قوشنىسىغا ئۆلۈم تىلەش(ھىكايە)-مۇتەللىپ سەيپۇللا

يوللىغۇچى : sampul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-04 14:06:47

مۇتەللىپ سەيپۇللا (ئەزىز)خوشنىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەش(ھېكايە)1ئابدۇخالىقنىڭ كېپەك تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان لەۋلىرى ئاخىرى مايلاندى. دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالايلا دەپ قالغان قۇرسىقى پۇسكايدى. ئۇ سوزۇپ كېكىر...



    مۇتەللىپ سەيپۇللا (ئەزىز)

    خوشنىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەش

    (ھېكايە)

    1

    ئابدۇخالىقنىڭ كېپەك تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان لەۋلىرى ئاخىرى مايلاندى. دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالايلا دەپ قالغان قۇرسىقى پۇسكايدى. ئۇ سوزۇپ كېكىردى. شۇ كېكىرىشى بىلەن تەڭ ئاخىرقى لوقمىنىڭ بىر نەچچە تال گۈرۈچى سۇپا لېۋىگە چاچراپ چۈشتى.

    ــ يەنە يەمسەن؟ـــ سورىدى يۇنۇس بايۋەتچە پەس ئاۋازدا.

    ــ بولدى،ــ دېدى ئابدۇخالىق،ــ ئەمدى تويدۇم.

    ئابدۇخالىق شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن تويغانىدى. لېكىن ئۆزى تويغىنى بىلەن، سوزۇپ-سوزۇپ كېكىرگىنى بىلەن چوڭ كۆزلىرى قولدىن قولغا ئۆتۈۋاتقان تاۋاقلاردىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان گۆشلۈك پولودىن ئۈزۈلمەيۋاتاتتى. ئابدۇخالىقنىڭ بۇ ھالىتىنى چېچەن يۇنۇس بايۋەتچە ئاللىقاچان بىلىپ ئۈلگۈردى.

    ــ بىر لېگەن ئەكىرسۇنمۇ؟

    ــ ياق، بولدى.

    ــ ئەمىسە ماۋۇ گۆشنى يە.

    يۇنۇس بايۋەتچە تۆر سارايغا توشۇلۇۋاتقان تاۋاقچىلاردىن بىرنى توختاتتى-دە، پولو ئۈستىگە قوندۇرۇلغان گۆشنى تۇتۇپلا ئالدى.

    ـــ تويمىساڭ يەنە دە.

    ــ رەھمەت،ــ ئابدۇخالىق مۈشۈك بېشى چوڭلۇغىدىكى گۆشنى ئىككى قوللاپ ئالدى-دە، كۇلا ئارغامچا بىلەن بېلىدىن باغلىۋالغان چاپىنىنىڭ ياقىسىدىن قايرىپ قوينىغا سالدى. ئەمدى ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغان مەيدە-تۆشلىرىمۇ ياغلاندى. بۇ ھالنى كۆرگەن يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ھەيرانلىقى تۇتتى.

    ــ يېمىدىڭغۇ؟

    ـــ ئۆيگە ئالغاچ كېتەي.

    ـــ ئۆيۈڭ نەدە؟

    ــ دۆڭ ۋەخپىدە.

    ــــ ئۆيۈڭدە كىملەر بار؟

    ـــ ھېچكىم يوق.

    ـــ يېتىممۇسەن؟

    ــ قارا يېتىممەن.

    يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ زەر پۇتىسىنى قاماللاپ تۇرغان قوللىرى بوشىدى. گۆشلۈك ئالقانلىرى تىترىدى. ئابدۇخالىقنىڭ يىلتىزدەك بوينىنى سىلىدى. قوينىغا قولىنى ئاستا تىقىپ، ئابدۇخالىق بايا سېلىپ قويغان گۆشنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ئۇزاتتى.

    ـــ بۇنى مەشەدە يە، كۈندە كەل، تويغۇدەك يە، تويمىساڭ ماڭا دە، غۇجىدار قېنى؟

    يۇنۇس بايۋەتچە ياش يۇقى كۆزىنى ئەتراپقا تىكتى، كەكە ساقال غۇجىدار قول باغلاپ پەيدا بولدى.

    ــ خوش غۇجام.

    ــ ماۋۇ بالىغا....ئىسمىڭ نىمە ئىدى؟

    ـــ ئابدۇخالىق.

    ــ ئابدۇخالىققا بىر تاۋاق گۆش كەلتۈرسىلە. ئۆيىگە ئېلىپ كەتسۇن، قىرىق كۈنگىچە ھەر كۈنى كەلسۇن، نەزىرە دېگەن مۇشۇلارغا جايىز. كەلمەي قالسا ئىزدەڭلار.

    ــ خوش غۇجام.

    غۇجىدار بىر پەستىلا ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر تاۋاق گۆش ئېلىپ كەلدى. ئابدۇخالىق قولىدىكى گۆشنى داستىخانغا قويۇپ، بىكار بولغان قولىنى تاۋاققا ئۇزاتتى.

    ـــ رەھمەت غۇجام.

    ئابدۇخالىق گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ئىدى. يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھالغا مەڭدەپلا قالدى. كىملەردىندۇر ئاڭلىغان قايسى بىر چۆچەك كۆز ئالدىدا تەكرارلىنىۋاتقاندەك، ئۆزىنى ئاشۇ چۆچەكتىكى شاھزادىگە ئۇچراپ قالغان بىچارە بالىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بىر ھېستا سەزدى. تاۋاقنى داستىخانغا قويۇپ، بايامقى بىر پارچە گۆشنى يىيىشكە تۇتۇندى.

    ـــ رەھمەت... غوجام!

    گۆشنى شوراپ دېگۈدەك يەپ تۈگەتكەن ئابدۇخالىق بېشىنى كۆتۈردى. كۆز ئالدىدا يۇنۇس بايۋەتچە كۆرۈنمەيتتى. غوجىدارمۇ يوق ئىدى. پۈتكۈل ھويلا، ئىچكىرى-تاشقىرى ئايۋان، دالانلار جىمجىت ئىدى. ھەممەيلەن ـــ ئاشۇ كەڭ پەشئايۋاندىن تارتىپ تۆر دالانغىچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقانلار دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكەنىدى.

    ئابدۇخالىق مەڭدىدى. قورايدەك ئىككى قولىنى جۈپلىدى. قايسى كەلىمىنى ئوقۇشنى دەماللىققا يادىغا ئالالمىغان بولسىمۇ ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈردى. ئۇنىڭغىچە تۆر ئايۋاندىن يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئاۋازى كەلدى:

    ـــ دادامنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن، ياتقان جايىنىڭ سەككىز جەننەت بولۇشى ئۈچۈن ھەر بىرلىرىدىن دۇئا تىلىدىم، جامائەت!

    ئاۋۋال يۇنۇس بايۋەتچە ئېسەدىدى. ئارقىدىن ھەممەيلەن خىتىلدىدى. ئاخىرىدا ھويلىدىكىلەر، ئايۋاندىكىلەر بىراقلا يىغا-زارىغا ئۆتتى. كۈچلۈك يىغا بىلەن مۇڭلۇق قىرائەت گىرەلىشىپ ئەۋجىگە چىققان بىر كۈي جاھاننى قاپلىدى. بۇ كۈي ئابدۇخالىقنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. ۋۇجۇدىنى مۇجىدى. شۇ ئىزىلىش، شۇ مۇجۇلۇش بىلەن ئۇ بىر پەسكىنە ھۇشىنى يۇقاتتى. تاۋاقتىكى گۆشنىمۇ ئۇنتۇپ، تارقالغان جامائەت ئارىسىدا سەنتۈرۈلۈپ، سوقۇلۇپ دېگۈدەك چوڭ يولغا چىقتى. دۆڭ ۋەخپە تەرەپنى ئىلغا قىلىپ ئاستا يول ئالدى.

    ئابدۇخالىق ئۆيىگە يىتىپ، سىڭا قانىتى ئىلگۈچىكىدىن ئاجراپ كەتكەن ئىشىكنى ئېچىۋاتقىنىدا تولۇن ئاي تىرەك بويى ئۆرلىگەن، يۇلتۇزلار بىر بىرىنى قىچىقلاۋاتقاندەك توختىماي مىتىلداشقا باشلىغانىدى. ئۇ ئۆيگە كىردى. ئۆيدىن شامال ئۇچۇپ تۇراتتى. ھەپتىدىن بۇيان پاسار كۆرمىگەن كۇلۇڭمۇ ئۇنىڭدىن باتنىغاندەك تۈڭلۈكتىن ئۇدۇللا چۈشكەن ئاي نۇرىدا تولىمۇ خۈنۈك، تولىمۇ بىچارە ھالدا مۇڭلىنىپ تۇراتتى.

    ئابدۇخالىق مۇرىغا يۈلەندى. ئۆينىڭ تۆت تەرىپىگە پەرۋاسىز قاراپ چىقتى. بۈگۈن قايسى بۇلۇڭدا يېتىش كىرەكلىكى توغرىلىق بىر پەس ئويلاندى. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئېڭىدا بۇنداق ئوي زادىلا بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭچە بۇ بىر ئېغىزلىق ئۆينىڭ قەيىرىدە ياتسا بولۇۋېرەتتى. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۆيى، ئۆزىنىڭ بۇلۇڭى ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم مۇشۇنداق ئۆيدە تۇراتتى. بۇلۇڭ تاللىماي يېتىپ قوپاتتى. سېلىنجا، يېپىنجا دېگەنلەرنى ئىزدەپ يۈرمەيتتى. نېمىشقىدۇر بۈگۈن ئۇنداق بولماي قالدى. نېمىشقىدۇر ئۆينىڭ ھەممە تام، ھەممە بۇلۇڭلىرىغا تەپسىلى بىر نۆرى زەڭ قويۇپ چىقتى. ئۇ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك ئىدى. نىمە ئىزدەۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئەتىگەن ئۆزى چىقىپ كەتكەندە بىر ئوبدانلا قالغان ئۆي ئەمدى نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا بۆلەكچى سوغ، بۆلەكچە مېھىرسىز تۇيۇلۇۋاتاتتى. كۇلۇڭغا چۈشكەن ئاي شولىسىدىمۇ ھېچقاچان ئۇچۇشۇپ يۈرمەيدىغان ئۇششاق دانچىلار لەيلەپ يۈرەتتى. ئابدۇخالىق ئۇنىڭ نېمىلىكىنى زادى بىلمەيتتى. بىلىش تۈگۈل، ئۇ ئۇششاقلارنى ئىلگىرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغاندەك ئىدى. تۇرۇپلا ئۇنى قورقۇنچ باستى. ئۆز ئۆيىدە، قاچانلاردىن بېرى بىر ئۆزى يىگانە ھالدا يېتىپ- قوپۇپ كېلىۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بۇ خانىسىدە نېمىشقىدۇر ئۇنى تىترەك باستى. ئۇ كۇلۇڭ لېۋىگە زوڭزايدى. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يەنە زەڭ قويدى. بۇلۇڭمۇ، كۇلۇڭمۇ شۇ ئىدى. ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن پېتىچە تۇراتتى. ئەمىسە نېمىشقا تىترەيدۇ؟ نېمىشقا قورقۇنچ باسىدۇ؟ تۇرۇپلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يۇنۇس بايۋەتچە كەلدى. ئۆز ئۆيى بىلەن يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ تۆت چېتىنى ئىلغا قىلىپ بولمايدىغان ساراي-دالانلىرى، ئۆزىنىڭ ئۆمچىيىپ تۇرغان كۇلۇڭى بىلەن يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ يۇغان-يۇغان ئون نەچچە قازان ئېسىلغان چوڭ ئوچاقلىرى گىرەلىشىپ كەتتى. ئەمدى ئاۋۇ ئۇچۇشۇۋاتقان ئۇششاق دانچىلار يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ شور ئوچاقلىرىدا چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان يالقۇن بىلەن ئالمىشىپ قېلىۋاتاتتى. ئابدۇخالىق ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كۇلا بەلبېغىنى يەشتى. مازلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان چاپىنىنىڭ ئالدىنى قايرىپ، مەيدىسىنى ئاۋۇ يالقۇنغا قاقلىدى. لېكىن ئۇنىڭ مەيدىسى قورۇلدى. يالقۇن تەپتىدىن ئەمەس، سوغۇق زەھىرىدىن ئېچىشتى. ئۇ مەيدىسىنى تاتىلىدى. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئوچىقى ئالدىدا ئەمەس، ئۆز كۇلۇڭى لېۋىدە شۈمشىيىپ ئولتۇرغىنىنى ئېسىگە ئالدى.

    ئابدۇخالىق ياتتى. كۆپ تاللاپ ئاخىرى كۇلۇڭغا يېقىنراق تۆر بۇلۇڭدا ياتتى. كۆزلىرىنى يۇمدى. ئۇخلىماقچى بولدى. لېكىن نە ۋاقتىن بېرىقى يېنى چۇۋۇق بورىغا تىگىش بىلەنلا قارا ئۇيقۇغا كېتىدىغان كۆزلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ يەنە يۇمدى. لېكىن مۇنۇ كۆزلىرى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئەمەستەك، ئۆزىنىڭ يۇمۇۋېلىشلىرىغا بوي سۇنمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇيقۇدىن يىراق ئۇ كۆزلەرگە باشقا بىرى ئەمەس، يۇنۇس بايۋەتچە، باشقا جاي ئەمەس، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ يۇغان تېرەكلەر بىلەن قورشالغان قورۇ جايى كۈلۈپلا تۇراتتى.

    ئابدۇخالىق ئوڭغا ئۆرۈلدى. سولغىمۇ ئۆرۈلدى. تامنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى تۆشۈكىدىنمۇ، سول تەرەپتىكى يېرىقىدىنمۇ يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ سىماسى كىرىپ تۇراتتى. يۇنۇس بايۋەتچە بۈگۈن بىر كۈن يىغلاپ چىقتى. زەر پۇتىسىنىڭ ئۇچچى بىلەن كۆز يېشىنى توختىماي سۈرتتى، بۇرنىنىمۇ سۈرتتى. لېكىن كۆز يېشى ئازلىمىدى. بۇرنىنىڭ سۈيى تۈگىمىدى. تۈگىمەي تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرى بەقەسەم تونىنىڭ ياقا-پەشلىرىنى نەمدەپ، ئۆتىكىنىڭ ئۇزۇن قونچىغىچە يامرىدى. بۇنى ئابدۇخالىق ئىنىق كۆردى. گەرچە يۇنۇس بايۋەتچە باشتا ئابدۇخالىقنى كۆرمىگەن، ئۇنىڭ ھويلىسىغا نەۋاقلاردا پەيدا بولغىنىنى سەزمىگەن بولسىمۇ، ئابدۇخالىق ئاشۇ ھويلىغا پۇت قويغان چاغدىن باشلاپ يۇنۇس بايۋەتچىگە دىققەت قىلدى. مەخسەتسىز بولسىمۇ ئۇ بىچارە يىگىتتىن زادىلا كۆز ئۈزمىدى. بايۋەتچىنىڭ ئەلەملىك يىغىسى نارىسىدىنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. ئۆيدىن نىشانسىزلا چىققان، نىشانسىزلا ئويمەھەللە تەرەپكە قەدەم يۆتكىگەن ئابدۇخالىق باش-ئاخىرىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ يۇغان تىرەكلىك بىر ھويلىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. ئادەملەر كۆپ ئىدى. كىرىپ كېتىۋاتقانلارمۇ، ئۇزاپ چىقىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. كىرىپ كىتىۋاتقانلار ئۇزاۋاتقانلاردىن كۆپ ئىدى. نۇرغۇن ئادەم يىغىلغان جايدا چوقۇم بىر ئىش بار! ئابدۇخالىق ئاشۇ ئىشقا قىزىقتى. ئۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىگە قاراپ باقماقچى بولدى. شۇ سەۋەب بىلەن ئۇ ئالامان ئارىسىدا قىسىلىپ يۈرۈپ تىرەكلىك ھويلىنىڭ بوسۇغىسىدىن قاچانلاردا ئۆتۈپ قالغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى.

    راستكەن، بۇ جايدا بىر ئىش بوپتۇ. بولغاندىمۇ چوڭ ئىش بوپتۇ. ئابدۇخالىق پىشىندىن كېيىنرەك بىلدىكى، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپتۇ. ئادەملەر شۇنىڭغا يىغىلىپتۇ، يۇنۇس بايۋەتچە شۇنىڭغا يىغلاپتۇ. بۈگۈن نەزىرە ئېشى بىرىدىكەن.

    ئابدۇخالىق چۈشىنەلمىدى، غۇۋا بولسىمۇ ئېسىدە قېلىشىچە ئۇنىڭمۇ دادىسى تۈگەپ كەتكەن، لېكىن ئۇ چاغدا بۇنچە كۆپ ئادەم يىغىلمىغان، ئابدۇخالىقمۇ يىغلىمىغان ئىدى. قارىغاندا دادا دېگەنمۇ ئوخشاش بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

    ئابدۇخالىق ئۆرە بولدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تۈن نىسبىدە ئۆرە بولۇشى ئىدى. ئابدۇخالىق تىترىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم سوغۇق دەستىدىن تىترىشى ئىدى. تىترەپ تۇرغان ئابدۇخالىق يەنە كۇلۇڭ ئالدىغا كەلدى. ئوت دىدارى كۆرمىگىنىگە ھەپتىدىن ئاشقان كۇلۇڭ بۇلۇڭدىنمۇ سوغۇق ئىدى. بۇمۇ ئابدۇخالىقنىڭ تۇنجى قېتىم كۇلۇڭدىن سوغۇق سىزىشى ئىدى. ئابدۇخالىق كەينىگە قايتتى. بايامقى بۇلۇڭغا كەلدى. چاپىنىنى غىپچىپ يەنە ياتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ غولى چاپىنىنىڭ مازلىرى بۆلۈنۈپ، تەگ بىلەن ئەستىرى تۇتۇشۇپ قالغان جايى ئېچىشقاندەك بولدى. قوپال بورىنىڭ توم قۇمۇشلىرى ئۇنىڭ غولىنى ئېچىشتۇرغان ئىدى. بۇ خىل ئېچىشىشنىمۇ ئابدۇخالىق تۇنجى قېتىم سېزىۋاتاتتى.

    ئابدۇخالىق بۈگۈن كېچە ئۆزىگە نىمە بولغىنىنى زادىلا بىلەلمىدى. سەھەرگە يېقىن قۇرسىقى ئاچقاندەك بولدى. بۇمۇ ئۇنىڭ قۇرسىقىنىڭ تۇنجى ئېچىشى، توغرىسى ئاچلىقنى تۇنجى ھېس قىلىشى ئىدى.

    تاڭ ئاتتى. ئابدۇخالىق زارىقىپ كۈتكەن قۇياش ئاخىرى پارلىدى. ئۇ ئۇيقۇسىز كۆزلىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇۋۇلىدى. ئەمدى ئۇنىڭ قۇرسىقى راستتىنلا ئاچقانىدى. ئىچىدىكى بىر يېرى توختىماي ئېچىشاتتى. كۆڭلى بىر نەرسىنى خالاپ قېلىۋاتاتتى. تاڭلايلىرى قۇرۇپ، گەز- كېپەكتىن ئاجرىغان لەۋلىرى نېمىشقىدۇر تامشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسە يىگۈسى كەلدى. ئۆيدە يېگۈدەك ھېچنەرسە يوقلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، تۆت تالغا نەزەر سالدى. ئىس- تۈتۈندىن قارىداپ كەتكەن تام-تورۇسلاردا ئۆمۈچۈك تورىدىن باشقا، تورغا ئىلىنىپ قالغان چوڭ-چوڭ كۆك چىۋىنلەردىن ئۆزگە بىر نەرسە كۆرۈنمەيتتى.

    ـــ ئېسىت، ئاخشامقى بىر تاۋاق گۆش...

    ئابدۇخالىقنىڭ كۆز ئالدىغا يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۆيىدە ئۇنتۇلۇپ قالغان بىر تاۋاق گۆش كەلدى. ئۇ گۆشلەردىن ھېلىمۇ مېزىلىك ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.

    ـــ ھېچ بولمىغاندا قوينۇمدىكى بىر پارچىنى ئېلىۋاتمىغان بولسا...ئاشۇ بىر پارچىنى نەدە قويغان بولغىيدىم...؟ راست، ئۇنى يەۋەتكەن، ھەي، يېمىگەن بولسام....

    ئابدۇخالىق بوسۇغىدىن چىقتى. ئىشىكنىمۇ تاقىمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشىكنى تاقىغىلىمۇ بولمايتتى. تاقىغىلى بولغىنىدىمۇ تاقاشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق ئىدى. ئابدۇخالىق قاياققا مېڭىش كىرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلاپ كەتمىدى. ھەر كۈندىكىدەك نىشانسىزمۇ ماڭمىدى. ئىلگىرى كۆپ بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ تۈنۈگۈنكى ئويمەھەللە تەرەپنى، ئىلگىرى زادىلا كىرىپ باقمىغان بولسىمۇ تۈنۈگۈنكى يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۆيىنى نىشان قىلغان قەدىمى بارغانچە تىزلىشىپ، بارغەنچە ئىتتىكلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

    « كۈندە كەل، تويغىچە يە، قىرىق كۈنگىچە ئاش بار...!»

    يۇنۇس بايۋەتچە شۇنداق دېگەن. گەرچە ئابدۇخالىق «قىرىق» دېگەننىڭ قانچىلىك سان، قىرىق كۈن دېگەننىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېچقانچە بىلمىسىمۇ، ئىلگىرى ھېچيەردە يەپ باقمىغان تائاملارنى جىق-جىق يەيدىغانلىقى، ئۇزاق بىر زامان يەۋېرىدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭچە ئۆزىنىمۇ تۇنجى كۆرگەن، ئىسمىنىمۇ تۇنجى ئاڭلىغان، باشقىلار « غۇجام » دەپ ئاتىشىدىغان يۇنۇس بايۋەتچە ئەمدى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. ياقتۇرۇپ قالغانىكەن بېرىش كىرەك، ياقتۇرۇپ قالغاندىكىن كۈندە بېرىپ يەپ كېلىش كىرەك...

    ئابدۇخالىق تىرەكلىك ھويلىنىڭ ئالدىغا كەلدى. تۈنۈگۈن بىر پەستىلا كەلگىنى بىلەن بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى. تىللىرى قۇرۇپ، لەۋلىرىنى نېپىز گەز باغلىغاندا، تىزلىرى تېلىپ، پاختىلىق چاپىنى ئېغىر كىلىشكە باشلىغاندا ئاران كەلدى. ئۇ چوڭ يولدىن ھويلا تەرەپكە بۇرۇلغاندىلا كۆردى: يۇنۇس بايۋەتچە چوڭ دەرۋازا تۈۋىدە كەلگەن-ئۇزىغانلار بىلەن قۇچاغلىشىپ دېگۈدەك دىدارلىشىۋېتىپتۇ. كەلگەنلەر ئات- خېچىرلىرىنى چوڭ يول بويىدىكى كەڭ سەيناغا تىكلەپ قويۇلغان ئاسما ياغاچلارغا چالا-بۇلا باغلاپلا يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئالدىغا پۈكلىنىپ، يۈكۈنۈپ دېگۈدەك ئالدىراۋېتىپتۇ.

    ئابدۇخالىقمۇ ئالدىرىدى. تۈنۈگۈن تارتىنىپ، قورۇنۇپ بىر خىل قىزىقىشنىڭ ئېزىقتۇرۇشى، ئالاماننىڭ تۈرتەكلىشى بىلەن كىرىپ كەتكەن بولسا بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى. يىراقتىنلا يۇنۇس بايۋەتچىگە زەڭ قويغاچ، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۆزىنىمۇ قۇچاغلاپ قارشى ئېلىشىنى غۇۋا بولسىمۇ تاما قىلغاچ كۆك سىرلانغان دەرۋازىغا يىتىپ كەلدى. لېكىن يۇنۇس بايۋەتچە ئۇنى قۇچاغلىمىدى. قۇچاغلاش تۈگۈل ئۇنىڭ كەلگىنىگە دىققەتمۇ قىلمىدى. بىر پەسكىنە مەڭدەپ تۇرۇپ قالغان ئابدۇخالىق ھويلىغا كىردى. ئەمدى ئۇ تۈنۈگۈنكىدەك بارماق شۈمۈپ تۇرۇپ قالمىدى. ئايۋان- دالانلارغا بويۇنداپمۇ يۈرمىدى. ئۇدۇللا يان ھويلىغا ئەگىپ، ئوچاقلار جايلاشقان، قازانلار ۋاراقشىپ قايناۋاتقان چەللە ئاستىغا كېلىپ توختىدى.

     ئابدۇخالىق كۆردى: بۇ يەر تۈنۈگۈنكىدىنمۇ بەكراق ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇچاقلارمۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان قازانلارمۇ كۆپىيىپتۇ. تۈنۈگۈن قوزىنىڭكىدەك كىچىك-كىچىك گۆش سېلىنغان قازاندا  چوڭ-چوڭ قوچقارنىڭ يارتا-يارتا گۆشلىرى ۋاتاقلاۋېتىپتۇ...

    ئابدۇخالىق تۈكۈرۈگىنى يۇتتى. نەلەردىندۇر پەيدا بولغان سۇيۇغلۇق «غۇرت...» قىلىپ ئاۋاز چىقارغىنىچە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ كەتتى. خېلىلا ئۈنلۈك چىققان بۇ ئاۋاز ئۆزىنىلا ئەمەس، ئوت قالاۋاتقانلارنىمۇ، گۈرۈچ يۇيۇۋاتقانلارنىمۇ، پولو، شورپا ئۇسۇۋاتقانلارنىمۇ سەگىتتى.                      

    ــ ماڭ،ــ تۈرتكىلىدى ئوت قالاۋاتقانلاردىن بىرى،ــ توپا تۇزۇتماي نېرى تۇر.

    ـــ ھەيدىمەن،ــ ئابدۇخالىقنىڭ قۇلىقىغا تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى،ــ بۇ بالىنى غۇجام ئۆزى كەل دېگەن.

    ئابدۇخالىق سۆزلىگۈچىگە قارىدى. غوجىداركەن، تۆنۈگۈن ئۆزىگە بىر تاۋاق گۆش ئەكىلىپ بەرگەن كەكە ساقال كىشى شۇ ئىكەن.

    ئەمدى ئابدۇخالىقنىڭ ۋۇجۇدى قاتتى. يۈرىگى تومشىدى. ئۇ بىلدى: غۇجام دېگەن چوڭ ئادەمكەن، ماۋۇ غوجىدارمۇ بوش ئادەم ئەمەسكەن. ئەمدى ئابدۇخالىق تارتىنىپ-قورۇنۇپ يۈرمىدى. خالىسا ئوچاق بېشىغا باردى. خالىسا پەشئايۋانغا كىرىپ چىقتى. يۇنۇس بايۋەتچە كەلگەن-كەتكەنلەر بىلەن ئالدىراش بولغاچقىمۇ ئابدۇخالىقتىن ئەھۋال سورىمىدى. لېكىن غوجىدارــ ئەشۇ مېھرىبان بوۋاي سورىدى: ئەتىگەن يىلىكتەك ئېرىپ پىشقان گۆشتىن ئىككى پارچە، چۈشتە قولنى كۆيدۈرگىدەك پولودىن بىر تاۋاق بەردى. كەچتە، دالان ئۆيدىن قايتۇرۇپ چىققان سامبۇساــ گۆشنان بىلەن كۈتتى. يەپ بولالمىغانلىرىنى مەيدىسى بىلەن چاپىنى ئارلىغىغا سالسىمۇ گەپ قىلمىدى.

    ــ ئال،ــ دېدى تېخى ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ،ــ كۈندە كەل، خالىغىنىڭچە يە، ئەمما قازناققا كىرمە...

    ـــ كىرمەيمەن.

    ئابدۇخالىق شۇنداق دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ قازناق دېگەننىڭ قانداق جايلىقىنىمۇ، ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ، كىرسە نېمىشقا بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

    شام نامىزىدىن كېيىن يەنە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشقان جامائەت تارقاشتى. تارقاش ئالدىدا يۇنۇس بايۋەتچە تۆنۈگۈنكى ئىلتىجاسىنى يەنە تەكرارلىدى:

    ــ دادامغا جەننەت تىلەپ جامائەت، گۇناھىغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئاغا يەنە بىر تەكلىپ!

    نېمىشقىدۇر يۇنۇس بايۋەتچە توختىماي يىغلايتتى. ئىككى تەرىپىدىن يۈلەشتۈرۈپ تۇرغانلارغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئېسەدەيتتى.

    ئابدۇخالىق بىر خىل ناخۇشلۇق ئىچىدە ئۆيگە كىردى. ئەمدى ئۇ شامال ھۇشقۇيتۇپ تۇرغان بۇلۇڭغىمۇ، ئوت سېغىنغان كۇلۇڭغىمۇ قارىمىدى. ئۇ ئۇدۇل كېلىپلا يىرتىق بورىنىڭ ئۈستىدە چازانە قۇرۇپ ئولتۇردى. قوينىدىكى سامبۇسىلارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، بورا ئۈستىگە يايدى. يېيىپ بولۇپ سانىدى. ئەمما سانىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى. ئاخىرىنى چىقىرالماسلىقى سامبۇسىلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكىدىن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئۇنچە كۆپ سان بىلمەيدىغانلىقىدىن ئىدى. شۇندىمۇ ئۇ ئۆزىنى بىراقلا بېيىپ كەتكەندەك، يېسە-يېسە تۈگىمەيدىغان ئاش-ئوزۇققا ئېرىشكەندەك، ئاشۇ سامبۇسىلارنى مەڭگۈ يەپ تۈگۈتەلمەيدىغاندەك بىر ھېستا سېزىشكە باشلىدى.

    ئابدۇخالىقنىڭ ئۇيقۇسى كەلدى. ئۇ ياتتى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۈڭلۈكتىن بۈگۈنمۇ ئۇدۇل ئوچاق ئالدىغاــ گىرۋەكلىرى ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ كەتكەن كۇلۇڭغا تۆكۈلۈۋاتقان ئاي شولىسىغا قارىدى. يېرىم يۇمۇلغان كۆز ئوڭىدا تۈنۈگۈنكى ئۇششاق دانچىلار ھېلىمۇ توختىماي چىمىرلىشىپ تۇراتتى. بۇ ئۇششاقلار بۈگۈن تېخىمۇ ئاۋۇپ، تېخىمۇ كۆپىيىپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇنداق، ئۇلارمۇ ئابدۇخالىقنىڭ سامبۇسىلىرىدەك كۆپىيىپ قالغانىدى...

    2

    قىرىق كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇخالىق ئۈچۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك تۇيۇلغان، يۇنۇس بايۋەتچە ئۈچۈن سائىتى يىلدەك، ھەپتىسى ئەسىردەك بىلىنگەن قىرىق كۈن توشتى. بۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ئابدۇخالىق ئاشۇ تىرەكلىك ھويلىنى بىر كۈنمۇ تەرك ئەتمىدى. بىر كۈنمۇ باشقا ياققا كېتىپ قالمىدى. لېكىن ھېلىقى ئاخشامدىن، بىر قويۇن سامبۇسىنى بورا ئۈستىگە يېيىپ سانىغان ھېلىقى ئاخشامدىن كېيىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى تەرك ئەتتى. ئۆز ئۆيى تەرەپكە بويۇنداپمۇ قويمىدى. ئۇ يەردە تارتىشقۇدەك نىمە بار؟ ئابدۇخالىق ئۈچۈن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھەممە نەرسە مۇنۇ تېرەكلىك ھويلىدا ئىدى. يۇمشاق گۆشمۇ، تاۋاق-تاۋاق پولومۇ، گۆشگىردە-ھالۋىلارمۇ مۇشۇ ھويلىدا. مېھىرلىك ئالقانمۇ، چاراسلاپ كۆيىدىغان ئوتمۇ، يۇمشاق تەگ-سېلىنجىمۇ مۇشۇ ھويلىدا ئىدى. يۇنۇس بايۋەتچە ئۇ كۈنى ئابدۇخالىقنى قۇچاغلىمىغان بىلەن كېيىن قۇچاغلىدى. ئۇ كۈنى گۆشنى غوجىدارغا بۇيرۇپ ئاچىقتۇرغان بولسا كېيىنچە ئۆزى ئاچىقىپ بەردى.

    ـــ يە،ــ دېدى بايۋەتچە،ــ قۇرسىقىڭغا پاتقىچە يە. يەپ بولۇپ دۇئا قىل. دادامنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەتلىكىنى تىلە.

    ئابدۇخالىق خېلىلا ئەتلىنىپ قالدى. ئەتلىنىپ قالدىلا ئەمەس، بۇدرۇقىشىپ سەمرىدى. پۇسكىيىپ چىققان قۇرسىقى بىر ئوبدانلا ياراشتى. ئىلگىرى ھىڭگان تۆگىنىڭ كۆزىدەك ئېچىلىپ تۇرىدىغان كىندىكى ئەمدى پۈتۈپ، جىگدە ئۇرۇقىچىلىكلا قالغانىدى. ھەممە يېرىدىن ماز گۈللىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان چاپىنىمۇ نەلەرگىدۇر يوقىدى. پىت بېسىپ كەتكەن بېشىمۇ ئۇستا ساتراچنىڭ قولىدا چۈشۈرۈلدى.

    ــ ئۈستىۋاش قىلىپ بېرىڭلار،ــ دېدى يۇنۇس بايۋەتچە،ــ چېچىنى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، بىچارىنى پىت-چۇسىدىن خالاس تاپقۇزۇڭلار.

    ــ بېشىنى سىلاڭلار،ــ دېدى يۇنۇس بايۋەتچە،ــ يىتىمنىڭ بېشىنى سىلىغان ئادەمگە ئىگىمىز شۇ يىتىمنىڭ چېچى باراۋىرىدە ساۋاب بېرىدۇ!

    كەكە ساقىلى خويمۇ ياراشقان غوجىدار يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ھەر بىر بۇيرۇتمىسىنى جان دەپ ئادا قىلاتتى. بىرەرىگىمۇ بانا-سەۋەب كۆرسەتمەيتتى. بىرەرىگىمۇ سۇس نەزەردە قارىمايتتى. ھەممىنى «خوش غۇجام!» دەپ تولۇغى بىلەن بەجا كەلتۈرەتتى.

    ئەپسۇس، ئۇ كۈنلەر ئوزاق داۋام قىلمىدى. ئاخىرقى ئۈچ كېچە- كۈندۈز ئۈزۈلمەي بولۇنغان دۇئا-تەگبىردىن كېيىن ئوچاقلاردا ئوت ئۆچتى. قازانلار پىتىقلاشتىن توختىدى. ئات-خېچىرلار كىشنىمىدى. كۆك دەرۋازا تاقالدى. بىچارە ئابدۇخالىق يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. سىڭا قانات ئىشىك غىجەك ئۈنىدەك ئۈنلىدى. كۇلۇڭدىن كۈل توزىدى. ئۇششاق دانچىلار ئۆينى قاپلىدى.

    ئابدۇخالىق نىمە بولغىنىنى، نېمىشقا بۇنداق بولىدىغىنىنى بىلمىدى. جامائەتنىڭ نېمىشقا تارقاپ كەتكىنىنى، كۆك سىرلانغان چوڭ دەرۋازىنىڭ نېمىشقا تاقىلىپ قالغىنىنى ئۇقالمىدى. كەكە ساقال غوجىدارنىڭ ئۆزىنى نېمىشقا چوڭ يولغا ئاچىقىپ قويغىنىنى بىلەلمىدى. «ئەمدى تۈگىدى، كەلپمىسەڭمۇ بولىدۇ» دېگىنىنىڭ نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. بىراق ئابدۇخالىق بىر نەرسىنى ئاڭقاردى: ئەمدى ئۇ ئۆز ئۆيىدە يېتىپ قوپىدۇ. ئۆز ئۇچىقىغا پاسار قالايدۇ. پاسار چوغىنى كۇلۇڭغا تارتىپ شۇ چوغنى ئىسسىنىدۇ. ئۈنلەپ تۇرىدىغان ئىشىكتىن سەھەر چىقىپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە يول ئالىدۇ. رېسىق ئۇچرىسا يەپ، ئۇچرىمىسا ئاچ قۇرساق قايتىپ كېلىدۇ...

    ئابدۇخالىقنىڭ ئاڭقارغىنى راستكەن. قۇرسىقى تازا ئېچىپ ئويغانغان ھېلىقى سەھەر ئۇ ئويمەھەللىگە بېرىپ باقتى. كۆك سىرلانغان چوڭ دەرۋازىغا تەلمۈردى. دەرۋازا ھىم ئېتىلگەن ئىدى. ئابدۇخالىق چۈشكىچە ساقلىدى. كەچكىچىمۇ ساقلىدى. دەرۋازا ئېچىلمىدى. ئەتىسىمۇ باردى، ئۆگۈنىمۇ باردى. دەرۋازا ھامان ھىم تاقاق ئىدى. قارىغاندا ئۇ ئەمدى ئېچىلمايدىغاندەك قىلاتتى.

    ئابدۇخالىق ئەمدى باشقا مەھەللىلەرگە بېرىپ باقتى. يىگەننىڭ ئېغىزىغا، ئىچكەننىڭ لەۋلىرىگە تەلمۈردى. ئادەملەر توپلانغان ئىشىكلەرگە، يىغا-زار قاپلىغان ھويلىلارغا بويۇن سوزدى. بۇنداق ھويلىلاردىمۇ نەزىرە بولدى. ئاش-تاماق ئېتىلدى. ئابدۇخالىققىمۇ بېرىشتى. لېكىن بىر-ئىككى كۈنگىچە، ئېشىپ كەتسە يەتتە كۈنگىچىلا بېرىشتى. يۇنۇس بايۋەتچىدەك قارا قىشتىن باشلاپ ھۆپۈپ قىچقارغۇچە نەزىرە ئېشى بېرىدىغان، «ھەر كۈنى كەل، تويغىچە يە،» دەيدىغان بىرەرى ئەمدى ئۇچرىمىدى.

    ئابدۇخالىقنىڭ تومپىيىپ چىققان قۇرسىقى يەنە جىمىپ كەتتى. كىرپىنىڭ تىكىدەك ئۈنۈپ چىققان چاچلىرى يەنە سالۋارىدى. يۇنۇس بايۋەتچە تىككۈزۈپ بەرگەن چاپاندىنمۇ ماز مارىدى. كۆينەك، تامباللىرىنى پىت باستى. تەلپىكىدىمۇ پىت ئۇۋىلىدى.

    ئەمەلىيەتتە ئابدۇخالىقنى ھەممىدىن بەك قىينىغىنى پىت دەردى ئەمەس، قۇرساق دەردى ئىدى. يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۆيىگە بېرىشتىن بۇرۇن، كۆك دەرۋازىلىق، چوڭ تىرەكلىك شۇ ھويلىدا بىر زامان تويۇپ كېكىرىشتىن بۇرۇن زادىلا ئاچمايدىغان قۇرسىقى ئەمدى ھەر كۈنى ئاچاتتى. ھەر كۈنى كۇركىرايتتى. قارىغاندا يۇنۇس بايۋەتچە، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئاشۇ چوڭ تىرەكلىك ھويلىسى ئابدۇخالىقنىڭ قۇرسىقىنى يامان ئۈگىتىپ قويغان ئوخشايدۇ.

    جاھان ئىللىدى. كۆكات-ئوتياشلار چالما قوپۇردى. ھۆپۈپلەر قىچقىرىپ، قارلىغاچلار ۋىچىرلىدى. بۇلار تەبىئەتنىڭ كۆركى، زېمىننىڭ سۈلكىتى ئىدى. بىراق، ئۇ كۆركنى يىگىلى، بۇ سۈلكەتنى ئىچكىلى بولمايتتى. دەل مۇشۇ سۈلكەت پەسلى ئادەمنىڭ قۇرسىقى ئەڭ ئاچىدىغان، ئەڭ قەغىش قىلىدىغان مەزگىل ئىدى. شۇڭىمۇ ئاتىلار بۇ پەسىلنى «سېرىقتال مەزگىل» دېيىشەتتى. ئابدۇخالىق ئۈچۈن بۇ «سېرىقتال مەزگىل» نى ئۆتكۈزۈش تولىمۇ تەسكە چۈشتى. چىرايى ساماندەك سارغايدى. كۆزلىرى ئورىدەك ئولتۇرۇشتى. مەڭز سۆڭىكى قەلەمتۇراچنىڭ دەستىسىدەك پولتۇيۇپ، بۇغدىيىكى ياڭاق تۈرۈپ قالغاندەك بۆرتۈپ چىقتى. قۇرسىقى يەنە دۈمبىسىگە چاپلىشىپ قالدى. ئىلگىرى بىر ئوبدان كېلىدىغان ئۇيقۇسى نەلەرگىدۇر يۇقىدى. ئۇيقۇسىز قالغان ئاشۇ ئۇزۇن ئاخشاملىرى ئۇ ئوخشاش بىرلا جاينى، بىرلا سىيمانى ئېسىگە ئالاتتى. ئۇ جاي ئوي مەھەللەــ چوڭ تېرەكلەر بىلەن قورشالغان، كۆك دەرۋازىلىق ھويلا ئىدى. ئۇ سىيماــ چىرايلىق بۇرۇت قويغان، ئىككى قولىنى زەر پوتىسى ئۈستىدە قوشتۇرۇپلا تۇرىدىغان، سۆسەر تۇماقلىق يۇنۇس بايۋەتچە ئىدى.

    يۇنۇس بايۋەتچە « كەلمىسە ئىزدەڭلار»، دېمىگەنمىدى؟ ئابدۇخالىق بارغاندا دەرۋازا ئېچىلمىدى. بارمىۋىدى بىرەرى ئىزدەپمۇ قويمىدى. ئابدۇخالىقنىڭ تۇرۇپلا جۇدۇنى ئۆرلىدى. تۈگۈنەك مۇشتلىرى تۈگۈلدى. چىشلىرى كىرىسلىدى. قۇرسىقىنىڭ نالىلىك كۇركىراشلىرى ئۇلغايغانسېرى، ئۇ تۈگۈلۈش، ئۇ كىرىسلاشلارمۇ بارغانسېرى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلەتتى.

    « خەپ! ئاشۇ ھويلىدا يەنە بىرى ئۆلسىچۇ...؟ » بىر مەشئۇم خىيال ئابدۇخالىقنىڭ كاللىسىدا لاپ قىلىپ ياندى. ئەمەلىيەتتە ئۇنى مەشئۇم خىيال دېگىلىمۇ بولمايتتى. مەشئۇمنىڭ نېمىلىكىنى ئابدۇخالىق تېخى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا بىلىدىغىنى ئاشۇ چوڭ تېرەكلىك ھويلىدا يەنە بىر ئادەم ئۆلسە، ئاشۇ كۆك سىرلانغان چوڭ دەرۋازا ئالدىغا يەنە نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلسا بولاتتى. ھويلىنى يىغا-زار قاپلىسا، شور ئوچاقلارغا ئوت قالىنىپ، چوڭ قازانلاردا گۆشلەر پىتىقلاپ قاينىسىلا بولاتتى. يۇنۇس بايۋەتچە ئېسەدەپ يىغلىسا، يىغلاپ تۇرۇپ ئابدۇخالىقنىڭ بېشىنى سىلىسا، « كۈندە كەل، تويغىچە يە...» دېسىلا بولاتتى. ئۈستىۋاشلىرى يېڭىلانمىسىمۇ، پىت ئۇۋا تۇتقان چاچلىرى چۈشۈرۈلمىسىمۇ مەيلى ئىدى. پەقەت مۇنۇ سازلىقنىڭ پاقىسىدەك توختىماي كۇركىراۋاتقان قۇرسىقى تويسىلا، بەك ئۇزاق بولمىسىمۇ قىرىق كۈن تويۇۋالسىلا بولاتتى...

    ئۇ خىيال ئابدۇخالىقنىڭ كاللىسىدا ئۈلۈشكۈن تۇنجى قېتىم يانغان ئىدى. تۈنۈگۈن كېچە ئۇلغايدى. بۈگۈن بولسا كۈۋەجەپ ئەۋجىگە چىقتى. « چوقۇم بىرسى ئۆلسە بولاتتى، ئۆلەر ئىلاھىم...»

    قۇرسىقىنىڭ ئېچىشىغا زادىلا بەرداشلىقى قالمىغان ئابدۇخالىق تاڭ يورۇماستىنلا ئوي مەھەللە تامان يول ئالدى. ھويلىنى قورشاپ تۇرغان چوڭ تېرەكلەر يىراقتىنلا كۆرۈندى. ئۇنىڭ قەدەملىرى بارغانچە تىزلاشتى. قەدەملىرىلا ئەمەس، يۈرەك رېتىمىمۇ تىزلىشىۋاتاتتى. گويا نەچچە كۈندىن بۇيانقى مۇرات-مەقسەتلىرى ۋىسال تاپقاندەك، ئارزۇ-ئارمانلىرى چېچەك ئاچقاندەك، چاڭ باسقان يۈزى تەرلىدى. قورايدەك تىنى تىترىدى. ھىم ئېتىلگەن كۆك دەرۋازىنى ئىلغا قىلغىنىدا بولسا ئاران چاققان ئۈكچىسى پۇچەك چىققاندەك بىراقلا سۇلاشتى. دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.

    «ئۆلمەپتۇ...»ــ ئويلىدى ئابدۇخالىق،ــ باشقا ياققا بېرىپ باقاي، باشقا مەھەللىدە ئۆلگەندۇ بەلكىم...

    بۇ ھەپتىلەردە ئابدۇخالىقنىڭ ئايىغى يەتكۈدەك جايدا مېيت ئۇزىمىدى. بىرەر ھويلىدىن يىغا، بىرەر ئىشىكتىن نالە-زار ئاڭلانمىدى.

    ــ باشقا بىر ئۆيدە ئۆلسىمۇ بىكار،ــ ئويلىدى ئابدۇخالىق،ــ يۇنۇس غوجامنىڭ ئۆيىدە بولمىسا بولمايدۇ...

    بۇ خىيال ئابدۇخالىققا چىڭ چاپلاشتى. ئەمدى كېچىسىلا ئەمەس، كۈندۈزىمۇ ئۇنىڭ ئارامىنى شۇ خىيال بۇزاتتى. قەدەملىرىنى ھەر ۋاقىت ئوي مەھەللە تەرەپكە سۆرەيتتى. كۈنلەر ئۆتتى. تال- تېرەكلەر ياشىرىپ، گۈل-چېچەكلەر غۇنچە تۇغۇشتى. ئابدۇخالىقنىڭ قەلبىنى ئارامسىز تىرناقلاۋاتقان ئۇ خىيالمۇ ئاشۇ تال-تېرەكلەر، ئاشۇ گۈل-غۇنچىلاردەك بارغانچە بىخ سۈرۈپ، بارغانچە غۇنچىلىماقتا ئىدى.

    «چوڭ تېرەكلىك ھويلىدا، يۇنۇس غوجامنىڭ ئۆيىدە بىرەرى پاتراق ئۆلەر ئىلاھىم، قىرىق كۈنگىچە نەزىر ئېشى يەپ.....!»

    3

    خالىق ھاجىنىڭ ھايات مۇساپىسى يېرىم ئەسىرلىك سىزىقتىن ئۆتكەن يىلى ھالقىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ تەخمىن يېشى ئىدى. ھەقىقىي يېشىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ئايالى زۆھرە بۈۋىمۇ، توقىلى سارى خېنىممۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ئوغۇل-قىزلىرى، نەۋرە ئۇششاقلىرى سورايتى:

    ــ قانچە ياشقا كىرگەنلا دادا؟

    خالىق ھاجىم يارىشىملىق قىرقىم ساقىلىنى سىپايتتى. چاقماق نەقىشلىق باش ياغلىقىنى باسۇرۇپ تۇرغان قارا چەمبىرىكىنى قولىغا ئالاتتى.

    ــ ۋەتەندە « تۇڭگان يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پاجىئە بولغان، شۇ كەملەردە تۇغۇلۇپتىكەنمەن. شۇ ۋەرەق ھىسابلىغاندا...

    ــ قانداق يېغىلىق ئىدى ئۇ؟

    ــ پاجىئە دېگەنلىرى نىمە ئۇ؟

    بالىلارنىڭ ھەممىنى بىلگۈسى كېلەتتى. نەۋرىلەرنىڭ ھەممىنى ئۇققىسى بار ئىدى. بىلمەكچى، ئۇقماقچى بولغانلىرى ئارىسىدا خالىق ھاجىمنىڭ ئېنىق ياش ھېسابىلا ئەمەس، « ۋەتەن» نىڭ نېمىلىكىنى، ئۆز ۋەتەننىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يۇرتتا نە سەۋەب ھېلىغىچە مۇساپىر ئاتىلىدىغانلىقى، نوپۇس تەۋەلىكلىرىنىڭ نە سەۋەبتىن مۇشۇ كەمگىچە ھەل بولمايۋاتقانلىقى...ھەممە، ھەممىسى بار ئىدى. ئۆز دادىسىنىڭ قاچان، قاي ۋەجىدىن تايىف*قا كېلىپ قالغىنىنى، ئۆز ئەجدادى، ئۆز يىلتىزىنىڭ قايەر، كىملەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالغۇسى كېلەتتى. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئەرەب ساۋاقداشلىرى ئۆز ئىسىملىرىغا « ئىبنى، بىننى» لارنى قوشۇپ، يەتتە-سەككىز ئەجدادىغىچە ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلىشەتتى. بالىلاردىن «بوۋاڭ كىمدۇر؟ چوڭ بوۋاڭچۇ؟...» دەپ سورىشاتتى. خالىق ھاجىم بالىلارنىڭ كۆپ سوئاللىرىنى جاۋابسىز قوياتتى. دەپ بەرگۈسى كېلەتتىيۇ، دەپ بېرەلمەيتتى. جاۋاب بەرگۈسى كىلەتتىيۇ، كۆپ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.

    ــ ھەج قىلىپ كەلگەن، يول ئېتىلىپ قېلىپ، تايىفلىق بولۇپ قالغان...

    خالىق ھاجىم شۇ جۈملىنى تەكرار دەيتتى. ھەج كارۋىنىغا مىراخور بولۇپ كەلگىنىنى، يول ئۈستىدە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلگىنىنى دەپ بەرمەيتتى. ھەج كارۋىنى قايتقاندا ئۆزىنى ئېلىۋالمىغىنىنى، مەككە مۇكەررىمە بىلەن تايىف ئارلىغىدىكى غىلاڭ سايدا، دۆڭلۈكلەر ئارىسىدا بىر پۇلسىز، بىر نانسىز تاشلاپ كېتىلگىنىنى سىر تۇتاتتى. خالىق ھاجىمنىڭ دەپ بەرمەيۋاتقانلىرى مۇشۇلا ئەمەس ئىدى. سىر تۇتۇۋاتقانلىرى ئۇنچە ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە خالىق ھاجىمنىڭ ھەممىنى دەپ بەرگۈسى، سىر-ھېكمەتكە قانغۇچە چىلاشقان كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىلغان ئاناردەك تۆككۈسى كېلەتتى. بىراق ھەر قېتىم ئېغىز ئۆمەللىگىنىدە يۈرىگى «چىممىدە» قىلاتتى. ۋۇجۇدى بىر نۆرى سىلكىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن بوغۇزىغا كېلىپ قالغان بايانلىرى كەينىگە ياناتتى. يۈرىگى چىمىلدىغان، بوغۇزى بوغۇلغان شۇ دەقىقىدە خالىق ھاجىمنىڭ كۆز ئالدىغا بىرلا جاي، بىرلا سىيما كېلىۋالاتتى. شۇ جاي، شۇ سىيما ئۇنىڭ يۈرىگىنى مۇجۇپ، كېكىرتىگىنى بوغۇۋالاتتى. ئۇ جاي ئوي مەھەللە، چوڭ تېرەكلىك شۇ ھويلا؛ ئۇ سىيما نۆدەر يىگىت يۇنۇس بايۋەتچە ئىدى.

    ئوي مەھەللە بىلەن يۇنۇس بايۋەتچە يادىغا يېتىش بىلەن تەڭ خالىق ھاجىمنى تەر باساتتى. قوللىرى تىترەپ، ئاۋازى بوغۇلۇپ، تىلى كېكەچلەپ قالاتتى. بۇ ھال ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولدى، دېگىلىمۇ بولمايتتى. توغرىسي خالىق ھاجىم يىگىرمە ياشلاردىن ئاشقىنىدىن، تايىفنىڭ يولى بويىدا بىنا قىلغان سوقما تېمى كىملەرگىدۇر كېرەك بولۇپ قېلىپ، قولى پۇل كۆرگىنىدىن، ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق بولۇپ ئىككى پەرزەنتلىك بولغىنىدىن، مىسپىل*غا توپلاشقان يۇرت-ۋەتەنداشلارنىڭ دەۋەت-زورى بىلەن توقاللىق بولغىنىدىن كېيىن ئاستا-ئاستا شۇنداق بولدى، دېگىلى بولاتتى. قانداقلا بولمىسۇن خالىق ھاجىم ئۆزىنى يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ قاتىلىدەك بىر تۇيغۇدا، شۇ قازاغا ئۆزى سەۋەبچىدەك بىر ھېستا ئازابلايتتى. ئۇ ھېس، ئۇ تۇيغۇ مىنا تېغىنىڭ يامغۇرىدەك باشتا سۇس باشلىنىپ، بارغانچە ئۇلغايدى. بارغانچە كۈۋەجىدى. بولۇپمۇ «يېتىمنىڭ ئاھى نەق تۇتىدۇ» دېگەن باياننى ئاڭلىغان ھېلىقى چاغدىن كېيىن ئۇ خىل ئازاب ئوغرى تىكەندەك ئۆرۈلسىمۇ، چۆرۈلسىمۇ سانچىلىپلا كەلدى.

    خالىق ھاجىم ھايات كەچمىشلىرىگە زەڭ قويدى. ئۇ ئەمدى ھەممىنى بىلدى. ھەممىنى تولۇغى بىلەن چۈشەندى. ئابدۇخالىق يىتىم، ئاچ- زېرىن، تويۇپ باقمىغان، ئىسسىپ باقمىغان ئىكەن. توقلۇقنىڭ نېمىلىكىنى، ئىسسىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئۇنىڭغا دەل يۇنۇس بايۋەتچە بىلدۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بېشىنى تۇنجى سىلىغۇچىمۇ، بېشىنى چۈشۈرۈپ، يېڭى ئۈستىۋاشقا ئىگە قىلغىنىمۇ يۇنۇس بايۋەتچە ئىكەن. ئادەم بالىسىنىڭ ئادەمدەك ياشىشى كىرەكلىكىنى ئۇنىڭغا دەل يۇنۇس بايۋەتچە بىلدۈرگەن ئىكەن. خالىق ھاجىم دەل ئاشۇ ئۆزىگە ھەممىنى بىلدۈرگۈچىنىڭ، ھاياتنىڭ تۇنجى دەملىرىدىكى غەمخان پاسىبانىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپتۇ. بىردەملىك نەزىر ئېشى، بىردەملىك قۇرساق غېمى ئۈچۈن يۇنۇس غوجامنىڭ بەختىيار ئائىلىسىگە مامات چىللاپتۇ...!

    ئىنسان شۇنداق بولىدۇ. نى-نى ئىز-قەدەملەرنى بىلمەي ئېلىپ قويىدۇ. قەدەم ئىزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئەگرى بولغىنىنى بىلگىنىدە كۆپ ئەپسۇس چېكىدۇ. بەزىدە بىردەملىك خاتا قەدىمىنىڭ ئەگرى ئىزلىرىنى ئۆمۈر بويى تىرىشىپمۇ تۈزلىيەلمەيدۇ.

    خالىق ھاجىممۇ شۇنداق بولدى. ئۆزىنىڭ بالىلىقتا قىلىپ قويغان ئاشۇ ساراڭلارچە ئارزۇسىنىڭ پۇشايمىنىنى يەتكۈچە تارتتى. بەزىدە ئۇ بۇ ساراڭلىغىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى، ئۇ بىر كەچمىشىنى چۈشىگە چىقارماقچىمۇ بولدى. بېشىنى سىلكىپ، پەشلىرىنى قېقىپمۇ باقتى. مۇمكىن بولمىدى. ئاخىرى ئۇ ۋەتەنگە قايتماقچى، يۇرتقا بارماقچى بولدى. ئوي مەھەللىنى يوقلىغىسى، چوڭ تېرەكلىك، كۆك دەرۋازىلىق ھويلىنى كۆرگىسى كەلدى. يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنى ئىزدەپ تاپقۇسى، ئاياغلىرىغا يۈكۈنۈپ، تىزلىرىنى قۇچاغلىغۇسى كەلدى. ئۆزرىسىنى قۇبۇل كۆرگىچە، گۇناھىدىن ئۆتكىچە خىزمىتىدە بولغۇسى كەلدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇ ئەمدى يات بىر ئەلدە ئىدى. ئۆز ئېلى، ئۆز دىيارىغا قايتالمايتتى.

    ــ يول تاقىلىپتۇ،ــ دېدى مىسپىلدىكىلەر، يۇرت پەتىھ بوپتۇ. شە قولدىن كېتىپتۇ. ئەمدى قايتالمىغۇدەكمىز.

    ئۇ گەپلەر بولۇنغاندا خالىق ھاجىم تېخى ئابدۇخالىق ئىدى. پەتىھنىڭ نېمىلىكىنى، شەنىڭ قولدىن قانداق كەتكىنىنى، يولنىڭ قانداقلارچە تاقىلىپ قالغىنىنى تېخى تولۇقى بىلەن ئۇقمايتتى. ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە مۇنۇ زۇۋانداشلىرىنىڭ ئەمدى بۇ يات ئەلگە كەلگىندى بولۇپ قالغىنىنى غۇۋاھ ھېس قىلاتتى.

    شۇندىن باشلاپ ئابدۇخالىق مىسپىلغا پات-پات كېلىپ تۇرىدىغان بولدى. يۇرت-ۋەتەن ھەققىدە، يولنىڭ ئېچىلىشىدىن ئۈمىد بار-يوقلىقى ھەققىدە مۇشۇ يەردىن ئازراق بولسىمۇ گەپ ئۇققىلى بولاتتى.

    ــ يەر-چارۋىلارنى مۇسادىرە قىپتۇ،ــ دېيىشتى مىسپىلدىكىلەر،ــ جوندەكلەرگە بۆلۈپ بېرىشىپتۇ.

    ــ ئەمدى يىللىقچى، يالاڭتۆشلەر يۇرت بېشى بوپتۇ،ــ دېدى مىسپىلدىكىلەر،ــ بايلارنىڭ ھەممىسى «جازانىخور» دەپ ئېتىلىپتۇ..

    ــ جازانىخور دېگەن قانداق بولىدۇ؟ــ سۆز قاتتى ئابدۇخالىق.

    ــ ساڭا گەپ قىستۇرۇشنى كىم قويدى؟ــ گۆلەيدى مىسپىلدىكىلەر،ــ جازانىخور دېگەن ھېلىقى... ھېلىقى يۇنۇس قاراپاچاقتەك ئەسكىلەر بولىدۇ.

    توغرا، «قارا پاچاق» يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئاتا مىراس لەقىمى، بۇنى ئابدۇخالىق كېيىنرەك بىلگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ بىلەلمىگىنى يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ قانداقلارچە «ئەسكى» ئادەم بولۇپ قالغىنى ئىدى.

    شۇ گەپلەردىن كېيىن ئابدۇخالىق خېلى بىر كەمگىچە مىسپىل تەرەپكە ئاياغ باسمىدى. تايىفنىڭ يولى بويىدا، ئۆزى «ئۇنتۇلۇپ» قېلىنغان ئاشۇ تاقىر دۆڭلەر ئارىسىدا «قېقىندى- سوقۇندى» بولدى. كۆرەڭ ئەرەبلەرنىڭ ئاشقان-تاشلىغانلىرىنى يەپ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدى. بۇرۇتى قىياق كۆرسەتتى. مەيدە-تۆشلىرى قاتتى. بىلەكلىرى بۇلجۇڭلىدى. ئۇنىڭ بىرەر ئىش قىلغۇسى كەلدى. نىمە قىلىشنى بىلەلمىدى. بىكارچىلىقتىن زېرىكتى. شۇ زېرىكىش ئىچىدە ئۇ دۆڭلۈكلەر ئارىسىدىكى كەڭرەك بىر جايدا تاش يىغدى. يىغقان تاشلىرى بىلەن سوقما ياسىدى. خېلىلا كەڭ بىر سەينانى ئاھادى-پاسىل ئىچىگە ئالدى. پاسىلنىڭ بىر بۈرجىكىگە پاكارغىنە كەپە ياسىۋالدى.

    ــ بۇ يەر سېنىڭمۇ؟ــ سورىدى بىر كۈنى ئالا كالتەكلەرنى كۆتۈرۈشۈۋالغان، قالپاق كىيىپ دۇربۇن ئاسقان بىر توپ كىشى كېلىشىپ.

    ئابدۇخالىق ئەندىكتى. جاۋاب بېرەلمىدى. نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ ئۇقالمىدى.

    ــ بىز ئۆتكۈزۈۋالدۇق،ــ دېيىشتى كەلگەنلەر،ــ بۇ جايغا قۇرۇلۇش چۈشىدۇ. ماۋۇ ئىسپاتنى ئېلىپ بېرىپ، يەر پۇلۇڭنى ئېلىۋال!

    شۇندىن كېيىن ئابدۇخالىق باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندى. ئاۋازى بومشىدى. باشقىلارنى ئىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى. تايىفتىن قورۇ-جاي سېتىۋالدى. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدى. مىسپىللىقلار ئەمدى ئۇنىڭغا گۆلىيەلمەيدىغان بولدى. گۆلىيىش-ئالىيىشنىڭ ئورنىغا «خوش خالىق ھاجىم....» دېيىشىپ قول باغلاپ تۇرىدىغان بولدى. مىسپىلغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندەپمۇ باقتى. لېكىن تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز. خالىق ھاجىم شۇندىن باشلاپ تايىفلىق كاتتا بايغا ئايلاندى. مىسپىل بىلەن تايىف ئارلىقىدا يۈرۈشۈپ تۇردى.

    ــ ۋەتەنمۇ جىددە* شەھرىدە كونسۇلخانا قۇرۇپتۇ،ــ دېيىشتى مىسپىلدىكىلەر ھېلىقى يىلى،ــ ئەمدى يول ئېچىلارمىش...

    خالىق ھاجىم شۇ كۈنىلا « كالا بېشى» ماركىلىق ماشىنىسىنى جىددە يۇلىغا بۇرىدى. بەيگە ئاپتۇمبىلى ھەيدىگەندەكلا چاپتۇرۇپ، بىر پەستىلا مەنزىلگە يەتتى.

    خالىق ھاجىمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى. كۆز جىيەكلىرى قىزاردى. لەۋلىرى ئۆمچەيدى. چۈنكى، كۆز ئالدىدا ــ ئىككى قەۋەتلىك ئاددىيغىنا بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئۆزى تۇنجى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ مېھرى ئىسسىق بىلىنگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ساڭگىلاپ تۇراتتى.

    ــ نوپۇس ئىسپاتلىرىڭىزنى، ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئېلىپ كېلىڭ،ــ دېدى كونسۇلخانىدىكى چىرايلىق بۇرۇت قويۇۋالغان يىگىت ئېنىق ئەرەپ تىلىدا،ــ بىز ۋەتەنگە بېرىپ تۇغقان يوقلىشىڭىزغا ۋىزا بىجىرىپ بېرىمىز.

    ئاھ ۋەتەن، ئاھ ئۈمىد! خالىق ھاجىنىڭ يۈرىگى دۈپۈرلىدى. كۆكرەك قەپىزىگە توختاۋسىز تېپىچەكلىدى. كۆز ئالدىغا ھېلىغىچە غۇۋا ئېسىدە قالغان دوڭ ۋەخپە كەلدى. ئارقىدىن ئوي مەھەللە، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ تېرەكلىك ھويلىسى كەلدى. شۇ تاپتىكى خالىق ھاجىمنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن، زارىقىپ ئىنتىزار بولغان يۇرت-ماكان ئاشۇ ئىككى مەھەللە ۋە ئاشۇ بىر ھويلا بولۇپ گەۋدىلىنەتتى.

    بىردەملىك ھاياجان بېسىقتى. بىر پەسلىك زىلزىلە ئۆتۈپ كەتتى. خالىق ھاجىمنىڭ يۈرىگى يەنە ئۆز رېتىمىنى تاپتى. ئەمدى ئۇنى غەم باستى. بايىلا ھاياجاندىن تېپچەكلىگەن يۈرىگى بىر پەستىلا ئىزتىراپتىن تىترىدى. سەۋەبى ئۇنىڭ نوپۇسى يوق ئىدى. ئۇ ھېلىھەم «قارا نوپۇس مۇھاجىر» ئىدى. نوپۇس-ئىسپاتلىرىنىغۇ يولىنى ماڭسا ھەل قىلار، ئاۋۇ ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇققانلىرىڭىزدىن تەكلىپ ئەكىلىڭ، دېگىنىگە قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ قايسىبىر ئۇرۇغى، قايسىبىر تۇغقىنى ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ؟

    شۇ كۈندىن باشلاپ خالىق ھاجىم تايىف بىلەن جىددە ئارلىقىدا مۇكىدەك قاتنىدى. كىملەرگىدۇر يېلىندى. كىملەرگىدۇر تىزلاندى. كىملەرنىڭدۇر ئىڭەكلىرىنى سىلاپ، كىملەرنىڭدۇر بوينىغا گىرە سالدى.

    ــ بولمايدۇ،ــ دېيىشتى ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ،ــ بۇ دېگەن بەلگۈلىمە.

    كۈلۈپ تۇرغىنى بىلەن باغرى تاش، ھىجىيىپ تۇرغىنى بىلەن يېرىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەل ئاشۇ « بەلگۈلىمە» خالىق ھاجىمنى ھاسىراتتى. بېلىنى ئەگدى. تىزلىرىنى سىرقىراتتى. ئاخىرى ئۇ تايىفتىكى ياسىداق خانىسىدا ئۆزىنى كۆرپىگە تاشلىدى. بايىلا ئەكەلدۈرگەن چىلىمنىڭ سەيخانىسىغا توشقۇزۇپ گۈل باستى. قۇرۇتۇلغان گۈل ئۈستىگە چاقماق كۆمۈر قويدى. كۆمۈرنى چوغلاپ، چىلىمنى كۈچەپ شورىدى. قىزىل گۈلنىڭ سۈزۈك ئىسىنى ئاۋۋال ئۆپكىسىگە لىقلاپ توشقۇزۇپ، ئارقىدىن سوزۇپ پۈۋلىدى.

    ئۆي ئىچىنى مېزىلىك گۈل ھىدى ۋە كۆكۈش تۇمان قاپلىدى. لەيلەۋاتقان ئۇ تۇمانلار ئارىسىدا يەنىلا شۇ جاي، يەنىلا شۇ سىيماھ كۆرۈندى. ئىغاڭلاۋاتقان چوڭ تېرەكلەرنىڭ نوتا- يۇپۇرماقلىرى، زەر پۇتىنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇۋالغان يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ قوللىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، ئۆز ئارا سىڭىشىپ، توختىماي پۇلاڭلايتتى. ئۇ نوتا، ئۇ قوللار خالىق ھاجىمنى توختىماي چاقىراتتى.

    كۈمۈش پەتنۇستا چاي ئېلىپ كىرگەن زۆھرە بۈۋى دېمىق گۈل ئىسىدىن تۇرۇقۇپ كەتتى. كۆيۈسىدە ھېچقاچان يۈز بېرىپ باقمىغان بۇ ھالنى كۆرۈپ تەئەججۈپ ئىچىدە دېدى:

    ــ خۇمار بولۇپ قالىلا، چەكمىسىلە بوپتىكەن.

    خالىق ھاجىم ئۈندىمىدى. ئۇ چەكتى، چەككەندىمۇ ساپمۇ ساق ئۈچ كۈن چەكتى. ئاخىرى بىر قارارغا كەلگەن پىلانچىدەك چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ھاممامغا كىرىپ بويىنى سۇغا سالدى. ئىككى رەكەت شۈكرى نامىزى ئوقۇدى. ئارقىدىن ئېسىل ياسىنىپ سىرتقا ماڭدى.

    ــ نەگە بارىلىكىن؟ــ تارتىنىپ سورىدى زۆھرە بۈۋى.

    ــ مەدىنىگە، مەخسۇم ھاجىمدىن بىر ئىشنى ئۇقۇشقىلى.

    ــ يول بەرسىلە ھاجىكا،ــ يۈكۈندى خالىق ھاجىم،ــ يۇرتتىكى چېغىمدا ئاشۇ نارىسىدە بالىلىقىمدا بىرسىگە ئۆمۈرلۈك قەرىز بولۇپ قالغانىدىم. قايتۇرۇشقا ھېچ ئىمكان تاپالمىدىم. قانداق قىلسام ئۇ قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك ئازابتىن خالاس تاپارمەن؟

    ــ ۋەخپە قىلىڭ،ــ دېدى مەخسۇم،ــ ساۋاب يولىنى كۆپرەك ياقىلاڭ. مىسالەن...

    خالىق ھاجىم تايىفقا قايتقىنىدا خېلىلا يەڭگىللەپ قالغانىدى. گەرچە ئۇ يۇنۇس بايۋەتچە ھەققىدىكى سىر-بايانلىرىنى يۇشۇرغان بولسىمۇ، جىسمىنى پۈككەن، قەلبىنى چەگكەن بار ئازابىنى تولۇق بايان قىلالمىغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا كۆڭلى ئازراق يۇرىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ قىلغان ھەر بىر ئىشىنى، ئالغان ھەر بىر قەدىمىنى يۇنۇس بايۋەتچىگە ئاتىدى. ئوقۇغان ناماز، قىلغان دۇئالىرىغا يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ نامىنى شېرىك ئەتتى. كەبە تېشىنى ئايلانغاندىمۇ، سەفا بىلەن مەرۋە ئارلىقىدا يۈگۈرگەندىمۇ، مىنا تېغىدا تۈنۈگەندىمۇ، چوڭ-كىچىك شەيتانلارغا تاش ئاتقاندىمۇ يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ نامىنى زېكىر قىلدى. مىسپىلدا رابات سالدۇردى. ئاجىز، مىسكىنلەرنى ھەقسىز قوندۇردى. سۇ توشۇيدىغان چوڭ-چوڭ ئاپتۇموبىلدىن ئۈچنى سېتىۋالدى. يىراق-يىراقلارغا ھەقسىز سۇ يەتكۈزدى. جىددە يولى بويىغا خورمىلىق باغ بىنا قىلدۇردى. ھەر قېتىملىق ھەج مەۋسۇمىدا قىزىرىپ پىشقان خورمىلىرى بىلەن سانسىز روزىدارلارنى ئىپتارلاتتى. شۇلارنىڭ ھەممىسىگە يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ نامىنى چىن ئىخلاسى بىلەن قېتىپ چىقتى. گەرچە ئاۋازلىق دېيەلمىگەن، ئۈن قويۇپ ئېيتالمىغان بولسىمۇ كۆڭلىدە يادلىدى. كۆڭلىدە ئاشۇ ساۋابلىقنىڭ ھەممىسىنى تولۇغى بىلەن يۇنۇس بايۋەتچىگە ئاتىدى.

    بىر كۈنى خالىق ھاجىمنىڭ ئۆيىدىكى قايماق رەڭلىك تېلېفۇن مەزگىلسىز جىرىڭلىدى.

    ــ خالوۋ....؟

    ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە...

    ــ ئاۋازلىرىدىن تونۇۋالدىم ھاجىكا، ئالتۇن بويلىرى ئامانمىكىن؟ قانداق كۆرسەتمىلىرى باركىن؟

    ــ ۋەتەندىن ھاجىلار ئۆمىكى كەپتۇ،ــ ئەمدى مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقىۋاتاتتى،ــ بۈگۈن مەدىنىدىن قايتتى. ئارىسىدا خوتەندىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن. تېخى ئېيسا ھاجىم ئاتلىق بىرسى سىزنىڭ سامپۇللىقىڭىز ئىكەن...

    خالىق ھاجىمنىڭ قولى تىترىدى. قولىلا ئەمەس، پۈتۈن تىنى تىترىدى. تىترەك ئاۋۋال قولىدىن باشلانغان ئىدى. بىر پەستىلا يۈرىكىگە ئۆتتى.

    ــ مە...مەككىگە قايتتى دېسىلە؟ قايەرگە چۈشكۈن قىلاركىن ھە؟

    ــ خوتەن رابات*قا چۈشىدىكەن.

    خالىق ھاجىمنىڭ تۇرۇپكا تۇتقان قولى بوشاپ كەتتى. تۇرۇپكا سىمىدىلا پۇلاڭلاپ قالدى. خالىق ھاجىم چاقماق نەقىشلىك باش ياغلىقىنى ئۇنتۇدى. قارا چەمبىرىكىنىمۇ ئۇنتۇدى. مەسىلىك پۇتىغا ئاياغ كىيىشنىمۇ ئېسىدىن چىقاردى، ماشىنىسىنى گۈرۈلدىتىپ ھەيدىگىنىچە ھەرەمنڭ كەڭ سەيناسىغا كېلىپ توختىدى. خوتەن رابات مۇشۇ يەردە ئىدى.

    4

    ئايرۇپىلان قويۇق توپا-چاڭلارنى يېرىپ ئۆتۈپ پەسلەشكە باشلىغاندا ئالدىنقى ئازادە رەتتە ئولتۇرغان خالىق ھاجىم ئايرۇپلان دەرىزىسىگە چاپلىشىپلا قالغانىدى. چاقماق نەقىشلىك باش ياغلىقىدەك سالا ئېتىزلار، تومۇرلاردەك گىرەلىشىپ ئېقىۋاتقان زىلال سۇلۇق دەريا-ئۆستەڭلەر خالىق ھاجىمنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناتتى. تاقىر سايلارنىڭ قورشاۋىدا ياشناپ كۆكەرگەن ياپيېشىل بوستانلىقلار ئۇنىڭغا دۆڭۋەخپە، ئوي مەھەللىلەرنىڭ ھىدىنى پۇراتتى. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى. ئىككى بېلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرغان ئوغۇللىرى ئاپپاق يىپەك قولياغلىقلىرى بىلەن دادىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.

    خالىق ھاجىم ئايرۇپىلان شوتىسىدىن ئوڭ پۇتىنى ئالدى. ئارقىدىن سول پۇتىنىمۇ ئالدى. ئىككى پۇتى ئانا زېمىنگە تەگكەن شۇ دەقىقىدە ئۇ موككىدە يۈكۈندى. تەر ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغان مەڭزىنى تۇپراققا ياقتى. ئاق بىلەن قارا تەڭ گىرەلەشكەن ساقال-بۇرۇتلىرى لاي بولدى. بالىلار يۈلەشتۈردى. ھاجىم تېرەجىدى. لېكىن ئۆرە بولمىدى. ئوغۇللار ئەندىكتى. كەينىدىن ئىز بېسىپ چۈشۈۋاتقان يولۇچىلار بۇ ھالدىن مەڭدىدى. كۈتكۈچىلەر نەلەردىندۇر ھارۋا ئېلىپ كەلدى. بوۋاينى ھارۋىغا چىقارماقچى، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئېلىپ مېڭىشماقچى بولۇشتى.

    ــ ياق...! ــ دېدى خالىق ھاجىم ئېسەدەپ تۇرۇپ،ــ مېنى بىرەم پۇرىغىلى قويۇڭلار.

    خالىق ھاجىم سىلكىنەتتى. كۆزلىرى گويا جۈپ بولاقتەك توختىماي ياش تۆكەتتى. تىلى قۇرۇپ، پۇت-قوللىرى توختاۋسىز تىترەيتتى. بۇ ھال ئۇزۇنغىچە داۋام قىلدى. قوش قاناتلىق ئەينەك ئىشىكلەردىن ئۆتكەندىمۇ، كەڭ سەيناغا پۇت قويۇپ، سالامغا چىققان ئەيسا ھاجىم بىلەن قۇچاقلىشىپ مەڭز يېقىشقاندىمۇ داۋام قىلدى. ئەيسا ھاجىمنىڭ چوتكىدەك بۇرۇت قويۇۋالغان ئوغلى سومكا- يەشىكلەرنى ماشىنىغا باسقاندىمۇ، خالىق ھاجىمنى قولتۇغىدىن يۈلەپ ماشىنىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندۇقىغا چىقارغىنىدىمۇ پەسلىمىدى.

    ئەيسا ھاجىمنىڭ ھويلىسى سالامغا كەلگەنلەر بىلەن تولدى. كەلگەنلەر ئارىسىدا چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ بار ئىدى. ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار ئىدى. ھەممىسى خالىق ھاجىم بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىغا يەر تېگىدىن زەڭ قوياتتى. ئۇلاردىن نېمىلەرنىدۇر سورىغىسى، نېمىلەرنىدۇر بىلگۈسى كېلەتتى. ئەتراپقا نەزەر سالاتتى. ئىشىك تەرەپكە تەلمۈرەتتى.

    ــ ئەيسا ھاجىمنىڭ ئۆيىگە بىر چەتئەللىك ئىككى خوتۇنىنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

    ــ چەتئەللىك بولغىنى بىلەن بىزنىڭ زۇۋاندا گەپ قىلىدىكەن.

    ــ چەتئەللىك ئەمەسكەن ئۇ، بىزنىڭ مۇشۇ سامپۇلدىن بالىلىقىدا ھەرەمگە چىقىپ كېتىپتىكەن.

    خېلى كۈنلەردىن بۇيان مەھەللىدە سەلدەك يامرىغان ئاشۇ خىل پاراڭ بۈگۈن راستقا چىققانىدى. لېكىن ھەممىدىن بەك گېپى بولغان ئىككى «خوتۇن» كۆرۈنمەيتتى. ئۇ خوتۇنلار نېمىشقىدۇر ماۋۇ مەڭزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان يىگىتلەرگە ئالمىشىپ قېلىشقانىدى.

    خالىق ھاجىممۇ يىغىلغانلارغا تەپسىلى زەڭ قويدى. ئىدىتلاپ قاراپ چىقتى. كىمدۇر بىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك، ئىزدەۋاتقان ئۇ كىشىسى ھېچبىر تېپىلمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقانلار، ئارقا رەتتە ئۆرە تۇرۇشقانلارنىڭ ھەممىسى تونۇشتەكلا قىلاتتى. چوڭلارلا ئەمەس، ئاۋۇ ئۈژمە شېخىغا قونۇۋالغان، تال بارىڭىغا چىقىۋالغان بالىلارمۇ خالىق ھاجىمغا قاچاندۇر دىدارلاشقان، سىر-مۇڭ چېكىشكەن دىلكەش-قېرىنداشلىرىدەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى. لېكىن خالىق ھاجىم بىرىنىمۇ تونۇيالمىدى. بىرىنىمۇ ئېسىگە ئالالمىدى. بىر ئۆمۈر كۆز ئالدىدىن نېرى بولمىغان ھېلىقى تونۇش سىيما ماۋۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى. شۇندىمۇ ئىزدەپ باقتى. شۇندىمۇ تەپسىلىي زەڭ قويۇپ باقتى. گەرچە خالىق ھاجىم ئۆزى زارىقىپ ئىزدەۋاتقان ئۇ كىشىنىڭ ــ زەر پۇتا باغلاپ، سۆسەر تۇماق كىيىپ يۈرىدىغان يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ ئۆزى تېخى ئابدۇخالىق چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكىنىنى، نەزىر ئېشىغا تويۇپ كېكىرگىنىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، نېمىشقىدۇر يەنە ئىزدەپ باققۇسى، يۇنۇس بايۋەتچىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان بىرەرىنى بولسىمۇ تېپىۋالغۇسى بار ئىدى.

    ــ كەلگەنلەر ئارىسىدا يۇنۇس غوجامنىڭ بالا-ئۇششاقلىرى يوقمۇ؟ــ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى خالىق ھاجىم راسلانغان ئورۇن-كۆرپىگە يېنى بولغاچ.

    ئەيسا ھاجىم چوڭ كۆزلىرىنى مىتىلداتتى. خالىق ھاجىمنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى دەماللىققا ئېسىگە ئالالمىدى.

    ــ قايسى يۇنۇس غوجىنى دەۋاتىدىلا ھاجىم؟

    خالىق ھاجىم ئەمدى ئۈندىمىدى. ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى. ئەيسا ھاجىممۇ سەپەر ھاردۇقى يەتكەن زاماندىشىنى ئارتۇقچە مالال قىلىشتىن كۆرە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ياتاق ئۆيدىن ئاستا چىقىپ كەتتى.

    كائىنات ئۇيقۇغا چۆمدى. نېرىقى ئۆيدە خالىق ھاجىمنىڭ ئىككى ئوغلىغا دىلخالىق قىلىۋاتقان ئەيسا ھاجىمنىڭ شاپ بۇرۇت ئوغلىمۇ ۋاتىلداشتىن توختىدى. نەلەردىندۇر ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى ئاڭلاندى. يىراق بىر جايدىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى، خورازلارنىڭ سوزۇپ چىللىغىنى ئاڭلاندى.

    ــ نىمە دېگەن تونۇش، نېمە دېگەن يېقىملىق ئاۋاز بۇ؟

    خالىق ھاجىم ئوڭغا ئۆرۈلدى. سولغىمۇ ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇدىن يىراق ئىدى. كۆزلىرىنى دەھلىزدىن چۈشۈپ، نازۇك پەردىلەردىن تېشىپ ئۆتكەن ئاي نۇرىغا تىككىنىچە ئويغا پاتتى. بىر كەمدە خالىق ھاجىم ھاڭۋېقىپلا قالدى. چۈنكى ئۇ بىر نەرسىنى كۆرگەنىدى. ئاي نۇرىدا، ئۇدۇل ئۆزى ئۈستىدىكى يېپىنچىغىلا چۈشكەن ئاي شولىسىدا سانسىز دانچىلار توختىماي چىمىرلىشىپ، قوغلىشىپ يۈرەتتى. خالىق ھاجىم ئۆرە بولدى. بېلىنىڭ ئۈستىنى يوتقاندىن چىقىرىپ، ئاشۇ ئۇششاقلارغا زەڭ قويدى. زەڭ قويغاندىمۇ ھەممە ئېسىنى يىغىپ، تىنمۇ ئالماي زەڭ قويدى. زەڭ قويغانسېرى گويا ئۆزىمۇ ئاشۇ تەگسىز زەررىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندەك، ئۆزى ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈن ئەشۇ زەررىلەردەك تۈمەنمىڭ سىر ـ ھېكمەت ئۇششاقلىرىغا تۇشۇپ كەتكەندەك بىر ھېسسىياتتا سەزدى. توغرا، ئۇ ئۇششاق، ئۇ زەررىلەرنى خالىق ھاجىم بالا ۋاختىدا، تېخى ئابدۇخالىق چېغىدا بىر نۇرى كۆرگەن، بىر نۇرىلا ئەمەس، خېلى ئاخشام كۆرگەن. ئۇ چاغدىكى ئاي نۇرى كۇلۇڭغا چۈشەتتى. ھازىر بولسا يېپىنچىسىغا چۈشىۋاتىدۇ. قارىغاندا بۇ ئۇششاقلار  ۋەتەننىڭ ئاي نۇرىدىلا، يۇرۇت ـ ماكاننىڭ ئاي شۇلىسىدىلا بار ئوخشايدۇ. قارىغاندا بۇ دانچىلارمۇ خالىق ھاجىمنى يەتكۈچە سېغىنغان، ئۇنىڭ كەلگىنىنى بىلگەن ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن، باشقا ياققا كېتىپ قالماي جىمجىت دەھلىزدىن ئۇدۇللا خالىق ھاجىمنىڭ باغرىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ،

    خالىق ھاجىمنىڭ پەر ياستۇقى نەملەندى، پەر ياستۇغىلا ئەمەس، ئاپپاق ئۇزۇن كۆينىكىنىڭ ياقا- پەشلىرىمۇ نەملەندى. بۇ كىچە، خالىق ھاجىم تاڭغا يېقىن نەلەرگىدۇر مۆكۈشكەن  ئۇششاق زەررىلەر بىلەن مۇڭدۇشۇپ چىققان بۇ كىچە ئاخىرى يۇرىدى.

    ـــ ئوي مەھەللىگە ئاپارسىلا،ــ دىدى خالىق ھاجىم بامداتتىن كېيىنلا، ــ شۇ يەرنى بىر كۆرۈپ كىلەيلى.

    ـــ دۆڭ ۋەخپە دېسىلە،ــ تۈزەتتى ئەيسا ھاجىم،

    ئەيسا ھاجىم خالىق ھاجىمنى  دۆڭ ۋەخپىلىك دەپ بىلەتتى.چۈنكى، خالىق ھاجىم ئۆزى شۇنداق دەپ بەرگەن، خۇتەن راباتتىكى ئۇچرىشىشتا ئۆزىنى شۇنداق تۇنۇشتۇرغان، ئوي مەھەللە ھەققىدە بىرەر قېتىممۇ ئېغىز يىرىپ باقمىغان. تايىفتىكى سىر چىكىشكەن ئاخشامدىمۇ، مىسپىلدىكى ئۇخلىماي چىققان كىچىدىمۇ  ئوي مەھەللىنى  ئېغىزغا ئالمىغان.

    ـــ ياق، ئوي مەھەللە، مېنى شۇ يەرگە باشلاپ بارسىلا. ھېلىقى تېرەكلىك چوڭ ھويلىنى، يۇنۇس غۇجامنىڭ مەھەللىسىنى بىلىدىغانلا؟

    ـــ خوش، بىلىمەن ھاجىم، ئاخشام دېگەنلىرىمۇ ئاشۇ يۇنۇسئاخۇن قارا پاچاق ئىكەندە ئەسلى؟

    ـــ ھەئە، شۇ كىشى ئىدى.

    ـــ ئۇ كىشى ئۆلكە ئازات بولۇشتىن ئىلگىرىلا تۈگەپ كەتكەن، ھاجىم.

    ـــ بىلىمەن،ـ دىدى خالىق ھاجىم ناۋاترەڭ كەمزۇلىنى كەيگەچ،ــ  مېنى شۇ كىشى ياشاپ ئۆتكەن تېرەكلىك ھويلىغا باشلاپ بارسىلا بولدى.

    ـــ ئۇ ھويلا يوق،ــ دىدى ئەيسا ھاجىم ئىرەنسىزلا.

    خالىق ھاجىمنىڭ بېشىدا چاقماق چېقىلدى، چوڭ قوي كۆزلىرى كېرىلدى، چار ساقىلى سىلكىندى، ئاۋازىمۇ ئاشۇ ساقىلىدەك تىترىدى.

    ــ يوق؟ نىمە قىلىشتى ئۇنى؟

    ــ ئۇ بىر ھويلىنىلا ئەمەس، ھەممە ھويلىلارنى، ھەممە ئۆيلەرنى باشقىدىن سالدۇق ھاجىم،ــ دادىسىنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بەردى شاپبۇرۇت ئوغۇل.

    خالىق ھاجىم جىمىپ قالدى. دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. كەمزۇلىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىۋاتقان قوللىرى تىتىرەپ ھېچ قۇلاشمىدى. دادىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئوغۇللار جىددىلەشتى، ئوپۇر- توپۇر بۇلۇشۇپ تۈگمىلەرنى ئەتتى، پۇتىسىنى باغلاپ قويدى.

    ــ مەيلى،ـ دىدى خېلىدىن كېيىن خالىق ھاجىم، ــ بېرىۋېرەيلى، ئىزىنى بولسىمۇ كۆرۈپ كېلىمەن.

    خالىق ھاجىم ماشىنىغا چىققىلى ئۇنىمىدى. « پىيادە بارىمەن» دەپ تۇرىۋالدى. ئەيسا ھاجىم بىلەن ئوغلى يول باشلىدى، خالىق ھاجىم بىلەن ئوغۇللىرى ئەگەشتى.

    ـــ مۇشۇ يەر شۇ،ـــ  دېدى ئەيسا ھاجىم كەڭ كەتكەن ئېتىزنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىلا توختاپ،ـــ يۇنۇس ئاخۇن قارا پاچاقنىڭ ئايۋان-سارايلىرىنىڭ ئورنى مۇشۇ.

    ــ ئېنىقمۇ؟

    ـــ خوش، ئېنىق ھاجىم، مەن تۇغۇلما مۇشۇ ئوي مەھەللىلىك تۇرسام، بىلمەي قالارمەنمۇ؟

    خالىق ھاجىم ئاۋۋال زوڭزايدى، ئارقىدىن تىزلاندى، ئاخىرىدا كۆكسىنى نەم تۇپراققا ياقتى. بىرپەستىن كېيىن ئۇنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنىنى ئاۋۇلارنىڭ ھەممىسى ھېس قىلىشتى. بالىلار ئەندىكتى.

    ــ قوپسىلا دادا، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا.

    ــ يېتىڭلار! ــ خالىق ھاجىم كاماندا بەرگەن قومانداندەك بۇيرۇق قىلدى،ــ سىلەرمۇ يېتىڭلار، مۇشۇ يەرگە، مۇشۇ سۇپا ئورنىغا يۈكۈنۈڭلار.

    بالىلار نىمە بولغىنىنى بىلەلمىدى. ئۆزلىرىنى بىرەر قېتىممۇ تۇپىدا قۇيۇپ باقمىغان كۆيۈمچان دادىسىنىڭ بۈگۈن نېمىشقا بۇنداق بۇيرۇق قىلىدىنىنى بىلەلمىدى. شۇندىمۇ كۆز ئالدىدا يېتىۋاتقىنى دادا ئىدى. ئۆزلىرىگە بۇيرۇق قىلىۋاتقىنى پەدەر ئىدى. ئۇ پەدەر ئۆزىمۇ نەم تۇپىغا باغرىنى يېقىپ، يۈرەك تېڭىپ يېتىۋاتاتتى.

    بالىلارمۇ دۈم بولدى. ئەمدى ئۇلارمۇ يېتىشىتى. بۇ ھالدىن ئەجەپلەنگەن شاپبۇرۇت ئوغۇل « ھەجەپپىي ھاجىمككەنيا ماۋۇ» دەپ غودۇڭشىۋىدى، ئەيسا ھاجىم ئوغلىنى نۇقۇشلىدى.

    ــ بالىلىرىچۇ؟ ـــ يېتىپ تۇرۇپ سورىدى خالىق ھاجىم،ــ بالا ۋاقىلىرىغۇ باردۇ؟

    ــ يۇقسۇ، يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ بالىسى يوق ئىدى.

    ـــ ھېلىقى، ھېلىقى كەكە ساقال غوجىدارىچۇ؟ ئۇنىڭ بالىلىرىچۇ؟

    ـــ ئۇ كىشىنىڭ بار، نەۋرىلىرىدىن بىرنەچچىسى مۇشۇ مەھەللىدە بار. بىراق... ئەمما ئۇلار بىراز نامرات، بېرىپ قالسىلا خۇدۇكسىراپ قالارمىكىن ھا...

    ــ ئۆزىچۇ؟ــ يەر تېگىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز ئەمدى ئەيسا ھاجىمنىمۇ ئەندىكتۈردى.

    ــ ئۆزى...ئۆزى خېلى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ھاجىم.

    ئەمدى خالىق ھاجىم ئۆرە بولدى. بالىلىرىمۇ ئۇرە بولدى. خالىق ھاجىمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ساقاللىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. قىڭراقنىڭ بىسىدەك قاڭشىرىمۇ لاي يۇقى بىلەن بىزەلگەن ئىدى.

    ـــ شۇ كىشىنىڭ نەۋرىلىرىنى، ياق مۇشۇ دوڭ مەھەللە بىلەن ئۇي مەھەللىدىكى  ھەممە نامرات بالىلارنى يىغىپ بەرسىلە، خاپا بولماي ھەممىسىنى يىغىپ بەرسىلە ھاجىم.

    ـــ ئوبدان.

    ـــ نىمە قىلىمىز دادا؟ـ سۇراشتى ئۇغۇللار.

    ـــ يۇنۇس بايۋەتچىنىڭ بالاۋاقىلىرىغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چاچقۇ قىلىمىز. يۇنۇس بايۋەتچىگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغا-سالاملارنى تارقىتىمىز.

     ئۈچ كۈن ئۆتتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاشۇ جايدا ــ خالىق ھاجىمنىڭ كۆز ئۆڭىدا ھېلىمۇ ناھايىتى ئىنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان تېرەكلىك ھويلا ئورنىدا، ئۆزى تويۇپ گوش يىگەن سۇپىنىڭ تەخمىن ئورنىدا كاتتا بىر بايرام بولدى. يېراق-يېقىندىن يىغىلغان تالاي بالىلارغا ئۈستىۋاش تارقىتىلدى، يېڭى ئاياغلار كەيگۈزۈلدى. چاچقۇ چېچېلدى. جىرىڭشىپ تۇرىدىغان، يالتىراپ پاقىرايدىغان تەڭگە- تىللالارنى سىقىمداشقان بالىلار چۇقراشتى، سەكرەپ تاقلاشتى، قىيغىتىشتى، بىر-بىرىنى قوغلاپ چېپىشتى. سەكرەۋاتقان، بىر- بىرىنى قوغلاۋاتقان بالىلارغا قاراپ خالىق ھاجىم كۈلدى. گەرچە قاقاقلاپ كۈلەلمىگەن بولسىمۇ چىرايىغا كۈلكە ياماشتى. كۈلكىدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالدى. يۇمۇلغان كۆزلىرىگە سەكرەپ-تاقلاپ كېتىۋاتقان  ئاۋۇ بالىلار قايتا كۈرۈندى. بالىلار ئارىسىدا ئابدۇخالىقمۇ باردەك قىلاتتى...

    ئەيسا ھاجىمنىڭ بۇرۇتلۇق ئوغلى يەنە غودوڭشىدى،:

    ـــ ھەجەببىي ھاجىمكەنيا ماۋۇ...

        

        مەنبە :   «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2009-يىل 3- سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.