پەرھاد-شېرىن داستانى داۋامى

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 14:54:54

ياكى ھەيكەلگە پىدائىمۇ سەن؟!ياكى تاشلارنىڭ خۇدايىمۇ سەن؟!ئەزەلدىن شۇنداق يارالغانمىدىڭ؟!قۇرۇق-پولاتتىن ياسالغانمىڭ؟!كۆرسەت مېتىننى ياساش يولىنى،ھەم سۇغۇرۇشنىڭ بار ئۇسۇلىنى.قارۇنمۇ بۇنى ئەيلىد...

    ياكى ھەيكەلگە پىدائىمۇ سەن؟!
    ياكى تاشلارنىڭ خۇدايىمۇ سەن؟!


    ئەزەلدىن شۇنداق يارالغانمىدىڭ؟!
    قۇرۇق-پولاتتىن ياسالغانمىڭ؟!


    كۆرسەت مېتىننى ياساش يولىنى،
    ھەم سۇغۇرۇشنىڭ بار ئۇسۇلىنى.


    قارۇنمۇ بۇنى ئەيلىدى قوبۇل،
    ھېچبىر قىلمىشى بولدى نوقۇل.

     
    كۆڭلىن ھىلىگە قىلمايىن مايىل،
    ئۆگەتتى ھۈنەر ئۇستازى كامىل.

     
    پەرھادمۇ قىلدى ئالى تەپەككۇر،
    قارۇنغا ئېيتتى «يۇزمىڭ تەشەككۇر.»

     
    خەزىنىدار چاقىردى يەنە،
    قارۇن ئالدىغا تۆكتى خەزىنە.

     
    ئىنتىقام ۋە ئېھسان ئەيلىدى نەچچەنىد،
    قىلدى قارۇننىڭ كۆڭلىنى خۇرسەنىد.

     
    بۇ ھۈنەرلەرنى ئۆگىنپ پەرھاد،
    كۆڭۇل ئويىنى قىلدىلەر ئاۋات.


    *     *     *        *

    ئوردىلار پۈتتى شۇنداق ئازادە،
    نامى تارالدى پۈتۈن ئالەمگە.
    رىۋايەتچىلەر تەرىپ قىلىشتا،
    ئاجىز كېلىدۇ قەلەم يېزىشقا.

     
    تەرىپ-تەۋسىپى بەكمۇ زىيادە،
    ئۇنىڭ ئالدىدا ئېرەم پىيادە.

     
    ئىنايەت قىلدى قۇدرەت ئىلاھى،
    ياساپ پۈتكۈزدى خاقان سىپاھى.

     
    خاقاندىكى بار بۈيۈك قۇدرەت ئىلاھى،
    ياساپ پۈتكۈزدى خاقان سىپاھى.

     
    خاقاندىكى بار بۈيۈك قۇدرەتتە،
    پۈتتى ئوردىلار تۆت يىل مۇددەتتە.

     

    خاقاننىڭ پەرھادنى ئوردىغا باشلىغانلىقى
    مۈلكى ئارا ئېيتتى:


    -ئىش پۈتتى تامام،
    ئوردا ئىچى تەل،بولدى سەرەمجان


    بېرىپ بەزمىلەر قىلىڭ ئازادە،
    تاماشا قىلسۇن پەرھاد شاھزاد.


    يۈردىلەر خاقان پەرھادنى ئېلىپ،
    تاماشا قىلدى ئوردىغا كېلىپ.

     
    بارچە ئەمىرلەر قىلدى مۇبارەك،
    گويا ئەمەلگە ئاشقاندەك تىلەك.

     
    كەلتۈرۈلدىلەر شىرمەل كاۋابى،
    يەنە خوتەننىڭ كەۋسەر شارابى.

     
    سازچى،كېنىزەك،ساقى،خىزمەتچى،
    غەزەلخانلار،گەپچى ،ئۈلپەتچى.

     
    ئۆتتى قىرىق كۈن كەيپى-ساپادا،
    ياڭرىدى مەرغۇل،نەغمە ھاۋادا.

     
    ياقمىدى بۇلار پەرھاد كۆڭلىگە،
    سالمىدى نەزەر بۇ خىل سەيلىگە.

     
    ئىشرەتخورلۇقتىن يەتكەندەك زەرەر،
    دېدى كۆڭلىدە «ھەزەر مىڭ ھەزەر»
    سەن ھەم نىمشېھىت سالماڭ نەزەرىڭ،
    مەغرۇرلۇق بىلەن بەرمە زەپەرىڭ .

     

    پەرھادنىڭ غەزەلى

     

    ئاھ!...كىم دەردىمگە تېپىلماس دەرمان،
    ئورنىدى قەلبىمگە مىڭ تۈرلۈك ئارمان.


    سەيرى ئېتىپ تۆت ئوردا ھەممە قەسىرنى،
    كۆرگەندە غەم يۇتۇپ قاينىدى ۋىژدان.


    مېنى دەپ قىلغاندۇر پۇخرا،
    كىملەر ئازاپ تارتقان بولۇپ سەرگەردان؟!


    مەندەك بىر بىتەلەي پەرزەندى ئۈچۈن،
    مۇشەققەت چەككەندۇر ئاتىمىز خاقان.


    سولغاندۇر غۇنچدۇر ئېچلماي گۈلۈم،
    يۈرەكتە دەردۇ غەم كۆڭلۇم پەرىشان.

     
    دەردىمنىڭ داۋاسىن ئۆزۈم بىلمەيمەن،
    بارمۇ يا ۋۇجۇد جىسمىمدا نۇقسان.

     
    كەتكەندۇر بۇلارغا كۈچ بىلەن مېھنەت
    سەرىپ بولغاندۇر تېخى خەزىنە-ھەميان.

     
    كاشكى بۇ دەرد-ئەلەم ئۆزۇم ئىلە كەتسە،
    ئاتا-ئانام كۆڭلى بولمىسا گىريان.

     
    سەتەمكار پەلەكتىن،چەرخى دەۋراندىن،
    بولغۇم بار مىڭ بىزار ھەم تەركى جاھان.

     
    «پەرھاد» دەپ ئىسمىم بار پەرياتتۇر ئىشىم،
    ئىزتىراپتىن تىنچىماس قەلبىم بۇ زامان.

     

    خاقاننىڭ ئۆز خەزىنىسى پەرھادقا كۆرسەتكىنى

     

    باشلىدى خاقان ئوغلى پەرھادنى،
    كۆرسەتمەك ئۈچۈن بۇ تىلسىماتنى.

     
    بار ئىدى بۇ يەردە قىرىق ھۇجرا،
    ئوتتۇز توققۇزنى قىلدى تاماشا.

     
    بىرىدەكۇمۇش،بىرىدە ئالتۇن،
    بىرىدە تىللا چاچاتتى يالقۇن.

     
    لەئىل،جاۋاھىر،ياقۇت ۋە ئۈنچە،
    مەرۋاھىت گۆھەر كۆپ ئىدى شۇنچە.

     
    تەخمىن ئەيلىدى بۇنى ھېسابسىز،
    پۇخرا ئىلكىدىن يىغقان ئىنساپسىز.

     
    بۇنىڭدىنمۇ خۇش بولمىدى دىلى،
    ياشنىمىدى ھېچ سارغايغان گۈلى.

     
    تېخى ئەلىمى ھەددىدىن ئاشتى،
    ئاتەش غەزىپى ئۆرلىدى-تاشتى.

     
    قورال-ياراقنى كۆردى ئارىلاپ،
    ئالدى بىر دانە ئوق-يانى تاللاپ.

     
    يەنە بىر سەنگى پالاخماننى ھەم،
    ئېلىپ ئوق-ياغا قىلدىلەر ھەمدەم.

     
    بۇنىڭدىن ئازراق سۆيۇندى دىلى،
    چۇنكى چىڭ ئىدى بىلەك ھەم بېلى.
    مۇداپىئەگە ياراق چاغلىدى،
    جانۇ-دىلىنى مەھكەم باغلىدى.

     
    ئۆگەندى قورال ئشلىتىشىن يولىن،
    بىر نەچچە ئېتىپ كۆندۈردى قولىن.


    يەنە سەيرىنى  قىلدىلەر داۋام،
    ھەر كىمگە قىلىپ لايىق ئېھتىرام.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.