نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(1)(پوۋسىت)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 13:28:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (1) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم 1 مىلادىيە 1665-يىلى ياز ئېغىر ئەلياتقۇ بولغىنىغا قارىماي، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى ياركەنىت شەھىرىدە ھايات يەنىلا ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ...

    نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (1) (پوۋسىت)

     مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

     1     

     مىلادىيە 1665-يىلى ياز ئېغىر ئەلياتقۇ بولغىنىغا قارىماي، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى ياركەنىت شەھىرىدە ھايات يەنىلا ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئوردىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بازاردا جىن چىراق، پەتەر يورۇغىدا ئۆپكە -ھېسىپ، لەمپۇڭ، سېرىق ئاش ۋە يازنىڭ چانغاھۇزۇر مىۋىلىرىنى سېتىۋاتقانلار، ئاللا قانداق بىرەر ھاجەت بىلەن كوچىدا ئارقىسىدىن ئىت قوغلىغاندەك كېتىۋاتقانلار كۆزگە روشەن چېلىقاتتى. يىراقتىن ساتارغا تەڭكەش قىلىنغان داپ ئاۋازى بىلەن مۇقامنىڭ سېھىرلىك كۈيى ياڭرايتتى. مۇقامچىنىڭ جاراڭلىق، سۈزۈك ئاۋازى ئاستانە كىچىسىنىڭ مەيىن شاماللىرىدا يىراق- يىراققا تارقىلاتتى. ئۇيقۇسى قېچىپ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىكى دەرەخ ئاستىدايان يانقىنىچە سەگىدەۋاتقان كىشىلەر ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىنىڭ يېقىملىق، سۈزۈك، لەزىز، سېھىرلىك كۈيىگە قۇشۇلۇپ كەتكەندەك ھاجانلىق ھېسلىرىنى زورىغا بېسىپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشاتتى. بەزىدە خانىقلاردىن ئاڭلانىۋاتقان ‹ھۈ-ھۈ ›‹ھۇم ئاللاھ، ھەق-دوس› دىگەن بۇغۇق ئاۋازلار بىردىنلا كۈچىيىپ، مۇقام ئاۋازىنى بېسىپ كىتەتتى. ئەممايەنە بىردىنلا ئاستا-ئاستا پەسىيىپ، بېشى يوق سۇدەك توختاپ قالاتتى. ناگان-ناگاندا قوللىرىدىكى ياراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، كىچىلىك تەرتىپ ساقلاشقا چىققان چىرىكلەر كوچىلارنى ئايلىنىپ رەستە بازارلاردىن كىسىپ ئۈ تەتتى-دە ئۇدۇل ئوردا چوڭ دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى يان ئىشىك ئارقىلىق ئىچكىرگەكىرىپ كىتەتتى.
       ئوردا سىپىلى مۇستەھكەم بولۇپ، سىپىل ئۈستىدىكى كونگۈرىلىك كۈزەتخانىلاردا كۈزەتتە تۇرىۋاتقان لەشكەرلەر سىپىل ئاستىدىكى ھەربىر تىۋىشنى ئىنىق ئاڭلىماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى گىرىسمەن يۇرۇقلۇققا تىكىپ، جىمجىت تۇرىشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى قىلىچ-نەيزىلەر، ئۈستىباشلىرىغا كىيىۋالغان چىرىكچە كىيىملەر سۇس ئاي يۇرىغىدا يالتىرايتتى. دەل شۇ چاغدا كوچىدا تاك-تاك ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئۈنى پۈتۈپ كەتكەن ياشانغان بىرسىنىڭ بۇغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. -جاھان تىنىچ. ئەل ئامان!... تاكتاكچىنىڭ ئۈنى يۇقۇماي تۇرۇپلا، يىراقتىن ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى غۇۋا ئاڭلىنىپ، بارا-بارا ئەۋجىگە كۈتۈرۈلدى- دە، ئۇدۇل ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
        -كىمسەن!،قەيەردىن كەلدىڭ ؟ ئورداسېپىلنىڭ ئۈستىدىكى كۈزەتچى چىرىك نىمىشقىدۇر تەشۋىشلەنگەندەك ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سورىدى.
        -مەن، خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ ئادىمى. جىددى ھەربي مەلۇمات بار. قۇۋۇقنى ئېچىڭلار،- ئات ئۈستىدىكى چاققانغىنە يېشىل سەللە ئورىۋالغان، ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئالدىراپ جاۋاپ بەردى،-تىز بۇلۇڭلار... تىز... .
        شۇ ئەسنادا قاياقتىدۇر پەيدا بولغان چىرىك بېشى ئاتلىقلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەستە يان ئىشىك تۈۋىدە بويرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئونباشىغا قاراپ دىدى.
        -كىرگۈزۋەت. دەرھال ھۈدەيچى بەگكە مەلۇم قىل. شۇئان ئوردا قۇۋىغىنىڭ يان ئىشىگى مايسىراپ كەتكەن يارىيار ھارۋئىسىنىڭ چاقىدەك غىچىرلاپ ئېچىلدى. شۇنىڭغىچىلىك ئاتلىرىدىن چۈشۈپ تەييار بۇلغان تۆت ئاتلىق كىشى ئىشىكتىن ئالدىراپ كىرىشتى-دە قاياققا ماڭىمىز» دىگەندەك ئىشكنى ئاچقان چىرىككەقارىدى.
        -قېنى ئىچكىرگە كىرىپ، جىندەك تۇرۇپ تۇرىشسىلا، ھۈدەيچى بەگ ھازىرلا كىلىدۇ. ئاتلارنى ماياققا... ،- چىرىكلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ قۇلىدىكى چۇلۋۇرنى ئالدى- دە، سىپىلنىڭ يان تەرىپىگە ئېلىپ ماڭدى. ھېلىلا ئاستانىگە كەلگەنلەر ئالدى، تەرەپكە- ئوردىنىڭ سۈتتەك ئايدىڭدا قارىيىپ كۈرۈنگەن ھەيۋەتلىك گۇمبەز، قوببىلىرىغا قاراپ، ھەيران بۇلۇشقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان بولسىمۇ، تۆت -بەش كۈندىن بۇيانقى ئۆتەڭ- ئۆتەڭدە ئات ئالماشتۇرۇپ، سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش داۋامىدا ئوبدانلا ھاردۇق يىتىپ، يېنى يەر تارتىپ تۇرىۋاتقاچقا، ئۆزھەيۋىتى بىلەن خانلىقنىڭ سەلتەنەتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىۋاتقان ئوردا بىناسى ئۇلارنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە قارىتالمىدى. شۇنىڭغىچىلىك ئۈچ چىرىكنى ئەگەشتۈرگىنىچە پەيدا بولغان ھۈدەيچى بەگ قوشتىن چىققان ئۆكۈزدەك ھاسىرغىنىچە ئۇلارنىڭ يىنىدا پەيدا بۇلۇپ، ئارقىسىدىن سەگ قوغلىغاندەك ئالدىراپ سورىدى.
        -خوش، ھەر قايسىلىرىغا قانداق ياردەم كېرەككىن؟ بىز كېرىيەدىن كەلدۇق. خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ خان ئالىلىرىنىڭ ئۆز قۇلىغا تەككۈزىشكە يېزىپ بەرگەن جىددى ھەربى مەلۇماتى بار. قالماقلار كېرىيەگە ھۇجۇم قىلدى. مەلۇماتنى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ تەخسىر، مۇمكىن بولسا ئادالەتپاناھ شاھىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرگەن بولسىلا بۇلاتتىكەن. ھۈدەيچى بەگ دىمىنى ئېلىۋالماقچى بولغاندەك ئۇلۇغ–كىچىك تىن ئېلىپ، ئالدىدىكى كىشىلەرگە بىر-بىرلەپ سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ چىققاندىن كىيىن، بىر پەس تۇرۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئونىڭ خاننى مالال قىلغۇسى، ئەمدىلەتىن ئەۋجىگە چىقىۋاتقان سورۇننى بۇزۇپ، خانغا ھەمراھ بۇلۇپ، جاھان سەۋدالىرىنى ھەيدەۋاتقان ئەمىرلەرنىڭ كەيپىياتىنى ئۈچۈرۈپ قۇيۇشتىن سەل-پەل ئەنسىرەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ناتۇنۇش مېھماننىڭ قالماقلار «كېرىيەگە ھۇجۇم قىلدى» دىگەن گىپى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىدە بولغاچقا، ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك بېشىنى لىڭشىتقاچ ئېغىز ئاچتى.
        -بۇلىدۇ. ئۆزلىرى مەن بىلەن ماڭسىلا، قالغانلار بىر دەم مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشسىلا... ھۈدەيچى بەگ گىپىنى تۈگۈتۈپ، چىرىكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيۋەتلىك سېلىنغان، گۈمبەز قۇببىلىرىدىكى رەڭداركاھىشلار ئۆز سەلتەنەتى تېخىمۇ كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىدىغان خان ئوردىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى يولدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى. خۇدابەردى ھاكىمبەگنىڭ چاپارمىنىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئىككى تەرىپىگە تۈجۈپلەپ، تاللاپ سېلىنغان ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ قورشاۋىدىكى يول قاراڭغۇ بولسىمۇ، ئەمما 10-15قەدەم ئارلىقتا ياندۇرۇپ قۇيۇلغان شاھانە شاملار ئەتراپنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. يولنىڭ چېتىدە قېتىپ تۇرغان نۆكەرلەر نەيزىلىرىنىڭ سېپىنى ئوڭ پۇتىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ، ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرىشاتتى. ئەلچى ئۇلارغا قاراپ ھەيران بولغاندەك، ھەۋەسلەنگەندەك قارىدىيۇ. ئەمما ئۇششاق چامداپ، تىزلىك بىلەن كېتىۋاتقان ھۈدەيچى بەگدىن كىيىن قالماسلىق ئۈچۈن قەدەملىرىنى ئىلداملاتتى.
        ئۇلار نەچچە ئايلانمىدىن قايرىلىپ، ئابدۇللاخان ياز كۈنلىرى سەداتان ئىسسىق مەزگىلدە ئارام ئالىدىغان،بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان «لالىزار راۋاق» نىڭ يېنىغا كەلدى. ھاكىمبەگنىڭ بىتىكىنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچى سانجاق-سانجاق شام يۇرىغىدا كۈندۈزدەك يۇرۇپ كەتكەن راۋاقنىڭ تۈر تەرىپىدىكى شاھ سۇپىسىدا قىپ-قىزىل خۇتەن گىلىمى ئۈستىگە سېلىنغان تەتىللاكۆرپە ئۈستىدە بەكتۇ بۇلۇپ ئولتۇرغان ئابدۇللاخانغا. شاھ سۇپىسىنىڭ تۈۋىدە كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان گىلەم ئۈستىگە ئولتۇرغان ئەمىرلەرگە ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدىكى نازۇ-نىمەتلىرى مول داستىرخاننىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان سازازەندىلەرگە ئەيمەنگەندەك قاراپ قويدى. ئۇ خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن تاساددىبى ھەمداستىخان بولغان سورۇنلاردا ھاكىمبەگ ئابدۇللا خان، ئوردا ئەمىرلىرى، شاھىنىشىن خاننىڭ موشۇ لالىزار راۋىقى، يەنە تېخى «ھۇزۇرى ساباھ»، «ھۇزۇرى ناۋا »، «ھۇزۇرى نۇرۇز » قاتارلىق راۋاقلار ھەققىدە ماختىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن تەرىپلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ باياتىن ئوردا قۇۋىقىدىن كىرىپ، «لالىزار راۋاق » نىڭ ئالدىدا توختىغانغا قەدەر بۇ يەرنى چۈشىدە كۆرگەندەك، قاچانلاردىدۇ مۇشۇ يەردە سەيلى قېلىپ ياتقاندەك ھېسىياتقا كەلگەن ئىدى. بىراق راۋاقنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۆردە-شاھ سۇپىسىدا ئولتۇرغان خاننى ۋە ئوردا ئەركانلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا نىمىشقىدۇر پۇت قۇللىرى سۇس تىتىرگەندەك، بەدىنىدە ماغدۇر قالمىغاندەك سىزىم ئىلكىدە قوللىرىنى قۇلۇشتۇرۇپ، يەرگە ئېڭىشتى. شۇنىڭغىچىلىك ھۈدەيچى بەگمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ،كانىيىنى قۇرۇق قىرىپ قۇيغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىماقچى بولغاندەك مەلۇم قىلدى.
        - ئەنھەزىرتىمگە مەلۇم بۇلغاي، كېرىيەنىڭ ھاكىمبىگى خۇدا بەردى بەگنىڭ چاپارمىنى جىددىي مەلۇمات ئېلىپ كەپتۇ.
       بۇ گەپ بىلەن قولىدىكى مۇزدەك شەربەتنى ئەمدىلا ئىچىشكە تەشەلگەن خانمۇ، باشقا ئوردا ئەمىرلىرىمۇ بىردىنلا پەگە تەرەپتە ئۆزگە قول باغلاپ تورغان 40-45 ياشلاردىن ھالقىغان، ئوتتۇر بۇي، قۇيۇق ساقاللىق كىشىگە قاراشتى. بۇنى كۆرۈپ ھۈدەيچى بەگنىڭ كەينىدىن «لالىزار راۋاق» قا كەلگەن كىشى نىمىشقىدۇر ئوڭايسىزلانغاندەك، قۇرۇنغاندەك بۇلۇپ، بىشىنى تېخىمۇ تۈ ۋەن سالدىيۇ، ئەمما ھۈدەيچى بەگنئىڭ بېقىنىغا يىنىك نوقۇشى بىلەن ئۆز ۋەزىپىسى تىزلا يادىغا يىتىپ، قۇيۇن يانچۇقىدىن مەخسۇس خەت ئالاقىسىگە ئىشلىدىغان كۈن قاپنى ئالدىراپ چىقاردى-دە، ھۈدەيچى بەگكەقوشقوللاپ تەڭلىدى. ھۈدەيچى بەگ ئۇنىڭ قۇلىدىن ئالغان قاپنى ئالدىراپ ئىچىپ، ئىچىدىن تۈجۈپۈلەپ قاتلانغان مەلۇماتنامىنى سۇغۇرۇپ ئالدى-دە، ئەمىرلەرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى «لالىزار راۋاق» قورشاپ تۇرغان مىمارچىلىقنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىگىنى بىر قاراشتىنلا پەرق ئەتكىلى بۇلىدىغان سۇپۇغا يېقنلىشىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مەلۇماتنامىنى بشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ خانغا ئۇزاتتى. ئابدۇللاخان قولىدىكى خۇتەن قەغىزىگە تۈجۈپلەپ، دانىمۇ - دانە قىلىپ يېزىلغان مەلۇماتنامىنى ئېلىپ ئېلىپ تىز-تىز كۆز يۈگۈرتتى-دە، بىردىنلا قۇشۇمىسىنى تۈردى. بۇنى كۆرۈپ، خاننىڭ چىرايىدىكى ھەربىر ئۆزگۈرۈشكە سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇرغان ئەمىرلەرمۇ تەئەجۈپلەنگەندەك بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى.
        - قالماقلار كېرىيەگە ھۇجۇم قىپتۇ،- دىدى خان ئۆزىگە قاراپ ئۈنلۈكرەك نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىغاندەك ئولتۇرۇشقان ئەمىرلەرگە قاراپ، قارىغاندا دەرەخ جىم تۇراي دىسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇ گەپ بىلەن تەڭ خاننىڭ ئىشەنچىلىك ئەمىرى ھىندىقۇش مىرزا ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى،.
        -يەنە شۇ غالدانمىكەن، ئەنھەزرىتىم ؟
      -ياق. كېرىيەگە ھۇجۇم قىلغىنى غالدان ياكى باشقا قالماق ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەسكەن! - ھە... . مەن تېخى غالدان ئۆزى مۆھۈر باسقان كىلىشىمگەچىدىيالماسلىق قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، - دىدى ھىندىقۇش مىرزا تەئەززۇ بىلەن خانغا ئىگىلىپ قۇيۇپ، -قارىغاندا سېلى دىگەندەك ئۇلارنىڭ نىيىتى مۇ خالىپ ئوخشايدۇ.
        - بۇ قېتىم كېرىيەگە باسقىن قىلىپ كەلگەنلەر خىللانغان بەش مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن كەپتۇ، -ئابدۇللاخان ئەمىرلەرگە تەكشى قاراپ قويغاندىن كىيىن، قولىدىكى مەلۇماتنامىسىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى، - غالدان ئۇياندىن سۇلھى تۈزۈپ، ۋەتىنىمگە قايتىۋىدى. بۇياندىن يەنە باشقا قالماقلار پەيدا بوپتۇ. سىلەرچە قانداق قىلساق بۇلار؟!..
       . ئابدۇللاخاننىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قاراشتى. بەزىلەر يېنىدىكىلەر بىلەنمۇ پىچىرلىشىپ ئۈلگۈردى بۇنى كۆرۆپ، خاننىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چىرايلىق ياسىتىلغان ئۆسكىلەڭ بۇرۇتلىرى لىكىلداپ كەتتى، ئەمما بۇ سۇرۇننى قەشقەردىن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئەمىرلەرنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، يەنە كىلىپ سازەندە- رەققاسلار بار ئۇرۇندا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ، چىرايىغا زورۇقۇش ئىچىدە كۈلكە يۈگۈرىتكەندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى.
        - بۇ ئىشنى ئەتە شاھنىشىندا مۇزاكىرە قىلايلى، ئۆزلىرى بۇ مېھمانىنى ئوردىنىڭ تەكىيخانىسىغا باشلاپ، ئوبدان غىزالاندۇرغاندىن كىيىن، ئارام ئالدۇرسىلا... باياتىن بىرى قۇرساق ئاچلىقىدا ئۆزىگە يېقىنلا يەرگە سېلىنغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدىكى شاھانە داستىرخاندىكى قۇزا، باچكا كاۋاپلىرى، پۈتۈن سېلىنغان تۇنۇر كاۋاپلىرى ۋە تۈرلۈك مىۋىلەرگە قاراپ ئەتىگەن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ ناشتا قىلىپلا سەپەرگە ئاتلانغان، مەلۇمات يەتكۈزگۈچى ئېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇنى نەچچە قېتىم يۇتۇپ ئۆتكۈزگەن ئىدى، مانا ئەمدى خاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىنى داستىرخاندىن تەستە ئۈزدى-دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ تەييار بولغان ھۆدەيچى بەگنىڭ كەينىدىنلا سۇڭداشتى.
      - قېنى بىكاۋۇل بەگ، قەدەھلەرگە شاراپ قۇيۇڭ،-خان بەستە قول باغلاپ تۇرغان، ئۆزىنىڭ يىمەك ئىچمىكىگە مەسۇل ئەمىرىگە بۇيرۇق قىلدى، - قەشقەر تەرەپكە لەشكەر تارتىپ غالدان ئۈستىدىن نۇسرەت قازانغان ئەمىرلەرگە يەنە بىر قەدەھ تۇتاي...
        بىكاۋۇل بەگ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ. ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك شاراپنى قاشتېشىدىن ياسالغان جاملارغا بۇلدۇقلىتىپ قۇيدى. -قېنى، ھەممەيلەن كۆتۈرۋىتەيلى. خاننىڭ قولىغا جامنى ئېلىپ تۇرۇپ دىگەن سۆز بىلەن تەڭ، ئەمىرلەرمۇ ئالدىدىكى جاملارنى ئېلىشتى -دە ،لە ۋلىرىگە تەككۈزۈشتى. ئابدۇللا خان جامنى بۇشۇتۇپ، قوللىرىدىكى سازلىرىنى ئۆتۈپ ئولتۇرغان سازەندىلەرگە قاراپ بېشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويدى. خاننىڭ مەخسىتىنى چۈشۈنۈپ ئۈلگۈرگەن سازەندىلەر شۇئان مۇقام كۈيلىرىدىن ئارىيە ئۇرۇنلاشقا باشلىدى. سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك سۈزۈك، تاغ شاملىرىدەك ھۇزۇرلۇق كۈيلەر« لالىزار راۋاق »تا ئولتۇرغانلارنى بىردەمدىلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. سازەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ساتارىنى ئەپچىلگىنە كامالچە بىلەن ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە قىلغان مويىسپىت كىشى ياڭراق ئاۋازى بىلەن ناخشا باشلىدى. دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئونغا يېقىن رەققاز قىز كىپىنەكتەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇشتى-دە شاھ سۇپۇسىنىڭ يان تەرىپىدىكى بوشلۇقتا ئىساننىڭ جېنىنى ئېلىپ، جاڭگالدا قۇيۇدىغاندەك ناز كەرەشمىلەر بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتى. مۇڭلۇق سېھرى كۈي، شۇخ ئۇسۇللار بىردەمدىلا « لالىزار راۋق » تا ئولتۇرغانلار نى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، باياتىنقى مەلۇماتنى بىردەمدىلا ئۇلارنىڭ ئەسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. خانمۇ، ئەمىرلەرمۇ جاھاننى ئۇنتىغاندەك،لەزلز كۈيگە قۇلاق سالغىىنىچە، رەققاس قىزلارنىڭ ئۇسۇلىغا قاراپ قېلىشتى. شەرىق تەرەپ بېلىق قاسرىدىدەك ئاقىرىپ، بىرەر ئاشپىشىمدەك ئۆتكەندە قۇياش ئاستانىنىڭ كۆزيەتكۈسىز نېرىدىكى قۇيۇق ئورمانلىقتىن كۈتۇرگەندەك ئاستا-ئاستا پەيدا بولدى، خېلىدىن بېرى ئوردىنىڭ ئىچىدىكىسى ئون مو كەلگۈدەك چوڭلىقتىكى كۆل بۇيىدىكى «لالىزار راۋاق »نىڭ سالاسۇنىغا يۈلەنگەن پېتى تۇرغان ئابدۇللا خان قۇياشنىڭ كۆتۈرىلگەن ھالىتىگە قاراپ قېتىپ قالغاندەك تۇراتتى. ئۇنىڭدىن سەل نېرىسىدا مەخسۇس خاننى قوغدايدىغان نەۋكەرلەر خۇددى خانغا ئۇخشاش ئىپادسىز ھالدا تىك تۇرىشاتتى، «لالىزار راۋاق » نىڭ ئەتراپىدىكى يازدىن تاكى كەچكۈزگىچە مىۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدىغان مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدا قۇچقاچ، قارلىغاچ، سوپسۇپىياڭ قاتارلىق جانىۋارلار خۇددى ئۈزۈلمەس بىر سىمپۇنىيەنى ئورۇنلاۋاتقاندەك ۋىچىرلىشاتتى. باغنىڭ ئۈستىدە ئۇيۇنچى كەپتەرلەر موللاق ئىتىپ، يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالغىنىغا تەنتەنە قئىلىۋاتقاندەك بەھۇزۇر ئۇچۇپ يۈرەتتى.
       ئەمما خانىنىڭ بۇنىڭغا قارىغۇدەك ھەپسىلى يوق ئىدى. ئۇ ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرىۋالغان بولۇپ، پۇتۇن ئىسيادىنى ئاخشامدىكى مەلۇماتنامە چىرمىۋالغان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ مەلۇماتنامىسىنى قۇرلار زاھىر بولماقتا ئىدى، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جانابى دۆلەتپاناھ، ئەنھەزرىتىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلەت سەلتەننىڭ زىيادە بۇلۇشىنى تىلەپ، ئۇشبو مەكتۈپنى يېزىشتىكى مەخسىدى مۇددايىم شۇكى، كەمىنە پېقىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يارلىقى بىلەن كېرىيە دىيارىغا ھاكىمبەگلىك مەنسەۋىگە تەيىنگەندىن كئېيىن، ئەلنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزوش رەئىتسىيەتكە پايدىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، جاناپلىرىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش مەخسىتىدە بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم. ھالبۇكى يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان قارا شەھەر تەرەپتىن كەلگەن قالماقلار ھەدەپ پاراكەندىچئىلىك تۇغدۇرۇپ، چەرچەن، چاقىلىق تەرەپلەردە بىگۇناھ ئاۋامنى ئولتۇرۇپ، مال - مۈلۈكنى بۇلاپ، ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇپ، خانلىقىمىزنىڭ بىگۇناھ پۇخرالىرىنى قىرغىن قىلدى. ھەتتا تەپتاتماستئىن،زىمىنىدىن ئۈتۈپ،ئوتوغراقنى ماكان قىلىپ،كېرىيەگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. كەمىنە پېقىرلىرى نەچچە قېتىم قۇشۇن تارتىپ ئۇلارنى جازالاشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ ئەل - رەئىيەتنىڭ بۇ ئەغيارلىرىنىڭ سانى كۆپ (ئىگەللىگەن ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغانداچىرىك سانى بەش مىڭدىن ئارتۇقراقكەن ). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەننىۋاسى ئاتلىق بولغاچقا ئۇرۇنۇشلىرىم بىھۇدە چىقىم تارتىش بىلەن كۇپايىلەندى. ئەنھەزرىتىمگە سىر ئەمەسكى ،ھاكىمبەگلىك تەۋەيىمىزدە چىرىك ئاز، ياراقلىرىمىز ناچار بولغاچقا ، ئۇلارنى چىكىندۈرۈپ، تۇرار جايىغا قوغلىۋىتىشىمىز بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا ئالايىتەن ئۆزلىرىگە بۇ مەلۇماتنى يازدىم. ئۇلۇغ دۆلەت پاناھ پاشايىمىزنىڭ سەلتەنىمىزنىڭ بۇ ئەغيارلىرىنى تارمار قىلىپ، ئەلنى بەخىت سائادەتكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىلانە تەدبىر قوللىنىشلىرىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن. كېرىيەنىڭ ھاكىمبىگى: خۇدابەردىخاندىن دەپ بىلۈرلا.
        ئابدۇللاخان يىنىك ئۇھسىندى. ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە مەلۇماتنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئەمىرلىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا كىڭەش ئۆتكۈزمەكچى بۇلۇپ، ئېغىز ئاچتىيۇ، ئەمما بىردىنلا يالتئىۋالدى. ئۇنىڭدا خاننىڭ بۇنداق رەسمى سورۇندا خانلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى جاراستانغا چىقىرىشنىڭ بىئەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەرى بار ئىدى. ئۇ خانىلىق تەخىتكە بىر قارار بولغاندىن كىيىن، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى قايتىدىن مۇستەھكەملەپ، خانلىق سەلتەنەتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكەكۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. بۇ جەريانىدا ئۇ خوشنا ئەللەرنىڭ ئوششاق يېغىلىقلىرىغا قارشى لەشكەر تارتىپ، غەلبە نۈسرەتلەرنى قۇچقان ئىدى. تېخى نەچچە يىل ئىگىرى خۇتەن، كېرىيە لەرگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھۇجۇم قىلغان قالماقلارنى چىكىندۈرۈپ، خانلىقنىڭ ئابرويىنى قوغدىغان ئىدى. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى «ىككى-ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئاۋال ئاقسۇدىن مەلۇماتنامە كەلدى. خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ شاھزادىسى زور قۇشۇن بىلەن ئۈچتۇرپاننى قىرچاپ قىلىپ، ئاقسۇغا قاراپ كىلىۋاتىدۇ... ئابدۇللا خان مەلۇماتنامىنى تاپشۇرۋېلىپ، نەچچە كۈنكىچە لەشكەر تارتىش - تارتماسلىق ھەققىدە بىرقارارغا كىلەلمىدى. شۇ چاغدا ئوردىدا خېلى دەتالاش بولدى.
        -ئالتە توك -توك قالماق ئالەمنى مالەم قىلالمايدۇ،-دىگەن ئىدى بىر قىسىم ئوردا ئەمىرلىرى، -ئاقسودىكى نايىپ خانىنىڭ قول ئاستىدا تۈمەن كىشىلىك قۇشۇن بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياراقلىرى خىل، لەشكەرلەر مۇنتىزىم تەلىم تەربىيە كۆرگەچكە، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى. شۇڭا ئۇلارغا شۇڭائۇلارغا ھەمدەمگە لەشكەرلەر ماڭغۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
       -شۇنداقتىمۇ ياۋنى تۈۋەن چاغلىمىدۇق، -دىدى يەنە بىر قىسىم ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ قارىشىغا قۇشۇلماي، -ئالىماس ئاقسۇدىكىلەر ياغىنىغا تەڭ كىلەلمەي قالسا...
        -ئۆز دۈشمىنى خانلىق سەلتەنىتىدىن يوقىرى ئورۇنغا قۇيۇش تۇزكورلىقنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇ سۇنى كۆرمەي ئىشتان سالغانلىق... . . ئارى، ھەق گەپ، ياۋ ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلار بۇ يەردە ھىماتسىز، ئەدناسى ئۇزۇق-تۈلۈك، لەشكىرى تەمىناتمۇ ئولارنىڭ كاللىسنى قاتتۇرىدىغان ئىش. ئەمما بىزگە ئۇنداق ئەمەس. زېمىن بىزنىڭ، ئاۋام بىزنىڭ، ئۇلار بولسىلا، بىز چۇقۇم نۇسرەت قازىنىمىز.
        -ياۋمۇ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىنلا قىلىچىنى قېنىدىن چىقارغان شۇڭا...
        سۇلتان ئابدۇللاخان ئەنە شۇنداق قارمۇ -قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلاپ بىر قارارغا كىلەلمىگەندە، ئاقسۇدىكى ئۇرۇشتا ياۋنىڭ يېڭىلىپ تىرە-پىرەن بولۇپ، باش تىقىپ پاناھلانغۇدەك يەر تاپالماي ئاخىرى سۈلھى تۈزۈپ قايتقانلىقىنى، ئەمما ئاقسۇدىن ئۈتۈپلا قەشقەر تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، لەۋلىرىنى بوشقىنە چىشلىگەن ئىدى.
        -ھەر قانداق ۋاقتىدا دۈشمەننى ئاجىز-كۈچلۈك دەپ چاغلىمىغۇلۇق ئەنھەزرىتىم، - دىگەن ئىدى ھىندىقۇش مىرزاخاننىڭ ئۆزگۈشنى ئۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ، ئاچچىغىنى مەيدىن چىقىرىش ئۈچۈن خاس كۇتۇپخانسىغا بىكىنىۋېلىپ، مەيخورلۇق قىلىۋاتقان يىرىدىن تېپىپ، -ھېلىمۇ ئاقسۇ ئەمىرلىرىنىڭ باتۇرلىقى بىلەن رئىىيەت قىرغىقىدىن ئامان قاپتۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ قەشقەر تەرەپكە مېڭىشى ياخشلىقتىن كۆپرەك يامانلىقتىن بىشارەت. شۇڭا بۇنىڭغا جىددى تەدبىر قوللانغايمىز.
        -ھىندىقۇش بىگىم توغرا ئېيتىدۇ- دىدى ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا ئاستانە ئەمىرى، قۇشۇمچە ئاستىغىنە مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇننىڭ سەركەردىسى مىرزا باباقبەگ-يەنە ئارسالدى بولۇپ تۇرىۋېرىدىغان بولساق، كىيىن پۇشايمانىنى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالىمىز. شۇڭا ھازىرنىڭ ئۆزىدە يولۋاسخان شاھزادە ئالىلىرىگە يارلىق ئىبەرتەيلى، ئۇ مەيلى قانچىلىك چىقىم تارتىشىتىن قەتىي نەزەر ياۋنى چىكىندۇرسۇن، چىكىندۇرەلمىسە، ئۇلارنى مەلىكە قىلىپ تۇرسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ. شۇنىڭغىچە بىزمۇ ياردەمگە ئەسكەر ئىبەرتەيلى. شۇنداق قىلساق، غالدا مەنى تارمار قىلىپ، سەلتەنەتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.
       خان ئەپيۇن ئارلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك شاراپنىڭ تەسىرىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىردە خانلىق سەلتەنەتىنىڭ داڭلىق سانغۇنى، نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ نۈسرەت قازانغان ئەمىر لەشكەر ھىندىقۇش مىرزىغا، بىردە مىرزا باياقبەگكە قاراپ بىر نەرسىنى ئويلانماقچى بولغاندەك تۇرۇۋالدى. ئادەتتە ئۆزىگە نۇرغۇن پايدىلىق تەكلىپلەرنى بىرىپ تۇرىدىغان بۇ ئەمىرلىرىگە ئىشىنەتتى. ئەمما يېقىندىن بىرى قەشقەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان نۇرغۇن مەخپى يوللانمىلار ئۇنى گاڭگىرتىپ قۇيۇۋاتقاچقا، ئۇ شۇ تاپتا ئۆز پۇشتى، قەشقەرنىڭ نايىپ خانى يولۋاسخانغا بولغان قورساق كۈپۈگى سەۋەپلىك بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتاتتى، بۇ ئىشتىن ئىككى ئەمىرنىڭمۇ ئاز- تۇلا خەۋىرى بولغاچقا، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئەمىرلەرنىڭ بۇ سەمىمى ئىلتىجاسى ئالدىدا لەۋ چىشلەپ تۇرۇشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى.
        -ئونداقتا ھەر قايسىلىرىنىڭ ئويىچە بولغاندا... . .
       -لەشكەر ئىبەرتايلى، - ئىككى ئەمىر دىيىشىۋالغاندەك تەڭلا جاۋاپ بەردى. -مەيلى، دىگىنىڭلار بۇيىچە بولسۇن، ئۇنداقتا ئوردا پۈتۈكچىسى ھازىرلا يارلىق تەييارلىسۇن، ھايالشىمايلا قەشقەرگە ئادەم ماڭدۇرۇڭلار... -ئابدۇللا خان سۆزىنى تۈگىتىپ، ئالدىدىكى قاشتېشى جامغا يەنە مەي قۇيدى.
       -قەشقەر تەرەپكە لەشكەر تارتىپ كىم ماڭسا بۇلار، ئەنھەزرىتىم ،-سورىدى ھىندىقۇش مىرزا يەنە خاننىڭ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە ئېغىز ئاچمىغانلىقىنى كۈرۈپ، ئۇنىڭ زادى قانداق ئويدا بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بۇلىۋاتقاندەك گەپ كوچىلاپ. -بۇنى ئەتە ئەتىگەنلىك قۇيۇلدا مۇزاكىرىشەيلى شۇنداق قىلىپ، ئەتىسى شاھنىشنىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. «بۇ ئىشنى يولۋاسخانغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ ياۋنى چىكىندۈرۈپ تارمار قىلىشقا يارلىق چۈشۈرەيلى» دىگۈچىلەرمۇ، «خانلىق لەشكەرلىرىنى يۆتكەپ يولۋاسخان بىلەن بىرلىكتە ياۋ ئۈستىكە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ياۋ بىلەن ئېلىشايلى» دىگۈچىلەرمۇ بولدى. ئادالەت پاناھ شاھىمىز ئويلاپ كۆرگەيلا ياۋ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئاقسۇغا باسقىن قىلدى. ئاخىرى سۈلھى تۈزۈشكە مەجبور بولدى. ئەمدى ئاچچىق ساۋاقنى قۇبۇل قىلماي نىيىتىنى بۇزۇپ قەشقەر تەرەپكە ماڭغان بولسا، بۇ «چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۈشكنىڭ قۇيرۇقنى چىشلىگەن»دەكلا بىر ئىش، سىلى يولۋاسخان بىگمنى بوش چاغلىمىسىلا، ئۇباتۇرلىقتا ئۆزلىرىدىن قېلىشمايدۇ. ياغىنى شەھەرگە يۇلاتمايلا، كەلگەن يولدىن كەينىگە ياندۇرىدۇ.
       -ئارى، ئۇلارنىڭ قەشقەر تامان مېڭىشى «خامپا يالاپ كۆنگەن ئىت قۇپارغۇ ئاستىدا ئۆلگەن» دەكلا بىر ئىش. شۇڭا تۇلا ۋاھىم يىمىگەيلا ئالىلىرى.
        -ھەق گەپ. يولۋاسخان بىگىم شۇنچىلىك چىچەن ۋە باتوركى.
        -ئوششۇك تەككەن ھەرىنىڭ جان ئاچچىقىداچاقىدىغانلىقىنىمۇ نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلمايلى، - دىدى مىرزا باباقبەگ باشقىلارنىڭ ئەدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تورالمىغاندەك، - ياۋ مەيلى كۈچلۈك، مەيلى ئاجىز بولسۇن، ئۇنىڭغا سەل قاراش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.
        - ئۆزلىرى يولۋاسخان شاھزادە ئالىلىرى ياۋنى چىكىندۈرۈشكە قادىر ئەمەس دىمەكچىمۇ ؟- ساقاللىق ئەمىر بىردىنلا ئۆكتە قوپتى
    - قۇيۇپ شاھزادىنى كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى تەگلەپ كەلسەك، ئەنھەزرىتىمنىمۇ...
       -بەس... ئەمدى توختاپ قالسىلا، - ھىندىقۇش مىرزا بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلى سۆزلىگەن ئەمىرگە مىقتەك تىكىلدى، - ئۆزلىرى يوق يەردىن پۇتاق ئۈندۈرۈپ نىمە قىلاي دەيلا ؟
        -مەن بىرەر ئىش قىلاي دىمىدىمغۇ ھۆرمەتلىك سەركەردەم؟، جانابى مىرزا باباقبەگنىڭ ئۇل مۇدداسى شۇكى ياغىنى ئۇچۇرۇپ ماختاش ئارقىلىق بىز ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيمىز دىمەكچى. يەنە كىلىپ بۇ ھۆرمەتلىك ئەمىر يولۋاسخان شاھزادە ئالىلىرى ياۋغا تەڭ كىلەلمەيدۇ دىگەننى ئوردا ئەمىرلىرى ئالدىدا سۆزلەش ئارقىلىق بۈيۈك خاندانلىقىمىز ھازىر ياغىنى چىكىندۈرۈش جاسارىتىگە، كۈچ قۇددىرىتىگە ئىگە ئەمەس دىگەننى ئۇچۇق ئاشكارا تەرغىپ قىلماقچى شۇنداقتىمۇ ؟
        -يوغسۇ، يوغسۇ مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى زىنھار ئۇنداق ئويلىمىدى ھەزرىتىم، سىلى بۇنداق توخۇمىدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىۋەرمىسىلە، - ھىندىقۇش مىرزا سەپرايى ئۆرلىگەندەك قولنى شىلتىپ سۆزلىدى، - پەقەت ياۋغا سەل قارىمايلى، سەلتەنئىمىزنىڭ پۈتۈنلىكى، ئەلنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن قەشقەرگە لەشكىرى ياردەم بىرەيلى دىمەكچى، ئەمما مەن سىلىنىڭ مۇشۇ گەپلەرنى دىيىش ئارقىلىق نىمە مۇددئئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقلىرىنى چۈشەنمىدىم
       . ھېلىقى ئەمىر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بىشىدىن سۇغۇق سۇ قويغاندىن بىردىنلا سىلكىندى- دە، ھىندىقۇش مىرزىنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك ھومايدى.
       -بەس، ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى، - ئابدۇللاخان ئەمىرلەرنىڭ بۇنداق ئاق يەردە تۈگمەن تالاشقانلىقىنى كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، شاھانە كۇرسنىڭ يان تەرىپىگە بوشلا شاپىلاقلاپ قويدى، - ئەينى مۇدئئا بويىچە ئېيتىقاندا، قەشقەرگە ياردەمگە لەشكەر ئىۋەرتىش ئارقىلىق ياۋنى تارمار قىلىش خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى نامايەن قىلىش دىمەكچىتۇر. مىنىڭ پىكرىم، دەرھال قەشقەرگە لەشكەر ماڭغۇزۇش كېرەك. بۇنى قىلچە كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. خانىنڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ھۈدەيچى بەگ شاھنىشىغا ئالدىراپ كىرىپ كەلدى-دە، مەلۇم قىلدى
        -خان ئالىلىرىغا مەلۇم بولغاي، قەشقەرنىڭ نايىپ ئەمىرى، ۋەلئەھدى شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ئەلچىسى كەلدى.
       شاھنىشىندىكى ئوردا ئەھلى بىردىنلا ھەيران بۇلۇشتى. مۇشۇنداق بىر چاغدا قەشقەردىن چاپارمەن كىلىشى ياخشىلىقتىن كۈرە يامانلىقتىن بىشارەت ئىكەنلىكى ئۇلارغا ئايان ئىدى، شۇڭا شاھ كۇرستا ئولتۇرغان ئابدۇللاخاننىڭمۇكۆزلىرى جامدەك ئېچىلىپ، تىزلا ئىنكاس قايتۇردى.
        -كىرسۇن... . ھايالشىمايلا شاھنئىشىنغا يولۋاسخان ئىبەركەن كۇسا چىراي، بىر كۆزى سەل ئالغايغاندەك بىرى كىردى-دە، ئۇدۇل شاھ سۇپىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ، خانغا تەئەززۇ بىلەن سالام بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، قۇيۇن يانجۇقىدىن تۇمارچىلاپ قاتلانغان خەتنى ئېلىپ، قوشقوللاپ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈردى. بۇنى كۆرۈپ ئوردىنىڭ باش مىرزىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، خەتنى ئالدى-دە، تەخىت تەرەپكە سۈرۈلدى.
        -ئوقۇسىلا.
       ئابدۇللا خانىڭ پەس، ئەمما ۋەزمىن ئاھاڭدا قىلغان سۆزى بىلەن شاھ سۇپىسىغا يېقىنلا قالغان باش مىرزا خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى. خەتنىڭ مەزمۇنى بىرلا بۇلۇپ، ياغىنىڭ قەشقەرگە باستۇرۇپ كىلىپ، قارا دۆڭ قۇرغىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق لەشكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بىرىشىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تىزدىن لەشكەر ئىۋەرتىپ، ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شاھنىشىنىڭ ئىچىنى بىردىنلا ئېغىر سۈكۈناتلىق ئۆز ئىلىكىگە ئالدى. تېخى ھېلىلا« لەشكىرى ياردەم بىرىلمىسىمۇ، نايىپ خان ياۋغا قارشى تۇرالايدۇ » دىگەن ئەمىرلەر نىمىشقىدۇر جىم بۇلۇپ باشلىرىنى تۈۋەن سالدى. باشقىلارمۇ بۇنداق بۇلارىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغاچقا، خاننىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك، يەر تىگىدىن ئابدۇللاخانغا قاراشتى. خان بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك خېلى ئۇزۇن بىر نوختغا تىكىلىپ ئولتۇردى -دە ئاندىن ھەربىر ئەمىرگە تەپسىلى قاراپ چىقىپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
       -ئەنھال بۇ ئىش ئىككى ئەمىرنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقتى. ئەمدى« كۆمسەم پىشارمۇ، ياقساممۇ ؟» دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى ئەمىرلىرىم. شۇڭا بۈگۈنلا قەشقەر تەرەپكە لەشكەر ئىبەرتكەيمىز. بۇ گەپ بىلەن ساھىنشىدىكى ئەمەرلەرمۇ بىر ئاز تەۋرىنىپ شاھقا قاراشتى.
       -يارلىق، ھىندىقوش مىرزا بەش مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن قەشقەرگە ئاتلىنىپ، نايىپ خان يولۋاسخانغا ياردەمدە بولغاي، ھەمدەمچى قۇشۇن يولغان چىققان ھامان يىتەرلىك لەشكىرى تەمىنات يەتكۈزۈپ بىرىلگەي. -ئەنھەررىتىمگە ھەشقەللا، - دىدى ھىندىقۇش مىرزا ئورنىدىن تۇرۇپ،
       - كەمىنلىرى ئالىلىرىنىڭ پەرمانىنى شەكسز ئۇرۇنلاشقا كاللام بىلەن جاۋاپ قىلىمەن. ئەمما ئۆزلىرىگە بىر ئۈتۈنىشىم بار ئىدى.
       - قېنى سۆزلىسىلە.
        - ياۋ نى گەرچە نۇرىدىن خان ئاقسۇدا تارمار قىلىپ، سۈلھى تۈزۈشكەن بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالى بايام مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى دىگەندەك ئۈششۈك ھەرسىنىڭ ئۆزى. ئۇلار يا نۇسرەت قازىنىدۇ، ياكى ھالاك بۇلىدۇ. ئۇلار ئۆز نىيىتىنى جاراستانغا ئېلىپ چىقىش ئاتلانغانىكەن ئۈلۈمدىن، كۈرۈمدىن قورقمايدۇ. خۇددى «يالىڭاياق سۇدىن قورقمىغاندەك »، شۇڭا بۇ ھەقتە ئۆزلىرىدىن ئىلتىجايىم شۇكى، سەپەرگە مۆھتۈرەم مىرزا باباقبەگ ھەمدەم بۇلسا،
        - ئىجازەت. ئۆزلىرى شۇنداق ئويلىغان بولسىلا. دىگەنلىرى بۇيىچە بولسۇن.
       - ھەشقاللا ئەنھەزرىتىم... .
        -سەمىلىرىدە بولسۇنكى، سەپەرگە تىزراق ئاتلانغايلا. - لەببەي ، باش ئۈستىگە ئالىلىرى.
       - ئەنە شۇ كېڭەشتىن كىيىن ھىندىقۇش مىرزا بىلەن مىرزا باباقبەگ سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇلار قەشقەرگە دىگەن قەرەلدە يىتىپ بىرىپ، غالدامە قۇشۇنلىرى بىلەن قارا دۆڭ قەلئەسىدە ئۇچراشتى. بىر ياندىن يولۋاسخان، بىر ياندىن يەكەندىن بارغان ئىككى ساتغۇننىڭ ياغىنى ئىسكەنجىسىگە ئالدى. ئۇرۇش شۇنداق دەششەتلىك بولدىكى ياشىسىز جەسەتلەر قورغاننىڭ ھەممە ساينىڭ تېشىدەك دۈۋىلەندى. قىپ-قىزىل قانلارسېغىز تۇپراقتا ئېقىشقا باشلىدى. يارىدارلارنىڭ ئاللا توۋا قىلىشلىرى، لەشكەرلەرنىڭ ھوگا- سۈرەنلىرى ئىگىسىز ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى جەڭ مەيدانىنى بىر ئالدى. غالداننىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلگىنى ئۈلۈپ، قاچقانلىرى قاچتى. يولۋاسخاننىڭمۇ ھىندىقۇش مىرزىنىڭمۇ لەشكەرلىرى خېلى تالاپەتكە ئۇچرىدى، جەڭ ئاخىرلىشاي دىگەندە، يولۋاسخان تۇيۇقسىز قىزىل تونىنى كىيىپ، تىرناقچىلىق ئالىسى يوق ئاق ئارمىغاققا قامچا ئۇردى. دەل شۇ چاغدا ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. ياۋنىڭ جەڭ سېپى تەرەپتىن ئاق ئەلەم كۆتۈرۈلدى.
        - قىرىڭلار... -دەپ ۋاقىردى يولۋاسخان ئاق ئەلەمنى كۆرمىگەندەك چىڭقىلىپ سۆزلەپ، - ياغىنىڭ بىر مۇ لەشكىرى ساق قالمىسۇن... .
       -توختاڭلار، ئۇنداق قىلماڭلار... ، -ھىندىقۇش مىرزا يولۋاسخاننىڭ ئېتىنىڭ ئالدىنى توستى ، - سىلىمۇ ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە شاھزادەم، بىزدە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر،» دەيدىغان گەپ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلمىساقتىن بىرى لەشكىرى ئىلىمدە ئەل بولغان ياغىنىڭ بېشىدا قىلىچ ئوينىتىش نامەرتىنىڭ ئىشى سانىلىپ كەلگەن. بولدى ئۇلار ئەل بولغان ئىكەن، جەڭنى توختىلايلى.
        -يۇلۇمنى توسمىسىلا! ، - يولۋاسخان كىچىكىدە ئۆزىگە لەشكىرى ئىلىمدىن ساۋاق بەرگەن، خانلىق تەۋەسىدە ئۆز ئىستىداتى لەشكىرى ئىشلارغا قابىللىقى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سانغۇنغا گۆلەيدى،
        - ھەمىسىنى قىرىپ تاشلاش كېرەك، بۇ مەلئۇنلارنىڭ...
        - گۇناھى قانچە ئېغىر بولسئۇ، ئەل بولغان ئىكەن، ئۇلارغا چىقىلمىسىلا... .
       -ياق...
        -سۆزىمنى ئاڭلىسىلا «ئىگىلگەن بۇيىنى قىلىچ كەسمەپتۇ» دىگەن گەپ بار. ئۇلار ئىگىلگەنىكەن، يەنە تىغ كۆتۈرسىلە نامەرتلىك بۇلۇپ قالىدۇ...
        بۇ گەپ بىلەن يولۋاسخان سەل پەسكويغا چۈشتى، بۇنى كۈرۈپ مىرزا باباقبەگ دەرھال ناغرا چالدۇرۇپ، لەشكەرلىرىنى جەڭنى توختۇتۇشقا بەلگە بەردى. شۇنداق قىلىپ قەشقەردىكى بىر مەيدان ئېلىشىش ئاخىرلىشىپ، غالدامە بىلەن يولۋاسخان سۈلھى ئۈزۈشتى. بۇ جەرياندا ئىككى ئەمىر لەشكەرلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن قەشقەردە بىر ئاي ھايال بۇلۇپ تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا قايتىپ كەلگەن بولوپ، ئابدۇللاخان ئۇلارنىڭ نۇسرەت قۇچۇپ كەتكەنلىكىنى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن ئاخشام چاي بەرگەن ئىدى، مانا ئەمدى... ئابدۇللا خان ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇ خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى جان يۇلتۇز، قارا شەھەر تەرەپلەرگە لەشكەر تارتقاندا، ئۇ خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلۇپ، ئىشەنچىسىگە نائىل بولگان ئىدى. شۇڭىمۇ شۇ قتىملىق لەشكىرى سەپەردىن كىيىن، ئابدۇللا خان كېرىيە نىڭ ھاكىمبىگى مىرزا موھەممەت لىتىپىنىڭ ئورنىغا خۇدابەردى بەگنى ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىگەن ئىدى. تۇيۇقسىز خاننڭ دىقىتىنى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىلىۋاتقان ھۈدەيچى بەگ بوزىۋەتتى. ئابدۇللاخانىڭ يېنىغا كىلىپ، ئادەت بويىچە سالام بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، ئالدىراپ سۆزلىدى. ئەنھەرزىتىمگە مەلۇم بولغايكى ، ئوردىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ئادالەتپاناھىمنىڭ قۇبۇلىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. خان ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە ئوبدان بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى.
       - ئەمىرلەر شاھنىشىدا ساقلىغاي، ھىندىقۇش مىرزا كۇتۇپخانىسىغا كەلگەي...
        -ئەنھەزرىتىمگە ھەشقاللا... ، - ھۇدەيچى بەگ ئارقىچىلاپ بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆرۈلۈپ شاھنىشىنغا قاراپ ماڭدى. 3 شاھنىشن ئېغر سۈكۈتلىققا چۆمگەن ئىدى. ئەتىتىگەندىلا قوبولغا كىرگەن ئەمىرلەر خاننىڭ كۈن چاشكا بولغۇچىلىك نىمىشكىن قوبۇلخانىغا كىرمىگەنلىكگە ھەيران بۇلۇشۇپ قالغان ئىدى. بۇلۇپمۇ ھۈدەيچى بەگنىڭ شاھنىشىنغا كىرگەندىن بىرى كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، ھېچكىمنىڭ سۆزىگە ئارىلاشماي بىر چەتتە ئۈن- تۈنسىز تۇرغان ھىندىقۇش مىرزىنى چاقىرىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشتى. بۇ ھەقتە ھەممەيلەن ئۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن نىمىشقىدۇر پىكىر بىرلىككە كىلەلمىدى.
        -سىلىچە خاننىڭ ھىندىقوش مىرزىنى خاس سۆھبەتكە چىللىشى قانداق ئىشتۇ؟ - سورىدى كۆزلىرى چېقىر كەلگەن، يۈزلىرى تاتىراڭغۇراق ئەمىر بىر چەتتە تۇرغان مىرزا باباقبەگدىن،
        -ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىمۇ يا...
        -بۇنى ھېلىلا بىلىپ قالىلا، - دىدى باباقبەگ تۇرقىنى ئۆزگەرتمەستىن ئۇ ئەمىرگە قاراپ،- بەلكىم مەسلھەتلىشىدىغان ئىش بارمۇ؟
        -مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ بولغانلا ؟، - بۇ گەپنى ئاڭلىغان چېقىر كۆز ئەمىر بىردىنلا ئۆڭدى.
        -ئوردىدا سىلى بىلمەيدىغان ئىش يوق، ھەزرىتىم بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋالسىلا قاملاشماس؟
       -خاننىڭ يېنىدا تۇرغان سىلى بىلەن مەندەك ئادەملەر ئەنھەزىتىمنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئۆزى دىمىسە، بىز قانداق بىلىمىز تەخسىر ،-دىدى مىرزا باباقبەگ تەئەددى بىلەن،- ھەر ئىككىلىمىزمۇ شۇ يەردە خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلىۋاتقاندىكىن، ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلسەك بۇلاتتى. بىراق ئۇنداق كارامەتكە ئىگە ئەمەسمىز...
       چىقىر كۆز ئەمىر نىمىشقىدۇر، دىمىغىنى قېقىپ، مىرزا باباقبەگدىن يىراقلاشتى. شۇ ئەسنادا دىۋان بىگىمنىڭ بوم ئاۋازى ئاڭلاندى.
       -ئادالەتپاناھ ئەنھەزرىتىم ئابدۇللا خان ئالىلىرى قۇبۇلغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.
        بۇنى ئاڭلاپ، شاھنىشىنىڭ ئىچى بىردىنلا ئۇپۇر-تۇپۇر بۇلۇپ كەتتى. ئولتۇرغانلار ئۆرە بۇلۇپ، ئۆرە تۇرغانلار شاھ سۇپا تەرەپكە بۇرۇلدى. خان شاھنىشىنىڭ يان تەرىپىدىن خاس ئېلىنغان ئىشىك ئارقىلىق قۇيۇلخانىغا كىردى-دە، تۈردىكى ئۈچ گەز ئىىگىزلىكتە ياسالغان شاھ سۇپىسىنىڭ ئۈستىدىكى تۇتقۇچ ۋە قوبىلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان تەختكە ئولتۇردى، بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ئۈنلۈك توۋلاشتى،
    -ئۇلۇغ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باش پاناھى، پەدەرى بۇرزۈك ئادەلەتپاناھ پادىشاھ ئابدۇللاخان ئالىلىرى ئامان، دۆلىتى زىيادە بولغاي!...

    ) ( ئاپتور: كىرېيە ناھىيىلىك ئەدەىبيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.