مىنىڭ قۇياشىم

يوللىغۇچى : minawar1 يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-28 17:10:13

مېنىڭ قۇياشىم ماڭاتونۇش شۇ سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى، مەن ئۆز ئورنۇمدا سېنىڭ غۇۋالىشىۋاتقان لېكىن مەن غۇۋالىشىشىنى خالىمايدىغان شۇ گەۋدەڭگە ئۈنسىز قاراپلا قالدىم .ئۇنى تۇ...

    مېنىڭ قۇياشىم


              ماڭا تونۇش شۇ سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى، مەن ئۆز ئورنۇمدا سېنىڭ غۇۋالىشىۋاتقان لېكىن مەن غۇۋالىشىشىنى خالىمايدىغان شۇ گەۋدەڭگە ئۈنسىز قاراپلا قالدىم .”ئۇنى تۇتۇپ قېلىشىم كىرەك! “ كەينىڭدىن يۈگۈرمەكچى بولدۇم ،لېكىن پۇتلىرىم ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى، ئىغىرلاشقان پۇتلىرىمنى يۆتكىيەلمىدىم ،خۇددى يەرگە يىلتىز تارتىپ قالغاندەكلا ئىدى. شۇ تاپتا يۈرىكىم بىر خىل ئەنسىزلىك بىلەن سوقماقتا.<ئۇنى تۇتۇپ قال!> يۈرىكىم شىۋىرلىدى.

                 _ئۆتۈنەي، قايتىپ كەلگىن،مەن ساڭا مۇھتاج.

              سېنى چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، سېنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭغا ئىشىنەتتىم، بىراق سەن پەرۋامۇ قىلماستىن ئۈزلۈكسىز ئالدىڭغا مېڭىۋەردىڭ.شېخىدىن مەزگىلسىز ئايرىلغان يوپۇرماقلار مەغرۇر قەدەملىرىڭ ئاستىدا ئېزىلمەكتە.سوغۇق شامال دەرەخلەرنى لىڭشىتىپ يەنە نۇرغۇن يوپۇرماقنى چۈشۈرىۋەتتى،يوپۇرماقلار نالىلىك پىرقىرىغىنىچە يەرگە چۈشتى. يوپۇرماق دەرەخكە تارتىشىۋاتىدۇ، دەرەختىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. ئەمما سېنىڭ شۇ مەغرۇر قەدەملىرىڭ تېخىچە داۋاملاشماقتا ……

               بەدىنىم مۇزلاشقا باشلىدى،مەن ئىللىقلىققا مۇھتاج ئىدىم،رەھىمسىز سوغ شامال بەدىنىمدىكى ئاشۇ ئازغىنە ئىللىقلىقنىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندەك تىخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى،ئەجەبا سېنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرىڭنىڭ ئۆزىلا يەتمەسمىدى؟

              سېنىڭ سىمايىڭ ئاخىرىدا بىر قارا چىكىتكە ئايلاندى. يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى،كۆز ئالدىم تۇيۇقسىز غۇۋالاشتى، كىرپىكلىرىمنى ئىغىر بىر نەرسە تۆۋەنگە باستى، ئارقىدىنلا ئىسسىق بىر سۇيۇقلۇق مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى.مەن جانسىز قوللىرىم بىلەن كۆزلىرىمنى سۈرتتىم،سېنىڭ قارا چىكىتكە ئايلانغان سىمايىڭنى يەنە بىر رەت كۆرۈۋالماقچى بولدۇم،لېكىن كۆزلىرىمنى ھەر قانچە چوڭ ئاچقان بولساممۇ ھىچنىمىنى كۆرەلمىدىم.بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم ”ياق!“ ئاۋازىمنى پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىيالىدىم ، ھەسرىتىمگە جۆر بولغاندەك يەنە شۇ ئاجىز يوپۇرماقلار ئازاپلىق شىۋىرلىغىنىچە يەرگە چۈشتى. دەرمانسىز پۇتلىرىم دەرت-ئەلەم باسقان بەدىنىمنى كۆتۈرەلمەي تىترەشكە ،بېشىم قېيىشقا باشلىدى،يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئولتۇرىۋالدىم. سەن مېنى بىر قىتىم يىقىتتىڭ ،ئەمدى ئۆزۈمنى ئۆزۈم يىقىتسام بولمايتتى.كۆز ياشلىرىم توختىماي ئاقماقتا،كۆزۈمنى ئاستا يۇمۇۋالدىم.

              قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، قۇلىقىم تۈۋىدە تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

              -ئورنۇڭدىن تۇر ،ئايغىلا قارىماي قۇياشقىمۇ قارا!

              ئۇ قايتىپ كەپتۇدەـ مەن ئەتراپىمغا قارىدىم،بىراق ھىچكىم يوق.

              -بولدى ئىزدىمە،ئۇ كەتتى،ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ.

              بىلدىمكى يۈرىكىم ماڭا سۆزلەۋاتاتتى.

              -ئايغىلا قارىماي قۇياشقىمۇ قارا؟

              -شۇنداق.سېنىڭ نەزىرىڭدە ئۇ سېنىڭ قاراڭغۇ تۈنلىرىڭنى يورۇتقان ،ساڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلغان ئاي،بىراق ئىسىڭدە بولسۇنكى قۇياشنىڭ نۇرى بولمايدىكەن سېنىڭ ئاينىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرەلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس.بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قۇياشقا باققىن.

              بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ قۇياشقا قارىدىم،كۆزلىرىم قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭلىك نۇر تالالىرى بىلەن ئۇچراشتى. توغرا ئايغىلا قارىماي قۇياشقىمۇ قارىشىم كىرەك.

              پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ كەتكەنىدى،پۇتلىرىمنى ئۇۋۇلاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم، قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئارقامغا ئۆرۈلدىم. ناھايىتى تونۇش،دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمدىن بىرى ماڭا ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كىلىۋاتقان بىر سىما ماڭا قاراپ تۇراتتى.

              _بارغىن، ئۇ دەل سېنىڭ قۇياشىڭ!_ يۈرىكىم يەنە پىچىرلاۋاتاتتى.

              _ئانا!

              غۇلاچلىرىمنى كەڭ ئېچىپ ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردۈم،ئۇ ئىللىق قۇچىقى بىلەن مېنى قارشى ئالدى.

              ئاھ ، مېنىڭ قۇياشىم!

       2013-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى

       
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىنىڭ قۇياشىم سۈبھى