باھار

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-01 00:00:00

باھار(مەمتىمىن ھوشۇر)بۇ يېزىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە يوغان ئىككى تۈپ تېرەك بار ئىدى . كىشىلەر : «ئاشۇ تۆپىلىككە باھارنىڭ قەدىمى چاپسان يېتىدۇ » دىيىشەتتى . تەبىئەت ئىللىشى بىلەنلا تۆپىلىكت...

    باھار

    (مەمتىمىن ھوشۇر)

     

    بۇ يېزىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە يوغان ئىككى تۈپ تېرەك بار ئىدى . كىشىلەر : «ئاشۇ تۆپىلىككە باھارنىڭ قەدىمى چاپسان يېتىدۇ » دىيىشەتتى . تەبىئەت ئىللىشى بىلەنلا تۆپىلىكتىن قار ئەڭ بۇرۇن كېتەتتى ، دۆڭنىڭ  تۆۋىنىدىكى ئېرىق بويلىرىدا يېشىل مايسىلار باش كۆتۈرۈپ ، سېرىقچېىچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىشاتتى .

    قايسى زامانلاردا ، كىمنىڭ ياساپ قويغانلىقى نامەلۇم ، ھېلىقى قوشماق تېرەكنىڭ ئوتتۇرسىدا تېرەكنىڭ يېنىنى يوناپلا ئورنۇتۇپ قويغان بىر ياغاچ ئورۇندۇق بار ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئورۇندۇق تېرەكلەرگە قوشۇلۇپ ، مۇستەھكەم بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەنىدى .

    ئاشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، باھار مەنزىرىسىدىن پەيزى ئالماق بولۇپ تۆپىلىككە چىقتىم . لىكىن ، ئۇرۇندۇق بوش ئەمەس ئىدى . ئۇ يەردە بىر بوۋاي ئولتۇراتتى . ئۇ قولىدىكى ھاسىسىنىڭ تۇتقۇچىغا مەيدىسىنى تىرەپ ، كۆزلىرىنى قىسىپ ، يىراقلارغا تىكىلگىنىچە خىياللارغا كەتكەن ئىدى . يىللارنىڭ مۇشەققىتىدىن قامىتى پۈكۈلگەن ، پېشانىسىگە چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن ، ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بۇ بوۋاينىڭ يېشى سەكسەندىمۇ ، توقساندىمۇ ياكى ئۇ تولۇق بىر ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدىمۇ  ؟  بۇنى پەرەز قىلماق تەس ئىدى.

    بوۋاينىڭ دېققىتىنى بۇراش ئۈچۈن «ئۆھۈ» دەپ يۆتەلدىم –دە ، سالام بەردىم .

    -بىرىنى كۈتۈۋاتامدىلا ، دېدىڭما ؟ - دېدى بوۋاي بۇرۇلۇپ قاراپ ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئېغىرمىكىن ، جاۋابىمنى كۈتمەيلا سۆزلەپ كەتتى ،- قايغۇرۇپ ، خۇشال بولۇپ مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن . ئەمدى نىمىنى كۈتىدۇ ، دەيسەن ؟ ئەجەلنى كۈتۈۋاتىمەن ، ئەجەلنى ! ئۇنىڭ قارارى يوق . يازدىمۇ ، قىشتىمۇ ، ئەتىگەندىمۇ ، كەچتىمۇ ئىشقىلىپ بىر ۋاقىتتا كېلىدۇ . ھەر يىلى باھاردا شۇ ئەتراپتىكى ئاغىنىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئەھۋاللىشاتتۇق ، يىلدىن –يىلغا تەڭتۇشلارمۇ ئازلاپ كەتتى .

    قارا ،بۇ باھاردا بۇ يەردە ئۆزەم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن ... نىمىشقا ئۆرە تۇرۇسەن ؟ كەل ، ئولتۇر . تىمەن، تولىمۇ ئوبدان بىر مومىيىم بار ئىدى . ئىككىمىز بەزىدە مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياش ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ كېتەتتۇق . مەن ئۇنىڭ ئورما ۋاقتىدا ماڭا تۇنجى قېتىم قاپاقتا چاي ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى ھېكايە قىلاتتىم ، ئۇ مىنىڭ مۇشۇ تۆپىلىكتىن سېغىز كولاپ بەرگەنلىكىمنى ئۇنۇتمايىتتى ...  مۇھەببەت دەمسەن ؟ مۇھەببەت دېگىنى شۇمۇ  ؟ بىلمەيمەن ، بىز ياش ۋاقىتلار ئەجەپ قىززىق يىللار ئىدى . قىز-يىگىتلەرنى بىر-بىرىگە كۆرسەتمەي چېتىپ قويۇشۇۋېرەتتى ، يەنىلا قەدىناسلاردەك ئۆي تۇتۇشۇپ كېتەتتى ... توي كېچىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، ھوجىرىغا كىرسەم ئۇزۇن چوچىلىق توي ياغلىقىنى بېشىغا پۈركەپ ، يوغانلا بىر قىز ئولتۇرىدۇ ، قورقۇپ كەتتىم . سەپسالسام ، شۇ ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈم دۆڭدە سېغىز كولاپ بەرگەن قىز ئىكەن . قىز بالا دېگەن ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق «لەڭڭىدە»ئۆسۈپ كېتىدىغان گەپكەن ...تېخى كۈزدىلا ئۇنى ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈپ قويدۇق . ئەمدى بۇ ئورۇندۇقتا ئۆزۇم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن . باھارغۇ كەپتۇ ، باھار كەلمىدى...مومىيىمدىن ئايرىلىپلا كۆزۈممۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى . ئوغلۇم ، مۇشۇ ئەتىراپتىن ئېچىلغان بىرەر تال گۈل تاپقىلى بولماسمۇ  ؟  ھەببەللى ، ياخشى بولدى . چېكەمگە قىسىپ قوياي دەمسەن ؟  بولدى ، قولۇمغىلا بەرگىن . كېلەر باھارغىچە مەن بارمۇ ، يوق ؟ قارا ، كۆڭلۈم بۇزۇلىۋاتىدۇ  ، يەنە بىر كەلگىنىڭدە مەن بولمىسام ، مۇشۇ ئورۇندۇققا  بىر جۈپ گۈل تاشلاپ قويارسەن ...نەگە ماڭدىڭ  ؟ «باھارغۇ كەپتۇ  ، باھار كەلمەپتۇ » دېسەم  ، ئالجىپ قالغان قېرى ئوخشايدۇ ، بۇ ، دەۋاتامسەن ؟ مېنىڭ ھېلىقى مومىيىمنىڭ ئىسمى «باھارگۈل» ئىدى ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «باھارخان » دېيىشەتتى ، مەن ئۇنى «باھار» دەپلا چاقىراتتىم . رەھمەت ، ئوغلۇم ، بۈگۈن سەن بەرگەن بۇ باھار گۈلى بىلەن يەنە يوقاتقان نەرسەمنى تاپقاندەك بولدۇم ....

    بوۋاي كۈلۈمسىرگەندەك قىلدى . لىكىن ، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا بولسا شەبنەمدەك سۈزۈك ياش تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى . نېمىشقىدۇر مېنىمۇ يىغا تۇتتى .  بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۇزاپ  ، يەنىمۇ يوقىرلاپ ماڭدىم . يىراقتىن قارىغىنىمدا ، تېرەكلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ قالغان بوۋاي كۆزۈمگە ئەتراپتىكى باھار مەنزىرىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈندى ...

     

    1987-يىلى 3-ئاي ،غۇلجا   

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.