چولپان لوندوندا(قەمبەرنىسا ئەخەت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-18 10:27:00

چولپان لوندوندا(قەمبەرنىسا ئەخەت) 1 -پەردە 1-كۆرۈنۈش كۈندۈزى سەھنە ئېچىلىش بىلەن تەڭلا شادىيانە مۇزىكىسى چېلىنىدۇ. ھازىرقى زامان گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇمچىلىق فابىرىكىسىدا قوشۇمچە كوللىكتىپ ئېتى...

       چولپان لوندوندا(قەمبەرنىسا ئەخەت)

            1 -پەردە 1-كۆرۈنۈش كۈندۈزى سەھنە ئېچىلىش بىلەن تەڭلا شادىيانە مۇزىكىسى چېلىنىدۇ. ھازىرقى زامان گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇمچىلىق فابىرىكىسىدا قوشۇمچە كوللىكتىپ ئېتىلغان ئاككورت ئاۋازلىق ناخشا ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ، سەھنەنىڭ ئىچى تامامەن يىپەك گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ھەربىر ستانوك ئالدىدا بېشىغا چىمەن دوپپا كېيىشكەن، چىمەن دوپپىسىنىڭ ئۈستىگە سۇمبۇل چاچلىرى بانىتلانغان قىزلارنىڭ ھەممىسى بوينىغا ئۈنچە مارجان، زىبۇ-زىننەت ئاسقان، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك، كۆينەكنىڭ ئۈستىدىن ئاق خالات كەيگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كوللىكتىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇسسۇلنىڭ رېتىمى دولان چېكىتمىسىدىن باشلىنىدۇ. ناھايىتى جىددىي ۋە ئىنتايىن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئىچىدە گىلەملەرنى توقۇشۇپ تۇرىشاتتى، چولپان ھەربىر قىزنىڭ ئالدىغا بىر قېتىمدىن بىر قاراپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ گىلەم توقۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشنى تاپىلايتتى-دە، ئۇلارغا گىلەم توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆزى ئىشلەپ كۆرسىتىپمۇ تۇراتتى، دەل شۇ پەيتتە، سىرتتىن قولىدا بىر قۇچاق قىزگۈل تۇتقان، مەيدىسىگە «ئەمگەك نەمۇنچىسى» دېگەن بىر ئالتۇن مېدال تاقىغان راخمان دادىل قەدەم بىلەن تاشلىغان ھالدا فابرىكىنىڭ ئىشكىگە كېلىپ قالغان ئىدى، راخماننىڭ ئىشكدىن كىرىشى، فابرىكا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىشلەپ چىقىرىلغان گىلەمنى چولپان باشقا ئىشچى قىزلارغا كۆرسۈتۈپ تۇرىشىغا توغرا كەلگەن ئىدى، ئىزچى قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەمگىكى ھېسابىغا تۇنجى قېتىم ئىشلەپ چىقىرىلغان گىلەمنىڭ سۈپىتىگە زوقمەنلىكى كېلىشىپ كىچىك ئەپچىل گىلەمنى قولدىن قولغا ئېلىپ قارىشاتتى، بەزەنلىرى ئۆزىنىڭ زىلۋا بۇيلىرىغا چاغلاپمۇ كۆرەتتى، بەزەنلىرى باشلىرىغا ياغلىق قىلىپ ئارتىپ ئالاتتى. بىر-بىرسى بىلەن قوشلاشماق ئۇسۇلغىمۇ چۈشۈپ كېتىشەتتى، دەل شۇ ئەسنادا چولپاننىڭ كۆزى ئىشىك تۈۋىگە يېتىپ كەلگەن راخماننىڭ كۆزى بىلەن ئۇچۇرشۇپ، چولپاننىڭ يۈرىگى قاش قىلغان چاقماقتەك ئوت بولۇپ يېنىپ، ئۇ قاتتىق ھاياجانلىق ئىچىدە راخماندىن كۆزىنى ئالالماي قولدىكى ئەتلەسنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىگىنمۇ بىلەلمەي قالدىدە، يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ قالىدۇ. راخمانمۇ چولپاندىن كۆزىنى ئالالماي، تىك تۇرۇپ ھەربىيلەچە چاس بېرىپ قولىدىكى بىر قۇچاق قىزىل گۈلنى چولپاننىڭ قولىغا سۇنىدۇ-دە، ھەر ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرگەن باشقا قىزلارمۇ: «ۋاييەي! چولپاننىڭ سۆيگىنى كەپتۇ» دېيىشىپ بىر-بىرىگە قول ئىشارىتى ئارقىلىق ئۇلارنى كۆرسۈتۈشىدۇ. چولپان بىلەن راخمان سەھىنەنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىدۇ. قىزلار ئۇلارنى چۆردىشىپ خوشاللىق ئۇسسۇلنى ئوينايدۇ-دە ئۇلارنىڭ توي مەرىكىسىنى تەبرىكلىشىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ كۆكرىكىگە قىزىل گۈللەرنى تاقايدۇ. شۇ ئەسنادا «گۈزەل شىنجاڭ مۇزىكىسى» چېلىنىپ شاد ناخشا سادالىرى سەھنىنى قاپلايدۇ. سەھىنە شۇ زامان قىپقىزىل گۈل-چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ، سەھىنە ئۈستۈدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى بىر-بىرسى بىلەن چەمبەر چاس گىرەلىشىپ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق گۈزەل مەنزىرسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار چاقپەلەك چودىلىسى ئۇسسۇللۇق ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىناقلىق چوڭ ئائىلىسىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەۋاتقان بىر پەيىتتە، راخمان چولپاننىڭ ئۆتمۈش زاماندا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈلپەتلىك ھاياتىنى ئەسلىتىش مەقسىتىدە چولپاننىڭ ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن كەشتە ياغلىقىنى چولپانغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ پورولشا ئاتلىق ھەقىقىي مۇھەببىتىنى بىلدۈرىدۇ، چولپان ئانىسىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر يادىكار كەشتە ياغلىقنى قولىدا تۇتقان ھالدا چوڭقۇر خىيالغا پاتىدۇ، ئۇ ياغلىقنى ئېچىپ ئۇنىڭغا يېزىلغان خەتنى ئوقۇپ چىقىدۇ، ئۇ خەتنى ئوقۇپ چىقىپ ئۇسسۇل تىلى بويىچە مېڭىپ، سەھىنىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، پەردە يېپىلىدۇ. 2-پەردە 1-كۆرۈنۈش ئۆتمۈش قايغۇلۇق چول يىراق مۇزىكىسىنىڭ ساداسى ئىچىدە پەردە ئېچىلىدۇ، ئېگىز-پەس، پايانسىز سۈرۈلۈپ كەتكەن قۇم دۆۋىلىرىنىڭ يان باغرىدا، پەقەت كارۋان تۆگىلىرىلا ماڭالايدىغان تۈپتۈز چېغىر يولنىڭ ئۇدۇلىدا، قەدىمقى زاماندىكى مەسجىد گۈمبەزلىرى يىراقتىن ھەيۋەت بىلەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئىككى ئەتراپىدا كونا قەبرىلەر ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئەمدىلا قويۇلغان بىر يېڭى قەبرە بار بولۇپ، ئۇ چولپاننىڭ ئانىسى مەختۇمخاننىڭ قەبرىسى ئىدى، قەبرىنىڭ سول تەرىپىدە بىر تۈپ چىرايلىق سىيدە دەرىخى، ئۇنىڭ يىنىدا بىر قانچە تۈپ يوغان توغراقلار، توغراقنىڭ ئالدىدا بىر بولاق، بولاقنىڭ ئايىغىدا ئۇزۇن كەتكەن ئۇششاق توغراقلارمۇ بار ئىدى. ئىللىق شامالدا، سارغىيىپ قالغان يۇپۇرماقلار قەبرىنىڭ ئۈستىگە ساڭگىلىغان، ئانىسى ئۈچۈن قاتتىق مۇسىبەت ئىچىدە ھەسىرەت چېكىپ، ئانىسىنىڭ قەبرىگە كۆكسى باغرىنى يېقىپ قاتتىق زارلىنىپ يىغلاۋاتقان چولپاننىڭ ئاق كۆينىگىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇراتتى. چولپان ئاھ ئۇرۇپ خۇداغا نالە قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ دەرت ئەلىمىنى بۇندىن كېيىن كىمگە ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەيتتى. ئۇ خۇدادىن ئۆزىگە بىرەر باش پاناھ بولىدىغان رەھىمدىل ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ ئېلىشىغا تەشنا ئىدى. ئۇ بىر ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنە نالە قىلىپ، ئۆزىنى ئۇياقتىن-بۇياققا تاشلاپ قاتتىق يىغلايتتى. ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا تەلمۈرۈپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىلەن ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كەشتە ياغلىقىغا يېزىلغان: «قىزىمغا كىم باش پاناھ بولسا، شۇ كىشى قىزىمغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن! » دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇ تۆت ئەتراپىغا غەمكىن قاراپ ھەرىكەت بىلەن ئۆزىگە مەدەت تىلەپ تەلمۈرىدۇ. نەق ئەنە شۇ پەيىتتە، گايىت باينىڭ چاپارمەنى چولپاننى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن كەلگەن شاقادىر تۇيۇقسىز شۇ يەرگە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شاقادىر تۇيۇقسىز چولپاننى كۆرۈپلا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ بىر قېرى توغراقنىڭ كەينىگە مۆكۈپ يوشۇرنىدۇ-دە چولپاننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزۈتۈپ تۇرىدۇ. چولپان قاتتىق پەرىشانلىق ئىچىدە ئانىسىنىڭ قەبرى بىلەن خوشلۇشۇپ ئەمدىلا كەينىگە قارىشىغىلا :«توختا !» دېگەن قاتتىق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. شاقادىر توغراقنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ چولپاننىڭ ئالدىنى توساپ ئالىدۇ، چولپان دەرغەزەپكە كېلىپ:«نەپرەت كۈرەش ئۇسسۇلى» نى ئويناش يولى بىلەن ئۇنىڭغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چولپان ئارقىسىغا قاراپ قاچماقچى بولۇشىغا، يەنە بىر توغراقنىڭ ئارقىسىدا مۆكۈنۈپ تۇرغان گايىت باينىڭ ئىككىنچى يالاقچىسى ئەنسەر قاۋان چولپاننى توسماقچى بولۇپ قول ئۇزىتىدۇ. چولپان چاققانلىق بىلەن يەردىن بىر تاشنى ئېلىپ، ياغلىققا چېگىدۇ، ياغلىقنىڭ ئىچىدىكى تاشنى ئاسماندا ئويغۇتۇپ ئۇياقتىن-بۇياققا پىرقىرتىشقا باشلايدۇ ۋە يالاقچىلارنى ئۇرۇشقا تەمشىلىدۇ. چولپان چۆگىلەپ ھەرىكەتلىنىۋاتقاندا، بىر يالاقچى ئۇستىلىق ئىشلىتىپ چولپاننىڭ ئۇزۇن ۋە كەڭ كۆينىكىنىڭ بىر پىشىنى تۇتىۋېلىپ قاتتىق تارتىدۇ، ئىككىنچى يالاقچى بىرىنچىسىگە ماسلىشىپ چولپاننىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تۇتۇپ ئۇنى ئاسما قامچا بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىدۇ. چولپاننىڭ بوينىدىكى ئېسىقلىق ئۈنچە-مارجانلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ بولاقنىڭ ئۆپچۈرىسىگە تاشلاىۋېتىدۇ. يالاقچىلار چولپاننىڭ قولىدىكى كەشتە ياغلىقنىمۇ بولاق ئەتراپىدىكى تىكەنلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلىغاندا كەشتە ياغلىق بىر تىكەنگە ئېلىشىپ قالغان ئىدى. ئىككى چاپارمەن بۈگۈن چولپاننى تۇتۇپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىگىنىڭ بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ بايدىن كۆپلىگەن مۇكاپاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ خوشاللىققا غەرىق بولۇشىدۇ. ئۇلار چولپاننى يەردە سۆرىگەن پېتىچە مەغرۇرانە چوڭ قەدەم تاشلىشىپ شەھەرگە ئېلىپ كېتىشىدۇ. ئۇلار كەتكەن زامات، راۋاپچى، ئوشنىسىگە ئوقيا ئارتقان راخمان بولاقتىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئاتلىق چىغىر يولنى بويلاپ، بولاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئاتتىن يەرگە چۈشۈپ، ئىتىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، بولاقتىكى زۇمرەت سۇ بىلەن ئاۋۋال قولىنى يۇيىدۇ، ئاندىن بولاق سۈينى ئۇسسۇزلىغى قانغىدەك ئۇچۇملاپ-ئۇچۇملاپ ئىچىدۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپلا تىكەننىڭ ئۈستىگە ئېلىشىپ قالغان بىر كەشتە تىكىلگەن ياغلىقنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ-دە، ئۇنى ئېچىپ قارىسا، كەشتىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەرگە كۆزى چۈشىدۇ، ئۇ خەتنى ئوقۇپ چىقىپ قاتتىق غەم-قايغۇغا پېتىپ قالىدۇ. ئۇ بولاق ئەتراپىغا چېچىلىپ ياتقان ئۈنچە-مارجانلارنى يېغىپ ئالىدۇ. ئۇ بۇ جايدا بىرەر قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايقايدۇ. قەبرىستانلىق ئىچىدە ئەمدىلا كۆمۈلگەن بىر يېڭى قەبرىگە ۋە ئۇنىڭ يېنىدا قويۇق دەسسەلگەن نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئىزلىرىغا كۆزى چۈشىدۇ. ئۇ قولىدىكى كەشتە ياغلىققا يېزىلغان خەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ يېڭى قەبرە مۇشۇ ياغلىقنى تاشلاپ كەتكەن قىزچاقنىڭ ئانىسى قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. راخمان قەبرە قاراپ ئولتۇرۇپ دۇئا تەبىر قىلغاندىن كىيىن، ئەنە شۇ قىزنى تاپماقچى بولۇپ يولغا راۋان بولىدۇ. پەردە يېپىلىدۇ. 2- پەردە 2- كۆرۈنۈش گايىت باي بورۇن سالدۇرغان نەققەشلىك بېزەلگەن بالخانىلىق ئايىۋان ساراي، پەلەمپەيلىك ھەم رىشاتكىلىق ئاجايىپ بېزەلگەن ئىگىز ئۆيلىرى كۆرۈنىدۇ. ئېگىز بالخانىلىق ئۆينىڭ ئىچىدە سولاپ قويۇلغان، ئۈستىگە ئاق ۋە ئۇزۇن كۆينەك كەيگەن، بېشىدىكى چاچلىرى چۇگۇلۇپ ئالدىغا ساڭگىلىغان ئۆزى قاتتىق غەم ئەندىشىگە چۈشكەن چولپاننىڭ دەرىزىگە چۈشكەن كۆلەڭگىسى سىرتتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. گايىت باينىڭ گىلەمچىلىك ۋە ئەتلەس توقۇش كارخانىسى، ئايۋان ساراينىڭ دەل ئوتتۇرسىدىن باغنىڭ ئىشىگىمۇ ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. رىشاتكا ئىچىدىكى ئالما-ئانار ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلارنىڭ مېۋىلىرى ساراينىڭ ئىچىگە ساڭگىلشىپ چۈشۈپ تۇراتتى. باغنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر كۆل بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ ھەرخىل قاچا گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. باغ ئىشگىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە ئىككى شاتۇتى ئېسىغلىق ئىدى. كارخانىدىكى قىزلار تىنماستىن گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇپ ئولتۇراتتى. ساراينىڭ ئالدىدىكى پىشايۋانغا سان-ساناقسىز ھەرخىل ھەر نۇسخىدا توقۇلغان گىلەم ۋە ئەتلەسلەر توپ-توپ بىلەن رەتلىك تىزىپ قويۇلغان ئىدى. ئىشىك ئېچىلغان زامان گىلەم ۋە ئەتلەس شايىلارنى توقۇۋاتقان قىزلارغا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن قويۇلغان بىر قانچە چاپارمەنلەر سەت ئەپتى بەشرى ۋە يەكچەشمە كۆزلىرى بىلەن كارخانىدا ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتتىق نازارەتچىلىك قىلشاتتى. ئۇلار ھىڭگايغان چىشلىرىنى خىرىس قىلىپ ۋاقىرغان پېتىچە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشاتتى، ئۇلار رەھىمسىز قامچىلىرىنى قىزلارنىڭ باشلىرىدا پۇلاڭلىتىپ، قىزلارغا قامچا ئۇراتتى. توقۇمچى قىزلار چاپارمەنلەرنىڭ ھەيۋىلىرىگە قىلچىلىكمۇ پىسەنت قىلشماي، غەزەپكە تولغان كۆزلىرىنى ئالايتىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارىشلىق قىلاتتى. بولۇپمۇ چولپان تېخىمۇ قاتتىق نەپرەت ياغدۇرۇپ:«مىسكىنىلىك ناخشىسى» نى ئۈنلۈك ئوقۇپ، ئۆز نەپرىتىنى بىلدۈرەتتى. شۇ ئەسنادا، راخمان قولىدا راۋابنى كۆتۈرگەن ھالدا گايىت بايغا ساز چېلىپ بېرىش باناسى بىلەن چولپاننىڭ ساق-سالامەتلىكىنى بىلىش ئۈچۈن كارخانىغا كىرگەن ئىدى. ئۇ چولپاننىڭ بايغا قارشى نەپرەت ناخشىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ كارخانىدىن چىقىپ كەتتى. چولپاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان بارلىق قىزلار گىلەم توقۇشنى توختىتىپ«ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش» ئۇسسۇلىنى ئويناشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن چاپارمەنلەر غالجىرلىشىپ قىزلارنى كەلسە-كەلمەس قامچىلاپ ئۇلارنى گىلەم توقۇشقا مەجبۇرلايدۇ، قىزلار تاياق زەربىسىگە چىدىيالماي ئاخىرى ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئامالسىزلىقتىن گىلەم توقۇشقا باشلايدۇ. قاراڭغۇ چۈشىدۇ، پەردە يېپىلىدۇ. 2- پەردە 3- كۆرۈنۈش پەردە ئېچىلىش بىلەن قىزلار مەشئەلنىڭ يورىغىدا چۆردىشىپ ئولتۇرۇشۇپ گىلەم توقۇيدۇ، مەلىكە ناھايتتى ئېھتىياتلىق بىلەن گايىت باينىڭ ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ، ئۆينىڭ ئىچىگە قۇلاق سېلىپ گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ ۋە چاپارمەنلەرنىڭ ئۆيىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ. شۇ ئەسنادا چاپارمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى، مەلىكە بۇ ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاقماق تېزلىكىدە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بالىخانىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىپ كېسىش پىچىقى ئارقىلىق باغلاقلىق چولپاننىڭ قولىدىكى ئارقاننى كېسىپ ئۇنى ئۆيدىن ئوغۇرلىقچە ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. چولپاننى كۆرگەن توقۇمچى قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ۋە خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي كارخانىدا توقىغان ئاق شايى ياغلىقلارىنى بېشىگە ئارتىشىپ گويا ئاق كېپىنەككە ئوخشاش بىر خىل تۈسكە كىرىدۇ. قىزلار قولىغا مەشئەل كۆتۈرگەن پېتى باغقا كىرىپ قولىدىكى مەشئلنى كۆلنىڭ بويىغا قاداپ ياغلىق ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ. دەل شۇ پەيىتتە قەغەدىكى شاتۇتى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم چاقىرىدۇ، شاتۇتى يىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان گايىت باي دەرھال ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇپ قولىغا ھاسسا تۇتقان ھالدا ئۆيدىن سىرتقا چىقىش بىلەن تەڭلا ئۇنىڭ مۇغەمبەر كۆزى ئۇدۇلدىكى باغنىڭ ئىچىگە چۈشىدۇ، باغنىڭ ئىچىدە بىر توپ ئوت يالقۇنى ھەسەپ ئۇچقۇنلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاق كۆڭلەكلەر ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەنلىگى، ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ، بۇنى كۆرگەن گايىت باي قاتتىق ھەيران بولۇپ: «بۇ نېمە ئىش؟ قانداق كارامەت؟» دەپ قورقۇپ كەتكەنلىكىتىن، قولى بىلەن كۆزىنى توساپ ئالىدۇ، ئۇ باققا قارىسا، يەنە شۇنداق كۆرىنىدۇ. ئۇ قورقۇپ كېتىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ ئالاقزادىلىق ئىچىدە، ئارقىسىغا يېنىپ قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي، ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ قولىدىكى ھاسسىغا پۇتلۇشۇپ يەرگە دۈم يېقىلىدۇ. ئاجىرى قىمىرلاشقىمۇ مادارى قالماي، تۆت پۇتلۇق بۇلۇپ، ئۆمىلىگەن پېتىچە ئۆيگە قېچىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇيقىدىن ئويغۇنىشىپ كۆزلىرىنى ئۇگىلىغان پېتىچە يۈگۈرشۈپ كېلىپ، باينىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئۇنى يەردىن ئارانلا ئاجىرتىپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇشتى. گايىت باينىڭ بۇنداق پەرىشانلىققا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن چاپارمەنلىرىنىڭ جىنى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق قورقۇشۇپ ئۇلارمۇ باغقا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي، پۇت قولىدا جىنى قالمىغان، ئىشقا ئۆرە تۇرالماي، ئىشىككە ئېسلىپ، ئىشىك يوچۇقىدىن باغقا قارىشىدۇ. شۇ ئەسنادا، گايىت باي ھوشىغا كېلىپ، چاپارمەنلەرگە قول ھەرىكىتى ئارقىلىق باغنى كۆرسەتكەن ھالدا: «چاپسان! چاپسان بولۇڭلار! ئۇلارنى دەرھال تۇتۇپ باغلاڭلار!» دەپ بىشارەت ئارقىلىق ئۇلارنى باغقا كىرىشكە بۇيرۇق بېرىدۇ، چاپارمەنلەر نازۇركوم ئۇسسۇلى بىلەن باغقا ئېتىلىدۇ، ئۇلارمۇ قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە تۆت پۇتلۇق بولۇپ يانچە مايماق دەسسىشىپ باغقا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ باغقا كىرگەنلىكىنى زېرەك مەلىكە قىزلارغا خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، قىزلار چاققانلىق بىلەن قولىغا مەشئەل ئېلىپ، تۆت چاپارمەننى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئايلىنىپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئايلىنىپ چۆگىلىشىدۇ. قىزلار قوللىرىدىكى مەشئەللىرىنى چاپارمەنلەرنىڭ باشلىرىدىن ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ ھەيۋە قىلىدۇ، بۇنىڭدىن قورقۇپ ئەرۋاھى چىقىشقا ئازلا قالغان تۆت چاپارمەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمىگەن پېتىچە يەردە دۈم يېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى بىر يەرگە جۇغلۇشۇپ مىدىر-سىدىر قىلشماستىن، يەرەە چاپلاشقىنىچە يېتىشىدۇ. قىزلار ئۇلارنىڭ بۇ خىل پەرىشانلىق ھالىدىن پايدىلىنىپ چولپاننى ئوتتۇرىغا ئالغان ھالدا مەشئەلنى كۆتۈرگەن پېتىچە باغدىن چىقىپ، گىلەم توقۇش سىياقىغا كىرىپ تۇرۇشۋالىدۇ. ئاڭغىچە تاڭ ئاتىدۇ. گايىت باي ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ دەرھال باغقا قارىسا، باغنىڭ ئىچى جىمجىتلىق ئىدى. باي يوغان ئاۋاز بىلەن چاپارمەنلەرنى چاقىرىدۇ، ھېچكىم چىقمىغانلىقتىن ئاخىرى ئۆزى باغقا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. گايىت باي باغقا كىرىپ قارىسا تۆت چاپارمەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي، دۈم بولۇپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق غەزەپكە كېلىپ ئۇلارنى بىردىن تېپىپ يۈرۈپ ئارانلا ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇلارغا قاتتىق تىل ئاھانەت ياغدۇرۇپ، گويا قويلارنى قوتانغا سولاپ كىرگۈزگەندەك ھەيدەپ ئۆز ئۆيىگە كىرگۈزىدۇ، گايىت باي قول ھەرىكىتى ئارقىلىق:«باغدا نېمىنى كۆردۈڭلار؟» دەپ سورايدۇ. چاپارمەنلەرمۇ ھەرىكەت بىلەن:«ھېچنىمىنى كۆرمىدۇق» دەپ ياقىلىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى يىراقتىن كۆزۈتۈپ تۇرغان قىزلار خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، چاپارمەنلەرنى مەسخىرە قىلىشىپ قاتتىق كۈلۈشىدۇ. نەق شۇ ئەسنادا، گايىت باينىڭ يەنە بىر چاپارمىنى باشقا شەھەردىن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر چوڭ سودىگەرنىڭ ۋەكلىنى باشلاپ سارايغا كىرىپ كېلىدۇ، ۋەكىل گايىت بايغا تازىم بىلەن ئىگىلىپ تۇرۇپ قولىدىكى خەتنى سۇنىدۇ. گايىت باي خەتنى ئوقۇپ چىقىپ، ھېزىمباينىڭ ۋەكلىگە ئامباردىكى گىلەم ئەتلەس شايىلارنىڭ خىلمۇخىل تۈرلىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ ۋە «ناھايىتى ياخشى، بېرەيلى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كەلگەن ۋەكىل خوشال قايتىپ كېتىدۇ. گايىت باي ياقا شەھەردىن مال ئېلىش ئۈچۈن پات ئارىدا بىر ئېزىز مېھماننىڭ كېلىدىغىنىنى ۋە مېھماننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىش لازىملىقىنى جاكارلايدۇ. پەردە يېپىلىدۇ. 3- پەردە 1- كۆرۈنۈش كۈندۈزى ئايۋان ساراينىڭ بىر بۈرجىكىدە ئېزىز مېھمانلار ئولتۇردىغان سۇپا، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق زىلچە گىلەملەرنى سېلىپ ياساندۇرلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا مۇناقى ئۈزۈملۈك باراڭ، بىر تەرىپى مەشرەپ ئويناش مەيدانى، يەنە بىر تەرىپى باغ، باغدا ھەرخىل گۈللەر ئېچىلغان، بۇلبۇللار توختىماي سايرىشىپ تۇراتتى. مەيدان ئارقىسىدىكى قۇم تاغلىرىدا گۈلخانىلار يېقىلغان بولۇپ، گۈلخانىنىڭ يورۇقى مەيداندا ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ جامالىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ياقا يۇرتتىن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن چوڭ سودىگەر ھېزىمباي گايىت باينىڭ ھوزورىدا كاتتا مېھمان سۈپىتىدە ئېسىل نازۇ-نېممەت ۋە خىلمۇخىل تائاملار بىلەن كۈتۈلمەكتە ئىدى. گايىت باينىڭ ئۆيىدىن تا سارايدا مېھمانلار ئولتۇرغان سۇپىغىچە پاياندازلار سېلىنغان ئىدى، پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭلا، ۋالىس تىمپىسىدىكى مۇزىكا چېلىنىشقا باشلايدۇ. قىزلار شۇ موزىكا تىمپىسىغا ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بىر قىسىم قىزلار قوللىرىدا ئانار، ئالما، نەشپۈت، ئۈزۈملەر سېلىنغان پەتنۇسلارنى توشۇپ تۇرىدۇ. ئارقىدىنلا ناغرا، سۇنايلار ساماغا چېلىنىدۇ، راخمان قاتارلىق تۆت يىگىتمۇ ساماغا خەنجەر ئۇسسۇلى ئوينىشىدۇ. راخماننىڭ بىلىگىدە چولپاننىڭ ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كەشتە ياغلىقى باغلاغلىق ئىدى. ئۇسسۇل ئاياغلىشاي دېيىشىگە، بىلىگە پۇتا باغلانغان، بېشىغا قاما تۇماق كەيگەن، شاپبۇرۇتلۇق، كەكى ساقاللىق ۋە قەددى قامىتى قاملاشقان، ئورتا بويلۇق، قاڭشار بۇرۇن چەت شەھەردىن مال ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن چوڭ سودىگەر ھېزىمباي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن باشقا ھەمراھلىرى گايىت باينىڭ ھەمراھلىقىدا، باينىڭ مېھمانخانىسىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكەن پېتى دەم ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئىدى. گايىت باي ئۇلارغا خوشامەت قىلىپ، ئېزىز مېھمانلىرىنى ئايىۋان ساراي ئاستىدىكى سۇپىغا تەكلىپ قىلىشىۋاتاتتى ھەمدە مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ناغرا، سۇنايلارنى چېلىشىپ، ناخشا سادالىرى ياڭراپ كەتكەن ئىدى، مېھمانلار پاياندازلارنىڭ ئۈستىنى دەسسەپ ئۆتۈپ، بېزەلگەن سۇپىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇرۇشتى. ئاندىن ئون پىيالىغا قويۇلغان مەينى كۆتۈرۈشكەن ئون قىز مېىھمانلارغا بىر-بىرلەپ مەي سۇنىدۇ ۋە دولان موزىكىسىنىڭ چىكىتىمىسىگە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. شۇ ئەسنادا، گايىت باينىڭ چاپارمىنى شەمشى توكۇر قول ھەرىكىتى بىلەن يىنىدا ئولتۇرغان ھېزىمبايغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان چولپاننى كۆرسەتكەن ھالدا، ھېزىمباينىڭ قۇلىقىغا پىچىرلايدۇ. شەمشى توكۇر گايىت باي بىلەن ھېزىمباينىڭ رازىلىغىنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، چولپاننىڭ ئۆزى يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شەمشى توكۇرنىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغايدۇ. چولپان شەمشى توكۇرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. شەمشى توكۇر ھېزىمباي ۋە گايىت باينىڭ ئالدىدا ئىزا تارتىپ كېتىپ، ئاچچىغىغا چىدىيالماي، چولپاننىڭ قولىدىن تاتقان پېتىچە ئۇنى سۆرەپ گايىت باينىڭ ئالدىغا ئەپكېلىپ، يەرگە يېقىتىپ تاشلاپ ئۆزى نېرى كېتىدۇ. چولپان ئۈستىگە ئاق كۆينەك كەيگەن، بېشىغا قارا پەرەنجى تارتىپ ئالغان ئىدى، ئۇ يەردە سىبۇچە ياتىدۇ، بۇ چاغدا چولپاننىڭ دەرت ئەلەم ۋە قايغۇ ھەسىرتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇڭ-زار مۇزىكىسى چېلىنىدۇ. چولپان ئورنىدىن دەس تۇتۇپ، لىقاپىلىق ئۇسسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارىشلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ كۆزى راخماننىڭ بىلكىگە باغلانغان كەشتە ياغلىققا چۈشىدۇ، چولپان كەشتە ياغلىقنى كۆرۈپ بىر تەپتىن ئەجەپلىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك مەدەت ۋە باش پانا تېپىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن گايىت باي يېنىدىكى ھېزىمبايغا كۆز ئىشارىتى قىلىپ ۋە قول ھەرىكىتى بىلەن چولپاننى كۆرسىتىپ«يارامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ھېزىمبايمۇ:«يارايدۇ» دېگەن ئىمانى قىلىدۇ. گايىت باي خوشاللىقىقا چۆمۈلۈپ:«چولپان ھېزىمبايغا ياراپ قاپتۇ !» دەپ، ئىككى داموللامنى چاقىرتىپ چولپاننى مەجبۇرى ھالدا ھېزىمبايغا خوتۇنلۇققا نىكاھ ئوقۇتۇپ قويىدۇ. راخمان، داپچى سىدىقلار ئىككى باينىڭ يامان نىيىتىنى سېزىپ ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئامال قىلىپ چولپاننى قۇتقۇزۇپ ئاچ بۆرىلەرنىڭ ئۇگىسىدىن قاچۇرۋېتىش ئۈچۈن قەسەم نىيەت قىلىشىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغان ھامان، ھېزىمباينىڭ ئىككى چاپارمىنى بىر قانچە دانە ئالتۇن-يامبۇنى گايىت باي بىلەن ئىككى داموللاملارنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ. گايىت باينىڭ كۆزى گويا ئاچ قالغان بۆرىدەك ئالتۇن يامبۇغا تىكىلىدۇ، داموللام يەنە بىر قېتىم ئۇزاققا سوزۇلغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ. چولپان گايىت باينىڭ مەجبۇرى قىلىنغان نىكاھقا قارىشلىق كۆرسۈتۈپ، يۈزىدىكى چۈمبەردىسىنى ئېلىپ، ئۇنى پوتا ياغلىققا ئايلاندۇرىدۇ، داپچى سادىقمۇ تاكىچىسىنى پوتا ئۇسسۇلىغا ئۆزگەرتىپ چېلىپ، چولپانغا مەدەت بېرىدۇ. چولپان قولىدىكى پوتا ياغلىقىنى ئاسماندا پۇلاڭلىتىپ ئويغۇتۇپ كېلىپ، پۇتا ياغلىق بىلەن راخماننى بىرنى ئۇرىدۇ. راخمانمۇ دەرھال ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، چولپاننى قوغلاپ سەھىنەنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، چولپان سىبۇچە ئېگلىپ تۇرۇپ راخمانغا تىكىلىپ قاراپ:«مېنى ئاچ بۆرىلەردىن قۇتۇلدۇرۇڭ!؟» دېگەندەك ئىپادىنى بىلدۈرىدۇ. راخمانمۇ چولپاننىڭ مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ:«سىزنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمەن» دېگەن بىشارەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ قالغانلىقىنى ئاللىقاچان سېزىپ قالغان گايىت باينىڭ چاپارمىىنى شاقادىر، قولىدا قانلىق قامچىسىنى كۆتۈرگەن پېتىچە راخمان بىلەن چولپاننىڭ ئوتتۇرىسىغا يۈگرەپ كېلىپ، قامچىسىنى راخمانغا قارىتىپ:«توختا! ئارقاڭغا قايىت!» دېگەن ئىشارەتنى قىلىدۇ ۋە راخمان، سادىق قاتارلىق تۆت يېگىتنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ھېزىمباي ئۆزىنىڭ چاكارلىرىغا:«ماللارنى تۆگىگە ئارتىڭلار، چولپاننى تۆگىگە باغلاپ ئېلىپ مېڭىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئاڭغىچىلىك ھېزىمباينىڭ مىنىدىغان ئېتىمۇ ئىگەرلىنىپ تەييار بولىدۇ. ھېزىمبات ئاتقا مىنىپ گايىت بايغا:«بىز كەتتۇق، خەير-خوش» دەپ خوشلىشىدۇ. چولپان تۆگىگە مىنگىلى ئۇنىماي قارىشلىق قىلىدۇ، گىلەمچى قىزلارمۇ چولپانغا ئېسلۋېلىپ ماڭغۇزمايدۇ. گايىت باينىڭ چاپارمەنلىرى گويا ئىتلار لوق گۆشكە دۈم چۈشكەندەك گىلەمچى قىزلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى قامچىلاپ ھەممىسىنى ھوشىدىن كەتكۈزۈپ، چولپاننىڭ پۇت قوللىرىنى باغلاپ تۆگىگە مەجبۇرىي مىنگۈزۈپ، كۆرىنى تېڭىپ ئېلىپ ماڭىدۇ، توقۇمچى قىزلار قاتتىق تاياققا قىلچىلىكمۇ پىسەنت قىلماي، ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرىدۇ. بەزەنلىرى باينى تىللىسا، بەزىلىرى :«ئاھ چولپاندىن ئايرىلىپ قالدۇق، لەنىتى پەلەك!» دەپ زارلىنىپ يىغلايدۇ. ھېزىمباي قىزلارنىڭ تىل ئاھانەت قىلىشلىرىغا ۋە قاغاشلىرىغا قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلماي، ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ. تۈن قاراڭغۇسىدا ئېگىز تامنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز راخمان باشلىق تۆت يىگىت پەيدا بولۇپ، ئۇلار ساراينىڭ ئۆپچۆرىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن سەپ سېلىپ ماراپ قارايدۇ-دە ھېچنەرسىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، ئۇلار تامدىن پەم بىلەن يەرگە سېرىلىپ چۈشۈپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ساراينىڭ يېنىغا كېلىدۇ. دەل شۇ چاغدا چولپاننىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىگە قاتتىق ئېچىنىش بىلدۈرۈپ كۆزى ئۇيقۇغا بارماي، تىت-تىت بولۇپ تاتقان مەلىكە، راخماننىڭ جانىۋارلارنى دوراپ قىلقۋاتقان بەلگىسىنى سېزىپ، شۇئان دەرېزە تۈۋىگە كېلىپ سىرتتىكى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئاڭغىچىلىك راخماننىڭ ئۆزىمۇ دەرېزە تۈۋىگە پەيدا بولىدۇ. مەلىكە دەرېزىنى ئېچىپ بۈگۈن بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا يېغلامسىرىغان ھالدا ئېيتىپ بېرىدۇ. راخمان بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، غەزەپكە چىدىيالماي، خەنجەرنى قولىغا ئېلىپ، باينىڭ ئۆيىگە ئالىيىپ قاراپ قاتتىق ئالىيىدۇ. ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ دەرغەزەپكە كېلىشىپ، قولىغا خەنجەر-پىچاقلارنى ئېگىز كۆتۈرشۈپ، كۈرەش ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ. راخمان ئىككى ئاغىنىسىنى پوسقا قويۇپ، ئۆزى سادىقنى باشلاپ، گايىت باينىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىدۇ. ۋە بىردەكلا خارقىراپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن گايىت بايغا خەنجەر تەڭلەپ تۇرۇپ: «چولپان قېنى؟ نەگە ئەپ كەتتى؟» دەپ ئۇنى قېيىن-قىستاققا ئالىدۇ. گايىت باي راس گەپنى قىلمىسا بۈگۈن تىرىك قالماسلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئاخىرى ئىقرار قىلىپ ئەھۋالنى تولۇق ئېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. راخمان قاتارلىقلار گايىت باينىڭ قولىنى باغلاپ، ئاغىزىغا لاتا تىقىپ، ئۈستىگە يوتقاننى يېپىپ ئۇنى سۈملەپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. پەردە يېپىلدۇ. 4- پەردە 1- كۆرۈنۈش كېچىسى راخمان ئاتلىق تۆت يىگىت چولپاننى قۇتقۇزماقچى بولۇپ قولىغا قىلىچ، بېلىگە خەنجەر، دولىسىغا ئوقيا ساداقلىرىنى ئاسقان پېتىچە ھېزىمباينىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۇلارنى تاڭ ئاتقىچىلىك جىددى يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ ماڭىدۇ. ئەتراپىدا چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلار، قۇملۇقتىكى ئۇششاق توغراقلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ئېگىز سوزۇلغان بارخانلارنى ھالقىپ ئۆتكەن زەرەپشان دەرياسىنى كۆرىدۇ. دەريانىڭ ئىككى يان تەرەپلىرىدە چېچەكلەپ كەتكەن دولقۇن، تىكەنلەردە خىلمۇخىل، ياپيېشىلىققا چۆمۈلەەن ئىكىنزارلىقلار بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئۇسسۇزلىققا تەشنا بولغان ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن تۆت يىگىت زەرەپشان دەرياسىنى كۆرۈپ، خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قالىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا باشقىدىن جان كىرگەندەك بولۇشىدۇ. دەريا بويىدىكى ئىكىنزارلىقدا كەڭ-كۇشادە يايراپ ئوتلاۋاتقان ئون نەچچە كىيىكلەر ئادەم تىۋىشىنى سېزىپ، قاتتىق ئۈركىگەن پېتىچە، دەريانىڭ ئاياق تەرىپىگە قاراپ قېچىپ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. نەق شۇ ئەسنادا، چولپاننى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقان ھېزىمباي يولىنى جىددى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى، تۆگىگە باغلانغان چولپان ئۆتمۈشتە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلەپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈلگەن ئىدى: ئانىسى مەختۇمخان گايىت باينىڭ كارخانىسىدا گىلەم توقۇش ئىشچسى بولۇپ، ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىشلەشكە قىلچىلىك دەرمانى قالمىغان بولسىمۇ، ئۇ دەم ئېلىپ كېسىلىنى كۆرسۈتۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، ئۇ يەنە كارخانىغا كېلىپ، بايغا مەجبۇرى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. مەختۇمخان گىلەم توقىۋېتىپ بىردىنلا كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، قولىدىكى گىلەم توقۇش پىچىغىنى باشقۇرالماي قالىدۇ. قولىدىكى پىچاق بىر قانچە پىپنى كېسىۋېتىپ قالىدۇ-دە، مەختۇمخان ھوشىنى يوقۇتۇپ، تامغا يۆلۈنۈپ قالىدۇ. نەق شۇ پەيىتتە گايىت باي كارخانىغا پەيدا بولۇپ، قولىدىكى ھاسىسى بىلەن ھوشسىز ياتقان مەختۇمخاننىڭ بېشىغا ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق ئۇرىدۇ. ۋە:«گىلەم توقۇماي كارخانىغا ئۇخلىغىلى كەپسەندە!» دەپ ۋاقىراپ كېتىدۇ. ھوشسىز تامغا يۆلىنىپ قالغان مەختۇمخان بېشىچە يەرگە يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئىككىنچى قېتىم گەپ-سۆز قىلالمىغان پېتىچە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا جان ئۈزىدۇ. چولپان ئېتلىپ بېرىپ ئانىسىنى يۆلەيدۇ، «ۋاي ئانام!» دەپ قاتتىق يىغلايدۇ. لېكىن زالىم گايىت باي چولپاننىڭ گەجگىسىدىن تۇتقان پېتىچە ئۇنى ئانىسىدىن مەجبۇرى ئاجىرتىپ،نېرى ئېتتىۋېتىدۇ ۋە ئانىسىنى چولپانغا كۆرسەتمەي دەپنە قىلىدۇ. چولپان گايىت بايدىن ئوغۇرلىقچە ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئۆزىنى قەبرىگە تاشلاپ قاتتىق يىغلىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئۇ ئاۋازىنى چىقىرالماي، يولبويى يىغلاپ باراتتى. تۆگىلەر پايانسىز قۇملارنى بېسىپ ئۆتۈپ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر گۈزەل جايغا بېرىپ توختايدۇ. ھېزىمباي زەرەپشان دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرسىگە مەپتۇن بولۇپ، «توختاڭلار! بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونايلى، يۈكلەرنى چۈشۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدۇ. مالايلار تۆگىلارنى ياتقۇزۇپ ماللىرىنى يېشىپ ئورۇنلىشىدۇ. ھېزىم باي چولپاننى گوللاش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ھېلىگەرلىكلەرنى ئىشلىتىپ، چولپاننىڭ قولىنى ھېزىمباي ئۆز قولى بىلەن يېشىپ، تۆگىدىن كۆتۈرگەن پېتى يەرگە چۈشۈرىدۇ. باينىڭ مالايلىرى دەريا بويىغا كەتكەندە، ھېزىمباي چولپاننى ئۆزى ياتقان چېدىرغا ئەكىرىپ بىر چىنە سۇنى ئىچىڭ دەپ سۇنىدۇ. چولپان ئىچمەي تۇرىۋالىدۇ. باي يالغان كۈلكە ئارىلاش ئۇنىڭغا بىر ياغلىق توقاچنى يەڭ دەپ سۇنىدۇ. چولپان توقاچنىمۇ ئالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، نەپرەت كۆزى بىلەن بايغا ئالىيىپ قارايدۇ. ھېزىمباي ھېچقانداق رەنجىگەنلىكىنى بىلدۈرمەي، تېخىمۇ ھېلىگەرلىك بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋاتمەكچى بولۇپ، ئەمدىلا قولىنى سۇنىشىغا چولپان قەھرى-غەزەپ بىلەن ھېزىمباينىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىيدۇ-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ چىدىردىن قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. ھېزىمباي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن«تەقدىرىڭ مېنىڭ قولۇمدا نەگە كېتەلەيسەن!» دەپ چىقمايدۇ ۋە چولپاننىڭ ئارقىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىدىردا يالغۇز قالىدۇ. چولپان دەريا بويىغا كېلىدۇ-دە، يۈز كۆزىنى يۇيۇپ، قانغىدەك سۇ ئىچىپ، ئارقىسىدىن ھېزىمباينىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ پات-پات چىدىر تەرەپكە قاراپ قوياتتى. ئۇ دەريانى كۆرۈپ چوڭقۇر خىيالغا كېتىدۇ. دەل شۇ پەيىتتە راخمان باشلىقىدىكى تۆت يىگىت پايانسىز قۇم دۆۋىسىنى بويلاپ يوقىرلاپ كېلىۋېتىپ، دەريانىڭ ئاياغ تەرىپىگە تىكىلگەن چىدىر ۋە تۆگىلەرنى كۆرىدۇ، ئۇ شۇ يەرگە چۈشۈپتۇ دەپ خوشاللىقى ئىچىگە پاتمايدۇ. راخمانلار دەريانىڭ يۇقىرسىغا چۈشىدۇ ۋە قانداق قىلىپ چولپاننى قۇتقۇزۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشقاندىن كېيىن، راخماننىڭ كۆزى دەيانىڭ بويىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان چولپانغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنى تونۇيدۇ-دە دوستلىرىغا ئەنە چولپان دەپ ۋاقىرايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى قانداق ئۇسسۇل بىلەن بىلدۈرەرمىز دەپ مۇزاكىرە قىلىشىدۇ، ئاخىرى راخمان بىر چارە تېپىپ چىققاندەك بولۇپ ئاغىنلىرىگە:«تىكەن-يۇغۇنلارنى كېسىپ كېلىڭلار» دەيدۇ. ئۆزى چېغدىن بىر باغلام ئېشىپ، بېلىكىدىكى خەت ئويۇلغان كەشتە ياغلىقنى تىكەن- يۇغۇنلارنىڭ ئۈستىگە باغلاپ دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. دەل شۇ چاغدا دەريا بويىدىكى چولپان ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلىۋېلىش قارارىغا كەلگەن پەيىت ئىدى. راخمانلار دەرياغا ئاققۇزغان كەشتە ياغلىق باغلانغان بەلگە دەريانىڭ سۇ ئېقىمى بىلەن ئېقىپ، نەق چولپاننىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ بەلگىنى كۆرگەن چولپان دەياغا چوڭقۇر كىرىپ ھېلىقى كەشتە ياغلىقىنى ئېلىپ چىقىدۇ. قارىغىدەك بولسا ئۆز ئانىسى مەختۇمخاننىڭ چولپانغا خاتىرە قىلىپ قالدۇرغان بىردىنبىر يادىكارى كەشتە ياغلىق ئىكەن. چولپان بۇ ياغلىقنى كۆرۈپ، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ، ئۇ ھاياجان ئىچىدە دەريانىڭ يۇقىرىغا ئۈمىد بىلەن تەلپۈنۈپ قارايدۇ. راخمانلار مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەپتۇ دەپ ئويلاپ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز خوشاللىق ياشلىرى تۆكىلىدۇ. ئۇ ئىچىدىكى ھېسىياتىنى باسالماي شادىيانە ناخشىسىنى ئوقۇيدۇ، قولىدىكى ياغلىقىنى ئوينىتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلايدۇ. چىدىرنىڭ ئىچىدە چولپاننىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ، ئوغۇرلىقچە كۆزىتىپ تۇرغان ھېزىمباي چولپاننىڭ دەريا بولىدا ئۆزى يالغۇز ناخشا ئېيتىپ خوشال ئۇسسۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بەكمۇ ئەجەبلىنىپ، <چولپان ئىنساپقا كەلگەن ئوخشايدۇ، ئۇ ماڭا خوتۇنلۇققا رازى بولغان ئوخشايدۇ> دەپ ھەۋىسى قوزغىلىدۇ. ھېزىمباي ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ خوشاللىقتىن قىنقىنىغا پاتالماي، چىدىردىن چىقىپ راست كۈلكىلىك ئۇسسۇل ئويناشقا باشلايدۇ. ھېزىمباينىڭ ئۇسسۇل ئوينىشىنى كۆرگەن مالايلارمۇ خوشاللىققا چۆمۈپ خوجاينىغا ماسلىشش ئۈچۈن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن كومىدىيلىك ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ. ھېزىمباي ئالچاڭشىپ ماڭغان پېتىچە چىدىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىر لېگەنگە لىق كەلگۈدەك كىيىم-كېچەك، ئۈنچە-مارجان، ئالتۇن ھالقا ۋە بىلەيزۈكلەرنى ئېلىپ چىقىپ چولپانغا خوشامەت قىلىپ لېگەندىكى نەرسىلەرنى چولپانغا بىر-بىرلەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئېلىپ دەپ تەڭلەيدۇ. چولپان تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ھېزىمباينىڭ ھاقارەتلىرىگە چىدىيالماي، باينىڭ قولىدىكى لېگەننىڭ ئارقىسىغا بىر ئۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر ھېزىمباينىڭ تۇمشۇقىغا تېگىدۇ. ھېزىمباي ئارقىسىغا داجىغان پېتى يەرگە دۈم چۈشىدۇ. چولپان نەپرەت بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ ۋە دەرياغا قاراپ قاچىدۇ. ھېزىمباي «ئۇنى تۇتۇڭلار!» دەپ قاتتىق ۋاقىرايدۇ-دە، يەرگە چېچىلغان نەرسىلىرىنى قۇم ئىچىدىن ئىزدەپ تېرىپ ئالىدۇ. باينىڭ مالايلىرى چولپاننىڭ قارىشلىق قىلىشىغىمۇ قارىماي ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، دەرەخكە باغلايدۇ. ھېزىمباي:«بۇ ياخشىلىق ياراشمايدىغان قەلەندەرنى ئۇرۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىپ ئۆزى چىدىرنىڭ ئىچىگە كىېىپ يوقۇلىدۇ. قاراڭغۇ چۈشۈپ ئاسماندا ئاي چىقىدۇ. ئاينىڭ يورۇقىدا زەرەپشان دەرياسى تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ. دەرەخكە باغلاقلىق چولپان دەريانىڭ يوقىرى تەرىپىگە قاراپ راخمانلارنىڭ كېلىشىنى تەقەزالىق بىلەن ساقلايتتى. دەل شۇ چاغدا قولىغا قىلىچ-خەنجەر ئالغان، مۆرىسىگە ئوقيا ئاسقان راخمان باشچىلىقىدىكى تۆت يىگىت زەرەپشان دەياسىنىڭ بويىدىكى توغراق دەرەخلىرىنى دالدا قىلغان ھالدا چولپانلار چۈشكەن دەريا بويىغا يوشۇرنۇپ ئەتراپنى كۆزىتىۋاتاتتى. ھېزىمباينىڭ بىر مالىيى مال-تۆگىلەرنى بېقىپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن ئۇخلاپ قالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بايقىغان راخمان ياتقۇزۇپ قويۇلغان تۆگىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ چولپاننى ئىزدەيدۇ. بىرسى چىدىر ئەتراپىنى بىرسى تۆگىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىزدەۋېتىپ توغراققا باغلاقلىق چولپاننى كۆرىدۇ. ئۇ قايتىپ كېلىپ راخمانغا پىچىرلاپ قويىدۇ. پەردە يېپلىدۇ. 4- پەردە 2- كۆرۈنۈش كېچە پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭ جىددى جەڭ مۇزىكىسى چېلىنىدۇ. راخمان ئەمدىلا چولپاننىڭ قولىنى يېشىپ تۇراتتى.باينىڭ كۈزەتچىسى راخمانلارنىڭ كېلىپ قالغانلىق شەپىسىنى تۇيۇپ قېلىپ تۆت ئەتراپنى تەپسىلىي چارلاپ چىقماقچى بولىدۇ. ئەندىلا مېڭىشىغا ئۇنىڭ ئارقىسىدا پايلاپ تۇرغان سادىق چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ گەجگىسدىن خەنجەر ئۇرىدۇ. كۈزەتچى ۋايجان دەپ قاتتىق ۋاقىراپ جان جان ئۈزىدۇ. قالغان مالايلارمۇ قاتتىق ۋاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قورقۇنچ ئىچىدە قۇرال-ياراقلىرىنىمۇ تاپالماي، بەزىلىرى ئۆز قۇراللىرىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى ئۈلەۈرمىگەن ئىدى. راخمان باشلىق تۆت يىگىتنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىنىڭ زەربىسى ئاستىدا مالايلارنىڭ بىر قىسمى جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى زەرەپشان دەياسىغا تاشلاپ، قاتتىق دولقۇن ئىچىدە غەرىق بولىدۇ. ئارقىدىنلا قىلىچۋازلىق باشلىنىپ بەش نەپەر مالاي قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ راخمانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چاپارمەنلەرنىڭ ئەڭ يامىنى راخمان بىلەن قىلچۋازلىق قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشىدۇ، كەسكىن قىلچۋازلىق جىڭى باشلىنىپ كېتىدۇ، راخمان ھېلىقى چاپارمەن بىلەن ئۇزاققىچە كەسكىن قىلىچۋازلىق قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى چاپارمەننىڭ قولىدىكى قىلىچنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرىدۇ. ھېلىقى چاپارمەن ئۆز مەغلۇبىيتىگە تەن بەرمەي، قونچىدىكى خەنجەرىنى راخماننىڭ يۈرىكىگە قارىتىپ ئاتىدۇ، راخمان چاققانلىق بىلەن يەردە بۇ موللاق ئېتىپ خەنجەرنى تەككۈزمەيدۇ. چاپارمەننىڭ جەنجىرى بېرىپ راخمانغا ئارقىدىن قىلىچ ئۇرۇش ئۈچۈن كېلىۋاتقان يەنە بىر مالايغا تىگىپ، شۇ جايدا جان ئۈزىدۇ. ھېلىقى چاپارمەن قورقۇپ ئارقىسىغا داجىپ قېچىشقا ئۇرىنىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن سادىر چاپارمەننى بىر پۇتلاپلا يەرگە يېقىتىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر تىقىدۇ. ئۇمۇ جان بېرىدۇ. ئىككى نەپەر چاپارمەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا ئۈچ نەپەر چاپارمەن تېخىمۇ ئەشەدىيلىشىپ ئۈچى تەڭلا راخمانغا قارىشى جەڭ قىلىدۇ. ئۇلار راخماننى تىرىك تۇتۇپ ھېزىمبايغا سوغا قىلىش نىيتىگە كېلىپ گويا ھەرىلەر ئۇگىسىدىن چىققاندەك راخمانغا ئېتىلىدۇ. راخمان ھاۋادا چۆگىلەش ئۇسسۇلى بىلەن بىر موللاق ئېتىپلا توغراقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ، دال شۇ چاغدا ئۈچ مالاي قاتتىق كۈچەپ كەتكەنلىكتىن ئۆز-ئارا ئۇرۇلۇپ يېقىلىدۇ. ئۇلار ئاسمانغا قارىغىدەك بولسا راخماننىڭ توغراق ئۈستىدە قىلىچنى ئوينۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا ھېزىمباي چىدىردىن چىقىپ، راخماننى ناگان بىلەن ئېتىش ئۈچۈن قارىغا ئېلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا چولپان بىلەن سادىر يارىدارلانغان ئاغىنىسىنىڭ قولىنى تېڭىپ ئۇنىڭغا سۇ ئىچكۈزىۋاتاتتى، چولپاننىڭ ئۆتكۈر كۆزى بىردىنلا ھېزىمباينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، چولپان چاقماق تېزلىكىدە يارىدارنىڭ دولىسىدىكى ئوقيانى ئېلىپ ھېزىمباينىڭ يۈرىكىگە چەنلەپ ئاتىدۇ، ھېزىمباي يۈرىكىگە سانجىلغان ئوقيا ئوقىنى ئىككى قولى بىلەن مەھكەم تۇتقان پېتىچە ئوڭ-تەتۈر سەنتۈرلىنىپ ئاخىرى ئۆزى سېتىپ ئالغان ھېلىقى ماللارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇ ماللىرىنى ئىككى قولى بىلەن قۇچاقلىغان پېتىچە ۋاي ماللىرىم دەپ مال ۋە پۇلغا تويماي يەرگە يېقىلىپ جان ئۈزىدۇ، دەل شۇ چاغدا ھېزىمباينىڭ دەريا بويىغا قېچىپ كەتكەن ئۈچ مالىيى خوجاينىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قايتا يۈگۈرشۈپ كېلىدۇ، راخمان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توغراقتىن يەرگە چۈشىدۇ ۋە مالايلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىدۇ، باينىڭ چاپارمەنلىرى خوجايىنىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن پۇت-قوللىرى سىقىراپ مادارى قالماي قولىدىكى قىلىچلىرى جاق قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، چاپارمەنلەر يەرگە يۈكۈنۈپ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ «بىر قوشۇق قېنىمىزنى تىلەيمىز »دەپ تەسلىم بولىشىدۇ. پەردە يېپىلىدۇ. 4- پەردە 3- كۆرۈنۈش كۈندۈزى، راخمان، سادىر ۋە چولپانلار زەرەپشان دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر باراقسانلىق ئىچىدە دەريادىكى مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇدا ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي ئەركىن ئۈچۈپ يۈرۈشكەن بېلىقلارنى تاماشا قىلشىپ ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا دەريانىڭ ئۇ لېۋىدە يۈگۈرەپ كېتىۋاتقان بىر توپ كىيىكنى كۆرىدۇ، سادىر كېيكنى ئاتماقچى بولۇپ ئوقيانى بەتلەۋاتاتتى. راخمان دەريا بويىدىكى چىمەنزارلىقتىن بىر باغلام گۈلنى تېرىپ كېلىپ بىر تال گۈلنى چولپاننىڭ چىكىسىگە قىستۇرۇپ قويغان ئىدى، چولپان ئىزا تارتىپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي، قولىدا سۇمبۇل چېچىنى تاراپ ئويناپ ئولتۇراتتى. شۇ مەزگىلدە سادىر بىر جۈپ كېپىنەكنى تۇتۇپ كېلىپ راخمان بىلەن چولپاننىڭ بېشىغا قوندۇرۇپ قويدى، راخمان راۋابنى شادىيانە پەدىسىگە چالسا چولپان ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئەنە شۇ پەيىتتە دەريانىڭ يۇقىرسىدىن ئۈچ چوڭ ئىنتىزام ناخشىسىنىڭ ئاۋازى پۈتۈن زەرەپشان دەرياسىنىڭ بويىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ ياڭرىدى. راخمان، چولپان، سادىرلار ھەيران بولۇپ بىر توپ توغراقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلايدۇ. قۇياش نۇرى چەكسىز ئالەمنى ئۆز نۇرىغا ئوراۋاتاتتى، ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ شەپكىسىدىكى بەش يۇلتۇز چاقنىغان نۇرلىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ بويىغا چېچىلاتتى. ئۇلار بۇنى كۆرىدۇ، لېكىن قانداق ئارمىيە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن توغراق ئۈستىدىن چۈشمەي، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ دەريا بويىچە دەم ئېلىپ چىدىر تىكىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرنىڭ ناخشا ئېتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرنىڭ ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ چوڭ قەغەزلەرگە شۇئار يېزىۋاقانلىقىنى كۆزىتىدۇ. بۇنى كۆرگەن راخمانلار ھەيران بولىدۇ، بۇ قوشۇننىڭ گومىنداڭلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. شۇئان بىر كاناي چېلىنىپ، قوشۇن بىر يەرگە تەق بولىدۇ. ئارمىيە سەنئەتچىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر كومىدىيە كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ كومىدىيەدە بىر نەپەر گومىنداڭ كىيمى كىيگەن كوماندىر بىر يىزىدىن كەمبەغەلنىڭ يېتىم قىزىنى بۇلاپ كېلىپ ئۇ قىزغا قاتتىق قىلغاندىن كىيىن باشقا ئاياق-ئاستى قىلشقا ئۇرۇنىۋاتقان جىددى پەيىتتە شەپكىسىگە قىزىل بەش يۇلتۇز تاقىغان، مۇشۇ يەرگە كېلىپ چۈشكەن قوشۇنلارغا ئوخشاش بىر جەڭچى پەيدا بولۇپ، ھېلىقى پۇزۇر ياسانغان گومىنداڭچى كوماندىرنى بىر پاي ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قىزنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ مۇشۇ قوشۇنغا قاتناشقانلىقى ۋەقەلىك قىلىنغان. ئۇلارمۇ بۇ كومىدىيەنى كۆردى، ئۇلار ھېلىقى ئويۇندىكى قىزنى قوتۇلدۇرغان ھېلىقى بەش يۇلتۇزلۇق شەپكە كېيگەن ئارمىيەنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، راخمان راۋاپنى قولىغا ئېلىپ شادىيانە پەدىسىگە چېلىۋەتتى. بۇنى ئاڭلىغان جەڭچىلەر يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار راخمانلارنى باشلىقىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. ئۇلار بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ.....[/align][align=center][/size][/align] 1989-يىلى يېزىلغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق