دىلبىرىم،ئاھۇ كۆزۈم

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 13:04:10

دىلبىرىم،ئاھۇ كۆزۈمتۇرسۇن مەخمۇت مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا،سەن كۆيۈپ چىدالدامسەن.بۇنىڭدىن ئون بەش يىل بۇرۇنقى چاغلىرىمدا سېنىڭ مۇشۇ ناخشاڭنى ئاڭلىغانىدىم، زوقلىنىپ ئەمەس، ئىزدەپ ئەمەس، تەشنا ...



      

    دىلبىرىم،ئاھۇ كۆزۈم

    تۇرسۇن مەخمۇت

      مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا،

     سەن كۆيۈپ چىدالدامسەن.

     بۇنىڭدىن ئون بەش يىل بۇرۇنقى چاغلىرىمدا سېنىڭ مۇشۇ ناخشاڭنى ئاڭلىغانىدىم، زوقلىنىپ ئەمەس، ئىزدەپ ئەمەس، تەشنا بولۇپ ئەمەس، پەقەت مېنىڭ بېغىمغا تۇتاش بېغىڭدا تۇرۇپ ئېيتقان ناخشاڭنى شۇنداقلا ئاڭلاپ قالغانىدىم. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ ناخشىنى نېمە ئۈچۈن، قانداق بىر تۇيغۇنىڭ كۈچى بىلەن ئېيتىدىغانلىقىڭنى، كىم ئۈچۈن، كى،لەر ئۈچۈن ئۇھ تارتىپ، يۈرىكىڭدىكى سېغىنىشلارنى بېسىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۇنۇتقان ھالدا ئېيتىپ كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىم. ھاياتنىڭ دەملىرى ئۇزۇن، ئۇ نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ چېكى يوق غەم – قايغۇلىرىنىڭ قايسى كۈنى قايسى بۇلۇڭدىن ئۆمىلەپ چىقىپ كىشىگە رودۇپايدەك چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. سېنىڭ ناخشاڭنى شۇ چاغلاردا كىملەرنى سېغىنىپ، كىملەرنى ياد ئېيتقانلىقىڭنى ياكى مۇنداقلا ئېيتقۇڭ كېلىپ ئېيتقانلىقىڭنى راستلا بىلمەيتتىم. تولۇنئاي بۇلۇتلار ئارىسىغا گاھ مۆكۈپ، گاھ يۈز كۆرسىتىپ تۇرغان، ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان لاي سۇ ئۆستەڭنىڭ چىملىق قىرغاقلىرىنى يالاپ شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بىر چىرايلىق ئاخشامدا ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمدا ئۇ سەن توغرۇلۇق سوراپ قالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سېنىڭدەك پاكىز ھەم چىرايلىق قىزلار بۇ ئوتتۇرادا ئاز ئۇچرايدىكەن. ئاغىنەم ماڭا ئوبدان چوڭ بولغان ،چىرايلىق چوڭ بولغان، ئوڭلۇق چوڭ بولغان قىزلارنىڭ بەختىنى تاپالمايدىغانلىقىنى نۇرغۇن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى. بىراق راستىنى دېسەم، مېنىڭ يۇمران قەلبىمدە ئۇ چاغلاردا تېخى سېنىڭدەك قىزلارغا پەقەت قىزىقىش ئويغىيالمىغانىدى. شۇڭا سېنىڭ قانداق چوڭ بولۇشۇڭ ۋە كېيىنكى ئىشلىرىڭغا نىسبەتەن مەندە ھېچقانداق قىزىقىش يوق ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاغىنەمگە مەقسەتسىزلا سېنىڭ تولا ناخشا ئېتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىڭنى دەپ بەردىم. ئۇ:

    -قىز بالىنىڭ خىيالىغا شامال تەگسە ناخشا ئېيتقاق، كۈلگەك، يەنە تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ،- دېگەنىدى. مەن ئۇنىڭ گېپىگە تازا ئېرەن قىلمىغانىكەنمەن. راستىنى دېسەم، ئاشۇ كۈنلەردە مەن قىز بالا دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىڭنى تازا بىلىپ كەتمەيتتىم. ئېڭىمدا قىز بالا دېگەن سىرلىق بىر ھالدا نامايان بولاتتى. ئەمما قىز بالا دېگەننىڭ بىر كۈنلەر كەلگەندە، ئوغۇل بالىنى قىز بالىدىنمۇ بەكرەك ناخشا ئېيتىدىغان، ئەستە غۇۋا ساقلىنىپ قالغان ناخشىلارنى تولا ئەسلەيدىغان، ئايدىڭ ئاخشامدا كۆككە قاراپ ھەسرەت بىلەن ئۇھ تارتىدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم.

    گۈلئايشەم دېگەن ناخشىنى تولا ئېيتاتتىم، سېنىڭ ئىسمىڭ گۈلئايشەم بولمىسىمۇ، بىراق نېمىشقىدۇر مۇشۇ ناخشا سېنى يادىمغا سالاتتى. بۇ ناخشىنىڭ چىرايلىق ئاھاڭلىرى يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىك كۈيلەرگە قوشۇلۇپ ياڭرايتتى. بۇ ناخشىنى مەن ئەمەس، يۈرىكىمدىكى ساڭا تەئەللۇق سېغىنىشلىرىم ئۈنسىز ئېيتىپ مېنى مەستۇمۇستەغرەق قىلاتتى.

    -ئەر كىشى دېگەننىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئىنسابسىز، ئېرشىۋېلىپلا ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپى – بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ.

    ئاياللارغا ئەرزىيدىغان ئەر بولماق تەس.

    مەن ئۇنىڭغا شۇ چاغدا «سەن نەلەردە يۈرۈپ ئەر كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ رەزىللىكىنى بىلىپ بولغانىدىڭ» دېەن سوئالنى قويمىدىم. ئەگەر مۇشۇنداق زىغىرلاپ كېتىدىغان بولسا، بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ بىر يولدا ماڭالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تالاي ئاچچىقلارنى قۇمغا سۇ سىڭدۈرۈۋېتەلەيدىغان يۈرەككە ئىگە بولمىغان ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى ئەسلىمۇ قىسقا، ئۇ يەنىمۇ قىسقىراپ كەتسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.

    دادام رەھىمىتى مەن تۇغۇلغاندا ئوغۇل ئىكەنلىكمنى ئۇقۇپ خۇشاللىقتىن يىغلاپ كەتكەنىكەن. زادى قانداق بىر سەۋەبتىن بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتى ئوغۇل تۇغۇلسا خۇشلۇقتىن قىن- قىنىغا پاتماي قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئاندىن چۈشەندىم. باللىق ۋاقتىمدا دادام مەندىن « خوتۇن ئالامسەن» دەپ سورىغاندا، مەن يىغلىغانىكەنمەن. بۇنى كېيىنكى كۈنلەردە  ماڭا چوڭلار سۆزلەپ بەرگەنىدى. چوڭمۇ بودۇم، توي قىلىپ خوتۇنلۇقمۇ بولدۇم. ئەمما توي قىلىشتىن ئىلگىرى « سەن بولمىساڭ ئۆمۈر بويى توي قىلماي تەنھا ئۆتۈپ كېتىمەن » دەپ قەسەم ئىچىپ مېنىڭ بىچارە يۈرىكىمنى شامدەك ئېزىۋەتكەن ئاشۇ قىز، بۈگۈنكى خوتۇنۇم ماڭا: «ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسابسىز، ئېرىشىۋېلىپلا ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ» دېگەندە، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدىم. ئارقىدىن ئاچچىق بىلەن: «كىم كىمگە ئېرىشىۋالدى، چاغلاپ گەپ قىل» دېمەكچى بولدۇم، ئەمما يەنە دېيەلمىدىم، بۇنداق دېسەم خۇددى ئۇنى ھاقارەتلىگەندەك بولاتتى.

    ئۇ بۇرۇنقى چاغلاردا ماڭا تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان چىرايلىق يوغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:

    -سەم مېنى نابۇت قىلدىڭ،- دېگەندە، مەن بىرنى دەپ، ئۇ بىرنى دەپ ئاخىر ئۇ مېنىڭ ياقامغا ئېسىلىپ مېنى رەسۋايىئەزەم قىلغانلىقىنى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن تامامەن ئۇنتۇپ كەتتىم. ئۇنتۇپ كەتمەيمۇ بولمايتتى. مەن جاھاندا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوغلۇمنىڭ ئانىسى بولغان بۇ ئايال ھەر كۈنىنى ئۆزىنىڭ شور پېشانىلىكى، تەلەيسىزلىكى، ئۆزىنىڭ تارتقۇلىقى بارلىقى، يەنە ئەينى چاغدا كۆزىنىڭ كور بولۇپ قالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ماڭا يولۇقۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ھەسرەت چېكىپ ئۆتكۈزۈپ ۋاقىتسىز قېرىپ كەتتى. ئۇنىڭچە، ئۇنىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىكى، چېچىنىڭ ئاقىرىغقا باشلىغانلىقى، پېشانىسىگە، كۆزىنىڭ چۆرىسىگە، قۇلقىنىڭ كەينى تەرىپىگە قورۇق چۈشكەنلىكى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولغانىدى.

    سېنىڭ تولا ناخشا ئېيتىدىغانلىقڭنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بولالماي ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. بەلكىم، ئۈچ يىل ئۆتكەندۇ، مەن ئىككى ياكى ئۈچ يىنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىم. كىچچىكىنە تۈڭلۈكتىن چاراقلاپ تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا قاراپ تاتلىق خىياللارغا چۆمۈپ كېتىدىغان، كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن گۈللەرنى ساڭا ئوخشىتىدىغان، بىرەرسىنىڭ يېقىملىق كۈلكىسىنى، ناخشىسىنى ئاڭلاپ قالغاندا، ئۇنىڭ سېنىڭ كۈلكەڭ، سېنىڭ ناخشاڭ بىلەن سېلىشتۇرىدىغان، ھېچكىمنىڭ كۈلكىسىنى، ھېچكىمنىڭ چىرايىنى سېنىڭكىدەك جانغا راھەت بېرەلمەيدۇ، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ ئاھۇنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرىڭگە قاراشقا خۇمار ئىدىم. مېھىر ھەم مۇلايىملىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ كۆزلەر ھازىرمۇ خىيالىمدىن كەتمەيدۇ. مەن سېنىڭ ناخشاڭغا، باھار شامىلىدەك يەڭگىل، يېقىملىق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشىڭغا، جانغا ئاپتاپتەك يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدىغان كۈلكەڭگە خۇمار بولۇپ قالغان كۈنلەردە، ئىككىمىزنىڭ بېغىنىڭ پاسىلىدا باراقسانلاپئۆسكەن يوغان قاغا جىەدىسىنىڭ تۈۋىدە ئۈ – تىنسىز نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. سېنىو قويلىرىڭنى ھەيدەپ مەھەللىمىزدىكى جاڭگالغا ماڭغانلىقىڭنى كۆرگەن چاغلىرىمدا ئىچ – ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ، مەنمۇ قويلىرىمنى ھەيدەپ شۇ تەرەپكە يۈگۈرەيتتىم. ھالىمدىن كەتكۈچە يۈگۈرەيتتىم. شورلۇق داڭگاللار بىلەن قاپلانغان جاڭگالدا يەنە سېنىڭ ناخشاڭ ياڭرايتتى:

    مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا،

    سەن كۆيۈپ چىدالامسەن.

    سەن نېمىشقىدۇر مۇشۇ ناخشىنى تولا ئېيتاتتىڭ. دائىملا شۇنداق: ئەمما مەن ھەر قېتىم ئاڭلىسام تۇنجى ئاڭلىغاندەك ۋۇجۇدۇم ئاجايىپ بىر سېزىمدىن يايراپ كېتەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ناخشا دېگەننىڭ بىكاردىن –بىكار ئېيتىلمايدىغانلىقىنى ، يۈرەكلەردە تۈتەپ تۇرغان ئەلەم ۋە يېلىنجاپ تۇرغان ئارمانلار كىشىنىڭ تارچۇققا قىسىلىپ تۇرىدىغان يۈرىكىڭگە پاتمىغان چاغلاردا ئاندىن ئۇنىڭ چىرايلىق ناخشا بولۇپ بۇژغۇنلاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر كېيىنكى ئۇزاق كۈنلەردە، مەنمۇ چوڭ ئادەملەر قاتارىغا قېتىلىپ كەتكەن كۈنلەردىمۇ، سېنىڭ ناخشاڭدەك ئۇنداق يېقىملىق ناخشىلارنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىدىم، ھەر قانچە كۈچەپمۇ سەن ئېيتقان ناخشىلارغا ئوخشىتالماي كۈنلىرىم غەشلىك بىلەن ئۆتتى. باشقا نەرسىگە ئەمەس، سېنىڭ ناخشاڭنى ئاڭلىيامىساممۇ سەندەك ناخشا ئېيتىدىغان، ھېچبولمىسا سېنىڭ ناخشاڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىرەر – يېرىم ناخشىنى ئاڭلاپ قالارمەنمىكىن، دېگەن تەمە بىلەن تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم.

    -مەن مۇشۇنداق قىزمىدىم؟

    ئايالىمنىڭ چوڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەتنىڭ، يەنە غەزەپنىڭ كۈلرەڭ شولىسى چىمىرلايتتى.

    ئۇ ئۇنداق قىز ئەمەس ئىدى.

    ئۇ ئىلگىرى زىلۋا بىر قىز ئىدى. مەن بىلەن توي قىلىپ تۆت، بەش يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەسلىيىدىكى كىيىملىرى دەل كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ سەمىرىپ كەتتى. نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش ئۇمۇ قېرىدى، چىرايى بۇرۇنقىدەك جىلۋىدار بولماي قالدى. ئۇ ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزلىرى پەخرلىنىدىغان، بۇ دۇنيادا ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدىغان، ئۆزىنى بەزلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان بىردىنبىر دەسمايىسى بولغان چىرايىنىڭ بارغانسىرى سولىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي مەندىن كۆردى. مەن ناھايىتى زور چىدام بىلەن بۇنداق ناھەق ھەم تايىنى يوق غەشلىكلەرگە چىدىدىم، قەرەلسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان تاپا- تەنىلەرنىڭ زەھىرى جېنىمغا يىڭنىدەك سانجىلىپ تۇرسىمۇ بەرداشلىق بەردىم، مەن مۇشۇنداق ئەھۋللار تولا يۈز بېرىپ تۇرىۋەرسە بەزىدە ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلاتتىم. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق كۈنلەرگە سۈكۈت قىلىۋېرىدىغان لامزەللىلكىمنى مەسخىرە قىلاتتىم. بىراق ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايتتى. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم. ئەركەك بولۇپ يارىلىشىنىڭ ئۆزى بىرخىل شەرەپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ شەرەپنىڭ ئۆزى دەل ئەرلەرنىڭ كۆتۈرۈشلۈك، ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سۇباتىدا كۆرۈلسە كېرەك.

    بۇ مېنىڭ ببىر سورۇندىن يېنىپ، غەرەز ئاڭقىرىدۇ دەپ قارىغان بىرسىگە تۆكۈپ بەرگەن دەردىم. مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرگىنىمدىن ئەتىسى پۇشايمانمۇ قىلىپ قالغانىدىم.

    خوتۇنۇم توغرىسىدا، ئۇنىڭ دەردىسەرلىرى توغرىسىدا جىق ئويلايتتىم. .ۇنىڭ نادامەتلىرىنىڭ سەۋەبكارى خۇددى مەندەك، مەن باھار ھۆسنىدەك بىر باغنى نابۇت قىلغاندەك ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم.

    بىر ئەرنىڭ ئۆمرى ئايال كىشىنىڭ قاپقىغا قاراپ ئۆتۈپ كەتسە بۇ دۇنيادىكى جىمى ئىسراپچىقمۇ بۇنىڭغا يەتمەس، دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم.

    -سىز بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنى يامغۇر ياغقان،- دېدى ئۇ ئۇھ تارتىپئ

    مەن شۇ چاغدا سافادا يېتىپ سېنىڭ ناخشاڭنى ئەسلەۋاتاتتىم. ئادەم دېگەن بەزى نەرسىلەرنى بىرلا يوقىتىپ قويسا قايتۇرۋالماق تەكەن. مەن شۇنچە كۈچەپمۇ سېنىڭ ئاشۇ ناخشا ئېيتىدىغان چاغلىرىڭدىكى يالقۇنلۇق چىرايىڭنى ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. ھەر خىل چىرايلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقاتتىم. بىراق ھېچقايسىسىنى ساڭا ئوخشىتالمايتتىم.

    -ياق، قار ياغقان،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ئۇنىڭ بىلەن بىرىنجى قېتىم كۆرۈشكەندە يامغۇر ئەمەس،قار ياغقانىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا ماڭا دەپ بېرىشچە، ئۇ قارنى ياخشى كۆرىدىكەن، يامغۇرغا ئۆچ ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى تولا ئويلاۋېرىپ، بىز تۇنجى ئۇچراشقان كۈندىكى قاردىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى يامغۇر دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.

    -ياق، چوقۇم يامغۇر ياغقان، بولمىسا ئىشلار بۇنداق بولمايتتى.

    -ئىشلار زادى قانداق بولۇپ قالدى، قانداق بولسا بولاتتى؟

    -قاراپ بېقىۇا، مەن ئىلگىرى قانداق ئىدىم، ھازىر قانداق بولۇپ قالدىم؟

    دەرىخا، ئۇنىڭ بۇ ھەسىرىتىگە قانداق تەسەللى بەرگۈلۈك، بۇنداق دەردنى كىمگە ئېيتقۇلۇق. مەن ئۇنىڭ قارا مەخمەل ئۈستىگە ئاق يىپ چۈشۈپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان ئانچە-مۇنچە ئاق ئارىلىغان چاچلىرىغا قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم. ياشلىقنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان خىيالچان كېچىلەردە مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر ئىشلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشۇمدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى زىنھار ئويلاپ باقمىغانىدىم. يۈرەكتە ئوت ئاتاش كۆيۈۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە نېمىلەرنى خىيال قىلغان بولغىيدىم. كۆڭۈلدە ئوچۇق كۈندىكى كەچكى شەپەقتەك جەزبىدار، روھ ھەم ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان قىزىق ئوتلار بولمىسىمۇ، ئادەمنىڭ كۈنلىرى بەكلا تەمسىز بولىدىكەن. ئەمما ئۇنداق ئوتلار كۆيۈپ ئاستا- ئاستا ئۆچۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قايتا يېنىشى مۇمكىن بولمىسا كېرەك. مانا شۇ ئوتلار پەسكويغا چۈشۈپ قالغان كۈندىن بۇيان باشلاپ ئادەمنى غېرىبلىق ۋە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان كۈندىن باشلاپ ئادەمنى غېرىبلىق ۋە يالغۇزلۇقنىڭ دەردىسەرلىرى .ۇلاقتۇرۇپ تاشلايدۇ. يۈرەكتىكى ئوي، ھەۋەس دېگەنمۇ ياراتقۇچى ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ كاتتىسى ئىكەن.

    مەن كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن – ئۇزاق قاراپ كەتتىم. قارىغانسىرى ئۇ ماڭا شۇنچە ناتونۇش، شۇچە مېھرىسىز كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن مۇشۇنداق بىر تۇيغۇنىڭ ئۆزىدېگەن يۈرەكنىڭ ناھايىتى ئاسانلا زېدە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەرلەرنىڭ دۆتلۈكى شۇ يەردىكى، ئۇ بىرسىگە باغلىنىپ قالغان كۈندىن باشلاپ كۆزلىرى ئەما بولۇپ قالىدۇ، دۇنيانىڭ كەڭلىكىنى، گۈللەرنىڭ بەك كۆپلۈكىنى، بىر –بىرى بىلەن چىرايلىق ھەم ئۇز ئىكەنلىكىنى، چىرايلىق سايرايدىغاننىڭ پەقەت تۇمۇچۇقلا ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. كۆزلىرى خىرەلىشىپ، تۇيغۇلىرى ئۇيۇپ كېتىدۇ. مەن چالا مەستلىكتە بىر ئاغىنەمگە شۇنداق دېگەن: بىز نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلمىز، بىرسىگە ئاشىق بولغان كۈندىن باشلاپ ببىز ئۈچۈن جىمى جاھاننىڭ ھەممىسى شۇ بىرلا ئادەم بولۇپ قالدىۇ. بۇ جاھاندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرسىنىڭ بارلىقىنى، تۇنانلىق تۈندىكى يۇلتۇزدەك يانغان ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى تىكىپ سەندىن بەخت تەمە قىلۋاتقانلىقىنى، ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ، سېنىڭ ئۆمۈر يولۇڭدا يولۇققان نۇرغۇن كاتاڭلارنى بىلىندۈرمەي ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىڭنى  پەقەت خىيال قىلالمايسەن.

    ئاغىنەم ماڭا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: 

    • نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەلمىدىم،- دېگەنىدى. كىمنىڭ دەردىنى كىم چۈشىنىدۇ، ھەممىلا ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر دۇنيا.

    مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا،

    سەن كۆيۈپ چىدالدمسەن.

    مەن شۇ چاغدا شۇ ناخشىنى ئەسلىدىم، قانداق بولدى، بۇ بىر غەلىتە تۇيغۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇ ناخشا قۇلاق تۈۋىمدىلا، يېقىنلا بىر يەردىن ئاڭلىنىۋاتاتتى.، ھەتتا ناخشا ئېيتقان ئادەمنىڭ تىنىقلىرىمۇ قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇنىڭ يەڭگىل، سالقىن تىنىقلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلدى. ئەركەك يۈرىكىگە ئورنىشىۋالغان دەرد – ھەسرەتلەردىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ ناخشىنى ئۇ كىم ئۈچۈن ئېتقان بولغىيدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ قان بىلەن بۇلغانغان ئاپپاق رەختكە .ورىلىپ كېلىنگەندە، مەن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدىغان ئاشۇ ھەسرەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى پەقەت ئويلىمىغانىدىم.

    •     يامغۇر ياغقان شۇ كۈنى كېچىدە مەن بىزنىڭ ھويلىدىكى گۈللۈككە ئوت كېتىپ چۈش كۆرگەنىدىم.

    ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى. ئۇنىڭ شۇ  چاغلاردا زادى قانداق بىر چۈشنى كۆرگەن – كۆرمىگەنلىكىگە ھازىر بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئادەم دېگەن بۇ دۇنياغا پەقەت قانائەت ھاسىل قىلمىسا، ھېچنىمىدىن رازى بولمسا، ھەممىلا نەرسە ئۆزىگە قارشى قويۇلغاندەك ھېس قىلسا، بۇمۇ دۇنيادىكى يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق ئىش بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ بىر قاملاشمىغان چۈشكەن، ھېچبىر مەنىسى يوق.

    -نېمىشقا مەنىسى بولمىغۇدەك، سىز ئۇنى ھېس قىلالمىدىڭىز، گۈللۈككە ئوت كەتكىنى بۇ مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مانا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئالدىن بېشارەت ئىكەن.

    - سېنىڭ ھازىرقى تەقدىرىڭ ھېچقانداق ئەمەس، ۋايساپ نېمە قىلسەن. ئۆزى بەخت ئىچىدە تۇرۇپ شۇنى ھېس قىلالماسىقنىڭ ئۆزى .ەڭ ئېغىر بەختسىزلىك.

    -تپغرا، مەن شۇنداق دۆت، سىز ماڭا ئاتا قىلغان بەختنى مەن زادى ھېس قىلمىدىم، بۇ مېنىڭ كاللامنىڭ يوقلۇقى، ئەقىلسىزلىقىمدىن بولدى، سىز شۇنداق دېمەكچىمۇ؟

    دەردىمگە ئورتاق بولىدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا مەن نېمىشقا ئىشەنمىگۈدەكمەن. مەنمۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۈلكىسىگە كۈلۈپ، يىغىسىغا يىغلاپ ئۆتەلەيمەن. مەن مەن ئۈچۈن ئۇھ تارتىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى، يەنە مېنىڭمۇ يەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ كۈلكە ھەم يىغىسىغا ئورتاق بولالايدىغانلىقىمدىن خۇشال بولسام تامامەن بولىدۇ.

    ئۇ يىراق بىر يەردە ناھايىتى ئېچىنشلىق ئۆلۈپ كەتكەندە، مەن ئۆزۈمدىن قاتتىق نەپرەتلەندىم. مەن بۇ دۇنيادا ئۆزۈم چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئاددىي بىر ئىشنى قىلالمىغانىدىم.خۇددى مەن ئارزۇ قىلغان ئىشلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلۈكىدىن روياپقا چىقىپ، ئارزۇلىرىم قانداقتۇر بىر كىملەر تەرىپىدىن ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك تەمە ھەم كۈتۈش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزگەنىدىم. ئۇنىڭ جەسىتى ئاپپاق رەخىتكە ئورىلىپ مەھەللىگە ئېلىنىپ كەلگەندە، مەن ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بودۇم. گاھىدا بىر قەدەم كېچىكىش، كۈتۈپ تۇرۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان تايىنى يوق ئىشلار ئۆمۈرلۈك ھەسرەت ھەم نادامەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا يېتىپ ئاشىدىكەن.

    ئۇ ئۈششۈك تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى. تەقدىر پېشانىنىڭ زادە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. يامان كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياخشى كۈنلەرمۇ مەڭگۈ داۋام قىلمايدۇ. ئەمما ئۇ مېنىڭ بۇنداق خىياللىرىمغا پەقەت ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆزىنى ئەڭ بەختسىز ھېسابلايدىغان نۇرغۇن بەختسىزلەرنىڭ بىرى. ئۆيگە كىرىۋالغان بىر تال چىۋىنگە كۈچۈڭ يەتمىسە پۈتۈن قورۇنى كۆيدۈرۋېتىشكە بولمايتتى. ئەمما بەزى ئادەملەر ئۆزىنى قوغلاپ چىقىرالمىغان، كۈچى يەتمىگەن چىۋىننىلا كۆرۈشكە كۆنۈكۈپ كەتكەن. بۇ ئۆيدە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىسىنىڭ، ئىللىق تاماق ۋاقتىنىڭ، يەنە توڭۇپ كىرگەندە كىشىگە راھەت بېرىدىغان ئىسسىق مەشنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى، ئاڭقىرغىلى ئۇنىمايدۇ.

    • ئانامدىن ئاڭلىسام مەن تۇغۇلغان كۈنى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن سېغىزخان كېلىپ قونۇپتىكەن.
    • شۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، سېغىزخان دېگەن خالىغان يېرىگە قونىدىغان نەرسە.

    سېغىزخاننىڭ ئاۋازى ماڭا پەقەت ياقمايدۇ. نېمىشقىكىن بەزى ئادەملەر بەزى نەرسىلەرنىڭ ئاۋازىغا ئۆچ بولىدىكەن. بىراق بۇ سېنىڭ ياكى مېنىڭ ئۇ ياكى بۇ نەرسىگە ئۆچ

    ياكى ئامراق بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ رىزىقىنى يەپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق نەپرەتلەنگىنىڭ ياكى قانداق ئامراق بولغانلىقىڭدىن بىخەۋەر ياشاۋېرىدىغان جاھانكەن.

    كىچىكىمدە بىر قوشىنىمىز بولىدىغان بولىدىغان، بۇ كىشى ئېشىكى ھاڭرىسا مېڭىسىگە پالتا بىلەن بىرنى قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. كىشلەر سەۋەبىنى سورىسا ئۇ ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىغا ئەڭ ئۆچ ئىكەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەھەللىدىكى ئېشەكلەر داۋاملىق ھالدا خالىغانچە چاۇراپ يۈرۈۋەرگەنلىكى مەلۇم. كىشىنىڭ ئىرادىسى ھاياتنىڭ ئومۇمىي ھەم تەبىئي قائىدىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلىشى ناتايىن. لېكىن ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئەخنەق قېتىش ئادەملەر خېلى ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. بۇنداق ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك. ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسە. ئۇنىڭ روھىي قۇرۇقدىلىپ كەتسە شۇنچە چۈرۈك، شۇنچە ئەجىز، شۇنچە نازۇك بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئەڭ يامان يېرى بۇ جاھاننىڭ سىزنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىڭىز بىلەن كارى يوق. ئېشەكلەر داۋاملىق ھاڭراۋېرىدۇ، قويلار مەرەۋېرىدۇ، سۇلار شارقىراپ، ناخشىلار ئېيتىلىۋېرىدۇ، سرغىزخانلار ئۆزلىرى خالىغان شاخلارغا قونىۋېرىدۇ.

    سېنىڭ ناخشاڭغا دىققەت قىلمىغان شۇ كۈنلەردە مەن خاتىرجەم ئۇخلايدىغان، كۆڭۈللۈك چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرىۋېرىدىغان بىر بالا ئىدىم. قاچانكى سېنىڭ ناخشاڭنى ئويلايدىغان، قاچانكى سېنىڭ ناخشاڭنى سېغىنىدىغان، ناخشاڭنىلا ئەمەس، سېنىڭ كۈلۈپ تۇرىدىغان ئاھۇنىڭكىدەك قارا كۆزلىرىڭنى، يەنە مېھرلىك كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئوماق، قارا قۇمچاق چىرايىڭنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالغاندىن بېرى مەن بارلىق خاتىرجەملىكىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئايرىلىپ قالغان نەرسىلەر بەك كۆپ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن كىمگە دادلاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ:

    -ئەمدى ئادەم بولغىلى قوپۇپسەن،- دېدى.

    شۇ بىر دەۋردە تاتلىق ئارمانلارغا كۆمۈلۈپ تەستە تاڭ ئاتقۇزىدىغان مىڭلىغان يىگىرمە ياشلىق يىگىتلەرنىڭ بىرى بولغان مەن تاماكا چەكتىم، ئاندىن ھاراق ئىچتىم، ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم ھاراق ئىچەتتى، تاماكا چېكەتتى. ئۇ قىزلار توغرىسىدا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى دەپ بېرەتتى. ئۇمۇ ياش ۋاقتىدا خۇددى مەندەك تەس ھەم ئازابلىق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىكەن. ئۇنى ئارامىدا قويمىغان قىز ھازىر مۇشۇ مەھەللىدە باركەن، ھازىر ئۈچ بالىغا ئانا بوپتۇ. ئاغىنەم ئۇنىڭ گېپىنى قىلغاندا كۆزلىرىدە نەمخۇش يالقۇن ئۇچقۇنداپ كېتەتتى. ئاندىن پىيالىگە لىققىدە قۇيۇلغان ھاراقنى گۇپپىدە ئىچىۋېتىپ، نەقشسىز، كونا دۇتارنى قولىغا ئېلىپ، جاھاننى ئۇنتۇغان ھالدا چېلىپ كېتەتتى. مەن شۇ ھالدا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس – خيالىنى ئۆزى ماڭا دەپ بېرىدىغان ئاشۇ چىرايلىق قىزنىڭ ئىگىلەپ كەتكەنلىكىنى، يەنە ئۇنىڭ ئۆزى دەپ بېرىدىغان ئوماق قىز بىلەن مەڭگۈ كەلمەسكە كەتكەن ئاشۇ چاغلاردا قانداق چىرايلىق، كۆڭۈللۈك دەملەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مەجنۇنتالدەك نازۇك قىزنىڭ گۈللەر كەشتىلەنگەن تاماكا خالتىسى، قولياغلىقلارنى، يەنە شۇ خىلدىكى كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ئاغىنەمگە تارتىنىپ سوۋغا قىلىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بەزىدە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالاتتىم. ئادەمنىڭ قىسقا ئۆمرى قانمىغان ئارمانلارنىڭ ھەسىرىتى بىلەن بۇلغىنىپ ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ. مەن بۇ مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيتتىم، بىراق ئۇ ئاشۇ خوتۇننىڭ زادى كىملىكىنى ماڭا پەقەت دەپ بەرگىلى ئۇنمىدى. مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەمنىڭ كىمگە ئاشىق بولغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرەج تارتتىم، ئەمما بىلمىدىم، ئۇ ماڭا دەپ بەرگەندەك ئۈچ بالىسى بار خوتۇنلار ئىچىدە بويلىرى زىلۋا، قوشۇما قاش، لەۋلىرى قىزىل لەيلىدەك جۇلالىنىپ، ئىككى ئۆرۈم چېچى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان بىرەرسى ماڭا پەقەت ئۇچىرىمىدى.

    كېيىنكى قېتىم ئىككىمىز ھاراق ئىچىشىۋېتىپ بۇنى ئۇنىڭدىن سورىغىنىمدا ئۇ كۈلۈپ كەتتى:

    -كىچىك بالىدە سەن، ئۇ ھازىر قېرى خوتۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. ئەگر مەن شۇ چاغلاردا قايىتالىغان بولسام قالتىس ئىشلارنى قىلاتتىم. جان كەتسىمۇ مەقسىتىمگە يېتەتتىم.بىرسىگە كۆيسەڭ شۇنى ئال، بولمىسا سېنى پۇشايمان يەپ تۈگىتىدۇ.

    جان كەتسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان قورقۇمسىزلىقنى خۇدا ماڭا بەرمەپتىكەن. يەنە دېسەم، مەن سېنىڭ ناخشاڭغا خۇمار بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە مېنىڭ كۆڭلۈمنى مايىل قىلغىنى پەقەت سېنىڭ ناخشاڭلا ئەمەسلىكىنى ھازىر كىمگە دەپ بېرەلەيمەن. بۇنى ئاڭلىغۇدەك ھېچكىم يوق،. ھازىر بۇنى بىر كىمگە دەپ بەرسەممۇ كۈلكىگە قېلىشىم مۇمكىن. كىملەرگە كۆڭۈل بېرىشنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىختىيارىدا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئىش يۈزىدە بۇنى چۈشىنەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز...

    مېنىڭ سەۋەبىمدىن قېرىپ كەتكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىغان، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ھەم مېنى پەقەت كەچۈرەلمەيدىغان ئايالىم كۆزلىرىمگە مىختەك قادىلىپ خىرقىرىدى:

    -مېنىڭچە بولسا مۇشۇ مىنۇتتىلا ئاخىرلاشسىكەن.

    -ما،گەپنى،مەندىن تويدىڭىزمۇ نېمە، ئۇنداق بولسا يول بولسۇن، قولىڭىزدىن كەلسە بېرىپلا كۆڭلىڭىزدىكى ئايالدىن بىرەرنى تېپىۋېلىپ بەختىڭىزنى تېپىۋېلىڭ.

    كۆڭۈلدىكى ئايالنى تېپىش ئۇنداق ئاسان بولىدىغان بولسا مەن ھازىر بۇ يەردە ئولتۇرۇپ نېمە قىلىمەن. كۆڭۈلدىكى ئايال... قۇلقىمغا يەنە شۇ ناخشا ئاڭلانغاندەك بولدى. مەن ئاڭلاپ قانمايدىغان، قانالمىغان ئۇ ناخشا ئەمدە بۇ جاھاننىڭ ھېچ يېرىدىن تېپىلمايدۇ.

    ئۇنىڭ قاراقچىغا قارىغاندەك نەزەرى جدۇنۇمنى ئۆرلىتىۋەتتى.

    -مېنىڭ بەختىم ئاياللارغىلا باغلىق ئەمەس.

    -ئەمسى نېمىگە باغلىق؟

    - بۇ جاھاندا بىر ئەرنىڭ قىلدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، ئەر بولغان كىشى ئەتىدىن –كەچكىچە ئايالىنىڭ پېشىدە سۆرۈلۈپ يۈرسە بولمايدۇ.

    ئايالىمنىڭ بىر بەچچە تال ئاق چاچلىرى كۆزگە تاشلىناتتى. مېنىڭ رەھىمسىزلىكىم، كۆيۈمسىزلىكىم، يەنە  نۇرغۇن ئەسكىلىكلىرىم ئۇنىڭ بىر نەچچە تال چېچىنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭ ئون سەككىز ياشلىق ھالىتىنىڭ خوراپ تۈگىشىگە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىم سەۋەب بولغانىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇ ياخشىراق بىرەرسى بىلەن ياشاپ قالغان بولسا ئەسلى ھالىتىچە تۇرۇپ قالاركەنتۇق. قىزىل رەڭلىك ھەسرەتلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى يىرىك تىللىرى بىبلەن يالماپ يەپ كېتىۋاتاتتى. ئەر بولغان مېنىڭ شۇ ھالدا ئۇنى بۇنداق بوغۇنچىلىقلاردىن قۇتقۇزىۋېلىشقا قۇربىم يېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇ جاھاندا بىر ئادەم ئازابلانسا كۆپىنچە ھاللاردا ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇ ئۆزى بىر ئاماللارنى قىلىپ كەڭ ئاڭقان بولىدۇ.

    بەختنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تولا ئويلايدىغان ئادەملەر مۇشۇ ھەقتە زادى قانداق بىر ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى بىلەلمىدىم،ئۇلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ. ئادەمنىڭ قانائەتسىزلىكى، زىيادە تەلەپچانلىقى بەلكىم قولىدىكى بەختنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن. تولا ئويلاپ بالدۇر قېرىپ كەتكەن ئەقىلدارلار بىزگە بەخت ئېرىشىشتىلا ئەمەس، مۇھىمى ئاتا قىلىشتا دېيىشىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىرسىگە ئاتا قىلىشتىن مەجسىتى بەلكىم شۇ ئارقىلىق كۆڭۈل خاتىرجەملىكى تېپىش، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش بولۇشى مۇمكىن. بۇ دۇنيادا مەقسەتسىز ئېلىش ھەمبېرىش بولمايدۇ.

    مەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بېشىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن، ئەمما دەپ كەلسە ئېغىزغا ئالغۇدەك ئىشمۇ قىلالماپتىمەن. يېشىمنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدىكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلىسام قورقۇپ قالىمەن. بۇ قورقۇش باشقا ئىشتىن ئەمەس، كۈنلىرىمنىڭ يەنە مۇشۇنداق تۇتسا سېپى يوق بىر ھالدا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ھاياتنىڭ ئۆزى ئۇزۇن بىر جەريان، ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرى، تاتلىق ئارمانلىرى ئاشۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈن – تۈنلەرنىڭ مانانلىرى ئارىسىدا غايىب بولۇپ كېتىدۇ.

    -مەن بۇنداق بولار دېمىگەن.

    -ئەمىسە قانداق بولاتتى؟

    ئۇ ئۇھ تارتىپ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىن ئېغىر ھالدا:

    -سىز دەپ بېقىكا، سىزنىڭچە قانداقراق بولسا ياخشى بولىدۇ؟

    -مەنمۇ بىلمەيمەن. مېنىڭچە سەن زادى قانداق ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىر ئۆمۈر بىلەلمەيسەن، يەنە ھەم مۇشۇنداق بولسا بولمايتتى دەپ ئۆمرۈڭ ئۆتۈپ كېتىدۇ، زادى قانداق قىلىمىز؟

    -بىلمىدىم.

    ئاسماندىكى بۇلۇت شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۈزۈپ يۈرىۋېرىدۇ. ئىنساننى ئازابلايدىغان نەرسە دەل قانماس ئارمانلىرى مەھكەم ئورنىشىۋالغان يۈرىكىدە بولىدۇ. پەقەت ئازابلانمايدىغان ئادەم بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئادەمدىن بىرسى بولسا بۇنداق ئادەمدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

    مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا،

    سەن كۆيۈپ چىدالامسەن.

    قىپقىزىل يۇلغۇن چېچەكلىرى يېنىك شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان بىر كۈندە مەن ئاشۇ تولا ئېيتىدىغان قىزنىڭ ئارقىسىدىن قويلىرىمنى ھەيدەپ بارىدىم. مېنىڭ قويلىرىم ببىلەن ئۇنىڭ قويلىرى ئارىلىشىپ بىللە .وتلىشىپ يۈرەتتى. كەڭرى جاڭگالدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق.

    -سەن نېمانداق مەن نەگە بارسام شۇ يەرگە بېرىپ يۈرىسەن، ماڭا دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ- يە؟

    ئون سەككىز ياشلىق قىزنىڭ كۈلكىسى ساپ ھەم سەممىي بولسا، كىشىنىڭ يۈرىكىدە بەك ئۇزاق ساقلىنىپ قالىدىكەن. مەن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ نۇرغۇن كۈلكىلەرنى ئاڭلىدىم. قۇلاق تۈۋىمدە كۈلكىلەر جاراڭلاپ تۇردى. ئەمما ئۇنداق چىرايلىق، ئۇنداق پاكىز كۈلكىنى ئۇچرىتالمىدىم. بەزىدە ئۇنىڭدىن چىرايلىق كۈلكىلەرنىمۇ ئۇچرىتىپ قالغاندىمەن. بىراق مەن باشقا كۈلكىلەرنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويالىغان بولۇشۇم مىمكىن دەپ قالىمەن. ئىشقىلىپ نېمە دېمەيلى مەن ئۇنداق كۈلكىنى ئۇنتۇيالمىغىنىم راسىت.

    -ھېچ، ھېچنىمە... مەن تەمتىرەپ كەتتىم. يۇلغۇن چېچەكلىرى چىرايلىق بولۇپ كۆز چېقىپ تۇرغان جاڭگالغا مېنىڭ ئەيمىنىش، قورقۇش ئارىلاشقان ئاۋازىم سىڭىپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ئىش ئۆتۈپ ئۇزۇندىن كېيىن ئويلىسام مەن خېلى بۇرۇندىنلا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغانىكەن.

    -مەن قېرىپ كەتتىم.

    ئۇ راستلا قېرىغانىدى. ئۇ بۇنىڭدەك ناھەقچىلىكنى پەقەت كۆڭلىگە سىغدۇرالماي قېلىۋاتاتتى. بۇ دۇنيادا بەزى ئادەملەرگە پەقەت ئامال قىلغىلى بولمايدىكەن، ئۇلارغا پۈتۈن يۈرەك قېنىڭنى سەرپ قىلىپمۇ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. بىر ئادەم توختىماي ئۆز تەقدىرىنىڭ تەتۈرلىكىدىن قاقشاپ كۈنلىرىنى غەم –غۇسسە بىلەن ئۆتكۈزىۋەرسە، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسەللى كار قىلمىسا بۇنداق ئادەمگە ھېسداشلىق قىلىشتىن باشقا نېمە ئامال بولسۇن، يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى سىزدىن كۆرسە ھەم بۇنىڭغا سەكسىز ئىشەنسە يۈرىكىڭىز قاناپ كېتىدىغان گەپكەن.

     يىراقتىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر زامان بىللە تۇرۇشقا توغرا كەلدى. مەن ئالتە ئاي تۇرۇپ قالدىم. شۇ ئالتە ئاي ئىچىدە مەن تولا ھاللاردا ئۇنى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى سېغىنىش بىلەن ئۆتكەن بولسام كېرەك. نېمىشقىدۇر قايتىپ بارساملا ئۇ خۇددى ئالدىمغا چىقىپ مېنى قۇچاقلايدىغاندەك، خددى مەن قىلغان تۈگىمەس خىياللار، تاتلىق چۈشلەردىكىدەك پۈتۈن مېھرى بىلەن ماڭا ئۆزىنى ئاتىدىغاندەك ئىدى.

    مەھەللە شۇ قەدەر جىمجىت ئىدى. مەن ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىيالمىدىم، ئۆزىنىمۇ كۆرەلمىدىم. ئۇنى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئاھۇنىڭكىدەك چىرايلىق، كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى، قاشلىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان چاچلىرىنىڭ يەلپۈنۈشلىرىنى ئىزدەپ بىز بىللە قوي باققان، قىزباغرىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان جاڭگالغا بېرىپ ھەممە يەرنى كېزىپ چىقتىم. جاڭگال شۇ پېتى تۇراتتى. يۇلغۇنلار ئىلگىركىدەك رەڭدار چېچەكلەپ، قومۇشلار بۇرۇنقىدەكلا پوپەكلىرىنى ئىرغىتىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلاردىكى مېنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك جەلپ قىلدىغان گۈزەللىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قۇشقاچلار ۋىچىرلىشىپ، توشقانلار ھۈركۈشۈپ يۈرەتتى. بىراق بۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك جەلىپكارلىق، كىشى كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ماتانەت يوق ئىدى. ھەممە نەرسىنىڭ جېنى، روھى باشقا بىر ياققا كىمدۇر بىرسى بىلەن بىللە كېتىپ قالغاندەك قىلاتتى. مېنىڭ شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى، ئەمما پەقەت يىغلىيالمىدىم، ئېغىر بىر تۇيغۇدىن يىغلاشمۇ قولۇمدىن كەلمىدى.

    -ئۆزۈونى يوقتىپ قويما.

    مەندىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم كۆزلىرىنى ئەپقېچىپ شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ماڭا بولغان ھېسداشلىق ھەم ئىچ ئاغىتىش بار ئىدى.

    -مەن بىلەتتىم، بىراق ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. ئۇ كەتتى، بەردەم يول.

    مەھەللىدە، جاڭگاللاردا ئۇنىڭ ناخشىسى ئاڭلانمىدى. ئۇ بەلكىم مەن بىلمەيدىغان يىراق بىر يەرلەردە يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ، بۇرۇنقىدەك تەبەسۇم قىلىپ يەنە بۇرۇنقىدەك ناخشىسىنى ئېيتىپ يۈرىدىغاندۇ. ئەمما ئۇنىڭ ناخشىسى، ئۇنىڭ كۈلكسى ئەمدى ماڭا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى، ئەمدى ئۇنداق تاتلىق كۈنلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا مېنىڭ روھىم بۆسۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى بولمىغان بۇ مەھەللە ماڭا ئۆلۈپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. جان دېگەن نەرسە ئەسلى ناھايىتى كىچىك بولسا كېرەك. ئۇنىڭ توزۇپ كېتىشىنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەن بىرسىگە بېرىپ بىزنىڭ مەھەللە ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېسەم مېنى ساراڭدىن ساراڭغا سېلىپ تىللىشى، ئەقلىمدىن ئازغانلىقىم ھەممە يەرگە پۇر بولۇشى مۇمكىن. ئانام رەھمىتى دادامدىن ئىككى يىل كېيىنلا باقىغا كېتىپ قالغانىدى. مەن موماملارنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولدۇم. مەھەللىنى سېرىق شامالنىڭ غۇيۇلداشلىرى قاپلاپ كەتكن غېرىبچىلىق كۈنلەردە مومامنىڭ ئاق كۆڭۈل قىزىن- مېنىڭ ئانامنى ياد ئېتىپ قوشاق قېتىپ يىغلىغان نالە – زارى يۈرەكنى تىترىتەتتى. مومام ئىلگىرى ئانام يۈرگەن باغلارنى، قازان بېشىنى، ھويلىلارنى چۆرگىلەپ، ئۇزۇن ئاق ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزلىرىنى ئېرتقاچ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن يىغلايتتى. شۇنداق چاغلاردا مېنىڭ يۈرىكىم قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىكتىن سىقىلىپ كەتسىمۇ، بىراق مەن مومامنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق يىغلايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلىپ كەتمەيتتىم. ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكەنلىكىگە چىنپۈتمەي ئۇزاق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ھەممە ئىشنىڭ مېنىڭ كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدەك بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە ئاچچىق ئەلەمدىن يۈرەكلىرىم تىتىلىپ كەتتى. مومامنىڭ دۇنيادىكى يۈرىكىنى لەختە ققىلغۇدەك نالە- زارى يادىمغا يەتتى. مەن جۇدالىق دېگەننىڭ ئەسلى مۇشۇنداق بولىدىغانلىققىنى مۇشۇ كۈنگىچە بىلەلمەي يۈرگەنىكەنمەن.

    -ئۇنى زادى كىم ئېلىپ كەتتى؟

    ئاغىنەم دۇدۇقلاپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى. ېىراق جايدىكى بىر كىملەر توي تارتىپ كېلىپ ئۇنى مەندىن تارتىپ ئېلىپ كېتىپتۇ.بالدۇرمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس، خۇددى ساقلاپ تۇرغاندەك مەن يوق چاغدا بۇ ئىش يۈز بېرىپتۇ. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، ئەگەر شۇ چاغدا مەن بولغان بولسام ئۇنى چوقۇم باشقا بىرسىنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە يول قويمايتتىم دەپ ئويلاپ كەتتىم. بۇ پەقەت ئۆز – ئۆزۈمگە غەيرەت بېرىشكە بولغان چاغلىرىمدىكى خىياللىرىم  ئىدى، ئۇنىڭ قارشىسىنى ئويلاشقا رىغنىتىم يوق ئىدى.

    -خۇدايىم تۇبرىسا كۈيئوغلۇم بەكلا ياۋاش، يۈزى تۆۋەن، ئوڭلۇق بالا. خۇدايىم قىزىمنىڭ بەختىنى بەردى.

    سېنىڭ ئاناڭ ئۆزى بىلەن قۇرداش بىر ئايالغا كۈيئوغلىنى ماختاپ بېرىۋاتقاندا ، مەن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم. شۇ چاغدا ئاناڭنىڭ چىرايىدىكى چەكسىز سۆيۈنۈش ھەم خاتىرجەملىكنى كۆرۈپ يۈرىكىم باشقىچە بولۇپ كەتكەنىدى.

    ياۋاش، يۈزى تۆۋەن، ئوڭلۇق ھېلقى ئادەم يېرىم كېچىدە ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىپتۇ. مەن زادى نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭ بۇ قاتارلىق پاجىئەگە دۇچار بولغىنىنى بىلەلمىدىم. ئۇ ئاپپاق رەختكە ئورىلىپ مەھەللىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، مەن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ بۇ مەھەللىدىن كېتىپ قېلىشىدەك ئەلەمنى كۆتۈرەلمەي ئاران تۇرغان بىچارە يۈرىكىم كۈز كۈنلىرى بېغىشىدىن ئاجراپ كېتەي دەپ قالغان غازاڭدەك تىتىرىدى، روھىم شامالدا قالغان كۈلدەك توزۇپ كەتتى.

    مەن ئۆزۈمنىڭ ئاستا – ئاستا تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلۋاتاتتىم، كۈلىدىغان ئىشلارغا كۈلەلمەيتتىم، ئاچچىقلايدىغان ئىشلارغا ئاچچىقلىيالمايتتىم، ئۆزۈمنىڭ نېمە قىدىغانلىقمنى، قانداق قىلسام بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ساقال-بۇرۇتلىرىمنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكى بىلەن، كىيىۋاتقان كىيىملىرىمنىڭ ئۆزۈمگە خوپ كەلگەن – كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىم بولمايتتى.

    ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى:

    -بەردەم بولايلى، ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرىۋېرىش يارىمايدۇ. بۇ دۇنيادا چىرايلىق نەرسىلەر بۇرۇنقىدەكلا جىق.

    بەزىدە بەز ئادەملەرنىڭ سۆزلىرى قاپقاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈنگەن قارشى قىرغاقتا ئوت بولۇپ يېنىپ ماڭىدىغان نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    بۇ گەپلەرنى كىمدىن ئاڭلىغىنىم يادىمدا يوق، ئەمما بۇ گەپ بەك ئۇزاققىچە خىيالىمنى چالغىتىپ يۈردى.

    بىر كۈنى مەن ئۆزۈمگە قاراپ بېقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ بارغانسىرى يىگىلەپ كېتىۋاتقان روھىمدىن، توزۇپ تۈگەپ كەتكەن ئارزۇ –ئارمانلىرىمنىڭ .ورنىنىڭ پۈتۈنلەي بوش ھەم قۇرۇق تۇرغانلىقىدىن، يۈرىكىمدىكى ئىشەنچ ھەم ئارمانلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن چۆچۈدۈم. مەن قورقۇنۇچلۇق بىر ھالغا چۈشۈپ لالغانىدىم. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم مەن ھەممىدىن ئايرىلىپ قالاتتىم. بۇنداق بولساقانداق بولىدۇ. مەن ئۆزۈم يوقاتقان نەرسىلەر بىلەن تەڭ يوقاپ كەتسەم بولمايتتى. ئەڭ مۇھىمى مەن تۈگەشسەم يۈرىكىمدىكى تاتلىق ئەسلىمە، چىرايلىق ئارمانلىرىم تەڭ نابۇت بولاتتى.

    ھاياتلىق يولى ئالۋۇن ئىچىدە كۆزگە تاشلىناتتى. بەك ئۇزۇن ماڭغاندەك بىلىنىدىغان بۇ يول تېخىمۇ ئۇزۇندەك بىلىنەتتى. يۇلتۇز ئەكسى پارلىغان بۇلاقتەك يېقىملىق كۆزلەر مېنى دوڭغىيىپ، چاڭ-توزانغا بۇلغىنىپ ئەمەس، قەددىمنى تىك تۇتۇپ دۇنياغا كۈلۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرغاندەك ئىدى.

    مەندىن يىگىرمە ياش چوڭ ئاغىنەم بىلەن يۇلغۇنلۇقلارنى، قومۇشلۇقلارنى ئارىلاۋېتىپ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئەتراپىمدا، يېنىمدا، كۆڭلۈمدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

    -يۈرەك يارىسىغا مەلھەم ئىزدەيمىز، بۇرادەر.

    بۇ ئاغىنەمنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان سۆزى ئىدى.

    ئاقىرىۋاتقان ئۇپۇق بىر چىرايلىق سۈزۈلىۋاتاتتى. يەڭگىللەپ قالغان روھىم يېڭى بىر كۈنگە قەدەم بېسىش ئۈچۈن سىلكىنىپ، ئۆزىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تۇرغان نۇرغۇن چاڭلارنى قېقىشتۇرىۋەتتى.

    مەن كۆيگەن شۇ ئوتلارغا،

    سەن كۆيۈپ چىدالامسەن.

    ئاھۇ كۆزلەردىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاجايىپ مېھرلىك بىر نۇرنىڭ مېنى ھاياتنىڭ ئىسسىق قوينىغا باشلاپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىم كېرەكلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم. نۇر ھەم يورۇقلۇقنىڭ مېھرىگە ھېچنىمە تەڭ كېلەلمەيدۇ.

    (ئاپتور:چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا)

     

     

    ھ

     

     

     

     

    •  

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.