ۋاقىت ئوغۇرلاش

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:07:42

ۋاقىت ئوغۇرلاشنېمىلا ئوغۇرلىسا بولىدىغان بۇ جاھاندا، ۋاقىتنىڭ ئوغۇرلانغىنى قىزىق!مەن ۋاقىت ئوغۇرلىدىم. ھېچكىم بىلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋاقىت مېنىڭ جىسمىمدە ئولتۇراقلىشىپلا قالدى.مەن كىچىك بالى...

     


    ۋاقىت ئوغۇرلاش

    نېمىلا ئوغۇرلىسا بولىدىغان بۇ جاھاندا، ۋاقىتنىڭ ئوغۇرلانغىنى قىزىق!

    مەن ۋاقىت ئوغۇرلىدىم. ھېچكىم بىلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋاقىت مېنىڭ جىسمىمدە ئولتۇراقلىشىپلا قالدى.

    مەن كىچىك بالىلار سىزغان شۇ رەسىملەرگە ئامراق. كىچىك بالىلاردەك ياسىنىپ، شۇلاردەك قېرىنداش بىلەن جىجاپ رەسىم سىزىزشقا ئامراق....

    پەقەت مېنىڭ قەلبىم، يۈرۈگۈم چوڭ  بولمىسىلا، ئەتراپىمدىكى مۇھىتمۇ چوڭ بولمايدۇ-دە، مەنمۇ چوڭ بولماي، شۇ پېتى تۇرىۋېرىمەن، مەڭگۈ قېرىمايمەن.

    بىركۈنى، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى، مېنڭ ھەممە نەرسەم 25 يېشىمدا قېتىپلا قالدى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بولۇپ.

     مەن كۆرەڭلەشكا، ھاياجانلىشىشقا باشلىدىم.  مەن ياشلىق ھاياتىي كۈچۈمنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدىغان بولدۇم!

    شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ مەڭگۈ قېرىمايدىغان ياشلىقىمنى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىشقا باشلىدىم.

    ئەتراپىمدىكىلەر بېشىدا ماڭا ھەۋەس قىلغىنىچە:

    -نېمە دېگەن ياش تۇرغان بۇ قىز! خۇددى قېرىماسنىڭ دورىسىنى يەۋالغاندەكلا!-دەپ قاراشتى.

     

    كېيىن ئۇلار ئەجەبلەنگەن ھالدا مەندىن:

    -ۋاي، سىز تېخىچى شۇ پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟ قېرىمامسىز سىز؟-دەپ سوراشتى.

     

    ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا:

    -سىز ئۆزگەرمەمسىز زادىلا؟-دەپ سوراشتى.

     

    ئۇنىڭدىن كېيىننىڭ كېيىنىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ھەممىسى قېرىپ ماكچىيىشتى.

    پەقەت مەنلا، 25 ياشتىكى ھالىتىمدە مىدىر قىلماي تۇرىۋەردىم.

     

    مەن ھەرمەزگىلدە بىر خىزمەت ئالماشتۇراتتىم، شەھەر ئالماشتۇراتتىم.

    ئەتراپىمدىكى مۇھىت توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتاتتى. ئەمما مەن شۇ پېتى ئىدىم.

    بارا-بارا مەن بىلەن تونىشىپ ياخشى ئۆتۈشكەن كىشىلەر مەندىكى غەيرىلىكنى بايقاشتى.

    شۇڭا مەن يەنە شەھەر، يۇرت، خىزمەت ئالماشتۇردۇم.  

    ئۇلار، ئۇلارمۇ بۇرۇنقىلاردەك قېرىپ كېتىشتى.

    مەن بىر تۈركۈم يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشاتتىم، ئاندىن ئۇلار تۈركۈملەپ قېرىپ كېتىشەتتى، مەن يەنە شۇ توختىماي ئورۇن، خىزمەت ئالماشتۇراتتىم. 

    مەن توختىماستىن يېڭى ئىسىم قوللىناتتىم، يېڭى كىيىم كىيەتتىم، يېڭى خىزمەت ئىشلەيتتىم، يېڭى يۇرتلۇق بولاتتىم، يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشاتتىم.

    ھەممە نەرسە يېڭى ئىدى، ھەممە نەرسە!

    يېڭى نەرسىلەر يېڭىچە بولىدۇ، ساپ بولىدۇ!

    ئەمما  بۇ نەرسىلەردىن مەن ئاستا-ئاستا زېرىكىشكە باشلىدىم!

    چۈنكى بۇ يېڭىلىنىشلارنىڭ ھەممىسى- ئۆزۈمنىڭ دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ يېڭىلىنىشى ئىدى.

    ئۆزۈمنىڭ ئەينەكتىكى 25 ياشلىق گۈزەل رۇخسارىمدىن سورايتتىم

    -مەندە مۇشۇنىڭغا لايىق 25 ياشلىق يۈرەك زادى بارمۇ؟

    مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توختىتىشىم كېرەك! ياق، توغرىسى ۋاقىتنىڭ بەدىنىمدىكى توختاپ قالغان بۇ ئىشىنى توختىتىشىم كېرەك!

    مەن ۋاقىتنىڭ بەدىنىمدىكى ئايلىنىش چاقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بارلىق چارىلەرنى ئىزدىدىم. ئەمما، كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى. مەن يەنىلا 25 ياش ئىدىم.

    مەن سارەسىمگە چۈشۈشكە باشلىدىم، تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم. باشقىلارنىڭ «سىز نېمانداق ياش، چىرايلىق» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىدىن زېرىككىشكە باشلىدىم.

    مەن ۋاقىت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنىدىم!

    بىر كۈنى، خىزمەت ئىشى بىلەن ئارخىپ ئىدارىسىغا باردىم. ھە راست! بۇ مېنىڭ 102 قېتىملىق خىزمىتىم ئىدى. ئىشىمنى تۈگىتىپ چىقىپ كېتەي دەپ، بوسۇغىدىن ئاتلىشىمغا، ئۇدۇلۇمدىن ىر قىز كەلدى، ئەجەپ تونۇش چىراي قىز بۇ! مۆرىدىشىپ ئكتۈپ كەتتۇق، ئەمما بۇ قىز ماڭا بەكمۇ تونۇش ئىدى! پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەسلىدىم، ئەسلىمە خاتىرىلىرىم ئىزىدىن بۇ قىزغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپ چىقتىم! توغرا! ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ئۇ قىز مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دەل شۇ! ئىككىمىز تېخى نومۇر تەييارلاپ ئۇيۇن قويۇشقىمۇ قاتناشقانىدۇق! ھەي، ئىسىت، ئاران بىر كۆۈشكەندە ھەجەپ سالاممۇ قىلماپتۇق، ئۇ يەنىلا شۇ پېتى تۇرۇپتۇ!

    • شۇ پېتى تۇرۇپتۇ!

    مەندە خۇددى ئۆزۈمگە ئوخشاش بىر تۈرداشنى تېپىۋالغاندەك بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولۇپ، ئۆزۈمنى باشقا بىر تۈردەك ھېس قىلىش ھېسسىياتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.

    ئۇ يەنىلا شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىرايىمۇ شۇنچە چىرايلىق، بەدەن قۇرۇلىشلىرىدىن تارتىپ ئۆزگەرمەپتۇ! ھېچنەرى ئۆزگەرمەپتۇ!

    مەن ئەمدى ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تونۇيالمىغانلىقىمغا، شۇ زامات ئۇنى تۇتۇۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم.

    «نېمىشقا ئۇنى تۇتۇۋالمىغاندىمەن؟ ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى نېمە ئۈچۈن سورىۋالمىغاندىمەن؟ بەلكىم ئۇ بىرەر نەرسە بىلەر بولغۇيتتى؟ ياكى ئۇمۇ مەندەك مۇشۇنداق تەمتىرەپ يۈرگەن بولغۇيمىتى؟»

    بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنى ئۇ ساۋاقدىشىمنى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. شۇ تۈردىشىمنى تېپىپ، مەندىكى بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىشكە بەل باغلىدىم.

    ھازىرقى خىزمىتىمنىڭ قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئارخىپىنى بىردەمدىلا تېپىپ چىقالايتتىم. ئەمما، ئۇنىڭ ئارخىپى پەقەتلا تېپىلمىدى. ھېچنەردىن تېپىلمىدى!

    ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ ئارخىپ ئىدارىسىغا بېرىشىدە بىرەر سەۋەب بارمۇ-يا؟ توغرا، ئۇ چوقۇم شۇ يەرگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بارغان!

    ئالدى-كەينىمنى تاپالماي يۈرگەن مۇشۇنداق بىر كۈنى، چۈشتىنكېيىن، ئۇ تۇيۇقسىزلا مېنىڭ ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئۇ خۇددى مېنىڭ ئۇنى ئىزدەۋاتقىنىمنى بىلىدىغاندەكلا، ئۇدۇل  كېلىپ مېنىڭ ئالدىمدا شۇنداق تەبىئىي  ئولتۇردى.

    مەن كومپىيوتېرىمنى ئۆچۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم، قىزىل چاينىڭ ئىچىدىكى مۇزمۇ ئېرىپ تۈگىگەنىدى. مەن بۇ چاغدا ئۆزۈمگە ھەيران بولدۇم. توۋا، ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مەن تېخخمۇ تېنىچ ئولتۇرىۋاتاتتىم. خۇددى بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغاندەك!

    -بۇرۇنقىدەكلا تۇرۇپسىزم ئازىراقمۇ ئۆزگەرمەپسىز!

    ئۇ ماڭا قاراپ شۇنداق دېدى.

    -سىزمۇ شۇغۇ!

    ئۇ كۈلدى. مېنىڭ قولۇمدىكى ئىستاكانغا، ئىستاكاننىڭ ئىچىدىكى چاي ۋە ئېرىپ كەتكەن مۇزنى كۆرسىتىپ دېدى:

    -مەن سىزنىڭ ئادىتىڭىزنى، چاي ئىچىش ئادىتىڭىزنى دەۋاتىمەن!

    ھېچنىمە دېمىدىم، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممە مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتىم.

    ئۇ خۇددى مېنىڭ مەقسىتىمنى بىلىۋالغاندەك مەندىنمۇ تېنىچ ئولتۇراتتى.

    چۈشتىن كېيىنكى قۇياش سۈكۈت ئىچىدە ئۆز نۇرىنى چېچىۋاتاتتى.

    -سىزنىڭ ھەممىنى بىلگىڭىزبار؟ مەن ھېلىقى كۈنى سىزنى ئارخىپ ئىداىسىدە ئۇچراتقىنىمدىلا سىزنىڭ مېنى ھەريەردىن مۇشۇنداق توختىماي ئىزدەيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم.- ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- بېشىدا مەنمۇ ھاياجانلانغان، خوشال بولغانىدىم، ئەمما، ئەمما كېيىن مەن ھەممىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە، چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدىم، بەلكىمبۇنىڭدا باشقا ئالاھىدە سەۋەبمۇ يوقتۇر، ئەمما مەن شۇ بىر نۇقتىنى ئوبدان بىلىمەن.

    ئۇ ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ، ئېڭىشىپ ئولتۇردى، ئەمدى مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆردۈم. ئۇ ئالدىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ، شۇنداق دېدى:

    -ئۇ بولسىمۇ،بىز ئىككىلىمىز، ۋاقىتنى ئوغۇرلىدۇق!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋاقىت ئوغرى _