چۈش ۋە رىياللىق

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-14 23:48:00

ئىجادىيەت-پىروزا چۈش ۋە رىياللىق چۈش-ئۇ ئارزۇ-ئارمان دېمەكتۇر. مانا ئەشۇ چۈش ئۈچۈن كۈرىشىمىز، ئەشۇ چۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز، ئەشۇ چۈشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن، ۋۇجۇدىمىز...


    ئىجادىيەت-پىروزا

    چۈش ۋە رىياللىق

      چۈش-ئۇ ئارزۇ-ئارمان دېمەكتۇر.
      مانا ئەشۇ چۈش ئۈچۈن كۈرىشىمىز، ئەشۇ چۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز، ئەشۇ چۈشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن، ۋۇجۇدىمىز بىلەن ھەتتا بارلىغىمىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تىرىشماقتىمىز.
      بۇ يولدا خۇشپۇراق گۈللەر يوق، ئۇنىڭدا بارى چاتقال ۋە تىكەنلەر...
      بۇ يولدا راھەت ئەسلا يوق،ئۇنىڭدا بارى جاپا-يەنىلا جاپا...
      بۇ يولنىڭ چېكى يوق، ئۇنىڭ ئاخىرى كۆرۈنمەيدۇ....ئەمما بۇ يولدا بارى ئۈمىت ۋە ئىشەنچ!
    بىلەمسىز دوستۇم ، مانا بۇ رېئاللىق، مانا بۇ كۈرەش !
    ھەممىمىز ئوز نىشانىمىز، ئارزۇيىمىز ، چۈشلىرىمىز ئۇچۇن تىرىشىۋاتىمىز، كۈرىشىۋاتىمىز، ئۈمىت ئىچىدە ئالغا قاراپ كېتىۋاتىمىز!
    مانا بۇ ھايات، مانا بۇ رېئاللىق!

        چۈش ۋە رېئاللىق قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردۇر.
    ئىنسانىيەت ئەلمىساقتىن بۇيان چۈش كۆرۈپ كەلمەكتە، كىشىلەر ئەشۇ چۈشلىرى ئۈچۈن تىرىشماقتا، ھايات مۇساپىسىدا كۈرەشمەكتە.
    تەسەۋۋۇرلىرىم مېنى يىراق ئۆتمۈشكە ئېلىپ كەتتى....
    تارىخ  بېتىنى ۋاراقلىغىنىمدا، ئەجدادلار ئىزىنى قېدىرغىنىمدا ، جاھان ھىكمەتلىرىنى ئاختۇرغىنىمدا، كۆز ئالدىمغا يىراق ئۆتمۈشنىڭ ئاجايىپ سىمالىرى، بوۋىلارنىڭ ھېكمەتلىرى، مومىلارنىڭ ساماۋى چۆچەكلىرى كېلەتتى.
    "توۋا-توۋا !  نېمىدېگەن ئوخشاشلىق بۇ؟!"    كىشىلەر ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرۈشەتتى، ئوخشاش بىر چۈش ئۈچۈن تىرىشاتتى، كۈرىشەتتى.....ئاخىرىدا يەنىلا ئوخشاش بىر نەتىجىگە، ئوخشاش بىر جاۋاپقا ئېرىشەتتى.
    ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشلىرى يەنىلا داۋاملىشاتتى، ھەر بىر دەۋردە ، ھەر بىر ئەسىردە ئوخشىمىغان شەكىل ،ئوخشىمىغان ئۇسۇل،ئوخشىمىغان يول بىلەن كىشىلەر ئوز چۈشلىرى ئۇچۇن كۈرىشەتتى....
     شۇنداق دوستۇم،  مانا بۇ چۈش ۋە رېئاللىق .
    مانا بۇ ھايات، مانا بۇ ھەقىقەت، مانا بۇ مەڭگۇ ئوزگەرمەس قانۇنىيەت!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نەسىر