ئاپتوبۇستىكى پاراڭ 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:14:39

ئاپتۇبۇستىكى پاراڭ 1كىچىكىمدىن تارتىپلا خىيال سۈرۈشكە ئامراق ئىدىم. خام خىيال ئەمەس، ئەمما! يېقىننىڭ ياقى ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا ئاپ...

     


     ئاپتۇبۇستىكى پاراڭ 1

    كىچىكىمدىن تارتىپلا خىيال سۈرۈشكە ئامراق ئىدىم. خام خىيال ئەمەس، ئەمما! يېقىننىڭ ياقى ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆتكەن - كەچكەننى كۈزىتەتتىم. بېكەتتىكى ھەرخىل كىيىنىشكەن، ھەرخىل روھىي كەيپىياتى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئادەملەرنى كۆزىتىپ، ئۆزۈمچە ئۇلارنىڭ نەگە ماڭغىنىنى، نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئەمما يېقىننىڭ ياقى ئۈرۈمچىدە كىچىك ماشىنىلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى، ماشىنا قويۇش مەيدانلىرىدىكى قىستا-قىستاڭچىلىقتىن ئىچىم پۇشۇپ، ھەركۈنى بىر كوينى مىجىقلاپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى - ئاپتوبۇسقا قاراپ يۈگۈرىمەن، قاراپلا پاكىزراق بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇرىمەندە، قۇلاققا نائۇشنىكنى سالىمەن. ئەمەلىيەتتە نائۇشنىكتىن ھېچنىمە چىقمايدۇ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرىمەن، ئەمما قۇلاق ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە تاشلاقلىق. شۇڭا بەزىلەر مەيلى بىز مىللەت ياكى باشقىلار بولسۇن، ئىشقىلىپ ۋەھشىي چەت ئەللىك چىقىپ قالمىسىلا ھەممىسىنىڭ سۆزلەشكەن تېلېفونى ياكى يېنىدىكى تونۇشى، بۇرادىرى ۋە ياكى ئاتا - ئانا، بالىلىرىغا قىلغان ھەرخىل گەپ - سۆزلىرى قۇلاققا كىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزۈمچە ئۇلارنىڭ قىلغان گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقىمەن، ئاندىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە يېنىمغا ياكى ئارقامغا قاراپ ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئۆزەمنىڭ تەسەۋۋۇرى بىللەن سېلىشتۇرىمەن، تۇرقىغا  قاراپ ئاغزىدىن چىققان گەپلىرىنىڭ ئىشىنىش دەرىجىسىنى، پايدىلىنىش قىممىتىنى بېكىتىپ قويىمەن، قۇلاققا نېمە دەپ نائۇشنىك سېلىنىدۇ، يەنە كېلىپ قۇرۇق نائۇشنىك دېگەندە، بەزى كىشىلەر گەپ-سۆز قىلغاندا، بولۇپمۇ بەزى ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللار (چۈنكى مېنىڭ  ئىشتىن چۈشۈپ چىقىشىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ۋاقتى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىدۇ) بەك دىققەت قىلىپ گەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياچانراقلىرى قۇلىقىمدىكى نائۇشنىكنى كۆرۈپ، بەزىبىر مەخپىي پاراڭلىرىنى مەيلى تېلېفوندا ۋە ياكى نەق مەيداندا ئېغىزلىرىدىن چىقىرىپ سالىدۇ، شۇڭا يىللاپ تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان مەنمۇ ئاجايىپ يېڭى خەۋەرلەرنى، ھەتتا نەچچە كۈن ئىچىدىكى بولماقچى بولغان ۋەقەلەرنىمۇ، مەسلەن كەلگۈسىدىكى بىر ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات، قايسى باشلىق تۆۋەنگە چۈشمەكچى، ئۈچ د لاتارىيىسىدە قايسى نومۇرنىڭ چىقىش ئېھتىمالى كۈچلۈك، بايرام كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى دېگەنلەرنى ئىدارىدىكى باشلىقىمىز تىلىنى چايناپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ بولغۇچە مەن ئاپتوبۇستا باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ بولىمەن. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئوخشاش بىر مەسىلىنى نەچچە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ، تەھلىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ بىرەر پارچە كىتاپ كۆرگەندەك بولۇپ قالىمەن. (بولۇپمۇ مۇشۇ لاتارىيە توغرۇلۇق، ئۇ توغرىلىقمۇ بىرنەرسە يېزىش ئۇيۇم بار ئىدى، يېقىننىڭ ياقى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئاپتوبۇستا دوقۇرىشالماي، ماتېرىيال كەملەپ قېلىۋاتىدۇ).

    شۇڭا ئاپتوبۇستا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككىمۇ دەپ باققۇم كەلدى، مەنمۇ پەقەت ئاڭلاپ-كۆرگۈچى، سىلەرمۇ ئاڭلاپ بېقىڭلار، يېنىك گەپ سۆزلەر بولسا قىلىپ، ئېغىرلىرىنى مىجەزىڭلارغا قوشۇۋېتەرسىلەر!

     ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان تېمىدىن باشلاپ دەپ بېرەي ھە؟!

    نەچچە كۈن ئاۋۋال ھەدەمنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ، مۇساپىسى ئۇزۇنراق، ئەمما يەنىلا شۇ ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى باشقا بىر ئەگرى سىزىق لىنىيىلىك ئاپتوبۇسىنى تاللاپ چىقتىم، ۋاقىتمۇ خېلى كەچ بولغاچقىمىكىن، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىمۇ ئازادە ئىدى. كەينىمدىنلا يەنە بىر قىزمۇ چىقتى، ئىككىمىز ئالدى ئارقا بولۇپ ئولتۇردۇق، مەن ئالدىدا ئۇ قىز كەينىمدە، قۇلىقىمدىكى نائۇشنىكتىن يېنىك مۇزىكا چىقىۋاتاتتى، (ئاڭلىغۇدەك گەپ بولمىسا قۇرۇق نائۇشنىكنى سېلىۋېلىپ ساراڭمۇ دەڭە) ئىككى بېكەتتىن كېيىن، تۇيۇقسىز كەينىمدىكى قىزنىڭ بىر تونۇشى چىقىپ قالدى. ئىككىسىنىڭ ياش قۇرامىنىڭ ئانچە پەرقلەنمىگىنىگە قاراپ دوست، ياكى ساۋاقداشمىكىن دەپ ئويلىدىم، كېيىن چىققان قىزنىڭ ئىسمى پەرىدەمۇ پەرىزەنمۇ ئىشقىلىپ، ئانچە ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم (قۇلىقىمدىكى نائۇشنىكنىڭ مۇزىكىسىنى سومكامدىن ئۆچۈرۈپ بولالماي، ئىككىسى ئەھۋاللاشقاندىكى گەپ سۆزى ئېنىق بولمىدى، ھازىرچە پەرىدە دەپ تۇراي) پەرىدە يېنىمدا دېگۈدەكلا ئۆرە تۇتۇپ، كەينىمدىكى ئورۇندۇقتىكى قىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، گەپ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ ئىككىسىمۇ كۆرسە ھالى يوق، كۆرمىسە كارى يوقلاردىن ئىدى.

    ـ ئادىلەنىڭ تويىدا كۆرگەن پېتىكەنمەن جۇمۇ ئاداش سىلەنى مەن!- (قىزلارنىڭ ئۆز-ئارا يا يېقىن ئەمەس، يا يىراق ئەمەس مۇناسىۋەتتىكى تونۇشلىرىنى سىلى دەۋالىدىغان ئادەت بار، خۇددى بىر ۋاقىتتا ئوغۇللار بىر بىرىنى ئادا دەۋالغىنىدەك) دېدى كەينىمدىكى ئورۇندۇقتىكى قىز بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ خىزمەت، پەسىللىك ھاۋارايى توغرۇلۇق بىرەر قۇر داتلىشىپ بولغاندىن كېيىن.

    - شۇ… ھەجەپ بىر ياخشى پاراڭلىشىپ كەتكەنتۇق-ھە؟!، كېيىن ئادىلەنىڭ ئۆيىگە بارغاندىمۇ رەسىمىڭلارنىڭ كۆرۈپ سىلەنىڭ، بارمۇ بۇ دوستىمىز دەپ سوراپ كەتتىم ئادىلەدىن،- دېدى پەرىدە.

    - ھە شۇ، ھېلىقى تېلېفون نومۇرۇڭلارنى يانفونىم يۈتۈپ كېتىپ يوقىتىپ قويدۇم دېمەيسىلە،- دەپلا ھېلىقى كەينىمدىكى قىز ئۇلاپلا سورىدى،- ھازىر دەڭلا ئاداش بىر يېزىپلاۋالاي مۇشۇ خاتىرەمگە، تولا تېلېفون يۈتتۈرىمەن زادى!

    دەپتىرىنى چىقاردىمۇ يوق بىلمىدىم. ئەمما پەرىدە دەپ بەردى خەنچە.

    - توي قىلمىغانسىلە ئاداش، ھېلىقى بالا بىلەن؟- دېدى كەينىمدىكى قىز يەنە.

    -  قايسى بالا؟! ھـــــە! ھېلىقى تويدا مېنى ئالغىلى كەلگەنمۇ؟ ۋاي، ئاداش دەپ بەردىمغۇ شۇچاغدا، ئۆيدىكىلەر قوشۇلمايدۇ، دەپ. شۇڭا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا يۈرىمىز ئادىشىم.- دېدى پەرىدە.

    -  شۇنى دەڭلا، كىملا كۆرسە توي قىلدىڭمۇ دەپ سوراپ. شۇڭا سىلەدىنمۇ سورىدىم ئاداش، خاپا بولمىغانسىلە؟

    -  ۋاي ياقەي. شۇ ھازىر ئۆيدىكىلەرمۇ باشنى ئاغرىتىۋاتقان، يا چىقىپلا بىرەرسىگە تەگكىلى بولمىغان. شۇ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە بولار دەپ ئولتۇردۇم. توي قىلمىغاندىن بىر مەنلا بولمىغاندىكىن.

    -  سەل ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم جۇمۇ مەن. ئاپامنىڭ دوستلىرىنىڭ مەندىن نەچچە ياش كىچىك قىزلىرىنىڭ نەچچىدىن بالىسى بوپ كەتتى، مەن تاپسام ئۇنى بۇنى دېگەن، تاپمىسا توي قىلمامسەن دېگەن...

    كاساپەتلەر!!! راستلا جېنىغا ئۆتۈپتىدە بۇلارنىڭ! قىزبالا بولماق نېمانداق تەستۇر؟!

    -  ئاشۇنداق دېگەنلەرگىچۇ، ۋاييەي، مۇشۇنداق ئۆتۈپمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىمىز، دەيمەن. نەدە تۇردۇڭ؟ نېمە ئىش قىلدىڭ؟ يوق. خالىغىنىمنى يەپ، خالىغىنىمنى كىيىپ، خالىغان ئىشىمنى قىلىپ. بالام كالام يوق، ئالدى بىلەن ئاتا ئانامنى بىر باقايچۇ، ۋاقتىم بولسا چوڭ ئاپا چوڭ دادىلىرىمىز يوقلاپ دېگەندەك. ئۇ چوڭلارنىڭ گېپىنى، ئۆتمۈشىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈممۇ ئېچىلىپ قالىدۇ،- دېدى پەرىدە .

    -  شۇنداق دېگەن بىلەن، داداملار شۇ تويۇڭنى چىرايلىق قىلىپ ئۆيۈڭنى تۇتساڭ، بىزنى ھەرەمگە ئاپارغاندىنمۇ بەكرەك رازى بولۇپ كېتىمىز سەندىن، دەيدۇ. ئۇف!

    -  ئالاي دېگەنلەرگە تەگكۈسى كەلمىگەن، بەزى قىزلاردەك ئۇدۇل كەلگەن بىلەن توي قىلغان بولسام، ئون قېتىم قىلىپ بولاتتىم مەن!-دېدى پەرىدە.

     تاس قالدىم كۈلۈپ تاشلىغىلى...

    - ۋىيەي... ئىشقىلىپ ئاداش. ھە راست، سىلەنىڭ ھېلىقى ئادىلەنىڭ تويىدا ئوغۇل دوستى بىلەن قاتتىق سەتلىشىپ كەتكەن دوستۇڭلارمۇ توي قىلىپتۇ-ھە؟!- دېدى كەينىمدىكى قىز

    - قايسىسى؟  ھە، پالانچىنى دەمسىلەر؟! ھەئە، شۇ لۈكچەك بىلەن قىلدى. خۇدايىم ساقلىسۇن جۇمۇ ئۇنداق قانخور ئادەملەردىن. يائاللا!

    - ئادىلە ئۇ بالىنى ئاچچىقى يامان بولغان بىلەن بەك ئېسىل دەيدىغۇ؟!

    - ئېسىل؟! ۋاي ئاداش.. تويدا ۋارقىراپ-جارقىراپ قىز دوستىنىڭ يۈزىنى بىرپۇڭسىز قىلغان ئادەم ئېسىل بولامدۇ؟! ھە دەڭلا! ئۇ بالىنىڭ دادىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر نېمىسى باشلىقىمىش. ئۆزىغۇ ماشىنا سودىسى قىلغان بىلەن ئۇ قىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ئەمەسمۇ؟! شۇڭا تەگسىمۇ تەگدى...

    -  ۋىيەي... ئەجەپ ياخشى بوپتىغۇ! ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ مەيلى دېسەكمۇ يوققۇ مانا! ھاھاھا...

    - توۋا بىر دەڭلا. مېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئونمىڭ كويلۇق مائاشچى قىلىپ قويسىمۇ، ئۇنداق ئەرنى... خۇدايىم ساقلىسۇن ئەركىشىنىڭ كۈللەمچىلىكىنى!

    -  ھــــــــــــــەي، ھەممىمىزنىڭ  بەختىنى بەرسۇن جۇمۇ. ئاجىزكەنمىز بىز!

     بەزىدە ئادەملەرمۇ قىزىق! كۈندە كۆرۈپ تۇرغان يېقىنلىرىغا دېيىشنى خالىمىغان گەپنى، مۇشۇنداق ئايدا- يىلدا بىر كۆرۈشۈپ قالىدىغان ئادەملىرىگە ھېچ ئويلىماي پەردازسىز دەپ سالىدۇ، دەيمەن. پەرىدە بىلەن بۇ قىزمۇ خېلىلا دېيىشىۋالدى. (ئۇ گەپلەرنى بۇ يەردە سۆرەپ يۈرگۈم كەلمىدى. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى باردە).

    بۇ ئىككى قىز مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىكمۇ ئەمەس بىلمەيمەن، چۈنكى ھازىر 16 ياشلىق قىزلار بىلەن 26 ياشلىق قىزلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ غېمى ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ غېمىمىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ-دە؟!

    مەنمۇ دائىم ئۇچرايمەن مۇشۇنداق سۇئال-سوراقلارغا:

    -تويلىشىدىغان يىگىتىڭىز باردۇ؟

    - ھى ھى...  يوق!

    - ئۇنداق ئەمەستۇ؟! يالغان؟!

    ... كۈلۈپلا قويىمەن، ئەمەلىيەتتە راست، ئادەم يوق ئەمەس، ماسلىشىدىغانلىرى يوق پەقەت؛ ھالىم يوغانلىق ئەمەس، شۇ توك سوقۇش يوق پەقەت؛ بەلكىم بەزىدە راستلا يالغۇزلۇقىمغا خاتىمە بەرگۈم كېلىدىغاندۇ؟! ئەمما شۇ ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوق، شۇڭا، مۇنداقلا ئويناشقۇم يوق!

    بەزىدە ئۆزۈمدىكى مۇشۇنداق جاھىللىقنى ئويلاپ كۈلۈپ كېتىمەن. نېمە ئۈچۈن مۇھەببەتلەشمەيمەن؟ ئەجەبا مۇشۇنداق يالغۇز يۈرۈشنى، تەنھالىقنى راستلا ياخشى كۆرەمدىم؟! ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بەلكىم بىلەمسىزكىن، شۇنداق تەنھا ياشلار باركىن، ئۇلارنىڭ شۇ تەنھالىقىمۇ مۇھەببىتىنىڭ گۈزەل بىر قىسمىدۇر!

    شۇ تەنھا ياشلار مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ ئەمەس، مۇھەببەتنى بەكمۇ ئۇلۇغلايدۇ. شۇڭا ئۆزىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ قەلبىدىكىدەك مۇھەببەتنى ئىزدەپ كىشىلەر ئارىسىدا جىمجىت ياشايدۇ. ئۇلار چەكسىز ئىشىنىدۇكى: ئۇلارنىڭ يەنە بىر جۈپتىمۇ دۇنيانىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭلىرىدا ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئارزۇ ئىستەك بىلەن، كۆزلىرىنى ئاسماندىكى يىگانە ئايغا تىكىدۇ!

    تەنھالىق ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس.

    ئېرىشىشمۇ ئۇنچىلىك ئەبەدىيلىك ئەمەس.

    يوقىتىشمۇ ئۇنچىلىك مەڭگۈلۈك ئەمەس. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.