سېنى ئىزلەپ... (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-18 17:50:24

سېنى ئىزلەپ...سەئىد ئەھمەد(ئۆزبېكىستان)شاراپەتكە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيدىن مۇنداقلا چىقىپ كېتىش ئاسانغا چۈشمىدى. ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى كوچىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئاڭقىرغاندەك بولدى. شاراپەت ...

    سېنى ئىزلەپ...

    سەئىد ئەھمەد(ئۆزبېكىستان)

    \

     

    شاراپەتكە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيدىن مۇنداقلا چىقىپ كېتىش ئاسانغا چۈشمىدى. ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى كوچىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئاڭقىرغاندەك بولدى. شاراپەت كوچا ئاخىرىغىچە ئەگىشىپ كەلگەن ئانىسىنىڭ مەيۈس كۆزلىرى، دەرۋازىدا بېشىنى ئېگىپ قاراپ قالغان دادىسىنى ئەسلىدىيۇ، قەدىمى ئاستىلىشىشقا باشلىدى، بىردىنلا ئۆيى، ھويلىسى، ئۆيدىن چىققىنىدا كەينىدە مىياڭلاپ، پۇتلىرىغا سۈركەلگەن مۈشۈكى كۆز ئالدىغا كەلدى. سوزۇلغان رېزىنكە يىپ قولدىن چىقىپلا يەنە جايىغا كېلىپ قالغىنىدەك، پىكىر-خىيالى بىردەمدىلا شۇ ئۆيگە قايتىپ قالدى.

    *******************************

    بىر قانىتى ئوچۇق قالغان دەرۋازىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سۇنىڭ ھەرخىل ئاھاڭدا شىلدىرلىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھۇجرا ئۆينىڭ چوڭ ئويۇلغان دېرىزىسىدىن كىرگەن ئاي شولىسى، كارىۋات ئۈستىنى، چىنە-قاچىلارنى، رويال ئۈستىدىكى ئۇيۇنچۇقلارنى بىرمۇبىر يورۇتۇپ، يەنە بىر دېرىزىدىن سىرتقا چىقىپ كېتەتتى. قادالغان زەر تۈگمىلەردەك، بىردە يېنىپ بىردە ئۆچۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ئاسمان، ئاستا-ئاستا ئاقىرىشقا باشلىدى. شاراپەتنىڭ كۆزلىرى يەنىلا ئۇيقۇدىن بىدار. نەدىدۇر بىر يەرلەردىن ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى، يەنە بىر يەرلەردىن خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بىردەمدىن كېيىنلا يەنە ھەممە يەر سۈكۈتكە چۆمدى. شاراپەت ھامان ئويغان ياتاتتى، توختىماي ئويلىناتتى.

    كېتىش كېرەك! ئاماننىڭ يېنىغا كېتىش كېرەك، مانا مۇشۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارغا تولغان، كۈيۈك دورىسىنىڭ پۇرىقىغا تولغان ئۆيدىن كېتىش كېرەك.

    شاراپەت شۇنى ئويلايتتى، ئويلىغىنىدا پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولىشاتتى. تىترەك سادالىرى، كۆڭۈل دەردلىرىنى ئارزۇ قاناتلىرىدا ئۇچۇرىدىغان، تېخى روياپقا چىقمىغان ئاشۇ ئارزۇلارنىڭ گۇۋاھى بولۇپ بولۇپ تۇراتتى.... ئاھ، تېزرەك تاڭ ئاتسا، دېگەچ تەقەززالىق بىلەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى ئۇ، تاڭ ئاللىقاچان ئاتقان، دەرەخ ئۇچلىرى خۇددى ئالتۇن رەڭ بىلەن ھەللەنگەندەك پارقىرايتتى، ئۇ دىككىدە ئورنىدىن تۇردى-دە، كوچا ئىشىكىگە قاراپ ماڭغىنىدا، دادىسى ئىشىكنى لەڭ ئېچىپ كىردى. بۇ كېچە دادا، ئاپا ھېچقايسىسى ئۇخلىمىغانىدى. قىزىنىڭ قارارىنى، كۆڭلىنى ئەسىر قىلغان، قىز قەلبىگە ئۆي قۇرغان ئاشۇ يىگىتنىڭ، ئاتا مۇھەببىتىدىنمۇ، ئانا مۇھەببىتىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىگە، ئۇلار ئىككىيلەن مانا ئەمدى ئىقرار بولۇشقانىدى. قىز بوسۇغۇدىن ئىكى قەدەم نېرىگە ماڭمايلا، دادىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

    -بېرى كەل، بالام.

    \

    ئاتا سىرتتىكى قىزىنى تىترەك ئاۋازلىرى بىلەن ئاران توختاتتى.

    -مەيلى نەدە بول ئامان بولغىن،-دېدى ئاتا،- سېنى ئېلىپ قېلىشقا ئەمدى ماغدۇرۇم، كۈچ-قۇربىتىم يەتمەيدۇ، تا ھازىرغىچە سېنىڭ قولۇڭدىن يېتىلەپ تۇرۇپ، ساڭا بەخت ئىزلەپ كەلگەنىدۇق، كۆڭۈلگە قولى يەتمىگەن يەر بەختنىمۇ بېرەلمەيدىكەن، ئەمدى ئۆز بەختىڭنى ئۆزۈڭ ئىزلە. مەن پەقەت ساڭا ئىككى نەرسىنى ۋەسىيەت قىلىمەن: بىرى ـــــ مۇھەببەتىم، يەنە بىرى غەزىپىم. مۇھەببەتسىز ئادەم، ئادەمگە دۈشمەن بولىدۇ. قەھرى-غەزىپى يوق ئادەم ياۋغا يەم بولىدۇ. ئەمدى ماڭغىن. يوللۇرۇڭ ئايدىڭ بولسۇن، بالام!

    ئاتا قىزىنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى، شۇنىڭدىن كېيىن شاراپەت يەنە نېمىلەرنىڭ بولغىنىنى سەزمىدى، قانداق قىلىپ ئاپتوبۇسقا چىققىنى، ئاپتوبۇسنىڭ قانداق بولۇپ بۇ جەزىرىگە كەلگىنىنى، ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ، بۇ ساي يولىغا چۈشۈپ ماڭغىنىنىمۇ سەزمىدى، ھېچقايسىسى ئېسىدە يوق ئىدى.

     ئۇ، يۈرىكىدىكى شۇ بىر چاغلاردا، ئامان سالغان چوغنى ئۆچۈرەلمىگەن، ئۆچۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۈتۈن بەدىنىگە تۇتاشتۇرۇۋالغانىدى.. ئەمدى ئۇ ئامان ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆزىدە قارارمۇ؟ ئۇنى كەچۈرەرمۇ؟ قەلبىدە يەنە ئۇنىڭغا جاي بارمىدۇ؟ ئۇنى بۇرۇنقىدەك قەدىرلەرمۇ؟ شاراپەت بۇلار توغرىسىدا ئويلىمىدى. نېمىلا بولسا شۇ ئاماننى بىر كۆرسە، ئاچچىق-ئاچچىق ئەلەملىرىنى سۆزلىۋالسا مەيلى. ئاماننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرسە، ھويلىدىن ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرسە، يىراقتىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىسا شۇ بولدى، كۇپايە. شاراپەت شۇ ئاماننى دەپ، شۇنچە يەردىن چۆل كېزىپ كەلدىغۇ ئاخىر.

    ئامان ئۇنى كەچۈرەرمۇ؟ شاراپەت شۇنداق ئىزتىراپلىق خىياللار بىلەن، كۈيە يېگەندەك ئۇ يەر بۇ يېرىدە گىياھ ئۈنگەن، بۇ قاقاسلىقنىڭ ئۈستىدىكى ئاسماندا ۋىچىرلاپ ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچلارنىڭ ئاۋازىغا مەھلىيا بولۇپ، يانتاقلار ئارىسىدىن ساپ-سېرىق كۆزلىرىنى ئىپادىسىز مۆلدىرلىتىپ تۇرغان توشقانلاردىن ھۈركۈپ، ئاخىرى يېشىللىق بار بۇ «بوستان»غا يېتىپ كەلدى. قاتار ئاق ئۆيلەرنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ، كولخۇز ئىشخانىسىغا كىردى. قازىباي سىرتقا چىقىپ كەتكەن، ئاتاباي تېلىفوندا «بەرمەيمەن، تۈزۈمنى بۇزۇشقا ھەققىم يوق» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. شاراپەت بۇلۇڭدىكى ئورۇندۇقتا مۇنداقلا ئولتۇردى. ئاتاباي تۇرۇپكىنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىدى:

    -سىڭلىم، مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟

    -ئامان ئاكىنى ئىزدەپ كەلگەنىدىم.

    -قايسى ئامان؟ كولخوزدا تۆت ئامان بار، قايسىسى؟

    -ئامان شەرىپوف.

    -ھە... –دېدى ئاتاباي،- شۇ ئامانمىتى؟ ئۇ ئامان چارۋىلارغا قاراۋاتىدۇ، چوڭ يايلاقتا.

    تېلىفون جىرىڭلىدى، ئاتاباي تۇرۇپكىنى ئېلىپ، بىرى بىلەن تازا سۆزلەشتى-دە، تۇرۇپكىنى قويۇپلا ئوقتەك چىقىپ كەتتى. شاراپەت يالغۇز قالدى. ئۇ چوڭ يايلونىڭ نەدىلىكىنى ئاڭلىغانىدى: قىزىلسۇنىڭ نېرىقى تەرىپىدە، ئۇ يەرگە بېرىش ئاسان ئىش ئەمەس، بەك يىراق! شاراپەت بېشىنى ساڭگىلىتىپ سىرتقا چىقتى.

    \

    قۇياش نۇرى كۆزنى چاقاتتى. سوكال تام تۆپىدىكى تېلىۋېزور ئانتىنىسىغا قونغا قۇشلارغا ئىككى بالا چاما ئاتاتتى، يول چېتىدىكى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان لاي سۇدا نەچچە بالا چۆملەۋاتاتتى. شاراپەت بۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. بۇ چاغدا بىر ناتونۇش ئايال شاراپەتنىڭ ئالدىغا كەلدى:

    - چۆل ئېچىشقا كەلدىڭىزمۇ؟

    -ئامان ئاكىنى ئىزلەپ كەلدىم،- دېدى شاراپەت بۇ ئايالغا باشتىن-ئاياغ قاراپ.

    -ھىم، بىزنىڭ بوۋاي دېگەن ھېلىقىقىز سىزكەنسىزدە؟! ئامانجان چارۋىدا، ھېلى سائەت تۆتتە ئۇنىڭ يېنىغا چارۋىلارنىڭ دورىسىنى ئاپىرىش ئۈچۈن تىك ئۇچار ماڭىدۇ، سىز شۇنىڭغا چىقىۋالسىڭىز بولىدۇ، يۈرۈڭ، ھازىر بىردەم ھاردۇقىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ.

    شاراپەت ئۇ ئايالغا ئىتائەتلىك بىلەن ئەگەشتى. ئۇلار شۇنداق ماڭغىنىچە كالخوزنىڭ مېھمانخانىسىغا كەلدى. ئۇ ئايال ئىشىك ئالدىدا ياستۇق قېپى، كۆرپە تاشلىرىنى يۇيۇۋاتقان سېمىز بىر چوكاننىڭ بېقىنىنى چىمدىپ ئۆزىگە قاراتتى.

    -ھەي، بودەك بېرىپ چاي دەملە، بول چاققان

    چوكان بېلەكلىرىدىكى سوپۇن يۇقىنى سىلكىگەنىدى، كۆزلىرىمۇ تەڭ چىمچىقلاپ كەتتى.

    -ئەنە، ساماۋار قايناقلىققۇ، ئۆزۈڭ دەملىسەك بىر يېرىڭ كاملاپ قالامدۇ سېنىڭ!

    -رەئىسنىڭ خوتۇنى بىر نېمە دېگەندىن كېيىن دەررۇ خوپ دېگىن

    سېمىز چوكان قولىدىكى قىسقۇچ بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئىككى ئۆرۈم چېچى سويلاپ تۇرغان يامپىچىغا بىرنى ئۇردى. ئايالمۇ چوكاننى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈشىگە سېمىز چوكان ئۆينىڭ ئارقىسىغا كۈلگنىچە ئۆتۈپ كەتتى. شاراپەت بۇ ئايال بىلەن ئىچىكىرىگە كىردى. مېھمانخانا ئىچى سىزىلغان سۈرەت بىلەن لىق تولغانىدى، ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئىچىدە ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە رەسىم تۇراتتى. ئىككى كارىۋاتنىڭ ئۈسىدىمۇ كىليونكا سېلىنىپ يېيىتىلغان مەنزىرە رەسىمى تۇراتتى. كۆل، ئاق ئۆردەك، قىزىل ئاسمان، يېرىمى كۆك، يېرىمى قىزىل سۇ.

    بۇ رەسىملەرنىڭ سەنئەتتىن مۇتلەق  خەۋىرى يوق بوياقچىنىڭ سىزغىنى شۇنداقلا بىلىنىپ تۇراتتى.

    ھېلىقى ئايال مېھماننىڭ سۈرەتلەرگە قاراپ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىزاھ بېرىشكە باشلىدى.

    -ئاتاباي دېگەن ئوغرىنىڭ قىلغان ئىشى بولمامدۇ، ئەرزان بوياقچىنى ئېلىپ كېلىپ مۇشۇنداق سىزغۇزۇۋالدى بىرمۇنچە، بېشىنى كۆمىدىغاندەك!

    شاراپەت ئۈچۈن بۇ رەسىملەر دادىسىنىڭ قانچە مىڭ سوملاپ سەرپ قىلىپ سىزدۇرغان رەسىملىرىدىن، بۇ ئۆي، قىممەت باھالىق جاھازلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ھۇجرا ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن مىڭ مەرتىۋە ئەلا ئىدى. شاراپەت ئىككى پىيالە چاينى قىززىق-قىززىق ئىچىپ، كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىشىپ قالدى، ئاتاباينىڭ ئايالى ئاستاغىنە پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

    شاراپەت قىزلارنىڭ ناخشا ئاۋازىدىن ئويغاندى. قانچىلىك ئۇخلىدى، قەيەردە يېتىپ قالدى، بۇ مېھرىبان ئادەملەر كىم ئاڭقىرالماي قالدى. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. رادىيودا ئاتاباينىڭ ئايالى سۆزلىمەكتە ئىدى.

    «چارۋىغا چىقىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى دىققەت، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، دەزماللاپ بولغان بولساڭلار، مېھمانخانە كەينىدىكى مەيدانغا ئېلىپ كېلىڭلار! ئاتا باي ئاكا، ئاتاباي ئاكا، تۆت تال باتارىيە ئېلىپ كېلىڭ! ئايشە، ئايشە، ساقال ئالىدىغان تىغ ئېلىپ كەل، چاققان بول! سەلىمە! «قۇتلۇق قان»نى نەدىن بولمىسا تېپىپ كەل! ئاتا باي ئەمىسە ئۇنۇتماڭ!»

    سېمىز چوكان قاچىدا شويلا ئېلىپ كىردى.

    -يولغا چىقىدىغان ئادەم سىز، يەۋېلىڭ

    گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى بۆلدى. ئاتاباينىڭ ئايالى موتوسېكىلىت  بىلەن كەلگەنىدى.

    -يۈرۈڭ، مېھمان ماڭىمىز.

    شاراپەت موتوسېكىتنىڭ ئارقىغا مىنگەشتى. سېمىز چوكان بۇلارنىڭ كەينىدىن قول پۇلاڭلتىپ قالدى. مېھمانخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كەڭ بىر مەيداندا ئون نەچچە ئايال يىغىلىشىپ تۇرۇشاتتى. ھەممىسىنىڭ قولىدا چوڭ-كىچىك بوپىلار بار ئىدى. ئاتا باي تىك ئۇچارنىڭ كەپىنكىسىگە ئارغامچىلار ئارقىلىق تەستە يامىشىپ چىقىپ، ئۇچقۇچىغا نېمىلەرنىدۇر تاپىلىدى. شاراپەت تىك ئۇچارغا چىقتى. بايام ياقى، قۇلىقىنىڭ كەينىدە مۇنچاقتەك مېڭى بار بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئايال، شاراپەتنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى بىلەنلا، يۈگۈرگىنىچە كېلىپ، قولىدىكى تۈگۈنچەكنى شاراپەتكە تۇتقۇزۇپ دېدى: ئامان ئاكامغا سالام دەڭ، ئۆيدىكىلەر، بالىلار تېنچ ئىكەن، دەپ ئېيتىڭ، دەپ نەچچە جېكىلىدى، قولىدىكى بالىمۇ شاراپەتكە قولىنى سوزۇپ:

    -داددا، دادددا،- دەيتتى.

    ئايروپىلان توپا توزىتىپ تىك ھالدا ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى. يەر پەستتە قالدى. قول پۇلاڭلىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ قىزىل، كۆك رەڭلىك ياغلىقلىرى ئاستا-ئاستا كىچىكلىدى ۋە ئاخىرى يوقالدى.

    مۇبادا، مۇشۇ پولات قۇش مۇشۇ تاپتا يەرگە قونغان بولسا، شاراپەت يۈگۈرگىنىچە بېرىپ، ھېلىقى ئايالنىڭ، ئاماننىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئەزگۈ ھېسلىرىغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كۆكسىگە ئىخلاس بىلەن بېشىنى قويغان بولاتتى. تېنىدىكى شۇ ئاماننىڭ پۇرىقىنى قېنىپ-قېنىپ ئىچىگە سۈمۈرەتتى.... ئەمدىلىكتە، ئۇ ئاماننىڭ ئالدىغا نېمە دەپ بارىدۇ؟ ئۇنىڭغا نېمىنى دەيدۇ. ئۇ ھازىرلا ئۆزىنى ئۇزۇتۇپ قالغان چوكاننىڭ يۈزىنى، كۆزىنى ئەسلىدى. نېمىدىگەن بەختلىك ئاياللار-ھە ئۇ!

    يەردە ياشىرىپ-ياشناۋاتقان چۆل سوزۇلۇپ ياتىدۇ. شۇ چۆلدىكى بوستانلىققا جان بېرىۋاتقان ئاياللار، ئۆز يېنىدىن ئۇنىڭغىمۇ جاي بېرەمدىغاندۇ؟ كاشكى ئۇنىڭ پىشانە تەرلىرى مۇشۇ يەردە تۆكۈلگەن بولسا، بېلەكلىرىنى شامال قارىداتقان بولسىچۇ؟!

    ھېلىقى جۇۋاننىڭ كۆكسىدىن كەلگەن شۇنداق بىر نادانى شاراپەت ئاڭلىغاندەك بولدى:

    -قال، مۇشۇ يەرلەردە قال، شاراپەت! بەختىڭ مۇشۇ يەردە! شۇ باغرى كەڭ، ھەربىر گىياھىدىن تارتىپ يانتىغىغىچە سېنىڭ بەختىڭ يۇشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. ئىزدىگىن! ئىزلە! تۈندىكى ئاسماننىڭ ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزىنى كۆرمىگەنىدىڭغۇ؟! چۆلدە ئۇپۇقنى قىزارتىپ چىقىدىغان ئاپتاپقا يۈزۈڭنى تۇتمىغانىدىڭغۇ؟! كۆكتىكى شۇ ھېلى ئاقىرىپ، ھېلى قىزىرىدىغان بۇلۇتلارغا قاراپ شېرىن خىيال سۈرمىگەنىدىڭغۇ؟! قال، قال مۇشۇ يەردە!

    پەستىكى چۆللەر پىرقىرايتتى، كۆپ-كۆك مايسىزارلار ئارىسىدىكى يول شاراپەتنىڭ كۆزىگە ئۇرۇلاتتى، ئاپئاق چوققىلىق تاغلار چۆگلەيتتى... شاراپەت پىچىرلىغاندەك قىلدى: مەن كەلدىم، سېنى ئىزلەپ......

    (ئۆزبېكچىدىن گۈليارە تۇرسۇن ئۆزلەشتۈردى)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سەئىد ئەھمەد ئىزلەپ