بىز قانداق باي بولدۇق

يوللىغۇچى : -AYAZ- يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-09 10:49:00

بىز قانداق باي بولدۇق 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى. ھېلىقى كۈنى ئارسلاننىڭ تېلفوننى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىككى كۈن بىر نەرسە يازالمىدىم. چۈنكى يازغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىغانتىم. قارىغاندا مې...

               بىز قانداق باي بولدۇق

            2008-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى. ھېلىقى كۈنى ئارسلاننىڭ تېلفوننى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىككى كۈن بىر نەرسە يازالمىدىم. چۈنكى يازغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىغانتىم. قارىغاندا مېنىڭ بۇ ئەسىرىمنى تاماملاش خېلى تەس كېلىدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن ھىچقايسى بىر يازغۇچى بىرەر داڭلىق ئەسىرىنى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە تاماملىيالمىغان. بوپتۇ، بۇ ئەسەرنى بىر ئىككى يىلدا تاماملاپ بولساممۇ مەيلى دەپ ئويلىدىم. لېكىن ماڭا قىيامەت يېقىنلاپ قالغاندەكلا بىلىنەتتى. شۇڭا مېنىڭ ئىدىيەمدە توساتتىن بىر قورقۇنچ پەيدا بولدى. ئۇ ئالەمگە نىمە دەپ بارارمەن. مۇشۇ يېشىڭغىچە نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ دەپ مۇنكىر نەكىرلەر سوراق قىلىپ قالسا نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن؟ ياكى قەبرە تېشىمغا <بۇ قەبرىدىكى ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تۈگەپ كەتتى> دەپ يېزىپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلسام بولامدىكىن؟ ھازىرقى ھالىتىمدە مەن ھىچقانداق بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىدىم. ئەمدىلىكتە مۇشۇ ئەسەرنى بولسىمۇ ياخشىراق يېزىپ، ياق، ياخشى يازالمىساممۇ بىر قېتىم ئاخىرىنى چىقىرىۋەتسەم بولاتتى دەپلا ئويلايتتىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە توساتتىن كاللامدا ھىچ بولمىسا قىيامەت كەلگۈچە بۇ ئەسەرنى تاماملاپ بولىشىم كېرەك دىگەن غەلىتە بىر پىكىر پەيدا بولدى. ياكى بۇنى بىر ئارزۇ دەيمەنمۇ ئۇنىمۇ ھېس قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن تېخى باياتىن قولۇمغا ئالغان ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يازمايلا تاشلاپ قويدۇم. راستىنى دېسەم يەنە قەلەمنىڭ ئۇچىنى چىشلىگىنىمچە ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كۆزۈم يۇمۇلۇپ قاپتۇ. تېلفونۇمنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم. قارىسام يەنە بىر ناتۇنۇش تېلفون نومۇرى، ئەمدى بۇ كىمدۇ دىدىم مەن. مەن: ۋەي، دىدىم مەن. قاچانلاردا تېلفوننى ئالغان ھېلىقى <تىچلىقمۇ؟> دەيدىغان ئادىتىمنى يۈتۈرۋەتكەندىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. قارشى تەرەپ: سىز ھېلىقى <بىز قانداق باي بولدۇق> دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ؟ مەن: نىمە ئىش ئىدى؟ قارشى تەرەپ: مەنمۇ ئاشۇ ئەسەردىكى بىرەر رولچىنىڭ رولىنى ئالسام بولاتتى دەيدىغان بىر ئۈمىدىم بار ئىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ ئەسىرىمنىڭ يېزىلىۋاتقانلىقىنى تېخى ھىچكىم بىلمىسە، قانداقسىگە بۇنچە كۆپ ئادەم بىلىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم مەن. مەن: ئەسەر يېزىۋاتقىنىم راست، لېكىن مەن تېخى بىرەر ۋەقەلىكنىمۇ ئويلاپ چىقالمايۋاتىمەن. تېخى ئەسىرىمدە قانداق رولچىلارنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. قارشى تەرەپ: يالغان ئېيتماڭ، ئارسلاننى تاللاپ بوپسىزغۇ؟ <بۇ مۇمكىن ئەمەس> دەپ ئويلىدىم. ئەسىرىمدىكى تاللانغان ئىسىمنى بۇ قانداق بىلىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن: سىز زادى كىم؟ قارشى تەرەپ: مەن يولۋاس. ئەمدى تېخىمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم. دەسلەپتىغۇ ئارسلان دەپ بىرسى چىققانتى، ئەمدى يولۋاس دەپ بىرى چىقتى. بۇ ئادەمگە نىمىلەرنى دىيىشىمنى بىلمىدىم. ئەگەر ئۇنى رولچىلىققا تاللايمەن دېسەم، يا بۇ ئادەمنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھەتتا نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىسەم، ئۇنىڭدىن <سىز نىمە ئىشلارنى قىلالايسىز، قانداق ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز بار؟> دەپ سوراي دىسەم، بۇمۇ ئەسەرگە پىرسوناژ تاللاش شەرتىگە مۇناسىپ كەلمەيتتى. چۈنكى مەن پىرسوناژ تاللاش شەرتىگە ھىچقانداق تەلەپ قويمىغانتىم. پەقەت ئىككى ئەر، بىر ئايال دەپلا يازغان. پەقەت جىنس پەرقىلا بارئىدى. شۇنداق بولغاندا بۇ ئادەمنى قوبۇل قىلماسلىققا باشقا بانامۇ يوق ئىدى. يولۋاس: ئەگەر ئاساسى پىرسوناژلارنىڭ رولچىلىرىنى تاللاپ بولغان بولسىڭىز مەن قوشۇمچە رول ئالساممۇ بولىدۇ. مەن: ياق، ياق، تېخى تاللاپ بولالمىغان. يولۋاس: ئۇنداقتا مەن باش قەھرىماننىڭ رولىغا چىقالايدىكەنمەندە؟ مەن: ئەلۋەتتە چىقالايسىز. سىز تاللاندىڭىز. يولۋاس: نىمە؟ مەن تاللاندىمما؟ قەيەردە يۈز كۆرۈشىمىز؟ مەن: چوقۇم كۆرۈشىشىمىز كېرەكما؟ يولۋاس: كۆرۈشمىسەك ئەسەرنى قانداق داۋاملاشتۇرىمىز؟ راستىنى دېسەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتىم. لېكىن كۆرۈشۈشنىڭ ماڭا نىسبەتەن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم. مەن: ئەسەر كونا ئۇسلۇبىدا داۋاملىشىۋېرىدۇ. يولۋاس: ئۇنداق بولسا سىزگە نىمىلەرنى تەمىنلەپ بەرسەم بولىدۇ؟ مەن: ھىچنىمە لازىم ئەمەس. يولۋاس: بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئاخىرىدا مەن قانداق روللارنى ئالىدىغانلىقىمنى نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلقىمنى بولسىمۇ بىلىشىم كېرەكقۇ؟ ھىچبولمىسا مېنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقلىرىم بارلىقىنى بولسىمۇ بىلىشىڭىز كېرەكقۇ؟ مەن: كىتاپنىڭ ئاخىرىدا كىتاپتىكى قەھرىمانلار بىرلىشىپ پۇل تاپىدۇ شۇ. ھازىر ھەممە قىزىقىدىغان ئىش شۇغۇ. شۇنىلا بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئارتۇقچىلىققا كەلسەك، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئوخشاش، بەزى ئارتۇقچىلىقلار پەقەت مەشىق قىلىشتىنلا كېلىدۇ. يولۋاس: لېكىن ئۆزىڭىز بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى رىئاللىقتىن كېلىدۇ، دىگەنتىڭىزغۇ؟ لېكىن مەن بەزى ئىشلارنى قىلالمىسام قانداق قىلىمەن؟ مەن: سىز قىلالمايدىغان ئىشلارنى مەنمۇ ئەسىرىمدە يازمايمەن. پەقەت سىز قىلىشنى بىلىدىغان ئىشلارنى قىلىسىز. يەنە كېلىپ سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىز ئاندىن ئەسەردە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەسەرنىڭ بېشىدا دىگەندەك بەزى يەرلىرىدە سىز ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەسەردىكى سىزنى ئەمىليەتتىكى سىز بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانىڭىزغا ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەزى يەرلەردە فانتازىيىلىك تۈس ئېلىپ قالسىڭىزمۇ مەيلى. مەسلەن: ھەممىنى ئالدىن بىلەر ئادەم دىگەندەك. يولۋاس: مەن ئۇنداق ئالاھىدە ئادەملەردىن بۇلۇشنى خالىمايمەن. چۈنكى مەندە ئۇنداق ئىقتىدار يوق. ئەگەر ئۇنداق رولنى ئېلىپ قالسام باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىشىم، شۇ سەۋەپتىن ئارازچىلىققا قېلىشىم مۇمكىن. مەن: دىدىمغۇ، سىز نىمە دېسىڭىز شۇ. يولۋاس: مەن باشقا رولچىلار بىلەنمۇ كۆرۈشەمدىم؟ بۇ پىرسوناژ بىلەن سۆزلىشىۋېرىشتىن توساتتىن زېرىكىپ قالدىم. نىمىشقىلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. ياكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەنلىكىدىن شۇنداقمۇ يا. مەن: سىز ئاللىقاچان ئەسەردىكى پىرسوناژلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىڭىزغۇ؟ يولۋاس: كىمنى دەيسىز؟ مەن: ئارسلان بىلەن كۈرۈشكەنسىز. يولۋاس: مەن تېخى كۆرۈشمىدىم. كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى مەن تېخى ئۇنى ئارسلان بىلەن كۆرۈشكەن ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن. لېكىن ئۇ تېخى كۆرۈشمەپتۇ، ئۇنداق بولغاندا ئۇ مېنىڭ تېلفون نومۇرۇمنى قانداق بىلدى؟ يولۋاس: ئۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ مەن دىگەن سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىكى ئادەم تۇرسام، ئۇنىمۇ بىلمەمدىم. مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم. ئۇ خىيالىمنىمۇ بىلىۋالغانتى. يەنە بىر خىل قورقۇنچ مېنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانتى. يولۋاس: ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەن دىگەن ھەممىنى ئالدىن بىلەر ئادەم. سىز ئۆزىڭىز مېنى شۇنداق رولنى ئېلىڭ دېدىڭىزغۇ؟ بۇنداق بولغاندا ئۇ ئەمدى مېنى كونتىرول قىلىۋالامدۇ قانداق؟ چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئالدىن بىلىۋالىدىغان ئادەم تۇرسا. ئەگەر ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا بۇ پىرسوناژغا ياخشى بولمايدىغان ئىشلارنى يازماقچى بولسام بۇ پىرسوناژ ئالدىن بىلىۋېلىپ باشقا پىرسوناژلارنى شۇ ئۆزى كېلىدىغان ئاپەتكە دۇچ كەلتۈرۈپ قويىشى مۇمكىنغۇ؟ ئەگەر مەنمۇ شۇ ئەسەردە رول ئېلىپ قالغان بولسامچۇ؟ بۇ ئەسەرنى باشلاپ خاتا قىلدىممۇ قانداق؟ ئەمدى ئۆزەمگە ئۆزەم ئورا كولىغان بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن. دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. يولۋاس: ئەمدى قالايمىغان پىكىرنى قىلىۋەرمەڭ. چۈنكى ئەسەرنى دىگەن سىز كونتىرول قىلىسىز. ئەمدى ئويغىنىڭ!!! ئۇنىڭ <ئەمدى ئويغىنىڭ!!!> دەپ قولۇمنى تارتىشىغا بېشىم ئالدىغا چۈشۈپ كېتىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم. ھېلىمۇ ياخشى چۈشۈمكەن دەپ ئويلاپ شۈكرى دىدىم.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-27 11:22:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق