لەيلىنىڭ خاتىرىسى 3 (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-27 20:50:00

لەيلىنىڭ خاتىرىسى (3) خانەمگە سەھەر گۇگۇمىدىن بىر قۇچاق ئېلىپ قايتتىم. كېچىدىن بىرى مەن كەزگەن يول ، مەن ئەزگەن يۈرەك ئىشكىم سىرتىدا قالدى ئىتىكىمدىكى تاشلارنى ھېلىقى كوزامغا بىر - بىرلەپ تاش...

    لەيلىنىڭ خاتىرىسى (3)

       خانەمگە سەھەر گۇگۇمىدىن بىر قۇچاق ئېلىپ قايتتىم.
      كېچىدىن بىرى مەن كەزگەن يول ، مەن ئەزگەن يۈرەك ئىشكىم سىرتىدا قالدى ئىتىكىمدىكى تاشلارنى ھېلىقى كوزامغا بىر - بىرلەپ تاشلىدىم . پۇت بارماقلىرىم ئارىسىدىكى قۇملارنى پۈۋلەۋىتىپ ، يول بويى ئېيتىپ ماڭغان ناخشامنى ئاستا غىڭشىشقا باشلىدىم.
    ھىجران زەنجىرىدە بۇ جان قۇلدۇر،
    ئىشق كۈلپىتىدە روھىم گۈلدۈر.
    رىيازەت قىياسىغا  شولا بەرگەن ،
    ئاشىق زۇلمىتىگە چۈشكەن نۇردۇر

       چىڭقىچۈش مەزگىلى.....  دېرىزەم يىنىدىن ئاڭلانغان تونۇش شەپە يەنە جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى.
    - ئەبلەخ!!!
       شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ، تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ ، كۆك قەھرىدە ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنگەندەك بولدى . مەن ھاپىلا - شاپىلا سۇمبۇل چاچلىرىمنى چاناشقا باشلىدىم . چاناۋىتىپ ئانامنىڭ ھەر قېتىم چاچلىرىمغا يېلىم چېپىپ ئۆرۈپ  قويغاچ : " چېچىڭ بويۇڭ بىلەن تەڭ بولسۇن قىزىم " دېگەنلىرىنى ئويلاپ قالدىم.
        شاقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى : " ئاخشام مەن قاراقچى يۇلتۇزغا ئەگىشىپ مېڭىۋىرىپ بېرىپ قالغان دەريا ئەمدى ئاقىدىغان بولدى " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
       جىگدىلىك يولدىكى نەمىخۇش ھاۋانى ، پاتقاقلارنى سېغىنغاندەك بولۇپ ، ئىشىكتىن چىقتىم . ئارقامدىن تېخىغىچە ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ لەنىتىي شەپىگە يامغۇر سۇلىرىنى ، قاپقارا لايلارنى گۈلدەك چاچرىتىپ ، پەرۋاسىزلارچە يۈگۈرىۋەردىم. ئۇنىڭ ئەپتىگە قارىمايمۇ قاقاھلاپ كۈلگۈم ، ئاۋازىنى ئاڭلىمايمۇ تازا تىللىغۇم كەلدى .
        مەن مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن دەريا بويىغا كىلىشىمگە يەنە كەچ بولدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق