ياش دوستلىرىمغا خىتاب!

يوللىغۇچى : Nurbiye يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 20:04:54

ياش دوستلىرىمغا خىتاب! نۇربىيە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئەزىزلەرنىڭ ئەڭ ئەزىزى بولغان سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، پۈتكۈل سالاملارنىڭ كاتتىسى سىلەرگە بولسۇن! مېنىڭ ئەزىزانە ماكانىم قوينىدا ياشاۋاتقان شۇ...


    ياش دوستلىرىمغا خىتاب!

    نۇربىيە


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەزىزلەرنىڭ  ئەڭ  ئەزىزى بولغان سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، پۈتكۈل سالاملارنىڭ كاتتىسى سىلەرگە بولسۇن! مېنىڭ ئەزىزانە ماكانىم قوينىدا ياشاۋاتقان شۇ خەلقىمنىڭ سالاملىرى ھەم سىلەرگە بولسۇن!
    يۈرۈكۈمدىن قاتتىق  ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان  ئەڭ يۈكسەك  ئارزۇلىرىمنىڭ مۇجەسسىمى، سادالىرىمنىڭ مۇراجەتنامىسى بولغان بۇ ئۈنچىلەرنى سىلەرگە سۇندۇم.

    ھايات غەنىمەتتۇر-ياشلىق پۇرسەتتۇر

    ھايات  ئىنسان  ئۈچۈن  ئەڭ قىممەتلىك.  ئۇ شۇنىڭ  ئۈچۈن قىممەتلىككى  ئۇنىڭغا چوڭقۇر غەنىمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. بۇ دۇنياغا كۆز  ئېچىشىمىزنىڭ  ئۆزى بىزنىڭ نەتىجىمىزنى نامايەن قىلىدىغان بىر پۇرسەت- غەنىمەت.
    تۆنۈگۈننى  ئەسلىشىمىز، بۈگۈن  ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز،  ئەتە  ئۈچۈن تەلپۈنۈشلەر ھەم ئارزۇلىرىمىز، ھەممىسى بىر غەنىمەت.
    سەبىيلىكلەردە كۈلگەن تاتلىق كۈلكىلەر، ياشلىقىمىزدىكى ئۆتكۈنچە ھەۋەس ۋە ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن بىر غەنىمەت. مېنىڭمۇ ھەم شۇنداق ۋاقىتلىرىم بولغانكى، شۇنچە تاتلىق كۈلكىلەرنى كۈلگەنمەن. مېھرى  ئوتتەك  ئاتا- ئانامنىڭ، بەختىيار ئائىلەمنىڭ قوينىدا ئەركىن  ئەركىلىگەنمەن. مانا ئەمدىلىكتە ياشلىقىمدىكى  ئۇخچۇپ چىققان ھەۋەس ۋە  ئارزۇلىرىم  ئىچىدە  ئالغا قاراپ مېڭىۋاتماقتىمەن.
    بەختلىكمەن! مەڭگۈدىن مەڭگۈگە بەختلىك بولۇشۇمنى تىلەيمەن. يەنە شۇنى تىلەيمەنكى، ئۆتكۈنچى خۇشاللىقلار بىلەن بەختلىك بولۇشنى تىلەيمەن. كۈتكەنلىرىمگە يەتسەم ئىدى ...
        ئەمما، نېمە  ئۈچۈنكى يەنىلا  ئۈمىدسىزمەن. چۈنكى ئۈمىدۋار بولغىنىمدا نەتىجىلىرىم بىلەن خەلقىمنىڭ  ئۈمىد،  ئىشەنچىنى قازانغان بولاتتىم!

        ئەتراپىمىزدىكى نەتىجىسىز، غايىسىز ياشاۋاتقان بەزى ياشلىرىمىزنىڭ نېمە ئارزۇلار بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار. كاشكى ئۇلارغا سۆزلەشكە پۇرسەت بولسا ئىدى.  ئۇلارغا شۇنى ئېيتسام:  ئى! ياشلىرىم  ئويغانغىن! سەن ئۈچۈن ھايات مەڭگۈلۈك ئەمەس.  ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتلىرىڭ ھەم سەن ئۈچۈن بىر غەنىمەت. پۇرسەتلىرىڭ ساناقلىقلا، ھاياتىڭدا ئەگەر ياخشى بىر نەتىجىلەر ساڭا مەنسۇپ بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىڭنى ئەسلىگىنىڭدە، خىجىل بولما، ئۆكۈنمە.ئەنە شۇنىڭدا، سەن ھەقىقىي بىر غەنىمەتنى بىلگۈچىلەردىن بولالايسەن. ساڭا ئوخشىغان، مۇۋەپپىقىيەتلەر ئىچىدە تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، سېنىڭ تەڭتۇشلىرىڭغا قاراپ باققىن. ئۇلارمۇ ھەم مۇشۇ ياشلىقلىرىدا نېمىلەرگە مۇھتاج ئەمەس؟ نېمىلەرگە تەلپۈنمەيدۇ؟ ياق، ئۇلارمۇ ھەم مۇشۇ ياشلىقلىرىدا شۇ خۇشاللىقلارغا مۇھتاج ئەلۋەتتە. بىراق، ئۇلار ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچە ھەۋەس ۋە ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇلار بىلەن تولغان راھەتنىڭ ئورنىغا، ئۆز خەلقىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ، پۈتۈن ياشلىقىنى خەلققە ئاتىۋەتكەن، كەلگۈسىدىكى نەتىجىلەرنى پاراغەت قىلىپ تاللىغان ئەنە شۇلارغا قاراپ باققىن.
    مەن بىلىدىغان بىرى بار ئىدى.  ئۇ شۇنداق بىر ئىسنان ئىدىكى، خۇددى نەتىجە ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك، ئۇنىڭ شۇنداق ۋاقىتلىرى بولغانكى، ياشلىقىدا كۆپ پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمىگەن ھەم شۇنچە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ دەيدىغان: مەن بىر ئوغۇلمەن. يەنى خەلقىمنىڭ ئوغلانىمەن، خەلقىم ئۈچۈن ياشايمەن، خەلقىم ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھەم دائىم تەييارمەن. ئۇ ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن، كۆپ غەنىمەتلەرنى ئىزدەندى، خەلقى، مېھرىبان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ بۇ غەيرىتىگە كۆز تەگدى. خەلقنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن غەنىمەت  ئىزدىگەن بۇ يىگىت ئەمدىلىكتە  ئەرزىمەس كۆڭۈل خۇشى  ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ غەنىمەت  ئىزدەۋاتاتتى.
    ساڭا دۈشمەن بولغانلارنى دوست بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئەنە شۇ ئەرزىمەس دوستلىرىڭ سېنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىرىڭگە ھەسەت قىلدى. ساڭا ياخشى تىلەكلەر  ئورنىغا ئاچچىق  ئەلەملىك زەھەرلەرنى سۇندى. 
        ئىست، ياشلىقىڭنى قەدىرلىسەڭ  ئىدى. كاشكى ياشلىقىڭنى شۇ زەھەرلەر  ئورنىغا نەتىجىلەر بىلەن قەدىرلىسەڭ  ئىدى.  ئۆزۈڭنىڭ بايلىقى ھەم سۆلىتىڭ بىلەن ئەمەس، نەتىجىلىرىڭ بىلەن پەخىرلەنسەڭ  ئىدى.
    بوپتۇ، مەيلى خەير!  ئۆزۈڭ تاللىغان شۇ  ئارزۇلىرىڭغا يەتكىن. سەندىن زور ئىشەنچ بىلەن  ئۈمىد كۈتكەنلەر شۇنداق دېدى. لېكىن،  ئاقىۋەتتىچۇ؟ سەن خاراب بولدۇڭ!!! پۈتۈن  ئەسلىڭ، بارلىقىڭ  بىلەن خاراب بولدۇڭ. چۈنكى سەن مىللىتىڭنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى خاراب قىلغانىدىڭ. مانا شۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكىنىڭدە سەن تولىمۇ كېچىككەنىدىڭ. قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشايدىغان بۇ گەۋدە ئەمدى مۈكچەيگەن،  ئۆز خاتالىقلىرى،  ئۆكۈنۈشلىرى  ئۈستىدە قاتتىق  ئەلەملەر بىلەن ياش تۆكۈۋاتقان ئاجىز بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بىردەملىك ھېسسىياتىڭنى، قىزىقىشىڭنى قايرىپ قويغان بولساڭ ئىدى، كەلگۈسىدىكى نەتىجىلەرنى غەنىمەت بىلگەن بولساڭ ئىدى، ئۆزۈڭگە  ئېنىق بولغان بىر نىشانىڭ بولغان بولسا  ئىدى، بۇ كۈنلەردە نى بەخت، نى خۇشاللىقلار ساڭا مەنسۇپ بولغان بولماسمىدى. مىسالەن: ھايات شۇنىڭ  ئۈچۈن قىممەتلىك، ھاياتتىكى ھەربىر قەدەم ھەر بىر سېكۇنت شۇنىڭ  ئۈچۈن غەنىمەت.
        سەن يۈكسەك بىر ئىنسانسەن، ياراتقان  ئىگەڭ ساڭا شۇنچە كاتتا  ئىنئام قىلىپ ھاياتلىق بەردى. خەلقىڭ ساڭا سۆزلەيدىغان تىل ، بىرگە ياشايدىغان كوللىكتىپ  ئاتا قىلدى...  ئەمما، سەن شۇلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قايتۇرۇۋاتىسەن؟ نېمە نىشانلار بىلەن ياشاۋاتىسەن؟ كەينىڭگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان،  ئالدىغا قاراپ  ئوق تېزلىكىدە  ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىڭنى قەدىرلىگىن. سەن  ئۆكۈنۈشلەرگە  ئەمەس، بەلكى نەتىجىلەرگە،  ئالقىشلارغا لايىقسەن! قەدىرلىك دوستۇم شۇنى بىلگىنكى، ھاياتنى سۆي، ھايات بۈيۈك مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇر. ھاياتنى سۆي، ھايات خەلقىڭگە تۆھپە قوشالايدىغان پۇرسەت بولغانلىقى ئۈچۈن  قىممەتتۇر.  ھايات ساڭا  ئاتا قىلغان تۆھپە يارىتىش پۇرسىتىنى غەنىمەت بىل. ھايات سېنىڭ ھەقىقى ئىنسانلىقىڭنى  ئىسپاتلايدىغان پۇرسەت ۋە   ئۆتكەلدۇر!
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نۇربىيە