خاتا ئۇرۇلغان تىلفۇن

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 04:09:43

خاتا ئۇرۇلغان تىلفۇن بىركۈنى يولدا كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز يان تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،قارىسام ئەمەسلا بىر نومۇر ،مەن تىلفۇننى ئالدىم . _دادا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ ،دادا!_،بۇ ...

    خاتا ئۇرۇلغان تىلفۇن

     

      بىركۈنى يولدا كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز يان تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،قارىسام ئەمەسلا بىر نومۇر ،مەن تىلفۇننى ئالدىم .
    _دادا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ ،دادا!_،بۇ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئاۋازى ئىدى .
    مەن شۇ زاماتلا:
    _خاتا ئورۇپ قۇيۇپسىز!_دىدىم-دە تىلفۇننى بىسىۋەتتىم ، ھىس قىلىشىمچە ، بۇ خاتا ئورۇلغان تىلفۇن ئىدى .
    چۈنكى مىنىڭ قىزىم يوق ، پەقەتلا 4ياشقا كىرگەن  يالغۇز بىرتاللا ئۇغلۇم بار ئىدى ،يەنە كىلىپ تىلفۇننى خاتا ئۇرۇپ سالىدىغان ئىشلار بەزىدە بۇلۇپ تۇرىدۇ ،شۇڭا  ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس-تە؟!
    نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە شۇ نۇمۇردىن تىلفۇن كەلدى ،تىلفۇننى ئالسام يەنە ھىلىقى قىزچاقنىڭ ئاۋازى ،ئاچىقىمدا :
    _يەنە خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز ! _دىدىم-دە تىلفۇننى بىسىۋەتتىم .
    بىراق بۇ نۇمۇردىن ھە دىگەندە تۇلا تىلىفۇن كىلىپ مىنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋاتاتتى،بەزىدە ئاچچىقلىناتتىم ،بەزىدە بولدىلا كىچىك بالىكەنغۇ دەپ  نۇمۇرغا قاراپ ئالمايلا بىسىۋىتەتتىم .
    بىر كۈنى تىلفۇنىم يەنە سايراپ كەتتى ،قارىسام يەنە شۇ نۇمۇر ،مەن بىسىۋەتتىم .بىراق قايتا –قايتا ئۇرۇۋەردى مەن ئاچچىقىمنى تەستە بىسىۋىلىپ  تىلفۇننى ئالدىم .بىراق بۇ قىتىم ھىلىقى قىزنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش چىقىۋاتاتتى :
    _دادا ،مەن سىنى تۇلۇمۇ سىغىندىم ،تىزراق قايتىپ كەلگىن ... ئاپامنىڭ دىيىشىچە بۇ سىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇڭ ئىكەن ... ھەرگىز خاتا ئەمەس دەيدۇ ،..دادا مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم ...سىنى بەكلا سىغىندىم ...ئاپام سىنى بەك ئالدىراش دەيدۇ ،ئۆزى ماڭا كىچە-كۈندۈز قاراپ بەك ھىرىپ كەتتى ...دادا مەن  سىنىڭ  بىزنى باقىمەن دەپ بەك جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن ...ئەگەر مىنى كۆرگىلى كىلەلمىسەڭ مىنى تىلفۇندا بولسىمۇ بىر قىتىم سۆيۈپ قويساڭلا بولدى...دادا ...بۇلامدۇ؟_ قىزنىڭ ئاۋازى پەسلەپ كىتىپ باراتتى .مەن قىزنىڭ سەبى سۆزىدىن ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى .شۇنداق قىلىپ مەن تىلفۇننى ئاغزىمغا يىقىن ئىلىپ كىلىپ قىزنى نەچچىنى سىۆيۈپ قويدۇم ،قىزنىڭ :
    _رەخمەت ...دادا ،مەن بەك...خوش...بولدۇم ...مەن بەك ...بە...ختلىك ..._دىگەن ئۆزۈلۈپ ئۈزۈلۈپ ئېيتىلغان سۆزىنى ئاڭلىدىم  شۇ چاغدا تىلفۇنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى .
    ئۇزاق ئۆتمەي مەن يەنە شۇ نۇمۇردىن كەلگەن تىلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم ،بىراق بۇ قىتىم تىلفۇن ئۇرغىنى ھىلىقى قىزچاق بولماستىن،بەلكى بىر ئايالنىڭ ئىدى:
    _كەچۈرۈڭ ،ئەپەندىم ، بۇ كۈنلەردە سىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى سىلىپ قويدۇم.مىنى راستىنلا كەچۈرۈڭ! ئەسلىدە مەن سىزگە ئىشلار تۈگسىلا تىلفۇن ئۇرۇپ كەچۈرۈم سۇراي دىگەن...
    بالام تۇلىمۇ بىچارە ،تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇستىخان راكىغا گىرىپتار بۇلۇپ قالدى ،قىزىمنىڭ دادىسى قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولمىدى...بۇ خەۋەرنى قىزىمغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم...چۈنكى قىزىم نەچچە قىتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشقا چۈشتى ،تۇلىمۇ قىينالدى ،بۇ ئازاپلارنى ئاز دىگەندەك يەنە ئۇنۇڭغا بۇ خەۋەرنى دەپ ئۇنى ئازاپلىغىم كەلمىدى ...ئۇ ھەر قىتىم قاتتىق ئاغرىقنىڭ ئازاۋىنى تارتىۋاتقاندا دادىسىنى چاقىراتتى ،بۇرۇن دادىسى دائىم ئۇنۇڭ يىنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ غەيرەت قىلىشقا ئۈندەيتتى ...ئاخىرى قىزىمنىڭ زارىغا چىدىماي خالىغانچىلا بىر تىلفۇن نۇمۇرنى دەپ سالغان ئىدىم ،بۇ دەل سىزنىڭ تىلفۇن  نۇمۇرۇڭىزكەن ..._ئايالنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ بوش ھەم ئاۋازىدىن تۇلىمۇ ئازاپلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
    _قىزىڭىز ھازىر قانداقراق؟_دىدىم مەن ئالدىراپ.
    _ئۇ كەتتى، مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ دادىسىنىڭ يىنىغا كەتتى ...سىز ئۇنى تىلفۇندا سۆيۈپ قويغان ۋاختىڭىزدا  ،"دادا"سىنىڭ ئاۋازى چىققان تىلفۇننى كىچىك قوللىرى بىلەن مەھكەم تۇتقۇنىچە ،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كىتىپ قالدى...
    نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم ،بۇرۇنلۇرۇم ئىچىشقاندەك بۇلۇپ كۆزلىرىم خىرەلىشىشكە باشلىدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خاتا تېلفۇن