ئاشخانىدىكى پاراڭ(مەمتىمىن ھوشۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:34:39

ئاشخانىدىكى پاراڭ(ھېكايە)مەمتىمىن ھوشۇر بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخ...

    ئاشخانىدىكى پاراڭ(ھېكايە)
    مەمتىمىن ھوشۇر

     
            بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن، خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى. كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى. چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى. ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى........... 
            بۇرۇن كىرگەن خېرىدارلاردىن بىر ئىككىسى : 
          _ ئۇكاموي ، بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئەكىلىۋەتسەڭلار بولاتتا... - دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى . 
          _ ئالدىرىماڭلار ، ھەممىڭلارنى ھازىرلا يولغا سالىمىز ،_ دىدى قاچا - قۇچىلارنى يېغىشتۇرىۋاتقان چوكان ، - ئۆيۈڭلەردە بولسىمۇ بىر دەم كۈتىسىلەرغۇ ... 
            شۇ چاغدا ئىشىكتىن ياقىلىق پەلتۇ ، كۆكۈش ئەلتىرە قۇلاقچا كىيىپ ، چاقماق يۇڭ شارپا ئورىغان سالاپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى . ئاشپەز ئۇستام قورۇما چۆمۈچىنى چەتكە قويۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى: 
            _ قېنى، قېنى...  يۇقۇرى ئۆتسىلە ... 
            _ ۋاھ، بازار قالتىسكەن _ ھە! 
            _ دائىملا مۇنداق ئەمەس، چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا ئازراق خېرىدار يىغىلىپ قالدى... ھوي كۈتكۈچى بالا ، قېنى سەن ؟ ماۋۇ ئاكاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چاي قۇي ! 
          خېرىدارلار سەل سىغدىلىشىۋىدى، بوۋاينىڭ يېنىدىن خېلىلا كەڭرى بىر كىشىلىك ئورۇن بوشىدى. مېھمان ئولتۇرۇش بىلەنلا كۈتكۈچى يېگىت ئۇنىڭغا تېخى غاجىلانمىغان يىڭى پىيالىدە چاي ئەكەلدى. ھەش-پەش دېگۈچە مېھماننىڭ تامىقىمۇ چىقتى. دورا -دەرمىكى تەڭشىلىپ قورۇلغان گۈيرۇ قورۇمىسىنىڭ پۇرىقى بوۋاينىڭ بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقىنى تېخىمۇ غولدۇرلىتىۋەتتى. بوۋاي مايلىق قورۇمىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋاتقان مېھمانغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى -دە : مانا ئۈستىگە ئىسسىق كېيىم ، نەگە بارسا ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت، خۇدامۇ بۇ ئامەتنى بەرگۈسى كەلگەنلەرگە قوشلاپ بېرىدىكەن !... دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ھەۋىسى كەلدى . 
            مېھمان تەخسىسىنى بىر دەمدىلا قۇرۇقداپ، بىر تال سەرەڭگە ياغىچىنى سۇندۇرۇپ ،چىشىنى ئوبدان كوچىلاپ ، يەنە بىر پىيالە چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن قوزغىلىپ ماڭدى. كاسسىرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ قوينىغا قول سېلىۋىدى ، 
            _ ئۇنداق قىلمىسىلا ، سەت بولىدۇ  ...  مەن خاپا بولىمەن ،_ دەپ تەكەللۈپ قىلدى قورۇما قورۇۋاتقان ئاشپەز . 
          مېھمان :
          _ ئەستا ، بۇ قانداق بولغىنى ... _ دەپ تەڭلىكتە قالغان چىرايىنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىپ ، قولىنى يانچۇقتىن چىقىرىۋالدى -دە ، «رەھمەت»ئېيتىپ چىقىپ كەتتى .
          _ ئىت ! شىركەت باشلىقىمىش  تېخى  ... _ دىدى ئوتتۇرىدا يۈرگەن چوكان بايىقى مېھماندىن قالغان چىنە - تەخسىلەرنى يىغىۋىتىپ .
          _ كىمنى تىللاۋاتىسىز قىزىم ؟_ دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى بوۋاي . 
        _ ھەر كىرگەندە خۇددى پۇل تۆلەيدىغاندەك يانچۇقىغا قولىنى ئاپىرىپ قويىدۇ تېخى  ...
          ئۇنىڭ كىمنى تىللاۋاتقى بوۋايغا ئوچۇق بولدى .«خۇدايا ، مىڭ قات شۈكرى !_ دىدى بوۋاي ئىچىدە _ كەمبەغەل  قىلغان بولساڭمۇ ، مېنى ئىت قىلماي ، ئادەم قىلىپ يارىتىپسەن !»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.