ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-ئىككىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 08:43:37

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمانـــ ھە، تۇغقانلار بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولساڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار! ھازىر ماڭىمىز، ــ دەپ ۋارقىرىغان پاكار، قارامتۇل كەلگەن شوپۇرنىڭ قوپال ئاۋ...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

     ـــ ھە، تۇغقانلار بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولساڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار!  ھازىر ماڭىمىز،  ــ دەپ ۋارقىرىغان پاكار، قارامتۇل كەلگەن  شوپۇرنىڭ قوپال ئاۋازى جۇدالىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيە تىترەپ تۇرغان نىمجان يۈرەكلەرگە بازغاندەك ئۇرۇلدى،  ئۈركىگەن كېيىكنىڭ كۆزلىرىدەك چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىم ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قادالدى، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلار ئاللىبۇرۇن ئېڭەكلىرىمدە  تامچىلارنى ھالسىل قىلىپ تۆكۈلۈشكە باشلىغانىدى .

        ـــ سىز ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز،  يەنە يىغلاۋەرسىڭىز مەن راستىنلا ماڭمايمەن، ــ دېدى ئۇ مەيۈس چىرايى بىلەن، ئەمما يىغلاشقا ئارانلا تۇرغان كىچىك بالىدەك ئۆمچەيگەن  لەۋلىرى ئۇنىڭ ياشلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئېقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .

       . ـــ ماقۇل، ئەتىدىن باشلاپ، سىز كەلگىچە ھەرگىز يىغلىمايمەن

       . ـــ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىشىڭىز كېرەك، كۈلۈپ قالسىڭىز مەن ئەنسىرىمەيمەن

       ... ـــ ماقۇل،........ ماقۇل.......ماقۇل

        ئۇنىڭ دېگەن ھەر بىر گېپىگە «ماقۇل» دەپلا  بېشىمنى لىڭشىتىپ جاۋاب بېرەلىدىم. ئۇ قوللىرى بىلەن ئىككى بىلىكىمدىن قاماللاپ تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ:


        ـــ ماڭا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئۇنۇتماڭ، يىغلىماڭ،  مېنى سېغىنىپ تۇرۇڭ، مەن كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇرىمەن، يەنە ئۇچۇر قىلىپ تۇرىمەن.

       . مەن توختىماي باشلىرىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تۇراتتىم

     


        ـــ ھوي ئۇكاموي! ماڭامسەنيا؟! كەچ بولۇپ كەتتى،  نېمە تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ؟ ئەتە ماڭامسەنيا بولمىسا؟ ــ دەپ ۋارقىرىغان قوپال ئاۋاز بىزنى  ئەسلىمىزگە  قايتۇرۇپ كەلدى، شوپۇر ئاللىبۇرۇن رولغا چىقىپ بولغان بولۇپ ماشىنىنىمۇ ئوت ئالدۇرۇپ بولغان، بىر ئاپتوبۇس يولۇچى ئۇنى ساقلاپلا تۇرغانىدى، بىز خېجىل بولۇپ قالدۇق. فىرقەت جىددىيلىشىپ ئاپتوبۇسقا قاراپ ماڭدى. ئۇ سومكا ئالماي ئۇچىسىدىكى كېيىمى بىلەنلا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، بىر تاقلاپلا ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئورنىغا بېرىپلا ئەينەكنى چۈشۈردى، مەن بايىقى ئورنۇمدىن مىدىرلىماي، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي، يالغان كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇردۇم. ئاپتوبۇس قوزغىلىشى بىلەن تەڭ ئىچىمدىن بىر نەرسە قومۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەندەك مەيدەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، بىر قولۇم بىلەن مەيدەمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم، ئاغرىقتىن يەڭگىل تۈرۈلگەن چىرايىمنى دەرھال تەبەسسۇمغا ئۆزگەرتىپ تەستە ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئەنسىزچىلىكتە چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپلا  قالغانىدى. مەن قوللىرىمنى يەڭگىل سىلكىپ،  ھېچ ئىش  بولمىغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم. ئاپتوبوس بارغانچە سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئېغاڭلىغان پېتى  بېكەتتىن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك  سىرتتا، قوللىرىدا ئاللىنېمىلەرنى  ئىشارە قىلىپ كېتىپ قالدى. ياشقا تولغان كۆزلىرىم،  ئاپتوبۇس قالدۇرۇپ كەتكەن توزاندىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى نەچچە قېتىم مۇشۇ بېكەتتىن ئۇزاتقان ئىدىم، لېكىن بۇنداق ھەسرەتلىنىپ ياش تۆكمىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، نېمىشقا بۇنچە ياش تۆكۈپ ئۇزىتىپ قويىدىغانلىقىمنىڭ سەۋىبىنى ئۇ ھەرگىز بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت، ئۆزىنىڭ ماڭا دېگەن«بۇ قېتىم قاچان كېلىشىمنى بىلمەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن كېلىشكە ئىمكان بولسىلا ئۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرمايمەن» دېگەن كېلىشى ئېنىقسىز بولغان سەپىرى ئۈچۈن شۇنداق ھەسرەتلەندى دەپ بىلەتتى. ئۇ كەتتى،  مەن قالدىم، مۇھىتى، ئادەملىرى، ھەتتا ھاۋاسىمۇ مەن ئۈچۈن ناتونۇش بولغان بۇ يىراق سەھرادا تومۇزدا قاغجىرىغان يېگانە گۈلدەك شۈمشىيىپ قېپ قالدىم. تۇرۇپلا پۇتۇمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ پۇتۇمغا قارىدىم،  پۇتۇمدا ياتاقتا كىيىپ يۈرىدىغان ساپما كەشىم تۇراتتى ، ئۈستۈمگىمۇ نېپىز مايكامنىڭ ئۈستىگە قارا رەڭلىق تىۋىت پەلتۇيۇمنى كېيىپلا چىقىپتىمەن،  مۇشۇ بىرىنچى ئايدا ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام مۇشۇ ئەپتىم بىلەن سوغۇقتىن ئۈششۈپ قالمىسامما پالەچ بولۇپ قالاتتىم، بەدىنىمگە سەل تىترەك ئولاشقاندەك بولدى، پۇتلىرىمنى سۆرەپ دېگۈدەك مېڭىپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. پۇتلىرىمدا ئازراقمۇ سېزىم قالمىغان ئىدى.  كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەن، توپىدىن غولىنىڭ قايسى دەرەخكە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ پەرق ئەتكىلى  بولمايدىغان تېرەكلەرگە قارىدىم، ئۇلار نۇرغۇن سىرلارنى بىلىدىغاندەك، ماڭا ئېچىنىۋاتقاندەك سۈكۈتتە تۇرۇشاتتى،  كېتىپ بارغان ئادەملەرگە قارىدىم، ئۇلارمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش كېتىۋاتىدۇ، ئۇلار مېنى تونۇپ بولدىمۇ يا بېشىمغا چىرايلىق ياغلىق ئېلىپ چىگىۋالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى قەلبىگە سىغدۇردىمۇ ئىش قىلىپ بۇرۇنقىدەك يامان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىماستىن، غودۇراپ تىللىماستىن ئۆز يوللىرىغا كېتىشىپ باراتتى.  خىيال بىلەن مېڭىپ ياتاققا قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن، كىرگەن پېتى پەلتۇيۇمنىمۇ سالماي كارىۋىتىمغا كېلىپ سوغۇق تامغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.