لەيلىنىڭ خاتىرىىسى4 (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 19:27:00

لەيلىنىڭ خاتىرىىسى يەر ئاستىدىن ئاڭلانغاندەكلا قۇلىقىمغا كىرگەن كۈلكە ئاۋازاى مېنى ئۇيقۇمدىن ئويغىتىپ ، چۈشلىرىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، غەزەپ ئوتىغا چىلىغان يەنە بىر سەھەر ـ ئۇ مېنىڭ ئۇھ تارتىشى...

     لەيلىنىڭ خاتىرىىسى

       يەر ئاستىدىن ئاڭلانغاندەكلا قۇلىقىمغا كىرگەن كۈلكە ئاۋازاى مېنى ئۇيقۇمدىن ئويغىتىپ ، چۈشلىرىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، غەزەپ ئوتىغا چىلىغان يەنە بىر سەھەر
       ـ ئۇ مېنىڭ ئۇھ تارتىشىلىرىمنى ، جۆيلىشلىرىمنى ئاڭلاپ قېلىپ كۈلىۋاتقاندىمۇ ؟
        ئەندىكىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ كۈلكىسى تېخىغىچە توختىمىدى مەن ئاچچىقتىن بوغۇلدۇم ، خۇددى ھەمراھ بولىدىغان ئاسلىنىمنىڭ پۇشۇلداشلىرىدىن بىزاربولغاندەك . مەن گاڭگىراپ قالدىم ، خۇددى ئىلكىمدىكى سېھىرلىك ئالمىنى بىلىپ بىلمەي تارتتۇرۇپ قويغاندەك . لەۋلىرىمنى قانىغۇچە چىشلىدىم ، خۇددى ئادىمىيلىك ئىززىتىم يەرگە ئۇرۇلغاندەك .
        مەن تولغاندىم ، خۇددى چايان چېقىۋالغاندەك ـ ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ !!! مېنى خار قىلما ....مەن پەرھاتنىڭ قولىدىكى بىر چىنە زەھەر ، غىرىبنىڭ بىغىدىكى قۇزغۇن ، تاھىر سولانغان ساندۇقنىڭ قۇلۇپى بولۇشقا رازىمەن ... زۇلەيخانىڭ قولىدىكى قامچىغا ، سەنەمنىڭ قولىدىكى غۇنچىغا ،رابىيە ئۆزىنى تاشلىۋالغان قىياغا نەزىرىمنى ئاغدۇرسام كۆزلىرىم كور بولسۇن.
          توۋا ، ئاشۇ قارا سايە ماڭا ئەگەشكەن شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى مەن تۇنجى قېتىم ئۆكسۈدۈم . خۇددى يېڭىلا كۆزى ئىچىلغان بۇلاقنىڭ بۇلدۇقلىشىدەك ، ئاق كەپتەرنىڭ بۇقۇلدىشىدەك ، بوتۇلاقنىڭ بوزلىشىدەك ، تۇمانلىق شەھەردىكى كىچىككىنە  قۇياشتەك ، توك سىمىغا قونۇپ ئولتۇرغان يالغۇز قۇشقاچتەك چۈشۈمدىكى مەستخۇشلۇقنى ، مەردانلىقنى ، مۇھەببەتنى ھېچكىمگە بىلىندۇرگۈم يوق دېرىزەم تۈۋىدە تاش بولۇپ قاتسۇن !
        بوسۇغام تۈۋىدىكى توپىلارنى باغرىغا ياقسۇن چۈنكى ئۇ لەنىتىي سايە ھويلامدىكى گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغانلىقنى ، دېرىزە ئەينىكىمنىڭ شۇنچىلىك نازۇك ھەم ئاجىزلىقىنى بىلىشكە ھەرگىز قادىر ئەمەس
         خەپ .... ھالرەڭ پەردەمنى ئەتىلا قارا رەڭگە ئالماشتۇرۋەتمىسەم " دەپ ئۇھسىنىشىمغا شۇنداق تېزلا كەچ بولدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق