يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر(تۇرسۇن مەھمۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 02:46:08

يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر تۇرسۇنمەھمۇت قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىر...

     


    يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر
    تۇرسۇن مەھمۇت



       قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ. تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان. شۇ ھالدا ئالەم- جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن.  قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ، چاياندەك چىقىپ، قاخشىتىپ، جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغان بىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىن قايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى. بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ تۇرغاندەك،قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەم ۋە خورلۇقتىن كۆڭۈك ئالىمى غىرىبلىقنىڭ كۈلرەڭ توزۇندىلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئۆلۈم -يىتىم بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن بۇنىڭدەك كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ،قەلبىدە ئوت بولۇپ يانىدىغان، غالىپلىق تۇيغۇلىرىنى پايخان قىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۈچ تاۋۇت مەسچىت ھويلىسىغا قاتار قىلىپ قويۇلغاندىن كىيىن، ھەسەن ئاقساقال يۈرىكى مۇزلاپ،تىتىرىشىپ تۇرغان جامائەتكە قاراپ قايغۇلۇق بىر ئاھاڭدا سۆز باشلىدى:
    -بۈگۈن بىزگە بىر قارا كۈن بولدى،بىر ئۆيدىن بىراقلا ئۈچ جاننى ئۇزاتتۇق.  ھەرھۇم يۈسۈپ پالىۋان يىغىمىزنى يىغلاپ، دەردىمىزگە يىتىدىغان قىرىندىشىمىز ئىدى. ئەمدى ئۇنەڭ خوتۇن بالىلىرىمۇ يىرتقۇچلارنىڭ تىرنىقىدا جان بەردى.  بىز ئۇلارنى قوغدىيالمىدۇق.  مەن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن. جامائەت، ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىنى تاشلىمايلى،مەرھۇملارنىڭ روھى قورۇنمىسۇن. . . . .
    شىۋىرغان تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى،قارلارنى توزۇتۇپ، بوغۇناق كۆتۈرۈپ، سۇنۇق كۆڭۈللەرنى تىخىمۇ مالىمان قىلىۋەتتى
    ھەسەن ئاقساقالنى مەھەللىدىكى بىرنەچچە ئورۇۋىلىشقان. شىۋىرغاننىڭ چىقىراشلىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى.  پەقەت ھەسەن ئاقساقالنىڭ ئۇزۇن قوللىرىنى شىلتىشلىرى،باش چايقاشلىرىدىن ياشلارنىڭ قانداقتۇر بىر تەلىپىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. 
    ھەسەن ئاقساقالنىڭ ئۇزۇن تونچە چاپىنىنىڭ پەشلىرى لەپىلدەيتى،سالۋا تەلپىكىنىڭ يۇڭلىرى تۇزغۇيتى. ئۇ بورانغا قارشى ئالدىغا ئىڭىشكىنىچە كۈچىنىپ كىتىپ باراتتى. 
    ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ ھويلىسىغا كىرىشى بىلەن تەڭ توقۇقلۇق چىلان توروقلۇق ئاتنىڭ يىنىدا ياتقان ئىككى تايغان ھاۋشىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئىتىلدى. تايغانلار ئاقساقالنىڭ يىنىغا كىلىپ تونۇش ھىدنى سىزىپ يەنە ئارقىغا قايتىپ جايىغا بىرىپ يىتىشتى.  قاڭتۇرۇپ قويۇلغان چىلان تورۇق بىر ئورنىدا جىم تۇرماي تولا چاپچىپ، ئىككى كىگىز ئورنى يەردىكى قارنى دەسسەپ مىلىق قىلىۋەتكەنىدى. 
    <بۇ ئادەمنىڭ خۇيى ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمىگۈدەك. . . . >دىگەنلەرنى خىيال قىلغان ئاقساقال ئىغىر قوش قاناتلىق ئىشىكتىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  تۆمۈر مەرگەننىڭ ئوۋ ئېتى يىل 360 كۈن، ئوۋۈا چىقسۇن چىقمىسۇن توقۇپ، تەييار قىلىقلىق بولاتتى. ئۇنىڭ ھازىر 50تىن ئىشىپ كەتكەن كەمپىرى 14ياش ۋاختىدا قورقۇمسىز، چاپچىپ ئىتىلىپ تۇرىدىغان تۆمۈرگە تەگكەندىن باشلاپ ھەر ئەتىگىنى كۆرىدىغىنى مۇشۇنداق جابدۇپ تەييار قىلىپ قويۇلغان ئات ئىدى.  كىيىنكى كۈنلەردە ئايالىمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى.  ھويلىدا توقۇقلۇق ئاتنى كۆرمىسە، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ، بىر نىمىسى كەمدەك بىر ئەسكى تۇيغۇ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلاتتى. 
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پالىۋىنىم، ساقىيىپ قالدىلىمۇ. . .
    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلسىلە ئاقساقال.  ئۆزلىرى ساق، مەھەللە كوي ئامانمۇ؟
    -ھە. . . . ئاقساقال ئارتۇق بىرنىمە دىيەلمەي توختاپ قالدى. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشۈپ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىپ كەتكەن ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى. 
    -نىمە بولدى،ئاقساقال، -تۆمۈر مەرگەننىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرى ئاقسالغا تىكىلدى، نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاغرىق ئازابىدا تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىر جىددىيچىلىك پەيدا بولدى. 
    -ئۆزلىرى ساقسىز بولغاچقا خەۋەر بىرەلمىدۇق،جامائەتنى مەن توسۇپ قويدۇم.  ئۆزلىرىنى تۇتالماي قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قايغۇغا قىلىشىمىزدىن ئەنسىرىدىم.  بىلىشلىرى كىرەك، ئۆزلىرىنىڭ ساقلىقلىرى بىز ئۈچۈن ئامەت.  ئەمدى بولسىمۇ دەي.  كۆڭۈللىرىگە كىلىدىغىنىنى بىلىمەن.  بۈگۈن مەرھۇم يۈسۈپ پالىۋاننىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى يەرلىكىدە قويدۇق.  ھەممىسىنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي. 
    تۆمۈر مەرگەننڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىر سايە پەيدا بولۇپ سارغۇچ، يىرىك ساقال -بۇرۇتلىرى تىكلىشىپ كەتتى،  پىشانىسىدە ھەمساتتا يىڭنە ئۇچىدەك تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. 
    -تىخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بالىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سوراتقان ئىدىم. بۇ ئەمدى نىمە بولغىنى.  ئۇلارنىڭ ئۆلىمىنىڭ بائىسى نىمىكىن،ئاقساقال ؟
    ئاقساقال ئوڭايسىز بىر ھالدا ئولتۇرۇپ كەتتى، دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلەلمايۋاتقاندەك قىلاتتى.   تۆمۈر مەرگەننىڭ تىكىلىپ قارىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالماي دۇدۇقلىدى :
    -ئاللا ئامانىتىنى تۈرلۈك تۈمەن سەۋەب بىلەن ئەكىتىدۇ،پالىۋىنىم.  مىنىڭمۇ شۇ تاپتا يۈرۈكۈم لەختە قان بولدى.  قازاغا رىزا.  نىمە ئامالىمىز بولسۇن.  . . ئۇ. . . ئۇلارنى. . . يول.  . . . يولۋاس ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ.  ئىزچىلار شۇنداق دىيىشتى.  ھەتتا پۇت -قوللىرىنى يەپمۇ كىتىپتۇ. 
    تۆمۈر مەرگەننىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، ئاچچىق نىر نەرسە يۈرىكىگە قۇيۇلۇپ، تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشماي قالدى. 
    -مەھەللىدىكى بىرنەچچە ياش بالا يولۋاسنى ئۆلتۈرىۋىتىمىز دەپ سەكرەپ چىقىۋىدى،توسۇپ قويدۇم سۆڭىكى قاتمىغان بالىلار، تىخىمۇ چوڭ ئىش چىقمىسۇن دىدىم. 
    بۇنى ياخشى قىپلا.  بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن.  ياخشىلىققا يامانلىق دىگەن دىگەن مۇشۇ.  ھايۋان دىگەن ھامىنى ھايۋانلىقىنى قىپتۇ ئەمەسمۇ.
    ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىەەن بولسىمۇلىكىن بىر نىمىدىن قورققاندەك بولۇپ تۆمۈر مەرگەنگە يىلىندى :
    -ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسىلا، پالىۋىنىم.  بىلىشلىرى كىرەك.  يۇرتتا سىلى بولمىسىلا بولمايدۇ.  مەنمۇ قىرىپ ماغدۇرۇمدىن قالدىم.  ھەر ئىش بولسا با مەسلەھەت بىر ئىش قىلامىز، قاراملىق قىلمىغايلا.
    -خاتىرجەم بولسىلا، -تۆمۈر مەرگەن كۆزلىرىگە ياماشقان ياشلىرىنى ئاستا سۈرتىۋىتىپ ئاقساقالغا قارىدى. ، -سۆزلىرىنى ئاڭلايمەن.  ئەمما بۇ يىرتقۇچلارنى يوقاتماي بولمايدۇ.  يۈسۈپ پالىۋان مىنىڭ قىيامەتلىك بۇرادىرىم ئىدى.  مەن ھايات تۇرۇپ ئۇنىڭ خوتۇن باللىرى مۇشۇنداق ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن.  . . .
    -كۆڭۈللىرى ماڭا چۈشۈنۈشلۈك.  بۇ كەلگۈلۈكتىن مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆزۈمنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەيۋاتىمەن.  شۇنداقتىمۇ ھازىر ساقلىقلىرى يوق.  ئوڭشالغانلىرىدىن كىيىن بىر نىمە دىيىشەرمىز
    ئوبدان ئاقساقال.  دىگەنلىرىدەك بولسۇن
    ***************************************************************************************
    چىلان تورۇق يورغىسىغا چۈشۈپ ئاپئاق قارلارنى توزۇتۇپ، تىزگىن سىرىپ كىتىپ بارىدۇ.  ئاتنىڭ شىڭشىيىپ كەتكەن قۇمۇش قۇلاقلىرىنىڭ جىدددى ھالىتىدىن بۈگۈنكى سەپەرنىڭ ئۇنىڭ قىززىپ كەتكەن تۇياقلىرىنىڭ خۇمارىنى بىسىپ، ئىچ ئىچىدىن شاتلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئاتتىن كىلىۋاتقان تونۇش تەر ھىدى تۆمۈر مەرگەننىڭ بۇرنىغا يەڭگىل ئۇرۇلاتتى.
    <ھايۋان دىگەن ھايۋانلىقىنى قىلىدۇ-دە.  چوقۇم ئاشۇ يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى.  يۈسۈپنى ئۆزۈم توسۇپ قويغان.  شۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلاۋەتكەن بولسا بۈگۈنكى مۇشۇ كەلگۈلۈك كەلمىگەن بولاتتى.  خۇدا ياراتقان جانارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە بۇنىڭ ئۇۋالىغا قالمايلى، دەپ كۆڭلى يومشاقلىق قىلغاننىڭ كاساپىتى مۇشۇ بولدىغۇ. يۈسۈپ ئاداش.  قەدىناسلىقىمىزنىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن بۈگۈن جان كەتسىمۇ. . . . نىمە كۆرسەم كۆرەمەن.  . . . . ئاشۇ يولۋاسنىڭ يۈرىگىنى سۇغۇرىۋىلىپ، خوتۇن باللىرىڭنىڭ قىساسىنى ئالىمەن.  . . ئاقساقالچە بولسا ياش بالىلاردىن بىرنەچچىنى ئەۋەتكىسى بار.  ئۇنداق قىلىپ بولامدۇ؟ئالىمادىس بىرەر كىلىشمەسلىك بوپ قالسا مەن تۇرغان يەردە يەنە مۇشۇ مەھەللە كويىدا بىركىملەرنى يىرتقۇچلار يەپ كىتىدىغان ئىش بولسا ماڭا بۇ جاننىڭ نىمە كىرىكى قالىدۇ. يۇرتتا تۆمۈر پالىۋان دىسە تۆمۈر پالىۋان دەپ خەق مىنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگىدەك بوپ كىتىدۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنىڭ بۇنچىزا ھۆرمەت ئىززىتىگە لايىق ئىش قىلماي قۇلۇم قوشنىلارنى يولۋاس يەپ كىتىپتۇ، دەپ دوڭغۇيۇپ تۇرغىچە قارنىمنى يىرىپ ئۆلىۋالغىنىم تۈزۈك.  نەچچە ئەۋلاد ئوۋچىلارنىڭ يۇرتتىكى نام ئابرويى ماڭا كەلگەندە چۈشۈپ كەتسە، مەن بار يەردە ىر كىملەرنى ياۋايى جاندارلار تالاپەتكە ئۇچىراتسا بۇ مەن ئۈچۈن نۇمۇس، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خورلۇق.  . . ھامان بىركۈنى ئۆلۈپ كىتىدىغان، بىر كۈنى ئەمەس بىركۈنى ئىگىسىگە تاپشۇرىدغان بۇ جاننى بۇنچىۋالا ئاياپ، نۇمۇسقا قويۇپ خار قىلغاندىن كۆرە، خۇدا پىشانەمگە پۈتكەن ئەركەكلىكنىڭ شەرپى ئۈچۈن ئەركەكتەك ئىشلارنى قىلىپ جاننى ئىگىسىگە تاپشۇرغىنىم خوپ.  . >
    چىلان تورۇق جىدددى قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىدۇ. ئات جاندارنىڭ كۆڭلىدە بىر خۇشھاللىق باردەك قىلاتتى.  ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇ ئىگىسى بىلەن بۇ كەڭرى كەتكەن جاڭگاللارنى كىزىپ چىقتى، بارمىغان يەرلىرى ئاز قالدى، جىددى ئىلىشىشلار، ھايات ماماتلىق تىرىكىشىشلەر بولدى.  ئۇھەرقاچان ئىگىسىنىڭ يىرتقۇچلارنى يەڭگەن چاغدىكى خۇشھاللىقىنى كۆرۈشكە شۇنچە خۇمار ئىدى.   ئىگىسىگە مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھىدىنى ئايرىيالايدىغان دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ كەتكە بۇ جانىۋار ئۆزىنىڭ جەڭگە يارالغانلىقىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.  ئۇ ئەزىمەتلەرنىڭ نەرە ساداسى ئىچىدە جەڭگە كىرەلمىدى، ئەمما ئىگىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل جەڭ بولۇشى مۇمكىن.  . . . . پايانى يوقتەك كۆرىنىدىغان كەڭرى جاڭگالنىڭ چىغىر يوللىرىدا كىتىۋاتقان تۆمۈر پالىۋان بىلەن ئۇنىڭ كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان قۇمۇشقۇلاق ئېتىنىڭ خىيالى بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.  ۋاختى كەلەەندە شىرىنلىكىگە ھىچنىمە تەڭ كىلەلمەيدىغان جان دىگەن بۇ نەرسىنى دو تىكىپ، ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ رەقىبىگە ئىتىلالايدىغان بىر روھ بىلەن، شۇنداق بىر ماتانەت بىلەن ياشاش شەرىپىگە ئىگە بولالىغان ھەر قانداق جان ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشالىسا.  . . بىر جان ئۆزىنىڭ يارالمىشىنڭ مەنىسىگە يىتەلىسە، ئالەمدە بۇنىڭدىن ئۆزگە سۆيۈنۈشلۈك، پەخىرلىنەرلىك ئىش بولمىسا كىرەك. . . . . . . .
    ئاقساقال ئەتىسى بىر نىمىدىن كۆڭلى ئۆيۈپ كىچىك ئوغلىنى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆيىگە يۈگۈرتتى.  ئوغۇل ھايال بولمايلا قايتىپ كىلىپ ھويلىدا تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئېتىنىڭ يوقلىقىنى مەلۇم قىلغاندا ئاقساقال پىشانىسگە پاققىدە بىرنى ئۇردى-دە، پالاقلىغىنىچە تالاغا يۈگەردى.
    تۆمۈر پالىۋاننىڭ قاردا قالغان سۇس ئىزلىرىنى نىشان قىلىپ ماڭغان بەش -ئالتىدەك ياش ئوۋچى ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا جىدى يول يۈرۈپ تۆمۈر پالىۋاننى تاپقاندا تۆمۈر پالىۋان يوغان بىر تاغىل يولۋاس بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە قىتىپ قالغان ئىدى.  ئىگىز دۆڭنىڭ يان باغرىدىكى كەڭرى بىر يەر جىددى ئىلىشىش جەريانىدا، تىلغىنىپ،بۇلغىىپ كەتكەن ئىدى. يولۋاسىڭ قىنى بىلەن ئادەمنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن، تۆكۈلگەن قانلار مەرۋايىتتەك پاقىراپ كۆز چاقاتتى.  تۆمۈر مەرگەننىڭ جىنىنى ئالغان، تۆمۈر مەرگەننىڭ قولىدا جان بەرگەن بۇ يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋال كىچىككىنە ئارسىلان ۋاختىدا تۆمۈر مەرگەن ئىچ ئاغرىتىپ قويۇپ بەرگەن يولۋاس كۈچىكى ئىكەنلىكىنى ھىچ كىم خىيالىغا كەلتۈمىدى.  شۇ چاغدا تۆمۈر مەرگەن ئانا يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغان يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يقنىغا كەپقالدى.  قەدىناس دوستىنىڭ شىجائىتىدىن سۆيۈنۈپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئۇلار تۆمۈر مەرگەن ئوۋلاپ كەلگەن قىرغاۋۇل گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ مەززە قىلىشىۋاتغاندابىر نىمىلەرنىڭ غىڭشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈسى بىلەن يىقىنلا يەردە يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىزدەپ بىقىۋىدى، دىگەندەك بۈككىدە بۇلغۇنلار بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈچ يولۋاس كۈچىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.  جانلىقلار ئالىمىدىكى سۈر ھەيۋە، كۈچ قۇدرەت، قورقۇمسىزلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى تۆمۈر مەرگەن بىلەن يۈسۈپ ئوۋچىغا سۈر ھەيۋە بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، كىچىككىنە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلاتتى.  يۈسۈپ ئوۋچى ئۇزۇن خەنجىرىنى سۇغىرىۋىلىپ ئۇۋىغا يىقىنلاشتى.
    -بىچچارىلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىسۇن،ئەسلىدىن ئالغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھسىز جانلار، -دىدى تۆمۈر مەرەەن يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يولىنى توراپ.  شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئوغلى سادىن كىلىۋالغان ئىدى. 
    -بىراق.  . . . -يۈسۈپ ئوۋچى سەل تۇرىۋىلىپ قوشۇپ قويدى، -بوپتۇ، لەۋزىڭنى يەدە قويالمايمەن، سىنىڭ ھۆرمىتىڭ.  . . . بولدى، بۇ يىرقۇچلار ئامان قالسۇن. 
    ئۇ قايتاشىدا بىر قەرەننىڭ گۆشىنى يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن يادىغا ئالدى. زىيادە كۆڭلى يۇمشاقلىق بىر كۈنلر كەلگەندە بىشىڭغا ئاپەت ئىلىپ كىلىدىكەن. 
    ئارىدىن بىرەيلەن كۆزىگە يا ئىلىپ مىشىلداپ يىغلىدى.  دىقماق كەلگەن 18 ياشلاردىكى بۇ يىگىت تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى ئىدى.  ئۇ يولۋاسنىڭ ئالەمدىكى جىمى دەھشەتنى ئۆزىگە يىغقادەك كۆرىنىدىغان كۆزلىرىگە تىكىلگەن ئىدى. 
    -يىغلىما سادىن بالام، -دىدى ئاقساقال ئۇنىڭغا جىددى نەزەر بىلەن قاراپ، -بىر ئەركەك قورقماي ئۆلەلىسە،يەنە كىلىپ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىپ ئۆلسە.  . . ئۇنىڭ ۆزى يىغلايدىغان ئىش ئەمەس.  ئەرلىك شەرەپنى ساقلاش ھەممىدىن موھىم.  ئەركەكلىك نۇمۇسىنى ساقلىغان ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
    مۇشۇ يىشىغىچە دادىىسىنىڭ قانداق بىر جايدا ئوۋ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئوغۇل يولۋاس بىلەن بىللە ئۆلگەن دادىسىغا ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ قاڭشارلىق بۇرنى ئۈستىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پاقىراشقا باشلىدى.
    (2)
    تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن بۇ ئوتتۇرادا ئوۋچىلىقنى كەسىپ قىلغىنى ئۇنىڭ ئوغلى سادىن بوپقالدى. ئۇنى ئوۋچىلىققا، مەرگەنلىككە ئۈندەپ تۇرىۋاتقانلار ئانىسى بىلەن ھەسەن ئاقساقال ئىدى.  سادىن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بويۇن تولغاشقا قۈرئەت قىلالمايتى.  ھەسەن ئاقساقال تۆمۈر پالىۋاننىڭ تولا تەرىپىنى قىلاتتى.  ئۇنىڭچە بولغاندا تۆمۈر پالىۋاندەك ئاەملەر ئەركەكلىكنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى ئىدى. بىر يۇرتتا ئۇنىڭدەك ئادەمدىن ئونى، بەشى، ھىچبولمىغاندا بىرسى بولسىمۇقالتىس ئىش بولاتتى. ئۇنىڭدەك ئادەملەر يۇرتنىڭ بەخت تەلىيى ئىدى.  ئادەم دىگەن مەيلى قانچىلىك قۇدىرەتلىك بوپ كەتسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئكلۈپ كىتىدۇ. ئۆلۈم دىگەن قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس.  ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ ئزىنى باسىدىغانلارنىڭ بولماسلىقى، رەقىبىگە تىك قاراپ، ئۆلۈمنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويۇپ، ئەركەكلىك ئار نۇمۇسى ئۈچۈن قەدەم بىسىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يوق بولىشى ئىدى.  ئاقساال شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىدىن مەيۈس بىر شولا پىلىلداپ قالدى.  بۇ كۆزلەدىكى نۇر شۇلىلادىن ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئوت -ئىزتىراپلىرىدا پۇچلىنىۋاتقان بىر يۈرەكنىڭ سىماسى غىل پال كۆزىگە چىلىقىپ قالاتتى. 
