رىقابەتچى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-27 13:57:00

رىقابەتچى توققۇز تارا ناھىيە تاشتۆپە يېزا تاشتۇپە كەنىتتە) تەھرىرى:(ئابلەت زەپەرى) فەرۇق قۇلىدىكى ئېغىر سومكىنى كۆتۈرگىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى-دە،كىچىككىنە يان تىلىفۇنىنى چىقى...

         رىقابەتچى

     توققۇز تارا ناھىيە تاشتۆپە يېزا تاشتۇپە كەنىتتە) تەھرىرى:(ئابلەت زەپەرى)

    فەرۇق قۇلىدىكى ئېغىر سومكىنى كۆتۈرگىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى-دە،كىچىككىنە يان تىلىفۇنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ سائىتىگە قارىدى،سائەت بىرگە چارەك قالغانىدى.‹ئەكبەر دىگەن ئالدامچى 12 يېرىمغىچە كېلىپ بۇلىمىز دەۋاتاتتى،تېخىچە كەلمىگىنىنى قارىمامدىغان،خەپ ھېلى كەلگەندە تازا بىر ئۇچۇغداپ قويمىسام..›-دىدى ئۇ ئاستا ئۆزىگە پىچىرلاپ،ئەتىگەن ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەنلەرنىڭ بىرەرىنىڭمۇ قارىسى كۆزۈنمەيتتى.ئۇ دەرۋازا ئالدىدا ساقلاشنى بىئەپ كۆردى بولغاي،ئېغىر سومكىسىنى يەنە بىر قولىغا ئالماشتۇرۇپ مەكتەپ ئىچىگە كىردى. پۇتبول مەيدانىدا6-يىللىقنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچىسى توپ ئويناۋاتاتتى.ئۇلارنى كۆرگەن فەرۇقنىڭ مەيدانغا بېرىپ تازا، بىر توپ ئوينىغىسى كەلدى،-يۇ،بۈگۈنكى مۇھىم ئىشنى ئىسىگە ئىلىپ يالتىيىپ قالدى.ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،نىمىلەرنىدۇ ئويلاشقا باشلىدى.مانا سائەت بىردىن چارەك ئۆتتى،دىيىشىپ قويغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كەلمىگىنى ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىۋاتاتتى.شۇ چاغدا،بىر قانچە بالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان فەرۇق بۇيۇنداپ يولغا قارىدى.ئەكبەر بىر توپ ساۋاقداشلىرىنى باشلاپ كىلىۋاتاتتى نىمانچە ۋاق قىلىشىسەن؟-ئۇنىڭ خېلىلا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.بەش-ئالتە قەدەم نېرىدىلا توختاپ قالغان بالىلار بىر-بىرىگە يەر تىگىدىن قاراشتى.ئەمما ھېچنىمە دىيىشمىدى،-بولدى،بولدى،بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇش!بالىلارفەرۇق بۇشاتقان ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى.پاتمىغانلىرى ئۇلارغا قاتارلىشىپ ئۆرە تۇرۇشتى.ھەممىسىنىڭلا كۆزى فەرۇقنىڭ ئېغىزىغا تىكىلگەنىدى.ئۇ بالىلارغا بىر-بىرلەپ سىنچىلاپ قاراپچىقتى -ئەكبەر،ئاران سەككىزىڭلار كەپسىلەرغۇ؟!جالال، شۇھرەت، بىلاللار قىنى؟-جالال بىلەن بىلال مەيداندا توپ ئويناپ،قالدى،-دېدى ئەكبەر خېلىلا جۈرئەتلىك ھالدا.sيىغىلىمىز دىمىگەنمۇ-دىگەن!بىراق ئۇ ئىككىسى ‹سايلاپ قويساقلا بولمىدىمۇ، بىزگە فەرۇقنىڭ نەرسىلىرى كېرەك ئەمەس› دەپ كەلگىلى ئۇنىمىدى.]-خەپ توختاپتۇرۇش...،دېدى فەرۇق ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ،-شۇھرەتچۇ؟-ئۇ كەلمەكچىدى..-بولدى،كەلمىسە ئۆزىنىڭ ئىشى، قالغان ھېساباتنى سىنىپ باشلىقى بولغان چېغىمدا ئاستا-ئاستا ئېلىۋالىمەن،-دېدى ئۇ تىلىفۇننىڭ سائىتىگە قارىۋېتىپ،-ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپتۇ،بۈگۈنكى سايلامدا سايلىنىش-سايلانماسلىقىم سىلەرگە باغلىق، سىنىپتا 42 نەپەر ئوقۇغۇچى بار، سىلەر ئامال قىلىپ يىنىڭلاردىكى قىزلارنىمۇ مەن ئۈچۈن قول كۆتۈرگۈزۈڭلار،ئىشقىلىپ بۇ قىتىم مىنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغىنىم بولغان،-ئۇنىڭ بايىقى خاپا چىرايى بىردەمدىلا رەڭ تۈزەپ كەتتى.فەرۇقنىڭ قولىدىكى يوغان سومكىنىڭ ئاغزى ئىچىلغاندا،بايىدىن بېرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالماي،كېسەل تەگكەن چۈجىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرغان تۇرغان بالىلار،تەڭلا بۇيۇنلىرىنى سوزۇشۇپ سومكا ئىچىگە قادىلىشتى.ئۇنىڭ ئىچى ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەر بىلەن لىق تولغانىدى.قېنى،ئۆزۈڭلار خالىغاننى ئىلىپ يەڭلار!-فەرۇقنىڭ بۇ گېپى تۈگىشى بىلەن تەڭ بالىلار يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ،سومكىسىنى بىردەمدىلا قۇرۇقداپ قويدى.فەرۇقنىڭ چىرايى تىخمۇ نۇرلىنىپ كەتتى.خاتىرجەم بول فەرۇق!بىز چۇقۇم سېنى سايلايمىز،ساڭا قول كۆتۈرمىگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي...،-ھەممىدىن كۆپرەك فەرۇقنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن ئەكبەر،يانچۇققا پاتمىغان نەرسىلەرنى قولتۇققا قىستۇرغاچ شۇنداق دىدى. -بولىدۇ،ئەمدى ھەممىڭلار قايتىپ،يېنىڭلاردىكى قىزلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈڭلار!بالىلار تاراپ كەتتى.فەرۇق قۇرۇقدىلىپ قالغان سومكىسىنى بىر چەتكە قۇيۇپ،ئورۇندۇققا جايلاشتى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا نەچچە كۈن ئاۋۋالقى بىر ئىش لەپپىدە كەلدى.ئۆي ئىچى مېھمان بىلەن لىق تولغان ئىدى.دەرس تەكرارالاش خۇشياقمىغان فەرۇق يوغان ئېچىلغان دېرىزىگە ئىڭىكىنى تىرەپ،ئۆي ئىچىگە قاراپ تۇراتتى.ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتقان تاماكا ئىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتسىمۇ،كىشىلەرنىڭ كىچىككىنە رومكىنى سوقۇشتۇرغاچ كۆڭلىنى بايان قىلىشلىرى ئۇنىڭغا تۇلىمۇ قىزىقارلىق تويۇلدى،ئەنە،پەگادا ساھىپخان بۇلۇپ ئولتۇرغان دادىسى قۇلىغا رومكىنى ئالدى.-مىنىڭ ئەزىز مېمانلىرىم!-ئەھۋالدىن قارىغاندا دادىسى خېلىلا تەڭشىلىپ قالغانىدى ،-ھەممىڭلارنىڭ ئايىغىنى يىنىك قىلىپ،بۇ ئەرزىمەس سورىنغا داخىل بولغىنىڭلارغا مىڭ-مىڭلاپ تەشەككۈر!لايىقىڭلاردا بولمىسىمۇ،كەڭ-كۇشادە ئولتۇرۇپ نىمەتلەرگە قول سۇنغاچ ئولتۇراسىلەر!...جاھان دىگەندە كىشى-كىشىگە ھاجىتى چۈشۈپ تۇرىدىغان گەپكەن.ھەر قايسىڭلارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن بۇ قىتىمقى سايلامنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ساق-سالامەت كىلىۋالدىم. ئەمدى ئاخىرقى بىر مەيدان كۆرەش بىزنى كۈتىۋاتىدۇ.قىنى،بۇ كۈرەشكە يىڭىمىزنى جەينەككىچە تۈرىۋىتىپ بىر كىرىپ باقايلى!بۇ قىتىم بەكرەك كۈچىمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ،بولسا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى يەنە بىر سەپەر قىلغان بولساق،ھەر بىرىڭلارنىڭ قۇلىدا نەچچە يۈز تۈتۈنلۈك ئائىلە بار ئەمەسمۇ؟!قىزىل ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە ئاغزىڭلارنىڭ يىلىنى ئايىمىغان بولساڭلار!..تۇشمۇ-تۇشتىن قوللاش سادالىرى ياڭراپ كەتتى.فەرۇقنىڭ دادىسى قولىدىكى رومكىنى كۆتۇرۋىتىپ،كۆپچىلىككە قايتا-قايتا ھەشقاللا ئېيتتى.قوڭغىراق چىلىنىشى بىلەنلا سىنىپقا كىرگەن فەرۇق ساۋاقداشلىرىغا بىر قۇر نەزەر تاشلىدى.ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،7-سائەتلىك سىنىپ يىغىنىدىكى سايلام ھېچقايسىسىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغاندەك قىلاتتى.ئۇ ئاستا كىتاب ۋاراقلاپ ئۇلتۇرغان ئەكبەرنىڭ قېشىغا ئاستا كەلدى.ئىشلار جايىدىمۇ؟-جايىدا-يەنە قىتىلغان بالا بارمۇ!-شۆھرەت قول كۆتۈردىغان بولدى.قالغان ئىش تەلەيگە باغلىق!-ئۇلار ئۆزلىرىلا ئاڭلىغۇدەك سۆزلەشتى.فەرۇق ئۆز تاكتىكىسىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ،كېرىلگىنىچە ئۆز ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى.7-سائەتكە كىرىش قوڭغۇرىقى چىلىندى.ھەرە كىرىۋالغان قاپاقتەك غۇڭۇلداپ تۇرغان سىنىپ ئىچى مۇئەللىمنىڭ كىرىشى بىلەن تىنجىپ قالدى.ھەممە،مۇنبەردە ئۆزلىرىگە نەزەر سىلىۋاتقان مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن سۆز چىقىشنى كۈتمەكتە.-ساۋاقداشلار،يېڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلانغىلىمۇ ئىككى ھەپتە بولدى.ئۆتكەن قىتىملىق سىنىپ يىغىنىمىزدا ئۇقتۇرغان سىنىپ باشلىقى سايلاش ئىشىنى بۆگۈن ئېلىپ بارىمىز،-كەينىدىكى پارتىدا ئېڭىكىنى تىرەپ ئولتۇرغان فەرۇقنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كىتىۋاتاتتى،-بۇ قېتىمقى سايلام ئالدىنقى قېتىمدىكىلەرگە ئوخشىمايدۇ،قول كۆتۈرۈش شەكلى بىلەن ئەمەس،بېلەت تاشلاش شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ،ھەممىڭلار بىر پارچە ۋاراقچىگە سايلىماقچى بولغان ساۋاقداشنىڭ ئىسمىنى يىزىپ قاتلاپ قۇيۇڭلار،ئۆزۈڭلارنى سايلىساڭلارمۇ بۇلىدۇ،ھەممەيلەن يېزىپ بولغاندىن كېيىن يىغىۋالىمەن!مۇئەللىم،بۇ قېتىمقى سايلام زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئوخشاپ قالدى جۇمۇ!-دېدى ھەييار شاكىر،سىنىپتا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.مۇئەللىم ۋاراڭ-چۇرۇڭنى تەستە بېسىپ،سايلامنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يوغان قىلىپ يېزىۋالغان فەرۇق بىر خىل ئارامسىزلىنىش ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا قاراپ باقتى.ئەنە،يېنىدىكى ساۋاقدىشى رەنا كىمدۇ بىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ،قاتلاپ بولدى.ئۇ ھەرقانچە بۇيۇنداپمۇ ئۇنىڭ كىمنى يازغانلىقىنى كۆرەلمىدى.‹نەس باسقۇر! ئاۋۇ بەدبەخلەر ۋەدىسىدە تۇرسا بۇلاتتىغۇ...› ئۇ ئىچىدە پىچىرلىغاچ ئالدىدىكى ۋاراقچىنى قاتلاشقا باشلىدى.ۋاراقچىلار يېغىلىپ بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشمىدى.خېلى ھايال بۇلۇپ ۋاراقچىلارنى رەتلەپ چىققان مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى.-كونا سىنىپ باشلىقى غۇنچەم 30 ئاۋازغا،باتۇر يەتتە ئاۋازغا،يەنە فەرۇق بىر ئاۋازغا ئېرىشىپتۇ.بۇ قېتىمقى سىنىپ باشلىقى غۇنچەمنى تەبرىكلەيلى!قىزغىن چاۋاك ساداسى سىنىپنى بىر ئالدى .فەرۇقتىن باشقا ھەممەيلەن چاۋاكقا قاتناشقانىدى.ئۇنىڭ ئىچى مۈشۈك تاتىلغاندەك ئېچىشىپ، ئۇ گويا ئورۇندۇقتا ئەمەس،تىكەندە ئولتۇرغاندەك ئازاپلانماقتا ئىدى . -مۇئەللىم،مەن سىنىپ -باشلىقى بولمايمىكىن!-بۇ غۇنچەمنىڭ ئاۋازى ئىدى. -نىمىشقا؟-دەرسلىرىمگە يېتىشىپ بۇلالمايدىكەنمەن.شۇنچە ساۋاقداشلىرىڭىز سىزنى قوللىغان تۇرسا، مېنىڭچە يەنىلا سىنىپ باشلىقى بۇلۇڭ!-يېقىندىن بېرى ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قىلىۋاتىدۇ. ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلمىسام تېخى. سىنىپتا ئۆگۈنۈش قىلىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن.-بولدى، ھېچقىسى يوق، سىزگە ئىشەنگەن ساۋاقداشلىرىڭىزغا سىزمۇ ئىشىنىڭ!-غۇنچەم ئارتۇق گەپ قىلماستىن ئاستا ئولتۇرۇۋالدى.سىنىپ يىغىنىنىڭ ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ نۇتىقى بىلەن ئاخىرلاشتى.سىنىپتىن ئېرىنچەكلىك بىلەن چىققان فەرۇق ئۇياق-بۇياققا قاراپ قۇياتتى.ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاللىقاچان تىكىۋەتكەن،مەكتەپتىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم قالمىغاندەك قىلاتتى.فەرۇق مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقاندا يانفونى سايراپ كەتتى. –ۋەي ،كىمۇ؟-مەن،ئاپاڭ!-تېلىفوندىن ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،-ئۆيگە تېز قايتىپ كەل!داداڭ ئاغرىپ قىلىپ دوختۇرخانىغا كەتتۇق.ئۆيدە ئۇكاڭ يالغۇز قالدى.-دادامغا نىمە بوپتۇ؟-سايلامدا يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ...فەرۇق تېلېفوننى قويىۋېتىپ ئېغىر ئۇھ تارتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭمۇ يۈرىكى سانجىغاندەك قىلىۋاتاتتى.ئاپتورى:(توققۇز تارا ناھىيە تاشتۆپە يېزا تاشتۇپە كەنىتتە) تەھرىرى:(ئابلەت زەپەرى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق