ئۆيىگە قايتقان بالا (ھېكايە) ئابۇزەر تۇرسۇن

يوللىغۇچى : spruce يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-29 12:03:16

ئۆيىگەقايتقان بالا( ھېكايە )ئابۇزەر تۇرسۇن شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان T54نومۇرلۇق پويىز گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىگە كىردى.بالا دەرىزىدىن سىرتقا قارايتتى.جىمجىت چۆل سوزۇلۇپ ياتاتتى. شامال ھۇشق...



    ئۆيىگە قايتقان بالا

     ( ھېكايە )

    ئابۇزەر  تۇرسۇن

     

       شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان T54نومۇرلۇق پويىز گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىگە كىردى.بالا دەرىزىدىن سىرتقا قارايتتى.جىمجىت چۆل سوزۇلۇپ ياتاتتى. شامال ھۇشقۇيتىپ تۇراتتى، ئۇششاق قار دانىچىلىرى دەرىزىگە ئۇرۇلىۋاتاتتى. قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتىرىلىۋاتقان بولۇپ شەرق تەرەپ قىزىرىپ قالغان ئىدى.

      بالا ھوردىشىپ قالغان دەرىزىگە بېگىز بارمىقى بىلەن ئىككى يۈرەكنى سىزىدى .بىر يۈرەك ئاپىسىنىڭ يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر سىزىق تارتىپ قويدى.

       بالا يۇرتىنى ئويلاشقا باشلىدى.يۇرتىدا قىشتا قار بەك قېلىن ياغىدۇ.شىۋىرغانلىق كۈنلەردە شامال ھۇشقۇيتىپ ، ئاچچىق سوغۇق قۇلاقلارغا ئۇرۇلۇپ يىڭنە تىققاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ.ئۇلار ئاشۇ سوغۇقتا توقايلىققا چۈشۈپ توشقان تۇتاتتى، كەكلىك ئىزدەيتتى.تېخى دىگەندەك مۇز قاتمىغان دەريا يۈزىدىكى ئۇششاق ئاراللاردىن ئاۋايلاپ مېڭىشىپ ئۇ قاتقا چۈشكەن ياۋا ئۆدەكلەرنى ئاتماقچى بولاتتى. بۇ ئۇنىڭ 6-5 ياش چاغلىرى تاغىسىنىڭ ئوغلىغا ئەگىشىپ ئوينىغان ئويۇنلىرى ئىدى.ئۇنىڭ بالىلىقىدىكى دۇنيا ئاجايىپ گۈزەل ئىدى.

      ئۇ ئۆيىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى ، ئۆي غۇۋا ئېسىگە كەلدى.ئىككى تەرىپىگە ھەشتەرخان ۋە كۆك تېرەكلەر تىكىلگەن توپىلىق يېزا يولى، مەھەللىنىڭ چېتىدىكى سازلىق بويىغا جايلاشقان ئاددى ياغاچ دەرۋازىلىق ئۆي، ھويلىدا سۇپا چىقىرىلغان چايخانا، كالا تېزىگىدە لاي ئېتىپ سۇۋالغان ئوچاق...

                              *              *

       بالا يالغۇز ئاپىسىنىڭ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ خوشاللىقى ۋە ئەرمىكى ئىدى.بىراق ئۈشتۇمتۇت بىر كۈنى ياش ئانا بارلىق خوشاللىقىدىن مەھرۇم قالدى.يېزا مەركىزىدە ئاچقان قېرىنداش زاۋۇتىدا ئېيىغا 300 سوم مۇئاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان بۇ تۈل ئانا شۇندىن بېرى ئوغلىنى پەقەتلا تاپالمىدى.ئۇ كېچىلىرى ئوغلىنىڭ ئىشتان –مايكىلىرىنى ياستۇقى ئاستىغا قويۇپ ياتاتتى. ياش ئانا كېچىچە ئوغلىنى چۈشەپ چىقاتتى: ‹ئەنە ئۇلار مۆكۈشمەك ئويناۋاتىدۇ،ئانىسى قاچتى ، ھويلىدىكى سېرىنگۈل ئارىسىغا مۆكۈنىۋالدى،ئوغۇل تاپالماي تېڭىرقاپ قالدى، بۇ كىچىك پەرىشتەنىڭ ئاشۇ بىر تۈپ باراقسان سېرىنگۈل ئالدىدا تېڭىرقاپ تۇرغان قىياپىتى نەقەدەر مەسۇم ئىدى. بالىنىڭ ئانىسى ئىككى قېتىم بوش ئاۋازدا ‹كاككۇك›،‹كاككۇك› دەپ قويدى.بالىنىڭ خوشاللىقتىن كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپ ھاياجاندىن كىچىككىنە يۈرەكلىرى توختىماستىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.«ئاپا....» دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى...

     ياش ئانا چۆچۈپ ئويغاندى،ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭىزلىرىدىن بويلاپ چۈشۈپ ياستۇقىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئوغلى يوقاپ كەتكەن شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ خىل چۈشنى تالاي قېتىملاپ كۆردى.ئۇ دائىم مۇشۇ چۈشنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يۈرىكى بەك ئېچىشىپ ئاغرىيتتى.ئۇ ئادىتى بويىچە قولىنى كۆكسىگە قويۇپ  ئاستا ئورنىدىن تۇردى.يالغۇزلۇق ئىچىدىكى سوغۇق تۇرمۇش تۈل ئايالنى يەنە قوينىغا ئالدى.

                           *              *           *

      بالا بۇ يىل 14 ياشقا كىردى.ئۇ 6 ياشقا كىرەي دىگەن يىلى قوشنىسىنىڭ چوڭ بالىلىرىغا ئەگىشىپ شەھەردىكى باغچىغا ئوينىغىلى كىرىپ ، يامان ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.ئۇنى ئېلىپ ماڭغان كىشى ئاۋال بالىغا بەش زىخ كاۋاپ ئېلىپ بەردى ۋە بالىنىڭ چىرايلىق بۈدرە چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى بالىنىڭ دادىسىنىڭ قەدىناس ئاغىنىسى دەپ تونۇشتۇردى.ئۇ كىشى بالىغا « داداڭنى كۆرۈپ كېلىمىز، داداڭ يىراق بىر شەھەردە تۇرىۋاتىدۇ » دىدى، بالا «ياق ، دادام ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن » دىدى، ئەمما ئۇ كىشى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ ئۇ بالىنى ئۆزىگە تامامەن ئىشەندۈرىۋالدى. ئەزەلدىن« باشقىلارنىڭ دادىسى بار ، نىمىشقا مېنىڭ دادام يوق » دىگەن سوئالنى تولا سورايدىغان بالا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە راستىنلا ئىشىنىپ قالدى.ئۇ كىشى يالغان-ياۋىداق گەپلىرى بىلەن بالىنى تامامەن ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.شۇنداق قىلىپ  ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدى بالىنى شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىپ 3000 يۈەنگە سېتىۋەتتى.نۇرغۇن بالىلار ئوغرىلىق قىلىۋاتقان شاڭخەي شەھرىدىكى  ئوغرىلارنىڭ بىر كىچىك ئەزاسى بولۇپ قالغان بالا،ئۆزىنىڭ ئېگىز- ئېگىز بىنالار بىلەن تولغان رەڭگا-رەڭ بۇ شەھەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدى،ئۇ بۇ ئىشلارنى چۈشىدەكلا ھىس قىلىۋاتاتتى.

    بالا «دادىسىنىڭ ئاغىنىسى » نى بەك ئۇزۇن ساقلىدى،ئەمما ئۇ كەلمىدى. ئۇ

     « ھازىرلا كېلىمەن،بالام مەن تۆۋەنگە چۈشۈپ ساڭا بانان ئەكىرىپ بېرەي » دىگىنىچە چىقىپ كەتتى.ئۇ ئېگىز بىنادىكى مېھمانخانە ئۆيىدە سېمىز كەلگەن ، قويۇق بۇرۇتلۇق،قويۇق قاشلىرى ئاستىدا چىلبۆرىنىڭكىدەك ۋەھشى كۆزلىرى قىپ-قىزىل قانغا تولغان يوغان بىر ئادەمگە سېتىۋېتىلگەن ئىدى.ئۇ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاندى.كۆندۈرۈلۈش جەريانىدا بەدىنىگە تاماكا يېقىلىپ ساق يېرى قالمىدى.ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى ئانىسىنىڭ باغرىدىكى بىر سەبى ۋە مەسۇم بەخىتلىك قوزا ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ ۋەھشى چىل بۆرە چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان قوزىغا ئايلاندى.ئۇ تالاي قېتىم كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي ماكانىغا قايتالماي كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈردى، ئەخلەت تۇڭلىرى ئىچىدە ياتتى.ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ئاستىدا، باغچىلارنىڭ خىلۋەت جايلىرىدا ياتتى.بەزەن ۋاقتىدا سوغۇق جاندىن ئۆتۈپ ئامالسىز غوجا ئاكسىنىڭ قېىشىغا قايتتى . ئۇنى قاتتىق تاياق كۈتۈپ تۇرسىمۇ بەرداشلىق بەردى.ئۇ كىچىكىدىن ئاجايىپ باتۇر، يۈرەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئازاپلارغا بەرداشلىق بەردى.ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئازاپ ۋە قان-يىرىڭ ئىچىدىكى تۇرمۇش بولدى.

    ئۇلار چوڭ شەھەرنىڭ قىزىل چىراق يانغان دوقمۇشلىرىدا توپلىشىپ يولنى كېسىپ ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر توپىغا كىرىۋالاتتى. ۋە قىزلارنىڭ ئېسىۋالغان سومكىسىنى بېغىدىن كېسىپ ئېلىپ قېچىپ كېتەتتى.ئۇلارياش قىزلار ۋە يىگىتلەرنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان  تالاي  Mp3  ۋە قول تېلىفونلارنى ئوغرىلاپ قاچتى.ئۇلار ھەر قېتىم « ئوقەت » قىلغاندا خۇددى كىچىك شەيتانلاردەك غايىپ بولاتتى. بەزى نەس باسقانلىرى تۇتۇلۇپ قاتتىق تاياق يەيتتى ياكى ساقچىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى.

    ئۇلار تالاي-تالاي ئادەملەرنى قاقشاتتى، ئاپتوۋوزلاردا ، توپ سېتىش بازارلىرىدا ، قاراڭغۇ بازارلاردا ئىشقىلىپ ئادەم توپلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا بۇلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.

                   *               *              *

    بالا دەرىزىدىن سىرىتقا قارىدى، قۇياش خېلى كۆتىرىلىپ قالغان ئىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا چۈش بولاي دىگەن ئىدى. سىرىتتا شىۋىرغان توختىغاندەك قىلاتتى. ئاسمان سۈزۈلۈپ ، ھاۋا ئېچىلىپ قالغاندەك ئىدى. كۆكتە بىر سار ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەتتى. بالا سارغا ئۇزۇنغىچە سەپسالدى.

    - چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلىق قىلىڭلار،بولۇڭلار ئۇخلاپ قالغانلىرىڭلار تۇرۇڭلار- شىنجاڭدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئوغرى بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە مەسئۇل بولغان ساقچى تاغىلارنىڭ بىرى يۇقۇرى ئاۋازدا ۋاقىرىدى.

    پويىز ئاشخانىسىغا يېقىن جايلاشقان بۇ ۋاگوندىكى 15 دەك بالا ئاشۇ بىر مەزگىللىك قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان يېڭى تۇرمۇش ئۇلارنى قوينىغا ئېلىش ئالدىدا ئىدى.

                       *            *            *

    بالىنىڭ ئانىسى تېلىۋىزوردا ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىپ ئوغرىلىققا سېلىنغان ئون نەچچە  بالىنىڭ ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە ئامان- ئېسەن يۇرتىغا قايتقانلىقىنى كۆردى.4-5 ساقچىنىڭ ھىمايىسدە ئون نەچچە بالا پويىز ۋوگزالىدا تۇراتتى. ئانىنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ ، پۇت-قوللىرى كۈچلۈك تىترەشتىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى، ئۇنىڭ نەپسى يېتىشمەي ھاسىراپ كەتتى.« ئەنە ، ئەنە ئاۋۇ مېنىڭ ئوغلۇم»،- ئانا ئىختىيارسىز ۋاقىرىۋەتتى.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ مەڭىزلىرىدىن بويلاپ بويۇنلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى.ئۇ شادلىق ئىلكىدە توختىماي يىغلايتتى. بۇ خوشاللىق يېشى ئىدى، ئۇنىڭ تالاغا چىقىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ بولۇشىغا ۋاقىرىغۇسى كېلەتتى. بۇ ئانا مۇھەببىتىنىڭ دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

     ئۇ چاچلىرى قاپقارا بۈدرە ، ماڭلايلىرى كەڭ،بۇرۇنلىرى خۇددى ئۆزىنىڭ بۇرنىدەك ئېقىپ چۈشكەن، كالپۇكلىرى نېپىز، قۇلاقلىرى يۇمۇلاق چىرايلىق ئوغۇل بالىنى كۆردى، ئۇ ئۆرە ياقىلىق چىرايلىق خۇرۇم چاپان كىيىۋالغان ئىدى. بالا مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىۋاتاتتى.

    • يىگىت ، يۇرتىڭىزغا قايتتىڭىز ، ساقچى ئاكاشلارغا رەھمەت دىدىڭىزمۇ؟
    • رەھمەت،- بالا ساقچىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ رەھمەت دىدى.
    • ئاتا-ئانىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ؟ ،- مۇخبىر قىز مىكروفوننى تەڭلەپ سوراشنى داۋاملاشتۇردى.
    • ھەئە، مەن يۇرتۇمنى بەك سېغىندىم ، مېنىڭ يالغۇز ئاپامنى بەكلا كۆرگۈم كەلدى، بۇندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن،-بالىنىڭ ئاۋازلىرى كېيىن يىغا ئارىلاش چىقىپ كەتتى.ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشتى.
    • ئوغلۇم ، ئاھ مېنىڭ قوزام ،- ئانا ئوغلىنى تېخىمۇ ئېنىق تونىۋالدى. ئۇنىڭ خوشاللىقتىن يۈرىكى قاتتىق سېلىپ ھالسىزلىنىپ سۇپىدا ئولتۇرۇپ قالدى...

     ئانا تېلىۋىزور ئېكرانىدىن كۆرگەنلىرىگە، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، ئۇنىڭ نامازلىرىدىكى دۇئاسى ئىجابەت بولغاندەك قىلاتتى.

    ئۇ كېچە بولغىنىغا قارىماي ئۆيلىرىنى تازىلاشقا كىرىشتى،چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى ئۆيگە قايىتىپ كەلمەكچى. ئەتە ئۇ ئۆيىدىكى4 قويىنىڭ بىرىنى سېتىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوغلىنى ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.

     

    T54  نومۇرلۇق پويىز – ئۈرۈمچى شاڭخەي لىنىيىسدە قاتنايدىغان پويىز.

     

    •  2010.1.3كۈنى غۇلجىدا يېزىلدى.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010 - يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان .

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.