    -داداڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت،تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭنىڭ قېنى.  بالىلار ئاتا ئانىسىدىن ئېشىپ كەتسە ئامەت ياغقىنى شۇ،دورىيالمىساتۈگەشكنى شۇ.
    بۇ، ئاقساقالنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا سادىنغا دىگەن گىپى ئىدى. سادىن ئاقساقالنىڭ گەپلىرىنى يادىدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. 
    كەڭرى كەتكەن جاڭگالدا تەرگە پىشىلىپ كەتكەن قۇلا ئاتنىڭ ئېغىر خارتىلداشلىرى ئاڭلىناتتى، ئاتنىڭ پۈتۈن بەستدىن تەر ئاقاتتى، پاقىراق مويلىرى قوياش نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان تۈلكە قۇمۇش يۇلغۇنلار ئارىسىدىن بويلاپ سادىنغا بوي بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.  چىپىپ كىتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە ئىتىلىۋاتقان ئوقلارنىڭ ھەممىسى زايا بوپ كىتىۋاتاتتى.  <كىشىلەر تۆمۈر پالىۋان ئات ئۈستىدە كىتىۋىتىپ قىچىپ كىتىۋاتقان توشقاننىڭ كۆزىگە سوقالايتى، دىيىشىدۇ. . . . ئۇ قانداق ئاتىدىغان بولغىيتى خەپ. . . >سادىن قىچىپ كىتىۋاتقان تۈلكىگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ قوغلاۋىتىپ شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقاندا، يان تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق چىىقىپ ئۇنىڭغا يانداشقاچ ۋاقىراشتى:
    -سادىن، توختا، جىددى ئىش چىقىپ قالدى. . . .
    سادىن ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ھىلىقى ئىككىسىگە قارىدى. قىزىپ كەتكەن قۇلا ئات كىچىككىنە دائىرە ھاسىل قىلىپ بىر نەچچىنى پىقىرىۋەتتى. 
    -نىمە بولدى؟
    -مۆمىن قويچىنى بۆرىلەر قورشىۋالدى، بۆرىلەر كۆپ، كۈچىمىز يەتمىگۈدەك،بىللە بىرىشىپ بەر، تىز بولمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز. 
    -ھە. . . . بۆ. . . بۆرە. . . .
    -شۇنداق تىز بول!!
    سادىن ھاڭۋاققاندەك قاراپ تۇرۇپ قالدى.  بۆرە.  . . . . بۇىڭ ئۆزى چاخچاق قىلىدىغان مەخلۇق ئەمەس.  . . ئۇنى تۈلكە، سۈلەيسۇنلارغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ، يىرتقۇچلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىي مەخلۇق دەل شۇ.
    -نىمىگە تۇرىسەن ھاڭۋىقىپ، تىز بول.  بۇ قاراپ تۇرىدىغان چاغ ئەمەس، مۆمىنكام خەتەر ئىچىدە قالدى.
    سادىن تۇرۇپ قالدى، تىنى جۇغۇلداپ بۇرۇن پەرەكلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى.  ئۇ ئىلگىرى بۆرە دىگەن مەخلۇق بىلەن ئىلىشىپ باققان.  ئەمما ھە دىگەندە ئۇنىڭغا بەۋا كەلگىلى بولمايدۇ. ئالىمادىس بىر ئىش بوپقالسا.  . . ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بۇنىڭدىن يىرىم يىل ئىلگىرى بۆرىلەر بىلەن تۇتىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاغىنىسى ئاخۇنبەگ كەلدى.  ئاخۇنبەگنىڭ بەرجەس قامىتى تۈگۈلۈپ قالغان مۈڭگۈز ساپلىق پىچىقىنى مەھكەم قاماللىۋالغان ئىدى.  بۇقىنىڭ پاتىڭىدەك يوغان بوينى قانغا مىلىنىپ تىتىلىپ كەتكەن، ئوچۇق قالغان كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قىتىپ قالغانىدى.  سادىن ناھايىتى ئۇزاققىچە دادىسىنىڭ يولۋاس بىلەن بىللە قۇچاقلىشىپ بىللە جان بەرگىنى بىلەن ئاخۇنبەگنىڭ ئاشۇ ھالىنى چۈشەپ چىقتى.  ھەر قىتىم مۇشۇنداق چۈش كۆرگەندە ياكى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ھالتى يادىغا يەتسە نىمىشقىدۇر تىنۇ جۇغۇلداپ، ئىسەنگىرەشتىن، ئەزايى بەدىنى تىكەنلىشىپ كىتەتتى. 
    -ئۈچىمىزلا بارساق تەڭ كىلەلەمىزما؟. . . يا باشقا نىرىنى ئىزلەپ باقساڭلار بولامدىكىن.  . .
    -بۇ نىمە دىگىنىڭ.  جان تۇمشۇققا كەلگەندە بۇ جاڭگالنىڭ نەرىدىن ئادەم تاپقىلى بولسۇن، يا بۇ يۇرت ئچى بولمىسا.
    -ئە. . . . ئگمىسە سىلەر اڭغاچ تۇرۇڭلار، كەينىڭلاردىن باراي يەنە قىلىدىغان ئازىراق ئاشىم تۇرىدۇ.
    -<مالغا بۆرە تەگسە ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ >دىگەندەك، ئاۋۇ يەردە بىرسى ئۆلىۋاتسا، نىمە دىگىنىڭ بۇ.  قورقىۋاتامسەن يا سادىن
    -دىدىمغۇ ئازىراق ئىشىم بار دەپ، سىلەر بىرىۋىرىڭلار.  . . . . .
    -ۋوي قورقانچاق، تىخى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى بولاپ قاپتۇ.
    -ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا تۆمۈر پالىۋان تۆمۈر پالىۋان دەيدىكەنمىز.  بالىسىنىڭ ھالى شۇ بولغان يەردە دادىسى قانچىلىك بولماقچىدى.
    -ياق ئۇ قالتىس ئادەم. 
    -ئۇ ھەقىچان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بىر گادايمىكىن. 
    ئىككەيلەن بىرنىمىلەرنى دەپ غوتۇلداشقىنىچە كىتىپ قالدى.  ئۇلارنىڭ بايا ئات چاپتۇرۇپ كەلگەندىكى جىددىيلىكىمۇ سۇسلاپ قالغاندەك قىلاتتى.  سادىننىڭ يۈرىگىنىڭ بىر يەرلىرى ۋىژىلداپ ئىچىشتى.  ئۆزىنىڭ بايىقى قىلمىشىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغىنىنى پەقەت ئىلغا قىلالمىدى.  <ھەممىسى دادامنى قالتىس ئادەم دىيىشىدۇ.  نىمىشقا ئۇنىڭدىكى قورقۇمسىزلىق مەندە يوقتۇ. ياق، مەنمۇ بوش ئەمەس، ۇرتتا مىنىڭچىلىك ئوۋچىدىن يەنە كىم بار.  مۇنۇ ئىككىسىمۇ بۆرىلەرنى كۆرۈپلا يىنىمغا سەكىلدەپ كەپتىغۇ. ئەمما مەن دىگەن مەن دەپ بىر ئىشلارغا ئۆزۈمنى ئۇرىۋەرسەم بۇنىڭ ماڭا نىمە پايدىسى.  >. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللي تاپغاندەك بولدى.  ئەمما كۆڭلىدە يەنە غودىرايتى :<گىپىم بار دەپ قىلىۋىرىدىغان نىمىلەركەن بۇ.  ئۇنداق دىگەن بىلەن ئوينىشىدىغان مەخلۇق ئەمەس.  بىكادىن بىكا جاننى سىلىپ بەرسەم قانداق بولىدۇ.  دادامنى شىپى كەلتۈرۈپ كىتىشكىنىنى تىخى.  ئۇ شۇنداق بىر زامانلار بولغىيتى بەلكىم.  دادام شۇنداق قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن ئۇنى دورايمەن دەپ ئالىمادىس بىر ئىش بوپ قالسا باللىرىم قانداق قىلىدۇ؟خوتۇن بالا-چاقىلىرىم نەلەردە بويۇن قىسىپ يۈرۈيدۇ؟>ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يەتتە سەككىز ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلى سادىر كىلىۋالدى. ۋاي-ۋۇي ئۇنىڭ قىلىقلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى دىسە. . . . .
    قىرىپ يىشى بىريەرگە بىرىپ قالغان ئانىسى بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇھ تارتىپ ئولتۇرۇپ كەتتى؛
    -بۇ ئىشىڭ پەقەت قاملاشماپتۇ.  سەن دىگەن تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى.  داداڭنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ئەھلى يۇرت تەۋرەپ كىتەتتى.  ئۇنىڭ يۇرتقا ئەقىدىسى بەك كۈچلۈك ئىدى.  يۇرتمۇ داداڭنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن.  سىنىڭ بۇ قىلىقىڭ. . . . . . . .
    سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن دادام شۇنداق بىر قارام ئادەمكەن.  ئۇنىڭ ئوغلى بولسا نىمە بوپتۇ.  دادىسى نىمە قىلسا بالىسىمۇ شۇنى قىلىش كىرەكمىكەن.  تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلىمەن دوپ، ككرۈنۈپ تۇرغان بالا قازاغا ئۆزۈمنى ئۇردام بولامتى. جان دىگەن ھەممە ئادەمگە تاتلىق.  مەن خوتۇن بالام بار ئادەم.  . . . . .
    ئانا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋىتىپ تۆمۈر پالىۋاننىڭ ۋاياتلىقىدا ناھايىتى موھىم بىر ئىشنى كەم كىلغانلىقىنى ئويلاپ يىتىپ، بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزاقتىن -ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. 
    *******************************************************************************************
    -نەگە ماڭدىڭ سادىر ؟
    سادىن ئوغلىنىڭ جابدۇنۇپ سىرتقا ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىۋالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوغلىغا بولغان سۆيۈنۈش، ئامراقلىقنىڭ كۈچلۈك ئوتى يىلىنجاپ تۇراتتى.  مانا مۇشۇ ئوغۇلنىڭ ئۆزى سادىننىڭ مۇشۇ دۇنياغا ئۆز ھۇجۇدىدىن تامغان ۋارىسى، ئۆچمەيدىغان ئىزى، ھاياتىنىڭ داۋامى،نەسلى نەسەبىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ھەم ماتەنەتلىك دەلىلى.  بىر ئەركەك ئۈچۈن ئوغۇل دىمە بىر ھىساپتا ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى. ئەر يىتىپ قالغان ئوغۇلغا ئاتا بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىدە شىرىنلىكنى ھىچ نەرسە بىسىپ كىتەلمەيدىغان مۇشۇنداق بىر سۆيۈنچ تۇيغىسى بولىدۇ. بۇنداق تۇيغۇ يۈرىكىگە چەكسىز ئاراملىق، قانائەت ۋە غورور ئاتا قىلىدۇ.
    -ئاغىنىلەر بىلەن جاڭگالغا بارماقچى بولغان. 
    -جاڭگالغا ؟جاڭگالغا نىمە بوپتۇ؟
    -توشقان ئوۋلايمىز
    -توشقان ئوۋلايمىز ؟توشقان ئوۋلايمىز دە.  بۇ ئىشىڭ قاملاشماپتۇ.
    -نىمىشقا، دادا، بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟
    -ئەمدى دەيمىنا، ئوۋ دىگەنننى مەندىن سورىساڭ بولىدۇ، خەتىرى يامان ئىش بۇ.
    -ھا ھا ھا، قارا گىپىڭنى، توشقان ئوۋلاش دىگەننى قانچىلىك خەتىرى بولماقچى ئىدى ؟ئاڭلىسام بوۋام رەھمىتى يولۋاس ئولتۈرگەنمىش.  مەن ئۇنىڭ نەۋرىسى تۇرۇپ.  . . . .
    -ئا. . . قويغىنا، مۇشۇنداق گەپنى.  ئۇ دىگەن قاچانقى گەپلەر.  بىر كىملەر نىمە قىلسا سەنمۇ شۇنى قىلامسەن.  بۇ گەپكە ئىسلىۋالما.  ھازىر دىگەن ھازىر.  ھە دىسە دەقيانۇسنىڭ ۋاختىدىكى گەپلەرنى دەپ يۈرمە.  بايا دىگىنىمدەك ئوۋچىلىق ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.  سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان گەپ. 
    -ئەمىسە سەن ماڭا ئۈگىتىپ قوي. سەن مۇشۇ ئوتتۇرادا خىلى نمى بار ئوۋچى. 
    -قوي بۇ گەپنى.  دىدىمغۇ،ئوۋچىلىقنىڭ خەتىرى يامان، بەزىدە جاننى سىلپ بىرىشىڭگە توغرا كەپقالىدۇ. ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھاندا تىنىچ خاتىرجەم ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەنگە نىمە يىتىدۇ؟
    سادىن شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا دادىسىنىڭ يوغان تاغىل يولۋاس بىلەن ئىلىشىپ يولۋاسنىڭ گىلىنى بوغققان پىتى جان بەرگەن قىياپىتى كۆز ئالدىغا كىلىپ تىنى سىقىراپ،قىزىتىلغان تۆمۈر زىخ يۈرىكىگە قادالغاندەك بىر ئاچچىق تۇيغۇدىن مىڭىسىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. 
    -بىراق كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم بىرەر ئىش قىلغۇم بار. 

    -ھە، نىمە ئىش؟
    -ئۆزۈممۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن.  نىمە.  ىش بولسا مەيلى.  ئىشقىلىپ بىرەر ئىش قىلسام، ئۆمۈرۈم بىكار ئۆتمىسە دەيمەن.  چىلىشچى بولساممۇ ياكى. . . . . . . .
    -كاللاڭ قىززىپ قاپتۇ.  ئوۋچىلىق، چىلىشچىلىق، ئوغلاق تارتىش، دىگەنلەر ئادەمگە ئارامچىلىق بەرمەيدىغان ئىشلار.  ساڭا دەيدىغان گېپىم شۇ ز:قانداق قىلىپ بولمىسۇن تىنچ ئامان تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇت.  ھازىردىن باشلاپ بولار بولماس خىياللارنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت. 
    سادىن سۆزلەۋىتىپ ئوغلىغا سەل ئاچچىقى كەلگەندەك قاراپ قويدى.  ئوغلى ھە دىسە بوۋىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ، بالىلىق قىلىپ ئۇنى دورايمەن دەپ بىرەر پىشكەكچىلىككە ئۇچىراپ قالسا قانداق بولىدۇ. سادىن ئۈچۈن دادىسىنىڭ يەنە ئاخۇنبەگلەرنىڭ كۆرمىشلىرىنىڭ يىتىپ ئاشقۇدەك ساۋاق ئەمەسمۇ.
    -لىكىن شۇنداقتىمۇ توغقا ئوۋلاشنىڭ نەرە يامان.  ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى مىنىڭ.  ئالدىنقى قىتىممۇ ئىككى توشقان تۇتۇپ كەلگەن ئىدىم.  بىخەتەر<قاپقان قۇرۇپلا تۇتىمىز. 
    -تىخى ئىلگىرى بىر قىتىم بىرىپتىكەنسەندە. مەن ھەجەپ بىلمەي قاپتىمەنغۇ؟
    -ساڭا دىمەيلا كىتىپ قالغىنىم راست.  خاپا بولما دادا ھىچنىمە بولمىدى. 
    -شۇنداقمۇ دەيسەن، خەتىرى بار ئىشچۇ بۇ.  خاپىلىقنىڭ ئېزى ياخشى.  توشقاندەك نىمىدىن قانچىلىك گۆش چىقاتتى.  توشقان قوغلايمەن دەپ بىرەر نەرسىگە پۇلىشىپ يىقىلساڭ ياكى مۈدۈرۈپ كەتسەڭ.  . . . . <بالا -قازا كۆرۈنمەس،پۇت قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ >دىگەندەك يىرتقۇچلارغا يولۇقۇپ قالساڭ.  . . . . .
    -ئۇنداق بولماس. 
    -ئۇنداق بولمايدىغىنىنى نەدىن بىلىسەن.  مەن بىلەن تولا تاكاللاشماي ماڭ بىرىپ ئىشىڭنى قىل.  ئاناڭ ئوت ياش ئوتاۋاتىدۇ، شۇنىڭغا قاراش، تولا ئىچىمنى پۇشۇرما. 
    -دادا. . . . . .
    -ماڭ دەۋاتىمەن ياغاچقۇلاق.  بىرنى قويىمەن ھېلى بىكار
    سادىر دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراشقا پىتىنالماي، يەرگە دوڭغۇيۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئارقىسىغا يىنىپ باغقا قاراپ ماڭدى.  شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئوۋ ھەققىدە بىر نەرسە دىگەنلىكىنى ھىچكىم ئاڭلاپ باقمىدى. 
    (3)
    ھويلا تىمىنىڭ يىنىدا ئۆسكەن ئىگىز ئۈجمىنىڭ شاخلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قۇرۇپ كەتكەن.  ئۈجمىنىڭ تۈۋىگە بۇ يىقىندا سۇ كىرمىگەندەك توپا ئۆلەپ تۇرىدۇ. بىر تەرەپكە قىيسىپ قالغان كونا زاماننىڭ دەرۋازىسىنىڭ قىلىن تاختايلىرى قىيىپ، يىرىقلىرىغا پاختا تىقىپ قويغاندەك كۆرىنەتتى.  كىرلەشكەن، چىرىشكە باشلىغان دەرۋازا كۈچلۈك بىر زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتى. 
    سادىر قاراڭغۇ ئايۋاندا ئاچچىق موخۇركىنى شوراپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئىدى.  كۆكۈش موخۇركا ئىسلىرى تايىنسىز يۈرەكتە توزۇپ كىقتىۋاتقان ئاجىز روھتەك لەيلەپ يۈرەتتى.  ئون ياشلارنىڭ قارىسىنى ئىلىپ قالغان ئوغلى سەمەتجان يىنىدا ئولتۇراتتى.  بالا دادىسىغا قورقاندەك قاراپ قويۇپ ئاستا سورىدى:
    -دادا. . . تۆ. . تۆمۈر پالىۋان دىگەن كىم؟
    -تۆمۈر پالىۋان ؟بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن.   ئۇ شۇنداق بىر ئادەمدۇ.
    -خەقلەر. . . خەقلەر ئۇنى سىنىڭ ئۇلۇغ بوۋاڭ، قالتىس ئادەمكەنمىش دىدى. 
    -بۇنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن. قالتىس ئادەم بولسا بولمامدۇ. ئۇنىڭ سەن بىلەن ماڭا ھىچ ئالاقىسى يوق.  ئۇنى كىم كۆرۈپتىكەن. 
    -بىراق ئۇ. . . . .
    -نىمە بىراق.  بۇنداق پەلىپەتىش گەپلەرنى خىيال قىلىپ يۈرمەي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ.
    -خەقلەر ئۇنى يولۋاس ئۆلتۈرگەن دەيدۇ.
    -قىپقىزىل يالغان گەپ.  نەدە ئادەم دىگەننىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگىنى بار. گەپ دىگەنگە مۇشۇنداق ئۆرۈلۈپ چۆرۈلۈپ مۇشۇنداق قانات قۇيرۇق چىقىپ قالىدۇ. تىلنىڭ سۆڭىكى يوق دىگەن شۇ.  بەلكىم ئۇ يولۋاسنى ئەمەس يولۋاس ئۇنى ئۆلتۈرگەن بولغىيتى.  بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق گەپلەرگە قۇلاق سالما،ھەممىسى يالغان. 
    -بىراق بۇنى خەقلەر راست دەيدۇ،-بالا شۇنداق دەۋىتىپ قورققاندەك كەينىگە شىپقىدى. 
    -ئاغزىغا بىرنى قويىمەن ما گۇينىڭ ھىلى.  ھەجەپ مەن ئاڭلىمىغان گەپنى سەن ئاڭلاپسىنا.  دىدىمغۇ،ھەممىسى يالغان گەپ.  بۇنداق ئىشلارغا كاللاڭنى چاچماي ئوقۇشۇڭنى بىل.  مۇئەللىمىڭنىڭ گىپىنى ئوبدان ئاڭلا.  ئىنتاھاندا يانا تۆۋەن نۇمۇر ئالساڭ قۇلىقىڭنى يۇلۇپ قولاڭغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن.  بۇرۇن كىملەر نىمە ئىشلارنى قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى.  بايا دىدىمغۇ،ئۇنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق.  بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى بىلسەك بولدى ئاڭلىدىڭمۇ.
    ئوغلى ياش يۇقى كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ ئارقىغا داجىدى.  كىچىككىنە تۈڭلىكتىن چۈشۈپ تۇرغان، كەڭ -پاكار ئايۋاننى كۈچەپ قىيلىنىپ، ناھايىتى تەستە يورۇتۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى. 
    سادىر،ھوي سادىر
    خوتۇننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغان سادىر ئوغلىغا ئالىيىپ قويۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ خىقىرىدى :
    -نىمە بولدى،گىپىڭ بولسا قىشىمغا كىرىپ دىمەمسەن.  ئادەمنى بىردەم ئارامىدا قويمىغان. . . . . .
    خوتۇنى قۇچاقتىكى بالىسىنى پەس قىلالماي رەللە بولغىنىچە ئايۋانغا كىرىپ كەلدى. 
    -ئۆيدە ئۇن تۈگەپتۇ، تۈگمەنگە بىر بىرىپ كىلەمسىز
    -ئا. . . . ئۆزۈڭ بارغىنا، ئادەمگە ئىش خوشياقمىغاندا. مەن ئاغىنىلەر بىلەن قارتا ئويناشقا دىيىشىپ قويغان
    -ھوي،ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز بارسىڭىز نىمە بولىدۇ.  نەدە خوتۇن كىشى تۈگمەنگە بىرىپ ئۇن تارتىدىغان ئىش بار
    -بارسا نىمە بولىدىكەن.  خوتۇن كىشىنىڭمۇ قورسىقى باردۇ.
    بارلىقىغۇ بار.  شۇنداقتىمۇ ئەر كىشى تۇرغان يەردە خوتۇن كىشى تۈگمەنگە بىرىپ ئۇن تارتىمەن دەپ يۈرسە قاملاشماس. 
    -قاملاشمايدىغان نىمىسى بار، قاملىشىۋىرىدۇ.
    -سىزمۇ ئەر كىشى بوپ قاپسىز. 
    -ئاغزىغا بىرنى قويىدىكەنمەن.  ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ئەر كىشى، ئەر كىشى بولغاندىكىن دەۋىرىدىغان نىمىكىنا بۇ.  ئەركىشى بولغانغا تويغۇزامسەن. 
    -بولدى گەپ قىلمىدىم.  ئۆزەملا باراي بولدى.  تۈگمەن دىگەنەە ساپلا ئەر كىشى، ئادەمگە بىر قىسما قاراشقىلى تۇرسا خىجىل قىلىپ.  . . . .
    -بولدى، دەۋەرمە بۇ گەپنى قارىسا قارىمامدۇ.  قارىغانغا سىنى يەپ كىتەمتى. 
    ئۇلار شۇنداق دەپ دەتالاش قىلغاننىڭ ئۈستىگە قوشنىسىىڭ سەمەتجان بىلەن قۇرداش ئوغلى بىر قارا مىكىياننى كۆتۈرۈپ ئايۋانغا كىرىپ كەلدى. 
    -سادىركا، ئانام بۇ توخۇنى بوغۇزلاپ بەرسۇن دىۋىدى. 
    -سادىر بىر بالىغا، بىر بالىنىڭ قولىدىكى توخۇغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.  بۇرۇن پەرەكلىرى كىڭىيىپ كەتتى. 
    -خاپا بولما،مە. . . مەن توخو بوغۇزلىيالمايمەن. 
    خوتۇنى ئۇنىڭغا قاراپ مەخىرىلىك ھىجىيىپ قويدى.  ئۇ تا مۇشۇ كۈنگىچە ئېرىنىڭ توخو چاغلىق بىر نىمىنى بوغۇزلاپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ راستىنلا توخو بوغۇزلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگەندە بەكلا ھەيران قالدى. 
    -ئۇنداق دىمەي بوغۇزلاپ بىرىڭە سادىركا، ئۆيگە مىھمان كەلگەن. 
    -ساڭا دىدىمغۇ، بوغۇزلىيالمايمەن، قورقىمەن دەپ. 
    -توۋا، كاراڭ سىزنى، ئەركىشى بولغاندىن كىيىن، توخو دىگەن قانچىلىك نىمىدى، بوغۇزلاپ بەرسىڭىز نىمە بولىدۇ.
    -ماۋۇ نىمىنىڭ چىشىنى تۆكىۋەتكۈدەك بولدۇم.  نىمە گەپ بولسا ئەر كىشى بولغاندىكىن، ئەر كىشى بولغاندىكىن دەۋىرىسەن، ئەر كىشى بولغانغا تويغۇزامسەن. 
    -ماۋۇ توخۇنى قانداق قىلىمىز، مەزلۇم كىشى بوغۇزلىغان جاندارنىڭ گۆشى ھارام، -دىدى،خوتۇنى ئۇنىڭغا زەردە بىلەن تىكىلىپ.  ئېرى ئۇبىڭ كۆزىگە ئەزەلدىن ئۇنداق زەئىپ كۆرۈنۈپ باقمىغان ئىدى. 
    -ھالال -ھارام بولىشى بىلەن نىمە كارىم.  دىدىمغۇ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل.  مەن قورقىمەن. 
    -ئەكەل،بالام، مەن بوغۇزلاپ بىرەي، -دىدى خوتۇنى بالىنىڭ قولىدىكى توخوغا قولىنى ئۇزۇتۇپ، -ئەر كىشى يوق يەردە ئايال كىشى بوغۇزلىسىمۇ ھالال بولىۋىرىدۇ.
    قوشنىسىنىڭ ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سادىرنىڭ خوتۇنى نىمىشقىدۇر ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.  ئۇنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ سەمەتجانمۇ ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يىغلاشقا باشلىدى. 
    (4)
    تار ھويلىلىق ئۆيدىن قانداقتۇر بىر بىر كۈينىڭ يەڭگىل ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئالمىنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى ھالسىز بىرھالدا كۆزگە تاشلىناتتى.  كەچكى قوياشنىڭ ئىسسىقى تار ھويلىنى دىمىق قىلىۋەتكەنىدى. 
    ئۆيدىن كۈجە ھىدى ئاڭقىپ تۇراتتى.  چىنىدەك پاكىز تازلانغان ئۆيدە ھەممە نەرسە شۇنداق رەتلىك، جاي جايىدا قويۇلغان.  چاقچۇق پولنى سۈرتىۋاتقان سەمەتجاننىڭ پىشانىسىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پارقىرايتى.  تارتىۋالغان پەرتۇقى تىزىدىن ئىشىپ تۇراتتى. 
    ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيگە ئۇنىڭ خوتۇنى كىرىپ كەلدى.  قويۇق گىرىملىرى، بۈدۈر قىلىنىپ سىرىق بويالغان چاچلىرى بۇ ئايالنى زامانغا لايىق چوكانلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە قىلغاندەك ئىدى. 
    -كەلدىڭىزمۇ،-دىدى سەمەتجان قولىدىكى پول سۈرتكۈچنى تامغا يۆلەپ قويىۋىتىپ، -چاي دەملەپ بىرەي. 
    -بولدى، ئۇسسۇمىدىم.  كىرلەرنى يۇيۇپ بولدىڭىزمۇ ئ
    -يۇيۇپ دەزماللاپ قويدۇم، قايسىسىنى كىيىسىز، ئاچىقىپ بىرەي. 
    -بولدى، سەل تۇرۇپ ئۆزەم تاللايمەن.  بۈگۈن پەرىدەنىڭ چىيىغا.  قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى.  تاماقنى تىزىرەك.  ئېتىڭ. 
    -تەييارلىق قىلىپ قويغان، ھازىرلا پىشىدۇ. بىراق شۇ.  . . . . .
    -نىمە بولدى ؟
    -چايغا بارسىڭىز، بالدۇراق يىنىو كەلسىڭىز بوپتىكەن.  يىرىم كىچىدە -تاڭ ئاتاي دىگەندە ئېشىك مۇشتلاپ يۈرسىڭىز ئۇيقۇم ئىچىلىپ كىتىدىكەن.  بىلىسىز، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس.  ئاران ئۇخلىغاندا بىرلا ئويغۇنۇپ كەتسەم ئۇقۇم قىچىپ ئۇخلىيالماي بەك قىيلىنىپ كىتىمەن. 
    ئايالنىڭ چىرايلىق كالپۇكلىرى چۈشەنگىلى بولمايدىغان تەرزدە قىيسايدى.  . زەن سالغان ئادەم دىققەت قىلسا بۇنىڭدىكى مەنىدىن جانلار قاقشاپ كىتەتتى. 
    -شۇنداقمۇ،سىز تىخى ئۇخلىيالمايدىغان بوپقالدىڭىزما. سىزنىڭ ھىچنىمىڭىز ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيقىڭىز بەك ئوبدان.  سىز مەن بىلمەيدىغان سەمەتجان ئەمەس.  . بارغاندىن كىيىن تازا ئويناپ پۇخادىن چىققاندا كىلىدىغان گەپ.  سىزنى ئۇخلىيالمايدىكەن دەپ، چايدىن بۇرۇن يىنىپ كىلىدىغان ئىش يوق. 
    -ئايال پەرۋاسىزلا شۇنداق دەپ قويۇپ ئۇدۇللا پەرداز ئەينىكىنىڭ ئالدىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇققا ئولتۇر ۇپ قاش قەلىمىنى قولىغا ئالغاچ دىدى:
    -لازىنى كۆپرەك سىلىڭ - ھە، لازا بولمىسا تاماق پەقەت ئېغىزىمغا تىتىمايدۇ مىنىڭ. 
    -بىراق شۇ، -سەمەتجان تەمتىرەپ >-لازا يىسەم ماڭا زىيان قىلىدىكەن.  سىزمۇ بىلىسىز، ئاشقازىنىم ئاغرىپ.  . . . . شۇڭا ئازىراق سالايمىكىن. 
    -ۋۇي ما گەپنى.  قاچاندىن باشلاپ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىيدىغان بوپ قالدى سىزنىڭ.  سىزگە زىيان قىلىدۇ دەپ مەنمۇ يىمىسەم بولامتى ئەمىسە.  قىززىق گەپ بولدىدە بۇ، زىيان قىلغان بولسا سىز يىمەڭ.  بازاردىن نان ئەكىرىپ يەڭ، نانغا لازا سالمىغاندىن كىيىن. 
    -ۋايجان.  دائىم مۇشۇنداق ماڭا زىيان قىلىدۇ دىسەم.  . . . -سەمەتجان بىر نىمىلەرنى دەپ غودۇرۇغىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى. 
    -ئەمىسە سىزگە ئاۋال ئىتىپ بىرەي.  ئاندىن مەن قورۇپ يەي، شۇنداق قىلسامغۇ بولار.  -سەمەتجان ئاشخانا ئىشىكىدىن بىشىنى چىقىرىپ شۇنداق دىدى.  ئاپئاق يۈزى بىرتەرەپكە سىڭايان بولۇپ تۇراتتى. 
    -بولدى بولدى، نىمىلا ئەتسىڭىز تىزىرەك بولۇڭ، كىچىكىپ قالسام بولمايدۇ. 
    -ھازىرلا تەييار قىلىمەن.  ئۆزى ھىچ ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلماي ئادەمگە تولاۋەرگەن. 
    سەمەتجاننىڭ ئاپئاق چىرايى قىزىرىپ كەتتى.  خوتۇنىنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولماسلىقى ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. 
    -ۋايجان. . . . . ئاپا.  . . . . .
    خوتۇننىڭ قاتتىق چىقىرىشىدىن قورقۇپ كەتكەن سەمەتجان يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئاشخانىدىن چىقتى.  خوتۇنى ئىككى قولىنى ئىڭەكلىرىنىڭ ئاستىغا جۈپلەپ تۈگۈلگىنىچە تىتىرەپ تۇراتتى.  كۆزلىرى چەكچىيىپ چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغانىدى.
    -نى.  . . . نېمە بولدىڭىز، -سەمەتجان خوتۇننىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزى ئۇنىڭدىنمۇ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئاقپىشماق چىرايىدا ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى. 
    -پا. . . پاقا.  . . .
    -نېمە. . . پاقا.  . . .
    -تېز بولۇڭ ئۇنى تالاغا تاشلىۋىتىڭ قورقىمەن
    سەمەتجان ئالدىغا بىرقەدەم مىڭىپ يەنە كەينىگە چىكىندى. 
    -تىز بولۇڭ، ئۇنى تىز ئىلىۋىتىڭ، بەك قورقۇپ كەتتىم. 
    كىچىكرەك بىر پاقا بۇ ئۆيدىكى جىددىيچىلىكتىن بىخەۋەر ھالدا پوكىنىنى لىپىلدىتىپ تۇراتتى.  ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە نەدەن كىرىۋالغىنىنى ھىچ ئۇققىلى بولمايتى. 
    -نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، تىز بولۇڭ دەيمەن تىز، -خوتۇنى يىغلامسىراپ ئۇنىڭغا ئاچچىق بىلەن ۋاقىرىدى. ، -قورقۇپ ئۆلەي دىدىم،
    سەمەتجان بىر خوتۇنىغا، بىر پاقىغا قاراپ تىتىرىگىنىچە ئالدىغا بىر قەدەم مىڭىپ توختاپ قالدى.  پاقا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بارغانسىرى يوغىناپ كىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتاتتى.  ئۇ يەنە بىر قەدەم ماڭاي دەپ تۇرىشىغا پاقا سەمەتجاننىڭ ئالدىغا دىككىدە بىر سەكرەپ نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ قاراپ تۇردى.  سەمەتجان مەڭدەپ كەتتى ۋە سەت ئاۋازشدا چىقىرىۋەتتى :
    -ۋايجان.  . . . -ئۇ شۇنداق چىقىراپ ئۇرنىدا مىخلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدى.  قورقۇنچتىن كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى. 
    -تىز بولۇڭ، نىمە لامزەللىدەك تۇرىسىز، بەك قورقۇپ كەتتىم. 
    -سىز قورقسىڭىز مەن قورقمامدىكەنمەن، ما گەپنى.  -سەمەتجاننىڭ گىپى تۈگىشى بىلەن پاقا سەكرەپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدى. 
    -ۋايجان، ۋاي خۇدايىم، جىنىم چىقاي دىدىغۇ.  -خوتۇنى چىقىراپ بايىقى جايىدا تۈگۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. 
    -ۋىيەي خۇدايىم، نىمانداق سەت بىرنىمە بۇ، -سەمەتجان شۇنداق دەپلا پارتلا قىلىپ تالاغا قاچتى.  ئۇنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەن ئايالىمۇ سوڭدىشىپلا تالاغا يۈگەردى.  دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ جەھلى بىلەن يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان ئېرىگە قاراپ كۆزلىرىدىكى ياشنى توختىتالماي قالدى، ئاندىن ئۆزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى. 
    ئايالىنىڭ كەلمەسكە كەتكەن بىر قىممەتلىك نەرسە ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ھازا ئاچقاندەك يىغلاپ نالە قىلىشلىرى سەمەتجاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. 
    -ئۆيدىن ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلق ئوغلىنىڭ قىقىرىغان يىغىسى ئاڭلاندى.  بالىنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى شەھەرنىڭ ئۆلۈك شاۋقۇنلىرى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.