سۆز ئويۇنى- ئات بىلەن تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-21 02:28:00

سۆز ئويۇنى- ئات بىلەن تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى ئات بىرلە تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى - خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى مۇشائىرە بولۇپ 30-يىللاردا قەلەمگە ئېلىنغان ھەجۋى ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھ...

     سۆز ئويۇنى- ئات بىلەن تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى

        ئات بىرلە تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى - خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى مۇشائىرە بولۇپ 30-يىللاردا قەلەمگە ئېلىنغان ھەجۋى ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى...)مەن 90-يىلى لوپنۇرنىڭ دەريا بويىغا بارغىنىمدا شۇ يەردىكى مالچىلار ماڭا بۇ قوشاقنى يادلاپ بەرگەن، ماڭا بەك قىزىق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى..ئويلىمىغاندا بۇ قېتىم تىۋىش بىلوگىدىن قاۇتا كۆرۈش نېسىپ بولدى، گەرچە بۇ قوشاقلارنىڭ تىلى سەل قەدىمى بولۇپ قولايسىزراق بولسىمۇ ئەسلىسىگە سادىق بولۇشنى توغرا تېپىپ ئەسلى تىۋىش بىلوگىدىكى تىل شەكلى بىلەنلا يوللىدىم، قىزىققۇچىلار سەللار ئەستايىدىل بولسا ھازىرقى تىل ئادىتىمىزگە ماسلاشتۇرىۋالالايدۇ ....ئات بىرلە تۆگىنىڭ مۇنازىرىسى بىر كۈنى ھەزرەتى سۇلايمانى يىغىلىپ جەمى بولدى. بارچە ھەيۋاننى ئول كۈنى بولدى بىر ئاجايىپ جەڭ سۆزلىشىپ تۇرقى ھالى رەڭگارەڭ تۆگە دېدى ئېي ئات كۆنى قاق بۇ كۈن مېنىڭ ساڭا شەپقىتىمگە باق ھەر قاچان چوڭ تۇرۇر مەن سەندىن يۇقارى ئولتۇرماقىڭ نە ھەد مەندىن پەرق قىلماس سېنى پادىشاھى قۇۋۋەت ئاتقۇچى يا پادىچى ۋە يا تورغە ھەر كىشى ئۇرسەلەر ئۇچاڭغا تاياق چاپارسەن رۇم بىلەن شام ۋە ئىراق سېنى مىنەدۇر قويچىلەر بىلەن ئەلگەكچى ھەر قەدەمدە ئۇرادۇر ئۇچاڭغا ئون قامچى قېرىغاندا سېنى ئەھل باقمايدۇر بىر مىنىپ باققاي دەپ بىر نېمەسىنى ئۇچاڭغا يايمايدۇر ئىگىرىڭنى يۈدۈپ يۈرەرسەن ئىگەرچىمۇ ئېدىڭ ئول نېمەڭ قاپ –قارادۇر كۆمۈرچىمۇ ئېدىڭ سۆرىتىڭدۇر ۋەلى مەسلى ئىشەك كۆشەمەيدۇرسەن كۆشەڭدە باردۇر دۇرشەك قېرىغاندا ئالەدۇر سېنى ئابدال كۆپ جاپا بىلەن ئۇچاڭغا ئۇرادۇر دۇمبال خۇرجۇن ئارتىپ مىنەدۇر سېنى قەلەندەرلەر يورغىلاپ ماڭماقىڭنى خىتاي دەرلەر بېدىكلەر باقەدۇر تېشىڭنى ئېچىپ ئالمەسە يۈرۈرسەن يوتاڭغا چىچىپ تۆگە قىلدى ئۆزىنى كۆپ تەرىپ باشقەلەردىن ئۆزىنى ئايرىپ مەندۇرمەن بۇ جاھاندا بىر شاھى بىقۇسۇر ۋە چىرايلىق ۋە ماھى كۈچۈم باردۇر رۇستەم داستاندەك تەققى-تۇرقۇم سام ۋە نارىماندەك بىر ئاتىم تىۋەدۇر، يەنە بىرى ئۇشتۇر شۆھرەتىم خەلقئارا ئەمەس مەستۇرخۇش چىرايلىقدۇر مېنىڭ مېڭىش-تۇرۇشۇم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇكان قۇرۇشۇم.مەست بولسام بېلىمنى مۈكچەيتىپ غەزەل ئوقۇيمەن كۆزلەرىمنى چەكچەيتىپ قىز-جۇۋانلار ماڭا نەزارە قىلۇر نۇر ئۆلەشتۈرگەندە مەن تولا ئالغان بارچەلەرگە كەلمەي ھاڭ باقىپ قالغان.ئەمدى تۈگە قىلدى تەرىپ ئېتىپ، نۆبىتى كەلدى ئەمدى ئاتقە يېتىپ ئات دېدىكى ئەمدى سۆزەمنى قىلاي يەنەمۇ سۆزەڭ قالدىمۇ ئاڭلاي تەرىپ ئەتتىڭ ئۆزەڭنى دوققا ماڭلاي مانا ئەمدى تەرىپ ئېتىپ ئۆزۈم داڭلاي.بىھاياسەن قارا يۈز خۇدا ئۇرغان تەڭرىنىڭ دۇشمەنى لەبى چەك ئۇرغان.يېيىشىڭ پىچان ۋە يانتاق توپراقىڭ خىتاي ۋە يا قالماق چارۋىدارلار سېنى ئوتانغا سالۇر، جوتىلەيدۇر سېنى چارۇق باغىدە، ۋاقىرايسەن يەنە ئۇرەر چاغىدەسەندە كۈچ بار ئەقىل بىرلە دانىش يوق قورسەقىڭدە باردۇر ئون ئالتە زەمبىل پوق، ئۇساغاندە قېتىپ قالۇر ماياقىڭ كۈندە باردۇر ساڭا يىگىرمە بەش تاياقىڭ كاجلىقىڭدىن سىيەرسەن ئارقاڭگە قالدى مىراس سېنىڭ بالاۋاقەڭگەتاڭرىتەئەلا سېنى مال دەپ ياراتقان ئەمەس بەدمۇقامدۇر دەپ سىفەت قىلغان ئەمەس كوچەلەردە سېنى بالەلەر قويلار خادا بىلەن چوقالەرىڭگە ئۇرۇپ ئوڭلاريۈك قويارلەر ئۇچاڭغا بەسى ئېغىر كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن قىلۇرلەر يېغىرتەڭرىتەئەلا بىزلەرنى ئەزىز ياراتقەندۇر پادىشا بەگلەرگە تاراتقاندۇرياراتىپتۇر تۆھپە قىلىندى پادىشاھلەرگە بەرمەدى فەقىر مىسكىن گېدايلەرغە ئارغىماق كەلسە ئەگەر بۇ دىيارلەرغە كىم يېتەر قەدرى قىممەت باھالەرغەمۇرتېزاغا بولۇپ ئېدىم دۇلدۇل مەركەب ئارادۇر غۇنچە ماناند گۈل تۈگەنىڭ ئوقۇغان بېيىتى تۇرقۇم بار ئىگىز تايدەك ئولتۇرۇپ قوپۇشۇم سېرىق يايدەك قىز ئوغۇللار ماڭا نىزارا قىلۇر مېنىڭ ئۈچۈن يۈرەكلەرىنى پارە قىلۇرخوش ئاجايىپ رۇرۇ مېنىڭ مېڭىش تۇرۇشۇم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇكان قۇرۇشۇم ئاتنىڭ بېيىتى كالپۇكۇڭ باردۇر بىر يېرىم چارەك قۇيرۇقۇڭ باردۇر تۆت ئىلىك چارەك ئوتۇنچىلەر سېنى ئوتەنغا سالۇر ماڭماساڭ پالتا بىلەن لوتاڭغا سالۇرئۇسسۇلۇقتىن قۇرۇپ قالۇر ماياقىڭ كۈندە باردۇر لوتاڭغە بەش تاياقىڭ تۆگىنىڭ بېيىتى سېنى مىنەر ئەلگەكچى بىرلە قەلەندەرلەر ماڭماساڭ بازارغە سېلىپ ساتاي دەرلەرئىگەرىڭنى يۈدۈپ تۇرۇپ سەن ئىگەرچىمېدىڭ تاشلىقىڭ قارا تۇرەدۇر كۆمۈرچىمېدىڭتىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق