لىرىك نەسىرلەر

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-05 13:06:00

تەكشى قىرقىلغان چىملىقتا كېتىۋاتىمەن.قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى يۇرتۇمنىڭ باغلىرىنى ئەسلىتەتتى..... سارغىيىپ قىزىرىشقا باشلىغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن تارام-تارام چېچىلغان كەچكى قۇيا...

           تەكشى قىرقىلغان چىملىقتا كېتىۋاتىمەن.قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى يۇرتۇمنىڭ باغلىرىنى ئەسلىتەتتى.....
    سارغىيىپ قىزىرىشقا باشلىغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن تارام-تارام چېچىلغان كەچكى قۇياش نۇرى كۆزۇمنى چاقنىتاتتى . مەن يېشىللىققا ،چىملىققا نەزەر سالدىم.....
    چىملىقتا بىر جۈپ تىيىن خاتىرجەم ھالدا قارغاي ئۇرۇقىنى مەززە قىلىپ يىيىشىۋاتاتتى،ئۇلاردا نە چوچۇش ، نە ئەيمىنىش يوق ، شۇنچە بىخارامان شۇنچە خاتىرجەم ئىدى...
    تۇيۇقسىز كۆزۇم ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئالتۇن رەڭلىرى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان مامكاپقا چۇشتى! " توۋا كۈزدىمۇ مامكاپ ئېچىلىدىكەن-ھە؟!"
    مەن ئىئختىيارسىز توۋلىۋەتتىم .  ھېلىقى بىر جۈپ تىيىن يەنىلا شۇ قەدەر خاتىرجەم ھالدا ئەشۇ مامكاپ تۈۋىدە مەززە قىلىپ قارغاي ئۇرۇقىنى يەۋاتاتتى.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
       كىچىگىمدىنلا يامغۇرنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
    ھىلىمۇ ئېسىمدە ، بالىلىق چاغلىرىمدا يامغۇر ياققان كۈنى پۇتۇمغا رەزىنكە ئۆ تۇگۈمنى كىيىۋەلىپ ، مەھەللىمىزنىڭ ھارۋا ئويۇۋەتكەن  پاتقاقلىق  كوچىلىرىدا دوستلىرىم بىلەن "يامغۇر قوشىغى"نى ئېيتىشىپ قوغلاشماق ئوينايدىغىنىم،ئەلۋەتتە كەچلىكى ئويگە يېنىپ كىرگىنىمدە ئاپامدىن ھارغىچە تىل ئاڭلايتىم . ئەمما بالىلىق بولسا كېرەك ،ئاپامنىڭ تەنبىھلىرىنى بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالاتتىمدە كەيىنكى قېتىم يامغۇر ياققىنىدا رەزىنكە ئۆتۇكنى كىيىۋەلىپ يەنە تالاغا يۇگرەيتىم.
    مانا تۈنوگۇن بۇ يەردە يامغۇر ياغدى . ياققاندىمۇ چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۇرلەپ ئاجايىپ قاتتىق يامغۇر ياغدى .  مەن بالكوندا بۇ يامغۇرغا بىردەم قاراپ تۇردۇمدە  ، ئىھتىيارسىز پەسكە چۈشۇپ شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردا تۇردۇم.
    يامغۇر بىردەمدىلا مېنى چىلىققىدە قىلىۋەتتى ، ئەمما ئۆزۇمنى شۇنچىلىك راھەت ھىس قىلماقتا ئىدىم ، يۈزۇمدىن ئاققان يامغۇر سۇلىرىنى بىردەم-بىردەم ئېرتاتتىم،ئاۋازىمنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ ناخشا ئەيتقۇم ، بالىلىغىمدىكى ئەشۇ قوشاقنى يەنە ئېيتقۇم كەلەتتى....

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

       كۆزۇمدە ياش ،  كۆڭلۇم پەرىشان ھالدا تېلىفون بوتكىسىدىن ئايرىلدىم . ئەسلىدىن سىقىلىپ تۇرغان كوڭلۇم  ، بۇ دىمىق ھاۋادا تەخىمۇ سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى.
    تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ ھاۋا قاتتىق گۈلدۈرلەشكە باشلىدى!
    مەن ئۈمىت ئىچىدە  ئاسمانغا قارىدىم.
    بىر تامچە ، ئىككى تامچە ، ئۇچ تامچە ....مانا ئەمدى شاقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. پىيادە كېتىۋاتقانلار قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى . بەزىلەر دالدا جايلارغا قاراپ يۈگۈرۈشتى.
    ئەمما مەن ئازراقمۇ ئالدىرىمىدىم .  شۇ تاپ ئەشۇ يامغۇردا چىلىققىدە ھۆل بولۇپ كېتىشنى ، ئۇنىڭ توختىماي يېغىشىنى ،ھەتتا چىلەكلەپ قۇيۇلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
    ئىشىكىم ئالدىغا يېتىپ كەلدىمدە  ، يامغۇرغا يۈزۇمنى تۇتتىم...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

       گۈلدۇرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن ھاۋائېچىلدى ، ئەمما مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ھەسەن-ھۇسەن كۆرۇنمەيتى ، بوينۇمنى سوزۇپ يىراقلارغا
    قارىدىم ، يەنىلا كۆرۇنمەيتى!
    "توۋا ، ھەسەن-ھۇسەن چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ .  ئوتكۇنچى يامغۇر تۇرسا بۇ! "
    راست ، بالىلىغىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىدە غەرق بولغان مەن ، ئۆزۈمنىڭ يات ئەلدە،يات مۇھىتتا ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇغان ئىدىم.
    تۇيۇقسىز شۇنداق بىر سادا  قۇلىغىم تۇۋىدە جاراڭلىدى ، "  ھەسەن-ھۇسەن يۇرتۇڭدا ، يۇرتۇڭنىڭ ئاسمىنىدىلا ئۆزۇڭ ئارزۇ قىلغان ھەسەن-ھۇسەننى كۆرەلەيسەن!"

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق