مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى كەستۈرشى

يوللىغۇچى : jelilawut يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-23 00:07:00

مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى كەستۈرشى («چىن تۈمۈر باتۇر» داستانى ئىزىدىن) جېلىل ئاۋۇت ....مەختۇمسۇلانىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا، تازا ، سۈزۈك سۇ ئاقىدىكەن. مەختۇمسۇلا سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ، ئېرىق بۇيىدا ئولت...

     مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى كەستۈرشى

     («چىن تۈمۈر باتۇر» داستانى ئىزىدىن)

     جېلىل ئاۋۇت

           ....مەختۇمسۇلانىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا، تازا ، سۈزۈك سۇ ئاقىدىكەن. مەختۇمسۇلا سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ، ئېرىق بۇيىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى تاراپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىرنەچچە تېلى سۇ-غا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بۇ چاچلار ئېقىپ بېرىپ سانجۇ پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى كۆلگە چۈشۈپتۇ.
        بۇ ۋاقىتتا سانجۇ پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئۇزمۇخ نۆكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بۇيىدا ئولتۇرغان ئىكەن. شاھزادە ئۇزمۇخ كۆل بويىغا كېلىپ باش- كۆزىنى يۇيىۋاتسا، قولىغا سۇمبۇل چاچ ئىلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچنىڭ ئۇزۇن ۋە سۇمباتلىقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئۇزمۇخ نۆكەرلىرىدىن:
        ـ بۇ نېمە دېگەن ئاجايىپ چاچ ؟ ـ دەپ سوراپتۇ. نۆكەرلەر: ـ ئەي شاھزادە، بۇ ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئۇزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇر ۇپ ئىشق ۋەسۋەسسىسىگە چۈشۈپتۇ....(«ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى « ئەمىر گۆر ئوغلى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 3-ئاي2-بېسىلىشى 325- بەت )

       ئەلقىسسە، سانجۇ پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى ئۇزمۇخ نۇرغۇن نۆكەر بىلەن كىلىپ مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىنى ئىزدەپ ئىلى دەرياسىنى كىچىپ ئۆتۈپ،تېكەس تېغىنىڭ« كۆك تۆپە» دېگەن يېرىگە كەپتۇ. ئۇ يەردە چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ، پات ئارىدا سانسىزلىغان چارۋىلارغا ئىگە بولۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ مال- دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا ئىكەن. شۇڭا چىن تۈمۈر باتۇر سىڭلىسىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ. («ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ىـ1 ئەمىر گۆر ئوغلى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 3-ئاي2-بېسىلىشى 331-331- بەتلەر )

       تېكەس تېغىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ئۇزۇندىن بۇيان چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يايلاق لىرى ۋە مال- دۇنياسىنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا يۈرگەن بىر بەگنىڭ ئۆيىدە قۇۋلۇق- شۇملۇق ۋە ناز-كەرەشمىدە شەيتانغا دەرس بېرەلەيدىغان نە چېچى،نە كىرپىكى،نە قېشى يوق، بېشى تۇزلۇق قاپاققىلا ئوخشايدىغان بىر تاز قىزى بار ئىكەن. ئۇ چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشھال بولۇپتۇ. بەگ تاز قىزىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قورىقىغا ماڭدۇرۇپتۇ. تاز قىز چىن تۈمۈر باتۇرنى يوقلاپ كىلىپ،ئۇنىڭغا ھەرخىل ياغلىما سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ ئاش- تامىقىنى ئىتىپ، كىر- قاتىنى يۇيۇپ بىرىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزى تاز قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي،پەقەت قولىقى ئۇنىڭ نازى ۋە كۈلكىسىنىلا ئاڭلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ تازقىزچىن تۆمۈر باتۇرنىڭ رەسمىي نىكاھىغا ئۆتۈپ قانۇنلۇق ئايالىغا ئايلىنىپتۇ.
       ئەلقىسسە، مەختۇمسۇلا سانجۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن قېچىپ كىلىپ ئالمۇتيارنىڭ ئالمىسىنى سۈرۈپ چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئاكا-سىڭىل قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ كۆرشۈپتۇ. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان تاز خوتۇن قېرىنداشلارنىڭ جەم بولغانلىقىغا ھەم ئۆزىنىڭ تاز يارتىلىپ، ئەكسىچە مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىق ئايال بولۇپ يارىتىلىپ قالغانلىقىغا ھەسەت قىلىپ ئىچى ئېچىشىپ چىداپ تۇرالماي قېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال شەھەردىكى بىر داڭلىق گىرىمخانىغا بېرىپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۆزىگە يالغان چاچ، يالغان قاش ۋە يال غان كىرپىك سالدۇرۇپتۇ. ئۇ خوتۇن يەنە يۇرتىدىن بىرقانچەئۇرۇق-تۇغقان ئىنى- سىڭىللىرىنى چاقىرتىپ ئەكەلتۈرۈپتۇ. چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ قورىقى مېھمانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ.
        ئارىدىن بىر يىل ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يايلاقلىرى ۋە مال-دۇنياسىنىڭ قانداق بولۇپ ئازلاپ كېتىۋاقانلىقىنى ھېچبىر تۇيمايلا قېلىپتۇ. چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ مال- دۇنياسىلا ئەمەس، ھەتتا تاغ- داۋانلاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئازلاپ، ئوۋ قىلىش تولىمۇ تەسلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە مەختۇمسۇلايەڭگىسىنىڭ يۈرۈكىگە سانجىلغان تىكەن بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ.
       تاز خوتۇن مەختۇمسۇلانى، بوز ئاتنى، ئالغۇر بۈركۈتنى، پۈش-پۈش مۈشۈكنى ۋە كاپ- كاپ كۈچۈكنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. مىسران قېلىچ بىلەن ئوقيانى بولسا چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان چاغلاردىلا ئەۋرەزگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن.
        - يايلاق تارلىشىپ، مال-چارۋىلار ئۇرۇقلاپ ئۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيدىكى ئاش-ئۇز ۇقلىرىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمىز؟- دەپتۇ بىر كەچلىكى چىن تۈمۈر باتۇر تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ خوتۇنىغا.
       - ئاۋۇ تىرىكتاپ بۇرادەرلىرىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز بولمىدىمۇ !- دەپتۇ تاز خويۇن چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ.
        - قايسىدىن ۋاز كېچىمەن؟ - سوراپتۇ چىن تۈمۈر باتۇر ھەيران بولۇپ.
       - توخۇمىز تۇخۇم تۇغۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇ قالسۇن . ئات، بۈركۈت، مۈشۈك ۋە ئىتنى دەرھال كۆزىمىزدىن يوق قىلايلى. يەنە، سىڭلىڭىز مەختۇمسۇلامۇ بۇ ئۆيدە تەييارغاھەييار بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولماس!
       دەرۋەقە، چىن تۈمۈر باتۇر كۈن بويى تاز خوتۇنىنىڭ ھۇجرسىدىن چىقماي، نەغمە- ناۋاسىنى ئاڭلاپ، ئۇسۇل- ساماسىنى كۆرۈپ، ھاراق-شاراپ ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەن بولغاچقا ئىلگىركى ئات مىنىپ ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئەلەمدارلىق ئىشلىرى ھازىر ئۇنىڭغا پەقەتلا خوش ياق ماس بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ بوز ئات، ئالغۇر بۈركۈت، پۈش-پۈش مۈشۈك ۋە كاپ- كاپ كۈچۈك قاتارلىق قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ كېلىۋاتقان سادىق ھەمراھلىرى بىر- بىرلەپ كۆزدىن نېرى قىلىنىپتۇ. نۆۋەت مەختۇمسۇلاغا كەلگەندە چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ خېلىلا بېشى قېتىپتۇ. بۇ ئىشقا يەنىلا تاز خوتۇن ئامال تېپىپتۇ.
        - مەختۇمسۇلا قانداقلا بولمىسۇن سانجۇ پادىشاھىغا ئىككى- ئۈچ يىل كىلىن بولدى. شۇڭا ئۇنى بۇ ئائىلىمىزنىڭ ئادىمى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. مەختۇمسۇلانى پادىچى تازغا ياتلىق قىلىۋەتسەكلا ئىش پۈتمىدىمۇ. ئۇنىڭ نەچچە يىل پادا بېقىپ تاپقان- تەرگەنلىرىمۇ ئاز ئەمەستۇ، دەپتۇ،- ئۇ چىن تۈمۈر باتۇرغا .
       چىن تۈمۈر باتۇر دەرھال پادىچى تازغا تېلېفون قىلىپتۇ.
       - مېنىڭغۇ جان دەپ ئالغۇم بار ئىدى، بىراق شۇ...ئۆيۈم نامرات، مەختۇمسۇلا خېنىم ئاش-تاماق، كېيىم- كېچەكتە قىينىلىپ قالارمىكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇز- مۇخ شاھزادە نۆكەرلىرىنى باشلاپ كىلىپ قالسا ، ئۇ مېنى مەختۇمسۇلانى ئېلىۋاپسەن دەپ...
        مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ يەڭگىسى ۋە پادىچى تاز بىلەن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
       - نېمىگە يىغلايسەن،- دەپتۇ چىن تۈمۈر باتۇر سىڭلىسىغا ئاچىچىقلاپ،- مەن سېنىڭ دەردىڭنى ئاز تارتتىممۇ! «خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا»دەپ بىكارغا ئېيتىلماپتۇ. ياتلىق قىلىپ قوياي دېسىمۇ يىغلىغىنىنى كۆرمەمدىغان، بىكاردىن- بىكار كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ .....
        كېيىنكى سۆزلەر مەختۇمسۇلانىڭ قولىقىغا كىرمەپتۇ. ئۇ شۇ كۈنى، شۇ سا ئەتتىلا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ ، يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق ھالدا شەھەرگە قاراپ راۋان بولۇپتۇ. چىن تۈمۈر باتۇر بىر با ش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭلى خاتىرخەم بولۇپتۇ. مەختۇمسۇلا شەھەرگە ناھايىتى تەسلىكتە يىتىپ كېلىپتۇ. ئاچلىق ۋە ھارغىن لىق ئۇنى تۇلىمۇ قىيناپتۇ.قۇياش ئاسمان- پەلەك ئىگىز بىنالارنىڭ غەرىپ تەرىپىگە ئۆتۈش بىلەن ئۇ تولىمۇ قورقۇنچ ۋە غەمگە پېتىپتۇ. ئۇ يول ياقىسىدىكى بىر ئۇزۇن ئورۇندۇقتا نېمە قىلىشنى بىلمەي خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسا، يولدىن ئۈچ چاقلىق مو تسىكىلىتتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تۈمۈر- تەسەك يىغقۇچى ئېلىپ - ساتارمەننىڭ كۆزى مەختۇمسۇلانىڭ ئىگىز ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىدىن ساڭگىلاپ چۈشۈپ يەر دە توم يىلاندەك سونايلىنىپ ياتقان قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ ئىختىيار سىز ھالدا دەرھال موتسىكىلىتىنى توختىتىپ مەختۇمسىلانىڭ يېنىغا كىلىپتۇ.
       -ئەي ياتو،- دەپتۇ ئۇ مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي،-چېچىڭنى ساتامسەن؟ قازان ئالساڭ قازانغا، چىنە ئالساڭ چىنىگە تىگىشسەك بولىدۇ. داس، لىگەنلەرمۇ بار تېخى...
       -تىگىشمەيمەن! تاماق ئېتىدىغانغا ئاش بولمىسا قازاننى نېمە قىلىمەن.جان بولساجاھان، ئاش بولسا قازان تېپىلىدۇ.
       - ئەمىسە نەق پۇلغا ساتقىن! مەختۇمسۇلا ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ.« بۇ چېچىم ماڭا تولىمۇ كۆپ دىشۋارچىلىقلارنى سالدى. ئاكاممۇ ئۆيدە ‹خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا › دەۋاتاتتى. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش بولسا مەنمۇ ئاستا چېچىمى قىسقارتىپ، ئەقلىمنى ئۇزارتىدىغان ئىشنى قىلاي- چېچىمنى كەستۈرۈپ سېتىپ، قوسۇغۇمنى تويغۇزاي. » ......
        ئۇ ھېلىقى ئېلىپ ساتارمەن بىلەن بىرلىكتە بىر گىرىمخانىغا كىرىپتۇ. گىرىمخانىدىكىلەر مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى گەجگىسىدىن كېسىپ تاشلاپتۇ. ئۇزۇن ئىككى ئۆر ۈم سۇمبۇل چاچ قىيادىن چۈشكەن يىلاندەك تولغىشىپ يەرگە چۈشۈش بىلەن تەڭ يەر- زېمىن لەرزىگە كىلىپ تىتىرەپ كىتىپتۇ. لېكىن، مەختۇمسۇلا قوساقنىڭ ئاچلىقىدا بولارنى ھېچ سەزمەپتۇ. گىرىمخانىدىكىلەر مەختۇمسۇلانىڭ بېشىدا قالغان ئاياق مايلايدىغان چوتكىنىڭ مۇيىدەك كالتە چېچىنى قىزغۇچ رەڭدە بوياپ ، تاراپ، چاچ قورۇتۇش ماشنىسىدا پۈۋلۈتۈپ،كۆپتۈرۈپ ، مەدەك يۆگەپ،MOS سۈرۈتۈپ يەنە تېخى ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە ئالىقانداق خەتلەر يېزىلغان ماي بىلەن زاماسكىلاپ، قاپاقلىرىنى كۆلرەڭ، لېۋىنى قىزىل بىر نېمىلەر بىلەن بوياپتۇ. مەختۇمسۇلا ھېلىقى ئېلىپ ساتارمەنگە ئۇزۇن ئىككى ئۆرۈم چېچىنى سېتىپ ئالغان پۇلنىڭ بىرقىسمىنى گىرىمخانا خۇجايىنىغا تۆلەپ، قالغىنىنى يېنىغا سېلىپتۇ.
       - بەك ساھىپجامال بولۇپ كەتتىڭ، ئەمدى ماۋۇ كۆڭلىكىڭنى تاشلىۋېتىپ، مودا كېيىمدىن بىر قۇر ئېلىپ كىيىندىغان بولساڭ، رېستۇران-ئارامگاھلاردا ئايدا نەچچە يۈز سوم ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىيەلىشىڭدە گەپ يوق،- دەپتۇ   ھېلىقى تۈمۈر- تەسەك ئېلىپ ساتارمەن مەختۇمسۇلاغا قاراپ.
       دەرۋەقە، مەختۇمسۇلا ئەتىسى بىر رېستۇرانغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ. ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا مۇلازىمەتچى خېنىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە بۇ رېستۇراننىڭ ۋىۋىسكىدا نامى يېزىلغان ھەقىقىي خوجايىنى- ئۆز ۋاقتىدىكى سانجۇ پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى باش لېدىر ئوزمۇخ رېستۇرانغا قەدەم تەشىرىپ قىلىپتۇ. مەختۇمسۇلا باشقا مۇلازىملار بىلەن بىرگە قول قوشتۇرۇپ تۇرغاندا باش لېدىر ئوزمۇخنى كۆرۈپ، ئۇنى تونۇپ قورققىنىدىن يۈرىكى قاتتىق سېلىپ كېتىپتۇ. بىراق، ئوزمۇخ مەختۇمسۇلا قاتارلىقلارغا باققالنىڭ ئالدىدىكى تاللىنىپ قېلىپ ئاپتاپتا كېرەكتىن چىققان تاۋۇزلارغا قارىغاندەك مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
       ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئۆز ۋاقتىدىكى كۆزلىرى چەشمە بۇلاقتەك،قاشلىرى زىرۇ-زىۋەر، قامىتى شەمشاد دەرەختەك، سۆزلىرى شېرىن –شېكەر، چاچلىرى گويا مەجنۇن، يۈزلىرى شەمسى قەمەر، لەۋلىرى گويا ياقۇت، قوللىرى ئىشقا چىۋەر، چىشلىرى دۇررى سەدەپتەك، پىكىرى كەڭ ئالەم كېزەر ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى («ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى -1 ئەمىر گۆر ئوغلى» شىنجاڭخەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 3-ئاي2-بېسىلىشى324- بەت )  مەختۇمسۇلا نىڭ رەسىمىنى ئوزمۇخ لېدىر ھازىرغىچە يۈرىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يانچۇقىدا ناھا يىتى قەدىرلەپ ساقلاپ يۈرەر ئىمىش. مەختۇمسىلا ئۆزىنىڭ يەر تېپىلمىغاندەك ئەينى ۋاقتىدىكى رەقىبى ئۆزمۇخنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ قالغىنىدىن تولىمۇ خورلۇق ھىس قىلىپتۇ ۋە ئەتىسىلا رېستۇران خوجايىنىدىن شۇ ئايلىق ئىش ھەققىنى ئېلىپ بۇ يەردىن جىمجىتلا چىقىپ كېتىپتۇ....

        ئۇ ئۆزىنىڭ شەھەرگە كەلگەندىن بۇيانقى ئارزۇسى بۇيىچە بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر يېزىقىدا بىمالال خەت يازالايدىغان ۋە كىتاب،گېزىت- ژورنال ئوقۇيالايدىغان بولغان ئىدى. مانا ئەمدى رېستۇراندىن چىقىپ ئەتىسىلاشەھەردىكى سەيپۇڭلۇق كورسىغا تىزىملىتىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرشىپ كەتتى. «يېقىن بولسا چىشلىشەر، يىراق بولسا كىشنىشەر» دېگەندەك مەختۇمسۇلا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن دەسلەپكى كۈنلەردە چىن تۈمۈرنىڭ سىڭلىسى بىلەن كارى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسىرى يەنە سىڭلىسىنى سېغىنىشقا، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ مەھەللىدىكى ئايىقى چىق ماس ئولتۇرۇش، ئىچىشۋازلىقلارغا نېمىشقىدور كۆڭلى تارتماي مېھمانخانا ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ھالدا كىرسىلوغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ VCD فېلىمى كۆرىۋېتىپ بىردىنلا خىيالى يەنە سىڭلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىگە ئۇچۇپ كەتتى. كىچىنە چىن تۈمۈر جاڭگالدا بۆرە ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە چاققانلىق بىلەن قوغلاپ تۇتىۋالغان ئەركەك كىيىكنىڭ گۆشىنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. چوڭ كۆل بويىغا ئوۋ ئىزدەپ كەتكەن بۆرە ئانىسى بەدەن ئەتلىرى يۇمران، ئەمما بۆرە ئانىسىنىڭكىگە ئەمەس ئۆزنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر بوۋاق بالىنى ئۆشنىسىگە ئارتقىنىچە ئەكېلىپ چىن تۆمۈرنىڭ ئالدىدىكى يەرگە قويدى. چىن تۈمۈر ئانىسىنىڭ بۇيرىقى بويىچە كىيىك گۆشىنىڭ ئەڭ يۇمشاق يېرىدىن تىتىپ ئېلىپ قېرىندىشى نىڭ ئېغىزىغا ئاز- ئازدىن سېلىشقا باشلىدى........
        چىن تۈمۈر ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى تۇيمايلا قالدى. ئۆي ئىچى تۇلىمۇ قاراڭغۇ ۋە سۈرلۈك ئىدى. چىن تۈمۈر سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان «ھۇۋ-ھۇۋ-ھۇۋ....» دېگەن سۈرلۈك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. فېلىمى ئاللىقاچان قويۇلۇپ تۈگەپ توختاپ قالغان ئىدى. تېخى بايىلاVCD يادىغا ئالغان كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق بۆرە ئانا مانا ئەمدى تاپسىدا - چىن تۈمۈرنىڭ كۆز ئالدىدىلا كۆزلىرىدىكى نۇرلۇق شولا ئۆيدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇت قان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاۋاتاتتى. چىن تۈمۈر قورققىنىدىن «بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم» دىيىشنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا قايسىدور بىر ئايەتنى دۇدۇقلاپ ئوقۇپ كەتتى.
        - قورقما چىن تۈمۈر، مەن بۆگۈن سېنى غەپلەتتىن ئويغاتقىلى كەلدىم. ساڭا نېمە بولدى ئوغلۇم ؟! سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى مېنىڭ قېنىممۇ ياكى ھا راقمۇ؟! سەن نېمىشقا بىر قوساقتىن چۈشكەن قېرىندىشىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۇنى تاشلىۋېتىسەن؟ قېنى سەندىكى ۋەتەنگە، خەلققە ۋە ھەدە- سىڭىللىرىڭغا بولغان مەسۇلىيەتچانلىق؟! سەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ ئۆزەڭنى چاق قان پاشىنى قورىيالىساڭلا ھېساپمۇ؟ سەن تېخى بەزىدە خىجىل بولماي «ھازىر-قىز ئاياللار يولدىن چىقىپ كەتتى دەيسەن؟...... چىن تۈمۈر بۆرە ئانىنىڭ ئۆيگە قاچان،قانداق كىرگىنى تۇيمىغاندەك يەنە ئۇنىڭ قاچان، قانداق چىقىپ كەتكىنىمۇ تۇيمايلا قالدى. ئۇ ئۆزىگە كەلگەندە بايا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئايرىيالمىدى. ئەتىسى چىن تۈمۈر سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈپ سىڭلىسىنى ئىزدەشكە ئاتلاندى.
        ئۇ يېزا-سەھرا، شەھەر- بازارلارنى كېزىپ سىڭلىسىنىڭ دېرىكىنى قىلدى. لېكىن ھېچ يەردىن ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالماي بەكمۇ تىت- تىت بولدى. سىڭلىسىنى ئىزدەپ سەككىزىنچى قېتىم سىڭلىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە كەلگەندە بىر كەچلىكى ئۇنىڭغا تۇنۇش چىراي بىر چوكان ئۇچىرىدى. چىن تۈمۈر شۇنچە سىنچىلاپ قاراپمۇ بۇ چوكاننى ھېچكىمگە ئوخشىتالمىدى. ھېلىقى چوكانمۇ ئۇنى بىرسىگە ئوخشاتقاندەك كەينىگە قايرىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. «ئەمەس،-دېدى چىن تۈمۈر ئۆز-ئۆزىگە،- بۇ ھەرگىزمۇ مەختۇمسۇلا ئەمەس. مەختۇمسۇلانىڭ دېگەن چېچى ئۇشۇقىغا يىتىدۇ. بېشىدا چىمەن دوپپىسىى، ئۇچىسىدا ئەتلەس كۆڭلىكىى بار. بۇ قىز ھەقاچان مېنى ئۆزىنى ئوۋلاشقا شەرت قىلىپ ماڭا قارىغاندۇ. بولمىسا، بۆگۈن كېچىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزسەممۇ بولۇپتىكەن.كېتىپ قالدى،-دە كاساپەت.»
       ھېلىقى چوكان دەل مەختۇمسۇلا بولۇپ سەيپۇڭخانىسىنى شاگىتلىرىغا تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كومپىيوتېردا كېيىم پىچىش ۋە رىشىلىيە ئىشلەش تېخنىكىسى ئۆگىتىش كورسىغا ئالدىراش مېڭىشى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا چېچەن بولغاچقا ھۈنەرنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ ھازىر شەھەردىكى خېلى داڭلىق ھۆنەرۋەن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تىجارتىمۇ كۈندىن- كۈنگە كېڭىيۋاتاتتى. « چىرايى چىن تۈمۈر ئاكامنىڭ مەن سانجۇ پادىشاھلىقىدىن قېچىپ كەلگەن ۋاقتىدىكى چىرايىغا ئەجەپ ئوخشايدىغان ئادەمكىنا بۇ ! لېكىن ئۇنىڭ ئاكام بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ھەم ئاكامنىڭ مېنى ئىزدەپ يۈرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ چىرايى ئازىراق ئوخشىغان بىلەن ، نە گەۋدىسى، نە كېيىم- كېچەكلىرى، نە مېڭىش- تۇرۇش، قاراشلىرى ئاكامغا ئوخشىسۇن. بىرەر ساددا قىزنى تېپىپ ئەخمەق قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن بىر شوينا بەلنى ئاكامغا ئوخشىتىپ كەتكىنىمنى قارمامدىغان. » مەختۇمسۇلا ئۆز- ئۆزىنى ئەيىپلەپ مەنزىلىگە يۈرۈپ كەتتى. شۇ كېچىسى چىن تۆمۈر شەھەردىكى مېھمانخانا ياتىقىدا تۈن تەڭدىن ئاشقاندا ھېلىقى كۆك يايىلىق بۆرىنى يەنە كۆردى.
        - چىن تۈمۈر، - دېدى بۆرە ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ،- سەن ئاۋال ئۆزەڭنى، ئۆز روھىڭنى تاپ! ئۆزەڭنى ئىزدەپ تاپالىساڭ، ئاندىن مەختۇمسۇلانى تاپالايسەن! چىن تۈمۈر چۆچۈپ ئويغىنىپ چوڭقۇر ئوي- خىيالغا پاتتى. بۇ چاغدا ئۇ يىراقتىكى بۇغدا چوققىلىرىدىن بۆرىنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ھوۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى.
       ھازىر خۇددى چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ ئىسمىنى «تۈمۈر»گە ئۆزگەرتىۋالغىنىغا ئوخشاش مەختۇمسىلامۇ ئىسمىنى مەرىيەم دەمدۇ، مەۋجۇدەم دەمدۇ، يا مەربىيەم دەمدۇ ئېيتاۋۇر بىر يېڭى ئىسىمغا ئۆزگەرتىۋېلىپتىمىش. ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ مەيلى. كەمىنە مۇئەللىپ ئاكا- سىڭىللارنىڭ ئارزۇسىنىڭ تېزرەك رىئاللىققا ئايلىنشىغا تىلەكداشمەن. مەن تورداشلارنىڭمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

    باي ناھىيە توقسۇن يېزا 2008-يىل2-ئاينىڭ 22-كۈنى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:55:17]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جېلىل ئاۋۇت