سەت ئۆردەك چۆجىسى(ۋەلى داۋۇت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 13:07:26

سەت ئۆردەك بالىسىۋەلى داۋۇت جاھاننى گۇگۇم قاپلىغان بىر ئاخشىمى سەت ئۆردەك بالىسى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قېچىپ چىقتى.ئۇ كېلەڭسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ خۇددى لاي ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ئېغاڭلاپ ناھايىتى ...

    سەت ئۆردەك بالىسى
    ۋەلى داۋۇت

     

       جاھاننى گۇگۇم قاپلىغان بىر ئاخشىمى سەت ئۆردەك بالىسى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قېچىپ چىقتى.
    ئۇ كېلەڭسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ خۇددى لاي ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ئېغاڭلاپ ناھايىتى ئاستا ماڭاتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن يولنى قانداق بېسىش بەرىبىر ئىدى. چۈنكى ئۇ بۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ بارسا كەلمەس يولغا چۈشكەنىدى.
    خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئۇ چوڭ كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا گۇگۇم تۈگەپ جاھاننى سۈتتەك ئايدىڭ يورۇتۇپ تۇراتتى. چەكسىز كەتكەن كۆلدە ھېسابسىز ئاق نۇرلار جىمىرلايتتى.
       ئەمدى ئۇ ئۆز ماكانى بىلەن ئەبەدىيلىك خوشلىشاتتى. ئۇ كۆل بويىدا يوغان بېشىنى ساڭگىلىتىپ، خۇددى قۇرۇپ قالغان بىر دۆۋە ياۋا ئوتتەك ئۇزۇنغىچە قېتىپ تۇردى. ۋەھالەنكى، بۇ ماكان ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە خورلۇق ۋە ئازابتىن باشقا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر ئۇنى تاشلاپ كېتىش شۇنچە قىيىن ئىدى.

       شۇ كۈنى ئاخشىمى سەت ئۆردەك بالىسى كۆلدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە  قاراڭغۇ ئورمانغا كېتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىگە پۈتۈنلەي يات بولغان بۇ جايدا خېيىمخەتەرلەرگە تولغان ئاجايىپ - غارايىپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. قىسما - قىسما ئىقلىم - سىياقتىكىلەر بىلەن دوست تارتىشتى. تۈلكە بىلەن بىر ئىندا ياتقان ھەم ئۇنىڭغا يەم بولغىلى  قىل - قىل قالغان چاغلىرىمۇ بولدى. ئاخىر، ئۇ شۇنى ھېس قىلدىكى، گەرچە بۇ جايدىكى تۇرمۇشى خېيىمخەتەرگە تولغان بولسىمۇ، ساختا بىر خىل رىتىمدىكى ئۆلۈك تۇرمۇشتىن مىڭ ئەۋزەل ئىكەن.

       سەت ئۆردەك بالىسىنىڭ كۈنلىرى قاراڭغۇ ئورماندا سۇدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ ئەزەلدىن مۇشۇ جايدا ياشاپ كېلىۋاتقاندەك، ھېچقاچان يەنە بىر ماكانى بولۇپ باقمىغاندەك ھەممىنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كەتتى.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەت ئۆردەك بالىسى ھېلىقى كۆلنىڭ بويىدا پەيدا بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزاقتىن بېرى بۇ كۆلنىڭ بويىغا ئېزىپ - تېزىپ بولسىمۇ كېلىپ باقمىغانىدى. گويا غايىبتىن بىرى ئۇنى سېھىربەنت قىلىپ بۇ يەرگە تاشلىغاندەك ئەس - ھوشىنى يىغىپ شۇنداق قارىۋىدى، ئۆزىنى كۆل بويىدىلا كۆردى. ئۇ ھاڭ - تاڭ قالدى. كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان سىرلىق مەنزىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى!

       قىرغاقتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر توپ ئۆردەكلەر خىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاق ئۆردەك، كۈل رەڭ ئۆردەك، سەت ھەم چىرايلىق ئۆردەك، ئىشقىلىپ جاھاندا بار ئۆردەك خىللىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئۇلار قىرغاقتا تۇرغان تەنھا سەت ئۆردەك بالىسىنى شۇ ھامان بايقاپ قالدى. ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا قاراپ ئۈزۈپ كېلىشكە باشلىدى.
    
       بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر بالا  ئەدەبىياتتىن باشقا چىقىش يولىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر بالا بىر پارچە ئەسىرىنى كۆتۈرۈپ مەلۇم بىر تەھرىر بۆلۈمىگە قورۇنۇپقىنا كىرىپ كەلدى. تەھرىر ئۇنىڭغا كېيىنچە كېلىپ جاۋاب ئېلىشنى ئېيتتى. شۇ «كېيىنچە»نى ئۇ كۈنلەرنى ئەمەس، سائەتلەرنى ساناپ ئۆتكۈزدى. ئۆز مۆلچەرىدە ئۇ «كېيىنچە»سىنىڭ مۇددىتىنى تۈگىتىپلا تەھرىر بۆلۈمىگە ئۈندى. پېشقەدەم تەھرىر ئۇنىڭغا بىرنەچچە دەقىقە تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى. شۇ دەقىقىلەردە ئۇ خۇددى ئۆز تەقدىر - قىسمىتىگە ھۆكۈم ئېيتىلىدىغاندەك تەرگە چۆمدى.
       - ئۇكام، بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتەلمەيمىز.
       ئۇ تەھرىر بۆلۈمىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى (شۇ چاغدا بىرىنىڭ پەلەمپەيدە ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ بىرنېمىلەرنى دېگىنى ئېسىدە. ئەپسۇس، ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ نېمىلەرگىدۇر غەزەپلىنىۋاتقانلىقى، ئۆزىگە تەسەللى ئېيتىۋاتقىنى ئېسىدە). ئۈرۈمچىنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنگە تولغان كوچىلىرىدا چۆل - جەزىرىلەرگە قوغلانغان ئازغۇن ئەرۋاھتەك نىشانسىز مېڭىپ يۈردى.
     بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتەلمەيمىز!
    ئۇنىڭ يۈزى ئوت بولۇپ ياناتتى. ئۆزى ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى  دەپ قارىغان ئەسىرىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىدىن نومۇس ھېس قىلاتتى.
     بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتەلمەيمىز!
    ئۇ غەزەپتىن تىترەيتتى. قانداقتۇر بىر چېكىدىن ئاشقان ئادالەتسىزلىكنى ھېس قىلاتتى. ھەممىگە، جۈملىدىن ئۆز ئەسىرىگىمۇ لەنەت ئوقۇغۇسى كېلەتتى.
    شۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي كېيىن ئۇ باشقا بىر تەھرىر بۆلۈمىدە پەيدا بولدى. بۇ قېتىم ئۇ يەنە بىر پارچە ئەسىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنىدى. كېيىنچە كېلىپ جاۋاب ئېلىش ئېيتىلدى. ئۇ يەنە شۇنداق تەقەززارلىق  بىلەن كۈتۈپ «كېيىنچە»دىن كېيىن كېلىۋىدى، يەنە شۇ جاۋاب ئېيتىلدى. ئۇ يەنە كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ ناھايىتى سوغۇق قارشى ئېلىندى. گەرچە «بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتەلمەيمىز» دېيىلمىگەن بولسىمۇ، شۇنداقراق بىر جاۋابنى ئېلىپ قايتتى.
    ... ئۇ ئۆندەرىگەندەك ناھايىتى سەھەر ئويغىنىپ كەتتى. سىرتتا گۇگۇم تېخى تارىمىغانىدى. ئۆزىدە قانداقتۇر بىر غەلىتىلىكنى ھېس قىلدى. قاچانلاردا قانداقتۇر بىر مۇھىم نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، ئۇنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تېپىۋالمىسا زادىلا بولمايدىغاندەك ئىدى. كىچىككىنە ھۇجرىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بىر - بىر سەپسالدى. بۇلۇڭدىكى سىرلانمىغان ئاددىي كىتاب جاۋىنىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب جاۋىنىنىڭ  ئالدىغا كەلدى. كىتابلارنى بىرلىك توپا باسقانىدى. ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ خېلى ئۇزاققىچە ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن كىتاب جاۋىنى ئۈستىدىكى كىچىككىنە يېشىل ساندۇقنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە قويدى. ساندۇق قۇلۇپلاقلىق بولۇپ ئاچقۇچى ئاللىبۇرۇنلا يۈتكەنىدى. ئۇ ئاللىقانداق بىر تۆمۈر پارچىسىنى تېپىپ كېلىپ قۇلۇپنى قايرىپ ئاچتى. تىترىگەن  قوللىرى بىلەن ساندۇق ئىچىدىن پۇرلىشىپ، سارغىيىپ كەتكەن بىر تۇتام قەغەزنى ئېلىپ چىقتى.
       بۇ ھېلىقى ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ ئورىگىنالى ئىدى.
      ئۇ ئورىگىناللارنى شىرە ئۈستىگە يېيىپ قويۇپ تۇرۇپ كەتتى. كۆڭلىدە ھېسابلاپ بېقىۋىدى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەھرىر بۆلۈمىدىن قايتىپ چىققاندىن بېرى قولىغا قەلەم ئېلىش تۈگۈل، بىرەر پارچە كىتابنى ۋاراقلاپ باقمىغىلىمۇ توپتوغرا تۆت يىل بوپتۇ. تاماق يەۋاتقاندىمۇ، ھاجەتخانىغا كىرگەندىمۇ قولىدىن كىتابنى چۈشۈرمەيدىغان، ئۆز ۋاقتىدا ئەدەبىياتتىن باشقا چىقىش يولىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر بالىنىڭ قولىغا بىرەر پارچە كىتابمۇ ئېلىپ باقمىغىنىغا توپتوغرا تۆت يىل بوپتۇ!
    ئەييۇھانناس! نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن تۆت يىل بۇ. ئۇنىڭ چېكىسىدىن تەر چىقىپ كەتتى. مەستلىك ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان بىر غاپىل تورۇستىكى شامالدۇرغۇچنى كۆرۈپ «ئاھ! تەڭرىم، نېمىدېگەن تېز ماڭىدىغان سائەت بۇ» دەپ ۋارقىراپ تاشلىغانىكەن. ئۇ خۇددى شۇنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالدى.
    ئۇ بىردىنلا سىرلىق بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھودۇقۇپ - تەمتىرەپ يۈرۈپ قەلەم، قەغەزلەرنى تەييار قىلدى. كىيىملىرىنى كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ يېرىم يالىڭاچ ئولتۇرۇپ ئورىگىنالنى ئاققا كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
    
