پارچىلار

يوللىغۇچى : turdiisrail يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-23 19:18:57

ئىناقلىق ۋە يۇرت سۆيگۈسى كۈيلىنىدۇ

      
     
    پارچىلار
     
    تۇردى ئىسرائىل
    1
    بىلسەڭدىڭ     بۇ ھاياد بىر تۇتام چاۋار،
    كۆيسىلا بىر چىمدىم كۈلىلا قالار.
    ئادىمىي  گەر ئۆلسە ياشار تۈمەن يىل،
    پاسىقلار شۇ دەقىق تامام ئونتۇلار.
    2
    كىم كۆردى  باقىدا جەننەت –دۇزاقنى ،
    شەيتانلار  تۇيدۇرماي قويغان توزاقنى.
    تۆت كۈنلۈك     ئۆمۈرىڭگە  چىكىپ ئۆتسەڭ  گۈل ،
    تاپارسەن پانيىدا    ھۆرى- جەننەتنى.
    3
    بۇ  ئۆمۈر ئۆتەر تىز ، پانىي  تۆت كۈنلۈك،
    ئىزگۈلۈك ئىنسانغا بايلىق- مەڭگۈلۈك.
    ئۆتسىچۇ ھايادىڭ    تويۇپ مەنىگە ،
     شۇ ئۆمۈر   بەتلىرىڭ  چاقنار جۇلالىق.
    4
    ئىزگۈلۈك ئۇنتۇلماس  ئەبەد ھاتەمدەك،
    بولغاچقا  دىللىرى كەڭرى ئالەمدەك.
    شان-زەپەر  كەلمەس ھىچ  قىلمىساڭ   ئەجىر،
    چاينالغان شۇ   لوقما بىتەم  بولغاندەك.
    5
     ئىلىمنىڭ چۇققىسى ئوخشار قىياغا،
    چىقالمايسەن ئاڭا  قىلمىساڭ جۈرئەت.
    جەڭگاھتا شان-زەپەر قۇچىمەن دېسەڭ،
    قان-تەر ھەم ئىرادە ئاڭا كاپالەت.
    6
    ئەرلەرنىڭ كۆركىدۇر بۇرۇت ھەم ساقال،
    «ئىش باشقا ،ياش باشقا » بارغۇ   بىر ماقال.
    زەرىچە ھاياتتا ئەلگە سۇنساڭ بال،
    ئاۋامنىڭ ئالقىشى ،ھېممىتى ياغار.
    7
    سەپەرگە ئات سالدىم ئالدىمدا  داۋان،
    ئىقباللار يۇلتۇزى چاقىرار ھامان.
    قولۇمدا لەپىلدەر  ئۈمىد بايرىقى،
    مەردلەرنى سىنايدۇ بۇ كەڭرى مەيدان.
    8
     كۈز كېلىپ، بېشىڭغا   تۆكسە ئاپپاق قار،
    ئىڭەكمۇ بىتەھقىق  ئورۇن بۇشىتار.
    ئۆمرۈمگە كۈز كەپتۇ- دېمە، ئالدىڭدا-
    قايناق جەڭ چېلىشلار تېخى ساڭا يار.
    9
    -ئەي بىلىم،نىگارىم ماڭا باق –دېسەم،
    باغاشلا،جىسمىڭنى ماڭا ياق-دېسەم.
    ئۇ شۇئان:- مەنزىلگە يېتىمەن دېسەڭ،
    مەن ئۈچۈن ئوتقا كىر ،سۇدا ئاق-دېدى.
    10
    تەر تۆكۈپ ئەل ئۈچۈن ئىشلەيمەن دائىم،
    گەپ-سۆزۈم، ھەرىكەتتە بولۇپ مولايىم.
    ئەل ئۈچۈن ئىشلەشنىڭ چاقتىم قەنتىنى ،
    تەر بىلەن   گۈللىگەچ ئارزۇ-مۇرادىم.
    11
    ئەل ئۈچۈن تۆكتۈم تەر،بېھساب ھالال،
    پەش قىلىپ  ئورنۇمنى يېمىدىم ھارام.
    شۇ ئاۋام بېشىدا كۆتۈردى مېنى،
    ياشىنىپ  كەمىنە  ئالغاندا ئارام.
    12
    چېھرىڭنى ئىگىلىسە ساختا كۈلكىلەر،
    قەلبىڭنى قاماللار قۇزغۇن- تۈلكىلەر.
    ھەرىكىتىڭ  ئوخشىماي ئادىمىيلىككە ،
    يارامسىز  بىر تەنسەن ،يارا يەلكىلەر.
     
      بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن:
    تۇردى ئىسرائىل
                
    2012.6.10
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پارچىلار