ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-بىرىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 08:40:33

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمانـــ سۈيۈملۈك زۈبەيدە، مۇقەددەس سۆيگۈمىزنىڭ كۈچى، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ چىنلىقى سىزنى ئانا يۇرتىڭىز ئۈرۈمچىدىن بۇ يىراق سەھراغا باشلاپ كەل...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان
     

     



    ـــ سۈيۈملۈك زۈبەيدە، مۇقەددەس سۆيگۈمىزنىڭ كۈچى، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ چىنلىقى سىزنى ئانا يۇرتىڭىز ئۈرۈمچىدىن بۇ يىراق سەھراغا باشلاپ كەلدى، بۇ تەقدىر، ئىشىنىشىڭىز كېرەك، تەقدىرنىڭ ھۆكمىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. بىراق سىزنى تاشلاپ كېتىۋاتىمەن، كۆزلىرىم كەينىمدە قالدى، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ئانام ياخشى بولۇپ قالغان ھامان يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىمەن، بىز توي قلىمىز،  بۇ قېتىم ئاتا- ئانامنى قايىل قىلىپ، سىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن. بۇ يەردە بىز بەختلىك مۇھەببىتىمىزنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەيمىز.


           بۇ فىرقەتنىڭ ئوت يېنىۋاتقان جىسمىمنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ، ئۆزى ئامراق دولقۇنسىمان چاچلىرىمنى قانماي پۇراپ تۇرۇپ قۇلاقلىرىمغا پىچىرلاپ دەاۋاتقان گەپلىرى ئىدى.


          ـــ ئىشىنىمەن، مۇھەببىتىمىزنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىمەن، تەقدىرنىڭ ھۆكمىگىمۇ ھەم ئىشىنىمەن، بىراق فىرقەت، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتىدۇ، بۇ بەلكىم سىزگە قىيالماستىن بولۇۋاتقان تۇيغۇدۇ.  بۇ خوشلىشىش مىنۇتلىرىمىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.

         ـــ چىرايلىق  ئۈنچىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تاتلىق تىللىرىڭىز نېمىشكە مۇھەببەت قامۇسىمىزدا يوق گەپلەرنى قىلىدىغاندۇ؟  ئەگەر يەنىلا  شۇنداق خاتىرجەم بولالمىسىڭىز مەن بارماي، سىزنى بۇ ھالدا قويۇپ مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولالايمەن؟ بولدى مەن بارماي، مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولاي.

     

        مەن ئۇنىڭ باغرىدىن ئاجراپ چىقىپ ياشلىق كۆزلىرىمنى  ئۇنىڭغا تىكتىم:

        ـــ كېسەل كارۋىتىدا ئۆز باغرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقىنى سىزنىڭ ئانىڭىز،  بارمايمەن دەيسىزغۇ؟! بۇ گەپ ئېغىزىڭىزغا قانداق پاتتى؟  سىزدىن ئۈمىدسىزلەندىم، ـــ دېدىم ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ.

        ـــ ئەمىسە سىز مېنى خاتىرجەم قىلىپ، چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويۇڭ، بايىقىدەك گەپلەرنى ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولماڭ.

        ـــ ماقۇل، ئەمدى ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايمەن، يۈرىكىمنىڭ قورقۇتۇشلىرىغىمۇ ئىشەنمەيمەن.

       . ـــ ماۋۇ گېپىڭىز بولدى، سىز مېنىڭ ، مەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ

        ـــ بولىدۇ سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئانىڭىزغا ياخشى قاراڭ، ئۇنىڭغا ۋاپادارلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ .

    سىرتتا ئىشىك ئالدىدا توختىغان ماشىنىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ بىز بىر بىرىمىزدىن ئاجراپ، كۆزلىرىمىزنى ئىشىككە ئاغدۇردۇق. فىرقەتنىڭ دوستى پەرھات كەلگەن ئىدى. ئۇ ياتاققا كىرمەستىن، ماشىنىسىنىڭ ئەينەكلىرىنى سۈرتكەچ بىزنىڭ چىقىشىمىزنى ساقلاۋاتاتتى.

     

        ـــ ئەمىسە مەن ماڭاي، ۋاقت توشۇپ قاپتۇ، ــ دېدى فىرقەت مېنى ئاخىرقى قېتىم باغرىغا بېسىپ، مەن بىر -  بىرى بىلەن قىستىلىشىپ چىقىپ، ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتكەچ، ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقتىم.  بىزنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەن پەرھات، دەرھال ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، مېڭىشقا تەييارلاندى. بىز ئۇدۇل كېلىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇق. ھېچقايسىمىز گەپ قىلىشماي ئۈن تىنسىز كېتىپ باراتتۇق. پەقەت ماشىنىنىڭ ماڭغاندىكى گۈرۈلدىگەن ئاۋازىلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى .

     


        ـــ خوش ئاغىنە، داداڭ، ئاناڭغا سالام ئېيتقىن، بۇ يېشىككە ئاناڭغا ئازراق دورا ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن سېلىپ قويدۇم، ئاز بولسىمۇ ئۇلارغا ئالغاچ كەتكىن، ــ دېدى پەرھات ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن ئىككى يەشىكنى ئېلىپ فىرقەتكە سۇنۇپ، ـــ سەن ماڭغىچە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم، ئازراق جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى، كېلىدىغان ۋاقتىڭدا خەۋەر قىل، ئۆزۈم ئالغىلى چىقىمەن. خوش ئەمىسە ئاق يول بولسۇن. ــ دېدى يەنە فىرقەتكە قولىنى ئۇزىتىپ. ئۇ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ كەنىدىن بىردەم قاراپ تۇرۇپ، يېشىكلەرنى كۆتۈرۈپ  بېكەت ئىچىگە كىردۇق، بېكەت ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بىرلىرى شوپۇر بىلەن يۈكلىرىنىڭ باھاسىنى كېلىشەلمەي ئاۋارە بولسا، بىرلىرى يولدا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئاپتوبۇس ئەينىكىدىن سۇنۇشۇپ، كۆرگەن كىشىگە بىر خىل جىددىي تۇيغۇ بېرەتتى. بىز ئاپتوبۇسلارنى ئارىلاپ، شەھەرگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. ئاپتوبۇسقا  ئادەم لىقلا تولغان بولۇپ، پەقەت فىرقەتنىلا ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.  فىرقەت يېشىكلەرنى شوپۇرنىڭ ياردېمىدە ئاپتوبۇسنىڭ يان تەرەپتىكى ساندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن،  يېنىمغا كېلىپ توختىدى. مەن ئۇنىڭغا قارىسام ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يەنە يىغلاپ كېتىشىمدىن ئەندىشە قىلىپ يەرگە قارىغىنىمچە تۇرۇۋەردىم .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.