نىكاھ مەنزىلى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 16:10:23

بىر قىزچاق بىلەن بىر يىگىت رىسقى قوشۇلۇپ توي قىپتۇ. يىگىت بولسا تاماقنى ئاچچىقراق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. قىزچاق بولسا ئاچچىقنى پەقەتلا يېيەلمەيدىكەن.قىزچاق بىر كۈنى ئۆز ئاتا-ئ...

    نىكاھ مەنزىلى
     

    بىر قىزچاق بىلەن بىر يىگىت رىسقى قوشۇلۇپ توي قىپتۇ. يىگىت بولسا تاماقنى ئاچچىقراق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. قىزچاق بولسا ئاچچىقنى پەقەتلا يېيەلمەيدىكەن.

    قىزچاق بىر كۈنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تاماقتا بولۇپ قاپتۇ. قارىسا تاماق ئاپىسىنىڭ تامىقى سەل تۇزلۇق بولۇپ قالغان، قىزچاقنىڭ يېگۈسى كەلمەي ئولتۇرۇپ قارىغۇدەك بولسا، دادىسى ئاپىسى قورىغان تۇزلۇق سەينى پىيالىدىكى سۇدا چايقاپ يەۋاتقانىكەن، قىزچاق بۇنىڭغا قاراپ بىرنېمىلەرنى ھېس قىلغاندەك بوپتۇ.

    ئىككىنچى كۈنى قىزچاق ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تازا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپتۇ، ئەلۋەتتە ھەربىر سەينى يولدىشى ياخشى كۆرىدىغان تەمدە ئاچچىق قىلىپ قورۇپتۇ. تاماق ۋاقتىدا بۇلارنىڭ ئۈستىلىدە سۇ قۇيۇلغان بىر دانە چىنە ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ. يىگىت قىزچاقنىڭ سەيلەرنى سۇغا چىلاپ چايقاپ تازا مەززە قىلىپ يېگىنىگە قاراپ كۆزلىرى نەملىشىپتۇ.

    كېيىن يىگىتمۇ قىزچاقتىن تاماق قىلىشنى ئۆگىنىۋاپتۇ، شۇنداقلا ھەر قېتىملىق تامىقىدا لازىنى تولىمۇ تولىمۇ ئاز ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە بىر دانە لازى قىيامى بوتۇلكىسى كۆپىيىپتۇ. يىگىت ھەربىر چوكىسىدا قىيامدىن بىر چوكا ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ تازا ھوزۇرلىنىپ تاماق يەيدىكەن.

    قارشى تەرەپكە بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن بۇ ئىككىلىسى تاماق ئۈستىلىدىن سۇ قۇيۇلغان چىنە بىلەن لازا قىيامىنى پەقەتلا ئايرىماپتۇ. شۇ ئىككى نەرسە بىلەن بۇ مۇقەددەس نىكاھىنى مەڭگۈلۈك قىلىشنى ئۇنۇتماپتۇ.

     

    نىكاھ ئەرگە تېگىش ۋە بىر ئايال ئېلىشتەكلا ئاددىي ئىش ئەمەس. ئۇنىڭمۇنداق ئۈچ مەنزىلى بولىدۇ:

    بىرىنچى مەنزىلى: ئۆزى سۆيىدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىش؛

    ئىككىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ۋە شۇ ئادەمنىڭ بارلىق مىجەز-خاراكتېرى بىلەن توي قىلىش؛

    ئۈچىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ۋە ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ بارلىق ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن توي قىلىش؛

     

    نىكاھنىڭ بىرىنچى مەنزىلىدە تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى نىسبەتەن مۇستەھكەم، ئىككىنچى مەنزىلىدە تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى بىر قەدەر مۇستەھكەم، ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى خېلىلا مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇلاردىن ئاجرىشىدىغانلىرى تولىمۇ، تولىمۇ ئاز چىقىدۇ.

    دۇنيادىكى شۇ چاچلىرى ئاقارغان بىر جۈپ قەدىردانلار بۇ ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم توي قىلغان بولىدۇ.

    بىرىنچى قېتىم: مەرىكە زاللىرىدا ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئۆزى سۆيگەن ئادەم بىلەن توي قىلىدۇ.

    ئىككىنچى قېتىم: ئىككى ياش نەچچە يىللىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە قارشى تەرەپنىڭ مىجەز-خاراكتېرلىرى، بېلىق ئادەتلىرى بىلەن توي قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى  قېتىم: كۆپچىلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بارلىق تۇغقان-يېقىنلىرى بىلەن توي قىلىدۇ.

    ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق تويدا بىرىنچى قېتىملىقىغا  قارىغاندا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ. بىرىنچى قېتىملىقتەك قىزغىن تەبرىكلەشلەر، كاتتا مۇراسىملار، ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بولمايدۇ، پەقەت بىر-بىرىنى جىمجىت چۈشىنىپ ماسلىشىشلا بولىدۇ.

    ھەقىقىي نىكاھمۇ ئادەتتە كەينىدىكى ئىككى قېتىملىق نىكاھتا بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز توي قىلىپ نەچچە يىل بولا-بولمايلا ئاجرىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ نىكاھ مەنزىلى بىرىنچى قەدەمدىلا توختاپ قېلىپ، ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ كىرىلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

    ھەممىمىزگە مەلۇم قايناپ تۇرغان قىززىق سۇ مىكروپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. نىكاھتىكى قىزغىن  مۇھەببەتمۇ قايناق سۇغا ئوخشاش قارشە تەرپتىكى كەمچىلىكلەرنى ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى يوقىتالايدۇ.

    ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا بىر-بىرىسىگە ئاق ئاتلىق شاھزادە ۋە مۇلايىم پەرىزات كەبى مەلىكىدەك كۆرۈنگەن شۇ بىر جۈپلەر، نىكاھتىن ئىبارەت ئىلمان سۇدەك تۇرمۇشقا چۈشكەندە، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېىشكەن ۋېرۇسقا ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ ھەرقايسى يېتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا سىز چوقۇم نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم بېسىڭىز كېرەك. يەنى قارشى تەرەپنىڭ بارلىق خاراكتېرى، ئادەتلىرى بىلەن توي قىلىشىڭىز كېرەك، ئېسىڭىزدە  بولسۇن، گۈلنىڭ يىلتىزىنى چىڭ بوغۇۋالساق، گۈل ھامان ئۆلىدۇ.

    ئەسلىدىلا شۇنچە مېھرىبان ئۆتۈۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ «ئاجرىشىش»نى ئېغىزغا ئېلىشى يوق دېيەرلىك. چۈنكى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلار بىربىرسىدىكى ھەرقانداق يېتەرسىزلىكنى قۇبۇل قىلىپ بولغان بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغانلارمۇ  بولىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتىكى نىكاھ ئەڭ شېرىن ۋە ئەڭ ئىللىقتۇر. بۇ خىلدىكى نىكاھ مەنزىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى: كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆز-ئارا تولۇقلاشتۇر.

     

    ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، نىكاھتىكى ئىللىقلىق ھەرگىزمۇ نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مۇستەھكەم نىكاھ چوقۇم ئۈچىنچى قېتىملىق مەنزىلگە قەدەم بېسىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق مۇناسىۋەتلىرى بىلەن توي قىلىش.

    يەنى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كېڭەيتىشىڭىز ھەم شۇ مۇھەببەت مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە نىكاھنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىڭىز: سىزنىڭ ئۇ ھەمرايىڭىز پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق بولماستىن، ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەنە شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك. نىكاھ تۇرمۇشى مۇشۇ مەنزىلگە كېلىپ بولغاندا شۇنچىلىك مۇستەھكەم بولىدۇكى، ئۇلارنى ئايرىش تەڭرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولۇپ قالىدۇ.

    مۇھەببەت دۇنياسىدا، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر نىكاھنى بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشلا دەپ خاتا ئويلاپ قېلىپ، ئايالىنىڭ ئارزۇسى، ئايالىنىڭ كەينىدىكى ئائىلىگە سەل قاراپ قالىدۇ.

    نۇرغۇنلىغان ئايالللارمۇ نىكاھنى بىر ئەرگە تېگىش دەپلا خاتا چۈشىنىۋېلىپ، ئەرنىڭ بارلىق ئادەتلىرى ۋە ئەرنىڭ كەينىدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەرگە سەل قارايدۇ. چۈشىنىش، بىلىش جەھەتتىكى مۇشۇنداق سەل قاراش، خاتا ئۇقۇملار بىزنىڭ نۇرغۇن نىكاھلارنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىشىمىزگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

    ئاخىرىدا، ھەر ئاشىقنىڭ ئۆز بەختىنى شەخسىيەتسىز ھالدا تېپىۋېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

    (گۈليارە تۇرسۇن يازمىسى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈليارە نىكاھ