ئانا، مەن مۇكاپات ئالدىم

يوللىغۇچى : kalbinur يوللىغان ۋاقىت : 2014-10-18 11:16:11

«ئانا ،ئوغلىڭىز يارامسىز ، ئوغلىڭىز سىزنى ئالدىدى ....» كۆزلىرىمدىن يەنە ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى ...

                                               ئانا،  مەن مۇكاپات ئالدىم
                                                          (ھىكايە)

                                                  زۇلقەر  ھۈسەيىن شەرارى
    -بالام ، ياخشى ئوقىغىن ، ئۆيدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرىمىگىن  ....
    ھەر قېتىم ئۆيگە تېلىغۇن قىلغىنىمدا ئانامنىڭ چوقۇم دەيدىغان مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ئۇدۇل بېرىپ يۈرۈكۈمگە  تېگەتتى .
     -ماقۇل ،ئانا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن .
    ئانام مېنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقىيالىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى ، ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمان كەلسە مېنى  ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى ، دېمىسىمۇ بىزنىڭكىدەك  بىر يېزىدىن ،مەندەك بىر دېھقاننىڭ بالىسىنىڭ بۇ چوڭ شەھەرلەرگە كېلىپ ئوقىيالىشى راستلا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ جان سانى جىق ، كىرىمىمىز بەكلا ئاز ،شۇ سەۋەپلىك يۇقىرىلاپ ئوقىيالىغان پەقەت مەنلا بار ئىدىم ، ماڭا بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرگىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ ، ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم، لېكىن ئانام مېنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەردىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغىنىمنىلا بىلىدۇ ،ئەلۋەتتە  ئانامدىمۇ ئەيىپ يوق ، جاپاكەش ئانام ئۆمۈر بويى بالىلىرىنىڭ غېمىدە ، قانداق قىلىپ بالىلىرىنى ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش غېمىدىلا يۈرۈپ ، خەنزۇچە دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئانامنىڭ مەكتىپىمنى ئۇنداق ئېنىق بىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق  ئىدى  .
    ئىچكىرىدە ئوقىغان بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپتىمەن ،ئاڭلاپتىمەن ، بۇرۇن ناھىيە بازىرىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان مەندەك سەھرالىق ئۈچۈن بەزى ئىشلار ئالامەت تۇيۇلغان ، يەنە بەزى ئىشلار مېنى بەك سەسكىندۈرگەن ، لېكىن باشقا «شەھەرلىك » ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇنداق ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشقا ئىنتايىن «سوغۇققانلىق »بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ، توۋا دەيمەن ،كۆز ئالدىدا بىر ئۇيغۇر قىزى باشقا بىرى ياكى باشقا ئېرقتىكى بىرى بىلەن ئېسىلىشىپ ماڭسىمۇ قىلچە پىسەنت قىلماي كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن ، ئۇلار قانداق شۇنداق قىلالايدىغاندۇ ھە ... مەنغۇ قىلچە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالىدىكەنمەن ، ھېلىمۇ ئىسىمدە ، ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ، يۇقىرى يىلىقتىكى بىر «ئاكاش » (ئۇنى ئاكاش دىيىشكىمۇ تىلىم بارمايدۇ ) نىڭ بىر چەت ئەللىك قىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي بېرىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن يەتكۈدەك تاياق يىگەن ۋە شۇندىن كېيىن مەكتەپ بويىچە داڭقى چىققان «سەھرالىق گومۇش »قا ئايلانغانىدىم. بۇ ئىشلارغىمۇ ھەش - پەش دىگۈچە نەچچە يىللار بۇلۇپ قاپتۇ. مەنمۇ تۆتىنچى يىللىققا چىقىپ قاپتىمەن ، لېكىن ھازىرغىچە شۇنداقلارنى كۆرسەم يەنە «سەھرالىق »لىقلىقىمنى چاندۇرۇپ قايناپ قالىدىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتىكى «شەھەرلىك» لەرمۇ مېنى پەقەتلا ئارىغا ئالماس بۇلۇپ كەتكەنىدى ... بۇ ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىپ كېتىدۇ  .
    مېنىڭ ئىچىمنى ھەممىدىن بەك ئاچچىق قىلىدىغىنى ئىچكىرىدە  ئوقۇغان بۇ نەچچە يىلدا ئانامنى رەسمىي خۇش قىلغۇدەك بىرەر نەتىجىگە يەنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا  ئېرىشىپ باقماپتىمەن... تىرىشمىدىم ئەمەس تىرىشتىم ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم ، لېكىن يەنىلا ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىدىم ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بويىچە ھەربىر پەندىكى نەتىجىسى 90 دىن يۇقىرى بولغانلارلا  ئوقۇش مۇكاپاتىگە ئېرىشەلەيتتى  ، مەن بىر يېزىدىن كەلگەن سەھرالىق ، ئالىي مەكتەپكە چىققۇچە ئېنگىلىزتىلى دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان ، خەنزۇ تىلى سەۋىيەممۇ ئارانلا ئىدى ،ئالىي مەكتەپكە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئانامغا ۋە ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدەم بويىچە قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇدۇم ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشتىم ، بىر ياقتىن خەنزۇ تىلى ، بىر ياقتىن ئېنگىلىزتىلى ، يەنە بىر ياقتىن كەسپى دەرسلەر ، شۇڭا مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ  كىچىكىدىن ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگەن ،شۇنداقلا ھەممە دەرىسلەرنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىدىم ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ دەرسلەر ئويۇننىڭ ئورنىدا ئىدى ، ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ كىتاپ كۆرىدىغانمۇ ، ئەڭ ئاز ئۇخلايدىغانمۇ مەن ئىدىم ، بىراق مېنىڭ نەتىجەم يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارقىدا ياكى تەڭ دىيەرلىك ئىدى ، شۇنداقتىمۇ بوش قويۇۋەتمىدىم ، جان جەھلىم بىلەن تىرىشتىم ،جاھىللىق بىلەن شۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم  ... بىراق ...بىراق ...يەنىلا بەزى ئىمتىھاندا نەتىجەم يۇقىرى بولمىغاچ  ، ئوقۇش مۇكاپاتىنى يەنە قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇم ، قانداق قىلىمەن ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان بولسىغۇ  ،يۈز دېگەننى قاتۇرىۋېتەتتىمكەن ...  
    ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىساممىغۇ مەيلىدى ، بىراق ئانام، ئەشۇ جاپاكەش ئانام نەزەر دائىرىسى ،بىلىمى ئۇنچە كەڭرى بولمىغان قەدىردان ئانام ، مەن كىچىكىمدىن ھەر مەۋسۈمدە  ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇغاچقا   مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمنى  ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق باھالاپ كۆنۈپ قالغانىدى ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى مەۋسۈمدە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم ، يەنى بىر دەپتەر مۇكاپات ئالدىم ، ئۇ كۈنى ئۆيگە قايتتىپ بۇنى ئانامغا كۆرسەتكىنىمدە خۇشاللىقتىن مېنىڭ پىشانەمگە سۆيۈپ كۆزلىرىگە ياش كېلىپ كەتكەنىدى ، شۇلارنى ئويلىسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا  ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ باقماي ئانامغا پەقەت يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ،بولۇپمۇ بىر قېتىم تەتىلدە قايتقىنىمدا ئانامنىڭ  :
      - بالام سىلەنىڭ مەختىۋېڭلاردا ئوقۇش مۇكاپاتى تاقاتمايدىكەن -ھە ؟! - دىگەن بىر ئېغىز گېپى يۈرۈكۈمگە «ۋاسسىدە» سانجىلغانىدى ، شۇ تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئوقۇش مۇكاپاتىغا چوقۇم  ئېرىشىپ جاپاكەش ئانامنى بىر خۇش قىلىپ قويۇش ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىم ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالاي دىسەم ،يەنە شۇ 90دىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش دىگەن ...بىر گەپ ، بىراق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىسام ، ئانامنىڭ ئۈمىدى ...  
     ئۆيىمىزنىڭ شارائىتى ناچار بولغاچ ، ئانام ماڭا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتىپ بېرەلمەيتتى، مەن ھەرئايدا مەكتەپتىن بېرىدىغان ئازغىنە ياردەم  پۇلى بىلەن كۈنۈمنى ئۆتكۈزەتتىم، ئويلاپ - ئويلاپ باشقا ئامال تاپالمىدىم ، شۇڭا ئامالسىز شۇ كۈندىن باشلاپ ئەشۇ ئازغىنە ياردەم پۇلىنىمۇ قىسىپ خەجلەپ ،كۆپرەك ۋاقىتلاردا ياتاقتا موما يەپ تاماق پۇلۇمنى تىجەشكە  باشلىدىم  ، شۇ بىر مەۋسۇم شۇنداق ئۆتتۈم ،ئەزەلدىنلىغۇ ئۇنداق يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى دىگەندەك سورۇنلارغا پەقەت بارمايتتىم ، بۇ مەۋسۈمدە ئاشخانىغىمۇ كەمدىن كەم چىقىدىغان بولۇپ كەتتىم ، مەكتەپتە مەندىن باشقا ياردەم پۇلى ئالىدىغان يەنە بىرنەچچەيلەن بار ئىدى ،  ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى شۇنداق ياخشى ، شۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ يولى بىلەن نامراتلىق ئىسپاتى يازغۇزۇپ كەلگەنلەر ئىدى، ئۇلارنىڭ پۇلنى بۇزۇپ - چېچىشلىرىغا، قالايمىغان خەجلەشلىرىگە قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولاتتى ، تورخانا ، كېچىلىك كۇلۇب ،باشقا ئېرقتىكى «دوستلىرى»غا غەجلىنىپ كېتىۋاتقان پۇللارغا قاراپ كۆزۈمگە ياش كېلەتتى ، بىراق نېمە قىلالايتتىم ، مەكتەپتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مەن ئاللىقاچان «گومۇش »«ساراڭ »چىقىرىۋېتىلگەن تۇرسام ، ئۇلارغا گەپ قىلغۇدەك سالاھىتىم بارمىدى ؟
    ئىشقىلىپ بۇ بىر مەۋسۈم شۇنچىلىك تەستە ئۆتتىكى ،نامراتلىق دەھشەت بىلىنىپ كەتتى،شۇنىڭدىمۇ چىداپ يۈرۈپ بەش يۈز يۈەن پۇل يىغالىدىم ، بىر مەۋسۈم تۈزۈك بىر تاماق يېمەي ، تۈزۈك كىيىم كىيمەي تەستە يىققان پۇلۇم ئاران بەش يۈز يۈەن بولدى ، بۇ مېنىڭ ئىككى ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇم ،لېكىن ھېلىقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىر ئىككى ئاخشاملىق تاماشسىغىمۇ يەتمەيدۇ ...
    تەتىلدە قايتىپ پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم :
       - ئانا ، مەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئاپتىمەن ،- ئانامنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېتىلىپ چىقتى ، ئۇ مېنى قۇچاقلاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يىغلىدى،مېنىڭ كۆزۈمىدىنمۇ ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى .
       -بالام ، بىزنىڭ ئۈمۈدىمىزنى ئاقلىدىڭ ، رەھمەت بالام رەھمەت ،- بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاغرىيتتى ،
       - ئانا ....مەن ... ، - ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم .
    شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئانام تېخىمۇ روھلۇق بۇلۇپ كەتتى ، «بالام كۇلىدىكى مەكتىۋىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاپتۇ »دەيتتى ئۇ خوشنىلارغا ، كۆزلىرىدىن ، چىرايدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى .
    «ئانا ،ئوغلىڭىز يارامسىز ، ئوغلىڭىز سىزنى ئالدىدى ....» كۆزلىرىمدىن يەنە ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى ...

    شەھىرى شىئەن2009.4.20  
    مەنبەسى:http://xarari.blogbus.com/logs/53932136.html
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا مۇكاپات