مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن(داستان)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 19:57:18

مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن(داستان)مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن(داستان)مۇقەددىمەئۇلۇغ ۋەتىنىم سىرلىق مۆجىزات،تەڭرىتاغ قوينىدىن ئاقىدۇ مۇزات.مۇزات دەرياسى سۈيى بىپايان،قىش-ياز توختىماي ئۆركەشلەپ ھامان.ب...




    مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن(داستان)

    مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن

    (داستان)

    مۇقەددىمە

     

    ئۇلۇغ ۋەتىنىم سىرلىق مۆجىزات،

    تەڭرىتاغ قوينىدىن ئاقىدۇ مۇزات.

     

    مۇزات دەرياسى سۈيى بىپايان،

    قىش-ياز توختىماي ئۆركەشلەپ ھامان.

     

    باي ناھىيە قىزىلغا يېقىن،

    چۆل تاغنى كېسپ ئۆتەر بۇ ئېقىن.

     

    ئۇشبۇ دەريانىڭ ئۆتەر يېرىدە،

    مىڭ ئۆي قېزىلغان ئۆتكەن دەۋىردە.

     

    شېرىن ئىشقىدا شاھزادە پەرھات،

    ئويما،قەسىرنى ئەيلىگەن بۇنياد.

     

    ئۇنىڭ چىرايلىق قىسسەسى بولغاچ

    كۆرۇش ھەۋىسى يۈرەككە تولغاچ.

    بىر تىينگىمۇ ئەرزىمەيدىكەن،

    كۆرۇشنى ھېچكىم كۆزلىمەيدىكەن.

     

    ‹‹ھاياتتا ئۇ جاي ئاخىرقى ئورۇن،

    تاۋۇت ۋە گۆرىسز قىلۇر يۇشۇرۇن»

     

    ئۇ يەرگە كىرگەن كىشىلەرنى نەخ،

    قىشقىرار ئىكەن دەششەتلىك دوزاخ.

     

    ئۈچ تەرەپلىمە قېزىلغان ئىكەن،

    زۈلمەت-ئاسارەت تىزىلغان ئىكەن.

     

    كىرگەن كىشىگە يوق ئىكەن تۇيغۇ،

    قوللاپ ئالغاچ ئەبەتكە ئۇيقۇ.

     

    جىمجىتلىق ئۇنۇڭدا قاتتىق ھۆكۇمران،

    ئاڭلىنىپ تۇرار تاۋۇشسىز زۇۋان.

     

    دۇنياغا قايتىش چۈشتە كۆرگەندەك،

    ئانا قارنىغا قايتىپ بارغاندەك.

     

     

    تاشقا ئويۇلغان دەششەتلىك زىندان،

    دېسەك بولماسمۇ سالاسىز قورغان.

     

    بولمايدۇ بۇندا كىشىلىك پاناھى،

    زالىم ئۆتمۇشنىڭ بۇ بىر گۇناھى.

     

    قانلىق ئۆتمۇشتىن ئىنتىقام تىلەپ،

    تۇرار نىمشېھىت قەلىمىن بىلەپ.

     

    ئۇندىن نېرىراق شىمالدىن جەنۇپ .

    كەتكەن ئېقىننىڭ يانلىرىن يۇنۇپ.

     

    ياسىغان لەخمە شەكلىدە بىر يول،

    ئوردىغا باشلاپ چىكىشقا ئۇدۇل.

     

    چىقساڭ ئۇ تاغنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا،

    ياسىىغان پەرھات شېرىنگە ئوردا.

     

    ئوردا يېنىدا ياسالىغان مەكتەپ،

    ياش غۇنچىلارغا ئۆگەتكەن ئەدەپ.

     

     

    ئۈشبۇ ئېقىندىن باشلىنار مىڭ ئۆي،

    ھەر ئۆيگە كىرسەڭ بەشقىچە بىر كۆي.

     

    ئۆينىڭ تامامى تاشتىن ئويۇلغان،

    ئوتتۇرغا بىردىن تەخىت قۇيۇلغان.

     

    لاي ۋە خىش پەقەت ئىشلىتىلمىگەن،

    ئۈستىگە ياغاچ چىشلىتىلمىگەن.

     

    يىپەك گېلەمگە ئېھتىياجى يوق،

    ئالتۇن ھەيكەلسىز ئۆينىڭ كۆڭلى توق.

     

    سول قولنى ئۆيلەر ياقىلاپ بارىدۇ،

    سۇ بېشىغا ھەم ئاتلاپ بارىدۇ.

     

    بۇ تار ئېقىندا ئاقار سۇ جارى،

    يەڭلىك بېلەكتە كىلىدۇ بارى.

     

    يىغىلغان تاغنىڭ بۇ بىر ئېقىندىسى،

    تەپچىرەپ ئاققان ياش يىغىندىسى.

     

     

    بولۇر شۇجايدا ياش ئىككى جىرا،

    ياسىغان پەرھاد-شېرىنگە ھۇجرا.

     

    پەرھاد سۈرىتى ئۆردا ئىچىدە بار،

    يېنىدا شېرىن رەپقى دىلدار.

     

    شېرىن يېنىدا كېنىزەك بىلەن ھۈر،

    پەرھاد يېنىدا ھەمدىمى شاپۇر.

     

    بۇلار ھەممىسى بىللە يۈرۈيدۇ،

    تاماشاچىغا قاراپ تۇرۇدۇ.

     

    چىقىپ كېتەردە ئارقىدىن قاراپ،

    «نېمە دەيدۇ؟!»دەپ قويۇدۇ ماراپ.

     

    ياق، سۆرەت ئەمەس،بەلكى روھى ئۇ،

    يەنى سەسگۈسىز گەۋدىلىك ئۇيقۇ.

     

    يىغلىغان تاغنىڭ «ئاھ!..»بىلەن زارى،

    ئالدىدا تېخى پەرھاد مازارى.

     

     

    قايسى بىر كېشى زىيارەت ئېتەر،

    پەرھاد روھىنى دائىىم شاد ئىتەر.

     

    پەرھاد قەبرىسى كۇھى جەبەلدە،

    ئىككى چامدام ئىگگىز يەنە بىر بەلدە.

     

    بارالماس بەزى يۈرەكسىز كىشى،

    غەيرەتلىك ئەرلەر يوقلار ياز-قىشى.

     

    بۇندا ئاجايىپ ئەييامى باھار،

    باغى ئېرەمدەك بولغان لالىزار.

     

    قەلبىڭ قىزىقىپ سۆيگۇڭ كىلېدۇ،

    ئون قېتىم كۆرسەڭ كۆرگۇڭ كېلىدۇ.

     

    شۇڭا قىلىدۇ دائىم نېمشىھىت،

    قايتا-قايتىلاپ كۆرۇشنى ئۈمىت.

     

    1-قىسىم پەرھاد

    ئوتمۇشتە خوتەن خانلىقى خاقان،

    پۇتۇن جاھانغا بىردەك تونۇلغان.

    ئاشۇ خوتەننىڭ سولتانى خاقان،

    پەرزەنتىسىز دەردىنى تاتقان.

     

    «پەرزەنت...»دەپتۇ، ئۇ«بولمىسا ئەگەر،

    تەختىمگە رەقىپ باسقۇسى زەپەر.

     

    تەڭرى يولىدا بېرىپ نەزىرلەر،

    دۇئالار ئاپتۇ يوقلاپ ئەزىزلەر.

     

    قىلىپتۇ يىغلاپ ھەقتىن-تەلەپلەر،

    ھەم يەنە قىپتۇ، تۈرلۈك سەۋەپلەر.

     

    خاقاننڭ مۇناجىتى؛

    ئەي جاھاننىڭ ئۇلۇغ تەڭرى،

    قۇبۇل قىلغىن تىلەكىمنى،

    تىلەيمەن بىر ئوغۇل پەرزونىت،

    بەرگىن مېنىڭ ئىستەكىمنى.

     

    بەردىڭ ماڭا شۇنچە دۆلەت،

    شۈكرى ئېيتىش ماڭا سۈننەت،

    كۆڭلۇمدە بار غەم بىلەن دەرت،

    ساقايتۇرغىن يۈرەكىمنى.

    دەۋران سۈردۈم ئىشرەت بىلەن،

    نام كۆتەردىم شۆھرەت بىلەن،

    كېتەرمەنمۇ ھەسرەت بىلەن؟!

    كىملەر باسار توشەكىمنى؟

     

    زۇلۇمدىن مەن يىراق ئۆتتۇم،

    ئەل رايىنى كۆزدە تۇتتۇم،

    ئادالەتتە يۈرۇت يورۇتتم،

    قىلسۇن خەلىق دەپ ئىزدېرەكىمنى.

     

    ئولۇغ تەڭرى شاپائەت قىل!

    مۇناجاتىم ئىجاۋەت قىل!

    ئوغۇل پەرزەنت كارامەت قىل!

    بەرەگىن ئارقا تىرەكىمنى.

     

    ئاققۇزدۇم كۆزدىن ياشىمنى،

    يەتكۇزدۇم كوككە ئاھىنى،

    گەر بەرىمىسەڭ مۇرادىمنى،

    كىملەر قىلۇر دىرەكىمنى؟!

     

    بۇيۇك تەڭرى بۇ ئىشىمنى،

    قوبۇل ئەيلە نالىشىمنى،

    باھار قىلغىن سەن قېشىمنى،

    ئوڭغا تولغاپ پىلەكىمنى.

     

    خاقان تىلەر ھەقتىن ئوغۇل،

    دائىم تەلەپ بىلەن مەشغۇل،

    كۆڭلۇم يېرىم قەلبىم مەلۇل،

    «بېرەر ھەق »دەپ تەلەبىمنى.

     

    خاقاننىڭ قايغۇ زارى؛

    دۇنياغا كىلىپ دەۋرانلار سۈرۈپ،

    پەرزەنتسز ئۆتەرمەنمۇ دۇنيادىن،

    تەڭرىنىڭ ئېزىز بەندىلىرىگە،

    ئەلا ئىكەن پەرزەنتى جاندىن.

     

    ئىككى كۆزۇم يۇمۇلماس مېنىڭ،

    ئوغۇل كۆرمەي كەتسەم جاھاندىن،

    ھۆزۇر ئالالماس كۆڭۇل تىلەكتە،

    كۈندۇز ئاھۇ-پىغاندىن.

     

    ئاتا ئورنىدا بولمىسا ئوغۇل،

    دۆلىتى كېتەر ھەريان-ھەرياندىن،

    كىملەرگە قالۇر بۇ تاجۇ-تەختىم،

    مېنىڭدەك ئۇلۇغ شاھى –خاقاندىن.

     

    خاقاننىڭ نىجات تېپىشى؛

    خاقان تىلىكى مەخپۇل بولۇپتۇ،

    مەلىكىسى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ.

     

    ئاڭا «پەرھاد»دەپ قويۇلۇپتۇ ئات،

    خاقان بولۇپتۇ ھەممىدىن بەك شاد.

     

    مۇبارەكلەپ ئەل كېلىشىپتۇ جىق،

    ئۈچ يىلغىچە ئەلدىن ئالماپتۇ سېلىق.

     

    ئوغلىغا ئۆمۇر تىلەيدىكەن خان،

    قىلىپ مۇھتاجقا گادايغا ئېھسان.

     

    بۇتلار ئالدىدا يىغلاپ قويوپ باش،

    خاننىڭ كۆزىدىن ئاقار ئىدى ياش.

     

    ئوغلىغا بەخىت تىلەپ دۇئادا،

    «ياخشى نام ئالسا» دەيتتى دۇنيادا.

     

    «تاجىغا گۆھەر تاقالسا» ئىدى،

    «خاقان ئوغلى»ئاتالسا ئىدى.

     

    ئەلنىڭ دەردىگە بولسىدى دەرمان،

    بەلكى تەختىمدە سۈرسىدى دەۋران.

     

    پۈتۈن دۇنيانى شۆھرىتى تۇتسا،

    قاراڭغۇ يەرنى نۇرى يۇرۇتسا.

     

    بىر قولغا ئالسا ئەدلى سىياسەت،

    بىر قولدا تۇتسا ئىنساپ- دىيانەت.

     

    قارچىغا توشقان بىلەن ياراشسا،

    لاچىن كەبۇ تەر بىلەن سىلاشسا،

     

    قوي بىلەن بۆرە يايلىسا بىرگە،

    بۇغا ئوزۇق-يەن بولمىسا شىرگە.

     

    ھەممىدە بولسا يارۇ-ھەمكارلىق،

    شۇنداقلا ئوغلۇم ئەيلىسە يارلىق.

     

    قۇلۇم كانىنى قىلسىلەر ۋەيران،

    ئەدلدىن قىلسا جاھاننى ھەيران.

     

    ئاسارەت شېخىن تامام قۇرۇتقاي،

    مەرىپەت بىلەن ئەلنى يۇرۇتقاي.

     

    تىغىدىن دۇشمەن تىترىگەي دائىم ،

    پۇخراغا قەلبى بولغاي«مۇلايىم!...»

     

    تەڭرىدىن بۇنىخان تىلەيدىكەن،

    لېكىن ئىرادە باشقىچە ئىكەن.

     

    زىخقا سانچىلىپ تارىخ تىزىلغان،

    تارىخ بېتىگە بۇنداق يېزىلغان.

     

    تەس ئىشقا پەرھاد تاشلىدى قەدەم،

    ئىشقىدىن پەرياد چېكىپ دەممۇ-دەم.

     

    تاج سەلتەنەتنى ئىلمايتتى كۆزگە،

    مەقسەت-تىلەكنى ئەيلىدى ئۆزگە.

     

    كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كەتتى،

    گۈلدەك چىرايى سېرقلاپ كەتتى.

     

    ئېلىپتەك قەددى ئېگىلدى غەمدىن،

    خالى بولمىدى كۆزلىرى غەمدىن.

     

    نەسىھەتكە ھېچ سۇنمىدى بويۇن،

    ئەسلىدە شۇنداق بولغاچقا ئويۇن.

     

    ياقىلرى چاك،دىدىسى گىريان،

    يۈرىكى پارە،باغرىدۇر بەريان.

     

    خاقان ئوغلىغا ئەيلىدى تەبىر،

    ئۆزى بىلگەنچە باشلىدى تەقدىر.

     

    ئاشقا ئاشمىدى قىلغان چارىسى،

    ساقايمىدى ھېچ كۆڭۇل يارىسى.

     

    خاپا تەقدىردىن نىمشېھىتمۇ ھەم،

    كۆرگەچ پەلەكتىن تۈرلۈك دەرد-ئەلەم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.