يېزىپ بولۇنمىغان «ئەسەر »(ئادىل يىلدىرىم)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 01:25:22

يېزىپ بولۇنمىغان «ئەسەر»ھېكايەئادىل يىلدىرىم يېقىندا مەن بىر نەچچە يىل ئەۋۋەل نەشىر قىلىنغان بىر ژورنالدىن خەلقىمىزنىڭ «مۆچەل»تارىخى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە دائىر سۇئال جاۋاپنى كۆرۈپ قال...

    يېزىپ  بولۇنمىغان  «ئەسەر»
    ھېكايە
    ئادىل يىلدىرىم


          يېقىندا مەن بىر نەچچە يىل  ئەۋۋەل  نەشىر قىلىنغان بىر  ژورنالدىن خەلقىمىزنىڭ  «مۆچەل»تارىخى  ۋە  ئۇنىڭ  بۈگۈنكى ھالىتىگە  دائىر سۇئال جاۋاپنى كۆرۈپ قالدىم . مەلۇم بىر ئوقۇرمەن ئۇ  ژورنال تەھرىرىدىن :  بىز «مۆچەل»  دە « بېلىق يىلى » دىگەن ئاتالغۇنى ئاڭلاپ چوڭ  بولغانىدۇق ، ھازىر  «بېلىق يىلى» دېگەننىڭ  ئورنىنى «ئەجدىھا  يىلى» دېگەن گەپ  ئىگىلىدى   « بېلىق»  دىيىلەمدۇ ياكى  « ئەجدىھا»  مۇ؟  بۇ ھەقتە  چۈشەنچە بەرسىڭىز ، دەپ  سورىغانىكەن .  تەھرىرى ئۇنىڭغا :  « بېلىق» ئىستىمالدىن قالدى  ، « ئەجدىھا»  دىسىڭىز  بولىۋېىدۇ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . 
     راستىنى دىسەم بۇ تومتاق جاۋاپ كاللامدىن ئۆتمىدى. بىز  تارىختىن بۇيان ئاتاپ ئادەتلەنگەن  « بېلىق»   قانداق بۇلۇپ  «ئەجدىھا»  غا ئۆزگۈرۈپ قالدى  ؟  بۇ مۆچەلنىڭ نامى  زادى بېلىقمۇ ياكى  ئەجدىھامۇ  ؟   ۋە ياكى  بۇ مىللەتلەر  ئارا ئاتاشتىكى پەرىقمۇ  ؟ دېگەن ئويلىرىم ئاساسىدا ئۆزۈمچە بىر ئوبزور يازماقچى بولدۇم .
    مەن مۇشۇنچىلىك بولغۇچە بىرەر  نەرسە يېزىپ باقمىغان بولساممۇ  ، ئەمەلىيەتتە  تولىمۇ يازغۇم كېلەتتى . بىر قانچە ئوقۇمۇشلۇق يېقىن دوستلىرىممۇ :  ئۇنىڭ بىلىدىغىنى  كۆپ ، ئۇ ئاقىۋەت يازىدۇ ، دېيىشەتتى  ئىشەنچ بىلەن  .
     بەزىلىرى  ھەتتا  ماڭا مەستلىكى كەلگەن دادامدەك  كۈلۈمسىرەپ قاراپ كېتەتتى  .  بۇ چاغلاردا كۆڭلۈم شاتلىنىپ  كېتەتتىيۇ ، شۇئان سەۋيەمنىڭ خېلىلا  تۈۋەنلىكىدىن  ئىبارەت  بىر ئەمەلىيەت خوشھاللىقىمنى ئۇزۇنغا بارغۇزمايتتى  . بىراق  ، غەلىتە يېرى  شۇكى  ،  تۇرۇپلا ئۆزۈمنى تەخمىنەن بىرەر يۈز يىل  بۇرۇنقى  زامانلاردا ئالامەت يېزىۋەتكەندەك ، ھازىر بولسا  ،  بەكلا قېرىپ كېتىپ  ، ھەممە نەرسە ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن ، كىم نىمە دېسە ، شۇنىڭغا  ھاڭۋېقىپ  ، تىڭىرقاپ ھەم گول  بۇلۇپ يۈرىدىغان  بوۋايدەك  ھېس قىلىپ قالىمەن  .  ناۋادا مۇشۇنداق بولغىنىدا ، كونىراپ  مەۋجۇدلۇقىنى  يوقىتىش ئالدىدا  تۇرغان   كالامپاي  بىر گەۋدىدىن نىمە  پەرقىم    قالىدۇ ؟!
     چاچلىرىم ئاقىرىپ  ۋە  چۈشۈپ  ئايپاڭباشقا ئۆزگۈرۋاتقان بولساممۇ  ، ساقال -بۇرتۇم تولۇق  چىقىپ بولالمىدى  . نۇرغۇن قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرگەن    ھەمدە نۇرغۇن سەتەڭ  چالا چوكانلارغا  كۆيۈپ قالغان بولساممۇ  ،  ئەپسوسكى ، تېخىچە  ئۆيلەنمىدىم  ....توۋا  ؟!  نىمىلەرنى  دەپ  يۈرىمەن-ھە  . بولدى  ، بولدى ! بۇنداق  كوتۇلداۋەرمەي ئەسلى  گېپىمگە كېلەي  .  ئىلھام  كەلگەندە يېزىلغان  ئەسەر  ھەقىقەتەنمۇ  كارامەت  چىقىدىكەن جۇمۇ .  ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم  راۋرۇس  ئوخشىتىپ بىر ئوبزور  يېزىۋەتتىم ! خوشھالمەن .  راستتىنلا  بەك خوشھالمەن.  ئۆزۈمنىڭ ھەم  ئاز ، ھەم  ساز  يېزىلغان  بۇ  ئوبزوررۇمغا قايتا-قايتا كۆز  يۈگۈرتۈپ  چىققاندىن  كىيىن  ، ئۆزۈمدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغان ھالدا ئوڭ  قۇلۇمنىڭ ئالقىنى بىلەن  سول  مۈرەمنى يىنىككىنە ئىككى -ئۈچ قېتىم  پەپىلەپ  قويدۇم . لېكىن ...لېكىن ، تۇرۇپلا  :بۇ دەسلەپكى يازمام بولغاچقا خاتالىقلارغا يول  قويغان بولۇشۇم مۇمكىن ،  شۇڭا ئەۋۋەل بىر قانچە  دوستلۇرۇمغا  كۆرسۈتۈپ  ، ئۇلارنى قىممەتلىك پىكرىنى بىر ئاڭلاپ كۆرەي ،  دەپ ئويلاپ قالدىم  .
    ئۇنىڭ ئۈستىگە  سىمونىت  ئىشخانىدا ئولتۇرىۋېرىپ سوغ  ئەنگىزى  ئېشىپ كەتكەن  ،  شۇنداق بولىشىغا قارىماي  تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان چاتاقچى  تەھرىرلەرنىڭ ئالدىغىمۇ  يازغان نەرسەمنى  تازا ئوبدان پىشۇرۇپ ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ-دە  ؟! مەن بەزىلەردىن تەھرىرلەر توغرۇلۇق ئەنە شۇ خىلدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغانىدىم  . شۇڭا  بۇ  سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس! دەپ ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن يازغىنىمنى كۆتۈرۈپ  تۇنجى  بۇلۇپ  دوستۇم ئابدۇسالام يوچۇننى ئىزدەپ   ئۆيىگە  باردىم  .
    بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرمىگەن  ، قىز بالىنىڭ گېپى  بولۇنسىلا  ، گەپنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ  باشقا ياققا بۇرايدىغان  بۇ دوستۇم قارىلاق كەلگەن ، ھەرقانداق بىر ئاتالغۇنى ئاڭلىسىلا  ، ئۇنىڭ لوغەت مەنىسىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىدىغان  ، خىيالچان ، غەلىتە مىجەز يىگىت بۇلۇپ ، ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى نىمە تەسىر قىلغان  ، ئۆزىچىلا سىرتقا چىقماي ، ھېچكىم بىلەنمۇ ئارلاشماي  ، ساقال -بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۋېلىپ ، سىرلىق قىياپەتكە كىرۋالغانىدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ :  ۋىجدان  ئازابى تارتىۋاتىمەن  ، ماڭا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ  ؛  ئاللا بىلەن  ئوتتۇرامدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ  قاپتۇ ، بۇ چاتاق بولغىنى ! مەن ئاللانى تاشلىۋەتتىممۇ  ياكى  ئاللا مىنى تاشلىۋەتتىمۇ  ؟!  مەن توۋا قىلىپ روھىمنى پاكلىمىسام بولمىدى ، دەپتۇمىش  .  بىر كۈنى ئۇ تۇرۇپلا  :  ئىسلام دىنىدىن خىرىستىئان  دىنى ئىلغار ئىكەن  ، چۈنكى خىرىستىئانلار  بەكلا تەرەققىي قىلىپ كەتتى  ۋە  بۈگۈنكى دۇنيانى ئەنە شۇلار چۆرگىلتىۋاتىدۇ  ؛ ئەگەر مەھمۇد قەشقىرىي ھايات بولغان بولسا ، جەزمەن يەنە بىر كاتتا   ئەسەر  «دىۋانۇ لۇغەتىت ناسارا»  نى يازغان بولاتتى ھەمدە كىتاۋىنىڭ كىرىش  سۆزىگە  « تەڭرى  جاھان ئەھلىنىڭ ئىختىيار  تىزگىنىنى ناسارالارغا تۇتقۇزدى» دەپ قوشۇپ قويغان بولاتتى، دەپتۇدەكمىش .   ھازىر  ئۇ  ئۆيىدە  تېلىۋېزور كۆرۈپ  ، كىتاپ ئوقۇپ  تەپەككۇر قىلۋېتىپتۇمىش.
    ئۇ مىنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسام ، ھېچقانداق غەيرىلىك  يوق ، پەقەتكىنە بىر ئالاھىدە  ئەھۋال  شۇ ئىدىكى  ، مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە  يۇمۇلاق بىر كاللەك  تۈك  ۋە چۇپۇر بۇلۇپ  ، ئۇنىڭ  ئارىسىدىن  بىر  جۈپ  نۇرسىز  كۆز بىلەن ئاپئاق چىش  ئاران كۆرۈنۈپ تۇراتتى  .  ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇم كەلگەن بولسىمۇ  ، لېكىن ھازىر  ۋاختى  ئەمەس  دەپ ئويلۇدۇم  . بەلكىم ھازىر ئۆز ئىشىمنى مۇھىم ، دەپ   بىلگەندىمەن  .
    -قالتىس  ! بەك ئوبدان يېزىپسەن ، قوللايمەن ! ،-دېدى ئۇ ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن ئېچىلىپ ئولتۇرۇپ  ،-ئوبزوردىكى  «ئۇيغۇرلار مۆچەل ھىساپلاش  ئۇسولىنى ئەڭ دەسلەپ بىلگەن خەلىقنىڭ ئەۋلادى» ، ئۇيغۇرلار  ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن بولغان مۆچەلنى  خىلمۇ-خىل تارىخىي قىسمەتلەرىن ھەتتاكى ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنىڭ  كۈچلۈك زەربىسىدىنمۇ  ساپ پېتى ساقلاپ قېلىپ  ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇردى».....دېگەندەك جۈملىلەر شۇنداق ئىلمىي  ھەم پاساھەتلىك  چىقىپتۇ  . بىراق ، مىنىڭچە مۇنۇ تەرەپلەردىنمۇ قەلەم يۈگۈرتكىن .  ئالايلۇق ، « مۆچەل»  دىگەن سۆزنىڭ  لوغەت مەنىسىنى  ئىزدىنىپ  كۆرگىن . ئاندىن  « مۆچەل»  بىلەن  « توتېم»  ئوخشاشمۇ  ؟   «مۆچەل»  جاھىليەت دەۋرىگە  تەئەللۇقمۇ  ؟  ئۇنىڭ بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن ئەھمىيىتى  ، زۆرۆريىتى ۋە قىممىتى بارمۇ ؟  بۇ بىدئەتمۇ ياكى مۇشرىكلىكمۇ  ؟  ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا  ....ھە...قىسقىسى  ، ئىسلام ئېدىئولۇگىيىسىگە  ئۇيغۇن كىلەمدۇ  ؟  .......مۇشۇلارمۇ بەك مۇھىم  ، ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تىگىشلىق زىدىيەتتۇر  .  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام دىنى . مەدەنيىتى  ، تارىخىي نۇقتىسىدىن  ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ  بىر پۈتۈن تارىخى  نۇقتىسىدىن  ، پەلسەپە  ، لوگىكا  ، تارىخ  قاتارلىق مۇستەقىل پەنلەر  نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە يۈرگىزىدىغان بولساڭ  ، ئىشىنىمەنكى ، ئوبزور تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ .
    ئابدۇسالام يوچۇننىڭ پىكرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى  . مەن ئەلۋەتتە ئوبزورۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن -دە ؟!شۇڭا بىر ۋاراق قەغەزگە  ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خاتىرلىۋالدىم  ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم . ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ  :  -مەن  كىيىنكى نۆۋەت كەلگە ندە ، تۈك ۋە چۇپۇر ئارىسىغا مۆكۈۋالغان ئۆڭى قارا چىرايىڭنى  ئۇچۇق كۆرگۈم بار دېدىم .
    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى  . دوستۇم ئابدۇرىشىت قىزىقماسنىڭ قېشىغا باردىم  . ئۇ ئوتتۇرا  تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن تىجارەت يولىنى تاللىۋالغانىدى . ھازىر ھال-كۈنى راۋرۇس ياخشىلىنىپ  قالغان بۇ ئاداش قايسى كۈنى بىرسىگە : « مېنىڭدىن بىرەرسى ئىبادەت ئەلامۇ ، تىجارەتمۇ  ؟  دەپ سورايدىغان بولسا  ، ھېچ ئىككىلەنمەي  تۇرۇپ :  تىجارەت ئەلا !  -دەپ جاۋاپ بېرىمەن»  دەپتۇدەك.
    يېقىندىن بۇيان ئۇ يەھۇدىلارنى ئاغزى -ئاغزىغا  تەگمەي «سىرلىق قابىليەتلىك مىللەت» ، «ئىلاھىي مىللەت»  ....دەپ ماختايدىغان  ،   ھەۋەسلىنىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى . قارىغاندا ،  ئۇ   يەھۇدىلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ  زور قىسمىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىدىن ئاجايىپ تەسىرلەنگەن ئوخشايدۇ  .
    يەھۇدىلارغا مەستانە بۇلۇپ قالغان بۇ  دوستۇم يېقىندىن بېرى ئېچىۋالغان كىچىككىنە دۇكىنىدا  قاچانلا قارىساڭ  :« ئۇيقۇمغا قانماپتىمەن» دەپ  مۈگدەپ ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى . قايسى كۈنى ئۇ ماڭا :«بۈگۈن تاڭغا يېقىن نۇرغۇن پۇلنى ساناپ چۈشەپتىمەن ، ئەمما قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كېتىپتۇدەك  . بىرسى پۇل تاپتىڭ  ئەمدى  زاكات ئايرىمامسەن ؟  دەپتىكەن  ، نەدىكىنى ؟! تاپقان پۇلۇم قۇرساقتىن ئاشمايۋاتسا ، زاكاتنى قانداق ئايرىيمەن ؟ -دەپتۇدەكمىشمەن .  سەھەردە كۆرگەن چۈشنى خاسىيەتلىك ، بىشارەتلىك دەيدىكەن چوڭلار  . سەن  دەپباقە .   بۇ چۈشنىڭ تەبىرى قانداق ؟»  دېگەنىدى .
    مەن : «ياخشى چۈش كۆرۈپسەن !  بىراق  مەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ   ئوغلى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئەمەس ، چۈشۈڭگە تەبىر بېرەلمەيمەن» دېگەنىدىم .  شۇ چاغدا ئۇ : « ھېلىقى  < قىسسەسۇل ئەنبىيا >  دېگەن كىتابنى ياكى بولمىسا < چۈش  تەبىرى  > دېگەن قوللانمىنى ئوقۇپ باقايمىكىن»  دېدى .  شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ قولىقىغا ئاغزىمنى يېقىن ئەكىلىپ تۇرۇپ  مۇنداق دېگەنىدىم :  «ئىچىمنى ئاغرىتمىغىنە   جېنىم نادان  دوستۇم  ، پال دېگەن شەيتاننىڭ ئىشى ، <چۈش  تەبىرى >  دېگەن قانۇنسىز بېسىپ تارقىتىلغان ، يالغانچىلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن  كىتاپچە  ، < قىسسەسۇل ئەنبىيا > دېگەن  ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىر نەسىرىي ئەسەر ، خالاس  . مۇھەممەد  سالىھ  داموللا  ھاجىم < قۇرئان كەرىم  > نى بىزنىڭ  تىلىمىزغا ئۆرۈپ بەردى ، سەن ئۇ كىتاپنى تېخىچە ئوقۇپ كۆرمەيسەنۇ ،   <  چۈش تەبىرى > دەك نەدىكى ئادەم ئالدايدىغان نەرسىگە  قىزىقىدىكەنسەن ! داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومانىدىن بىر پارچىنى ئوقى  ياكى  دۇنياغا مەشھور بىر چەتئەل يازغۇچىسىنىڭ  ئەسىرىنى كۆرۈپ قويساڭ بولىدۇ  . قىسقىسى  ، بەزىلەر سېنى ھازىر 100 مىڭ  سوم پۇلى بار ، دەيدۇ  ، لېكىن سەن بولساڭ ناھايتى  بىچچارە قىياپەتتە  تۈگۈلۈپ تۇرۇپ   مىڭ سوم پۇل جۇغلىيالمىدىم تېخى ، دەيسەن  .  شۇڭا بارغۇ قارا  ، ئۇنى بۇنى قۇيۇپ ، دۇككىنىڭدا  غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ  پۇلنى جىق  تاپتە ، ئۆزۈڭ چوڭ بىلىدىغان يەھۇدىي بايلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئال  !»  بۇ گەپلەرنى قىلىپ بۇلۇپ  ئۆزۈمنى  دانىشمەن ناتىقلارغا ئوخشۇتۇپ قالدىم   . ئۇغۇ خېلى بۇلۇپ قالغان چاغدىكى پاراڭلار .ئەمدى ئۇنىڭ ئوبزورۇمنى خوشياقماسلىق بىلەن بىرەر قۇر ئوقۇپ كۆرگەندىن  كىيىنكى ماڭا بەرگەن پىكىت -تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى  :  تېخىچىلا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ  كۆرمەي  تۇرۇپ يىگىلەپ كېتىۋاتقان ئورۇق ، ئاقسېرىق ، يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقىۋالىدىغان ،   ئىلگىرى  ئوقۇتقان  مۇئەللىمىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ، سۆزلەش ئۇسلوبىنى ئۆز ئەينى قۇبۇل قىلىپ   ، ئۆزىگە  ئادەتلەندۈرۋالغان  < لېكىن بۇ بىر ياسالمىلىق بۇلۇپ ، بۇ  خىل ئادەت ياشانغان ئىلىمىي كىشىلەرگە  خاس ئىدى > ، نىمە ئۈچۈندۇر  ھازىر پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىگە قىزىقماس بۇلىۋالغان بۇ دوستۇم تىجارەتكە يۈرۈش قىلغان چاغدىن تارتىپ  ئاندىن   جەمئىيەتنى  چۈشۈنىشكە باشلىغان ،ئاقكۆڭۈل ،  چىقىشقاق يىگىت ئىدى  .
    -بوپتۇ ،-دېدى  ئۇ  ئەسنەپ قۇيۇپ  ،ئەپسوسكى ،  «مۆچەل»  نى چۈشەنمەيدىكەنمەن ، راستىمنى دىسەم  ، شۇنچىلىك بولغىچە  « مۆچەل»  دېگەن  گەپنىمۇ  ئاڭلىمىغانىكەنمەن ....ماڭا قارا ، ئاداش ،  ھازىر  ھەممىلا ئادەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىپىرلاۋاتقاندا ، بۇنداق نەرسىلەرگە كىم قىزىقىدۇ ،كىم كۆڭۈل  بۆلىدۇ ، دەيسەن !؟  ...ئەمما لېكىن ئاتقا مىنىپ  قويۇپسەن ، ئەمدى يېرىم يولدا چۈشىۋالماي ، ئاخىرغىچە مىن ، بۇنى يازغاندىكىن ، راۋروس ياز ، ھازىرچە خېلى بەك خام ئىكەن ! « مۆچەل»  نېمە-نېمىلەر  بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؟ مەسىلەن ، ئالايلۇق تارىخي ، ئىجتىمائىي  ،ئىقتىسادىي ،  زامانىۋى تەرەپلەردىن  ، خۇسوسەن ئىقتىسادىي تەرەپتىن  ...چۈشەندىڭمۇ ؟  ماتىريال كۆرۈشتە قيىنچىلىقىڭ   بولسا ، كۇتۇپخانىنىڭ  كىنىشكىسىدىن بىرنى ھەل قىل  . ئالدىرما  ،ئەۋۋەل بىلىم سەۋيەڭنى ، قەلەم كۈچۈڭنى ئاشۇر  ...مۇمكىن  بولسا بارغۇ  ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە  دائىر نەرسىلەرنى يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . پۇلۇڭ بولسىلا ھەممە نەرسەڭ بار  بولىدۇ  ! بۇ ھەقىقەت !  دۇنيانىڭ ماھىيتى نىمە ؟ دۇنيانى نىمە ياراتقان  ؟  بىر ئېغىز جاراپ -تىجارەت ۋە ئىقتىساد!
    ئويلىنىپ قالدىم ئەمما نىمىلەرنى ئويلىنۋاتقانلىقىمنى بىلەلمىدىم .  چارچاش ھېس قىلدىم .
    ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى .
    دوستۇم ئېلى ئاشارنى ئىزدىدىم . ئۇ  ياش جەھەتتىن مىنىڭدىن خېلىلا كىچىك بولسىمۇ  ، بىز خۇددى قۇرداش ئاغىنىلەردەك ئارلىشاتتۇق . ئۇ  گەپنى ناھايتى تېز سۆزلەيتتى ، ئۆزى   سەل ھىيلىگەر بولسىمۇ  ، ئەمما چىچەن ، خۇشخۇي  ،  ئىنكاسى تېز ئىدى . 250 گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقايدىغان ، ئاقسېرىق ، زىلۋا سەم ئۆسكىلەڭ بويلۇق بۇ بالا ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ  سېلىسارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ،ئەپسوسكى بىكارچى بۇلۇپ قالغانىدى  .  ئاڭلىسام يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ  ، مەلۇم ساخاۋەتچى مەشھور باي كارخانىچىنىڭ سودا شېركىتىدىن ئوبدان بىر خىزمەت تېپىۋاپتۇ . بىر كۈنى بىرەيلەندىن ئاڭلىشىمچە ، ئۇ ھازىر قىزلارغا تەلمۈرۈپ قارايدىغان  غەيرىي قىلىقلارنى قىلىپ   يۈرگىدەك  .
    مەن ئۈچ يىل ئەۋۋال ئۇنىڭغا  :  « كەلگۈسىدە ھەرقانداق داۋان- ئارتتىن ئاشىدىغان  ئەر  بول  !  >. دەپ    «ئاشار» دېگەن تەخەللۇسنى ھەدىيە قىلىۋېدىم ، ئۇ بۇنى دەرھال قۇبۇل قلىغانىدى  .
    -پاھ-پاھ....«مۆچەل»  دەسلەپتە ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىن خىلمۇ-خىل  تارىخىي ئالاقىلەر  سەۋەپلىك  قوشنا خەلىقلەر ئىچىگە  سىڭىپ كىرگەن  ۋە ئۇلاردا مۇۋاپىق ئۆزگىرىش ياساپ ، مىللىي  تۈس ئېلىپ ئوموملاشقان  . «مۆچەل» شەرىقتىكى قانچىلىغان مىللەتلەتنىڭ  ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان  .....مانا مۇشۇنداق قۇرلىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، - دېدى ئۇ  بىر نەرسىنى بايقاپ  ،-ئۇيغۇرلار  «مۆچەل»  نىڭ  5-  رېتىدىكى  « بېلىق»  نى  «بېلىق»  دەپ ئاتايدىكەن  ، پارىسلار  «لەھەڭ» دەيدىكەن  ، خەنزۇلار  بولسا «ئەجدىھا»دەيدىكەن  .....بۇلارنىڭ ھەممىسى  سۇ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  .  سەن مۇشۇ تېپىشماقنى يەشكىن !   ھە ، يەنە بىر  مەسىلە  ، « بېلىق»  ئۈن -تىنسىز ھالدا « ئەجدىھا» غا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقى مەسلىسىگە  كەلسەك ،  بۇنىڭدىكى تۈپ  سەۋەپلەرنىڭ بىرىنچىسى ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۆزىمىزنىڭ  مىراس  « مۆچەل»  لىرىمىزگە  ئېتىبارسىز قارىغانلىقىمىز ۋە لازىم بولغاندا  ، خاس  خەنزۇچە  تەييار ماتىرياللارغا يۆلىنىۋالغانلىقىمىزدىن ....دېگەن قۇردىكى چاتاقنى ئۆزگەرتىپ  ، قېلىپقا  چۈشۈرگىن .  مەسىلەن  ، خەنزۇچە ....دېگەننىڭ ئورنىغا  «باشقا تەييار ماتىرياللارغا»   دەپ ئالساق قانداق  ؟ 
    ھارغىنلىق  ھېس قىلدىم   . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى غۇدۇراپ كەتتىم . لېكىن زادى نىمىلەرنى غۇدىرغانلىقىمنى   بىلىپ بولالمىدىم .
    ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتتى  .  ماڭا بۇ ئوبزورنىڭ سەۋداسى  پەقەت  ئارام بەرمىدى -دە ، دوستۇم دىلشات ساقالنى  ئىزدەپ  دۇكىنىغا باردىم  . ئۇ ھازىر  خۇتۇنى  بىلەن تۇرمىشىمىزنى ياخشىلايمىز  ، دەپ   كاۋاپچىلىق قىلۋاتاتتى .ئۇ مىنى  تولىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى  - ئالدىمغا  بەش زىخ جىگەر كاۋاپ بىلەن   بەش زىخ  ئۈچەي  كاۋاپ ئەكەلدى :  « ھازىرچە گۆش كاۋىپى  چىقىرالمىغۇدەكمەن ، < ئاز يەپ ، ئاسان تىرىل  > دېگەندەك ....شۈكرى .  قانداق قىلىمىز ئەمدى  .....كاج  تەلەي ئادەم ئىكەنمەن . دېھقان يەرگە باغلانغاندەك  ، مەنمۇ مۇشۇ ئىشقا باغلىنىپ قالدىم . تاپقىنىم قۇرساقتىن ئاشمايدۇ ، توختاپ قالاي دىسەم دەسمايىدىن ئايرىلىمەن . ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرچە باشقا ئىشقا قۇدرىتىم يەتمىگەندىكىن  ، بولار  بىر گەپ  ، دەپ مۇشۇ  ئوقەتنى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇراي ، دېدىم ...ھە  ...» ئۇ  سەل ئۇرۇغداپ قاپتۇ  بۇغداي  ئۆڭلۈك  چىرايى قارداپتۇ .  ئۇ ئارىمىزدا ياشتا ھەممىمىزدىن  چوڭراق  ، ساقال-بۇرۇتلۇق ، ئەدەپ -قائىدىلىك  ، پىكىر قىلىدىغان ، ئېتىقادى كۈچلۈك  ، ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان ئىدى  . بىزگە  نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى  .  «بىز مۇشۇنداق زىمىستاندا  توڭلاشقىلا ، تۇمۇز ئىسسىقتا ئاپتاپقا سالغان قاق  گۆشتەك  قىينىلىشقىلا تۆرەلگەنمۇ  ؟بۇ دۇنيادىن مۇشۇنداق ئۆتۈپ  ، < قۇرئان >  دا سۆرەتلەپ بېرىلگەن قاتتىق  سوغۇق  ۋە قاتتىق ئىسسىق بولمايدىغان  جەننەتكە كىرەلەمىزمۇ ؟»  دېدى ئۇ   ۋە «ئەكىلە  موخۇركاڭنى ،  سەن ئاچچىق چىكىسەن ، راسا بىرنى چىكەي»  دېدى  .  ئۇنىڭغا تەسەللىي ۋە مەدەت بەردىم  . ئۇ كۈلۈپ كېتىپ  « رەھمەت . تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشكە ئاللا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر ....سەن مىنى چۈشەنمەپسەن ، مەن دېگەن 1- نۇمۇرلۇق تەن بەرمەس جاھىل  !  بۇ تۇرمۇشتىن چوقۇم ئۇتۇپ چىقىمەن ، شۇنىسىزە  ، ئادەم خوراپ كېتىدىكەن !  بىزدە <  جاچا چەكمەي ، ھالاۋەت يوق  > دەيدىغان گەپ بار ، بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە  ، < بۇ دۇنيادا ياشاپ بولماس چەكمەي جاپا ، ھالاۋەتنى كۆرمەي تۇرۇپ دۇنيا تۈگەر >  دېيىلىدىغان گەپمۇ بار  . ھەي ي .   .......ھېلىمۇ چاتاق يوق  .ھامىنى ئۇتۇپ چىقىمىز !»  دېدى  .ئاخىرى ئۇ  ئوبزورۇمنى تۇلۇق كۆرۈپ  چىقتى -دە مۇنداق پىكىر  بەردى :
    - مۇمكىن بۇلسا ، قانۇن ، ئېتىكا ، ئېستىتىكا ، روھىيەت ئىلمى -يەنى پىسخولوگىيە قاتارلىق  پەنلەر  نۇقتىسىدا تۇرۇپ يازغىن ، -مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ  مىجەزىم يوقتەك بۇلۇپ  ، شۈكلەپ قالدىم  ، كاللامدا ھېچقانداق بىر پىكىر يۈرۈشمەيدۇ  ...
    شۇ ھالەتتە خۇددى مەستۇ -مۇستەغرەق ئادەمدەك  بەش كۈننى ئۆتكۈزۈپ  بۇلۇپ يەنە بىر دوستۇمنى ئىزدىدىم . ئىگىز  بوي ، چوڭ كۆزلۈك  كۈلۈپلا تۇرىدىغان  ، مۇڭداشقاق ، ۋە يۇۋاش بۇ دوستۇمنىڭ  ئېتى ئەخمەتجان بۇلۇپ  ، بىز ئۇنى ئۆزىنى « ئۆزبېك»  دەۋالىدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشىۋەتكەنىدۇق . ئالىي مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى  كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، شەھىرىمىزدىكى قايسىدۇر بىر مەھەلە  ئىش باشقارمىسىدا خىزمەتكە چۈشكەن بۇ  دوستۇم  كونا كىتاب -ژورنال  ، گېزىت -ماتىرياللارنى يىغىپ  ساقلاشقا ھىرىسمەن ئىدى . يەتتە  يېشىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە   بولغان ئۆمرى سىمۇنىت سىنىپتا دەرىس ئاڭلاش بىلەن ئۆتكىنىگە  قارىماي  ، ئۇنىڭ  ساغلام ھەم قامەتلىك ئۆسكەنلىكىگە  ھەيرانمەن . ئۇ  ھازىرمۇ كەچ كۇرىستا ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۋاتاتتى . ئۇ تارىخ بىلەن تېپىشماققا ئوخشايدىغان سىرلىق ئىشلارغا تولىمۇ قىزىقاتتى  . ئۇچار تەخسەقانداق  نەرسىدۇ  ؟  چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى نەدىدۇ  ؟ ئاتىللانىڭ قەبرىسى راستىنلا  دوناي دەرياسىنىڭ  تىگىدىمۇ  ؟  ھېتلىر  زادى ئۆلگەنمۇ ياكى تىرىك قالغانمۇ  ؟  دېگەندەك مەسىلىلەرگە قىزىقاتتى .  ئۇ ھەممىدىن بەك  ئوتتۇرا ئەسىر  فرانسىيىسىدە  ياشىغان نوستىرا دامۇسقا  ھەيران قالاتتى  . تېخىچە بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەن  ، قەلبى  مۆلدۈردەك تازا   دوستۇم ئەخمەتجان  «ئۆزبېك» ئوبزورۇمنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ چىقتى . ئەمما  ئۇ   يازغىنىمنى بىر ئېغىز بولسىمۇ «ياخشى» دەپ قويمىدى  ، ئەكسىچە  ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە   پىكىر  -تەكلىپلەرنى بايان قىلغىلى تۇردى  :

    ئازراق پىكرىم بار  ،-دېدى ئۇ ناھايتى سەزگۈر  ھالەتتە،  ئۆزى خۇددى 1940-يىلللاردىكى جۇڭگو  كومىنىستلىرىدەك ئىككى ئالقىنىدا بېلىنى بوشقىنە قاماللىۋېلىپ ، توختىماي ئۇياق -بۇياققا مېڭىپ ھەم بىردەم -بىردەم ئوڭ  قۇلىنى كۈتۈرۈپ قويۇپ دانە-دانە  قىلىپ سۆزلەيتتى . توۋا ، ئۇنىڭ چوڭ ھەم چېقىر  كۆزلىرى بىلەن ئىگىز بۇرنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئۇ بەئەينى ياش  ماۋزېدۇڭغا  ئوخشاپ قالغانىدى ،-ئوبزورىڭدا تارىخى بىلەن رىئاللىقنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك جۇڭگو  مەدەنىيىتىنى ۋە 5000  يىللىق ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ماركىسىزىملىق دېئالىكتىكا ئۇسولىنى  قوللىنىپ يازغىن . بۈگۈنكى بۈيۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ، ئۆز - ئارا ئىناق تەسىرچان  مۇناسىۋەتنى ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى ، تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى ، كومپارتىيىنىڭ توغرا  رەھبەرلىكى  ۋە چەكسىز غەمخورلىقى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر  ئەدەبىيات  -سەنئىتىنىڭ ، جۈمىلدىن مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ -ياشناۋاتقانلىقىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرگىن ۋە يەنە  شۇنىڭ بىلەن بىرگە  «مۆچەل >.  نىڭ ئەنە شۇ جەھەتتىكى  ئوينايدىغان مۇھىم رولى ، ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلىرىنى تارىخىي ماتىريالىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ ، توغرا  شەرھىيلەپ بەرگىن ، بۈگۈنى ئاساس قىل ، بۈگۈننى گەۋدىلەندۈر . ئالاھىدە ھۇشيار بولغىنكى ، بىلىپ -بىلمەستىن ساقلىنىپ قالىدىغان ھەر قىسما چوڭۇ-كىچىك خاتالىقلارغا قەتئىي ئورۇن قالدۇرما ! ئەنە شۇنداق قىلساڭ  كېسىپ ئېيتىمەنكى ، كاۋاپمۇ -زىقمۇ كۆيمەيدۇ ؛ ھەر قانداق گېزىت-ژورنال تالىشىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىدۇ ؛ ھەر قانداق  تەھرىرگىمۇ ئاۋارچىلىق بولمايدۇ ..........
    مەندە يۇشۇرۇن خارەكىتېرلىق كېسەل بارمىكىن ، دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ھازىر ئۆزۈمدىكى بىر خىل  غەيرىي نورمال ئالامەتنى سەزدىم . دوستۇمنىڭ گىپى بىلەن ئەۋۋەل مىڭەم قاتتىق چىڭقىلدى ، ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن بەدىنىمگە ئاغرىق تاراپ كەتتى ۋە ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . بىر ھازادىن كىيىن سەل ئوڭشالدىم -دە ، تۇرۇپلا ئۆز -ئۆزۈمدىن  ئەنسىرەپ قالدىم . مەن تېخى ئۆيلەنمىگەن ياش تۇرسام ، ھېلىتىن بۇنداق بولغىلى تۇرۋاتسام ....ئەتە-ئۆگۈن مەن ....مەن قانداق بۇلۇپ كېتەرمەن ؟!     يەنە «كۆتۈرەلمىسەڭ  ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك   ھاياتىمدا تۇنجى بۇلۇپ يازغان ئاددى ئوبزورۇمدىن ئەنسىرەپ قالدىم . چۈنكى ئۇ  شۇنچىۋالا كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان تېما بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ ؟!
    شۇ كۈنى كېچىسى  بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆردۈم : غۇۋا يۇرۇق چەكسىز ئورمان ، يالغۇز كېتىۋاتقۇدەكمىشمەن . يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇپ :«ئىتتىك ماڭ!» دېگۈدەك ، ئەمما شۇنچە كۈچىسەممۇ قەدەملىرىم بەك ئېغىر ھەم بەك ئاستىكەن . دەرەخلەرگە  قاراپتىمەن ، بەك كۆپ سان-ساناقسىز .......بەزىلىرى تۈز ، بەزىلىرى ئەگرى  ، بەزىلىرى توم ، بەزىلىرى ئىنچىكە ،يەنە بەزىلىرى ياشىرىپ ۋە قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۇرغان ، يەنە بەزىلىرى قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ قالغان ، بەزىلىرى سۇنغان ، يەنە بەزىلىرى بولسا ، پورلىشىپ كەتكەنىكەن ....ئالدىمدا ...يىراق يەرلەردە ...سەل-پەل ئېگىزدە يوغان بىر قۇياش نۇرى ئاجىزلىغان   ھالدا ، يوغان بىر ئالتۇن تاۋاقتەك  مۇئەللەقتە ساڭگىلاپ  تۇرغىدەكمىش . باشقا ئەھۋاللار ئېنىق ئەمەس . كۈن چىقىۋاتامدۇ ياكى ئولتۇرۋاتامدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، بىلەلمىدىم....ئۇشتۇمتۇت ،ناھايتى تۇيۇقسىز ، شەپىسىز ئارقامدىن بىرسى پەيدا بولدى ، دەرھال قاراپ قورقۇپ كەتتىم . سايە ، ياق -ياق   ، بىر قارا گەۋدە .  ياق بىلەلمىدىم . ئىشقىلىپ ، بىرەيلەن . ئۇ ماڭا : «سەن ھېلىقى ئوبزورنى يىرتىۋەت ،  كۆيدۈرۋەت ، ھاجەت قىلغاندا كۆتۈڭنى ئېرتقىن . ئاگاھلاندۇرىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن  بىر نەرسە يازىمەن دېمە!» دەۋاتقۇدەك . ئۇنىڭ ئاۋازى تۇنۇشتەكلا قىلىدۇيۇ، كىمنىڭ ئاۋازىلىقىنى ئېنىق بىلەلمەيۋاتقۇدەكمەن ......يەنە ئۇشتۇمتۇت ....يەنە ناھايتى تۇيۇقسىز ...يەنە شەپىسىز  ئالدىمدا بىرسى پەيدا بولدى ، دەرھال قاراپ ، قورقۇپ كەتمىدىم .  نۇر .....ياق-ياق، بىر  يۇرۇقلۇق .....ياق.بىلەلمىدىم.ئىشقىلىپ ،  بىرەيلەن.  ئۇ ماڭا:«سەن ھېلىقى ئوبزورنى يىرتىۋەتمىگىن ، كۆيدۈرۋەتمىگىن ،ئاگاھلاندۇرىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن  بىر نەرسە يازىمەن ، دېگەن ئىرادەڭدىن قايتمىغىن !» دەۋاتقۇدەك . ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ يېقىملىق بۇلۇپ ، تۇنۇشتەكلا قىلىدۇ يۇ، كىمنىڭ  ئاۋازى ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيمەن ...

         ئارىدىن ئالتە كۈن ئۆتكەندە ، تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم :« 40 يىلدا بىر ئېشەك ئۇيۇنى » دېگەندەك ، ئۆمرۈمدە تۇنجى يازغان نەرسەم ماڭا بىر بالا بولدىغۇ ئەمدى .  .......!  قانداق  گەپ بۇ ؟!قېنى ، يەنە  بىرسىگىمۇ كۆرسۈتۈپ باقايچۇ ، ئۇ نىمە دەيدىكىن....
    شۇنىڭ بىلەن نانۋاي دوستۇم ھامۇت  چىڭگىزنى ئىزدەپ ، ئۇنىڭ ناۋايخانىسىغا كىردىم .« ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ، « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام » .
    ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ  ئارام ئېلىپ ئولتۇرغانىكەن ، مىنى قارشى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى . بىز قول سىقىشىپ كۆرۈشتۇق   ۋە بىرەر قۇر تىنىچ ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ھەم ئۇزۇن ، ھەم توم قىلىپ موخوركىدىن بىرنى ئورىدۇق -دە ، بىردەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇردۇق . بىر تال موخۇركىنى تەڭ چىكىشىپ ئولتۇرغاچ كىلىش مۇددىئايىمنى ئېيتىۋىدىم ، ئۇ رازىمەنلىك بىلەن :  « بولىدۇ » دىدى . باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگۈتۈپلا ناۋايغا شاگىرت بولغان ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنسۈرۈك بىر ئۇستا بۇلۇپ يىتىشكەن ، ئۇستىسىدىن دۇئا ئېلىپ ، ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىۋالغان بۇ دوستۇم قاپىقى يامان ، بىر ئاز پىخسىق ، جاھىل ، تەرسا ، دەۋاسى قاتتىق، قوپال ھەم ئاغزى  بىزەپ ، مىجەزى ئوسال بىر يىگىت ئىدى. قىسقىسى ئۇنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن ئىدى . ئۇ پۇل تاپىمەن ، دەپ   ھەپتىلەپ ، ئايلاپ   دەم ئالمايتتى . ھازىرغىچە ئۆيلەنمىگەن بۇ بويتاق دوستۇم فىزىئولوگىيىلىك ئىھتىياجى قوزغالغاندا ................ئاندىن يانچۇقىغا بىرەر ئىككى يۈز  سوم پۇلنى سالاتتى -دە ، كوچىمۇ-كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى ھەمراھتىن  بىرنى تاپاتتى ، ئۇنىڭ بىلەن قېنىشىپ بولغاندىن كىيىن ھاراقنى تازا ئىچىپ ، ئۆلگىدەك مەس بولىۋالاتتى .  ئۇ بەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا :  « مەن يا پىچىۋىتىلگەن بۇققا بولمىسام !؟ ئوينىسام نىمە بوپتۇ ! » دەپ قوياتتى . ئۇ بەزىدە ھەتتا ئادەم قېلىپىدىن چىقىپمۇ قالاتتى . ئۇنىڭ ئەڭ  رەزىل قىلمىشى شۇكى ، ئۇ بىر قېتىم غىتمەك بىلەن بەچچىۋازلىق قىلشىپتۇ ! ئۇ دەسلەپ : «ئوغۇلبالا ئەركەك  بولغاندىكىن ، ھەممە ئىشنى قىلىپ كۆرۈشى كېرەك  ،  بۇنىڭ نىمىسى يامان ! » دەپ ئۆزىنى  ئاقلىدى . كىيىن دوستلارنىڭ ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەنگەنلىكىنى بىلدى -دە ، « خاتا قىپتىمەن ، توۋا قىلسام بولمىدىمۇ ؟!» دېدى .  ئاخىرى ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە : « مەن ساراڭكەنمەن ...ياق ! ساراڭمۇ ھەرگىز ئۇنداق پەسكەشلىكنى قىلمايدۇ .....مەن ......مەن ...توۋا قىلدىم . ئۆز ۋاختىدا  لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بەچچىۋازلىق قىلشىپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئاللا ئۇلارنى جازالىغانىكەنغۇ !؟ پەخىرلىك بوۋىمىز ، ئۇلۇغ خاقانىمىز  سەئىدخاننىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى بوۋىمىز بابورخانمۇ بەچچىۋازلاردىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن ئەمەسمىدى !؟ دېدى . بىراقزە، بۇ تەرى سۆرۈن دوستۇم كىتاپ -ژورنال  ،گېزىت  دىگەنلەرنى ئالا قويماي ئوقۇيتتى . پىكىر قىلاتتى ، گەپ -سۆزلىرى جايىدا ئىدى . ئىچكى -تاشقى ۋەزىيەتكە كۆڭۈل  بۆلەتتى ، نەدىن سۆز باشلىساڭ  « بىلىمەن ! »  دەپلا قوپالايتتى . تارىخىقا ، سىياسىيغا  ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئەڭ  قىزىقاتتى ...
    ئۇ ئوبزورنى كۆرۈپ بۇلۇپ ،كىملەرنىدۇر ئىلىمدىكى مەسئولىيەتسىزلكتە قاتتىق ئەيىپلىگەندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى :
    -ئوبزوردا مەھمۇد قەشقىرى تەمىنلىگەن  « مۆچەل» گە ئائىت تارىخىي ئۇچۇرلار   بىلەن خەلقىمىز  ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن « مۆچەل » قوشاقلىرىدىن بىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ  ناھايتى ياخشى قىپسەن ، ياشا  !  ....دېدى ئۇ  ۋە گېپىنى يۆتكەپ مۇنداق مەسلىھەت بەردى :
    -ئوبزورنى يەنىمۇ كۆلەملەشتۈرگىن .
    ئالايلۇق : «  مۆچەل» نىڭ تارىختا ھەربىي ئىشلاردىكى رولى ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە تۇتقان ئورنى   ، ئاستۇرنۇمىيە پېنى بىلەن ، شېئىرىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دېگەندەك تەەرپلەرنى ئېنىقلاپ چىققىن ، ئاندىن تىلنى ئۆتكۈر قىل ، ئوبزور قىسقا بۇلۇپ قاپتۇ ، ئۇزارتقىن ، مەيلى ئۇ زور ھەجىملىك  ئىلمىي قەمۇس بۇلۇپ كەتسىمۇ .
    باش قېتىنچىلىقىدا قالدىم . ئاددىيغىنە بىر پارچە ئوبزورنىڭ كۈنسېرى شۇ قەدەر مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئازراقمۇ ئويلىمىغانىكەنمەن . ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتۈپ كەتتى . ئۆزۈمچىلا ئاچچىق ئارلاش  جاھىللىقىم تۇتتى -دە ، يەنە قانداق پىكىر -تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى بىلگۈم كىلىپ ، دوستۇم ئەزىمەت ساقچىنى ئىزدەپ ، ئۆيىگە  باردىم . ئاق-سۈزۈك ، ۋىجىك ، خوشخۇي ، نازۇك تەبىئەتلىك ، سۆھبەتخۇمار بۇ دوستۇم توي قىلىش ئالدىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭ لايىقىمۇ ئوماق ۋە چىرايلىق ، تۈزۈك  ۋە كېلىشىملىك بىر قىز ئىدى . ئەزىمەت ساقچى قاچانلا كۆرسەڭ « تۆنۈگۈن  بىرسىنى تۇتىۋالغان ئىدۇق ، ئۆيىدىكىلەر  ئۇنى ئىتتىكرەك ئېلىپ  چىقىپ كېتىش غەرىزىدە بىزنى  قاتتىق مىھمان قىلدى ، راسا يەپ ئىچىپتۇق .....كۆپرەك ئىچىپ قويغانىكەنمەن ، بۈگۈن  چىشلىۋاپتۇ . تۇڭگان ئاشخانىسىغا كىرىپ ئاچچىق-چۈچۈك بىر نەرسە ئىچىپ چىقاي » دەيتتى . ..........................................................................دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى .
    ئۇ ، ئوبزورنى كۆرۈپ بولغاندىن  كىيىن : « مىنىڭچە  بىر نەچچە مەسىلە بار ئىكەن » دېدى تاماكىسىنى قاتتىق-قاتتىق  بىر قانچىنى شورىۋېلىپ :  -« بىر كۈنلەرگە  بارغاندا < تاشقا ئايلانغان بېلىق > نى تارىخ موزىيىغا قويۇپ پەخىرلەنگىمىز بارمىكىن يا » ، < بېلىق > < سۇ > دىن ئايرىلالماسلىقى كېرەك  » ، « ئۇيغۇرغا < ئەجدىھا > دېيىلىدىغان ئەپسانىۋى غەلىتە مەخلۇققا   قارىغاندا ،  < بېلىق > دەپ ئاتىلىدىغان رېئال ، نەسلى قۇرۇپ كەتمىگەن مەۋجۇد ھايۋاننىڭ نامى تونۇشلۇق ئىدى  » ۋەھاكازا دېگەندەك جايلىرىنى چىقىرۋەتكىن .  ئوبزور سەل  جىق يېزىلىپ قاپتۇ ، قىسقارتقىن . ئېسىڭدە بولسۇنكى  ، يازغان نەرسەڭ  ھەرگىز سىياسىيغا   تاقاشمىسۇن !  بۇنداق دىسەم ھەيران قېلىۋاتىسەنغۇ  ؟ ھازىر ۋەزىيەت كەسكىن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ يۈرمە -يەنە !
    بىر نەرسە يازىمەن دېگەنگە « داد-پەندىيات  »  دەپ توۋلاپ سالغىلى  قىل  قالدىم . قورقۇپ قالدىم .  توۋا ، توۋا  ؟! 
     « يىتىمىنڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە ، بۇرنى قاناپتۇ  » ، « يىتىمنى ئات ئۈستىدە ئىت چىشلەپتۇ » دەپتىكەن ئاتا- بوۋىلىرىم.
    ئاھ ، پەرۋەردىگارىم ، قۇرۇق سۆز ، قۇرۇق تۆھمەتتىن ، ھەر  بالا ، ھەر قازا دىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن ! سەن ماڭا ئىگىسەن ھەم ماڭا سەن ئەڭ كۇپايىسەن ، جىن شەيتانلارنىڭ شەرىدىن  پاناھ تىلەيمەن ، ئادىمىي شەيتانلارنىڭ شەرىدىن پاناھ تىلەيمەن ! قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئەنە شۇنداق دۇئا قىلىشقا مەجبور بولدۇم ....ماۋۇ ئاداش نىمە دەپ يۈرۈيدۇ ؟  سىياسىي.....بىرنىمە...بىرنىمە....دەيدۇيا  ؟ 
    ئەمەلىيەتتە سىياسىي دىگەن زادى نىمە ئۇ ؟  بىلمەيمەن .
    چۈنكى سىياسىينى چۈشەنمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ ئوغلىمەن ...بىراق ،  ئوبزورۇم ...ئۇ ئاخىرى قانداق بۇلۇپ  كېتەر ؟ بولدى قىلاي دىسەم ، كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ !  ئەستەغپۇرۇللا ....
    بۇ كۈنى كېچىسى يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن ، ئەمما قەتئىي ئەسلىيەلمىدىم . بۇ چۈشنىڭ غۇۋا ساقىندىلىرى مۇنۇلار :
    نۇرغۇن ئىت   ۋە كۈچۈكلەر ، بۇت ۋە كىرىست بەلگىسى ، قىزىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ -مانا شۇلاردىن ئىبارەت .
    ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاغزىمنىڭ چۆرىسىگە قوقاق چىقىپ كەتكىنىنى بىلدىم . ھىساپلىسام ساپمۇساق 15 سائەت ئوخلاپتىمەن ، قۇرسىقىممۇ ئېچىپ كوركىراپ كىتىپتۇ ، چوڭ -كىچىك تەرەتلەرمۇ قىستاپ كېتىپتۇ .....يائاللا ....نىمە   ئىشلار  بۇلۇپ  كەتتى-ھوي.........راست،راست .....توغرا ،شۇنداق  ! قۇرقۇپ كېتىپتىمەن ھەم ئېغىر دەرىجىدە چارچاپ كېتىپتىمەن ......
    ئارىدىن يەنە سەككىز -ئون كۈن ئۆتۈپ كەتتى .
    ئىرادەم بوشاشمىدىم، ئوبزورۇم توختىماي ماڭا ۋەسۋەسە سېلۋاتاتتى ، قارىغاندا ، ئۆيمۇئۆي  كىرىپ  توختىماي غەيۋەت قىلىدىغان ھازازۇل خوتۇنلارنىڭ كوت-كوت  مىجەزى سىڭىپ قالغانغا ئوخشايدۇ . ياق .......كوت-كوت مىجەزى ئەمەس، توغرىسى -خۇمسى مىجەز !  بۇنىڭغىمۇ ئانچە بەك ھىەيران قالمايمەن ، ھۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئەركەك مىجەز ئەرلەر ئاز قالدى ، تولىسى < ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇلارنىڭ تەركىبىدە > خۇمسى مىجەز . 

    شىماللىق بىر ئوقۇتقۇچى قىز بولىدىغان ، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇرتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى بولغانىدى ، ئۇ بەلگىلىك بىلىم سەۋيىسىگە ئىگە ، سەزگۈر ۋە ئەقىىللىق ،تەپەككۇرغا باي ، پىكىر قىلىپ تۇرىدىغان ، كۆزلىرىدىن خىيالچانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ، مۇڭداشقاق ۋە چىقىشقاق ، ئۆزى تۈزۈك كەلگەن بىر ياخشى قىز ئىدى .   ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى  ، ئادالەتپەرۋەر ۋە ھەققانىيەتچى بۇلۇپ ، ھەرقانداق ساختا ھەقىقەتنى شۇ زاماتلا بىلىۋالىدىغان ھەم ئۇنىڭغا يۈرەكلىك ھالدا قارشى تۇرالايدىغان خىسلەتكە ئىگە ئىدى . ئۇ بىر يېڭىلىقپەرۋەر- ئىدىيىسى ئازات ئىسلاھاتچى ئىدى . ئۇ ، دېڭ    شىياۋپىڭغا  بەك قايىل ئىدى . ئۇ ھەقىقىي بىر ئىسلاھاتچى  ، دەيتتى ئۇ  . ئۇ قىزدىكى غەيرەت -شىجائەت خېلى -خېلى ئەرلەردە تېپىلمايتى . ئۇنىڭدىكى ئىقتىدار خېلى -خېلى ئادەم بالىلىرىدىن تېپىلمايتتى .

    ئۇ ئەرەپ تىلىدىن دەرىسلىك كىتاپ تۈزۈپ ، نەشىر قىلدۇرغانىدى ، تېخى  توي قىلمىغان بۇ گەپتان قىز  ئاشۇ كىتاپقا ئائىت بىر ئىشلار بىلەن بۇ شەھەردە ۋاقىتلىق تۇرۋاتاتتى .

    بۇ قىزنىڭ ئىسمى بۇۋى مەريەم ئىدى .  مەن بۇ پىكىردىشىمنىڭ تۇرىۋاتقان يېرىگە ئۇنى ئىزدەپ باردىم . ئۇ بارىكەن . ئەھۋاللاشتۇق .

    -ئۆتكەندە ياشلار  ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى بىر يۈرۈش  12  پارچە  « مۆچەل»  كىتاپچىسىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى . شۇنىڭدا  « بېلىق »  دەپ ئالدىغۇ ؟-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ .

    -ئۇغۇ شۇنداق بولغان ،-دېدىممەن چۈشەنچە بېرىپ ،-لېكىن ، بۇ ھەقتە ئايرىم بىر نەرسە يازمىسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن .

    -سەۋەپ؟-دېدى ئۇ .

    -بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئىككى نەپەر  گاچا ئايالنى كۆرگەنىدىم . ئۇلارنىڭ بىرسى ئۇيغۇر يەنە بىرسى خەنزۇ ئىكەن . ئۇلار  يوغان ھەم كىرلىشىپ كەتكەن بىر پارچە ئەسكى لاتتىغا « شىياڭگاڭدىن كىرگەن ئەڭ يېڭى  ئېلىكتىرون مىڭىلىق مۆچەل تەبىرلىرى » دەپ يېزىۋاپتۇ . ھەربىر ۋارىقىغا بىر مۆچەلنىڭ تەبىرى بېرىلگەن قەغەزنى بىر  سومدىن سېتىۋاتاتتى . كىشىلەر  :  « مەن ئىت يىللىق »، « سەن توڭغۇز  يىللىق  » ..دېيىشكىنىچە  ، خۇددى چىنتەمەنى ئەڭگۈشتەرنى تالاشقاندەك تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتاتتى .ئۇ  قەغەزگە ئادەمنىڭ ھەتتا  قانچە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردىغانلىقىمۇ يېزىلغانىكەن . مەسلەن،  توشقان يىللىق ئادەمدىن 10 مىڭى بولسا ، ئاشۇ 10 مىڭ نەپەر توشقان يىللىقنىڭ  ھەممىسى ئوخشاش ئۆمۈر كۆرىدىكەن !  ئاڭلىدىڭىزمۇ  ؟ ئادەملەر  شۇنىڭغىمۇ ئالدىنىپ يۈرۋاتمامدۇ ...قارىسام ، « مۆچەل»  نىڭ بەشىنچى قاتارىدا  «  بېلىق  »   كۆرۈنمەيدۇ ، ئەكسىچە « ئەجدىھا  » تولغانغان ھالدا ھەيۋەت بىلەن تۇرىدۇ . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر كۈنى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا  ھېلىقى ئىككى ئايالنى يەنە كۆرۈپ قالدىم  !  بىر پارچە ھەم يوغان ھەم كىرلىشىپ كەتكەن كونا  لاتتىغا :  « شىياڭگاڭدىن  كىرگەن ئەڭ يېڭى  12 < مۆچەل >نى داغدۇغۇلۇق قانات يايدۇرايلى !» دەپ  يېزىۋاپتۇ  . شىياڭگاڭ -شىياڭخەينىڭ ، گۇڭجۇ-شىنجننىڭ ، پاكىستان -كەشمىرنىڭ ، ئورۇسنىڭ ، ھەرەمنىڭ ........دەپ قويسا  ، بىز خەقنىڭ قانداق سىياھقا ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقىمىزنى سىز ئوبدان بىلىسىز  ....مۇنداقلا  سۈرۈشتۈرسەم ، ئۇ ئىككى ئايال  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  دەمدۇ ، شەھەرلىك  دەمدۇ ، ئىشقىلىپ  « بىر نىمە » لىك .....مىيىپلار  جەمئىيىتىدىن ئىكەن .بۇ كۈنىمۇ  مۆچەل قەغىزىدە « بېلىق »    يوق  . « ئەجدىھا  » تۇرىدۇ  . يېقىندا ياشلار  ۋە ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 12 كىتاپچىنى نەشىر قىلىپ بەك ئوبدان قىلدى . « بېلىق » نى كۆپ سانلىق ياشانغانلار بىلەن ئاز  سانلىق ئوتتۇرا ياشلىقلار  ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئەمما ناھايتى كۆپ سانلىق ياشلار بىلمەيدۇ .  قايسى بىر كۈنى بىرەيلەن :  « بالام 1988-يىلى  تۇغۇلغان ، ئەجدىھا   يىللىق  » دەۋاتىدۇ . مەن :  « ئەجدىھا ئەمەس  ، بېلىق !  » دېسەم ، ئۇ ئادەم  ماڭا  بەئەينى چاھارپايغا ئوخشاش چەكچىيىپ قاراپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر تاغار  سۆزلەپ كېتىپتىمەن ، تولىمۇ ئەپسوس ! ئۇ ، يا  ، ياق ، يا، ھە دېمىدى.بۇنىڭغا كۆڭلۈم  بەك يېرىم بولدى دەڭا .

    بۈۋى مەريەم گەپلىرىمنى  زەڭ قۇيۇپ ئاڭلىغاندىنكىيىن :

    --چۈشەندىم، قىلغىنىڭىز ناھايتى توغرا بوپتۇ . سىزمۇ ماڭا ئوخشاش  ھەقىقەتچىكەنسىز جۇمۇ.  « ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ».ھەقىقەتچى ئادەمنى خەلىق ھامىنى بىر كۈنى چۈشۈنۈپ يىتىدۇ  ۋە قەدىرلەيدۇ ،-دىدى . مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم ھەم ئۇنىڭ بۇ ئوبزورغا  ئوبدانراق پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى ئۆتۈندۈم . ئۇ بىر ئازغىنە خىيال قىلىپ تۇرۋالدى-دە ، ئۆزى زۆرۆر  دەپ بىلگەن پىكىرلىرىنى  ئوتتۇرغا قويدى :
    -ئوبدان يىزىپسىز يەنىمۇ تىرىشىڭ !  - دىدى ئۇ ھاياجانلىق  بىلەن سۆزلەپ ،- «  مۆچەل »  بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، ئۇنى تاللىۋېلىپ توغرا قىپسىز ، مىنىڭچە ، « مۆچەل »  نىڭ ئۇيغۇر تارىخى  ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ، سالمىقى ؛ تارىختىن بۇيانقى ماتىماتىكا ، دىن-ئىدېئولوگىيە ، مۇنەججىملىك ، يېزا -ئىگىلىكى ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، ئوۋچىلىق ، قول -ھۆنەرۋەنچىلىك ، ئۇرۇش  ۋە تۇرمۇش  ، دۇنيا قاراش  قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىڭ ۋە يەنە   بۈگۈنكى ئەھمىيىتى  توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىڭ ،- ئۇ شۇلارنى  دىدى . ئاھ  تەڭرىم دەۋەتتىم مەن .
    ئۆز -ئۆزۈمگە  قىيداپ  يۈرۈپ يەنە توققۇز كۈننى ئۆتكۈزۋەتتىم  -دە ، دوستۇم ئابلەت ئەسمەرەمنى ئىزدىدىم . باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدە تۈرۈك خەلىق ناخشىلىرىدىن « ئەسمەرەم» نى ئېيتىشقا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنى « ئەسمەرەم» دەۋالغانىدۇق . شوپۇر بۇلۇش ئالدىداتۇرۋاتقان بۇ وبيتاق دوستۇم بويى پاكار  ، قاراماتاق  ، كۆزلىرى  نۇرلۇق ، شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان ، مۆجىزىسىمان ئىشلارغا قىزىقىدىغان يىگىت ئىدى ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن  ھەر خىل  غەلىتە ۋە ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق . « جەنۇپقا تۇققان يوقلىغىلى بارغاندا ،- دەيتتى  ئۇ بەزىدە ،-بىر كۈنى ھويلىدىكى كارۋاتتا  ئولتۇۇرپ  كىتاپ كۆرۋاتاتتىم  ، ھاۋا ئۇچۇق ئىدى ، تۇيۇقسىز شارقىراپ يامغۇر ياغدى -دە ، بىردەمدىلا ھويلىنى سۇ قىلۋەتتى ، توۋا دىدىم ، غەلىتە يېرى شۇكى ، مەن بار كارۋاتقا بىر  تامچىمۇ  يامغۇر چۈشمىدى جۇمۇ !  كىتاپنى خاتىرجەم ئولتۇۇرپ ئوقىۋەردىم » ................بىر  كۈنى كىچىدە يالغۇز كىىتۋاتسام  ، ئالدىمغا بىر ئايال كىشى ئۇچرىدى ، يېقىن كەلگەندە قارسام ئەسلى بىر  ئەركىشى ئىكەن » دەيتتى . « سالام قىلاي  دەپ تۇرشۇمغا ئۇنىڭ ئەسلى بىر  غىتمەك ئىكەنلىكىنى   بىلىپ  قالدىم -دە   ، ئادەمدەك ياشا سەي ئەخمەق ، بۈيۈك ئاتىمىز ئادەمنىڭ شەنىنى بولغىما !- دىيىشىمگە ئۇ بىر قېرى ئاق ئۆچكىگە  ئايلىنىپ قالدى ! ئاللا ....بۇ ئەسلىدە بىر ئالۋاستى ئىكەن ،-دەپ بەدەر قاچتىم » دەيتتى .

    -ناھايىتى ياخشى يىزىپسەن ، يارايسەن ! -دېدى ئۇ قابىليىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم  مەدھىيە ئوقىغاندىن كىيىن ، پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى  :
    -ئەپسوس  ،بەك ئاز بۇلۇپ قاپتۇ . ئەسرىڭگە  قارتا پىكرىم مۇنداق :« مۆچەل»  نىڭ دۇنيا كالىندارچىلىقىغا ، ئالەم قاتنىشى ، ۋاقىت ھىساپلاش  پەن تېخنىكىسى ۋە كومپىيوتېر  ئىلمىگە ، جاھان مەدەنيىتى ۋە تەرەقىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى باھالىغىن ، مۇئەييەنلەشتۈرگىن ، ھاۋارايى ئىلمىگە  تەسىر كۆرسەتكەنمۇ -يوق، بۇ ھەقتە ئىزدەنگىن . بېلىق يەر  شارىغا قاچان ، قايسى  دەۋىردە پەيدا بولغان ؟ بۇ ئەڭ مۇھىم !  بۇنى كېلىمات ، تەبى.ەتشۇناسلىق ، ھايتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، لوغەتشۇناسلىق ، كەلگۈسىشۇناسلىق ، جانلىقلار تەدرىجىي تەەرققىيات نەزەريىسى  قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە  پەن ۋە نەزەرىيە نۇقتىسىدا تۇۇرپ تەتقىق قىل ، جۇغراپىيە ، ئارخېئولوگىيە ، گىئولوگىيە ،ھەتتاكى فىزىكا -خىميە ، ئالگېبرا  ، گېئومىتىريە  قاتارلىق بارلىق پەنلەر نۇتىسىدىنمۇ تەتقىق  قىل .
    ......ئاندىن بېلىق گۆشىدە  مول ئوزۇقلۇق قىممىتى  بار ،دەيدۇ ، شۇڭا ئىنكانقەدەر  ....ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات نەتىنجىلىرىدىنمۇ مەلۇم تەركىب قوشۇپ ئۆتكىن ،دىمەكچىمەن ،  ئۇيغۇر  «  مۆچەل »ىدە كۆرسىتىلگەن « بېلىق »  ئالتۇن  بېلىقمۇ، تاسما بېلىقمۇ ؟ ئىت بېلىقىمۇ ياكى كارىپ بېلىقىمۇ ؟ مانا مۇشۇلارمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئىمكانىيىتىنىڭ يا ر   بەرگەن بولسا بېلىقچىلارنىڭ ئارىسىدا بىرەر يىل ياشاپ  ، تۇرمۇش ئۆگەنگەن بولساڭ بەك ياىشى بولاتتى . بىراق، ئەپسوس  ،  بۇنىڭغا شاارئىت يوق . ئەجدىھاغا  كەلسەك  ، ئۇنىڭ زادى مەۋجۇد  بولغان بولمىغانلىقى توغرىسىدا   ، خەنزۇ مىللىتىدە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئېتىقاد  چۈشەنچىسىنىڭ نىمىشقا شۇنچىلىك كۈچلۈكلىكى توغرىسىدا ئىزدىنى قىلغىن . ئومومەن  خەنزۇلار  ئەجدىھانى  تۆت پۇتى بار ، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدىغان ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ھەركەت قىلاللايدىغان غايەت زور مەخلۇق ، دەيدىكەن . بۇنىمە ئۈچۈن ؟ ئەجدىھا  ئوبرازى ئات باشلىق ، بۇغا مۈڭگۈزلۈك ، بۈركۈت تىرناقلىق ، يىلان تەنلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىدىكەن ، بۇمۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ھەي ي .
    ....سەن ئەڭ ياخشىسى خەنزۇ تىل-يېزىقىنى راۋرۇس بىر ئۆگەنگىن ، شۇ چاغدا ئەجدىھانىڭ سىرىنى توغرا بىلەلەيسەن . مانا شۇلارمۇ  بەك مۇھىم . يىزىپ ئېيتقاندا ، يۇقىرقىلار  بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا موسا ئەلەيھىسسالام قىسسىسى بىلەن خىلمۇ -خىل مىللەتلەردىكى ئەجدىھاغا ئائىت ئەپسانە-رىۋايەتلەر ، فانتازىيە ھەم سەنئەت (  ھەيكەلتاراشلىق ، نەققاشچىلىق ، رەسساملىق ) دىگەنلەرنىمۇ ئاساس قىلىپ ئوتۇرۇپ ئىزدىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ ، ئوبزورنى قايتىدىن بىر يېزىپ پۈتكۈزىدىغان بولساڭ.....يا  ھەزرەت !  يا خۇدا ! كارامەت بىر ئەسەر بولغان بولاتتى-دە ! . بولسا شۇنداق قىل .

    يا ئاللا ئىگەم ، ئوبزورۇمغا ئەڭ ياخشى ، شۇنداقلا ئەڭ دەھشەتلىك پىكىر بەرگەن  دوستۇم مۇشۇ ئابلەت ئەسمەرەم بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە ؟!  مەن بۇ « ئەسەر » نى يازالارمەنمۇ -يازالماسمەنمۇ؟ دوستلىرىمنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلش ئۈچۈن  ئالدى ئەلفارابىي ، كەينى ئابدۇزۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىگە  ئوخشاش پەننىڭ ھەممىلا ساھەسىگە  تەڭ ھۇجۇم قىلىپ ، مۇتەپپەككۇر ، پەيلاسوپ ، دانىشمەن بۇلۇشۇم كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن 70-80  يىل ئۆمۈر كۆرۈپ  ، ساغلام ھەم « خىزىر سۈپەت » بوۋاي بولالىشىم كېرەك ..... قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم . راست ، مەن تېڭىرقاپ قالدىم . ناۋادا « ئەسەر » ىمنى ئۆز ھالىتى بىلەن  مەلۇم گېزىت ياكى ژورنالغا ئېلىپ بارسام ، گويا   جگننەت بىلەن دوزاققا  مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە  ئوخشاپ قالىدىغان  ئاشۇ جفپاكەش تەھرىرلەر  نىمە دەيدۇ  تېخى . ناۋادا دوستلىرىمنىڭ دېگىنىدەك قىلسام (توغرىسى ، شۇنىڭغا جۈرئەت قىلالىسام ) ، « ئەسەر»ىمنى يېزىپ بۇلۇشقا ئۆمرۈم يىتەرمۇ ؟! قانداق قىلسام بۇلار . يەنە بىرسىنى ئىزدەپ كۆرەيمۇ ؟ ئەمدى ئىزدىمەكچى بولسام كىمنى ئىزدەي . ئىشەندىمكى ، يەنە ئىزدەيدىغان بولسام ، ئۇ ھالدا جەزمەن باشقا بىر تۈرلۈك « ئەسەر » يېزىشىمغا توغرا كىلىدۇ ، ناۋادا شۇنىڭغا قەلەم سەۋيەم يەتسىلا ! كىسىپ ئېيتىمەنكى ، بۇ سۆيۈملۈك دوستلىرىمنىڭ دىگىنىچە بولسا ، ئۇلار مىنى يا جاھاندىكى ئەڭ بىلىملىك قەلەمكەش ئالىمغا ئايلاندۇرۇپ چىقىدىغان  ياكى بولمىسا ، مىنى مەڭگۈ  بىر نەرسە يازالمايدىغان ، ھەتتاكى بىر نەرسە يازىمەن دىگەن خىيالنىمۇ قىلالمايدىغان بىر ئادەمگە ئۆزگەرتىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ .


                             
                                               ئاپتورى: ئادىل  يىلدىرىم 
      
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادىل يىلدىرىم