يوقال، ئىپەتسىز مۇھەببەت!(مىھىرگۈل مەخمۇت)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 03:40:55

يوقال، ئىپەتسىز مۇھەببەت (مىھىرگۈل مەخمۇت) شۇتاپتا دوختۇرخانىغا ، سېنىڭ يېنىڭغا قاراپ كېتىۋاتىمەن . . . كاللامنى خىلمۇخىل چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى. بىلەمسەن دوستۇم ، مۇشۇ دەقىقىدە يۈرىكىم قا...

    يوقال، ئىپەتسىز مۇھەببەت

    (مىھىرگۈل مەخمۇت)

     

         شۇتاپتا دوختۇرخانىغا ، سېنىڭ يېنىڭغا قاراپ كېتىۋاتىمەن . . .

        كاللامنى خىلمۇخىل چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى. بىلەمسەن دوستۇم ، مۇشۇ دەقىقىدە يۈرىكىم قاتتىىق ئاغرىپ، ناگىھان بىر ھالەتتە پۇچلانماقتا. . . ھازىرقى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئازابلىق ھېسسىياتىم كۆز چاناقلىرىمدىكى ياشلىرىمنى ئاۋۇتماقتا. بۇ ساڭا بولغان ئىچ ئاغرىتىشمۇ ياكى نەپرەتمۇ ئۆزۈممۇ ئېنىق ئېيتىىپ بېرەلمەيمەن.
        ساڭا شۇنداق ئىشىنەتتىم ، سېنى دوستلار ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ تۇتىۋالغان، ئەڭ ئىشەنچلىك، ھېسسىياتىنى ئەقىل يۈگەنلىرى بىلەن كونتىرول قىلالايدىغان دەپ قارىغاچقا، ساڭا شۇنچىلىك ئامراقلىق قىلاتتىم. سەنمۇ ماڭا ئامراق ئىدىڭ . بىز يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى تۆكۈشەتتۇق. قىزىقارلىق گەپلەر بىلەن بىر-بىرىمىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋېتەتتۇق. مەن ساڭا چىدىمايتتىم ، ھەتتاكى زۇكامداپ ، يۆتىلىپ قالغۇدەك بولساڭمۇ ئەتراپىڭدا پايپىتەك بولۇپ كېتەتتىم. سەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىڭ. . .
       سەن چىرايلىق بولغىنىڭ ئۈچۇن يېنىڭدىن بىر ئۆتكەن كىشىمۇ ئىختىيارسىز ئارقىغا قاراپ سالاتتى. قاپقارا بوستان چاچلىرىڭ، ئەگىم قاشلىرىڭ ، بىر جۈپ قويۇق، قايرىما كىرپىكلىك بوتا كۆزلىرىڭ ، زىلۋا قامىتىڭ ، نى -نى مەن- مەن دىگەن ئوغۇللارنىڭلا ئەمەس قىزلارنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغايتتى. مەن سەندەك چىرايلىق، ئەقىللىق، شوخ دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتىم. سېنىڭ ئەستايىدىللىقىڭغا، ئۆزۈڭنى تۇتىۋالالايدىغان تەمكىنلىكىڭگە قول قوياتتىم، چىن دىلىمدىن ھۆرمەت قىلاتتىم. . . بىراق، سەن ئۆزگەردىڭ. ئاشۇ ئاتالمىش "چىن ، ھەقىقىي ، قىلچە ساختىلىقى بولمىغان مۇھەببەت "سېنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. جىسمىڭدا ، روھىڭدا يۇيۇپ تازىلىۋەتكىلى ، ئۆچۈرۈپ ئىزىنى يوقىتىۋەتكىلى بولماس "دەپسەندە" ئاتلىق تامغىنى باستى، ھاياتىڭدىكى ئەڭ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئىپپەت-نومۇسۇڭدىن، پاكلىقىڭدىن مەزگىلسىز ئايرىۋەتتى. . .
       سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭنى ئىيتقان شۇ كۈنى، مەن ئەجەبلەندىم . چۈنكى سەن ئىلگىرى ئۇنى ئۆزۈمگە ماس كەلمەيدۇ ، دەپ قارايتتىڭ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم ئەمدى ئىزدەپ كەلمەسلىك ، پاراكەندە قىلماسلىق توغرىسىدا تەنبىھمۇ بەرگەنىدىڭ. بىراق ئۇ شۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. . . ئاخىرى كۆڭلۈڭنى ئۇتىۋالدى. . .
    _مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ ياخشى بالىكەن، ئىلگىرى چۈشەنمەي كۆڭلىگە ئازار بېرىپتىكەنمەن، ئەمدى شۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچىمەن. سەن دىققەت قىلدىڭمۇ ، ئۇنىڭ قاراشلىرى، كۈلۈشلىرى بەك ئوماقكەن، بارا- بارا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، _ دىگەن سۆزۈڭ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەن ئۇنى تونۇيتتۇم، ئۇ مەن بىلەن تولۇقسىزدا پاراللېل سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئۇ ئېگىز بويلۇق، قاپقارا قوشۇما قاشلىق ، كۆزلىرى يوغان خېلى كېلىشكەن بالا ئىدى . ئەمما كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل ماھىيەت يوشۇرۇنغاندەك ، قاراشلىرى شۇنچە سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى يامان ئەمەس بولسىمۇ ، بىراق تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە "چوڭقۇر چۆكۈپ "كەتتى. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭغا بولغان قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇلارنى ساڭا قايتا قايتا ئەسكەرتكەن بولساممۇ ، سەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىڭنى، ئۇ سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسىلا باشقا تەلىۋىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقىنىڭدا سەندىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم.
    _ئاداش، بىز ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمىز، يىل ئۆرۈلسىلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىمتىھان يىتىپ كېلىدۇ. مۇھەببەتلىشىشنى قويۇپ ، زېھنىڭنى ئۆگىنىشكە قاراتقىن . ھېلىمۇ سەن ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتكىلى خېلى بولدى. ئەمدى قايتىدىن باشلىساڭمۇ كېچىكمەيسەن، _دىيىشلىرىممۇ ساڭا كار قىلمىدى.
       مەن مەكتەپكە ئۆيۈمدىن بېرىپ كېلىمەن ، سەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغىنىڭ ئۈچۈن بەزىدە كەچلىك مۇزاكىرىلەردىن كۆز بويامچىلىق بىلەن قېچىپسەن. يەنە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ياتاققا كىرمەپسەن. بۇلارنى كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلاپ مەيلى قانداقلا ئامال بىلەن بولمىسۇن سېنى توسۇش نىيىتىگە كەلدىم. سېنى ئەمدى توسۇۋالمىسام قاراپ تۇرۇپ تۈگىشىپ كېتىشىڭگە يول قويغان بولاتتىم ، ياق ، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!!!
      ھېلىقى ئىككىمىز ئازارلىشىپ قالغان كۈن ئېسىڭدە بارمۇ؟ شۇ كۈنى مەن ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىپلا ، سېنىڭ يېنىڭغا بېرىپ :
    _ئاداش، بىر سۆزلەشسەك بوپتىكەن. ئۇزۇن بوپتۇ قانغۇدەك مۇڭداشمىغىلى ، _دىدىم . سەن كۈلۈمسىرىگىنىڭچە ماڭا قاراپ :
    _ھە ئە ، شۇنى دىمەمسەن . مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم ، توختاپ تۇر ، مەن ماۋۇ تاپشۇرۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي. ھېلى تەنەپپۇستا سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن . _دىدىڭ . مەن قارىسام ئالدىڭدا تېخى ئىشلەنمىگەن تاپشۇرۇقلار تۇراتتى، سەن باشقىلارنىڭكىنى كۆچۈرىۋاتاتتىڭ. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. شۇڭا گەپ قىلمايلا ئورنۇمغا كەتتىم .
      سەن توغرۇلۇق خېلى ئويلاندىم ، دەرسلەرمۇ كاللامغا چۈشمەيتتى. نىمە ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدىڭ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قوينىغا شۇنچە تېزلا ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ ؟سەن بۇلاردىن نىمىگە ئېرىشمەكچى؟نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ئوبدان ئويلىنىپ باقمايسەن؟. . . سەندىن سوئال سورىغىملا كېلىپ تۇراتتى. 
        تەنەپپۇستا سەن يېنىمغا كەلدىڭ. مەن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم . سەن خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا: 
    _ماڭا بەك جىق گەپلىرىڭ بار دەيدىغان، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. قېنى، قانداقلا گىپىڭ بولسا دەۋەرگىن ، مەن ئاخىرىغىچە ئاڭلايمەن، _دىدىڭ.  
    _ئاڭلىسام يېقىندىن كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمايۋېتىپسەن، ياتاققىمۇ تاڭ ئاتقاندا ئۈنىدىكەنسەن ، نەلەردە ، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭ ماڭا نامەلۇم ، ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇنىڭغا ئالدىنىپلا قالمىساڭ بولاتتى. گىپىمنى چۈشەنگەنسەن؟_دىگىنىمدە، سەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ.
    _ھا ھا ھا ھا . . . ۋاي تاتلىق ئادىشىم ، مىنى ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالارمىكىن دەپ غېمىمنى يەپ يۈرۈپسەندە. . . خاتىرجەم بول ، ئۇ ھەرگىز مىنى ئالدىمايدۇ . ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ، ئەقىدىمىز چىڭ باغلانغان. . . سەن مىنى بوشاڭ، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان قىزلارغا ئوخشىتپ قالدىڭمۇ يە؟ ماڭا ئىشىنە تاتلىق ئادىشىم، _دەپ ئەركىلەپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپىڭ تازا دىتىمغا ياقمىدى. 
     
    _ئاداش، جاھاندا ھەر قىسما ئادەملەر بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئەقىل بىلەن ئويلاپ كۆرگۈلۈك . مەيلى ئۇ ساڭا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەرسۇن، ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن ئۆزۈڭنى تۇتقۇزۇپ قويما . . . _گىپىم تۈگىمەستىلا چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كەتتى: 
    _قارىغاندا ماڭا راستىنلا ئىشەنمەس بولۇپ قاپسەن، مەن دىدىمغۇ ساڭا ئۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ، مېنى ئايايدۇ، ھەرگىز ئالدىمايدۇ. بۇنى سەن ئەلۋەتتە چۈشەنمەيسەن. . . _گىپىڭنى ئاڭلاپ زادىلا چىداپ تۇرالماي ئېيتتىم:
    _ئاداش، ساڭا ئوچۇقىنى دەۋېرەي، شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن بىردەملىك ئەقىلسىزلىق قىلىپ ئۆزۈڭگە ماس كەلمەيدىغان، بىرلىكتە ئىستىقبال يولى ئاچالمايدىغان بىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرمىگىن. ئۇ سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە ، سېنى ھۆرمەتلەپ ، ئايىسا ھەرگىزمۇ كېچە-كېچىلەپ سىرتلاردا يۈرىشىڭگە يول قويمىغان، دەرس تاشلاپ كەچلىك مۇزاكىرىدىن قېچىشىڭغا تۈرتكە بولمىغان بولاتتى، بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟_سەن يەنە مىنىڭ سۆزۈمگە رەددىيە بەردىڭ: 

    _بولدى، بۇ تۇغرۇلۇق سەن دىمىسەڭمۇ مەن قانداق قىلىشنى بىلىمەن. ئۆزۈم ماڭغۇم كەلگەن يولدا ماڭسام بۇنىڭ نەرى خاتا؟شۇڭا ، پەندى -نەسىھەتلىرىڭنى سۆزلىمەيلا قوي. دەيدىغىنىم يەنىلا شۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، سۆزسىز ئىشىنىمەن. مانا بۇ مۇھەببەت!. . . _سەن شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدىڭ . . . 
         بۇ سەنما ؟ سەن شۇنداق دېدىڭما ؟سىنى خاتا ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلىدە سەنمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆزگىرەلەيدىكەنسەن. . . ئەنە شۇندىن بۇيان بىزنىڭ ئالاقىمىز ، بىر-بىرىمىزگە تۇتقان قىزغىن مۇئامىلىلىرىمىز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ كەتتى. سىنىپتا سۇسقىنە سالاملىشاتتۇق، مۇھىم ئىش بولمىسا ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىشمايتتۇق. سېنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭمۇ ماڭا شۇنداق سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى. خەيىر، دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللا كۆڭلۈڭگە ئىنساب بەرسۇن!!!  
        كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋاتاتتى. سەن ھېلىھەممۇ پۇرسەت بولسىلا ھەرگىز قولدىن بەرمەيتتىڭ. ساڭا بۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا يەنە نەسىھەت قىلىشنى ئويلاپ، نەچچە تەمشەلگەن بولساممۇ ، بىراق ئالدىنقى قېتىمدىكى كۆڭۈلسىز سۆھبەتنى ئويلاپ بۇ ئويۇمدىن يالتايدىم. بىر كۈنى ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىپ ئورنۇڭغا قارىسام سەن يوق، دەرسكىمۇ كىردۇق. سەن تېخىچىلا سىنىپقا كىرمەيۋاتاتتىڭ. ئاغرىپ قالغانمىدۇ يا؟دەپ ئويلاپ ياتاقداشلىرىڭدىن سورىسام ، ئۇلار سېنىڭ ئاخشام يەنە كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىغىنىڭنى، كېچە ياتاققىمۇ كەلمىگىنىڭنى ئېيتتى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ باراتتى. شۇ چاغدا سەندىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسەن؟مۇشۇنداق ئەنسىز ئولتۇرسام ، تۇيۇقسىز سىنىپ مەسئۇلىمىز چاقىرىپ قالدى:
    _گۈلزىبا، مەن بىلەن ئىشخانىغا كىرىڭ. . .   
         مەن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردىم. مۇئەللىم مەندىن سېنىڭ يانفون نومۇرۇڭنى ، ئۆيۈڭنىڭ، داداڭ ۋە ئاپاڭنىڭ تېلىفون نومۇرلىرىنى سورىدى، ۋە ماڭا :
    _يېقىندىن بۇيان نەفىسە كەچلىك مۇزاكىرىلەرگە تولۇق قاتناشمايدىكەن، ياتاققىمۇ كېچىلەپ كىرمەيدىكەن. مەنمۇ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلاردىن بۈگۈن ئاڭلىدىم ، قايتا-قايتا سادىر بوپتۇ، ئاگاھلاندۇرسا بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە ئۆزسەنىمىگە دەسسەپتۇ . بۇ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋال. مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلارغا مۇۋاپىق چارە-تەدبىر كۆرۈلىدۇ . مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي، ئۇلار نەفىسەنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەرسىز ، بالىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ، دەپ ئويلايدۇ. نەفىسە تۈنۈگۈن كەچتىمۇ يوق. . . مانا بۈگۈن دەرسكىمۇ قاتناشمىدى . سىزمۇ ئالاقىلىشىپ بېقىڭ. . . _دىدى. 
        مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدىن قانداق قايتىپ چىققىنىمنىمۇ بىلمەيمەن . كاللامنى خىلمۇخىل چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى. بەزى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. تېلىفونۇڭغا ئۇچۇر يوللىدىم، قايتۇرمىدىڭ. . . تېلىفون ئۇرسام ئىتىككەن . . . بارغانسىرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم . زادى كىم بىلەن، نەلەردە يۈرىدىغانسەن؟ نىمىشقا بۇنداق تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىسەن؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟    
         چۈشتىن كېيىن دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن سىنىپتىكى بالىلاردىن «نەفىسە قايتىپ كەپتۇ، ئاپىسى بىلەن مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئىكەن»دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى. بىر ئازدىن كېيىن سەن سىنىپقا كىرىپلا مېنىڭ يېنىمغا كەلدىڭ ۋە تۈنۈگۈن كەچ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تورخانىدا ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى ئېيتىڭ. بىراق سەن مۇئەللىمنى ۋە ئاتا-ئاناڭنى ئالدىدىڭ ، ئۇلارغا باشقا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر دوستۇمنىڭكىدە قوندۇم، ئەتىگەن سەل بىئارام بولۇپ قېلىپ مەكتەپكە كىلەلمىدىم ، دەپسەن . «بۇ يالغانچىلىقىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارە بولماي قالارما؟ شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا يەنە نىمە دەپ چۈشەندۈرمەكچىسەن؟»دىگەن خىياللار كاللامدىن كېچىپ ئۆتتى .  
       شۇ بىر قېتىملىق ئىشتىن كېيىن سەن خېلىلا تۈزىلىپ قالغاندەك تۇراتتىڭ. مەن تېخى ئۆزۈمچە سېنى ئەمدى مۇشۇنىڭلىق بىلەن بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. نەدىكىنى ~! بۇلار پەقەت سېنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىپادىلىرىڭكەن ئەمەسمۇ ؟!
        ئاشۇ كۈنى سەن تامدىن ئارتىلىپ يەنە قېچىپسەن. ئەجەبا، سەن قېچىشقا خۇمار بولۇپ قالدىڭمۇ ؟ئۇنىڭ ئۈچۈن «قۇربانلىق» بەرگىنىڭمۇ بۇ ياكى. . . ؟شۇ كۈنى كەچ نېمىشقىدۇر قاپىقىم تارتىپلا تۇراتتى . ئادەتتە قاپىقىم تارتسا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگىنىم ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا كارىم بولمىدى . كىم بىلسۇن! شۇ كۈنى كەچ سەن ئاتالمىش «چىن ، پاك مۇھەببەت »نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپسەن ئەمەسمۇ ؟! 
        تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ ئۇنىڭ بىلەن تورخانا ، قاۋاقخانا ، دىبا قاتارلىق جايلاردا بىللە يۈرۈپسەن. كەچ خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن سەن مەكتەپكە قايتماقچى ئىكەنلىكىڭنى ئېيتقان بولساڭمۇ ئۇ ، بۇ كەچتە مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقىۋەتسە بەرىبىر كىرەلمەيدىغىنىڭنى ، شۇڭا بۈگۈن كەچ ياتاق ئېچىپ بىللە تۈنەپ چىقىش«تەكلىپ»ىنى بېرىپتۇ. سەن ئويلانمايلا ماقۇل بوپسەن. . . شۇ بىر ئېغىز «ماقۇل» دىگەن سۆزۈڭ جىسمىڭنى، روھىڭنى قىلچىلىك قىممىتى يوق خەسىگە ئايلاندۇرۇپ، قىزلىق ۋىجدان غورۇرۇڭنى ، دەپسەندە قىلدى. . . 
     
         ئۇ مۇشۇ ئۈستىدە سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقىلى بىرەر سائەتتىن ئاشتى. سەنمۇ توختىماستىن ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىڭنى چۈشەندۈرمەكچى بولاتتىڭ. . . 
    _تاتلىقىم، بىز بىر-بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىمىز، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىمىز ۋە بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىپ كەلدۇق . بىراق بۇ قېتىم ماڭا ئىشەنمەمسەن ؟مېنى شۇنچىلا ئىشەنچسىز دەپ قارامسەن؟سېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى ماڭىلا تەئەللۇق بولسىكەن ، دەيمەن. . . مېنى چۈشەنسەڭچۇ. . . 
    _سېنى چۈشىنىمەن ، بىراق سەنمۇ مېنى چۈشىنىشىڭ كېرەكتە . ئويلاپ كۆرگىن ، بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەكمۇ كەلگۈسىمىزنىڭ قاراڭغۇلىقى ئۆزىمىزگە ئايان. . . 
    _ئۇنداق دىمە نەفىسە، ماڭا ئىشەنگىن، سېنى ئالىمەن~بۇنى ئىزچىل ساڭا دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ ؟مەن ئوغۇل بالا ، دىگىنىمنى قىلالايمەن.  
    _بىلىمەن، سەن قىلالايسەن، ھەم قىلىپ كېلىۋاتىسەن. شۇڭا سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن. ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىمەن، بىراق بۇ ئىشتا يەڭگىللىك قىلساق بولمايدۇ . سەن ئوغۇل بالا، سەن ئۈچۈن بەرىبىر، بىراق مەنچۇ؟ مەن شۇنىڭلىق بىلەن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىمەن. 
    _ئۇنداق كۆپ ئويلاپ كەتمە ، مەنلا بولىدىكەنمەن ، سەن ھېچنىمىدىن ئايرىلىپ قالمايسەن، بىلدىڭمۇ ؟ مۇشۇ كەمگىچە سەن ئۈچۈن كۆپ ئۆزگەردىم، نۇرغۇن بەدەل تۆلىدىم ھەم يەنە قۇربانلىقلارنىمۇ بەردىم . سەن مەن ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قۇربانلىقمۇ بېرەلمەمسەن؟ 
    _سەنمۇ ئۇنداق دىمە، بولامدۇ؟مەن سەن ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشكە رازى. . . بۇنڭدىن باشقا نىمىلا بولسا مەيلى، بىراق بۇنىڭغا مەن قوشۇلالمايمەن.  
    _مەن ھېچ چۈشىنەلمىدىم، نىمىشقا شۇنچىلا كۆپ ئويلاپ كېتىدىغانسەن؟مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن گۇمانلىنىدىغان ئوخشىمامسەن؟  
    _ياق، گۇمانلانغىنىم ئەمەس، سەن يەنە خاتا چۈشىنىۋاتىسەن. ئويلاپ باققىن، ئەگەر كەلگۈسىدە مۇرادىمىزغا يىتەلمەي قالساق ھەر ئىككىمىزگە ئەلەم بولماسمۇ؟
    _ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ نەفىسە . مەن دىدىمغۇ~بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسەن.
    _كۆپ ئويلىمىساق بولمايدۇ، يەڭگىلتەكلىك قىلمايلى بولامدۇ؟ 
    _سەن بۇنداق جاھىللىق قىلما بولامدۇ؟
    _مېنى زورلىما بولامدۇ؟
    _چۈشەندىم، سەن مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن. . . مەندەك بىر بىكارچى ساڭا بويلىشالايتتىممۇ؟سەندىن سۆيگۈ تەلەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم توشاتتىمۇ؟!
    _ياق، مەن. . .
    _بولدى، سۆزلىمەيلا قوي نەفىسە، مەن چۈشەندىم ، دىدىمغۇ. . . 
    _ياق، سەن چۈشەنمىدىڭ، چۈشەنگەن بولساڭ بۇنداق دىمىگەن بولاتتىڭ! 
    _بولدى ، چۈشەندۈرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما . مەقسىتىڭ ماڭا ئايان بولدى، مەندىن قۇتۇلغۇڭ كېلىۋاتامدۇ؟ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتەيلى. 
       سەن ئۇنى تۇنجى رەت كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن قارىدىڭ: 
    _نىمە دەۋاتىسەن؟بۇ گەپنى تىلغا ئالمايمىز دىيىشكەنغۇ ؟مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتەمدۇق؟ 
    _بۇ گەپنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر قىلغىن ئۆزۈڭ، مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولساڭ ھەرگىز بۇنداق قىلمىغان بولاتتىڭ. ھېلىمۇ شۇنچە گەپلەرنى قىلسام ھېچقايسىسىنى قىرىڭغىمۇ ئالمىدىڭ، ساڭا قانداق ئىشىنەي؟! -
    _ سەن ئەمدىلىكتە بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشىنىشنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆلچەۋاتامسەن؟  
    _ھىھ ! (دىمىقىنى قېقىپ) بۇ ئۆلچەش - ئۆلچىمەسلىكتىكى گەپ ئەمەس . پەقەتلا سېنىڭ ماڭا ئىشەنمىگىنىڭ .  
    _سەنمۇ ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسەنغۇ مانا. . . 
    _ۋاي بولدى قىلە ! سۆزلەۋېرىپ مېنىمۇ ئىلەشتۈرىۋەتتىڭ. . . سەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەنىدى. دېرىزىدىن سرتقا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭ. ئارىنى خېلى بىر كەمگىچە جىمجىتلىق باستى . . . كاللاڭغا خىلمۇخىل خىياللار كېلىپ تۇراتتى. . . بىردەمدىن كېيىن ھايا-پەردىشەپنى بۇزۇپ قىلغان بىر ئېغىز گېپىڭ جىمجىتلىقنى بۇزىۋەتتى، بەس - مۇنازىرە يەنە باشلاندى. ئۆز مەيدانىڭدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالىغان بولساڭكەن كاشكى!ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس. . . 
    _ساڭا راست گېپىمنى قىلاي، مەن بۇرۇن باشقىلار بىلەنمۇ بىرگە بولغان. . . سېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتتىم، كەچۈرگىن . . .
    _شۇنچە ئۇزاق ئويلاپ تاپقان گىپىڭ مۇشۇما ؟ مېنىڭ رايىمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىسەن، كىچىك بالىمۇ مەن ، شۇ گىپىڭگە ئىشىنىدىغان. -
    _راست دەۋاتىمەن، ئىلگىرى ئۆز ھېسسىياتىم بويىچىلا يەڭگىللىك قىپتىكەنمەن ، بىراق ئەمدى ئۇنداق قىلغۇم يوق .  
    _ئۇنىڭدىن سەن شۇنىڭچىلىكمۇ بولالمايسەن ، دىسەڭ بولمىدىمۇ؟!  `
    _ . . .  
    _ھە ، گەپ قىلمايسەنغۇ؟ ئاقماس گەپلىرىڭنى قوي. مېنى شۇ گېپىڭگە ئىشىنىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ خاتالىشىپسەن . چاندۇرۇپلا قويدۇڭ، سېنىڭ ئۇ گېپىڭ يالغان. . . 
    _بۇ توغرىلىق سۆزلەشمەيلىچۇ.
    _ئەمدى گەپتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرما . . . گەپلىرىڭ بارغانسېرى قولاشمايۋاتىدۇ. (يەنە يالۋۇرۇشقا باشلىدى) سەندىن ئۆتۈنەي نەفىسە، مېنى قىينىما، ئىلگىرى ھېچكىمنى سەنچىلىك ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم، كۆڭلۈمنى ساڭا بەرگەندەك بېرىپ باقمىدىم . سەن ھاياتىمدىكى بىردىنبىر چىن مۇھەببىتىم، ماڭا ئىشەنگىن. . . 
    _مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ، بايامقىدەك " ئايرىلىپ كېتەيلى" دىگەن گەپنى قىلما بولامدۇ؟ مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىدىكەنمەن.
    _بۈگۈن مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمە ، مۇشۇ كەمگىچە كۆڭلۈم ھېچكىمدىن سەنچىلىك سۇ ئىچىپ باقمىدى. نۇرغۇن زەربىگە ئۇچراپلا كەلدىم . بەزىدە ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزگەن چاغلىرىممۇ بولدى. سېنى دەپلا ھەممىگە چىداپ، بەرداشلىق بېرىپ كەلدىم. سېنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسەمدىن كېچىشكە رازىمەن ، جېنىم! مېنى رەت قىلما. . . ;
    _مەن ھەممىنى بىلىمەن . ھەم چۈشىنىمەن . بىز ئۇنىڭسىزمۇ بەختلىكقۇ ؟ 
    _شۇنداق، بىز بەختلىك . ئاشۇ بەخت پەقەت ئىككىمىزگىلا مەنسۇپ بولسىكەن، سېنىڭ بارلىقىڭ ماڭىلا تەۋە بولسىكەن دەيمەن . 
    _مەن ئۇنىڭسىزمۇ ساڭا مەنسۇپ. 
    _يەنە ئىشەنمەيۋېتىپسەندە . سېنىڭچە مەن سېنى ئوتقا ئتتىرىۋېتىپ كارىم بولماي تاشلىۋېتەرمەنمۇ؟مەن ساڭا ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمەن~ كەلگۈسىدە سېنى چوقۇم ئالىمەن، بىزنىڭ بەختلىك ئائىلىمىز ، ئوماق بالىلىرىمىز بولىدۇ . تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ، كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەختلىك بولالايمىز. مەن بۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ساڭا ۋەدە بېرەي. . . ياكى سەن مېنى قىلغىنىغا ئىگە بولالمايدىغان ۋىجدانسىز، سۇيۇقلارغا ئوخشىتىپ قالدىڭمۇ ؟
          (سەن ئۇنىڭ ئاشۇ گېپىگە تولىمۇ مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتىڭ. . . )
    _ياق، سەن ئۇنداق قىلمايسەن. بۇنى چۈشىنىمەن
    _جېنىم نەفىسە ، ئىشەنگىنىڭ ، چۈشەنگىنىڭ ماڭا زور تەسەللىي . . . بىراق مېنى رەت قىلمىغىن . سەندىن ئۆتۈنەي!

         سەن يەنە خىيالغا چۆمۈپ كەتتىڭ ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز گىپىڭگە كىرگۈزۈپ رايىنى قايتۇرۇشنى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭغا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقنى ئويلاۋاتاتتىڭ . . . (سەن مۇشۇلارنى ماڭا دەپ بەرگەن ۋاقىتتا غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدۇم . ) ئۇ ساڭا تىكىلگىنىچە سەندىن جاۋاپ كۈتىۋاتاتتى . سەن نىمىلەرنى ئويلىدىڭ ، نىمىلەرنى دىمەكچى بولدۇڭ . . . بۇلارنى دىيىشتىنمۇ ، ھەتتا ئويلاشتىنمۇ ئۇيىلىمەن . . . 
    _مەن سېنى پۈتۈن بارلىقىم بىلەن سۆيىمەن . ئويلاپ كۆرسەم، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئۆزىنى بېغىشلاشمۇ بىر بەختكەن .
    _دىمەكچى بولغىنىڭ؟ 
    _ . . . 
    _زادى نىمە ؟ 
    _ۋاي. . . ئاشۇ . . . دىمەيچۇ بولدى. . .
    _ئەجەبا، سەن ماڭا قوشۇلدۇڭما ؟ _. . .
    _گەپ قىلە ، بۇ راستما ؟_مۇشۇ سۆزنى قىلغاچ ، ئۇ ئاستا يېنىڭغا كەلدى، قۇلىقىڭغا شىۋىرلاپ دېدى، _گېپىڭ راستمۇ تاتلىقىم؟
    _. . . _سەن راست دەۋاتامسەن؟
    _ۋىيەي ، قېلىن ، چۈشەنسەڭلا بولمىدىمۇ؟ !
      . . .
    _سېنى سۆيىمەن جېنىم. . .
    _مەنمۇ سېنى سۆيىمەن . . .
      . . .  _
         ئەتىسى ئەتىگەندە سەن دەرسكە كېچىكتىڭ . تېخى ئاخشىمى مەكتەپكە كەلمىگىنىڭنى باشقىلارغا ماڭا دىمەسلىك توغرىسىدا قايتا-قايتا تاپىلاپسەن. ئىش سەن ئويلىغاندەك بولمىدى. مەن بۇنى بىلگەندىن كېيىن سەندىن يېنىش-يېنىشلاپ زادى نەگە بارغىنىڭنى، نىمە ئىش قىلغىنىڭنى، كىم بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى سوراپ تۇرىۋالدىم . سەن دىگىلى ئۇنىمىدىڭ . كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى . ئاخىرى سەن مېنىڭ بۇنداق كوچىلاپ سورىشىمغا چىدىيالماي ، ھېچكىمگە تىنماسلىق توغرىسىدا "كاپالەت"بەرگۈزگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ بىلەن دېيىشكەن گەپلەرنىڭ. . . ھەممىنى دەپ بەردىڭ . ئاشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى ھالىتىڭ پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ . تېخى ئاخىرىدا "ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولغاندىكىن پۇشايمىنىم يوق "دىگەن گەپنىمۇ "قىستۇرۇپ"ئۆتتۈڭ . مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بېرىپتۇ . شۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭ ئۇ بىر كېچە قۇرغان قاپقىنىغا دەسسەپ مۇھەببەتنىڭ "قۇربان"ىغا ئايلىنىپ كەتكىنىڭنى جەزملەشتۈردۈم . . .  _راستىنلا پۇشايمان قىلمامسەن ؟_دىدىم پۈتۈن غەزىپىمنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ.
    _ياق ، پۇشايمان قىلمايمەن. ئۇ ئۇنداق ۋىجدانسىزلاردىن ئەمەس. مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ئاياپمۇ ئولتۇرمايمەن. _دىدىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن. ئاشۇ ۋاقىتتىكى چىرايىڭ ماڭا شۇنچىلىك ناتونۇش كۆرۈنۈپ كەتتى . "قېنى كۆرەرمىز"دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. شۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ گەپ قىلمايلا يېنىڭدىن كەتتىم . ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ گەپلىرىڭ ، شۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن سېنى نەچچە تەستەك سېلىپ سەگىتىپ قويغۇم، ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغىنىڭغا سەندىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلگەنىدى. بىراق بۇ نىيىتىمدىن يالتايدىم . ئەنە شۇندىن بۇيان سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچە قېتىم "قۇربانلىق" بەردىڭ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . كەچلىك مۇزاكىرىدىن قېچىپ، ياتاققا كېچىلەپ كىرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن نەچچە قېتىم مەكتەپتىن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بەردى. مۇھەببەت سېنىڭ قۇلىقىڭنى "ئاڭلىماس"، كۆزۈڭنى "كۆرمەس" قىلىۋەتكەنىدى. . . 
         سەن بىر قېتىم ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە كەلمىدىڭ . نىمە سەۋەبتىن ئاغرىپ قالغىنىڭنى بىلەلمەي ، شۇنداق جىلە بولدۇم . سىنىپتا سەن توغرۇلۇق خىلمۇخىل سۆز- چۆچەكلەر تارقىلىپ تۇراتتى. مەن بۇلارنى توسۇۋېلىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىپ قالدىم. . . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپكە كەلگىنىڭدە سورىسام ، زۇكامداپ قالغىنىڭنى ئېيتتىڭ . بىراق نېمىشقىدۇر كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قاچاتتىڭ . . . بۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغانىدى. شۇنداق جىددىي تەكرار قىلىۋاتاتتۇق . بىراق سەن يەنىلا ئۆز ئىشلىرىڭ بىلەن ئالدىراش يۈرەتتىڭ. بىر قانچە قېتىملىق مانىۋېر ئىمتىھانلاردىمۇ نەتىجەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى . مۇئەللىم سېنى نەچچە قېتىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلىشىپمۇ باقتى. ساڭا بۇلار كار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن سەن ئۈچۈن تىت-تىت بولاتىىم ، بىراق نېمىشقىدۇر ، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان باردەك ھېس قىلاتتىم. . .  
          ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.  بۇ قېتىم يەنە ئاغرىپ قالدىڭ ، خەۋىرىڭنى ئالالماي پەقەت چىدىيالمىدىم ، ئاخىرى ھەدەڭگە تېلىفون قىلدىم . ھەدەڭنىڭ تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى!!! ئەسلى سەن ئىككى قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاچقا ئاجىزلاپ كېتىپسەن ئەمەسمۇ؟! تۇنجى قېتىم قورققىنىڭدىن ھەدەڭنى ئىزدەپ بېرىپ راست ئەھۋالنى ئېيتىپسەن ، ھەدەڭ سېنىڭ بىچارە ھالىتىڭنى كۆرۈپ چىدىيالماي ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ . . . ئىككىنچى قېتىم جەمئىيەتتە ئارىلىشىدىغان بىر نەچچە قىزلاردىن قەرز ئېلىپ ئۆزۈڭ دوختۇرخانىغا بېرىپسەن . . . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ قاپسەن . . . .
         ئاھ . . . خۇدا!!! بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئايىمايسەن ؟ئۇ سېنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋېتىپتۇ. .
    ئۇنىڭغا بارلىغىڭنى بېغىشلىغان بەدىلگە سەن نمىگە ئىرىشتىڭ . . . . !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.