ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز !

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 05:09:29

ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز ! بۇرۇن مۇنبەرلەردە خىلى كۆپ تارقالغانتىما ، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ يوللاپ قويدۇم (% 100 نەرسە ھىچيەردە يوق،ئەلۋەتتە) مىنىڭچە بىر قىتىملىق سەۋەنلىك ئادەم ھاياتىنى...

    ئىپپىتى يوق قىزنى ئالامسىز !

     

            بۇرۇن مۇنبەرلەردە خىلى كۆپ تارقالغان  تىما ، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ يوللاپ قويدۇم (% 100 نەرسە ھىچيەردە يوق،ئەلۋەتتە) مىنىڭچە بىر قىتىملىق سەۋەنلىك ئادەم ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس ، شۇڭا يەنىلا ئالدىغا قارىشىمىز ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز ، قىسقىسى ھاياتلا بولىدىكەنمىز ياشىشىمىز كىرەك   

    بۇ سۇئالغا كۆپچىلىك ئادەملەر بىر ھازا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.ھازىرقى زاماندىكى رىئاللىق بىلەن نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئاچچىق ئىككىلىنىشلەر بىزنى بىر مەھەل قارار چىقىرىشقا ئامالسىز قىلسىمۇ يەنە ئىنىق مەۋقەسىز يۇرەك شەكىللەندۇرگەن كۆڭۇلچەكلىك يەنە لەمزەللىلەرچە قارارلانى چىقىرىشقا مەجبۇر بولماقتا. ھازىر قىزلارنىڭ ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلۇش دەرجىسىنىڭ ناھايىتى چوڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كىتىمىز يۇ،  بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇلى توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقمايمىز. بۇگۇنكى كۇندە چەكلەنگەن مىۋىنى بالدۇر يەپ قۇيغان قۇش ئۆردەكلارنىڭ مەڭگۇلۇك نىكاھنىڭ دەرياسىدا ئۆزەلەيدىغانلىرى قانچىلىكتۇ. دوختۇرخانىلاردا سالدۇرىلىۋاتقان ھەربىر يالغان پەردىلەر بىردىن ئەركەكنى بۇغۇپ ئۆلتۇرىۋاتامدۇ ياكى ئىش كۆرۇپ كەتكەن، باشقا يەردىن پاخشا يەپ ساۋاقلىق بوپ قالغان قىزلارنىڭ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان تەجىربىللىرىنىڭ غىدىقلىشىدىن كەلگەن كۆڭۇلچەكلىك ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بۇغۇۋاتامدۇ. ياكى بولمىسا ئۇلار بۇغۇلۇش بۇغۇلماسلىق سەزگۇسى ئاللىبۇرۇن ئۆلۇپ بولغان جەسەتلەرتمۇ.

    بەلكىم مىنىڭ ئالىدىغىنىم بىر ئادەم، بىر ئەزا ئەمەس دەيسىز. ئاشۇ ئەزانىڭ قانداقلارچە سىزدە بولماي باشقىلاردا بوپ قالغىنىنى،باشقا ھايۋانلاردا بولماي ئەقىل ئىدراكلىق ئادەملەردە بوپ قالغىنىنى ئويلاپ باقمايسىز. قۇلىقى كىسىلگەن ،يۇزلىرىدە پالتا پىچاقنىڭ ئىزى بار ئادەمنى كۆرسىڭىز،ئۇ چۇقۇم لۇكچەككەن دەيسىز. كۆزلىرى خىرەلەشكەن،قېلىن كۆزئەينەك تاقىۋالغان ئادەمنى كۆرسىڭىز بۇ بىر كىتاپ خالتىسىكەن دەيسىز. ئېغىزى بۇرايدىغان ئادەمنى كۆرسىڭىز بۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان مەينەت ئادەمكەن دەيسز. دىمەك ئادەم دىگەن ئەزالىرى بىلەن ئادەم. ئۇنىڭ ئادەملىك كۆز قاراش، خۇسۇسىيەتلىرى ،ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى ، ئۆتمۇشلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئىپادىلەنمەي ئەمىسە سىزنىڭ ئەزاسىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەنسە بۇلامتى.  

    مەن ياخشى كۆرسەم بولدى ،باشقىسى بىلەن كارىم يوق دەيسىزيۇ نىمىنىڭ ياخشى كۆرۇش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايسىز.سىز بۇ خىل ياخشى كۆرىشىڭىز لامزەللىلەرچە ياخشى كۆرۇش . خەق يەپ چىقىپ كەتكەن مانتىنىڭ پۇلىنى كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ تۆلەپ بۇلۇپ ئىشىپ قالغان تەخسىنى يالايدىغان پەسكەشلەرچە ياخشى كۆرۇش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايسىز. خەقنى ياخشى كۆرۇشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز. سىز دۇنيادىكى بىردىنبىر ئادەم .بىردىنبىر ئەركەك ، سىزدەك ئەركەك دۇنيانىڭ ھىچيىرىدە يوق .ئۆتمۇشتىمۇ بۇلۇپ باقمىغان ھەم كەلگۇسىدىمۇ مەڭگۇ بولمايدۇ. سىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىڭىز خۇدانىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ سىزدە ئېلىپ بارغان ئايرىم ئىجادىيىتى. بۇنداق ئىجادىيەت سىزدىن باشقا ھىچقانداق شەيئىدە مەۋجۇت ئەمەس .تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بۇيىنچە سىز خۇدانىڭ ئايرىم بىر نۇسخىسى. خۇدا ھەتتا ئۆزىنىڭ سادىق پەرىشتىللىرىنىمۇ تىزلاندۇرغان ئادەمنىڭ ئەۋلادى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ئالايىتەن ئايرىم بىر ئايال ياراتقان ئادەمنىڭ ئەۋلادى.سىز شۇنداق ئۇلۇغ. سىزدەك دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ ئەركەك بىردىنبىر پاك ئايالغا ئىگە بۇلۇشى تەبىئەت ۋە تەقىدىرنىڭ سىزگە بەرگەن ھوقۇقى. ئۇغۇل بالا تۇغۇلسا يەتتە مىتىر يەرنىڭ تېگىدىكى تاش كۆلەرمىش دەيدۇ.نىمىشقا كۈلىدۇ. چوڭ بۇلۇپ مىنى ئېچىپ قۇياشنى كۆرگىزىدۇ دەپ كۇلىدۇ. سىز يەرنىڭ تېگىدىكى تاش تۇگۇل نەچچە سانتا يىراقلىقتىكى دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز پەردىنى ئاچالمىسىڭىز سىزنىڭ نەرىڭىز ئوغۇل بالا . دىمەك ئاۋال ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمەيسىز.ئۆزىڭىزنى سۆيمەيسىز. سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تاپقان ئاتا ئانىڭىزنى سۆيمەيسىز. باشقىلار تەرپىدىن ھارام بۇلۇپ قالغان نەرسىنى ئۇلارغا كىلىن دەپ كۆرسىتىپ ئەتىۋارلاشقا مەجبۇرلايسىز. توي كۇنى ئۇلار خۇشالىقىدىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇيۇ سىزنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىڭىزدا بىر نەچچە تال قانمۇ ئېقىپ قويمايدۇ. دىمەك خەقنى سۆيۇشكە سالايىتىڭىز توشامدىكەن. ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزگە ئەڭ يېقىن ئادەمنى سۆيمەي تۇرۇپ سىزگە نىمە قۇيۇپتۇ لامزەللىلەرچە خەقنى سۆيۇپ.


     بەلكىم خەقنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن دەيسىز. كۆزىڭىزگە پەرىشتىدەك كۆرۇنۇپ سىز ئالماقچى بولغان ئاشۇ چوكاننى خەقلەر ئۇنتۇپ كىتىپتىغۇ.خەقلەر قىز ۋاختىدا ئۇنتۇپ كىتىپتىيۇ سىز خەقتىن ئاشقان چوكاننى ئۇنتۇپ كىتەلمەمسىز.بوپتۇ ئۇنىغۇ ۋىجدانسىز دەيلى.سىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايسىز،سىز ئۇنىڭدەك ۋىجدانسىز ئەمەس ،ئۇ قىلغاننى سىز قىلمايسىز،شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرمايسىز.ئەمىسە كۆزىڭىزگە پەرىشتە كۆرۇنگەن ئاشۇ قىز بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئامانىتىنى بىرىپ قويغان ئادەمنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولدىغۇ. ئۇ ئۇنتۇغاننى سىز ئۇنتالمامسىز؟بىر مەجروھ سۇپەت ناتىۋان ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى تارتىۋالغان ۋىجدانسىزنى ئۇنتۇپ كىتىپتىيۇ،سىزدەك پۇتۇنسۇرۇك دۇنيادا ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان بىر ئەركەك خەقتىن ئاشقان پاسكىنىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەمسىز.ئۇ پاسكىنا ئەمەس دەيسىز، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەر تېمىم داغ تېمىپ كەتكەن كىيىمنى پاسكىنا بۇلۇپ كەتتى دەپ كەيگىڭىز كەلمەيدىيۇ خەقنىڭ يۇندىللىرى قات قېتىغا سىڭىپ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ كەتكەنلەرنى بىر ئۆمۇر بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئايالىم دەپ مەڭگۇ قۇچاقلىغىڭىز كىلەمدۇ.دىمەك ئۇلار پاسكىنا بولماي نىمە. سىزگەرچە دىننى ئانچە چۇشەنمىسىڭىزمۇ دىندىكى نىمىنىڭ ھالال نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگۇچىلىكىڭىز باردۇ.زىنانىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگۇچىلىگىڭىز باردۇ.چوشقا گۇشىنى كۆرسىڭىز گەپ يوق كۆڭلىڭىز ئېلىشا.ھاراقىنى ئىچسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى گەپ يوق ئىتراپ قىلارسىز،ھازىرچە خۇشاللىقتا ئىچىپ تۇراي ھامان بىر كۇنى تاشلايمەن دەيدىغانسىز.مەڭگۇ تاشلىمايمەن دىسىڭىزمۇ قىلىۋاتقىنىڭىزنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنىغۇ بىلەرسىز. ھارام بۇلۇپ قالغان قوينى بۇغۇزلاپ قازانغا سالغىڭىز كەلمەيدىيۇ ھارام بۇلۇپ قالغان خۇتۇننى مەڭگۇ باغرىڭىزغا سالغۇڭىز كىلەمدۇ.ئۇنتۇيالمايدىغان ھىچنىمە يوق.ئۇنتۇيمەن دىسە دۇنيادا ئاتا ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدىن باشقا ھەممە نىمە ۋاقىتقا ئەگىششىپ ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ. كىيىن مۇشۇنداق بىر قىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا بۇلۇپ ئۆتكەنلىكى خىيالىڭىزغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. ئۇنى ئويلاشقا چولىڭىزمۇ بارمايدۇ. ئۇمۇ سىزنى ھەم شۇ. مۇشۇنچىلىكلا بىر ئىش. ۋاقىت دىگەن شۇنداق ئۇلۇغ نىمە.  
    بەلكىم بۇ سەۋەنلىك ئۇنىڭدىن ئۆتكەن ئەمەس ،بۇ باشقىلارنىڭ مەسھۇلىيىتى.شۇڭا ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن، بۇلارغۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سىزگە ئاقلاش ئۇچۇن كۆرسەتكەن باھانىسى.ئەگەر سىز شۇنىڭغا پۇتۇنلەي ئىشەنگەنمۇ بۇلۇڭ.قانداقسىڭگە ئۇنىڭ سەۋەنلىگە بولمايدىكەن. بۇ بىر ئادەتتىكى سەۋەنلىك ئەمەس ،ئىككى جىنىسنىڭ ئادەم يوق يەرگە كىلىپ ئاشۇنداق ئىشلار بۇلۇشىغا ئانچە ئاسان ئىشلار كەتمەيدۇ. بىر چۆجىنى تۇتۇپ باغلاپ پەيلىرىنى يۇلۇپ بېقىڭ ،قانچىلىك ۋاقىتتا يۇلىسىزكىن.سىز يۇلۇپ بولغىچە قانچىلىك ۋاقىرادىكىن . ئۇنىڭ ۋاقىرىغىنىغا قاراپ سىز داۋاملىق يۇلالامسىزكىن ياكى خەقلەر ئاڭلىسا نىمە بولغاندۇ دەپ قالارمىكىن دەپ ئاستا توختاپ قالامسىزكىن. چۆجىچىلىك ئۆزىنى قوغداش ئقدىدارى يوق ئادەمنى سىز يەنە ئادەم دەپ ئالامسىز.ئالاي دىسىڭىز سىز مەڭگۇ سار كەپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشىدە يۇرگەن قېرى مىكىياندەك ئۆتۇشكە ھوقۇقلۇق. 
    بۇرۇنقى ئىشلار كەلمەسكە كەتتى ،ئۇ دىگەن ئۆتمۇش .قالدى ئىشلار كىيىنكىگە مەنسۇپ دىيىسىڭىز مۇمكىن. كىچىككىنە غىدىقلىنىشلاردىن تەسىرلىنىپ كىتىپ ئۆزىنى خەتەرلىك شارائىتتا باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويغان ئادەمنىڭ ئارامخۇدا ماكانغا ئىگە بولغاندىن كىيىنمۇ ،خاتالىقلارنى باشقىلارنىڭ سىزەلمەس ھالەتتىمۇ قايتا تەكرارنىشىغا سىز كاپالەت بىرەلمەسلىكىڭىز كىرەك. ئادەم دىگەننىڭ ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلەرسىز، ئۇنىڭ خەتەرلىك شارائىتتىمۇ ،كەلگۇسى ئېنىق بولمىغان شارائىتتىمۇ ھىسياتنىڭ قۇلى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەستايىدىلسىز ،بىپەرۋلىقىنى ،ئەقىلسىزلىقىنى،سۇيۇق ھىسياتچانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنداق خاتالىقلار چانماس شارئىتقا كەلگەن چاغدا يەنە تەكرارلىنىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆتمۇش دىگەن ئۇنتۇپ كىتىمەن دەپلا ئۇنتۇپ كىتىدىغان ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان نەرسە ئەمەس. كەچۇرۇش ۋە كەچۇرۇلۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەر قايسى مۇقەددەس دىنلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ ساپ نەسەپ ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىلغان.دىمەك ئۇلارنىڭ پەيەمبەرلىككە تاللىنىشىىمۇ ئۇلار نەسەبىنىڭ ساپ ئۆتمۇشى نەزەردە تۇتۇلغان.ئۆتمۇش ھىچمىنىگە ئەرزىمەيدىغان ئىش بولسا بۇگۇن قاراقچى بۇلۇپ ئەتە يەنە ئەھۋالغا قاراپ بىر نىمە بۇلايلى.قابۇسنامە دىگەن كىتاپتىمۇ خوتۇن ئالساڭ قىز ئال ،توي قىلىپ بولغانلارنىڭ كۆڭلىدە ھامان سەندىن باشقا بىرسى ساقلىنىپ قالىدۇ، دىگەندەك بىر گەپ بار. بۇ يەردە دىيىلگەن توي قىلىپ بولغانلارنى توي قىلمايلا بۇزۇلۇپ بولغانلارغا سېلىپ ئويلىنىپ بېقىڭ .ئۆزىڭىزگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمەڭ. سىزدىكى مۇھەببەتنىڭ تەسىرلەندۇرۇش كۇچىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمەڭ.چۇنكى ئالدىڭىزدىكى راس يالغان مۇھەببەتنى ئايرىيالماسلىق تارىغىغا ئىگە كالۋا بىر ئادەم، يالغان مۇھەببەتتىمۇ ئىرىپ شىرنە بۇلۇپ كەتكەن سۇيۇق ھىسياتچان ئادەم.كىيىن يەنە بىرسىنىڭ بىردەملىك مەقسەت ئۇچۇن قوي تىرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە سۇپىتىدە سىزدىن ئۇلۇغ مۇھەببتنى ئۇنىڭ ئالدىدا كۆتىرىپ چىقماسلىقىغا ھىچكىم كاپالەت بىرەلمەيدۇ، بوپتۇ سىز بولسىڭىزمۇ كاپالەت بىرىپ تۇرۇڭ.لىكىن سىز مەڭگۇ پۇشايمان قىلمايمەن دىسىڭىزمۇ مەڭگۇ ئازاپلانمايمەن دىيەلەمسىز.سىزنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئايالىڭىزنىڭ پەيزىنى بۇرۇن باشقىلار سۇرۇپ بولغان.سىز نۇرغۇن تەييارلىق،نۇرغۇن ۋاقىت ،نۇرغۇن ئىقدىساد سەرپ قىلىپ ئالغان خۇتۇننى باشقىلار ھىچقانداق بەدەلسىزلا سىزدىن ياخشى بەھرىمان بۇلۇپ خوتۇن قىلىپ تاشلىۋەتكەن. سىزنىڭ يە يدىڭىنىڭىز خەقنىڭ ئالدىدىن ئېشىپ قالغان مانتىنىڭ قالدۇقى. ئاشۇ قالدۇققا نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ئالىسىز.خەقلەر بولسا قۇپۇپلا چىقىپ كەتتى. سىزنىڭ كەلگۇسىدىكى ئايالىڭىزنىڭ بۇرۇن دوخاپكىدىن چىققان پۇتۇن كاۋىپىدەك يالىڭاچ ھالەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭ. خەقنىڭ يۇندە سۇيدۇكلىرى سىز قۇچاقلىغان بەدەنلەردە قانغا ئايلىنىپ ئىقىپ يۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قۇيۇڭ. سىزنى سۇيۇندىرىدىغان ئوماق بالىڭىزنىڭ خەقنىڭ سۇيدۇقلىرى تامغان،خەقنىڭ تامغىللىرى قالغان پاسكىنا يەرلەدىن سىرغىپ چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز.ئاشۇ بالا سىزنىڭ دۇنيادىكى نۇسخىڭىز،يەنە بىر سىز، دىمەك ئۇ ئاشۇ ئوماق بالا تۆرۇلىشىدىنلا پاسكىنا يەرلەنى بېسىپ ئۆتتى.پاسكىنا يەرلەرنى ئىمىپ چوڭ بولدى. كۇنلەرنىڭ بىرىدە گەپتىن گەپ چىقىپ بىرسىنىڭ سىنىڭ خۇتۇنۇڭنى مەن خۇتۇن قىلىپ بولغان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىنچىلىكىنى يوق دەپمۇ تۇرايلى.بىراۋنىڭ سىزگە مەسخىرىلىك قاراشلىرى ھىچبولمىسا مەسخىرىلىك خىياللىرى مەۋجۇت بولمايدۇ دىيەلەمسىز. ئانىڭىز سىزنى خەقنىڭ مەسخىرىسى ئۇچۇن ياكى ھىسداشلىقى ئۇچۇن تۇغمىغان. سىز خەقىنىڭ ئىشرەت رەكەتكىسىدىن ئېتىلىپ چىققان پەسكەس ئوقلاردىن پاچاقلىنىپ كەتكەن قازناقنىڭ ئىشىگىنى تىرىۋېلىش ئۇچۇنلا يارالغان ئەسكى كۆسەي ئەمەس .ئىشىگى يوق ئەسكى قازناققا ئامبارچى بۇلۇپ قالماڭ .ئۇنىڭغا ئىگە بۇلىدىغانلار چىقىدۇ.ھىچبولمىسا ئوغرى مۇشۇكلەر.  
    ئۇلارنىڭ سىزنى قىيدۇرالماۋاتقان جەلىپكارلىقىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلەمسىز.يۇمشاپ مامۇق بۇلۇپ كەتكەن تۆگە يۇڭىنىڭ قايتا-قايتا ئېتىشلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ قۇيۇڭ. خەق ئېتىپ بەرگەن يۇڭدا ياستۇق ياساپ ياتمىسىڭىزمۇ يېرىك يۇڭنى سىزمۇ بارا بارا ئېتىپ يۇمشىتىۋالالايسىز. ئوغرى مۇشۇڭنىڭ ئوي مۇشۇكىدىن چاققان ،ھىلىگەرلىكى دەل ئۇنىڭ ئوغرۇلىقىنىڭ مەسھۇلى.باشقىلاردىن پاخشا بۇلۇش ئارقىلىق پەيدا بولغان ناز كەرەشمە ،ھىلىگەرلىك ۋە جەلىپكارلىقلار ئەرلىك روھىڭىزنى غىدىقلاپ بېشىڭىزنى قايدۇررشقا باشلىغان چاغدا ئۇلار چايناۋاتقان سېغىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭ.سېغىز جېنىدا پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئىغىزىدىلا ئېتىلىدۇ. ئالماقچى بولغىنىڭىز ئىككى موچەنلىك سېغىز ئەمەس ،ئىككى دۇنيالىق خوتۇن. شەپەق رەڭگىدىكىنىڭ ھەممىسى گۇل ئەمەس،يەنە چاكاتنىڭ ئىزىمۇ بار.پەقەت سىزلا بولغاچقا ئۇلار ئۆزىنىڭ پاسكىنىلىقىغا قارىماي تەكەببۇر توزدەك غىمىدە يوق يۇرىۋاتىدۇ. 

     
    ئەمىسە ئۇلار قانداق قىلىدۇ ،مەن ياخشى كۆرۇپ قۇبۇل قىلالمىغان يەردە باشقىلار قانداق قۇبۇل قىلالايدۇ.چۇشكۇنلۇشۇپ ئۆزىنى ئۆلتۇرىۋالامدۇ،بۇزۇلۇپ پاھىشە بۇلۇپ كىتەمدۇ دىيىسىڭىز مۇمكىن.  
    سىز ئۇنچىۋالا ئەنسىرىمەڭ. قانداق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى بەدەل تۆلەش كىرەك . ئەرلەر ئۆزىگە كەسكىنرەك بولغان ياخشى. سىز ئۆزىڭىزگە ئىگە غورۇرلۇق ياخشى ئادەم بۇلۇڭ. پاھىشە كۆپ بولغانغا جەمىيەت بۇزۇلمايدۇ.بەلكى ئەرلىك غورۇر يۇقۇلسا بۇزۇلىدۇ. جاھان ئۆرۇلۇپ چۇشىۋاتسا غىمى تاغاق سۇزگۇچتە بۇلىدىغان بۇ قىزلارنىڭ جەمىيەتكە بولغان ئەڭ چوڭ توھپىسى ئۆزىنىڭ پاكلىغىنى ساقلاش بۇلىشى كىرەك. چوڭ يولدىكى گىزىتنىڭ ئاستىدىكى سۇيدۇكتەك خەقنىڭ غورۇرىنى تېيىلدۇرىدىغان بۇنداق بۇزۇق قىزلاردىن خالتا كۆچىدىكى ئوبىرنىيدەك ئۇچۇق ئاشكارا پاھىشە ياخشى.ئاياللار چۇشكۇنلەشسە جەمىيەتكە بولغان تەسىرى ئېغىر بولمايدۇ.ئېغىر بۇلىدىغىنى ئەرلەرنىڭ چۇشكۇنلىشىشى.نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ئاياللارنىڭ چۇشكۇنلۇگە ئاستىدىمۇ نۇرمال تەرەققى قىلىپ بۇگۇنغىچە كەلدى. بۇنداق چۇشكۇنلۇك ئەگەر ئەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسا بۇ چاغقىچە قىيامەت قايىم بۇلاتتى. يەنە كىلىپ مىنىڭ دىگەن چۇشكۇنلۇگۇم ھەممە ئاياللارنىڭ چۇشكۇلۇگى ئەمەس .ئايال قىياپىتىدىكى ئالۋاستىلارنىڭ چۇشگۇنلۇگى. بۇلارنىڭ چۇشكۇنلۇگى ھەقىقى قىز ئاياللارنىڭ روھلىنىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ پەرقى بۇلىشى كىرەك . پاكلىق بىلەن ناپاكلىقنىڭ پەرقىمۇ  ئاق بىلەن قارىنىڭ پەرقىگە ئوخشاش رۇشەن بۇلىشى كىرەك. بۇنداق پەرقىنى بەرپا قىلىدىغان نەرسە دەل سىزنىڭ كەسكىنلىكىگىز. كۆڭۇلچەكلىكىڭىز پەقەت سىزنىلا لامزەللەشتۇرۇپ قالماي يەنە پۇتۇن جەمىيەتنى ،پۇتۇن مىللەتنى لامزەللەشتۇرۇشكە تۇرتكە بۇلىدۇ. قۇلىڭىزغا چىقىپ قالغان سۆڭەلنى يۇقۇتۇشقا ئىنتىزارمۇ ياكى ئۇمۇ مىنىڭ بەدىنىمنىڭ بىرقىسمى دەپ داۋا قىلماي يۇرىۋىرەمسىز؟ خاتىرجەم بۇلىۋىرىڭ ،ئۇنچىلىك قىزلار يۇقالغانغا پۇتۇن مىللەت يۇقۇلۇپ كەتمەيدۇ.ئۇلار بەدەل تۆلەش كىرەك. دىنلاردىكى جەننەت ۋە دوزاخ دىگەن گەپلەرمۇ دەل قىلغىنىڭغا بەدەل تۆلەيسەن دىگەنلىك.دىمەك بەدەل دىمەك پۇتكۇل دىننىڭ ئاساسى. پۇتكۇل قانۇننىڭ ئاساسى. پۇتكۇل جەمىيەتنىڭ ئاساسى. شۇڭا بۇنداق بەدەللەردىن سىز ساراسىمىگە چۇشمەڭ.بۇ دىڭىنىم بەدەلنىڭ ھەممىنى قىزلار تۆلەش كىرەك دىگەنلىك ئەمەس.بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىكلىرى تۆلىسۇن.مەن بۇ خىل خاتالىقتا يەنىلا قىزلارنىڭ مەسھۇلىيىتىنى ئېغىر دەپ قارىساممۇ بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىكلىرى پەقەت قىزلار دىمەكچى ئەمەس. قانۇن جەھەتتىن بۇ ئىشنىڭ سورىقى بولمىغان شارائىتتا مەن ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئاساسىدا قىلالايدىغان ئىشلىرىنى دەۋاتىمەن. قىزلارنىڭ ئۆزىنى دەپسەندە قىلغانلارنى بەدەل تۆلىتىشى ھەقۇقى بارلىقىنى ئىتراپ قىلساممۇ لىكىن مەن بۇنىڭ قايسى خىل ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشى ئارقىلىق جارى بۇلىشىنى بىلمەيمەن. ئەلۋەتتە باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق جارى قىلدۇرغىنى بۇلىدۇ. لىكىن بۇ ئاشۇ قىزلارنىڭ ئىشى. ئاشۇلارنىڭ جۇرئىتىگە باغلىق ئىش. شۇڭا ئاجىزلار ئۆزىگە تېخىمۇ ئىگە بۇلىشى كىرەك. مەن ھەممىنى كەچۇرىمەن دەمسىزا .زۇھا سۇرىسىدە `كىمىكى مىسقالچىلىك ياماللىق قىلىدىكەن چۇقۇم ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»دەيدۇ.ھەممىدىن مىھرىبان خۇدا بۇنداق دەۋەتقان يەردە سىزگە نىمە تولا مىھرىبانلىق، ئاۋال ئۆزىڭىزگە مىھرىبان بۇلۇڭ ،ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ. تولا كۆڭۇلچەكلىكتىن مۇشۇ كۇنگە قالغان خەق بىز .كەسكىنرەك بۇلۇڭ.پاك قىزلار بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەمدىم دىيىسىڭىز مۇمكىن. پاك قىزلار دىگەن بارماقتا سانىۋالغۇدەكلا ئەمەس .نۇرغۇنلىرى بار. پاكلا بولسا ئال دىگەن گەپ ئەمەس،بۇزۇق قىزلادىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياققانلىرى چىققان يەردە پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا مەنسۇپ بولىدىغان پاك قىزلاردىن چىقماي قالارما. ئۇلارنىڭ پاكلىغى قەدىرلەشكە ئەتىۋارلاشقا ناپاكلىقتىن ئاسمان زىمىن پەرقلىق بولغان مۇئامىلىگە مۇھتاج.ئۇنچىلىك پەرىقلىقنى سىز بەرپا قىلالمىسىڭىز ئۇلارنىڭ ناپاكلاردىن نىمە پەرقى. n%; wQ^  
    بۇنداق دىگەنلىك پۇرسەت بولسىلا پاكلىقتىن بەھرىمان بۇلىۋالايلى دىگەنلىك ئەمەس. ۋىجدانىڭلار بۇلسا ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ كۇنگە قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلىڭلار.بىرىدىن بىرىگە يېنىپ تۇرىدىغان دۇنيا بۇ.قىزلارمۇ تېخىمۇ مۇشۇنداق قىلسۇن.  

    مەنمۇ پاك ئەمەس .قىزلارغىمۇ ئۇنداق تەلەپ قۇيۇش ھاجەتسىز .نىمە بولسا بولمامدۇ دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ مەيلى. لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن ،ئەرلەردە بەدەن جەھەتتە ئىپپەت بولمايدۇ. ئەگەر بولغان بولسا خۇدا ئۇنىمۇ بىرەر پەردىدەك نەرسە بىلەن ياراتقان بۇلاتتى.شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۆزىڭىزگە يۇزكىلەلمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى قىزلار بىلەن سېلىستۇرىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى.ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى ئۇنىڭ غورۇرىدا بۇلىدۇ. غورۇرىڭىزنى يۇقۇتۇپ مەسھۇلىيەتسىلىك بىلەن بىرەر قىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇزۇپ قويغان بولسىڭىز سىزنىڭمۇ ئىپپىتىڭىزنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ.ئۇ چاغدا سىز تاللاشقا ،قىزلارنى ئىپپەتسىز دەيدىغانغا ھوقۇقسىز. چۇنكى سىزمۇ ئۇنىڭدىنمۇ ئىپپەتسىز ،چاكىنا ئوغۇل.بۇ چاغدا جايىڭلارنى تاپقان بۇلىسىلەر،بېشىڭىزغا كىيىن يەنە خېلى كۇنلەر چۇشىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن مۇمكىن بولسا مەسھۇلىيەتنىڭ ئازراق بەدەللەر ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى جايىغا قايتىشىنى تەشەببۇش قىلىمەن. چۇنكى سىز بۇزغان قىز خورلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.ئالدىڭىزدىكى قىز بولسا كىيىن ۋىجدانىڭىزنى يەنە خورلاپ قۇيۇشى مۇمكىن.

    ئاتەش تور بىلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىز