ قۇيدى-دە ، ئاچكۆزلۈك بىلەن غۇرتۇلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى . داۋۇت مەيچىمۇ لەۋلىرىنى تامشىپ ، پىيالىدىن كۈزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى.
     — قانداق ، گېپىم راستمىكەن؟ — سايىمجان مەغرۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى، — بىلسەڭلار ، سىلەر ۋالىي بىلەن ھاكىمدەك ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولدۇڭلار.
     — تېز ، تېزرەك بولۇڭلا كامىلاخۇن، — داۋۇت مەيچى تۈكۈرۈكىنى يۇتقىنىچە كامىلجانغا ئىلتىجا قىلدى، — قېنى ، بىزمۇ تېتىپ باقىلى.
    كامىلجان پىيالىنى قۇرۇقداپ ، تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ ، خۇددى داڭلىق ھاراق-شاراب باھالىغۇچىلىرىدەك بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى:
     — راست ، تەمى بۆلەكچە ئىكەن ، ھەقىقەتەن داڭلىغۇچىلىكى بار ئىكەن ، رەھمەت سايىمجان ئاغىنە ، شۇنچە يىراقتىن بىزنى دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىڭغا مىڭ-مىڭ رەھمەت!
     — تولا ئەزمىلىك قىلماي بىر پىيالە قۇيۇڭلا كامىلاخۇن ، بىزمۇ ئۇسساپ كەتتۇق، — داۋۇت مەيچى سۈت خۇمارى تۇتقان كىچىك بالىدەك قەغىشلىك قىلىپ تېپچەكلىدى، — قېنى ، بىزمۇ بىر پىيالە...
    كامىلجان قاپاقنى يېنى قىلىپ ، چوڭ پىيالىگە بۇلدۇقلىتىپ مەيزاپ قۇيۇشقا باشلىدى . داۋۇت مەيچى تېخىچە تولۇپ بولالمىغان پىيالىگە دەممۇ دەم قول  سۇنماقتا ئىدى . سايىمجان ئەتىدىن بىرى نېمە ئىچكىنىگە ئانچە ئىرەن قىلماي ، ئەمدىلىكتە داڭقىنى ئاڭلاپلا تۇرالماي قالغان بۇ ئىككىسىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى . ئاخىر داۋۇت مەيچىنىڭ قولىغىمۇ بىر پىيالە مەيزاپ تەگدى . ئۇ چىنىدىكى شارابقا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، تولىمۇ نازۇك بىر ھەرىكەتتە ئاستا كۆتۈرۈپ سەللا دىققەت قىلمىسا مەيزاپنى تۆكۈۋېتىدىغاندەك ئېھتىيات بىلەن پىيالىنى لېۋىگە يېقىپ يەنە سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، كىرت-كىرت ئاۋاز چىقىرىپ سۈمۈرۈشكە باشلىدى.
     — ئەزمەڭلىنى ئېزىپ ئادەمنى ھەجەپ تىت-تىت قىلدىڭلىغۇ داۋۇت ئاخۇن؟ خاتىرەڭلىنى جەم قىلىپ ، لېۋىڭلىنى قورۇپراق ئىچىۋېرىڭلا ، كوماك چىشىڭلا ئارىسىدىن ئېقىپ كەتمەيدۇ .
    داۋۇت مەيچىنىڭ بۇنداق چاقچاقلارغا بىرنەرسە دېيشىگە پۇرسەت يوق ، ئۇ پۈتۈن ئىشقى بىلەن چىنىنى دەممۇ دەم يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەيزاپ ئىچمەكتە . ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ چىنىنى پەسكە چۈشۈرگەندە چىرايى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
     — راست ، راست ئىكەن ، سايىمجان دوستىمىزنىڭ دېگەنلىرى راست ئىكەن، — دېدى داۋۇت مەيچى لەۋلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ، — ئېغىزىمغا چىش چىققاندىن بېرى بۇنداق تېتىملىق مەيزاپنى ئىچىپ بېقىشىم تۇنجى قېتىم . يەنە بارمۇ؟ — ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن قاپاققا تىكىلدى.
     — ئەمدى بولدى قىلساڭلىمىكىن، — دېدى سايىمجان تىزىغا مۇشتلىغىنىچە خىر-خىر كۈلۈپ، — بۇ مەيزاپنىڭ ھەممە سىرى ئەسرارلىرىدىن تولۇق خەۋەر تېپىپ بولۇشمىدىلا تېخى .
     — نېمە ، ئۇنىڭ يەنە بىز بىلمەيدىغان خاسىيىتى بارما؟
     — ئەمەلىيەتتە، — سايىمجان ئۆزىگە قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئولتۇرۇشقان ئىككى ئۈلپىتىگە قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئەكەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىنى داڭلاپ ھاۋادا ئۇچۇرۇۋاتىدۇ دەپ قېلىشمىسىلا ، مەيزاپچى قوشنىمىز ئۇنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، يەنە چېكىملىكنىڭ ئاكىسىدىن ئاز-تولا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنىكەن ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تۇرماق سۈيدۈك پۇراشقىمۇ ماجالى قالمىغان قېرى ھاڭگىلارغا شۇنداقلا پۇرىتىپ قويسا ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈپ مەھەللىنى بېشىغا كىيەرمىش ، ئۇچرىغانلا مادىنى چىشلەپ تالاپ ، ئارقىسىدىن قوغلاپ ئارام بەرمەسمىش . ناۋادا سىلىمۇ ئىچىپ كەيپ بولۇپ قالسىلا ، باغلانجا توشىماسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم.
     — بۇ مەيزاپنىڭ راستلا شۇنداق ھېكمەت-سىرلىرى بارمىكەن؟ — ئىككىسى  تەڭلا سوراشتى .
     — بولمىسا ئۇنىڭ شۇنداق داڭقى چىقىپ كېتەمدۇ؟ — سايىمجان ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى، — بىلىپ قېلىشسىلا ، كۈچىنى كۆرۈپ قېلىشسىلا ، نىچاغدىن بېرى مۈگدەپ يۈرگەن خوتۇنلىرىنىڭ بۈگۈن ئۇيقۇسى ئېچىلىپ ، «جان ئانا» دېمىسە بۇ مەيزاپ ھارام بولۇپ كەتسۇن.
    كامىلجان يەنە بىر پىيالە قۇيدى ، داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا قولىنى سۇندى .
     — ئىنساپ داۋۇتاخۇن ، ئىنساپ! ئازراقلا گېلىم سىقىلىپ چاقىرىپ قويسام ، ئەمدى ئاشقا تاشلانغان پوكانبايدەك قول سۇنۇپ ئولتۇرالماي كەتتىلىغۇ؟ توختىسىلا ، ئالدىرىماي نۆۋىتىدە كېلىدۇ دەيمەن، — كامىلجان ئات سۇغۇرغاندەك ئىسقىرتىپ  تۇرۇپ چىنىدىكى مەيزاپنىڭ ھەممىسىنى بىر كۆتۈرۈشتە ئىچىۋەتتى . ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ بارغانسېرى تېشىغا تەپمەكتە ئىدى . داۋۇت مەيچى ئەمدى قاپاقتىكى شارابتا ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى قالمىغاندەك ، ھەرقانچە يېلىنىپ يالۋۇرسىمۇ بىرەر پىيالە شارابقا ئېرىشەلمەيدىغاندەك لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
     — مانا ، بازار دېگەن مۇشۇ، — سايىمجان ئۆز نۆۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئالقىنى بىلەن دىردىيىپ تۇرغان قارامتۇل لەۋلىرىنى سۈرتۈپ قويدى، — مېلىڭ جىڭ بولسا ، بازارغا بېرىپ كىشىلەر بىلەن بىر موچەننىڭ ئۈستىدە تاك-تاك ئوينىماي كۆرپەڭنى قات-قات سېلىپ ، ئاللا يارىمغا دۆڭ توۋلاپ ياتساڭمۇ خېرىدار دېگەن ئۆزى بوسۇغاڭنى ئاۋات قىلپ بازارغا ئايلاندۇرىدۇ . ئاللىكىملەرنىڭ ئالدىدا سارغىيىپمۇ يۈرمەيدىغان گەپ ، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىشنىڭ كەينىگە كىرىپ باقمايسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بازار يېرى تۇرسا ، تىجارەتنى قانداق قىلساڭلارمۇ ئېقىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟
    سايىمجان بارغانسېرى قىزىشىپ ، بۇ ئىشتىن كىرىدىغان پايدىنى كونا چوتاكەشتەك ھېسابلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇرغان ئىككى ئۈلپەتنىڭ بېشى ۋاڭشىپ كەتتى.
     — شۇنداق پايدا چىقىدىغان ئىش بولسا ، سىلە نېمىشقا قىلمىدىڭلا؟ — ئاسماقچىلاپ سورىدى كامىلجان ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.
     — مېنى شۇنداق قىلىشنى ئويلىمىدى دەمسىلە؟ — ئۇ كامىلجاننىڭ بۇ سوئالىدىن رەنجىگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى، — لېكىن بىزنىڭ ئۆي مەسچىتكە يېقىن ، ئىمامنىڭ كۆزىدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ، ناۋادا سېزىپ قالغۇدەك بولسا ئۆيۈمگە ئوت قويۇۋېتىشتىن يانمايدۇ.
     — مېنىڭ بىر ئوبدان تىجارىتىم بار، — كامىلجان قاپاققا قول سوزدىيۇ ، داۋۇت مەيچىنىڭ بېلىنى رۇسلاپ،ئوۋغا تەييارلانغان بۆرىدەك بېشىنى كۆتۈرگىنىنى كۆرۈپ ئىتتىكلا قولىنى تارتىۋالدى، — مەن بازاردا ساتىراشلىق قىلىمەن ، ھېچكىم مېنى ئۇيان تۇر ، بۇيان تۇر دېيەلمەيدۇ . قولۇمدىكى ناننىمۇ تارتىۋالالمايدۇ . شۇنداق قىلىشقا ھەددىمۇ؟ مەن ئاشۇ ئۇستىرامغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيمەن.
    داۋۇت مەيچى كامىلجانغا قاراپ ئالىيىپ قويدى ، چۈنكى ئۇ داۋۇت مەيچىنىڭ نەق يۈرىكىدىكى جاراھەتنى تاتىلاشقا باشلىغانىدى . شۇ ئىش يادىغا يەتسىلا سەپرايى ئۆرلەيتتى . ئۆزىنى غايەت زور قورام تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندەك ، ئاشۇ تاشنى ھېلىقى پور كۆتەك ئوغرى دەسسەپ تۇرغاندەك ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئاشۇ قورام تاشنىڭ ۋەزنىدىن ئەمەس ، نومۇس كۈچىدىن پارە-پارە بولغاندەك ھېس قىلاتتى.
     — خەقنىڭ ئېڭىكىنى سىلاپ يۈرۈشنىمۇ بىر ئوبدان ئوقىتىم بار دەپ كەتكۈلۈكمۇ؟ — داۋۇت مەيچى مەنسىتمىگەندەك بېشىنى چايقىدى، — سوپۇن ماغزىپىغا چىلىنىپ ، ھە دېسە قىل-چۇپۇر يەپ يۈرىدىغان گەپقۇ ئۆزى.
     — خەقنىڭ ئېڭىكىنى سىلاش قاغا چوقۇۋالغان تاپنىڭ كونا تېرىسىدە ئىشلەنگەن لاتا پۇرۇچلارنىڭ ئارىسىدا بىخسىپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى-دە، — مەيزاپنىڭ كەيپىدە قىزىشقان كامىلجانمۇ تېرىكتى، — ماكچىيىپ كەتكەن ئىسكەتسىز ئاياغنىڭ قونجىغا تۈكۈرۈپ-مىشقىرىپ يۈرگەندىن قىل-چۇپۇر يېگەنمۇ ياخشىراق!
    ئۆز ھۈنىرىنىڭ مۇنداق مەسخىرە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمىغان داۋۇت مەيچى پەشلىرىنى قېقىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە سايىمجاننىڭ  «ھاي ، ھۇي» لىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن سىرتقا ماڭدى.

    3

    دەرد ئۈستىگە دەرد ئارتىۋالغان داۋۇت مەيچىگە بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن بۇ كېچە ئاخىر ئۆتۈپ كەتتى . تاڭ ئاتتى ، ياز مەۋسۇمىنىڭ ئوچۇق ئاسمىنىدا قىپقىزىل چوغلانغان شەپەق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭدىن تارىغان تالا-تالا قىزغۇچ نۇر كوكاتلار بېغىشىدىكى شەبنەم تامچىلىرىنىمۇ قىزارتىپ ، بەئەينى تۇنجى توي كېچىسىنى ئۆتكۈزگەن كېلىنچەكنىڭ مۇنچىدىن چىقىپ ئېرىگە قارىغاندىكى يۈزلىرىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى . ئەتراپتىن تاڭ پەيزىگە چۆمگەن قۇشلارنىڭ شادلىق ناخشىسى ياڭرايتتى.
    داۋۇت مەيچى ئۇيقۇسىزلىقتىن ئېغىرلىشىپ ، قاپاقتەك ۋاڭشىپ تۇرغان بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئۆيىدىن چىقتى . ھويلا ئالدىدىكى توپىلىق يولدىن ھېلىلا بىرسى پادا ھەيدەپ ئۆتتىمىكىن ، ئەتراپتىن نېپىز بىر قەۋەت توپا بۇخسۇپ تۇراتتى . ئۇ نېمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . ئېغىر قوش قاناتلىق دەرۋازا ھىم ئېتىلگەن ، كامىلجاننىڭ بازارغا ماڭغان-ماڭمىغانلىقى ، سايىمجاننىڭ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئۇ ئاخشامقى  سۆھبەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى . گەرچە كامىلجاننىڭ كەيپلىكتە دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن سايىمجاننىڭ دېگەنلىرى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى . مىياڭلىمىغان مۈشۈكنىڭ  گۆشنى ئاز يېگىنى نەدە بار؟ ئىشنى جىمجىتلا ، شەپىسىزلا بىر تەرەپ قىلسا كىم بوران چىقىرىپ بىرنەرسە دېيەلەيدۇ؟ لېكىن ، ھەر ھالدا يېتەرلىك مەبلەغ ، بەزىبىر شارائىت بولمىسا بۇ ئىشنى ھە دەپلا باشلىغىلى بولمايتتى . ئۇ ئەتراپقا ئالاڭلاپ قاراپ ، مەھەللە يولىدا بىر پەس ئايلاندى . كىچىك ئېرىقتا شوخلىنىپ ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇ ، غۇچچىدە مېۋىلىرى قىزىرىشقا باشلىغان قەدىمىي جىگدىلەر ، سۈيدۈك پۇراپ ، باش بېغىنى ئۈزەلمەي تىپىرلاۋاتقان ياش ھاڭگا ، يول بويلىرىدا مېكىيان قوغلاپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن چۈجە خوراز.. . بۇ مەنزىرىلەر ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يادىغا يەنە سايىمجاننىڭ ئاشۇ بىمەززە سۆزلىرى كېلىپ قالدى.
     — بۇ شارابنىڭ شۇنچىلىك خاسىيىتى باركى ، نىچاغدىن بېرى ئۇيقۇسى ئېچىلمىغان خوتۇنلىرىڭلا «جان ئانىكا» دېمىسە ھېساب ئەمەس...
    ئۇ ئاخشام ئۆزىنىڭ ئاچچىق يۇتۇپ جىمجىتلا ياتقىنىنى ، بىمەھەل يۇتقان ئاچچىقنىڭ شارابنىڭ خاسىيىتىنى كېسىپ يوققا چىقارغىنىنى ئويلاپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
     — دەسلىپىدە ئېتىكاپتا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇنەججىمدەك مىسىلداپ ئولتۇرغان سايىمجاننىڭ بىردىنلا شارابنىڭ خاسىيىتى ئۈستىدە شۇنچىۋالا كاپشىغىنى قىزىقتە ، ئۇ نېمە مەقسەتتە شۇنداق دەيدىغاندۇ؟ ياكى مەيزاپچى بۇ يەردىمۇ بىر بازار ئېچىش ئۈچۈن ئۇنى ئاتايىن قاينۇققا ئەۋەرتكەنمىدۇ؟ ناۋادا مېنىڭ شۇنداق بىر تىجارەتنى باشلىۋالغىنىمنى ئۇقسا ، قاينۇقلۇقلار نېمىدەپ قالار؟ مېنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن شۇنداق يولنى تاللىغىنىمنى ئۇلار چۈشىنەرمۇ؟
    داۋۇت مەيچى باش-ئايىغى يوق خىياللار بىلەن مەھەللە ئىچىنى نەچچە ئايلانغان بولسىمۇ ، كاللىسىدا ھېچبىر پىلان شەكىللەنمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ لىڭشىپ مېڭىپ ئاسفالت يولغا چىقتى-دە ، سەۋدا كېسىپ كېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
    ناھىيە بازىرى ئاۋۋالقىدەكلا بىر تەرىزدە كىشىلەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بىلەن  گۇڭۇرلاپ تۇراتتى . ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بۇ بازاردا ھەقىقەتەن بىر خىل ئېچىرقاش ، تەمە ، بىر-بىرىگە يوشۇرۇن خىرىس قىلىشلار ھۆكۈم سۈرمەكتە.
    داۋۇت مەيچى نېمە ئۈچۈندۇر ياماقچىلار رەستىسىگە قاراپ يول ئالدى . ئۇ ئاشۇ كۈنى ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرۈۋەتكەن پور كۆتەكنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىدىمىكىن ، ياكى ئۆزى پاتمىغان ئاشۇ بازاردا ياماقچىلارنىڭ قانچىلىك ھاللىنىپ ، قانچىلىك نەپدار بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچىمىكىن؟ ئىشقىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر قىزىقىش ئۇنى يەلكىسىدىن ئىتتىرىپ ، مىچىلداپ تۇرغان مەيداندىكى ياماق بازىرىغا ئېلىپ كەلدى . ئۇ ئاستا ئايلىنىپ قايسى كۈنى ئۆزى ئورۇن راسلىغان يەرگە كەلگەندە ئاشۇ پور كۆتەكنىڭ بېشىنى چاتىرىقىغا ساڭگىلىتىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى . خېرىدارسىز بازاردا ئۇ بەكمۇ بىچارە كۆرۈنەتتى . داۋۇت مەيچى قەستەن گېلىنى ياساپ يۆتىلىپ قويدى . ئېغىر خىياللار قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان پور كۆتەك ئىتتىكلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىلتىجالىق نەزەردە تىكىلدى.
     — كەلسىلە مېھمان ، ئاياغ دېگەننى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، ھۈنەر دېگەننى يىپ ماڭمىغاندەك قىلىمەن ، ئەرزىمىسە پۇل ئالمايمەن ، كەلسىلە...
    داۋۇت مەيچى بىردىنلا ئۇنىڭغا قاراپ توختاپ قالدى . ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلدى . ئۆز دۇكىنى ئالدىدا توختىغان بىرىنى كۆرگەن پور كۆتەكنىڭ چىرايىغا ئىللىق تەبەسسۇم ، خۇشال كۈلكە يامرىدى . ئۇ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ داۋۇت مەيچىنى يېنىغا چاقىرىپ ئورۇن كۆرسەتتى.
     — كەلسىلە ، ياماق بولسا سۇ كىرمىگۈدەك ، شامال ئۆتمىگۈدەك يامايمەن ، ئاياغنى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، بۇ بازاردا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتىدىغان كاسىپ يوق ، كەلسىلە...
    داۋۇت مەيچىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى . بۇ بازاردا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھۈنەرۋەننىڭلا ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىچارىنىڭمۇ يوقلۇقىغا شەكسىز ئىشەندى .  شۇ تۇرقىدا پوركۆتەك ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ھۈنەرۋەن ئەمەس ، ئۆزىگە قاراپ قول سوزۇۋاتقان قەلەندەردەك كۆرۈندى . ناۋادا ، يانچۇقىدا سېرىق سىنتنىڭ پارچىسى بولغان بولسا ، ئۇ بېشىدىن ئۆرۈپ پور كۆتەكنىڭ ئالدىغا تاشلىغان بولسا ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلارمىدى ياكى قايسى كۈندىكىدەك غەزەپكە كېلىپ داۋۇت مەيچىنى كونا چاپاندەك چۆرۈۋېتەرمىدى؟ ياق ، پور كۆتەكتە ئۇنداق جاسارەت بۈگۈن كۆرۈنمەيتتى.
     — يامايدىغان يۈرەك بار ، دەرد كىرمىگۈدەك ئېتەلەمدىلا؟
     — نېمە؟ يۈرەك؟ — پور كۆتەك ئۇنىڭغا قاراپ دەقىقە ئىچىدە تۇرۇپ قالدى، — ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشىماملا؟ نەدىمۇ يۈرەك دېگەننى يامىغىلى بولسۇن؟ قىلىپ كۆرمىگەن ھۈنەرغۇ بۇ؟ مېنى كولدۇرلاتماي يوللىرىغا ماڭسىلا ، ئا.. . نەدىكى بىر دەلدۈشكە ئېغىز ئۇپراتقىنىمنى كۆرمەمدىغان، — پور كۆتەك لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
    داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى بوشاپ ، ئۆزىنى قۇش پېيىدەك يەڭگىل سەزدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا سەللا يۈگۈرسە قانات قېقىپ ئۇچامدىكىن؟ ئادەم دېگەنگە خۇشاللىق شۇنداق يارىشامدىغاندۇ؟ قايسى كۈنى ئۇ بىر ئۆزى دادىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندەك ، قەدەملىرى بەكمۇ ئېغىر بىلىنگەن بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنى ئۇچۇشتىن ئاران-ئاران تۇتۇۋېلىۋاتقاندەك يەڭگىل چامدىماقتا ئىدى.
     — توغرا ، پۇل تېپىش كېرەك . چوقۇم پۇل تېپىش كېرەك! قانداق يولدا بولمىسۇن بىرەر ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ يانچۇقنى توملىغاندا ، ئاشۇ پور كۆتەكلەرنى ئاياغنى يالىغاندەك مايلاتقىلى ، گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىڭدا باش ئەگدۈرگىلى بولىدۇ . مەن بىر ئىش قىلاي ، ئۆيدە مەيزاپ ساتساممۇ مەيلى ، پۇللا تاپىدىغان ئىش بولسا ئەمدى ھەرگىز قاچمايمەن ، كىمنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك!
    ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننى ئىزدەپ ساتىراشلار قاتارىغا كەلدى.
     — ھە ، كەپقاپتۇققۇ؟ — ئۇستۇرا كېسىۋەتكەن تازنىڭ بېشىغا ماز چاپلاۋاتقان كامىلجان ئۇ نىڭغا سوغۇقلا قاراپ قويدى.
     — مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭلا قوشنام، — داۋۇت مەيچى پەرۋايىغا ئالمىغان قىياپەتتە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى، — مېنىڭ سۈننىتىمنى كەسكەندە نەدە قالغان بولغىيدىڭلا كامىلاخۇن؟ ھەجەپ ئوبدان مازلايدىكەنسىلە ئەمەسمۇ؟ ۋاي ئىسىت ، ئانام رەھمىتى قان شۇنداق كۆپ چىقىپ كەتكەن دەۋاتقان...
     — ئەتىگەندە بىر يېرىڭلا قىچىشىپ ، مىنىڭ بېسىقتۇرۇپ قويۇشۇمنى تىلەپ كەلگەن ئوخشىمامسىلە؟ — ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا ، يا ئاچچىقلىنىشنى يا كۈلۈشنى بىلمىگەن كامىلجان پوكاندەك قىزاردى.
     — خاسىيەتلىك دورىنى بىزدىن قىزغىنىپ بىر ئۆزۈڭلا ئىچىۋالغاندىن كېيىن ، ئۇنچىلىك ئىشنىڭ قولۇڭلىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، — داۋۇت مەيچى يامغۇردا قالغان ساماندەك ساپسېرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى، — قانداق ، ئاخشام بىر يولىلا «جان ئانا» دېگۈزگەنسىلە؟
     — شۇ ئىشنى بىلمەك بولۇپ كېچىچە كۆزۈڭلىگە ئۇيقۇ كىرمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئوغرى كۆزۈڭلىنىڭ چاپاقلىشىپ تۇرغىنى بىكار ئەمەسكەن -دە ، ئۇنداق ئادەم دېگەن بىزنىڭ تۈڭلۈككە قۇلاق يېقىپ ياتساڭلا بولماسمىدى؟! — كامىلجانمۇ كۈلۈپ قويدى.
     — بولدى قوشنام ، ھەرقانچە چىچاڭشىپ  بىرىمىزنىڭ ئۈستىگە بىرىمىز يۇندا چېچىپ يۈرسەكمۇ يەنىلا ئىشىكتىن چىققاندا دوقۇرۇشۇپ قالىمىز . ئۇنىڭدىن كۆرە نېمە خاپىلىقىڭلا بولسا كۆڭلۈكلىدىن چىقىرىۋېتىڭلا ، ئاخشام مەن ئوبدان قىلماپتىمەن ، شۇڭا ئەتىگەندىلا سىلىدىن ئەپۇ سوراشقا كەلدىم . قوشنا دېگەن قىيامەتكىچە دەپتىكەن ، ئاغرىنىپ ماي تارتىشىپ يۈرسەك ، ناھايىتى كەلسە  بىلىدىغانلارغا قىلىشقىلى گەپ تېپىپ بېرىمىز شۇ . قانداق دېدىم؟
     — دېگىنىڭلا راست، — دېدى كامىلجانمۇ  ئەستايىدىل قىياپەتتە، — خۇدا قوشقان قوشنىلار  تۇرۇپ ئىت-مۈشۈكتەك خىرقىرىشىپ يۈرسەك ، ئەھلى مەھەللە ئالدىدىمۇ سەت . مەندىن ئۆتكەن يەر بولسا سىلىمۇ رەنجىمەڭلا داۋۇت ئاخۇن.
     — ئەتىگەن ئىش  باشلىۋاپسىلە ، يول بولسۇن قوشنام ، مەن سىلىنى بىكارغا گەپكە تۇتۇپ ، تېپىپ يەيدىغان نېنىڭلىدىن قۇرۇق قويماي، — داۋۇت مەيچى ئاستا كەينىگە ياندى ۋە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك چىپپىدە توختاپ كامىلجاندىن سورىدى، — سايىمجان كېتىپ بولدىما؟
     — ھەئە ، ماڭغىلى بىر چۆگۈن قاينىمىچىلىك ۋاقىت بولدى، — دېدى كامىلجان خېرىدارنىڭ يۈزىدىكى چاچ توزۇندىلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، — قانداق ، ئۇنى ئىزدەپ قاپتىمىزغۇ؟ يا ئاخشام مەيزاپنىڭ كەيپى ئوبدان تۇتقان بولسا ، قۇشناچىم يەنە شۇندىقىدىن تېپىپ كەل دەپ قوغلىغان ئوخشىمامدۇ؟
     — مەنمۇ بىر ئىش قىلايمىكىن دەيمەن، — دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ چاقچىقىغا ئۇدۇللا جاۋاب بېرىپ، — ئۆيدە مەيزاپخانا ئاچسام ، سىلىچە بولارمۇ؟
     — بولمايدىغان نېمىسى بار؟ ئۇمۇ بىر تىجارەتقۇ؟ — كامىلجان خېرىدار سۇنغان پۇلنى تەكەللۇپ قىلىپ بىرئاز تۇرغاندىن كېيىن ، «بىسمىللا» دەپ يەرگە بىر سۈرۈۋېتىپ يانچۇققا سالدى، — ھە داۋۇت ئاخۇن ، ئاخشامقى مەيزاپ راستلا تېتىپتۇ-دە ، شۇنداقمۇ؟
     — تېتىشقۇ بىر گەپ ، سايىمجاننىڭ مەسلىھەتى مېنى شۇنداق خىيالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىڭ كۈچىنى مەن يېڭىۋاشتىن كۆرۈپ قويدۇم كامىلاخۇن ، شۇڭا بىر ئىش قىلىپ پۇل تاپاي دەيمەن.
     — بۇ ئىشقا سايىمجاندىن مەسلىھەت ئالماقچىكەنسىلىدە، — داۋۇت مەيچىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن كامىلجان بىكار بولغان پەلتەڭنى ئۇنىڭغا سۇندى، — بۇ ئاسان ، ئۇنىڭغا مەن خەۋەر قىلاي ، ھايت دېسەملا ئۈنۈپ بولىدىغان نوچام ئۇ.
     — ئەمىسە خەۋىرىڭلىنى كۈتىمەن ئاغىنە ، كەچتە سىلىنى  ئۆيدىلا ساقلاي، — داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىگە قاراپ يول ئالدى.

    4

    بىر مەزگىللىك ئالدىراشلىقتىن كېيىن ، كامىلجاننىڭ ھە-ھۇلىرى بىلەن بۇ مەيزاپخانا داۋۇت مەيچىنىڭ ئىسلاش تاملىق ئاددىي ئۆيىدە پەيدا بولدى . ئەلۋەتتە ئۇمۇ ئاز رىيازەت تارتمىدى . بىر تەخەيلىك ئېشەك ، تۆت تۇياق قوي ، يەنە خوتۇنىنىڭ بىر دانە تەۋەرۈك ئۆزۈكى  مەبلەغ قىلىپ سېلىندى . دەسلىپىدە ئىچەرمەنلەرنى كامىلجان بىر-ئىككىدىن باشلاپ كەلدى . سايىمجان ئەكېلىپ بەرگەن ئون قاپاق مەيزاپنىڭ  تەمى ئىچەرمەنلەرنىڭ تامىقىدا قالدى . ئاندىن بۇ ئالاھىدە مەيزاپخانىنىڭ داڭقى ئاستا-ئاستا يېقىن ئەتراپقا تاراشقا باشلىدى . ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۇنىڭ كەلتۈرگەن مەيزاپلىرى پاك-پاكىز تۈگىدى.
     — ئىش چاتاق، — دېدى داۋۇت مەيچى بىر كۈنى ئەتىگەن يەنە كامىلجاننى ئىزدەپ بازارغا كېلىپ، — ئۆيدە بۇرۇتنى نەمدىگۈچىلىكمۇ بىرنەرسە قالمىدى ، سايىمجان بۈگۈنلا يەنە بىرنەچچە قاپاق مەيزاپ كەلتۈرۈپ بەرمىسە ، كەچتە چۆپقەتلەر ئالدىدا سارغىيىپ قالىمەن .
     — بازار كۆڭۈلدىكىدەك ئوخشىمامدۇ؟ — كامىلجان ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى، — قايسى كۈندىكى ئون قاپاق مەيزاپنىڭ ھەممىسى تۈگىدىما!
     — ھېچنېمە قالمىدى كامىلاخۇن ، ھەممىنى ئىچىپ بولۇشتى، — ئۇ ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزدا يېلىندى، — ئەمدى قوشنام ، ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە قىلىپ سايىمجانغا بىر تونۇۋەتسەڭلا ، بۈگۈنلا يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلسا ، بۇدا ئىككىڭلارغا ئېيتىدىغان ئوبدان بىر رەھمىتىم بار.
     — ماقۇل داۋۇتاخۇن ، مەن ھازىرلا تۇنىۋېتەي.
     — ئەمىسە مەن تولۇق خاتىرجەم بولدۇم قوشنام، — ئۇ كامىلجان بىلەن خوشلىشىپ توخۇ بازىرىغا باردى ۋە ئىچەرمەنلەرگە قورداق تەييارلاش ئۈچۈن بىرنەچچە توخۇ سېتىۋالدى . ئاندىن يەنە سەي-كۆكتات دېگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر ئېشەك ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ مەھەللىگە قايتتى .
    كەچكە يېقىن سايىمجانمۇ ئون قاپاق مەيزاپنى بىر كىرا موتسىكلىتىگە بېسىپ ئېلىپ كەلدى . بۇ چاغدا نەپسى تاقىلداپ ، كۈننى كەچ قىلىشقا تاقىتى قالمىغان بىرنەچچىسى ئاللىقاچان ئۇنىڭ يەرلىك «يازور» لىرىدىن ئورۇن ئېلىپ ، مەيزاپ جېدىلىنى باشلىغانىدى . ئاچقان يەرگە بارغان ئاشتەك يېتىپ كەلگەن مەيزاپنى كۆرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى . ئۇ سايىمجاننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇزۇنغىچە قويۇپ بەرمىدى.
     — رەھمەت ، رەھمەت سايىمجان بۇرادەر ، قېرىندىشىم ، مېنى بىر تەڭلىكتىن چىقاردىڭىز . شۇ تۇرقىدا ئۇلار مېنى مەيزاپ چىچارتىش ئالدىدا تۇرغانىدى . قېنى كېلىڭ ، ئاۋۋال مەن سىزگە بىر چاي بېرەي.
     — ياق داۋۇت ئاخۇن ، سىلى ئىشنى ئوڭ قىلىپ ئاۋۋال مېھمانلارغا قارىسىلا ، بىز دېگەن قېچىپ كەتمەيمىز، — سايىمجان ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئىتتەردى، — قېنى ، جېدەلخورلارنىڭ ئوتىنى ئۆچۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال مەيزاپ ئەكىرسىلە.
    داۋۇت مەيچى بىر قاپاق مەيزاپنى كۆتۈرگىنىچە قازناققا يۈگۈردى.
    ھېرىپ چارچىغان كەچكى شەپەق يەنە ئەتىگەندىكى قىزىللىقى بىلەن تاغ ئارقىسىغا باش قويدى . كۆيگەن بۇلۇتلارمۇ ئاستا-ئاستا قىزىللىقىنى يوقىتىپ ، ئەتراپ گۇگۇم پەردىسى ئىچىدە بارا-بارا قاراڭغۇلاشتى . مەھەللە يولىدا پۇرۇقلاپ ئۆرلەۋاتقان توپا-چاڭمۇ بېسىققانىدى . ئەتراپتىن ئوت-بوغۇزغا تويمىغان ئېشەكلەرنىڭ جەھلى بىلەن ھاڭراشلىرى ، كىملەرنىڭدۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلىشقان پاراڭلىرى ، بەڭۋاش ئوغلىنى قىچقىرىپ توۋلاۋاتقان ئانىنىڭ  بوغۇق ئاۋازى ، بازاردىن يانغان ئۇششاق يايمىكەشلەرنىڭ غالتەك ھارۋىسىدىن كېلىۋاتقان چاقنىڭ سۈركىلىش ئاۋازى قوشۇلۇپ ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق سىمفونىيىنى ھاسىل قىلغانىدى.
    قاراڭغۇ كوچىلاردا ئوغرى مۈشۈكتەك ئەتراپقا ئەندىشىلىك بېقىپ كېلىۋاتقان قارا گەۋدىلەر بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى . بىردىن-ئىككىدىن كېلىشىۋاتقان بۇ مەيخورلار دوقمۇشتىن قايرىلىپ داۋۇت مەيچىنىڭ غېرىبانە ھويلىسى ئالدىغا كەلگەندىلا «ئۇھ» دېيىشىپ ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ھويلا ئىچىگە ئېتىشاتتى.
    ئىشلار ئەنە شۇنداق داۋاملاشماقتا . بىر ھەپتىگە قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىككى يول مەيزاپ كەلتۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ قولىدا ئوبدانلا پايدا قالدى . بۇنى كۆرۈپ تاش چىراي خوتۇننىڭمۇ قاپىقى ئېچىلىپ ، چىرايىدا كۈلكە پەيدا بولدى . ئۇ زىرىسى ئۈچۈن ئالەمنى مالەم قىلىپ ، داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدا ئىلەنگۈچ ئۇچقىنىنى ئويلىغىنىدا بىرئاز خىجىلچىلىقمۇ تارتقان بولدى.
     — شۇ چاغدا كەم ئەقىللىق قىلغانىكەنمەن، — دېدى بىر كۈنى داۋۇت مەيچىنى قۇچاقلاپ يېتىپ، — ئوقىتىمىزنىڭ مۇنداق بازار تېپىشىغا پەقەت كۆزۈم يەتمەي ، بىر زىرە ئۈچۈن كۆزۈمنىڭ يۈندىسىنى ئېقىتىپ كېتىپتىمەن . رەنجىمىسىلە دادىسى ، مەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بەكمۇ خىجىل ، كەلسىلە ، شۇ كۈندىكى گۇناھىمنى بۈگۈن بىر يۇياي.. .
     — توختاڭلا ئانىسى.
     — نېمىشقا؟
     — مەيزاپتىن ئازراق...
     — بولدى ، بولدى ، بۈگۈن مانا مەن مەيزاپ ، قانچىلىك ئىچىمەن دېسىلە ئىختىيارلىرى...
    ئۆي ئىچىدىن مۈشۈك سۇ ئىچىۋاتقاندەك يېنىك  ئاۋاز كېلىشكە باشلىدى.
     — خۇ.. . خۇدا بۇيرىسا، — قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ ھاسىراش ئارىلاش ئۈزۈك-ئۈزۈك ئاۋازى كەلدى، — سو.. . سودىمىزدىن كۆز چىقماي مۇ.. . مۇشۇنداق يۈرۈشسە ، بىر يىلغا قالماي تە.. . تەۋەرۈك زىرەڭلەنى بىر ، ئۈ.. . ئۈزۈكىڭلانى ئىككى قىلىپ بېرىمەن خوتۇن . مە.. . مەھەللىدە ھە.. . ھەممىنىڭ كۆ.. . كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىمەن ئوت...
     — بۇنداق چاغدا خۇدانىڭ ئىسمى سۇپاتىنى ئېغىزغا ئالمىسىلا دادىسى ، يامان بولىدۇ.
     — نېمىشقا؟
     — چۈنكى سىلە ھازىر جۇنۇپ ، پاكىز ئەمەس.
     — ئەمىسە سىلىمۇ دېدىڭلاغۇ؟
     — نېمە ، مەنمۇ دېدىمما! ۋاي خۇدايىم...
     — يەنە خۇدا دەۋاتىسىلەغۇ؟ — قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ خىر-خىر قىلىپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
     — بېشىنى يەيدىغان داۋۇتۇم ، ئادەمنى ئازدۇرۇپ گۇناھقا شېرىك قىلغانلىرى نېمىسى؟
     — سىلىنىڭ شۇنداق پات-پات ئېزىپ تۇرۇشۇڭلىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن خوتۇن.
     — ھەشىلە دەپ بەرسەم ئېشىۋالمىسىلا ئەمدى، — ئايال داۋۇت مەيچىنىڭ بېقىنىنى چىمدىدى.
     — ھە راست ، قىزىمىزنى كېلەر ئايدا مەكتەپتىن قويۇۋەتكۈدەك . نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئەكېلىشكە دادام ئۆزى كەلسۇن دەپ بىر ساۋاقدىشىدىن تۇنۇپتۇ.
     — ئاخىر ئەپەندىم دېگەن دەيۈزلەردىن قۇتۇلۇپتۇ-دە! بىزنىڭ قۇلىقىمىزمۇ ئەمدى تىنجىپ قالغۇدەك، — داۋۇت مەيچى يىرگىنىشلىك بىر ئىشنى تىلغا ئېلىۋاتقاندەك ئاۋازىنى غەلىتە چىقىرىپ خۇرسىندى، — ئاشۇ يىلى ئۇنى مەكتەپكە بەرمەي سەيپۇڭ قىلىلى دەپ تۇرۇۋالغىنىمدا ، ئۇ كىراكەش ئەپەندىلەر مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ مۇزدەك ئىشخانىغا بىر كېچە سولىمىدىمۇ؟ ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ خوتۇن.
     — بىراق ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە خانىم ئۇنىڭغا بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى دادىسى ، بۇ ياخشىلىقلارنىمۇ ئەسلىرىدىن كۆتۈرۈۋەتمىگەنلىرى ياخشى.
     — بۇ خانىم بەك قاقۋاش ئىكەن ، ئۇ قىزىمىزغا ياخىشىلىق قىلىپ ، بىرەر تال كونا كىيىم ، ئانچە-مۇنچە پۇل-پىچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، ئۇنى ئۆزىگە يامان ئۆگىتىۋالدى ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ قىزىمىزنى كۆندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟
     — بوپتۇ ، شۇنداقمۇ بولسۇن دەيلى ، ئەمدى قىزىمىز ئاشۇ قىلتاقتىن قۇتۇلۇپ قايتىپ كەلمەكچى ، ئۇنى يەنە سەيپۇڭ قىلىمىزمۇ نېمە؟ — ئايال يەنە قوشۇپ قويدى، — ھۈنەر ئۆگىتىدىغان ئىش بولسا قايسى ئۇستىغا تۇتقۇزىمىز؟
     — كىم ئۇنى ھۈنەرگە بېرىمىز دەپتۇ؟ — قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى، — ھۈنەرگە بېرىمىز دېگەنبىلەن قىز بالىنىڭ ئاتىقى يامان ، تۆشۈك تورلاشنى ئۆگىتىپ بولغۇچە قۇلىقىمىز ساق تۇرمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۇ يېنىمىزدا تۇرۇپ بىزنىڭ تىجارەتكە قارىشىپ بەرسۇن . ئىككى قولنى تۆت قىلالماي تۈرغاندا ، ئۇنى تەييار مەدىكار قىلىپ خەقكە تۇتقۇزۇپ قويىمىزما؟ ئۇنداق ئەخمەق داۋۇتاخۇن تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يەرگە چۈشمىدى.
     — لېكىن ئۇ قىز بالا تۇرسا ، مەستلىكتىن شەيتىنى ئۆرلەپ تۇرغان ھاڭگىلارنىڭ يېنىدا ئۇنى ساقلىماق تەس بولارمىكىن؟
     — بىز يېنىدا بارغۇ ، كۆز-قۇلاق بولىمىز خوتۇن . ئەمدى ئۇخلايلى ، ئەتە يەنە قىلىدىغان ئىش بار . سەھەر تۇرمىساق بولمايدۇ.
    بىر پەستىن كېيىن بىرى قوپال ، يەنە بىرى تولىمۇ رايىش ، يۇمشاق قوش كىشىلىك خورەك ئۆي ئىچىنى لەرزان كېزىشكە باشلىدى.

    5
    تىجارەت دېگەن شۇنداق نەرسە . قىلىپ كۆرمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئالغان ھەربىر قەدىمى پۇل! ئەمما تىجارەتكە كىرىشكەن ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
    غىڭڭىدە چىققان ئوسۇرۇقنى ئىشتاننىڭ ئىچىدە تۇتۇپ قالغىلى بولمىغاندەك ، قاينۇق مەھەللىسىدە ئاجايىپ داڭلىق بىر مەيزاپخانىنىڭ دەۋر سۈرۈۋاتقانلىقىمۇ كۆپ ئۆتمەي كىشىلەر تەرىپىدىن سېزىۋېلىندى . مەھەللىنىڭ ئارامبەخشلىك كېچىلىرى ، مەيزاپ كەيپىدە تەڭشەلگەن مەستلەرنىڭ بار ئاۋازى بىلەن چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئالىتاغىل توۋلاشلىرى ، بىر-بىرى بىلەن كىمنىدۇر تالىشىپ ياقا سىقىشىپ مۇشتلىشىشلىرى ، يولدا ئۇچرىغاننى ئۇرۇپ سوقۇپ ، كېچىدە بىمالال سىرتقا چىقىدىغان قىز-جۇۋانلارغا ساقال تاشلاشلىرى قاينۇقلۇقلارنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى . كۈنلىرىنى تاپقان نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ئۆگىنىپ قالغان بىر كىشىلەرگە ئۆز مەھەللىسىدە   بىر مەيزاپخانىنىڭ ئېچىلىشى  — قىيامەتنىڭ باشلىنىشىدىن ، خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن دېرەك بېرەتتى . شارابخورلۇقنى ھەممە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى دەپ بىلىدىغان قاينۇقلۇقلارغا نىسبەتەن بۇ مەيزاپخانىنىڭ ئېچىلىشى كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەت ھېسابلىناتتى.
    بىر كۈنى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابلىز قارى ئۇنىڭ يولىنى  توستى.
     — بۇ قىلغانلىرى بولماپتۇ داۋۇت ئاخۇن، — دېدى ئىمام ئۇنىڭ كۆرۈشۈشكە تەڭلىگەن قوللىرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇپ، — بىز سىلىنى خېلى دۇرۇس ئادەم دەپ بىلىپ يۈرگەن ، ئۇنداق قىلىدۇ دەپ ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان.
     — مەن نېمە قىپتىمەن؟ — ئىمامنىڭ كۆرۈشۈشكە قول بەرمەسلىكى ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويدى ،  — خەقنىڭ تېمىنى تېشىپتىمەنمۇ؟ بىر كىمنىڭ كېلىنىگە چاقچاق قىپتىمەنمۇ؟ يا بىرسىنىڭ ئارپىسىنى خام ئورۇپتىمەنمۇ؟ قايسى قىلغىنىم ئوبدان بولماپتۇ؟
    ئىمامنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
     — ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك ، قايسى ئىشنى خاتا قىلغانلىرى ئۆزلىرىگە مەلۇملۇق ، بىز يەنە ئەزمىسىنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەكمۇ بولار، — ئىمام ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلدى، — لېكىن ، ئەلمىساقتىن بېرى پاك-پاكىز تۇرغان مەھەللىمىزدە سىلىنىڭ شارابخانا ئېچىپ ، كىشلەرنىڭ ئەقلى-ھوشىدىن ئېزىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكلىرى پەقەتلا بولمىدى . گۇناھقا پاتتىلا داۋۇت ئاخۇن.
     — خۇدا ھەرقانداق بەندىگە ئۆز رىزىق-نېسىۋىسىنى تېپىپ يېيىشنىڭ يولىنى بەرگەن . ماڭا رىزىق ئاشۇ مەيزاپخانىدىن كېلىۋاتىدۇ.
     — سىلە دېھقان بولغاندىكىن ، رىزقىنى تېپىپ يېيىش يەردىن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئەمما سىلە...
     — ھۆرمەتلىك ئىمامىم، — داۋۇت مەيچى ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك چىشلىرى ئارىسىدىن دانىمۇ  دانە چىقىرىپ سۆزلىدى، — مەن ئاشۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەندىن بېرى ھېچقاچان نېنىم بۈگۈنكىدەك پۈتۈن بولۇپ باقمىغان . خۇدا ماڭا ناننى پۈتۈنلەپ يېيىشنى مۇشۇ ئوقەتتىن ئىرادە قىلغان بولسا كېرەك . مەن مەيزاپ ساتتىم . لېكىن ھەرگىز ئىمان ساتمىدىم...
     — سىلى...، — ئىمام ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قارىدى ، ئۇنىڭ كۈي چۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان كۆتمەك ساقىلى دىر-دىر تىترىدى . ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇ دېمەكچى بولدىيۇ ، توختاپ قالدى . بىر-بىرىگە تىكىلگەن كۆزلەر ئۈستۈنلۈك تالىشىپ خېلى ئۇزۇن قارىشىپ تۇردى ، قارىچۇقلار تېلىپ ، كۆزلەر خىرەلىگەندىلا ئىمام پېشىنى قېقىپ يولىغا راۋان بولدى.
    كىچىككىنە مەھەللىدە نېمىنى يوشۇرۇپ بولۇش مۇمكىن؟ خاپىچىلىقتا ئۇدۇللا مەسچىتكە ماڭغان ئىمام ئارقىلىق بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن كىشىلەر بىردەمدىلا خەۋەر تېپىشتى . گۇناھقا پاتقان قارا يۈز داۋۇتنىڭ ئۇيالماستىن ئىمامغا دېگەن سۆزلىرى ھەقىقەتەن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى.
     — نېمە دېگىنى بۇ؟ داۋۇت مەيچى ئۆلمەمدىغاندۇ؟
     — قاراپ تۇرۇپ ئىمامغا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلسا بولامدۇ؟
     — ئاشۇ سولامچىنىڭ مەيزاپخانىسى ئېچىلغاندىن بېرى بۇ مەھەللە تىنجىپ باقتىمۇ؟
     — قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ بولۇپ يەنە ئىمامغا تەنە قىلغىنى نېمىسى؟
     — بۇنداق ئىبلىسلارنى قوغلىۋېتىش كېرەك!
     — ئاشۇ گۇناھى ئۈچۈن سولىۋېتىش كېرەك.
     — ئوت قويۇپ كۈلىنى كۆككە سورۇش كېرەك...
     — تېخى شۇنىمۇ رىزىق دەمدۇ كىشى؟ ھاراق سېتىپ تاپقان پۇل گالدىن توڭگۇزنىڭ پوقى بولۇپ ئۆتىدۇ جامائەت.
     — ئەينى شۇنداق...
    ھەر كىم ھەر نېمىلەرنى دېيىشەتتى ، غەزەپ-نەپرەت ۋولقاندەك پارتلايتتى . مەھەللە ئاسمىنىدا كىشلەرنىڭ غەزەپلىك نىدالىرى گۈرۈلدىمەكتە ئىدى.
     — پاھ ، نېمە قىلدىڭلاھوي، — كەچ كىرگەندە داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن كامىلجان بوسۇغىدا تۇرۇپلا سوئالىنى تۆكۈۋەتتى، — ئاڭلىسام ئىمامغا شالىڭلىنى چېچىپسىلىغۇ؟
     — ئاڭلىغاندىكىن سورىمايلا قويۇڭلا كامىلاخۇن، — داۋۇت مەيچى يېرىمىنى چېكىپ بولغان موخۇركىسىنى ئۇنىڭغا سۇندى، — ئۆچەي دەپ قالغان قوقاسنى ئەمدى كوچىلىماڭلا . مېنىڭ شۇ تۇرقىدا ئۆتۈم تېشىپ تۇرىدۇ ، ئۇنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق.
     — ھەممىنى ئاڭلىدىم قوشنام ، سەل ئىتتىكلىك قىلدىڭلامۇ نېمە؟ — كامىلجان موخۇركىنى شورىغاچ ئايۋاندىكى سۇپىنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئولتۇردى، — قانداقلا بولمىسۇن ئىمام دېگەننىڭ جامائەت ئالدىدا ھۆرمىتى چوڭ ، ئالدىراپ مازارغا تاش ئاتىدىغان ئىش ئەمەس . بولمىسا تەخسىرات كېتىسىلەر ئەمەسمۇ؟!
    نېمە بولسام مەن بولاي، — دېدى داۋۇت مەيچى بىر قاپاق مەيزاپنى كۆتۈرۈپ قازناققا مېڭىۋېتىپ، — بىزمۇ يولدا كېتىۋاتقان ئات-ئېشەكنىڭ كۆتىدىن چۈشۈپ قالغان توڭ تېزەك ئەمەس ، ئۆزىمىزگە تۇشلۇق كۆڭلىمىز بار ئادەممىز . موللا تۇرۇپ بەندە بەندىدىن نومۇس قىلسا گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ، بىر چىرايلىق كۆرۈشەيلى دەپ قول بەرسەم كۆرەر كۆزى يوق . ئۇنداق موللىدىن ئالدۇرمىغان ماۋۇ سۈننەت تۈكۈم ياخشى.
     — ھاي-ھاي ، ئېغىزغا ئىگە بولىلى داۋۇتاخۇن، — كامىلجان قولىدىكى موخۇركىنىڭ قالدۇقىنى يەرگە تاشلاپ ، پۇتى بىلەن ئەزگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، — ئالىمادىس بىرەر ئىش چىقىپ قالسا...
     — نېمە ئىش چىقاتتى؟ ئىش چىقسا يوغىنى پۇل ئالار؟ ئۇنداق مىتە ساقاللارنى سېتىۋالغۇچىلىكىم بار مېنىڭ، — داۋۇت مەيچى چۇپۇر باسقان مەيدىسىگە مۇشتلاپ قويدى.
     — تاپقىنىڭلا بېقىنىڭلىغا ئۈسۈۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ — كامىلجان ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى، — ئۆتكەن كۈننى ئۇنتۇش ئادەمنى غەپلەتكە ئېلىپ بارىدۇ قوشنام . تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ياماق بازىرىدىن  قانداق قوغلانغىنىڭلىنى ئۇنتۇپ قالماڭلا . ئۇزۇن جاھان بۇ.
    داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ يەنە قازناققا ماڭدى.
    كامىلجان قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن كۆڭۈلسىزلا قايتىپ چىقتى . ئۇ ئاشۇ مىسىلداپ ، يەرنىڭ قوۋۇرغىسىنى دەسسىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ قۇرتتەك ياشاپ كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرىكىنىڭ بۇنچىلىك يوغىناپ ، ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى.
     — داۋۇت مەيچىنىڭ بۇنچە يۈرەكلىك بولۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا ، تاپقان پۇلى ئاز بولمىسا كېرەك، — دەپ ئويلىدى كامىلجان، — ئادەمنى سەكرەتكەنمۇ پۇل ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا قىلغانمۇ يەنىلا شۇ پۇل! ھەي ، دەسلىپىدىلا ئۇستىرا-كاپنى پۇلاڭلىتىپ يۈرگىچە ، سايىمجاننىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىشنى ئۆزۈملا باشلىۋالسامچۇ؟ مانا ، ساتىراشلىق قىلىپ تاپقىنىم تېخىچە قورساقتىن ئاشمايۋاتىدۇ . داۋۇت مەيچى بولسا جەرىمانە تۆلەشنىڭ كويىدا . بۇ قانداق بولغىنى؟ مەسلىھەت بىزنىڭ ئۆيدە بولسۇنۇ ، راھىتىنى باشقىلار كۆرسۇن . بۇ قاملاشمىدى . مەنمۇ.. . بىر ئىش قىلسام بولارمۇ؟ مەيزاپخانا . قاينۇقلۇقلارمۇ ئارقىدا غۇتۇلدىغان بىلەن داۋۇت مەيچىنىڭ بىر تال مويىغا تېگەلمىدىغۇ؟ ھەر كىم ھەر نېمە دېگەنبىلەن خەق تاپىدىغان پۇلىنى ئوبدانلا تېپىپ ، تېخى ھېيىقماستىن ئۇنى-بۇنى دېگەننىڭ ئاغزىغا قاتلاپ تىقىپ يۈرمەمدۇ؟ مەيزاپخانا ئاچسام ، سايىمجان دېگەن مېنىڭ ئالىقىنىمدىكى ئادەم . ئۇنىڭغا ھايتلا دېسەم ئىش پۈتىدۇ . مەيزاپنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ بولىدۇ . توغرا ، يوغانلا بىر قاينۇق يېزىسى بىر داۋۇت مەيچىگە قاراشلىقمىدى؟ ھەركىمنىڭ رىزقىنى بەرگۈچى ياراتقان ئىگەم ئەمەسمۇ؟ توغرا ، مەن نېمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق بىر خىيالنى قىلمىدىم؟ بۇرنۇمنىڭ ئاستىدىلا بىرسى رىزقىمنى قىرقىپ يۈرسە ، مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاق يەردە كىشىلەرنىڭ ساقىلىنى قىرىپ نېمە قىلىمەن؟ ئاشۇ داۋۇت مەيچىنىڭ قولىدا قاينىغان تىجارەتنى مەن قىلالمامدىمەن؟ ياق-ياق ، ۋاي ئەقىلسىزلىكىم...
    ھەپتىدىن كېيىن داۋۇت مەيچى بىردىنلا چۆپقەتلىرىنىڭ ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى سەزدى . كۈندە لىققىدە ئولتۇرۇپ ، بەزىدە نۆۋەت كۈتۈپ ئۆينى بازار قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ بېرىۋاتاتتى . چاتاقنىڭ نەدىن چىققىنىنى ، ئىشنىڭ قەيەردىن ئوسەي كەتكىنىنى بىلەلمەي بىرنەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتكەن داۋۇت مەيچى بىر كۈنى كەچتە سايىمجاننىڭ يوغان-يوغان كومزەكلەرگە قاچىلانغان مەيزاپلارنى  كامىلجاننىڭكىگە توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
     — نېمە ئىش بۇ؟ كامىلجان بىر ئۆزى ئۈچۈن مۇنچە مەيزاپنى نېمە قىلىدۇ؟ يا مەيزاپنىڭ باھاسى ئۆسىدىغان ئىش بولسا ، ئالدىن بېسىۋالاي دېدىمىكىنە؟ بىراق ، سايىمجان ئۇنداق بىر گەپنىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارمىغانىدىغۇ؟ يا...
    داۋۇت مەيچىنىڭ ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشقا كۆڭلى بارمىدى . يېقىن قوشنىسىنىڭ يەۋاتقان ئېشىغا چاڭ سېلىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى . بەلكىم ، سايىمجاننىڭ توشۇۋاتقىنى باشقا بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن . ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردى.
     — نېمە توشۇۋاتىسىلە سايىمجان ئاداش؟ — سورىدى ئۇ كۈپلەرگە قىزىقىپ قاراپ، — نېمە بۇ؟
     — مەيزاپ! — غېمىدە يوق جاۋاب بەردى سايىمجان.
     — نېمە؟ مەيزاپ؟ — دىككىدە چۆچۈگەن داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، — كامىلجانغا بۇنچە كۆپ مەيزاپ نېمىگە لازىم بولۇپ قاپتۇ؟
     — سىلىنى يالغۇزچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دېدىم داۋۇتاخۇن، — شۇ سوئالنىڭ ئۈستىگە چىققان كامىلجان جاۋاب بەردى، — مەنمۇ تىجارەت قىلاي دېگەن ، ئىش باشلىغىلى ئىككى-ئۈچ كۈن بولدى . قانداق ، بوپتىمۇ؟
     — بو.. . بوپتۇ ، ئوبدان بوپتۇ، — داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا جاۋاب بەردى . ئۇ شۇندىلا نېمىشقا ئۆز قازنىقىنىڭ خېرىدارسىز قېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى.
     — ئىككى قوشنا  بىر يەردە تىجارەت قىلساق، — دەپ قوشۇپ قويدى كامىلجان، — يوقنى تەڭ تېپىپ ، بارنى ئۆزئارا سۇنۇشۇپ  تېخىمۇ ئوبدان روناق تاپقۇدەكمىز . شۇڭا مېنىڭكىگىمۇ قۇرت كىردى داۋۇتاخۇن.
     — قۇرت ئەمەس ، قىزىتىلغان لوم تۆمۈر كىرىپتۇ قوشنام، — ئىچىدە پىچىرلىدى داۋۇت مەيچى، — قىلىدىغان باشقا ئىش تاپالمىغاندەك ، مەندىن نان تالاشقىنىڭلا نېمىسى؟ شۇمۇ قوشنىدارچىلىق بولدىمۇ ئەمدى...
    كونىلار ئەزەلدىن «بىر قازاندا ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى پىشمايدۇ» دېيىشىدىكەن . ئەمما كىچىككىنە قاينۇقتا ، يەنە كېلىپ بىر-بىرىگە قاراپ تۇرىدىغان ئىككى ئۆيدە نەچچە قوچقارنىڭ كاللىسى ۋاراقلاپ قاينىماقتا . كامىلجان سودىسىنىڭ ئۆزى كۈتكەندىنمۇ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقىنىدىن سۆيۈنسە ، داۋۇت مەيچى ئۆز تىجارىتىنىڭ بارغانچە سۇغا چىلىشىۋاتقىنىدىن ، شۇنچە كونا چۆپقەتلىرىنىڭمۇ تېزىپ كېتىۋاتقىنىدىن بىئارام بولاتتى . ئادەم دېگەن شۇنداق مەخلۇق بولسا كېرەك ، ھەر ئىككى ئۆيدىكى بىر ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان شاراب بولسىمۇ ، ئەمما يېڭىسىغا بولغان قىزىقىش تۈپەيلى ، خېرىدارلار بارا-بارا كامىلجاننىڭ ئۆيىگە ئاقماقتا ئىدى...
    مەھەللىدە ھەممىلا ئادەم كامىلجاننىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى داۋۇت مەيچىدىن كۆردى ، خىيالىدا يوق ئادەمنى قىزىتىپ ، مەيزاپخانا ئېچىشا سەۋەبچى بولغان دەل ئاشۇ ئېشەك نەسلى ، دوزاخقا تۇترۇق بولغۇچى داۋۇت مەيچى دېگەن گەپ ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ ئېغىزىدا ئېقىپ يۈرەتتى . «ئىشنى بۇزغان ئانىسى ، چاقنى بۇزغان تانىسى» دېگەندەك ، كامىلجاننى بۇزغان ئاشۇ نەس باسقۇر داۋۇت مەيچى دەپ قاينايتتى پېشقەدەملەر . ئەمەلىيەتتە داۋۇت مەيچى كامىلجاندىن خاپا ئىدى . ئۇ قوشنىسىنىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى ئۆزىگە قىلىنغان چىدىماسلىق ، ھەسەت ، يېگەن ئېشىغا توپا چاچقانلىق دەپ بىلەتتى . ئۇ مېنىڭ چۆپقەتلىرىمنى تارتىۋېلىپ سودامنى بۇزدى دەپ بۇ قوشنىسىدىن ئاغرىناتتى...
     — مانا ، كامىلجان با جۈجاڭنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۆزىچە ئىسقىرتىپ كىرىپ كەتتى . تېخى ئەمەلدارنىمۇ ئۆگىتىۋاپتۇ دېسە ، قارىغاندا ئۇنىڭ تەييارلىقى بوش ئەمەسكەن-دە! شۇنىڭغا يارىشا تاپقان پايدىسىمۇ مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.. . چۈنكى ، ئەمەلدار  دېمەك  — پۇل دېمەك . قارىغاندا ئۇ تورنىڭ ئەڭ يوغىنىنى تاشلاپتۇ-دە! ۋاي ئىچى قوتۇر كاساپەت ، تاپقان ئىككى-تۆت تال پۇلۇمغا كۆز قىزارتمىساڭمۇ ساڭا قىلغۇدەك ئىش چىقار ئىدىغۇ؟!
    ئۇنىڭ ئۈجمە كۆتىكىدە ئولتۇرۇۋېرىپ كاسىسى ئاغرىپ كەتكەنىدى . داۋۇت مەيچى ئورنىدىن تۇرۇپ تازا بىر كېرىلدى-دە ، ئۇستىخانلىرىنىڭ غاراسلىشىدىن بىر خىل ھۇزۇر ھېس قىلدى . ئۇ كۈز شامىلىنىڭ بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭمۇ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ ، كامىلجاننى غايىۋانىسىغا بىرنەچچىنى تىللىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى.
    داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ تېگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەن ئايال خارقىراپ بىر خىلدا ئۇخلىماقتا ئىدى . ئۇ سەل ئاغرىپ تۇرغان كۆزلىرىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن ، ئىشتاننىڭ پۇل سېلىنغان يانچۇقىنى تۇتۇپ باقتى ۋە سامان تەكىينىڭ ئاستىغا تىقتى . يوتقاننى ئاستا قايرىپ بولۇپ يەنە يېپىپ قويدى . چۈنكى ، ئەمدى ئۇ يوتقانغا پۈركىنىپ ، خوتۇنىنىڭ كۆكسىنى سىلاپ قانچە ياتسىمۇ قاچقان ئۇيقۇسىنى تېپىۋالالمايتتى . ئەتراپتىن خورازلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىغان ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى . دېمەك ، تاڭغا ئاز قالغانىدى . ئەمدى ئۇ ئۇخلايمەن دېسىمۇ ، كۆزى ئېلىنار-ئېلىنمايلا كۈن چىقىدۇ . يېڭى بىر ھاياتلىق باشلىنىدۇ . جان ساقلاش ئۈچۈن يەنىلا تىپىرلاش ، يوقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش كېرەك . ئۇ تورۇسقا قاراپ ئاچچىق يۇتقىنىچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى.
     — ئەجەب ئىش-ھە؟ بۇ كەمدە ئادەملەردە يۈز قالماپتۇ . ۋاي داۋۇتۇم دەپ يۈرگەن خېلى كونا چۆپقەتلىرىممۇ خۇددى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئۆگىتىۋېلىنغان جالاپتەك كامىلۋاينىڭكىگە كۆنۈۋاپتۇ . مەن ئۇلارغا نېمە قىلغان؟ شۇ بۇيرۇتقىنىنى ھايالشىمايلا ئالدىغا تەقلەپ ، شاھ-ۋەزىرلەرنى كۈتكەندەك پالاقلاپ ، رەھمەتلىك دادامغا قىلمىغان ھۆرمەتلەرنى كۆرسەتكەنلا گۇناھىم بار . كامىلجان دېگەن دەيۈز ئۇلارغا نېمە قىلىدىكىنا؟ ھەجەپ سۇ چوڭقۇرغا ئاققاندەك ، ھەممىسى شۇنىڭكىگە يۈگۈرۈۋاتىدىغۇ؟ توختا ، بۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى . يار ئالغان يەرگە بۈكەگ ① (بۈكەگ  — خوتەن شىۋىسى بولۇپ ، توسۇق،ئېتىش دېگەن مەنىدە.)قويۇش ئەلمىساقتىن تارتىپ بار ئىشقۇ؟! ھە ، مەنمۇ بۇ يارنىڭ ئاۋۋال نەدىن ئېلىنغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا بۈكەگنى قانداق قويۇشنى ئېنىقلىشىم كېرەك . بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتمەي قويمايمەن...
    تاڭ ئاتتى . ئۇيقۇسىزلا ئورنىدىن تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى قۇم تىققاندەك ئېچىشىپ تۇراتتى . ئۇ ئىتتىكلا يولغا چىقىپ ، كامىلجاننىنڭ دەرۋازىسىغا قارىدى قوش قاناتلىق يوغان دەرۋازى ھىم ئېتىلگەنىدى . ئۇ ئاستا بېرىپ ئىشىك ئالدىدىكى يولغا قارىدى . توپىلىق يولدا ھەر خىل گۈللۈك نۇرغۇن ئاياغ ئىزلىرى قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى . ئاشۇ ھەررەڭ-سەررەڭ ئىزلار ئارىسىدا پاشنىسى يەرگە قوزۇق قاققاندەك پاتقان ، چېكىت گۈللۈك ئىزلارمۇ بار ئىدى.
     — ھە ، ئەمدى بىلدىم ، بۇ يەرگە ئىچەرمەنلەر يالغۇز كەلمەيدىكەن، — داۋۇت مەيچىنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چوڭ ئېچىلدى، — ئەسلىدە بۇ قوشنام سولامچىلىق بىلەن مەيزاپچىلىقنى بىللە قىلىۋاتقان ئىكەن -دە! شاراب بىلەن خوتۇن پۇل تاپقان ئەركەكنىڭ ئارمىنى دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلماپتۇ ئەمەسمۇ؟! راست ، ئادەم دېگەن شارابنى مەست بولۇشقىلا ئىچمەيدىغۇ؟كۆڭۈل ئېچىشقا يەنە.. . ھە ، ئەمدى بىلدىم . مەن بۇنى بۇرۇنراق ئويلىشىم كېرەكتىغۇ؟ ئاخشام ئۇ دەيۈزنىڭ خۇشاللىقىدىن ئىسقىرتىپ كېتىشى بىكار ئەمەسكەن-دە؟!
    شۇ چاغدا ھويلا ئىچىدىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقان ئاياغ تېۋىشى ئاڭلاندى ، داۋۇت مەيچى بۆرىدىن ھۈركىگەن قوي پادىسىدەك ئوپۇر-توپۇر كەينىگە ياندى ۋە يۈگۈرگەندەك قىلىپ ئۆز دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋالدى . قوشنىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇزۇن شاخ سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈۋالغان كامىلجاننىڭ ئايالى چىقىپ كەلدى . ئۇ ئەتراپقا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ قويغاندىن كېيىن ، ئاشۇ قالايمىقان ئىزلارغا قارىتىپ سۈپۈرگە سالدى.
     — ھۇ پاسكىنا، — دەپ تىللىدى داۋۇت مەيچى ئىچىدە ئوغىسى قايناپ، — ئىز ئۆچۈرۈشكە نېمانچە ئۇستىسەن؟ خۇددى مۈشۈك بەز يەپ بولۇپ ، لېۋىنى بىر يالىۋېتىپلا ھېچنېمە يېمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك ، مانا ، سولامچىلىقىڭنى مەن كۆرۈپ قالدىم . ئەمدى ئىزنى قانچە ئۆچۈرگىنىڭ بىلەنمۇ بۇ ئاتاقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسەن.
    داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولدى . ئۇ قوشنىسىنىڭ ۋاسىتە تاللىمايلا چۆپقەتلىرىنى يىڭنىدىن يىپ سۇغارغاندەك تارتىپ كەتكىنىگە غەزەپلەندى . ئەمدى ئۇمۇ كامىلجان دېگەن بىر نېمىنىڭ يۈزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ . قىلغۇلۇق دېگەننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ، كامىلجاننىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك بىر ساۋاق بېرىپ قويىدۇ . ئۈستىگە تاغ يىقىلغاندەك كەلگەن بۇ غايىۋانە زەربىدىن ئۇ ۋاي داد دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ...
     — مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن بەكمۇ رازى بولدۇم ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بولىدىكەن ، شۇنداق تىپتىنچ ، ئەتراپىڭدا كۆز-قۇلاقمۇ يوق ، مەن ئەتە يەنە كېلىمەن ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئاشۇ خانىڭىزنى ماڭا ئېلىپ قويۇڭ...
    ئادەمنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تېگىدىغان بۇ قوپال ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە بىر قېتىم ياڭرىغاندا ، داۋۇت مەيچىنىڭ ۋۇجۇدى مۇزلىدى . تېنى غال-غال تىترىدى . كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.
     — دېمەك،ئاشۇ.. . با جۈجاڭ ، ئۇ راستتىنلا يەنە كېلەرمۇ؟ ئەگەر تېلېفوندا شۇنداقلا بىر ئىس بېرىۋەتسەم ، كېيىن بۇ توخۇ پوقى ئەمەلداردىن ماڭا بېرەر زىيان يېتەرمۇ؟ نېمە قورقۇش ، مەندە ئېلىۋېتىدىغان تىرناقچىلىك ئەمەل يوققۇ؟ ئاۋۋال قاراپ باقاي ، ئوبدان كۆزىتىپ توققۇز ئۆلچەپ بىر كەسمەمدىمەن؟
    ئۇ شۇ خىيالغا كەلگەندىن كېيىن ھويلا بىلەن يول ئارىسىدا قاتراپ ، كامىلجاننىڭ ئۆيىنى كۆزىتىشكە باشلىدى . بازاردىن ئەكېلىدىغان نەرسە-كېرەكلەرگىمۇ ئايالى بىلەن قىزىنى بۇيرۇدى . تۇيۇقسىزلا ئۇداردىن چىقىپ كەتكەن بۇ مۇزىكىنىڭ  — بىر تال تۈگمە چاغلىق سودىغا ئۆزى قول تىقىدىغان داۋۇت مەيچىنىڭ تۇيۇقسىز ئوبدان ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولغان ئايال ئۇنىڭغا قاراپ-قاراپ قويغاندىن كېيىن ، قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا كەتتى.
    سايىمجان ئۈچ چاغلىق موتسىكلىتقا مەيزاپ بېسىپ قاينۇققا يەنە كەلدى .  ئۇ داۋۇت مەيچىگە يىراقتىن سالام بەرگەندىن كېيىن ، ئېلىپ كەلگەن قاپاقلارنى كامىلجاننىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىشكە باشلىدى.
     — يۈزسىز ئادەمكەنسىلە سايىمجان، — دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ، — بىر كۈندە ئىككى ئەرگە تەگكەن ئاجناق جالاپتەك قىلىپ يۈرگىنىڭلا نېمىسى؟ يا ماڭا ، يا ئۇنىڭغا تۇرماي...
     — مەنمۇ مۇشۇ ئىش بىلەن نان تېپىپ يېمىسەم بولمايدۇ، — سايىمجان ئۇنىڭ يىندىن سېسىق بۇ گەپلىرىگە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ چاندۇرمىدى، — كىمنىڭ سودىسى ئاقسا ، شۇنىڭغا مەيزاپ توشۇيمەن داۋۇتاخۇن . كۈنلەمچى خوتۇندەك قىلىق قىلماڭلا ، ئەتىگىچە سىلىنىڭكىدە تۈگىسە يەنە مەيزاپ ئەكېلىمەن ئەمەسمۇ؟
    داۋۇت مەيچى ئىندىمەستىن سايىمجان توشۇۋاتقان مەيزاپ قاپاقلىرىنى ئىچىدە ساناشقا تۇتۇندى.
     — توپتوغرا يىگىرمە قاپاق! تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئون بەش كۇپ ئەكەلگەنىدىغۇ؟ مال يۆتكەپ ئۈلگۈرمەپتۇ-دە؟ قارىغاندا بۇ ئىبلىسنىڭ سودىسى مەن پەرەز قىلغاندىكىدىنمۇ ياخشى ئوخشىمامدۇ؟ ئەمدى قاراپ تۇرسام يەۋاتقان نېنىمدىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن . بىر ئىلاجىسىنى قىلمىسام بولمىغۇدەك...
    شۇ كۈنى ئۇنىڭ قولى پەقەتلا ئىشقا بارمىدى . قانداق قىلىش ، كامىلجاننىڭ ئەدىپىنى قانداق بېرىش ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلاندى . ئاشۇ با جۈجاڭ دېگىنى كەلسىلا ، تۇيدۇرماي ساقچىغا خەۋەر قىلىشتىن ياخشىراق چارىمۇ تاپالمىدى . بەلكىم ئۇنى شۇنداقلا خەۋەر قىلسا ساقچىلار ئەندىكمەسلىكى ، پەرۋايىغا ئالماسلىقى ، تېخى بۇ با جۈجاڭ دېگىنى يوغان ئەمەلدار بولسا قورقۇپ كەلگىلى ئۇنىماسلىقىمۇ مۇمكىن.
    ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەڭ ئاخىرى پىشقان ئامال شۇ بولدى . ئەمما بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرشتا يەنىلا يېنىكلىك قىلىشقا بولمايتتى . ناۋادا ئىش يامىنىغا ئۆرۈلسە ، چۆگۈن قايناپ ئۆزىنىڭ بوينىغا تېشىشى ، ئۇمۇ قولىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى مۇمكىن . بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئۇلىغا دەز كېتىپ ، ئىناق قوشنىدارچىلىقمۇ بۇزۇلىدۇ . ئۆزىنىڭ سودىسىمۇ سۇغا چېلىشىدۇ . بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چېقىشى ھەر ئىككى ئائىلىگە پايدىسىز ئىدى.
    كەچ كىردى . ناھىيە بازىرىدىن قاينۇققا تۇتىشىدىغان ئاسفالت يولدا غالتەكلىرىنى ئىتتىرىپ بازاردىن قايتقان ئوقەتچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلدى . قاينۇقنىڭ كەچكى مەنزىرىسى ئوخشاشلا؛ ھەممە ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكەن ، مورىلاردىن چىقىۋاتقان تاشكۆمۈرنىڭ قاڭسىق ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان ، ئادەمسىز كوچىلاردا ئىزغىرىن  شامال كۈچەيگەن ، مەھەللە بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەن بوۋايدەك تىنجىپ قالغانىدى.
    داۋۇت مەيچى لەپشىيىپ كېلىشكەن ئىككى قېرى ئىچەرمەننى قازنىقىغا باشلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار بۇيرۇتقان نەرسە-كېرەكلەرنى ئەكىرىپ بېرىشنى خوتۇنىغا تاپىلىدى-دە ، ئۆگزىگە چىقتى . بۇ يەردىن قارىغاندا كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدىنىلا ئەمەس ، ھەتتا ھويلىسىنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەرنىمۇ بىمالال كۆرگىلى بولاتتى . ئۇ كۈرەڭ جۇۋىسىغا ئورىنىپ ، ئاستا ئىس چىقىپ تۇرغان ئىسسىق مورىغا يۆلەندى ۋە ئاشۇ تەرەپكە قاراپ ، خۇددى قاپقاننى قۇرۇپ بولۇپ توشقاننىڭ كېلىپ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان سەۋرچان ئوۋچىدەك ئولتۇردى.
    كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدى بىردىنلا قىزىپ كەتتى ، مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى . ئەنە ئاۋۇ تۇماق كىيىۋالغان چېچەك يۈز ئۇنىڭ تۇنجى چۆپقەتلىرىدىن ئىدى . كالچىيىپ ، كامىلجاننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ ، خۇشامەت كۈلكىسى بىلەن بىرنېمىلەرنى دەۋاتقان ئاۋۇ شىنا قوزۇق ئاۋاق ئاداشمۇ خېلىدىن بېرى ئۇنىڭ قازىنى ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرگەنلەردىن ئىدى . ھە ، ماۋۇ بىر قىزنى باشلاپ كەلگىنى قاسىمجان ئىسىملىك ماتاڭچى ، ئۇ ئىلگىرى مۈشۈكتەك كىرىپ ، ئىچىدىغان مەيزىپىنى شەپىسىز ئىچىپ ، يەنە مىياڭشىمايلا كېتىپ قالىدىغىنىدىن ئىدى . ئۇمۇ بىر قىزنى قولتۇقلىۋاپتۇ . تېخى كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇ قىز بىلەن مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشتى . مانا ، ئاشۇ شوۋىچىلار سولامچىلىق قىلىپ شارائىت يارىتىپ بەرمىسە ، بىر ماتاڭچىنىڭ مۇنداق مەن-مەنچىلىك قىلىشقا بېشى ئونمۇ؟
    كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىدىن يەنە ئۈچ جۈپ ئەر-ئايال كىرىپ كېتىشتى . ئۇلاردىن بىرى داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيى تەرەپنى كۆرسىتىپ بىرنېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ قويدى . ئۇنىڭغىچە كامىلجان بىرنېمىلەرنى دەپ ، ئۇلارنىڭ قېلىن پەلتۇلىرىنى قېقىپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى . بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى .
     — شۇنچە ئادەم.. . تېخىچە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . ئاشۇ نىجىس مېنىڭ قازىنىمنى ئۆرۈش قەستىدە بولمىغان بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دەرۋازامنى قېقىشقان ، بىر پۇلۇمنى ئىككى قىلىشقان ، مىنى ئوبدانلا سەمرىتكەن بولاتتى . توختا كامىل ، سورىقى يوق جاھان ئەمەس بۇ ، قىلىۋالدىم ، ئېتىۋالدىم دەپ كۈلمەي تۇر! سېنى كۈلدۈرۈشنى بىلگەن خۇدايىم يىغلىتىشنىمۇ بىلىدۇ . ئالدىرىماي تۇر ، كۆرىدىغان كۈنۈڭ تېخى ئالدىڭدا!
    دەل شۇ چاغدا كامىلجاننىڭ ئىشىكى يەنە قوپال قېقىلدى . دەرۋازىنى قاققۇچى مۇشتۇمى بىلەن كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىنى ئەمەس ، داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىنى ئۇرۇۋاتقاندەك بىر خىل سېزىم ئۇنى تىترىتىۋەتتى . كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى . بۇدا كەلگۈچىنى كۆرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى . چۈنكى ئۇ ، قايسى كۈنى ياماق بازىرىدا داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدىن ئالغان ، نەرسە-كېرەكلىرىنى سورۇپ چاچقان ، ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرۈۋەتكەن ئاشۇ پور كۆتەك شۇ ئىدى . ئايال ئۇنى خۇددى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاكىسى بىلەن دىدارلاشقاندەك ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالدى . پور كۆتەكمۇ ھىجىيىپ-كالچاراپ ئايالغا بىرنېمىلەرنى دېدى.ئايال ئېغىزىنى تۇتۇپ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە پور كۆتەكنىڭ مەڭزىنى چىمداپ قويدى ۋە ئۇنى ئىچكىرىگە باشلىدى . دەل شۇ چاغدا ھويلىغا كامىلجان چىقىپ قالدى ۋە ئۇنى كۆرۈپ يىراقتىن قولىنى سۇنۇپ كېلىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى.
     — ھۇ سولامچى ھەزىلەك ، سەن قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالغانمىدى ئەمدى؟ مېنىڭ سودامنى بۇزۇشتا خوتۇنىڭنىمۇ ئارىغا ساپسەن-دە؟ ھۇ كىسپۇرۇش . ئالدىرىماي تۇر ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قوشنىكەنمىز ، كۈندە قارىشىپ يۈرىدىكەنمىز دەپ ، قاچاڭغا قوشۇق سالمىغان ، ئۇ قانجۇقۇڭغا كۆز قىرىمدىمۇ باقمىغانىدىم . ئەمدى بىلدىم ، ئۇمۇ بۇقا گەدەن ، پور كۆتەكلەرگە ئەركىلەپ سۇۋۇنۇشنى بىلىدىغان ، بەزگە كۆنگەن مۈشۈك ئىكەنغۇ؟ مەنمۇ بىر پۇرسىتىنى تېپىپ خوتۇنىڭنى تەلە قىلىپ ، يۇندىسىنى بوسۇغاڭغا تۆكمىسەم داۋۇت مەيچى دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن.
    تۇيۇقسىز ئاسفالت يولدا بىر سانتانا توختىدى . ماشىنىدىن گەۋدىلىك بىرى چۈشۈپ كەلدى . ئۇ ئېھتىيات بىلەن تۆت تەرەپكە مۇنداقلا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئىشىكنى ئاچتى . ماشىنىدىن ۋىجىككىنە بىر قىز چۈشۈپ ، يەردىن ئۈستۈن قارىمىغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەگەشتى . ئۇلار قانداقتۇر شەپىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن قورققاندەك ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ ، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىشتى . گەۋدىلىك ئادەم يەنە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى بوش قاقتى.
    داۋۇت مەيچىنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى . ئۇ ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر چاققانلىق بىلەن ئىتتىكلا ئۆينىڭ كەينىدىكى قېرى ئۆجمە ئارقىلىق يەرگە چۈشتى-دە ، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى . شۇ چاغدا دەرۋازا ئېچىلىپ ، بوسۇغىدا كامىلجان پەيدا بولدى.
     — سىلىنىڭ كەلگەنلىكلىرىنى كۆڭلۈم تۇيغانىدى با جۈجاڭ، — دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ، — يوللىرىغا قاراپ كۆزلەر تېشىلەي دېدى ، ئەمدى كەلگەنلىكلىرى نېمىسى؟
     — ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ، — دېدى قارا گەۋدە، — قانداق ، بىرەر كۆز-قۇلاق يوقتۇ؟
     — يوق ، يوق ، ھەممىسى ئۇششاق-چۈششەك ئوقەتچىلەر ، سىلىنى تونۇمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلە غىپپىدە كىرىپ ئاشۇ خانىغا شۇڭغۇۋالسىلا ، ئىنسى-جىن ئۇقمايدۇ با جۈجاڭ.
     — قېنى ئەمىسە، — قارا گەۋدە ھېلىقى قىزغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ سەل ئېگىلگەندىن كېيىن ، ئۇنى تەكەللۇپ بىلەن ئۆزىدىن بالدۇر مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى.قىزمۇ نازلىنىپ يۈرمەستىن بېشىنى سالغىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەتتى . دەرۋازا ئىچىدىن تاقالدى...
    داۋۇت مەيچىنىڭ ھۇشىقى ئالچۇ چۈشتى ، ئۇ تاۋكادا ئامىتى كېلىپ ، بىر كىچىدىلا مىليونېرغا ئايلانغاندەك ھاياجانغا چۆمدى . ئۇ دادىسىدىن ھېيتلىق ئالغان كىچىك بالىدەك خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا ، كونا ۋېلىسىپىتىنى ھويلىسىدىن سۆرەپ چىقتى-دە ، لىككىدە مىنىپ بازار تەرەپكە قاراپ چاپتى...

    6

    شۇ كۈنى قاينۇقنىڭ كېچىسى بەكمۇ ئەنسىز ئۆتتى . ئەتراپتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرى ئەنسىز چىرقىراپ ، كىشىلەرنىڭ دۈپۈرلەشكەن ئاياغ تاۋۇشى ھەممىلا يەرنى بىر ئالدى .  مەھەللىنىڭ يىراق-يېقىنىدىن ئىتلارنىڭ بوغۇق ئاۋازدا كاڭشىغان ئاۋازى كېلەتتى . ئاتلارنىڭ كىشنىگەن ، قانداقتۇر شەپىدىن چۆچۈگەن ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى كېچە قوينىغا تېخىمۇ سۈرلۈك تۈس بېرەتتى.
    بازاردىن كېلىپلا يەنە ئۆگزىگە چىقىۋالغان داۋۇت مەيچى ئۆز تەدبىرىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتتى . ئالا بۇلىماچ چىراغلىرىنى چاقنىتىپ سىگنال بەرگىنىچە يېتىپ كېلىشكەن ساقچى ماشىنىسى ئاۋۋال كامىلجاننىڭ ئۆيىنى تۆت تەرەپتىن قورشىدى ، ئاندىن ساقچىلاردىن بىرى ئېگىز تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشتى-دە ، دەرۋازىنى ئىچىدىن ئاچتى . بىر توپ ساقچى يوپۇرۇلغىنىچە ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى . ئۆي ئىچىدىن ئاۋۋال كامىلجاننىڭ ئايالىنىڭ چىرقىرىغان ، ئاندىن گۈلدۈر-غالاپ ئاۋازلار ئاڭلاندى . بىر دەمدىن كېيىن ساقچىلار پور كۆتەكنى كۆتىگە تەپكىنىچە ئېلىپ چىقتى . ئارقىدىن بېشىنى پەلتۇسى بىلەن ئورىۋالغان با جۈجاڭ ، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ ، پۇتلىرى ئۆلۈك توخۇنىڭ بوينىدەك قاتلىنىپ تۇرغان ھېلىقى قىز ، قالدى-قاتتى ئىچەرمەنلەرنى جۈپتىلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ چىقىشتى.
    كامىلجان نېمىلەرنىدۇ چۈشەندۈرمەكچى بولاتتى ، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماستىن قولىغا كويزا سېلىپ دارقىرىتىپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭغانىدى . بىر پەستە ئۇنىڭ ھويلىسىدىن بالىلىرىنىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . قاينۇقنىڭ كېچە باغرىدا ماشىنىلارنىڭ ئەنسىز سىگنال ئاۋازى بارغانسېرى يىراقلاپ بارماقتا ئىدى.
    ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ، ئاجايىپ بىر خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن داۋۇت مەيچى تاز چىراي خوتۇنىنىڭ سوئال نەزىرىدە تىكىلگەن كۆزلىرىگە دۇچ كەلدى . ئۇنىڭ يېنىدا قىزى گۈلجامالمۇ ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى.
     — سىلە قىلغان ئىشمۇ بۇ؟ — سورىدى ئايال تەئەددى بىلەن.
     — نېمىدەپ مەن قىلغان ئىش بولغۇدەك؟ — سەل تەمتىرەپ جاۋاب بەردى داۋۇت مەيچى.
     — ئەمىسە ۋېلىسىپىت بىلەن نەگە باردىڭ دادا؟ — گۈلجامال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى، — كەچتىن ېبرى سېنى ھېچ تاپالمىدۇققۇ؟
     — كامىلكاڭ بازاردىن بىرنەرسە ئەكېلىپ بېرىشنى ئېيتقان ، قوشنا بولغاندىكىن ياق دېگىلى بولاتتىمۇ؟ شۇڭا...
     — يالغان ئېيتمىسىلا دادىسى ، ئۇ قوشنىمىز شۇ تۇرقىدا سىلىنى بىرنەرسىگە بۇيرۇپ  يۈرەمدۇ؟ بۇيرىسىمۇ سىلە بارامدىلا؟ قورساقلىرىدىكىنى مېنى بىلمەيدۇ دېمىسىلە، — ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، — ماڭا قارىسىلا ، بالىلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟
     — سېنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭدىن بەكمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن دادا، — گۈلجامال يەرگە قارىغىنىچە پەس ئاۋازدا دېدى، — بۇ مەيزاپخانىنى ئېچىش ئەسلىدىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى . سەن بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدۇڭ . ئەمدى كېلىپ بۇ بالا-قازانى تېرىپ كامىلكامغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ ، بۇ ئىشنى مەھەللىدىكىلەر ئۇقسا يەنە نېمىدەپ قالىدۇ؟ بىز بۇ يۈزىمىزنى نەگە قويىمىز؟ ئۇلار سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ دادا.
     — مەن ئۇلارنىڭ كەچۈرۈشىگە موھتاج ئەمەس، — داۋۇت مەيچى تېرىكىپ قىزىنى ئىتتىرىۋەتتى، — نېمە؟ سەنمۇ ماڭا تەنبىھ بېرىۋاتامسەن؟ قىز بالىنى ئوقۇتقانمۇ ئىشمۇ؟ ئاز-تولا قانات-قۇيرۇق چىقىرىۋېلىپلا ماڭا ئۇ-بۇ دېيىشكە پېتىندىڭمۇ تېخى؟
    گۈلجامال بېشىنى چايقىغىنىچە قوشۇپ قويدى:
     — ئىشقىلىپ بۇ ئىش بىزگە خەيرلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ دادا ، كۆرىدىغان كۈنىمىز ئالدىمىزدا تېخى ، بىزنى مەھەللىدىكىلەر ئارىغا ئالسىلا بولاتتىغۇ؟
    قاينۇق مەھەللىسى قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى . ھەممەيلەن ئىچىگە تىنىپ ، بىر-بىرىگە گۇمانىي  نەزەردە قارىشىپ ، ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى . ئەتىسى كامىلجاننىڭ ئايالى سولاقتىن چىقتى . ئۇ مەھەللىگە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەلدى.
     — توۋا خۇدايىم ، بىز بۇ خەقكە نېمە يامانلىق قىلغان؟ نەشە سودىسىمىش ، شۇنداقمۇ قارا سۇۋامدۇ كىشىگە؟ ھەممىنى خۇداغا قويدۇم ، بىزگە قىلدىم دەپ بالا-چاقىسىغا قىلار خۇدايىم ، بىرنى مىڭ قىلىپ كۆزىگە كۆرسىتەر خۇدايىم ، ھۆ.. . ھۆ...
    ئايالنىڭ يىغىسى  بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى . مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ ، ئىچ-ئىچىدىن قايناپ ئېزىلىپ يىغلايتتى . ئەمما ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ، ھالىغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.
     — كەلگۈلۈك بۇلارغا خۇدادىن كېلىپ قالدى-دە!
     — ئازراقلا پايدىنى دەپ گۇناھقا دۈم چۈشكەندىكىن ، خۇدا شۇنداق شەرمىساز قىلىدۇ ئادەمنى...
     — خوپ بوپتۇ ، سولامچىنىڭ كۆرىدىغان كۈنى شۇ...
     — يەنە بىرى قالدى،ئۇنىمۇ نەس باسقۇدى ئىلاھىم...
    مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دېيىشكەن بۇ گەپلىرى داۋۇت مەيچىنىڭ جان-پېنىنى چىقارغان بولسىمۇ ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۈندىمەي يۈرىۋەردى . چۈنكى ، ئۇمۇ قىلىپ قويغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بىرئاز قورقۇپ قالغانىدى.
    ھەر كۈنى كەچتە بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلار يەنە مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ قاينۇققا كېلىشەتتى . ئۇلار ئاۋۋال كامىلجاننىڭكىگە بىر دوقۇرۇۋېتىپ ، ئاندىن داۋۇت مەيچىنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولاتتى . ئىچەرمەنلەرنى خامۇش قارشى ئالغان بۇ ئائىلە قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكتىن ئېسەنكىرەپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى . خېرىدارلار ئۇلاردىكى بۇ خىل روھىي ھالەتنى «كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ  بېشىغىمۇ كېلىدۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان بولسا كېرەك دەپ بىلىشتى.
    بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن كامىلجانمۇ چاچ -ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ھالدا مەھەللىدە پەيدا بولدى . ئۇ ھېچ كىشىگە قارىماستىن ئۇدۇللا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . بىرنەچچە كۈنگىچە تالا-تۈزدىمۇ كۆرۈنمىدى . قارا سىرلىرى ئۆچۈپ قالغان يوغان دەرۋازىسىمۇ ئېچىلمىدى . ئۇنىڭدىكى بۇ خىل بىنورمال روھىي ھالەتتىن مەھەللىدىكىلەر ھەيران قالدى.
     — كامىلجاننىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتىغۇ؟
     — سولاقخانا دېگەن بوش يەر ئەمەس ، ئانا-مانىسىنى كۆزىگە ئوبدان بىر كۆرسىتىپ قويغان بولسا ، ئادەم بولغاندۇ؟
     — ئۇ ئەسلىدىمۇ يامان ئەمەس بىرنېمە ئىدى ، ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك ، قوشنىسىنىڭ قوش كۆرۈنۈپ شۇنداق پوقنى يەپ سالغان گەپ.
     — نېمە ئامال ، بىر ئازماس خۇدا دەپتىكەن ، بەندە دېگەن بەزىدە جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ شۇنداق ئېزىپ قالىدۇ . شەيتاننىڭ  ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيلى جامائەت...
    قاينۇقلۇقلار ھەر نېمىلەرنى دېيىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، كامىلجان ئۆيىدىكى مەيزاپ كۈپلىرىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى چوققا دۆڭگە ئېلىپ  باردى-دە ، ھەممىنى چېقىپ تاشلىدى . پارە-پارە بولغان كۈپلەردىن تۆكۈلگەن مەيزاپلار دۆڭنىڭ يانباغرىغا سەلدەك ئاقتى . ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساتىراشلىق سايمانلىرى سېلىنغان كىچىك ساندۇقچىسىنى يېنىغا ئېسىپ بازارغا كەتتى.
    قاينۇقتىكى مەيزاپ بازىرىنى داۋۇت مەيچى يەنە ئىگىلىدى . ئەمدى ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىدىغان ، چۆپقەت تالىشىدىغان ھېچكىم قالمىغانىدى . ئەمما ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قارىشاتتى . كامىلجاننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈنلەرنى ئۇنىڭدىن كۆرەتتى . چۈنكى ، ساقچىلارغا مۇشۇ خەۋەر بەرمىسە باشقىلارنىڭ نېمە ئىشى؟ مەنپەئەت تالىشىدىغانلار بۇ ئىككىسى بولغاندىكىن ، ئەلۋەتتە باشقىلارغا ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىشاتتى . ئىككى قوچقار ئۈسسۈشسە ، بۆرىگە پايدا دېگەن شۇ ئىدى . چېقىمچىلىقنى ئەڭ يامان كۆرىدىغان قاينۇقلۇقلار بىلەن داۋۇت مەيچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇ ئىشتىن كېيىن بارغانچە يىراقلاپ كەتكەنىدى.
    مەيزاپ بازىرىنىڭ قايتىدىن ئۆز ئىلكىگە ئۆتكىنىدىن بىرئاز خۇشال بولغان داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭكىگە كېلىدىغان ئىچەرمەنلەرنىڭ يەنىلا تايىنى يوق ئىدى . ئاشۇ ساقىلىغا تۈكۈرۈپ ، بىر پىيالە ئىچە-ئىچمەيلا ئاللا يارىمنى غىڭشىپ ، سۆزلەپ قالىدىغان بىرنەچچە قېرى ئىچەرمەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كامىلجاننىڭكىدىن كەتمەي يۈرگەن سىدام نوچىلاردىن بىرىمۇ يوق ئىدى.
     — قانداق بولغىنى بۇ؟ — ئۆزىچە جىلە بولۇپ ، يول بىلەن ھويلا ئارىسىدا تەمەدە قاتراپ يۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ بۈگۈنمۇ ئەرۋاھى ئۇچتى . كېلىدىغانلار بارغانچە ئازلاپ بارماقتا ئىدى، — مەن نېمە قىلدىم  بۇ پەسەندىلەرگە؟ كامىلۋايغا قارا تۇتقاندەك ، بىزنىڭ بوسۇغىدىن ھېچبىر ئاتلاي دېمەيدىغۇ؟ ياكى مەن ئۇلارغا مەيزاپنىڭ ئورنىغا ئېشەك سۈيدۈكى قۇيۇپ بەرمىسەم ، شۇنداقمۇ چاندۇرامدۇ كىشى؟ ئىسىت ، ئىسىت ، كامىلجان ، سەن ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ ، ماڭىمۇ قىلدىڭ . ئاخىر بېرىپ ئىككىلىمىز ۋەيران بولامدۇق ئەمدى؟ بىر يېرىم مىڭ كويلۇق مەيزاپنى مەنمۇ چوققا دۆڭدىن ئېقىتىۋېتەيمۇ-ھە؟ بۇ قىپقىزىل زىيانغا كىم ئىگە بولىدۇ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سالايمۇ؟
    داۋۇت مەيچى ئاخىر ھارغىن بەستىنى يەنە شۇ ئۈجمە كۆتىكىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى . ئۇنىڭ چېكىسى قورۇلۇپ ، بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققانىدى . ئۆي ئىچىدىن ھېلىقى قېرى مەستنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
     — دا.. . ۋۇ.. . تۇم ، قې.. . قېنى سىلە...
    داۋۇت مەيچى ئەڭ ئاخىرقى بۇ چۆپقىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇردى ۋە قازناققا كىردى.
     — دا.. . ۋۇتۇم ، مۇشۇنداق.. . مۇشۇنداق.. . ئىچىۋېرىمىزما؟ بۇ مەيزىپىڭ بىزنى نەگە ئاپاردى-ھە؟ ئۇنى ئىچىپ ئەرشى ئەلاغا چىقتۇقمۇ؟ خان ئامبىلى بولدۇقمۇ؟ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئىچىۋېرەمدۇق ئۇكا؟ يۈرەكنى ياشارتىدىغان قىز-پىزلىرىڭ يوقمۇ مۇنداق... — ئېغىزىدىن شالىسى قۇيۇلۇپ ، يۈزلىرىنى ئۆمۈچۈك تور تارتقاندەك تىلىم-تىلىم قورۇق باسقان ، كىيىملىرىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى پەرق ئېتىش تەسكە توختايدىغان ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىچەرمەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
     — ئەستا ، كېرىمكا ، بىر پۇت گۆرگە ساڭگىلىغاندا ، ئېغىزىڭدىكى چىشىڭنى سانىماي قىز غەلۋىسى قىلغىنىڭ نېمىسى؟ — داۋۇت مەيچى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغان بولۇپ گەپنىڭ پەدىسىنى يۆتكىمەكچى بولدى.
     — سە.. . سەن نېمىنى بىلى...ن ، ئادەم مۇشۇنداق قېرىغاندا.. . خۇ.. . خوتۇنغا ئا.. . ئالامەت ئامرا...ق بولىدۇ . قېنى ئۇكا قىز.. . بىر قىز...
     — ھەي كېرىمكا ، بۇنداق چاغدا ساڭا قىز ئەمەس ، ئون ئىككىنى تۇغقان قېيناناممۇ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ ، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ بولغۇچە قوڭۇڭ سالامغا تۇرىدىغان بولۇپ قاپسەن ، پۇتلىرىڭمۇ يۆگىمەچ ئوتتەك يۆگىشىپ تۇرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى شەيتىنىڭنى باس-تە ، مەيزىپىڭنى ئىچ!
     — نېمە ، ماڭا مەيزاپ سا.. . تارىڭدا مېنى قېرى دېمەيسەن ، قىز گېپىنى قىلسام بوۋاڭدەك كۆرۈندۇمما؟ قېنى.. . با.. . يىلا بىرسى لىپپىدە ئۆتۈپ.. . كەت.. . كەندەك قىلدىيا؟ ساقىلىمغا قا.. . قارىماي كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارا ، نېمىنى كۆردۈڭ؟ بىر پارچە ئوت.. . ھە ، بىز قېرىمىدۇق ، قىز ئوينايمىز قىز.. . قوشناڭنىڭكىدە خېلى پەيزى بارلىرىدىن كۆپمىشقۇ؟
    داۋۇت مەيچى چۆچۈپ كەتتى.ئۇ مۇشۇ قېرى جېنىدا كامىلجاننىڭ ئۆيىدىكى ئويۇن-تاماشىلاردىن خەۋەر تاپقىنىنى  بىلدى . مۇشۇ قېرىنىڭمۇ كامىلجاننىڭ ئۆيىدىكى ئويۇن-تاماشىلارغا ئۇسساپ تۇرغىنىنى ئويلىغىنىدا سەپرايى قايتىدىن ئۆرلىدى.
     — ھەممىسى قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ئاشۇ تاماشىلارنىڭ كاساپىتىدىن، — دېدى ئۇ كېرىم بوۋاينىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزۇۋېتىپ، — شۇ قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە كىردى تۈرمىگە!
     — ئوغۇل بالىنىڭ كىرىدىغان يېرى ئۇ، — كېرىم بوۋاي مەيدىسىگە مۇشتلىدى، — مانا بىزمۇ ئاشۇ يەرنىڭ ئون ئىككى يىللىق مېھمىنى! ياشاۋاتىمىز ، ئىچىۋاتىمىز . ئۆلمىدۇق تېخى.. . قىز قېنى؟
     — ئەستا كېرىمكا ، مېنى ھەجەپ تەڭلىككە سېلىۋاتىسەن ، ئەمدى بۇ چاغ بولغاندا مەن ساڭا نەدىن قىز تاپىمەن؟ بۈگۈن بولدى قىل ، ئەتىگىچە...
     — ئەتىگىچە سېنىڭكىگە كەلمىسەممۇ بازاردا تولا گەپ ئۇ . ئاسىيخان شياڭگاڭنىڭ دۇكىنىغا شۇنداق قاراپ قويساق ، بەش ئالتىسى سەپ تارتىدۇ ئۇكا.
    داۋۇت مەيچىنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئاخىر يۈز بەردى . بىر ئىچكى جاراھەت ئۆزلۈكىدىن قانىدى . ئۇ كىشىلەردىن «شەھەرنىڭ بىر چېتىدە ئاسىيخان شياڭگاڭنىڭ دۇكىنى بار ، ئاشۇ يەردە ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان قىز تاپقىلى بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدى . مانا ، ئەتىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر قېرى جېنىدا ئاسىيخان شياڭگاڭنىڭ دۇكىنىنى سېغىنىۋاتىدۇ . بۇ كەمنىڭ ئادەملىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ شارابقا ئېغىز تەگدىمۇ بولدى ، ھەممىسى بىرسى ئۆگىتىپ قويغاندەك قىز جېدىلى قىلىشىدۇ . قارىساڭ ھەممىسى ئۇخلاپ ياتقان شەيتىنىنى ئويغىتالماي ئۆزىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىمات قىلىۋاتقان ، ئەمما ئېغىزىدىن شالىسى ئېقىپ تۇرسىمۇ يەنە سۈيدۈك پۇرىشىدۇ . قانداق جاھان بوپكەتتى بۇ؟
    داۋۇت مەيچى ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ سىرتقا چىقتى ۋە ئايالىنى چاقىردى.
     — ماۋۇ دوزاخ شوتىسى قېرى ھەجەپ چىشىمنى قېرىشتۇرۇۋاتىدۇ . مەن سىرتلارنى بىر ئايلىنىپ كېلەي ، سەن ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ ، مەيزاپتىن تازا ئىچۈرگىن-دە ، كۆكىنى ئوبدان يۇلۇپ يولغا سېلىۋەت . ھېساب قەتئىي نېسى قالمىسۇن.
     — بۇ كەچتە نەگە بېرىپ يۈرىدىلا؟ ياخشىسى ئۆيدە ئولتۇرسىلا ، مەن قورقىمەن...
     — قورققۇدەك نېمە ئىش بار؟ مەن دېگەندەك قىل.
     — ئەمىسە تېزرەك قايتىپ كەلسىلە ، ھايال بولمىسىلا.
     — نېمە ، قېرىغاندا مېنى بىرسى ئۆيىگە ئاشنىچىلاپ سولىۋالامدىكەن؟ ئەلۋەتتە بالدۇرلا قايتىمەن خوتۇن.
    ئۇ ئاستا مېڭىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق يولغا چىقتى . سۈتتەك ئايدىڭ كېچە ، ئىزغىرىن شامال بىر خىلدا شىڭىلداپ تۇراتتى . ئۇ نېمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . خېرىدارسىز قالغان بۇ ئۆي خۇددى مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئىگە-چاقىسىز مومايدەك غېرىبسىنىپ قالغانىدى . ئۆي ئىچىدىن سۇس يېنىپ تۇرغان چىراغ يورۇقى كۆرۈنەتتى . ئاشۇ ئاجىز نۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئۆيدە ھاياتلىققا تەۋە ھېچنەرسە قالمىغاندەك ئىدى.
    ئۇ كۈرەك جۇۋىسىغا ئوبدان چۆمكىنىپ ، بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە مەھەللىنىڭ سىرتىغا تۇتىشىدىغان يالغۇز ئاياغ يولغا چىقتى . بۇقا سۈيدۈكىدەك توپىلىق يول خۇددى قۇملۇققا تاشلانغان چار يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى . دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن تولۇنئاينىڭ سۈتتەك نۇرى ئاشۇ ئەگرى-بۈگرى يولدا ئۇششاق تەڭگە گۈللەرنى ھاسىل قىلىپ ، يولنىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى ئوبدانلا يورۇتۇپ تۇراتتى.
    داۋۇت مەيچىنىڭ نېمىشقىكىن ، بۈگۈن ئوبدان خۇمارى تۇتقانىدى . بىر قاپاق مەيزاپنى ئىچىپ مەست بولۇپ ، تازا قېنىپ بىر يىغلىۋېلىپ ، نەچچە يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان بارلىق كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلىدى . لېكىن ئۇ بۇ كەيپنى يالغۇز قىلىپ كۆنمىگەنىدى . شۇغىنىسى ئۇنىڭ  كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ ، بىللە ئىچىشىپ  بېرىدىغان ئۈلپىتىمۇ يوق ئىدى . ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلدى.شۇڭا ئاياغ سەۋداسىنى كېسىپ ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىپ ، بۇ كېچىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈشنى خالاپ قالغانىدى.
    يىراق-يىراقلاردا ، قارىيىپ كۆرۈنگەن ئورمانزارلىقلار ئارىسىدا سۇس يېنىپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى . كېچە قانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى بۇنداق چىراغ يورۇقلىرى شۇنچە جۇلالىق ، شۇنچە نۇرلۇق بولۇپ كېتەتتى . ئادەمنىڭ سۇنۇق كۆڭلىگە تەسەللى ، قاراڭغۇ دىلىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بۇنداق يورۇقلۇق نەقەدەر سۆيۈملۈك-ھە؟! داۋۇت مەيچى ئاشۇ ئەلەڭگۈپ يېنىپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرىغا يىراقتىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.
     — يالغۇزلۇقۇڭغا ، مىسكىنلىكىڭگە تەسەللى بولالايدىغان ئاشۇ چىراغ يورۇقىدىن باشقا نېمەڭ قالدى ئەمدى داۋۇتۋاي؟ مەيزاپخانا ئاچقىنىڭدىن نېمە پايدا كۆردۈڭ؟ تاپقىنىڭ پاتماللاپ كۆڭۈل زېدىسى . ساڭا بەخت-ئامەتتەك بىلىنگەن بۇ سوداڭ خۇددى قاراڭغۇ جاڭگالدا كۆرۈنگەن ئاۋۇندەكلا بىر تۇيغۇ ، خالاس! سەن ئاشۇ ئالۋۇننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بىرەر ئورامدىن موخۇركا سۇنۇشۇپ ، ئەتىسى-ئاخشىمى گۇڭۇر-مۇڭۇر سوقا سۆھبەتلەرنى قۇرۇپ ، سۇنۇق كۆڭۈللەرگە تەسەللى  بېرىشىدىغان قوشناڭدىنمۇ؛ ئېغىرىڭنى تەڭ كۆتۈرۈپ ، يىغاڭنى بىللە يىغلايدىغان جامائەتتىنمۇ ئايرىلدىڭ . مانا ، كېسەل ئىتتەك ئىنىڭدىن چىقالماي ياتىسەن ، ھالىڭ نېچۈك دەيدىغان ئادىمىڭمۇ يوق ، ئەمدى بۇ جاننى قەيەردە قويۇپ ، بۇلغانغان يۈزۈڭنى نەدە پاكىزلايسەن داۋۇتۇم؟!
    بىردىنلا ئۇنى يىغا تۇتتى . ئۇ ئېچىشىپ تۇرغان يۈرىكىنى قاماللىغىنىچە يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان ئاسمانغا بېقىپ ، خۇددى بۆلتۈرۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئانا بۆرىدەك ھۇۋلىدى . يىغلاپ قاقشىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تولىمۇ ھەسرەتلىك ، تولىمۇ ئازابلىق پۇشايمان ياشلىرى سەلدەك قۇيۇلدى . ئۇنىڭ ئاشۇ ئاھۇ-پەريادىغا چىدىمىغاندەك ، پارلاپ تۇرغان تولۇنئاي ئۆزىنى بىر پارچە قارا بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئاتتى...
    داۋۇت مەيچى كۈرەڭ جۇۋىسىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتتى . مۇزدەك سوغۇق شامال ئۇنىڭ ئوتقا قاقلىغان داپتەك چىڭ ، چۇپۇر باسقان قاتمال كۆكسىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلۇپ ، ئوت كەتكەن يۈرىكىگە ئازراق ئاراملىق بەرگەندەك قىلدى . ئۇ ئېغىزىنى چوڭ ئاچقىنىچە تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ ، ئاشۇ يالغۇز ئاياغ يول بىلەن جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك تېز-تېز مېڭىشقا باشلىدى.
    مەھەللە تەرەپتىن خورازلارنىڭ بەس-بەستە چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
     — ئاۋۇ بوم ئاۋاز، — دەپ ئويلىدى داۋۇت مەيچى ئەتراپتىن كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازلارنى تونۇپ باقماقچى بولغاندەك، — تالىق ئاخۇننىڭ چار خورىزى شۇ ، كاساپەت ، ئۆتكەن يىلقى ئەلنەغمىدە قاسىم مىراپنىڭ مىڭ سوملۇق داڭلىق خورىزىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەنىدى . ھە ، ماۋۇ يىغلىغاندەك چىققىنى مەسۇمخان يوبداننىڭ مىكىجىن خورىزى شۇ ، ھە ، ئۇياقتىن كېلىۋاتقىنى ئابدۇغوپۇر قارىمنىڭ ئالتۇن پەيلىك ئەنجان خورىزى . كاساپەتنىڭ پەيلى يامان ، خۇددى ئىگىسىدەكلا ئادەمنى چوقۇشقا تەييار تۇرىدۇ...
    ئۇ مەھەللە ئاسمىنىدا ياڭرىغان مىڭلارچە خوراز ئۈنىنى بىر ھازا پەرق ئېتىپ كۆردى . ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇ تۇمانلىرىنى تارقىتىۋېتەلمىدى . نېمىلا قىلمىسۇن ، قانداق ئويلىمىسۇن ، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھۇۋۇلداپ تۇرغان بىر مۇدھىش سوغۇقلۇق ، تىكەندەك يالغۇزلۇق ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.