نەزەرىڭىز «نەۋايى خەزىنىسى»دە بولسۇن

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-06 20:59:21

نەزەرىڭىز «نەۋايى خەزىنىسى»دە بولسۇنساداقەتجان ھاجىپۈتۈن تۇرك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى...



    نەزەرىڭىز «نەۋايى خەزىنىسى»دە بولسۇن


    ساداقەتجان ھاجى


    پۈتۈن تۇرك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ 570 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپ، تۇرك دۇنياسى بويلاپ تۈرلۈك تەنتەنىلىك ئەنجۈمەنلەر ئۆتكۈزۈلدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى.
    نەۋايى روھىغا بولغان ئىخلاسىم، ئەسەرلىرىگە بولغان ئىشتىياقىم سەۋەپلىك، ئۇزۇندىن بېرى «نەۋايى ئۈچۈن نەۋا قىلىش» ئارزۇيۇم بار ئىدى. بۈگۈن ئاخىرى بۇ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»نى قۇرۇپ چىقتىم.
    «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»دا ھازىرچە تۆۋەندىكى بەش سەھىپە تەسىس قىلىندى.
    (1) نەۋايى ئەسەرلىرى:
    (2) نەۋايى تەتقىقاتى:
    (3) نەۋايى ھاياتىدىن ھىكايەتلەر:
    (4) نەۋايى نەۋاسىدىن ئىلھاملار:
    بۇ سەھىپىگە نەۋايى غەزەللىرىگە باغلانغان تەخمىسلەر ۋە تەجنىسلەر ئىلان قىلىنىدۇ.
    (5) نەۋايى يادىمىزدا:
    بۇ سەھىپىگە نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر-ئۇچۇرلار، نەۋايىغا بېغىشلانغان قەسىدەلەر يوللىنىدۇ.

    ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، «نەۋايى خەزىنىسى»نى قۇرۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇنى جاۋاھىراتلار بىلەن تولدۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. قولۇمدا ئىككى-ئۈچ يىل بۇرۇن «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى» ئۈچۈن تەييارلىغان نەۋايى غەزەللىرىدىن ئورنەكلەر ۋە نەۋايى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئەسەرلەر بار. لىكىن بۇ ئازغىنە ئەسەرلەر بىلەنلا «نەۋايى خەزىنىسى»نىڭ نەۋاسىنى ئالەمگە نامايىش قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»غا نەزەر سېلىپ، مېنى نەۋايىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە-ئەسەرلەر ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشىنى، ئۆزى يازغان، تەرجىمە قىلغان، تەييارلىغان ماقالە-ئەسەرلىرى بولسا، «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»دا ئىلان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلۋەتتە، «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»دا ئىلان قىلىنغان ھەرقانداق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، تەرجىمانى، تەييارلىغۇچىسى، نەشر ۋە تور مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ.
    تورداشلاردىن ئۆزى يازغان، تەرجىمە قىلغان، تەييارلىغان ماقالە-ئەسەرلىرىنى «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»دا ئىلان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىدىغانلار، ماقالە-ئەسەرلىرى توردا بولسا، تور مەنزىلىنى مۇشۇ تىمىغا ياكى بلوگىمغا قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

    «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى» مەنزىلى:
    http://newayi-570.blogbus.com/

    ئەگەر توردا ئەمەس، بەلكى ئۆز كومپىيوتىرىدا ساقلانغان بولسا، ئىلخەت مەنزىلىمگە ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ.

    ئىلخەت مەنزىلىم:
    ketmenbay@gmail.com


    نەۋايىنىڭ تىخىمۇ ئۇزۇن ياشىشىنى، «تۈمەنمىڭ يىللار» ياشىشىنى ئۈمىت قىلىپ، ھۆرمەت بىلەن: كەتمەنباي.


    2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى. قەشقەر

    ★★★★★★★
    http://newayi-570.blogbus.com/logs/171421009.html
    ★★★★★★★

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.