خەلىلنىڭ بەزى سەرگۈزەشتىلىرى(خەلىل ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-16 05:10:33

خەلىلنىڭ بەزى سەرگۈزەشتىلىرى(خەلىل ئابدۇللا) مەسچىتنى تونۇش كىچىكىمدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقىل كۆزۈم بىلەن تونۇمايتىم، ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، بەش ياش چىغىمدا تۇنجى قىتىم مەسچىتكە كىرگەن ...

    خەلىلنىڭ بەزى سەرگۈزەشتىلىرى(خەلىل ئابدۇللا)

     

     

    مەسچىتنى تونۇش

     

    كىچىكىمدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقىل كۆزۈم بىلەن تونۇمايتىم، ھازىرمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، بەش ياش چىغىمدا تۇنجى قىتىم مەسچىتكە كىرگەن ئىدىم، ئۇ قۇربان ھىيىت كۈنى ئىدى، دادام مىنى مەسچىتكە بىللە ئىلىپ بارماقچى بولغاندا مەن بارغىلى ئۇنمۇدۇم، چۈنكى نۇرغۇن ئاداشلىرىم يېپيىڭى ھىيىتلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئاتا - ئانىسى ئىلىپ بەرگەن ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى بەس - بەستە ئويناۋاتاتتى، مېنىڭمۇ ئۇلار بىلەن ئوينۇغۇم كەلدى، مەن دادامغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ دېدىم :« دادا، بارمايچۇ، ھەممىسى چوڭ چوڭ ئادەملەركەن، ئۇ يەردە مېنىڭ ئاداشلىرىم يوقكەن ...».

     

    شۇ چاغدا دادامنىڭ ماڭا قىممەت ئويۇنچۇق تاپانچا ئىلىپ بىرىش بەدىلىگە مىنى مەسچىتكە ئاپارغىنىنى ھازىر ئويلىسام كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كىلىدۇ، بىز ئارسىلانخاندىكى مەسچىتدىن ھىيىت نامىزى ئوقۇپ قايىتقاندىن كىيىن دادامنىڭ ئاداشلىرى مىنى ئەركىلىتىپ ھىيىتلىق پۇل بەردى، دادام ماڭا تاپانچا ئىلىپ بەردى، ئۆزۈم ئامراق تاپانچىغا ئىرىشكەندىن كىيىن بەكلا خوش بولۇپ كەتتىم، ھىيىت كۈنىگىمۇ، مەسچىتگىمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم، چۈنكى دادام مەسچىتدىن يانغاندىن كىيىن ماڭا دېگىنىمنى ئىلىپ بىرەتتى .

     

    مەن مەسچىتكە كىرىشنى دەسلەپتە مانا مۇشۇنداق ئۆگەنگەن، ئۇ ۋاقىتلاردا ھىچنىمىنى چۈشەنمەيتتىم، لىكىن ھازىر بارا - بارا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندىم، مانا ئەمدىلىكتە دادام ماڭا بۇرۇنقىغا ئوخشاش تاپانچا ئىلىپ بەرمەيدۇ ھەم ئىلىپ بىرىشىمۇ ھاجەتسىز، چۈنكى مەن چوڭ بولدۇم،بىر ئوغۇل بولدۇم .

    دادام ماڭا بىر نەرسە ئىلىپ بەرمىسىمۇ، ئانام مىنى زورلىمىسىمۇ مەن نېمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىمەن .

     

     

    بۇ دېگەن قانچىلىك ئىشتى !

     

     

    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا تاغامنىڭ تويى بولدى، تويدا مەن بىزنىڭ ئۆيدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېڭى چايداننى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم، ئۇ باسسىلا چاي چۈشىدىغان بىر خىل چايدان ئىدى، مەن بىلمەي پۇتۇمنى چاي چۈشىدىغان يەرگە توغۇرلاپ بىسىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ « يېڭىلىق » نىڭ دەردىنى تارىتتىم، ئوڭ پۇتۇم كۆيۈپ قالدى، ئانام ۋە دادامغا تويمۇ تويدەك بولمىدى، شۇ ئىش سەۋەبىدىن مەكتەپكە خىلى مەزگىل بارالمىدىم، پۇتلۇرۇم سۇلۇق ئىششىپ مىنى يول يول ماڭغىلى قويمايتتى .

     

    ئوقۇش مەۋسۇمىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى،ھىچقانداق ئىمتىھانغا قاتناشمىدىم، كىيىنكى مەۋسۇم ساقىيىپ مەكتەپكە بارسام، سىنىپ مۇدىرى يەتتە پەندىكى نەتىجەمنىڭ ھەممىسىنى نۆل قىلىپ قويۇپتۇ، بۇ ئىش سەۋەبىدىن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىنى زاڭلىق قىلدى، بۇ ئىشلار ماڭا بەكلا ھار كەلدى، ئۆيگە يىغلاپ باردىم، دادام شۇ چاغدا مۇنداق بىر ئىغىز گەپنى قىلدى :« بالام، بۇ دېگەن قانچىلىك ئىشتى، نۆل ئالساڭ نېمە بوپتۇ، مېنىڭ بالام بولساڭ يىغلىما !» ، ئاناممۇ ماڭا مەن ئامراق پولۇنى ئىتىپ بىرىپ مىنى باغرىغا بىسىپ پەپىلىدى ۋە ئاچچىقلاپ :« بولدى، ئۇنداق مەكتەپكە بارماڭ، مەن سىزنى ئۇنداق خانىملارنىڭ قولىدا ئوقۇتمايمەن » دېدى . كىيىن دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەكتەپكە يەنە باردىم، لىكىن ئاتا - ئانامنىڭ گىپى بىلەن مەكتەپتە خىيالىمدا يوق ئوقۇۋەردىم، ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق قىلسىمۇ كارىم بولمىدى، چۈنكى تاتلىق دادام مۇشۇنداق دەۋاتقان يەردە مەن قورۇقمىساممۇ بولاتتى - دە، ساۋاقداشلىرىم ھەردائىم مىنى مازاق قىلغىنىدا « بۇ دېگەن قانچىلىك ئىشتى !» دەپ قوياتتىم، مۇشۇنداق دەپ يۈرۈپ ئوقۇپ مەۋسۇم ئاخىرىدا ئەلاچىمۇ بولۇپ قالدىم ...

     

     

    « قاتىللىق »

     

    دادامنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىدىكى قاغلىقتىن قەشقەر تۈمەن دەريا بويىغا كۆچتۇق، مەن بۇ يېڭى مەھەللىگە تويماي قارايتتىم، بۇ مەھەللە مېنىڭ بۇرۇنقى مەھەللەمگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى، بۇرۇنقى مەھەللەمدە مومام بارئىدى، ھەممىسى مېنىڭ تۇغقانلىرىم ئىدى، ھەممىسى مىنى ئەركىلىتەتتى، قولىغا ئېلىپ كۆتۈرىشەتتى، كۈنۈم خوشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى، ھىچكىم مىنى ئۇرۇپ - تىللاپ،بوزەك قىلىپ باقمىغان ئىدى، يېڭى مەھەللىگە كۆچكەندىن كىيىن تۇنجى قىتىم تىلى بىزگە ئوخشىمايدىغان كىشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، تىخىمۇ بەك ھەيران قالغىنىم ئاتا - ئاناممۇ ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلەشنى بىلىدىكەن، ئۇلار پاراڭلىشۋاتقاندا مەن ھىچنىمىنى چۈشەنمەيتتىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىگىنى كاللامدىن زادى ئۆتمىدى،بىز كۈنى ئانامدىن سورىدىم :« ئانا، سىز خەنزۇلار بىلەن گەپلەشكەندە بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلىسىڭىز بولمامدۇ، مەن چۈشەنمەيدىكەنمەن »دېسەم، ئانامنىڭ شۇ چاغدا بىشىمنى سىلاپ تۇرۇپ :« بالام، ئۇلار بىزچە سۆزلىمەيدۇ، بىز گەپ قىلساق چۈشەنمەيدۇ » دېگىنى ئىسىمدە ...

     

    ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭى مەھەللەمدە مەن تۇنجى قىتىم تاياق يىدىم، بوزەك بولدۇم، كوچىدا دادام ماڭا ئىلىپ بەرگەن ئامراق تاپانچىنى ئويناپ كىتىپ بارسام يىشى مەندىن خىلىلا چوڭ ئۈچ خەنزۇ بالا ئامراق تاپانچامنى تارتىۋالماقچى بولدى، مەن بوي بەرمىدىم،تاپانچامنى چىڭ سىقىمداپ ئۇلار بىلەن تىركەشتىم، دادام ماڭا ئىلىپ بەرگەن تاپانچىنى خەققە تارىتقۇزۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم، قولۇمغا يىرىم خىشنىڭ پارچىسى ئىلىپ ئارىسىدىن بىرسىنىڭ بىشىغا ئۇردۇم، قىلالىغىنىم ئاران شۇ، نەتىجىدە ئۇلاردىن بولۇشىغا تاياق يىدىم، تاپانچامدىنمۇ ئايرىلدىم ...

     

    بۇ ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم خەقتىن تاياق يىيىشىم ئىدى، بۇ ئىشلار ماڭا بەكمۇ ئىغىر كەلدى، لىكىن يىغلىمىدىم . دادامنىڭ شۇ چاغدىكى ئاچچىقىنى دىمەيلا قوياي .

     

    بۇ يېڭى مەھەللە ماڭا ياراشمىدى، مەھەللىدە بىر خەنزۇنىڭ يوغان بىر سىرىق ئىتى بارئىدى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىت بار يەرگە يىقىن كىلەلمەيتتۇق، چوڭلار قايتا - قايتا دېسىمۇ ئۇ جاھىل ئىتىنى خالىغانچە بىقىۋەردى، مەنمۇ ئاتايىتەن ئايلىنىپ كۈندە ئىشكىمنىڭ ئالدىغا بىرىشتىن بەكلا زىرىكتىم، دۇنيادا قورقۇپ بىر ئىش قىلغان بىلەن ئەڭ خوشۇم يوقتى، بىر كۈنى ئىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋەردىم، ئىت مىنى شۇ زامان قوغلىدى، مەن جىنىمنىڭ بارىچە قاچتىم، ئون يىگىرمە قەدەم بارماي ئىت مېنىڭ پاچىقىمدىن ئالدى، ئاغرىق ئازابىدىن چىرقىراپ يىغلاپ كەتتىم، پاچىقىمدا قانلار لىغىرلايتتى، دادام ۋە مەھەللىدىكى چوڭلار غوۋغا قىلدى، ئۇ خەنزۇ كەچۈرۈم سورىغان بولۇپ ئىتىنى بىر مەزگىل ھويلىسىغا سولىدى، بىرەر ئاي ئۆتمەي ئىتى يەنە ئىشكىنىڭ ئالدىغا پەيدا بولدى، نىمىشقىدۇر مەندە ئۇ يوغان سىرىق ئىتتىن ئۆچ ئىلىش ئويى پەيدا بولدى، قاچانغىچە بوزەك بولىمەن، ئەمدى ئىت جىنىدا مىنى بوزەك قىلغىلى تۇرسا ..

     

    يازنىڭ تومۇز چۈشلىرى ئۇ سىرىق ئىت تىللىرىنى سوزۇپ پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، بۇ مەن ئۈچۈن پۇرسەت ئىدى، مەن تىزلىكتە ئۆيگە كىرىپ ئوكۇل ۋە دورىلارنى سۇ بىلەن قالايمىقان ئارىلاشتۇرۇپ ئىتنىڭ تەخسىسگە قۇيۇپ قويدۇم، ئەتىسى ئۇ سىرىق ئىت ئاخىرى ئۆلدى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قىتىم « قاتىللىق » قىلىشىم ئىدى , ئۇ ئىت ئۆلۈپ مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى خوش بولدى،بالىلارمۇ خاتىرجەم ئوينايدىغان بولدى ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.