    شۇ كۈنكى سەھەردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، مانا ئالاھەزەل ئون يىل ئۆتۈپتۇ. ئون يىلدىن بېرى گەرچە «مول  ھوسۇللۇق» دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئون نەچچە پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىندى. ئەسەرلىرىگە ياخشى باھالار بېرىلدى. باشقىلار ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان ھېلىقى ئىككى پارچە «نەرسە»سىنىڭ بىرى، «7 - قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە بىرى، كىتابخانلار ئارىسىدا تەسىر قوزغىدى دېگۈچىلىكى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۆزىگە يارىشا ئۇتۇق قازاندى. ئوبزور يېزىلىپ خېلىلا يۇقىرى تەرىپلەرگە نائىل بولدى. بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر نوپۇزلۇق ژۇرنالدا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.
    ئۇ شۇنى تونۇپ يەتتىكى، سەت ئۆردەك بالىسى چۆچەكتە ئېيتىلغىنىدەك بىردىنلا چىرايلىق ئۆردەككە ئايلىنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنچە سەتمۇ ئەمەس ئىكەن.
    ، ئۇ ئۆزىگە، شۇنداقلا ئۆزىدەك قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن سەت ئۆردەك بالىلىرىغا ۋاكالىتەن چىن قەلبىدىن شۇنى دېگۈسى بار:
    ھەي سەت ئۆردەك بالىلىرى سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئاققۇ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ باقتىڭلارمۇ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەلى داۋۇت