پىرۇزا ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇقلار

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-28 01:43:00

پىرۇزا ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇقلار ئۆزەم كىتاپ ئۇقۇشقا بەك ئامراق، شۇڭا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ قانماي داۋاملىق چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى...

    پىرۇزا ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇقلار

    ئۆزەم كىتاپ ئۇقۇشقا بەك ئامراق، شۇڭا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ قانماي داۋاملىق چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇيمەن. بارا-بارا چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلوبى ۋە ۋەقەلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مېنى تېخىمۇ جەلىپ قىلۋالىدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى....ماڭا ھازىر پىرۇزا ئەدەبيەتىمىز بىر ئىزدا تۇرۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، ئويلاپ باقسام پىرۇزا ئەدەبىيەتىمىزنىڭ مەزمۇنى خۇددى ھىندىستاننىڭ كىنولىردەكلا بىر خىل، ئوخشاش ۋە تەكرارچان ، تۈرى ئاز ئىكەن،  بىرنەچچە خىلغىلا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن، يەنى : مۇھاببەت ۋەقەلىگى، ئەخلاق تۈردىكى (ياخشى يامان ئوبرازلا تەسۋەرلەنگەن) ۋەقەلىكلەر، تارىخى ۋەقەلىكلەردىن ئىبارەت شۇ ئازغىنە تۈرلەردىن چەتنەپ كېتەلمەيدىكەن.

    ئەمەليەتتە پىرۇزا ئەدەبياتىغا دائىر تۈرلەر ئىنتايىن كۆپ.  ئىقتىسادى،مەدەنيەت،  ئەخلاق پىرىنسىپلىرى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بىزنىڭ پىرۇزا ئەدەبىياتىمىز مەزمۇن بوشلىقى جەھەتتىن ئەسلىدىنلا تار كوچىلاردا ئەگىپ يۈرمەكتە، شۇنداق ئىكەن نىمە ئۈچۈن پىرۇزىچىلىقتىكى باشقا تۈرلەردىن ۋە بوشلۇقلاردىن پايدىلانمايمىز؟ 

      پىرۇزا ئەدەبياتى ھازىر  دۇنيا بويىچە سەنئەت تۈسىدىن كۆرە كۆپەرەك كۈڭۈل ئېچىش تۈسىگە يۈزلىنۋاتىدۇ،  كىشلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن كىتاپلار بازار تېپىۋاتىدۇ،  بۇ كىتاپلاردا تەسۋىرلەرنگەن ۋەقەلىكلەرنىڭ، مەزمۇنلارنىڭ رەڭگا-رەڭ ، جىددى، ھەيراق قالارلىق بۇلىشى، سەنئەت ئۇسلوبىنىڭمۇ ئالاھىدە بۇلىشى كىشىنى ھەيراق قالدۇرىدۇ.

    رازۋىتكا ۋەقەلىكلىرى، قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلىكلەر، ئىلىمى فانتازىيە، سىرلىق ۋەقەلىكلەر، سېھرى فانتازىيە، ئەقىل-پاراسەت، ھىلە-مىكىر ۋەقەلىكلىرى.......بۇلار بىزنىڭ تار پىرۇزىچىلىقىىمزىنى چەكسىز  بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ، راھەتپەرەسلىك بىلەن تەييار تېلۋىزور پىرۇگراممىلىرىغا ئۆگۈنۈپ قالغان، كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتۋاتقان ئۇقۇرمەنلىرىمىزنى كىتاپ دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە پۈرسەت يارىتىپ بىرىدۇ....ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ چاكسىز بوشلۇقتىن پايدىلانمايمىز؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق