ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان پۇل(گۈلباھار ياسىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:32:25

ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان پۇل(ھېكايە)گۈلباھار ياسىن قۇلۇمدا بىر تۇتام پۇل، ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرەپ سىرتقا چىقتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئايلىق مائاشىم-ئۆزۈم تاپقان پۇل ئىدى. توۋا، بىرئاي نېمانچىلا ئۇزاق...

    ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان پۇل(ھېكايە)
    گۈلباھار ياسىن


       قۇلۇمدا بىر تۇتام پۇل، ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرەپ سىرتقا چىقتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئايلىق مائاشىم-ئۆزۈم تاپقان پۇل ئىدى. توۋا، بىرئاي نېمانچىلا ئۇزاق ۋاقىتتۇ؟...ئۆيدىكى چاغلاردا ياكى سىنىپتا خاتىرجەم دەرس ئاڭلاپ يۈرگەندە بىرئاينىڭ بۇنچىۋالا ئۇزاقلىقىنى سەزمەپتىكەنمەن. بىردەمدىلا چۈش بولۇپ، چۈشتىن كېيىن كەچ بولۇپ،  كەچ بولسا، ئۇخلاپ تاڭ ئاتسا ئويغىنىپ دېگەندەك ، كۈنلەر ماڭا شۇنچىلىك تېز ئۆتكەندەك تۇيۇلاتتى. ئۆزۈممۇ سەزمەستىن ھەش-پەش دېگۈچە چوپچوڭلا بولۇپ قاپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ئارزۇيۇمغا يارىشا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقتىمەن...

    بىردەم ئىشلىگەننىڭ، بىردەم ئوقۇۋاتقاننىڭ گېپىنى قىلسام، مېنى"نېمە دەيدىغاندۇ؟"دەپ قالماڭلار، ئوقۇۋاتقىنىم راست، ئوقۇش خىراجىتمنى غەملەش ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى چاغلاردا رېستۇراندا ئىشلەۋاتقىنىممۇ راست.

    قۇلۇمدىكى 300 يۈەن پۇلغا قاراپ كۆزۈمگە غىل-غىل ياش كەلدى. دېمىسىمۇ بۇ پۇلنى ئاسان تاپتىممۇ؟... دەرستىن چۈشۈپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تاماققا ياكى ياتاققا مېڭىشىدۇ، مەن بولسام ئىشلەيدىغان يېرىمگە يۈگۈرەيمەن... كەچلەردە ئۇلار خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلسا ياكى بۇ گۈزەل شەھەرنى سەيلى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولسا، مەن تېخى تۈزۈكرەك بىرنەرسە يىمىگىنىمگە قارىماي ، بىر-بىرىدىن چاتاقچى مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولىمەن...

    قۇلۇمدىكى بۇ پۇلغا قاراپ چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋەتتىم. يۇرتتىكى چاغلاردا پۇل خەجلىگۈم ، كىيىم كىيگۈم كەلگەندە يىغلاپ بولسىمۇ، ئاتا-ئانامنىڭ قولىدىن بۇنداق پۇلدىن نەچچىنى ئالغان بولاتتىم، لېكىن شۇ تاپتا پۇل تۇتۇپ تۇرغاندىكى ھىسسىياتىم ئۇ چاغلار بىلەن تامامەن باشقا-باشقا، چۈنكى بۇ ئۆزۈم تاپقان پۇل-دە؟... بۇرۇن تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدىغانغا ئىشىنىپمۇ قالدىم. نېمىشقا دەمسىز؟... كۈلگىڭىزگە كەلسىمۇ ئېيتاي، ئەينى چاغدىكى ھال-كۈنىمىز ياخشى كۈنلەردە مەنمۇ بىرمۇنچە ئادەملەرگە «كىچىك خوجايىن» بولۇپ باققانمەن. ئاشخانىمىزدا ئىشلىگەن ئاشپەزلەرنىڭ بىرەر ئىشى ياقماي قالسا ئاتا-ئانام بىرچەتتە قېلىپ، خۇددى ھازىر مېنى باشقۇرۋاتقانلاردەك، مەنمۇ ئۇلارنى باشقۇراتتىم. ئۆتنە ئالەم دېگەن شۇمىكىن، باشقىلارنىڭ ياللىنىپ ئىشلەشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ئۆز بېشىمغا كەلگەندىلا ئاجايىپ چۇڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن. ئۇھ... «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دەپ يەنە نېمە كۆرگىلىكىم باركىن؟...

       بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، مائاشىمنى ئالغاچ ئەتىگەنكى تازىلىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ چىقتىم. كەچقۇرۇن مېھمانلار كەلگىچە بولغان ئارلىقتا ھەر ھالدا بىكارمەن، جاپانىمۇ تارتتىم، ئەمدى ئاددى بولسىمۇ ئەل قاتارى بىرەرقۇر كىيىم ئېلىۋالمىسام بولماس؟ ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ يەنىلا بازارغا قاراپ ماڭدىم. بۇرۇندىن تارتىپ قولۇمغا پۇل كىرسە بىرىنچى بولۇپ كىيىمنى ئويلايدىغىنىم راست. ئەمما ئۆگىنىشنىمۇ ، ئۆي ئىشلىرىشنىمۇ قولدىن بەرگەن ئەمەسمەن. چاتاق يېرى، ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى قۇلۇمغا ئېلىپلا گويا ئۈرۈمچىدە لاتا ئەمەس، زەربابتىن كىيىم كىيىدىغاندەك ھەممە كىيىملىرىمنى بىرىدىغانلارغا بېرىۋېتىپ كەپتىكەنمەن، قارىسام بۇيەردىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش كىيىم كىيىدىكەن. تېخى ئۇ تەرەپلەرگە ئوخشاش پالدۇر-پۇلدۇر قىممەتلىرىنى ئەمەس، ئاددىي-ساددا، يارىشىملىقلىرىنى كىيىدىكەن...

    بازاردا بىر-بىرىدىن چىرايلىق كىيىملەرنى تۇتىمەن، ئەمما كەينىمگە يانىمەن... يەن كېلىپ تۇتىمەن، يەنە يانىمەن. كىيىمنى دېسەم ئالغۇم بار، ئەمما يانچۇقۇمدىكى پۇلنىڭ ھېچ چىققۇسى يوق، چۈنكى بۇ ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان پۇل-دە...

    ئاخىرى قىيالماس ئىلكىدە بازاردىن ياندىم، چۈنكى مۇشۇ پەيتتە پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى بەكمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە... بىريىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا خۇددى كىيىم كىيمىسەم ئۆلىدىغاندەك يىغلاپ تۇرۇۋېلىپ، ئانامنى بازارغا ئېلىپ باردىم. تاللاپ يۈرۈپ بىر يۈرۈش يوپكا-چاپانغا كۆزۈم چۈشتى، باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمىدى. ئانام ئالداپ باقتى، تىللاپ باقتى، ئەمما يەنىلاچىڭ تۇرۇۋالدىم. قولىدىكى پۇل يەتمەي سودىگەرنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىققا قېلىۋاتقان بىچارە ئانام ئاخىرى كىملەردىندۇر پۇل ئۆتنە ئېلىپ كېلىشكە كەتتى.. ئۇ قايتىپ كەلگەندە چارىسىزلىق تۈپەيلى كۆزلىرىدە لىغىلداپ قالغان ياشنى كۆرۈپ تۇرساممۇ، كىيىمنى ئالالمايدىغىنىمنى بىلىپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم. ئىچىمدە ئاتا-ئانامدىن نارازى بولدۇم، مېنڭچە بولغاندا ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ يانچۇقىدا پۇل بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

    ئەتىسى بېرىپ كىيىمنىغۇ ئالدىم، بىراق بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ئالىي مەكتەپكە چاقىرىق كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چارىسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ۋە قالدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھېلىقى باياشاد كۈنلەر تۇيۇقسىز بىر ۋەقە تۈپەيلى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ يوقالغان، مانا ئەمدى كۆردىغىنىم ھەركۈنى سەھەردە بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ يولىنى قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ، كەچتە چىرايلىرىنى سارغايتقان ھالدا قايتىپ كېلىشلىرى بولدى. شۇ دەملەردە، يۈرىكىم گەرچە كېچكىپ بولسىمۇ قاتتىق ئېچىشتى، ئەمما ئوقۇش ئىستىكىدە ئۈن-تىنسىز تۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم... مانا ئوقۇشقىمۇ كەلدىم، ئۆزۈم ئىشلەپ پۇلمۇ تاپتىم، جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇل ئەجەپ تاتلىق بولىدىكىنا؟...

       شۇلارنى ئويلاۋېتىپ كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش كەلدى، ئاتا-ئانامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن بىردىنلا كاللام ئېچىلىپ كەتتى. توغرا، بۇ پۇلنىڭ يېرىمىنى ئۆيۈمگە ئەۋەتەي، ئاتا-ئانام ھە قاچان نارازى بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قولۇمدىن ئالغىنى بىرتال كەمپۈت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى جاھاندىكى جىمى نىمەتتى ئەلا بىلىپ يەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!...

    («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.