ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە(ھەجۋىي)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:32:30

-ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

    ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە

    (ھەجۋىي)

     

    1

     

    -ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

    - ھاكىم بىلەن كۆرۈشىمەن، خەلق سايلىغان ھاكىم بىلەن،- كېتىۋەردى ئايال

    -توختاڭ-توختاڭ، كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشىدىغان چوڭ دادىڭىز ئەمەس ھاكىم دېگەن، رۇخسەت قىلسا كۆرۈشىسىز،- ئالدىنى توستى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

    ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئادەملەر توپلاشتى.

    -ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار،- بۇيرۇق قىلدى ئىشخانا مۇدىرى.

    -ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرەر يۈز قېتىم باردىم، نېمىنى ھەل قىلدى، ئۆيۈمنى چېقىۋېتىپ، تالادا قالسام، ھاكىم ئىگە بولمامدىكەن، كونا زاماندىكى ھاكىم-ئامباللارمۇ دەۋاگەر ناغرا چالغان ھامان تەق بولۇپ دەۋا سورايدىكەن، ئەجىبا بۇ ھاكىم بىلەن كۆرۈشمەك شۇنچە تەسمۇ، ئۇ موشۇ ھويلىغا ياكى بىر پىكاپقىلا ھاكىممۇ، ئېسىت، ئېسىت شۇنداق ھاكىملىقىغا، دەپ قويۇڭلار، ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن ئۇنداق ھاكىمنى،- ئايال سۆزلەيتتى، يۇلقىناتتى.

    ئايال ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ھەر كۈنى باردى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىر كۈنى:

    -بۈگۈن يېڭى ھاكىم كېلىدىكەن،- دېيىشتى شۇ ئىدارىدىكىلەر.

    - ئاۋۇ ھويلىدىكى ھاكىمچۇ؟

    - ۋىلايەتكە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئۆسۈپتۇ.

    چەكچىيىپ قاراپ قالدى ئايال.
     
     

    2

     

    \



     

    -30 يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىدا بۇنچىلىك ئاڭ بولمىسا، قانداق بولغىنى، چۈشەندۈرۈڭلار، بۇرۇتىنى چۈشۈرىۋەتسۇن دېدى،- دەپ باشلىقنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزدى
    مۇئاۋىن باشلىق.

    - يېشىم 60 كە تاقاپ قالدى، قۇدا-باجىلىق، نەۋرىلىك بولۇپ قالدىم، بۇ ياشقا يەتكەندە، بۇرۇتۇمنى چۈشىرېۋىتىپ يۈرسەم، سەت ئەمەسمۇ؟،-دېدى مۇئەللىم.

    - باشلىق شۇنداق دېگەندىكىن چۈشۈرىۋەتمەمسىز، قاراڭ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ چۈشۈرىۋەتتۇققۇ مانا، نەچچە يىل بولدى،- دېيىشتى بىرنەچچە خىزمەتدىشى.

    - ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلسىڭىز، يىللىق مۇكاپات پۇلىڭىزنى ئالىمەن، دەپ خام-خىيال قىلماڭ،- قوشۇپ قويدى مۇئاۋىن باشلىق.

    - توۋا، مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشقان بولغىيدى، سىلەرمۇ نىمانچە مېنىڭ بۇرۇتۇم بىلەن قالىسىلەر، قېتىقىڭلار ئۇيۇيدىغان ئىش بولسا، بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئاۋارە بولغىچە، چىراي ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسىلا قىلدۇراي، - زەردە بىلەن چىقىپ كەتتى مۇئەللىم.

     

    3
     

    -ھوي، داۋۇت سېكرتار، بۈگۈن نېمە كۈنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلە؟

    - ياق، ئۇنتۇپ قالامدىغان، مەن جابدۇنغىلى نەچچە كۈن بولدى.

    - يەنە كىملەر كەلمىدى؟

    - رېشىت داۋىخور كەلمەپتۇ.

    - بۇلتۇر كۆتەرمە كەنتنىڭ سېكرتارى مىجەزىم يوق دەپ پەتىگە بارماي نېمە كۈننى كۆرگىنىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ-دە ئۇ داۋىخور.


     

    - باشلىق مەن جىق ئىچەلمەيمەن.

    - ھاراق ئىچەلمىگەن جېنىڭغا سېكرتار بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ، كېچىكىپ كەلگەننىڭ جازاسى، ئىچە. چاغانلىق پەتىلەپ كېلىپ ھاراق ئىچمەي كەتسەڭ ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟

    - ئەمىسە، ماۋۇ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىڭ، ھېلى تەڭشىلىپ قالسام، ئېسىمدە يوق كېتىپ قالماي يەنە.

    -باشلىق، مائارىپتىكىلەر پەتىلەپ كەپتۇ.

    - بىردەم ساقلاپ تۇرسۇن، ئۆي بىكار بولغاندا، 15-20 دىن بۆلۈنۈپ كىرسۇن، بولمىسا ئۆيگە پاتمايدۇ...

    (ئابلاجان تۇردى) 
     

    ئەسكەرتىش: رەسىملەر توردىن ئېلىنغان. رەسساملارغا تەشەككۈر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھاكىم بۇرۇت پەتە