ناننىڭ كۆيۈكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 23:37:47

ناننىڭ كۆيۈكى ئۇ ھەر ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ نان چىلاپ بېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ چىنىسىگە نان چىلاۋېتىپ، دائىم ناننىڭ كۆيۈكى بولسىلا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە سېلىۋالاتتى. «ناننىڭ ئەشۇ يېرى...



    ناننىڭ كۆيۈكى

     

    ئۇ ھەر ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ نان چىلاپ بېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ چىنىسىگە نان چىلاۋېتىپ، دائىم ناننىڭ كۆيۈكى بولسىلا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە سېلىۋالاتتى. «ناننىڭ ئەشۇ يېرى بەك يىيىشلىك بولسا كېرەك؟» دەپ ئويلايىتتى ئۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم دادىسىغا نان چىلاۋېتىپمۇ ئانىسى ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزىنىڭ چىنىسىگە تۇيدۇرماي سېلىۋالدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن غەش بولدى. «ما ئانامنى، ماڭىغۇ كىچىك بالا دەپ گوللاپ بەرمىسۇن. دادامنىمۇ گوللايدىكىنا؟!». ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشنى سەزمەي قالغىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. ناۋادا دادىسى كۆرۈپ قالغان بولسا ئانىسىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى دادلاپ بەرگەن بولاتتى. «مەنمۇ چوقۇم يەيمەن». ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ ئوي كېلىپ نان چىلاۋاتقان ئانىسىغا دېدى:
      -ئانا، نىمىشقا ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزۈڭلا يەيسەن؟
      ئانىسى سۇس كۈلۈمسىرىدى.
      -ناننىڭ بۇ يېرى يىيىشلىك. مەن بەك ئامراق.
      «ھە، ئەسلىدە ئويلىغىنىمدەككەنغۇ؟ خەپ، مەنمۇ يەپ باقمىسام!»

     

     


         بىر كۈنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچىۋاتقان چېيىنى قويۇپ سىرتقا بىر ئىش بىلەن ماڭغان پۇرسەتتە ئانىسىنىڭ چىنىسىنى ئېلىپلا بىر قوشۇق ئاغزىغا سالدى. ئەمما ئاغزىغا سالغىنىنى بىر چىشلەپلا ۋۇژژىدە بولۇپ ۋاقىرىۋەتكىلى تاس قالدى. كۆيۈك نان بەتتام بولۇپلا قالماستىن، چىشىدىن تارتىپ تاڭلايلىرىغىچە تېزلا چاپلىشىپ بىئاراملىقتىن سىلكىنىپ كەتتى. تۈكۈرۈپمۇ قۇتۇلالماي، ئاغزىنى خېلى ۋاققىچە چايقىغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغزىنىڭ بىر يەرلىرى ئەخلەت چاينىغاندەك بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمىدى. چىشىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالغان كۆيۈندىلەر خۇددى قۇمدەك غۇرۇچلاپ نەچچە كۈنگىچە توپا يەۋالغاندەك ئارامسىزلاندى. شۇ چاغدا ئۇ ئانىسىنىڭ نىمىشقا شۇنداق بەتتام ناننى يەپ مەززە قىلىپ ئولتۇرغىنىنى چۈشىنەلمىدى. «مەن يىسەم بەتتام بولغىنى بىلەن ئانام شېكەر سېلىپ ئىچەمدۇ-يا؟» دىگەندەك غەلىتە خىياللارنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرالمىدى. «ناننى خارلىسا يامان بولىدۇ» دەيىتتى ئانىسى كۆيۈك ناننى پەم بىلەن يەۋېتىپ. ئۇ كۆيۈك ناننى يەنە بىر قېتىم يەپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېلىقى بىئاراملىق يادىغا كەلسىلا قارىغۇسىمۇ كەلمەيىتتى. ھەر قېتىم چاي ئىچكەندە ئانىسىنىڭ چىرايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ باقسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىئارام بولغىنىنى سەزمىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئانام راستىنلا شېكەر سېلىپ ئىچىدىغان ئوخشايدۇ» دىگەن ئويىنى تەستىقلىدى. ئەمما شۇنچە كۈزىتىپمۇ ئانىسىنىڭ چىنىسىگە شېكەر سالغىنىنى كۆرمىدى. «ئانامنىڭ مەن كۆرەلمەيدىغان سېھرىگەرلىكى بولسا كېرەك» دەپمۇ ئويلىدى بالا.......

     


         ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئۇمۇ چوڭ بولدى. بالىلىق بولدى. ئۆزىمۇ ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋېلىپ چىنىسىگە سالىدىغان بولدى. شۇ چاغدىلا ئانىسىنىڭ نىمىشقا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى.

     


      ئۇ ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى. ئۆزىنى ئەيىپلىدى. لېكىن بۇ چاغدا ئانىسى ئاللىقاچان بۇ ئالەمدىن باقىغا كەتكەن ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناننىڭ كۆيۈكى