چۆكۈپ كىتىش(ھىكايە)-ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

يوللىغۇچى : koktugh يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-17 17:33:12

چۆكۈپ كىتىش(ھېكايە)ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغقۇدرەت ئەتىگەندە ئىسسىق ئۈيىدىن سىرىتقا چىقىشىغىلا نەشتەردەك سوغۇق شىۋىرغان يۈز كۆزلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى …ئۇ نىپىز تاشپاختا ئەستەرل...



    چۆكۈپ كىتىش

    (ھېكايە)

    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

     قۇدرەت ئەتىگەندە ئىسسىق ئۈيىدىن سىرىتقا چىقىشىغىلا نەشتەردەك سوغۇق شىۋىرغان يۈز كۆزلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى …ئۇ نىپىز تاشپاختا ئەستەرلىك چاپىنىنىڭ سىرىتمىلىرىنى ئىتىپ، چاپىنىنىڭ پۇرلۇشۇپ كەتكەن ياقىسىنى كۈتۈرۈپ سوغۇقتىن قامدانغاچ ئويلىدى‹…خەپ شۇ ئۇقۇشتىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن ؟…قىشنىڭ، نەشتەردەك سوغۇقنىڭ غېمىغۇ تايىنلىق، ئەمما ھەريىلى شۇ قىش پەسلىدە ئەترەتتىن ئېسىلىۋالىدىغان ساۋات چىقىرىش كۇرىسىدا ئوقۇش ھەجەپ تويغازدىيا كىشىنى… › قۇدرەت قىش پەسلىدە ئەترەت تەشكىللىگەن ساۋات چىقىرىش كۈرسىدا نەچچە يىل تەكرار ئوقۇپمۇ شۇ ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى بەكمۇ تەستە يادقا ئالالىدى-يۇ ئەمما قوشۇپ ئوقۇشنى خەت يېزىشنى زادىلا ئۈگىنەلمىدى. شۇ سەۋەپلىك ئالدىنقى يىلى ساۋات چىقىرىش ئىمتاھانىدىن ئۈتەلمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۈچ يۈز يۈەن جەرىمانە تۈلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندا خۇددى بېشىغا مىق كىرىپ كەتكەندەك قاتتىق بىر ئاغرىق بېشىنىڭ قات-قېتىغا كىرىپ كەتكەنچە زادىلا پەسەيمىدى. بېشى كۈندە زىڭىلداپ ئاغرىپلا تۇردى .

    ھاۋا سەل ئىللىغاندا بىر يەكشەنبە كۈنى قۇدرەت ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ باشلانغۇچ ئالتىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغلى شەۋكەتجان بىلەن بۇغدايلىققا ئوغۇت ئېلىپ كېتىپ بېرىپ بالىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى، يەنى قۇدرەتنىڭ ئوغلى شۇنداق دېدى؛

    -دادا ئاۋۇ دىيەنشەنگە قۇنىۋالغان قۇشقاچلارنى تۆك تەپمەمدۇ ؟

    قۇدرەت ئوغلىنىڭ سۈزىنى تۈزەتمەكچى بولۇپ جاۋاب قايتۇردى

    -بالام ئۇ قۇشقاچلار قۇنىۋالغان نەرسىنى بىزچە توك سىمى دەيمىز، شۇنداق دىسەڭ توغرا بولىدۇ.

    ئوغلى شۇئان قارشى ئىنكاس قايتۇردى

    -ياق دادا دىيەنشەن دىسەك ئىتتىك ئاتىغىلى بۇلىدا

    -ياق ئوغلۇم ئۇنى توك سىمى دەيسەن

    ياق ئۇنى دىيەنشەن دەيمىز !. . .

    غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن قۇدرەت ئۈزى بىلەن تەڭ تۇرۇپ زۇكۇنلىشىۋاتقان قېچىردەك جاھىل بالىسىنى ئۇرماقچى بولۇپ ئېشەك ھەيدەيدىغان تايىقىنى بالىسغا دىۋەيلەپ كۈتەردى-يۇ ئەمما يەنە لاسسىدە بۇشۇشۇپ كەتتى چۈنكى شۇئان ئۇنىڭ بېشى پىررىدە قېيىپ پۈتۈن ئالەم جاھان توختىماي پىرقىراشقا باشلىدى … ، بارا-بارا ھەركۈنى ئاخشىمى ئۈزى بىلەن‹ئۇيغۇرچە تىلۋۇزۇرلارنى چۈشەنمەيدىكەنمەن…خەنزۇچە قاناللارنى كۈرىمەن›دەپ تىلۋۇزۇر تالىشىدىغان، ھەردائىم ئۈزى چۈشەنمەيدىغان بىر تىلدا سۆزلەشنى، ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۈرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقان ئوغلىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قۇدرەت ئازاب بىلەن تەگسىز خىيالغا غەرىق بولدى… نېمە ئىش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ئەمدى… نىمىشقا خانىم باشتا بۇ بالامنى خەنزۇچە مەكتەپكە خەتلەپ قويغان بولغايتى؟ نىمىشقا مىنىڭ ئېتىزىمدىكى زىرائەت ۋە سەي كۆكتاتلار ئىككى ياندىكى پارنىكتا سەي تېرىۋاتقان خوشنىلار تېرىغاندەك ئوخشىمايدۇ؟ نىمىشقا مىنىڭ ئېتىزىمدىلا يىلسىرى ھۇسۇل ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ؟ نىمىشقا خوشنىلىرىم ئوبدانلا باي بولۇپ ھاللىنىپ قالدى-يۇ ئەمما مەن نىمىشقا يىلسىرى نامراتلىشىپ كېتىپ بارىمەن؟ نىمىشقا مىنىڭ ئىشىملا تەتۈرگە ماڭىدۇ…يېغى ياندىن قۇپار دىگەندەك مانا ئەمدى بالامدىگەن بەدبەخنىڭمۇ–ھە دىگەندە مەن بىلەن قېيىشىپ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇدۇ- دەپ ئۈزىچە رەللە بۇلاتتى ئۇ، ئۆز گۈشىنى ئۈزى يىگۈدەك بولۇپ …

    قۇدرەتنىڭ بېشى كۈنسېرى تىنماي ئاغرىپ، ھەم قېيىپ ئۈزىنىڭ ھەمىشە ئىگىز ئاسماندىكى ھاۋايى مۇئەللەقتىن يەر يۈزىدىكى تەگسىز بىر ئازگالغا چۈشۈپ كىتىۋاتقانلىغىدەك بولۇپ قالغانلىغى ئۇنى بىردىنلا تۈگىمەس ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

    ئۇ مۇشۇ خاپىچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە مەھەللىدە تېرىلغۇ يەر ئالىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن كېلىپ يۇقىرى باھادا يەر ئېلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ  قالدى. ئۇ ئىككى كۈن ئويلىنىپ خېلى ئارىسالدى بولدى. ئەمما ئاخىرى يەنىلا بىر قارارغا كەلدى-دە ئەتتىرەتتىن ئۇزۇن مەزگىل ھۆددىگە بەرگەن ئون سەككىزمۇ يەرنى يەر ھۆددىگەرلىك كىنىشكىسى بىلەن بىراقلا باشقىلارغا ئەرزان باھادا ئۈتىنىپ بىرىپ پۇلىنى يانچۇقىغا سالدى. ئانچە ئۇزۇنغا قالماي يەنە مۇشۇ ئەترەتتىن كىسىپ بەرگەن ئاتا مىراس شەخسى ئۆي-زىمىنىنى ئېلىشىغا ساتتى. ئاندىن ئاتا بوۋىسىنىڭ ئىزى قالغان مەھەللىسىنى تاشلاپ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان بىلەن مەھەللىگە ئانچە يىراق بولمىغان شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ كۆچۈپ كەتتى.

      ئەمما كۈندىلىك مەدىكارلىق قىلغىلى باشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ باش ئاغرىقى، بېشىنىڭ تىنماي قېيىشى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كەتكەندەك ھېس قىلدى …

    ئۇ مەيلى يول ماڭغاندا بولسۇن ياكى كىملەرگىدۇر كۈنلۈك مەدىكار ئىشلەپ بىرىۋاتقاندا بولسۇن ۋە ياكى ھېرىپ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئەمدىلا شەھەردىكى سەرەڭگە قېپىدەك كىچىك ئىجارە ئۈيىدە كارىۋات ئۈستىگە تاشلىنىپ يامپاشلاشقا باشلىغاندا بولسۇن خۇددى قايسى بىر ئەخلەت ئازگىلىدىن ئانچىكى بىر قۇيۇننىڭ تەسىرىدە ئاسمان پەلەك كۈتۈرۈلۈپ ئاندىن يەنە ھەريان لەيلەپ دوقۇرۇپ يەرگە چۈشىۋاتقان كىرەكسىز قەغەز پارچىسىدەك ھەمىشە پۈتۈن جىسمىنى يەرتارتىپ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىپ باراتتى…

    ئۇ يەنە بىرنەچچە يىلغىچە "مەن بىرەر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشىمايمەنمۇ ؟ بۇ زادى قانداق كىسەلدۇ ؟"دىگەندەك تەگسىز خىياللار ئىلكىدە ئازاپلىنىپ گاڭگىراپ يۈردى. ئاخىرى شەھەردىكى ئۇتتۇر كەلگەن بىر دوختۇخانىغا كىرىپ كۈرۈنىشكە باشلىدى.

    بېشىنىڭ ئالدى ئۇستى قىسمىدىكى چاچلار تامامەن چۈشۈپ خۇددى مايلاپ قويغان خام قاپاقتەك پاقىراپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر نەپەر دوختۇر ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن قۇدرەتكە يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىگىنىڭ ئاستىدىن مارىلاپ دىگۈدەك بىر دەقىقە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى ؛

    -قەيىرىڭىز بەكرەك ئاغرىيدۇ ؟

    -شۇ بېشىم ئاغرىيدۇ، يەنە بېشىم تىنماي قېيىپ تۇرىدۇ …شۇ يەنە ھەمىشە ئىگىز ھاۋايى مۇئەللەقتىن يەرگە چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك بىر ساراسىمنىڭ ئىلكىدە قىيلىنىۋاتىمەن …بۇ قانداق كىسەللىك ئالامىتىدۇ؟!

    -بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى زۇكامدىن. ئەمما مەن ئەزەلدىن يەر ئاستىغا كىرىپ كىتىۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇدا بۇلىدىغان كىسەلىكنى ئاڭلا باقماپتىكەنمەن، بەلكىم سىز خاتا تۇيغۇدا بۇلىۋاتقان ئوخشايسىز …

    قۇدرەت بۇ قېتىمقى دوختۇخانىغا كۈرۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ دوختۇرخانىغىمۇ بارمىدى. بىراق بېشىنىڭ تىنماي ئاغرىپ، قېيىپ تۇرىشىدىن ئىبارەت بىر  دەردىسا ساراسىم ھېچ پەسىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇساراسىم، گاراڭلىق ئىچىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇنقى مەھەللىدە ئەترەت باشلىغى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۈزىنىڭ بۇرۇنقى قەدىناس ئاغىينىسى ياسىن كۈتەك ئىسىگە كەلدىدە ئىككىنچى كۈنى ئاتايىن مەھەللىگە بېرىپ ياسىن كۈتەكنى تېپىپ ئۆزىنىڭ كىسىلى ھەققىدىكى غەم ئەندىشىسىنى ، كۆڭۈل سىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ياسىن كۈتەك ئاغىينىسىنىڭ بىچارە ھال ئەھۋالىنى بىر ھازا كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاب بەردى ؛-

    -ھەي…بۇرادەر، ھازىر دەۋرىمىزدە ھەممە ساھىدە چوڭ يۈكسىلىشلەر بولۇپ دىخانلارمۇ باي بۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشىپ قازانمۇ چۈمۈچمۇ ماي بۇلىۋاتقان چوڭ ياخشى پەيتتە سەن "تەگسىز ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ بارىمەن …نامەلۇم بىر كىسەل بولۇپ قالدىم… "-دەپ نەدىكى قۇلاققا خوش ياقمايدىغان گەپنى قىلىپ كەيپىمنى ئۇچۇردىكەنسەن.  مانا ئۈزۈڭ سالامەت، يەر يۈزىدە بىر ئوبدان ياشاۋاتمامسەن؟ نەگە چۈشۈپ كىتىسەن ؟ شۇنداق جىننىڭ كۈلەڭگىسى ئەگىشىۋالدىمۇ يا ساڭا. بولدى ئارتۇق گەپنى قىلىشمايلى، ناۋادا شەھەردە جان باقالمىدىم دىمەكچى بولساڭ ئائىلەڭنى ئېلىپ گاچچىدە يەنە مەھەللىگە قايتىپ كەل. ئەمدى تېرىيدىغانغا يەر بولمىسىمۇ ئەمما چوڭ يەر ھۆددىگەرلىرىگە كۈندىلىك ئىشلەپ جېنىڭنى يەنە باقالايسەن. سەنلا قايتىپ كىلىمەنلا دىسەڭ كىينكى كۈنلەردە يەنە تېخى  ھال كۈنۈڭ يەنىمۇ ياخشى بولماي قالسا ھۈكۈمەت بىرىدىغان تۆۋەن تۈرمۇش كاپالەت پۇلىسى بار.  ئاز بولغاندا ئىككى يۈز سوم ئايلىق دىگىنە… ناۋادا ئەمگەك قىلىش خوش ياقماي قالسا يەنە كۈن بۇيى ئېتىزلىقلاردا جاپا –مۇشەققەت تارتىپ ئىت ئىشەكتەك ئىشلىمىسەڭمۇ شۇ پۇلنى خەجلەپ ياستۇقنى ئىگىز قىرلاپ قۇيۇپ كۈن بۇيى بىخارامان ئوخلىساڭمۇ جاننى گۈلدەك باققىلى بولىدۇ …

    قۇدرەت قەدىناس ئاغىينىسى ياسىن كۈتەكنىڭ يۈقارقىدەك سۈزىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى پاللىدە يۈرۈپ كۆڭلى خېلى ئارام تېپىپ قالدى. بىراق يەنە بېشىنىڭ تىنماي ئاغرىپ قېيىپ تۇرىشى قانداق بۇلار…؟!

    (  2011-يىل ئاقسۇ  )

    ئاپتۇر :ئاقسۇ شەھەر 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

    تېل  -  13565165488

    QQ-928021205

    koktugh@sina. com

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر باش ئاغرىش