ئۈچ دوستنىڭ ھېكايىسى(سىنارىيە)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-23 11:07:00

ئۈچ دوستنىڭ ھېكايىسى(سىنارىيە)قەمبەرنىسا ئەخەت شىنجاڭنىڭ نامەلۇم بىر كەنتى. بۇ جاي ئېگىز تاغنىڭ ئېتىكىدىكى ئورمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇلاردىن بولۇپ جەمئىي ئون...

    ئۈچ دوستنىڭ ھېكايىسى(سىنارىيە)
     قەمبەرنىسا ئەخەت

         شىنجاڭنىڭ نامەلۇم بىر كەنتى.
      بۇ جاي ئېگىز تاغنىڭ ئېتىكىدىكى ئورمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇلاردىن بولۇپ جەمئىي ئون نەچچە ئائىلە بار. ئەخمەتنىڭ دادىسى ئورمانغا قارايدۇ. توختاسىننىڭ دادىسى چارۋىلارغا قارايدۇ. شياۋۋاڭنىڭ دادىسى بولسا چوشقا باقىدۇ. بۇ كەنىتتىكى ئائىلىلەر ئۈچ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئاساسەن چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇنلانغاچقا تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى يوقىرى ئىدى. ئەخمەتنىڭ يېشى 12 ياش بولۇپ، ئۆزى پىئونېر، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ.
    توختاسىن قازاق، 10 ياش، (پىئونېر) ...
    شياۋۋاڭ خەنزۇ 11 ياش (پىئونېر).......

    ئۈچ دوست ئېگىز تاغ-داۋانلاردىن ئۆتۈپ، چوڭ يولغا چىقىپ ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتى مەكتەپكە كېلىدۇ-دە، قوڭغۇراق چېلىنىدۇ. بۇلار ئاتلىرىنى مەكتەپ ئارقىسىدىكى ئوتلاققا باغلاپ قويۇپ دەرسكە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئۈچ دوست، پارتىدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ.دەرس قوڭغۇرقى چېلىنىشى بىلەن ئۈچ دوست توپ مەيدانىغا بېرىپ توپ ئوينايدۇ. توپ ئويناش جاريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن شياۋۋاڭ يېقىلىپ كېتىدۇ. ئەخمەت بىلەن توختاسىن دەرھال كېلىپ شىياۋۋاڭنى يۆلەۋاتقاندا، توساتتىن ئاتنىڭ قاتتىق كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ-دە، ئۈچەيلەن دەرھال يۈگرەپ ئاتلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىسا چارۋىچىلار ئاتلارنى قەس قىلىپ تۇرغان بۇ ۋاقىتتا بۇ ئۈچ دوست نېمە قىلىشىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ تۇرغاندا ، مۇئەللىم يېتىپ كېلىدۇ-دە، قولىغا يوغان تاشنى ئېلىپ يوغان يىلاننى ئۆلتۈرىدۇ. بالىلار خوشال بولۇپ ئاتلىرىنىڭ بېشىنى سىلايدۇ. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن، بۇ ئۈچ دوست يەنە دەرسكە كىرىپ كېتىدۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بالىلار ئاتلىرىنى مىنىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالىدۇ. بۇ ئۈچ دوست خوشال-خورام ناخشا ئېيتىپ يولدا كېتىۋاتسا، يولنىڭ سول تەرىپىدە ئېسىل كېيىنگەن قارا كۆزئەينەك تاقىغان 30 ياش ئەتراپىدىكى ناتۇنۇش ئادەم: - ھەي بالىلار ماياققا كېلىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان بىر ئېغىز گېپىم بار،-دەيدۇ.بالىلار ئاتتىن چۈشمەي تۇرۇپ: - ئاكا نېمە دەيسىز؟- دەيدۇ. - - مېنىڭ پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى، مېنى ئېتىڭلارغا مىندۈرۈپ ئاۋۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويساڭلار، قانداق؟ ئەخمەت: - بولىدۇ، مېنڭ ئېتىمنىڭ ئارقىسىغا مىنىڭ.-دەيدۇ. ھېلىقى ئېسىل كېيىنگەن ناتۇنۇش ئادەم ئەخمەتنىڭ كەينىگە مىنىشقا توختاسىن بىلەن شياۋۋاڭ ھېلىقى كىشىنىڭ بىلىدىكى تۆت تال پىچاقنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە، چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلار ئىككىسى بۇ ئادەمدىن ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى سېزىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن،شياۋۋاڭ ئەخمەتكە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويىدۇ. يولدا كېتىۋىتىپ ھېلىقى ئادەم بالىلاردىن سورايدۇ. - ئاۋۇ كەمبايىننى ھەيدەۋاتقان بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ماۋۇ قويلار كىمنىڭ قويلىرى؟ كوللىكتىپنىڭمۇ ياكى شەخىسنىڭمۇ؟ ئاخشىمى قويلارنى ئېلىپ كېتەمدۇ؟ بالىلار بۇ ئادەم گۇمانلىق دەپ قارىغاچقا: ...بىز بىلمەيمىز...-دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ تاغقا يېتىپ كېلىدۇ. ئەخمەت : ۋاي ئاكا، سىزنىڭ چۈشۈپ قالىدىغان يېرىڭىزگە يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ ئۆيىمىز تاغنىڭ ئارقىسىدا، ماۋۇ چىغىر يول بىلەن چىقىپ كېتىمىز دەيدۇ. بۇ ئادەم بولىدۇ دەپ يەرگە چۈشۈپ: ۋاي بالىلار سىلەرگە بىر ئېغىز گېپىم بار دەپ، توختاڭلار دېيىشىگە، كەينىدىن ئۈچ كىشلىك موتوسىكلىت كېلىپ بالىلارنىڭ يېنىدا توختايدۇ، بالىلار شۇنداقلا ئارقىسىغا قارىسا ئادەتتىكى موتوسىكىلىت ئەمەس ھەربىيلەرنىڭ موتوسىكىلىتى ئىكەن. لېكىن ھەيدىگۈچى ئىككى بالىنىڭ كىيمىلىرى ؟؟؟ ياسانغان قارا كۆزئەينەك تاقىغان، موتوسىكىلىتنىڭ كوزوپىدا ئۇزۇن پەلتۇگە ئورانغان بىر نەرسە تۇرغانلىقىنى سېزىدۇ، لېكىن نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدۇ. موتوسىكىلىت ھەيدىگۈچى بالىلارنىڭ ئالدىنى توسايدۇ، يەنە بىرى كېلىپ شىياۋۋاڭنىڭ ئىتىنىڭ نوختىسىنى تۇتىدۇ-دە، شياۋۋڭنىڭ ئىتى كاپلا قىلىپ ئاتنىڭ نوختىسىنى تارتقۇچىنىڭ قولىنى چىشلەيدۇ، A كىشى ياندىن شارتتىدە قىلىپ پىچىقىنى چىقىرىپ ئاتنى ئۆلتۈرىمەن دەيدۇ. شياۋۋاڭ ئىتىنى بىر ئۇرۇپ يۈگۈرتكەن پېتى تەڭلا ئۈچەيلەن تاغقا چىقىۋالىدۇ. تاغقا چىقىۋىلىپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ مەسلىھەت قۇرىدۇ. بۇلار قانداق ئادەملەر؟ بۇلاردا بىر سىر بولۇشى مۇمكىن دەپ ئاتلىرىنى باغلاپ قويۇپ، پىيادە تاغدىن چۈشىدۇ، قۇياش ئولتۇرۇپ بولاي دېگەندە، بالىلاردا ئازىراق قورقۇنۇش بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىپ، ھۇدۇقماستىن، موتۇسىكىلىتنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، شۇنداق قارىسا موتۇسىكىلىتنىڭ كوزىپىدىكى ھېلىقى ئۇزۇن چاپانغا ئورالغان نەرسە يوق، تازا ئىچكىرلەپ قارىسا، موتوسىكىلىتنىڭ يېنىدا قىز بالىنىڭ ئايىغى، موتوسىكىلىتنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىسا، بىر ياغلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ، بالىلار، ناھايتتى قاتتىق گۇمانلىنىدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟ دەپ دىققەت بىلەن ئەتراپقا قارىسا، بىر ئادەمنىڭ ئىككى قوينىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، تاغانىڭ ئىچىگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇ تاغارنى ئېلىپ يولغا چىقىشىغا، بالىلار، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن يول ياقىدىسىكى دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ، قارسا ھېلىقى ئەخمەتنىڭ ئېتىگە مىندۈرۈپ كەلگەن ئادەم شۇ، ئەخمەت غەزەپ بىلەن رەگەتكە بىلەن بىر ئېتىپ، ئۇ ئادەمنىڭ پىشانىسىنى يېرىۋېتىدۇ.پىشانسىدىن قان ئېقىپ تۇرغىنىغا قارىماي، موتوسىكىلىتنىڭ يېنىغا يۈگىرەيدۇ. ئورماننىڭ ئىچىدىكى ئا ، ب ئىككى ئادەممۇ قورققان ھالدا چىقىپ موتوسىكىلىتقا مىنىپ ئۈچىسى قاچىدۇ، بالىلار داۋاملىق ۋاقىرايدۇ، بۇ ھالدا ئورمان ئىچىدىن بىر كىچىك قىزنىڭ «مېنى قۇتقۇزۇڭلار!» دىگەن ئاۋازى كېلىدۇ، ھېلىقى بالىلار ئارقىسىغا قارىسا چاچلىرى چۇۋۇلغان كىيىملىرى يېرتىلغان كىچىك قىز ئۆمىلەپ بالىلار تەرەپكە كېلىددۇ، بۇ ۋاقتىدا ھېلىقى دېھقانمۇ قىزنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىدۇ، قىز ئۇلارنى بۇلارنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كېتىدۇ. بالىلار بۇ قىزنىڭ بېشىدىن يۆلەيدۇ، دېھقان بالىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى تال ياغاچنى قېتىپ قىزنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئەپ كېلىدۇ. ھېلىقى دېھقان بۇ ئەھۋالنى ساقچى ئورنىغا مەلۇم قىلىدۇ. ئەتىسى ساقچى خادىملىرى دوختۇرخانىغا كېلىپ بۇ قىزنى يوقلايدۇ، قىز تەپسلى ئەھۋالنى مۇنداق سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەھۋال مۇنداق: قىزنىڭ سۆزى، مەن 15 ياشقا كىردىم، تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيمەن، مېنىڭ ئاپام ئاغىرىق ئىدى، ئاپامنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن بىر نەرسە ئالغىلى ماگىزىنغا كېلىپ، لازىمەتلىك نەرسىلىرىمنى ئېلىپ سىرتقا چىقىشىمغا، ئىككى قارا كۆزەينەك تاقىغان غەيرى كىشلەر موتوسىكىلىتنى مىنىپ قاچقان بۇ يەردە يەنە بىر كىشىمۇ بار ئىدى، مەن دەرھال ۋاقىراپ، موتوسىكىلىتنى ئەپ قاچتى دېدىم، ئۇ ئادەم كېلىپ، ھەي، سەن ئاغىزىڭغا قاراپ گەپ قىل دېدى. بۇ ئەپسانە سۆزدىن چۆچۈپ كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئاپامنى يوقلاشقا كەتتىم. دوختۇرخانىغا بېرىپلا كەينىمگە قارىسام، ھېلىقى خۇلقى بۇزۇق ئادەم دەل شۇ يەردە پەيدا بولدى، يۈرۈگۈم "جىغ" قىلدى-دە، مەن ئالدىراش مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم، كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، دادام تاماق ئېتىۋېتىپتىكەن تاماق تەييارلاۋاتقان دادامغا، ئوغۇرلارنىڭ موتوسىكىلىت ئەپ قاچقان ئەھۋالى بىلەن ھېلىقى خۇلقى بۇزۇق ئادەم توغرىسىدىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم، دادام ماڭا، « دىققەت قىل بالام ھازىر ئوغرى تولا دېدى» ، مەن تاماقنى ئېلىپ ئاپتوبۇس بېكەتكە باردىم، شۇ يەرگە بېرىشىمغىلا ئۈچ نەپەر ياش بالا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قالدى، مەن ئۇلارغا قارىماستىن ئاپتوبۇسقا چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا، ئاپتوبۇس ئىچىدە بىر ئايال :« ۋاي قىزىم! ئانىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟ كىچىكلا بىر قىز ئىدى، بۇ يىل ئۆسۈپ يوغانلا بىر قىز بولۇپ كەتكەنىنى كۆرۈڭلار» . دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى، ئاپتوبۇسدا ئولتۇرغان ئايال «ھەي، ئامىنە ئاپىڭىزغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ-دەيدۇ» دە، بۇ قىز جىددى دوختۇرخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندا، ئاۋۇ ئۈچ ئادەمنىڭ كەينىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قالىدۇ، شۇ يەردە، يۈرۈگۈم بىر قاتتىق ئاغرىشقا باشلايدۇ، بۇ قىز ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ، «ئاپا مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا يېتىپ قالسام» دەپ ئاپىسىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، بىراق ئاپىسى،« بالام ئاتىڭىز يالغۇز، خىزمىتى ئالدىراش، ئاخشىمى بىر نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ» دەپ قىزنى ئۆيگە قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ بېرىدۇ، قىز ناھايىتى تەسلىكتە ئاپىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدۇ، ئاپتوبۇسدىن چۈشۈپ، چوڭ كوچىدىن خالتا كوچىغا كىرىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىر كوچىغا كىرىدۇ-دە، 3نەپەر ياش بالا :«ھەي قىز، توختاڭ!» دەيدۇ، ئۇ قىز تېز يول ئالىدۇ، يېتىشىپ كېلىپ، «يۈسۈپ دىگەننىڭ ئۆيى نەدە؟»دەپ سورايدۇ. بۇ يەردە يۈسۈپ دىگەن كىشى يوق دېيىشىگىلا ، بۇ قىزنىڭ ئۈستىگە قېلىن بىر نەرسىنى ئورايدۇ، قىز ۋاقىرغاندا، ئاغىزىنى بىر لاتا بىلەن مەھكەم تېڭىپ تاشلايدۇ، 3 كىشلىك موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىگە قىزنى بېسىپ، ئارقا-ئالدىنى ئوراپ سىرتقا قاراپ قاچىدۇ، قېچىپ، قېچىپ ئۇزۇن بىر مۇساپىنى بېسىپ بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. بۇ قىز يول ئۈستىدە ھەددىدىن ئارتۇق يول ئازابىنى چېكىدۇ. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە، بىر ئىشىك بولۇپ، بۇنى ئېچىشىغا بىر يوپيورۇق زامانىۋى چىراغلىرى بار بىر ئۆي پەيدا بولىدۇ... يەنە ئىچكىرلەپ كىرسە، بىر ئا. فى جى ياسىنىپ ئالغان بىر بالا ئۈستەلگە پۇتىنى ئېلىپ، قۇشۇپ تاماكىنى چىشلىگەن ھالدا ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. قىزنى ئەپ كىرىپلا بېشىغا پۈركەنگەن يۇپۇق، ئاغىزىغا كەپلەنگەن لاتىنى بوشىتىۋېتىدۇ، قىز ئالدىغا تۈرلۈك يەل-يىمىش نەرسىلەرنى ئەكىلىپ «قېنى قىزچاق بۇ نەرسىلەردىن يە» دەيدۇ. قىز ئۇ نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ، گەپ قىلماستىن ، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يېغلاشنى داۋام ئېتىۋېرىدۇ، ھېلىقى ئۈچ بالا ھاراق، شاراپ ئىچش، ئۈنئالغۇنى ماڭدۇرۇپ قويۇپ ياۋبەي ئوينىشىدۇ، بۇ ۋاقتىدا ھېلىقى ئۇخلاپ ياتقان ئالاھىدە كىشى «مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ» جەريانىنى ئەسلەيدۇ. ئەسلىگۈچى : بۇ نىڭ ئەسلىشىدە خۇڭيى بىڭلار، ئاتا-ئانىسىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋېتىپ، ئۆينى پىچەتلەيدۇ، بۇ ۋاقتىدا، بۇ بالا سىڭلىسىنى ئېلىپ تۈن كېچىدە تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇشتۇمتۇت، سىڭلىسىنى غەيرى كىشلەرگە تاتقۇزۇپ، يوقۇتۇپ قويىدۇ. مانا بۇ ئەسلەشتىن، يۈرەك زەردىسى بولۇپ ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا سىڭلىسىنى ئەسلەپ، ھېلىقى قىزغا ئىچى ئاغرىيدۇ. گەپ قىلمايدۇ، كېچە سائەت 2 بولغاندا، ھېلىقى ئەسلى ئۆيدە بار بالىغا قىزنى تاشلاپ قويۇپ، موتوسىكىلىتنى مىنگۈچىلەر سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. بۇ كىشى قىزغا : «سەن، يامان يەرگە كىرىپ قېلىپسەن، سەنمۇ ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى، مەنمۇ ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى بولىمەن، سەن دەرھال بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنىڭ ئامالىغا كىرگىن.» تەدبىر شۇنداق بولسۇن، سەن مېنى باغلاپ، مەلۇم جايىمغا پىۋاق تىقىپ قان ؟؟ قىلىسەن. نڭ قىز قورقىدۇ، ‹مەن ئۇنداق ئىشنى قىلالمايمەن، ۋىجدانىم قوبۇل قىلالمايدۇ› دىيىشىپ تۇرىشىغا، يىراقتىن موتوسىكىلىتنىڭ ئاۋازى كېلىدۇ، ئاڭغىچە قىزنى ؟؟؟ بۇ بالا ‹چاپسان ماڭ !› دەپ يۈگرەيدۇ، قىز ئالدىرىغانلىقتىن، چوڭ يولدا ماڭسام ھېلىقى ئەسكەرلەرگە يولۇقۇپ قالىمەن دەپ، چېغىر يولدا ماڭىدۇ، ئەمما، چوڭ يولدىكى ساقچىلار رازۋېتكىسى ئىدى، قىز يولنى خاتا ئەپ قويۇپ، ئەسكەرلەر يۇشۇرنۇپ تۇرغان، چېغىر يولغا ماڭىدۇ. دەل بۇ قىز ئەسكەرلەر بىلەن دوقۇرشۇپ قېلىپ، 2-نۆۋەت تۇتقۇن قىلىنىپ، ئالدىن كەلگەن ئۆڭكۈرگە قايتا قامال قىلىنىدۇ، ئاڭغىچە، ئەزەلدىن بۇ ئۆيدە قالغان يىگىت، قىزنى قاچۇرۋېتىپ ئۆزىمۇ قېچىپ كەتكەن، بۇ يىگىت ئالىقاچان ئۆز جايىغا يېىتپ بولۇدۇ، ئاندىن بۇ ئەسكەرلەر قىزنى ئۇرۇپ قېيناشقا تەييارلانغاندا، سىرتتىن ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بۇ ئەسكەرلەر تېز سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، قىز قالىدۇ. يەنە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن تاڭ ئاتىدۇ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن، قىز كۆزىنى ئاچسا 3-4 ئادەم بىر يەرگە باش سېلىپ، ‹ بۇ قىزنى تاش ئۆستەڭگە ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋېتەيلى.› دىيىشكىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ، ئاڭلاپ قېلىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئىككىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئىككىسى قېلىپ، قىزنى كىيىملىرىنى كەيدۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قىز تەييارلانغاندىن كېيىن قىزنى موتوسىكىلىتقا سېلىپ، يولغا چىقىپ ئورمانغا ئېلىپ بېرىپ، بۇ قىزغا يامان نىيەت قىلىدۇ، ئاڭغىچە، بالىلارنىڭ ئوغرى كەلدى دىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، بۇ ھالدا ئوغرىلارنىڭ قىزنى ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىش يامان ئارزۇسى بىتچىت بولۇپ، ئوغرىلار قېچىش غېمىگە چۈشۈپ ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىتىدا، بۇ قىز بۇ قىز دوختۇرخانىدىن ۋەقەنى يوقۇرقىدەك شەرھىلەپ، ساقچى كادىرلىرىنى دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە قىلىدۇ. ئۈچ دوست قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قويۇپ، ئۆز ئۆيلىرىگە كەچرەك قايتىدۇ، بالىلاردىن ئەنسىرگەن خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار يولغا چىقىپ بالىلىرىنى تۆز كۆز بىلەن كۈتىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ، ھەتتا يىغلىشىپ كېتىدۇ. كېلىن ئەخمەت ‹ بۇ ئوغرىلار قانداق ئوغرىلار؟ بۇلار نەدىدۇ؟ زادى قىز قاياققا كەتكەندۇ؟ بۇلارنى قاندا تۇتۇش كېرەك؟ › دىگەن سوئاللار ئېقىمى بىلەن ئۇخلىيالمايدۇ، بىراق ئەخمەت ئۇخلاپ ئارام ئالغاندا، چۈشىدە ئۈچ دوست ئۈچ ئاق ئارغىماققا مىنگەن ھالدا، ئوغرىلارنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇلار ئېگىز تاغدا شۇنداق ئىزدەپ كېتىپ بېرىپ، چۈش داۋامىدا ئوغۇرلارغا يولۇقۇپ قالىدۇ، بۇ ئۈچ دوست ئوغرىنى قوغلاپ ئاتسا، بىرلا موللاق ئېتىپ، دىۋىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ بالىلار دىۋىلەر بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىدۇ، ئاخىرى خەنزۇ بىلەن قازاق ئىككى دىۋاىنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئەخمەت بىلەن ئېلىشقان دىۋە، ئەخمەتنى ئاتنىڭ ئۈستىدىن، ئات بىلەن بىرگە غارغا قارىتىپ ئاتىدۇ، غاردىكى پەرىلەر چۈشۈپ ئاتقان ئەخمەتكە گىلەمنى يېيىپ تۇرۇپ گىلەم ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ئالىدۇ، گىلەم بىر ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېلىپ پەرىيلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشىدۇ، پەرىيلەر ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئەخمەتەك تۈرلۈك يەل-يىمىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەخمەت پەرىيلەرگە ئوغۇرلارنى تۇتۇش ئۈمىدىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەرىيلەر ئەخمەت بىەلن گىلەمگە چۈشۈپ، ئوغۇرلارنى ئىزدپ كېتىۋاتقاندا، ئەخمەت گىلەمدە ئولتۇرۇپ، ئوغرىلارنى پەرىيلەرگە كۆرسىتىدۇ، ھېلىقى قېچىپ كېتىپ بارغان دىۋىلەرنى پەرىيلەر گىلەم ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقيا بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ-دىۋە ئۆلىدۇ. دەرھال ئويغانسا بۇ چۈشى ئىكەن، ئۆزى بەكمۇ تەرلەپ كەتكەن. ئەتىسى دادىلىرى ‹بۈگۈن بازارغا سىلەر بىر ئاتنى مىنىپ بېرىڭلار› دەيدۇ، دادىلىرىغا ئەكىلەپ ‹نېىمىشقا مۇنداق دەيسەن › دىسە، ‹بىز بۈگۈن بازارغا مال ئالغىلى بارماقچىتۇق، ئات لازىم بولۇپ قالدى.› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دوست بىر ئاتنى مىنىپ مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ.چېغىر يولدا كېتىۋېتىپ، بىر قاپقارا بىر نەرسىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بالىلار چاقچاق قىلىشىپ بۇنىڭغا دىققەت قىلىماپتىكەن، يېقىنلاشقاندا قارىسا بىر بۆزىنىڭ قۇيرىغىنى ئاستىغا تىقىپ خىرىس(قاتتىق) بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋتقان، بالىلار ئاتنىڭ بېشىنى كەينىگە تارتسا ئات ماڭمايدۇ، يەنە بىر قېتىم تارتقاندىن كېيىن ئات يوغان توغراقنىڭ يېنىغا كېلىپ توختايدۇ، بالىلار شۇنداق قارىغىدەك بولسا، بۆرە ئاغىزىنى شۇنداق يوغان ئېچىپ، تىلىنى ساڭگىلىتىپ كېلىۋاتقان، بالىلار ئاتنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، يوغان توغراقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ، بۆرە ئاتقا يامىشىدۇ، بالىلار ئاۋازىنىڭ بارىچە سۈرەن سالىدۇ، ئاڭغىچە بۆرە ئاتنىڭ قورسىقىنى يېرىۋېتىدۇ، بالىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان يول ياقىسىدا ماشىنا رىمونت قىلىۋاتقان ھەربىي شوپۇرلار مىلتىقىنى ئېلىپ، بۆرىنى ئېتىۋېتىدۇ، بالىلار دەرەخ ئۈستىدىن چۈشىدۇ، ھەربىيلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ھەربىيلەر بالىلاردىن ‹سىلەر نەگە بارماقچى؟› دەپ دورايدۇ، بالىلار‹بىز مەكتەپكە بارماقچى › دەيدۇ. ھەربىيلەر بالىلارنى ماشىنسىغا سېلىپ مەكتەپكەئاپىرىپ قويىدۇ، مۇئەللىم بالىلاردىن ‹سىلەر كېچىكىپ قالدىڭلارغۇ ؟› دەپ سورايدۇ، بالىلار يول ئۈستىدىكى ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىدۇ، مۇئەللىم:‹ بۈگۈن ئىمتىھان بېرىسىلەر، تېزىرەك بولۇڭلار. سىلەرنىڭ ئېتىڭلار يوقكەن، ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ، بالدۇر قايتىڭلار .› دەيدۇ. بالىلار ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ قايتىدۇ، بالىلار چوڭ يول بىلەن قايىتماي، يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئېتىز ئارىلاپ، چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىغا چىقىپ قالىدۇ، بالىلار سۇ ئىچىمىز دەپ ئۆستەڭگە قاراپ يۈگرەيدۇ، بالىلار سۇنى ئىچىپ بولۇپ قارىسا نېرىدا بىر ئايال سۇ ئالىمەن دەپ سۇغا تىيلىپ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىلار دەھال ئۆزلىرىنى سۇغا تاشلايدۇ-دە بالىلار ئايالنى سۇدىن چىقىرىپ چېلەكلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىدۇ، ئايال بالىلارنى ‹سىلەر قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر ؟› دەپ رەھمەت ئېيتىدۇ. بالىلار سومكىلىرىنى ئېلىپ كۆڭلەكلىرىنى كېيىپ ئۆيگە قاراپ ماڭىدۇ.بالىلار ئىمتىھاندىن ئەلاچى بولۇپ ئۆتىدۇ. مۇئەللىم بالىلارنى تەتىلگە قويىۋېتىدۇ، بالىلار تەتىل جەريانىدا ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىنى ئېلىپ خوشال ئۆيگە قايتىدۇ. بالىلار ئائىلىسىگە بېرىپ :‹ بىز ئۈچەيلەن ئائىلىگە ئوت-چۆپ توپلىغاچ مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى تاغنىڭ ياخشى جايلىرىدا مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەمدۇق. › دىيىشىپ ئۈچ دوست ئاتلىرىنى مىنىپ تاغقا قاراپ ماڭىدۇ، بۇلارنىڭ قولىدا ھەرخىل مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئېلىۋالغان، شياۋۋاڭنىڭ قولىدا ئېغىز گارمونى، ئەخمەتنىڭ قولىدا راۋاب، توختاسىننىڭ قولىدا دومبۇراسى بولۇپ، بۇلار خوشال سازلىرىنى چېلىشىپ ماڭىدۇ، يول ياقىسىغا جايلاشقان كىگىز ئۆيدىكى قازاق قىزلىرى بۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئۇسسۇل ئوينىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار يايلاقنىڭ ھېلىقى گۈزەل مەنزىرسىگە يېتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار يايلاقنىڭ ھېلىقى گۈزەل مەنزىرسىگە يېتىپ بارىدۇ، بۇلار داستىخانلىرىنى سېلىپ، ئېلىۋالغان گۆشلىرىنى يېيشىپ بولۇپ، ئوت ئورۇشقا چۈشىدۇ، ئوتنى ئورۇپ، بىر ۋاقىتتىن كېيىن دەم ئېلىپ، بۇلار ئوتلاقتا ئېغىناپ يېتىپ، ئەخمەت توختاسىندىن :‹سەن كېلەچەكتە نېمە كەسىپ قىلىسەن؟› دەپ سورايدۇ. توختاسىن:‹مەن چارۋا دوختۇرى بولىمەن.› دەيدۇ، ‹شياۋۋاڭ سەن نېمە بولىسەن؟› دېسە ‹مەن ئاتوم ياسايدىغان ئالىم بولىمەن› دەيدۇ. ئەخمەت:‹مەن چوڭ بولسام ئادۇۋكات بولىمەن، ئوغۇرلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغان ئادەم بولىمەن› دەيدۇ. ئۈچەيلەن تەڭلا پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. بۇلار، بىزنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن خەنزۇچىنى تولۇق بىلىشىمىز كېرەك، ئىنگىلىسچىنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بىز مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك.-دەپ بولۇپ، بۇلار ئوت ئورايلى دەپ ئوت ئوراشقا چۈشىدۇ، بۇلار ئوت ئوراۋاتقان ۋاقىتتا ئادىدىن ئىككى توشقان چىقىپ قالىدۇ، بۇلار كەينىدىن قوغلاپ بىر توشقاننى تۇتىۋالىدۇ، بىر توشقان قېچىپ كېتىدۇ، قاچقان توشقاننى تۇتىۋالىمىز دەپ كەينىدىن قوغلاپ ماڭىدۇ، بىر توشقان بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىدۇ. بالىلار ئۆڭكۈرگە كىرىدۇ، ئۆڭكۈر ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق ، سۇ تامچىلار چۈشۈۋاتقان قالايمىقان ئاۋازلار چىقىۋاتقان، بالىلار بالىلار توشقاننىڭ كەينىدىن قوغلاپ مېڭىپ كېتىپ بارسا، بىر ئادەمنىڭ بىر نەرسىلەرنى چامىدانغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بۇ ئادەم ئارقىچە تۇرۇپ بىر نەرسىنى سېلىۋاتقان، ئامىرىكىچە گىمناستىكا كىيىم كەيگەن، شاپ بۇرۇت قاملاشقان بىر ئادەم، ئۈچ بالا:‹بۇ ئوغرىنى تۇتايلى!› دەيدۇ، بالىلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئوغرىنىڭ نېمە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىش ئۈچۈن، بىر تاشنى ئاتىدۇ، بۇ ئادەم ئارقىسىغا قارايدۇ، بالىلار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىۋالىدۇ، بۇ ئادەم يەنە ھەرىكەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ، بالىلار بېرىپ يوغان بىر تاشنى ئېلىپ ئوغرىنىڭ قولىنى كۆزلەپ ئاتىدۇ، تاش تەگمەي يان تەرىپىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئوغرى شۇنداق ئارقىسىغا قاراپ بۇ ئۈچ بالىنى كۆرۈپ پىچىقىنى چىقىرىپ، ئەخمەتكە ئېتىلىپ كېلىدۇ، ئەخمەتنى شۇنداق پىچاق بىلەن چاپىمەن دېيىشىگە توختاسىن ئوغرىنىڭ قولىدىكى پىچاقنى بىر تاياق بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈرۋېتىدۇ، ئەخمەت ئوغرىنىڭ قولىدىكى پىچاقنىڭ چۈشۈپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوغرىنىڭ پۇتىنى پۇتلايدۇ-دە، ئوغرى يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئەخمەت توختاسىننى بىر دويلەپ، توختاسىننى بىر پەشۋا بىلەن يېقىتىۋېتىدۇ، ئەخمەتنى بىر دومىلاپ ئاستىغا بېسىۋالىدۇ، پىچاقنى چىقىرىپ ئەخمەتنىڭ يۈرىكىگە تىقىمەن دېيىشىگە رەگەتكىنى تەڭلەپ شياۋۋاڭ ئوغرىنىڭ كۆزىگە ئاتىدۇ، ئوغرىنىڭ ئەخمەتنىڭ يۈرىكىگە تىقىمەن دىگەن پىچىقى، ئەخمەتنىڭ ئوڭ مۆرىسىگە تىقىلىدۇ، ئوغرى ‹ۋايجان!› دەپ، بىر قولىدا چامىداننى بىر قولىدا كۆزىنى تۇتۇپ قاچىدۇ، شياۋۋڭ بىلەن توختاسىن تېز يۈگۈرەپ ئەخمەتنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، ئەخمەت:‹سىلەر تېز بولۇڭلار، ئوغرىنى تۇتايلى › دەيدۇ. شياۋۋاڭ ئىز قوغلاپ ماڭىدۇ، توختاسىن ئەخمەتنى يۆلەپ ئىتىنى چاقىرىپ، ئىتى كەلگەندە ئاتقا مىندۈرۈپ گۇڭشى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇپ، توختاسىن ساقچى ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلىدۇ، ساقچى خادىملىرى ۋە يەرلىك قوغداش خادىملىرى، موتوسىكىلىت ۋە ئاتلارنى مىنىپ ئەتىراپنى قورشاشقا ماڭىدۇ. شياۋۋاڭ شۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ ئىز قوغلاپ مېڭىپ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ، شىياۋۋاڭ ئېگىز تېرەكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ كۆزەت قىلىدۇ، بۇ ئوغرىنى يوغان بىر توغراقنىڭ يىنىغا كېلىپ قولىنى توغراققا ئىككى ئورىغاندىن كېيىن، توغراقنىڭ يېنىدىن بىر قول چىقىپ، بىر پوتلاشكىنى سۇنۇپ بېرىدۇ، بۇ ئوغرى ھېرىپ ئۇسساپ كەتكەنلىگىدىن تىللىرى ساڭگىلاپ كەتكەن، ھېلىقى پوتلاشكىنى بەرگەن ئادەمنىڭ يۈزى كۆرىنىدۇ-دە، بۇلار ئىككىسى كۆرۈشۈپ چامىداننى كۆمۈشكە باشلايدۇ، چامىداننى كۆمۈپ بولۇپ، بۇ ئوغرى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ، دەرھال بىر قېرى بوۋايغا ئوخشاش بولۇۋېلىپ قولىغا ھاسا ئېلىپ ماڭىدۇ، شياۋۋاڭ تېرەك ئۈستىدە تۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ شەرق تەرەپكە، بىرسىنىڭ غەرىپ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شياۋۋاڭ دەرھاللا تېرەكتىن چۈشۈپ، بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ:‹بوۋا نەگە بارىسىز؟› دەيدۇ، بوۋاي:‹سەن بۇ يەردە نېمىشقىلىپ يۈرۈيسەن؟› دەيدۇ، شياۋۋاڭ:‹قوي باقاتتىم، بەك ئۇسساپ كەتتىم، ئۆيگە بېرىپ سۇ ئىچىپ كېلەي دەپ كېتىۋاتىمەن› دەيدۇ، بوۋاي:‹بولىدۇ، بىر بىرگە ماڭايلى › دەپ ئىككىسى بىرگە ماڭىدۇ. ئادىدىن موتوسىكىلىت، ئاتلىق كىشلەر ۋە توختاسىن قاتارلىق يولداشلار كېلىدۇ، توختاسىن شياۋۋاڭنى كۆرۈپ ‹شياۋۋاڭ!› دەپ ۋاقىرايدۇ، شياۋۋاڭ بوۋاينىڭ ساقىلىنى، بۇرتىنى ۋە پۈتۈن قىياپىتى ئۆزگەرگەن بۇ ئوغرىنى ئاشكارلايدۇ. توختاسىن شۇنداق قارىسا ئۆتكەندە ئاتقان رەگەتكىنىڭ ئىزى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، توختاسىن، شياۋۋاڭ ئىككى ئوغرىنىڭ بىرى مۇشۇ دەپ ئوغرىنى تۇتىدۇ، باشقا بۇيۇملارنى ھېلىقى بوتلاشكىنى بەرگەن ئادەمنى تۇتۇپ كېلىڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئاتنىڭ ئالدىغا سېلىپ كېلىدۇ، بۇلارنى تۇتقاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ئوغۇرلىغان ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار خەلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان بايلىقلىرى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ، بۇلارنىڭ شاڭخەي، گۇۋاڭجۇلاردىكى شايكىلىرىمۇ تۇتۇپ كېلىنىدۇ، ئوچۇق سوت باشلىنىدۇ، ئامىنە سۆزگە چىقىدۇ(15 ياشلىق قىز) ئەخمەت ئامىنە ئىككىسى پاش قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئادەملەرنى زىيان-زەخمەت قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى پاش بولىدۇ. يازغۇچى: قەمبەرنىسا ئەخەت، 1989-يىلى قۇمۇل باركۆل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق