ئاق شامال (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-07 11:31:20

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} ئاق شامال(ھېكايە)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ئۇ ئاغىنىلىرى چاقىرغان سورۇندىن چىقتى، خو

    ئاق شامال
    (ھېكايە)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت

     

       ئۇ ئاغىنىلىرى چاقىرغان سورۇندىن چىقتى، خوتۇنى ئاغىنىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن گەپلىشىپ قالدى.
       ئاغىنىلىرىدىن ئىككىسى يېزىغا مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ، تەڭلا سەمرىپ كېتىشكەن، خوتۇنلىرى ئەكسىچە بارغانچە ئورۇقلاپ كەتكەنىدى. رېستوراننىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە دېسكو مۇزىكىسى، قىزلارنىڭ قىيا-چىياسى ئەۋجىگە چىققان، گويا ھەقىقىي ھاياتلىق تولغىنىۋاتقان بەدەن ۋە تولغان بەللەردە ئىدى.
    −ھاجەتخاناڭلار نەدە؟−دەپ سورىدى ئۇ تالادىكى ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەسلىنىپ.
    ئاشخانىدا بىرنېمىلەرنى توغراپ، پىچىقىنى بىلەپ يۈرگەن ئاق فورمىلىق بالا ئېرىنمەستىن ئۇنى باشلاپ ھاجەتخانىنى كۆرسىتىپ قويدى.
    ئۇ يەنە سېسىق ھاۋاغا كىرىپ قالدى، ئەمما باشقا تۇيغۇلىرى راھەتلىنىپ قالغانىدى. تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى، نېمە سۈمۈرۈۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق، كاللىسى ئىس-تۈتەككە توشۇپ كەتكەندەك تۇمانلىق، ئېغىر، قاپقارا، تىزگىنسىز ئىدى. كۆڭۈل ئاسمىنى تۇتۇق، نەپسى خاھىشى توساتتىن بىر ئاينىڭ پارلاپ چىقىشىنى، ۋۇجۇدىنىڭ ئۇنىڭدا يورۇپ كېتىشىنى ئىستەيتتى...
    ئىككىنچى قەۋەتتە توشقان مۇزىكىسى چىقتى... گو-گو... لا دەيتتى زۇۋانى قىتئە ئاتلاپ يېتىپ كەلگەن سېرىق چاچلىق سەتەڭ... قىزلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوڭ-سولغا سەكرەيتتى، ئۇششاق بالىلاردەك ئوينايتتى... بىر چاغلاردا ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى كىچىك قىزلار يولغا كاتەك سىزىپ سوبو، تاختامپاي ئوينايتتى، سىزىقمۇ سىزىق ئاتلايتتى... ھەممە نېمە تەرەققىي قىلدى، تومپايلار شەھەرلىشىپ كەتتى، ئەمما قىلىق-ھەرىكىتى ئۆزگەرمىدى.
    ئۇ ھاجەتخانىنىڭ سېمونت تېمىدىكى ئىرماش-چىرماش يېزىقلارنى كۆرۈپ قالدى.
    −بىن لادىن بۇش بىلەن ئاغىنە...
    −گېتلىر ھايات ئىكەن...
    ئۇنىڭ كۈلكىسى قىستاپ تۇراتتى، يان خالادىن بىرسىنىڭ يانفونى سايراپ قالدى.
    −ۋەي، سانىيەمما، ئاداش، بىردەم ئولتۇرۇپ چىقىمەن! سەل تەخىر قىل−ھە، ئاداش... مانا ھازىرلا...
    خالانىڭ ئاستىدىن سالقىن بىر شامال كەلدى. خالانىڭ كەينى قوناقلىق بولسا كېرەك، شاخلىرى شىلدىرلاپ كەتتى...
    −ۋاي بىردەم توختىغىنە، ھازىر چىقىمەن... ئۇنىڭغا دەپ قوي، ماڭا چىدىماي كەتكەن بولسا مەشەگە كەلسۇن، بولمىسا...
    ئۇنىڭ گەپ قىلىۋاتقان بۇ قىزنى بىر كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ كەتتى. ئوتتۇرا تامنىڭ ئۈستىدىن بىر شامال تۆشۈكى ئېچىپ قويۇلغانىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە شۇنچىلىك توسۇق ۋە شۇنچىلىك ئۆتۈشمىلا مەۋجۇت... قىزنىڭ ئاۋازى ئەنە شۇ تۆشۈكتىن جاراڭلىق ھالدا كىرىپ تۇراتتى:
    −ئۇلار تېخى مەست بولۇشمىدىما؟ ئويناۋاتامدا! ھە، ئوينىسۇن، نوچىلىقىنى ھېلى كۆرىمىزغۇ...
    ئۇنىڭ قورسىقى كۆپتى، نېمىدىن كۆپكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمىدى.
    −بولدى، تولا گەپ قىلما، تېلېفون پۇلۇمنى تۈگىتىۋەتتىڭ... ھازىر چىقىمەن.
    قىزنىڭ ئىشتىنىنى ئېتىۋاتقان، ئايىغىنى بىر نېمىگە يەڭگىل ئۇرۇۋاتقان تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۇمۇ ئورنىدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتى. قىز ئەرلەر ھاجەتخانىسى ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا ئۇمۇ ئىشپيوندەك كەينىدىن سۇڭدىشىپ چىقتى. قىزنى ئارقىدىن كۆزەتتى... ئالۋاستى چاچ، ئالۋاستى بەل...
       قىز بىرنېمىنى تۇيغاندەك چۆچۈپ كەينىگە قاراپ سالدىيۇ، ئالدىغا ئىتتىك چامداپ مېڭىپ كەتتى.
    شۇ چاغدىلا ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىدى، چىرايى خۇنۈك ئىدى. قىزغا تۇرۇپ ئىچى ئاغرىپ قالدى، يېشى چوڭايغانچە خارلىنىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق قىزلار ئازمۇ؟ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلاپ كەتكىنىگە ئىسىت...
    ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ قالاتتى... ئەمما، ھەممە-ھەممىسى ئۆز ئىچىدىلا تۇنجۇقۇپ قالاتتى. كىم كىمنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىرىغا كۆڭۈللىشىپ كېتەتتى! ھەممىسى ئۆزىگە ھېساب، ئوينىسىمۇ، نومۇسىنى ساتسىمۇ، شۇنداق قىلىۋېتىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ئويلاپ يۈرىكى تولغىنىپ ياتسىمۇ ئۆزىگە ھېساب، ۋۇي ئۆزى تۆرىلىپ، ئۆزى بوي تارتىپ قالغان گەندە گۈللىرى! بۇلارنى ئويلىغانچە ئۇنىڭ ئىچى ئاداپ، بىخسىپ كەتتىكى، سورۇنغا قايتىپ كىرگۈچە ھويلىدا بىردەم ھاۋا يەپ تۇردى. قىز ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ ئۇچىغا بېرىپ بولغۇچە بايا تېلېفون بەرگەن دوستى بولسا كېرەك، خۇددى يىراق سەپەردىن كەلگەن ئەزىز دوستىنى قارشى ئالغاندەك ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، قولىدىن تارتىپ دېسكوخانىغا ئەكىرىپ كەتتى. ئۇلار ئەنە شۇ داشقايناققا قوشۇلۇپ كەتتى، دېسكو ئاياغلىشىپ، تانسا باشلانغانىدى. ئۇنىڭ شۇ قىزلاردىن بىرەرسىنى تارتىپ تانسا ئوينىغۇسىمۇ كەلدى. يىرگىنىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلارغا بىر خىل قىزىقىشمۇ بار ئىدى. پەلەمپەينىڭ بىر-ئىككى باسمىقىنى بېسىپ بولۇپ توختاپ قالدى، ئۈستىدىكى ئالا-تاغىل ئاۋازلار، قىقاس-چۇقانلار تاڭ ئاتقىچىمۇ ئۈزۈلمەيدىغاندەك قىلاتتى. كۆكتە يۇلتۇزلار ھەممە رەزىللىكلەرنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆز قىسىشاتتى... ئۇ يۇلتۇزلارغا قاراپ روھلىنىپ قالدى... ئاغىنىلىرىنىڭ يېنىغا كىردى، بۇ چاغدا ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسى خوتۇنلىرى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان بولۇپ، خوتۇنىلا بىر چەتتە ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇ خوتۇنىنىڭ بايىقى قىزدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مۇھەببەتنىڭ ئادەمنى تەڭداشسىز گۈزەل قىلىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەندى. بېرىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.


    تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.