ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ۋە سوغدى يېزىقى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-06 11:40:50

ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ۋە سوغدى يېزىقى ]ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى[ئەدەبىيات توغرىسىدا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارىشى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىىپ ئېيىتقاندا، ھەممە كىشى ئۆزىگە بىر ئەدەبىيات بولالاي...

    ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ۋە سوغدى يېزىقى

     

                                   ]ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى[

     

    ئەدەبىيات توغرىسىدا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارىشى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىىپ ئېيىتقاندا، ھەممە كىشى ئۆزىگە بىر ئەدەبىيات بولالايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ دائىرسى زامان ۋە ماكان دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ياكى ھەرقانچە ئادەم ئىزى باسمايدىغان، گىياھمۇ يوق، ئۈن - تۈنسىز جايلارغا يەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا ئادەمنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئۇ قانداقتۇر ئالاھىدە نەرسە ئەمەس، ئەمما ئالاھىدە نەرسىلەر ئەدەبىياتتا ئەكىس ئېتىپ قالىدۇ. مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن ياكى ئىرق بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات سەزگۈزەشتىسى بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ كەلگەن ئۈلگىلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزنى، يەنى، سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشلاش گەرچە تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن بولسىمۇ ئەمما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن چىقىپ ئېيىتقاندا ئازراق مۇخالىپ كېلىدىغان يەرلىرىمۇ بار. ماتېرىياللاردا «سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغانلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى 4 – 5 - ئەسىرلەردە قوچۇ (ھازىرقى تۇرپاننىڭ قەدىمىي نامى). تۇرپاننىڭ چۇغراپىيىلىك كودىنات سىستىمىسىدىكى ئورنى ___ [ 88°5′E-89°54′E41°20′N -43°35′N ] ) دا مەيدانغا كەلگەن، شۇڭلاشقا بىز يازما ئەدەبىياتىمىزنى شۇ دەۋىردىن باشلايمىز» دەپ ئېلىنغان. بۇ پاكىتنى ئاساس قىلغان ماتېرىيالىستىك قاراش. ئەمما، بىز ئويلىنىپ باقساق، 4 - 5 - ئەسىرلەردە «تارشا پۈتۈكلەر» مەيدانغا كەلدى دېگەنلىك، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرتىلىمۇ تەرەققىي قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك بولدى دېگەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ پاكىت ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋاقىتلاردىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىققا ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر يېزىقنىڭ، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ، ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىن بۇنداق بىرقەدەر ئىلغار بولغان تارشا پۈتۈك دەۋرىگە كىرىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە يەنە نەچچە ئەسىر ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئەدەبىيات بولسا ئادەمنىڭ ئاڭ پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئادەم مۇكەممەل ئاڭغا ئىگە بولغاندىن تارتىپ ئادەمنى ئاساس قىلغان سۆز، بايانلار، ئەپسانىلەر، ھەرخىل رىۋايەتلەر تۈسىدە ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرگەن بولىدۇ. مەيلى ئۇ يازغۇچى تەرىپىدىن خاتىرلەنسۇن ياكى خاتىرلەنمىسۇن ئۇ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. ماددا مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش باسقۇچىدا بولىدۇ. دېمەك ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىياتى ئىنسانىيەت نورمال ئاڭ پائالىيىتى باشلانغان  مەزگىلدىلا بارلىققا كېلىپ بولغان. ئۇنى خاتىرىلىگۈچى بەلگە بولسا، نۇرغۇن ئىھتىياج تۈپەيلىدىن سەل كېيىنرەك بارلىققا كەلگەن.
           شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر - ئىككى ئەسىر ئېچىدە بارلىققا كەلگەن. بولمىسا  بىر يېڭى شەيئىي بارلىققا كېلىپلا زور تەسىرگە ۋە تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشى ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە كەتكەن ۋاقىتتىن تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يېتىش باسقۇچى ئەلۋەتتە سەل ئۇزۇن بولىدۇ. سوغدى يېزىقى ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەن بىردىنبىر يېزىق بولۇشىمۇ يەنە ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ دەۋىرلەردە ئادەملەر بۈگۈنكىدەك ياشىمايدۇ. ئۇلار دەريا بويى، تۈلەڭلىك، بۇلاق بويى دېگەندەك ياشاش شارائىتى ئاددى ھالەتتە تەمىن ئېتىلگەن جايلارنى ماكان تۇتۇپ قەبىلە بويىچە ياشايدۇ. دېمەك، قەبىلە دېگەن گەپ ئىدىئولوگىيە ۋە ماددىيەت جەھەتتىكى پەرقتىن كېلىپ چىققان ئايرىم بىر سىنىپتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە كۈرەش نىشانىدىمۇ بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت. قانداشلىق نۇقتىسىدىن ئېتنىك مەنبەسى بىر بولغان بىلەن ئەمما بەزى تۈپ پەرقلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بىرنەچچە قەبىلە بويىچە ياشىغانلىقى ئېنىق. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپتىدائىي قائىدە - يوسۇنلىرى، يېزىقى بولىدۇ. بىزنىڭ ھازىر بايقىغانلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرنەچچە قەبىلىنىڭ ئىشلەتكەن ياكى بىر قەبىلىنىڭ ئىشلەتكەن يېزىقى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. دېمەك، سوغدى يېزىقى دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقتىن باشقا يەنە بىزنىڭ ئەينى دەۋر مەدەنىي ھاياتىمىزدا باشقا يىزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.