پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئۈمىدى

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-24 17:45:26

پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئۈمىدى(ئەسلىمە)ماخمۇتجان ئىسلامئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۆچمەس تۆھپىلىرى، شۇنداقلا ھەققىي ئادەمگە ۋە ئەدىبكە خاس پەزىلەتلىرى بىلەن خ...



      

    پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئۈمىدى

    (ئەسلىمە)

    ماخمۇتجان ئىسلام

    ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۆچمەس تۆھپىلىرى، شۇنداقلا ھەققىي  ئادەمگە ۋە ئەدىبكە خاس پەزىلەتلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن مۆھتەرەم ئورۇن ئالغان پېشقەدەم شائىرلىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوپ، ئەلقەم ئەختەم، ئەھمەت زىيائىلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. ئەمما، مەن ئۇلار ھايات ۋاقتىدا كۆرۈشكەن چاغلىرىمدا، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى ھېلھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياتى كۈچ ئالىمەن، شۇڭا ئۇلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتىم. بۇ پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە مۇئەييەن تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

    ياشلار قوشقۇنغا ئولتۇرۇۋالىدىغان بولسا بولمايدۇ

    1984-يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا تېيىپجان ئاكا چاقىرتقانلىقى ئۈچۈن، شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىككىمىز تېيىپجان ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. شائىر ئۆيىدە يالغۇز ئىكەن، ھەش-پەش دېگۈچىلا شىرەگە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى تىزىپ، چاي تەييارلاپ، بىزنى تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.

    • بىز ئىككىڭلارنى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئوسمانجاننى "تارىم" ياكى " ئەدەبىي تەرجىمىلەر" گە قويارمىز،- دېدى شائىر ۋە ماڭا قارىدى،- سىزنى يېڭىدىن تەسىس قىلماقچى بولغان "شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى" گە قويماقچىمىز. سىلەرچە مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
    • بۇ بەك بەلەن ئىش ئىكەن. ئەمما بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى سىلىدەك پېشقەدەملەر ئىشلىگەن، بىز ھۆددىسىدىن چىقالارمىزمۇ؟- دېدىم مەن سەل ئىككىلىنىپ.
    • بىزمۇ شۇ چاغلاردا سىلەردەك ياش ئىدۇق. "غەيرەت بولسا ئادەمدە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە" دېگەن گەپ بار. "ھۆددىسىدىن چىقالارمىزمۇ؟" دېگەنمۇ گەپ بولامدۇ؟ سىلەرمۇ بەزىلەردىكى ياشلارغا تازا ئىشەنمەيدىغان، ياشلارنى قولىدىن ئىش كەلمەس ھېسابلايدىغان ئىللەتنى يۇقتۇرۋالغانمۇ-نېمە؟ ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەقدىرى ياشلارغا باغلىق. ئەدەبىيات –بىر ھارۋا، بىز ھارۋىكەش، سىلەر بولساڭلار ئات. ئات تىرەجەپ تۇرۇۋالسا ، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالسا، ھارۋىكەش ھەرقانچە قىلىپمۇ ھارۋىنى ماڭدۇرالمايدۇ، سۆرەپمۇ ئۇزاققا ئېلىپ بارالمايدۇ. دېمەك، ئات شوخ، ئالغا چاپچىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ياشلار تىرەجەپ تۇرۇۋالسا، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالسا، ياشانغانلار ھەدەپ يۆلەپ-تارتىپ يۈرسە بولمايدۇ. سىلەر ئالغا چاپچىپ تۇرساڭلار، پەقەت تاپتىن چىقاي دېگەندە بىز يۈرگەننى ئاز-تولا تارتىپ قويساقلا بولىدۇ...

    ئوسمانجان ئىككىمىز شائىرنىڭ يۇمۇرلۇق ھەم چوڭقۇر مەنىلىك سۆزىدىن ئىختىيارسىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. سۆھبىتىمىز كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە ناھايىتى قىزغىن داۋام قىلدى.

    ئەدىبىي تەنقىدتىن قورقماسلىق كېرەك

    1985-يىلى، تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ " تاللانغان شېئىرلار" ناملىق كىتابىنى ئىشلەۋاتقان كۈنلەر ئىدى. بىر كۈنى تېيىپجان ئاكا توپلامغا تاللانغان شېئىرلار ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن تەھرىر بۆلۈمىگە باردى. شائىر تاللانغان شېئىرلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈۋېتىپ، "ۋۇ شىجاڭنىڭ ئۆلۈمى" دېگەن شېئىرنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىدى-دە:

    -يېقىندا ماخمۇتجان مېنىڭ شېئىرلىرىمدىكى بەدىئي نۇقسانلارنى كۆرسەتكەندە مۇشۇ شېئىردىن مىسال ئالغان. شۇڭا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، مۇشۇ شېئىرنىمۇ توپلامغا كىرگۈزسەك، ئۇ بىر ئەينەك سۈپتىدە ساقلىنىپ قالسا،- دېدى.

    شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدە پاراڭ بولۇپ قالدى.

    -بىز ئەدەبىي تەنقىدكە موھتاج، تەشنا،-دېدى شائىر،- ئۇنىڭدىن قورقۇش بەكمۇ ئورۇنسىز. بۇرۇن مەن تەنقىدتىن قورقاتتىم، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ كۈچلۈك ھامىيسى، ياردەمچىسى، ھەتتا يېتەكچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ياخشى –ياماننى ئايرىپ، نۇقساننى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، ئادەمنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان مەنىۋى قورال ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىمدىن شۇنداق بولغانىدى، ھازىر بۇنى چۈشەندىم. ھەر قانداق ئەدىب ئەدەبىي تەنقىدتىن قورقماسلىقى كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدتىن قورققان ئادەم ئەدىب بولالمايدۇ، ياخشى ئەسەر يازالمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بىزنىڭ موھتاجلىقىمىزغا جاۋاب بەرگەن، تەشنالىقىمىزنى قاندۇرغانىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ قورقۇنچلۇق  ئەمەس، ئۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق. ئۇنىڭغا ھەيران بولۇش بولسا كۈلكىلىك، توغرا ئەدەبىي تەنقىد ئەدىبنى رەسۋا قىلىپ تۈگەشتۈرۋەتمەيدۇ، بەلكى ئالغا باستۇرىدۇ.

    -بىزدە ھازىر ئوبزورچىلار، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى بەك ئاز، يېزىلغان ئوبزورلاردىمۇ ئاجىزلىقلار خېلى كۆپ،- دېدىم مەن سۆز قىستۇرۇپ.

    -توغرا،-دېدى تېيىپجان ئاكا،- مەنىۋى بايلىقىمىزنىڭ كەملىكى، ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، بولۇپمۇ "سول"چىل ئىدىيىۋى لۇشىيەننىڭ تەسىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتورلار ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. ساغلام، ئىلمىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەرەققىىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەممەيلەن تەڭ تىرىشمىساق بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، تەنقىدنىڭ تامامەن توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادىكى مەشھۇر تەنقىدچىلەرمۇ خاتا پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن خالىي بولالمىغانغۇ؟ بىز تەنقىدكە ئەستايىدىل، جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ، تەربىيە ۋە ئىبرەت ئالساقلا كۇپايە.

    ئىتتىپاقلىق بولمىسا ئەدەبىيات گۈللەنمەيدۇ

    مەن 1989-يىل 2-ئايدا-تېيىپجان ئاكا ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىدىم. شائىر كېسىلىنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئەدىبلەرنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقى ئۈستىدە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

    -ئىتتىپاقلاشماي تۇرۇپ بىز مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ، باشقىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشتىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز دېگەندەك روناق تاپالمايۋاتىدۇ،-شائىر خورسىنىش ئىچىدە بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،-ئىناقسىزلىق، مېنىڭچە، مۇنداق بىر نەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ: بىرى، بىزدە يۇرتۋازلىق ئېغىر. قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يار-يۆلەك بولۇشۇپ يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى يارىتىۋاتسا، ئۇنى شەرەپ دەپ بىلىۋاتسا، بىز يۇرتۋازلىق، ئىپتىدائىي قەبىلىۋازلىقتەك بىر نەرسىلەرنى پەيدا قىلۋاتىمىز. بۇنىڭ دەرد-ئازابىنى كونلار يەتكۈچە تارتقان. بىزمۇ تارتىۋاتىمىز. ئەمدى بۇ نەرەزنى ياشلارغا مىراس قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئەدەبىيات قانداقتۇر بىر يۇرتنىڭ ئەدەبىياتى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى. يۇرتۋازلىق قىلىش، ئەدەبىياتىمىز ئالدىدا ، ئەۋلادلارنىڭ ئالدىدا، تارىخ ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر. شۇڭا بىز ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، ئەدەبىياتتا كىمدە كىم ياخشى نەتىجە ياراتسا، ئۇنىڭ قەيەرلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئالقىشلىشىمىز، قۇتلۇقلىشىمىز ، تەڭ خۇشال بولۇشىمىز كېرەك؛ يەنە بىرى، گۇرۇھۋازلىق دېسەك ئېغىر كېتەر ، شۇنىڭىغا ئوخشاشراق، ئۇششاق مەزھەپچىلىككە ياتىدىغان ئەھۋالمۇ بار. بۇلار يۇرت ئايرىمىغان، پەقەت شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن. ئامال تاپسىلا بىر –بىرىنى چوقىلاپ، كوچىلاپ تۇرىدۇ. بۇنداق ھالەتنىمۇ تۈگەتمەي بولمايدۇ؛ ئاخىرقى بىرى، بىر قەدەر چوڭ ياشتىكىلەر بىلەن ياشلار ئارىسىدا بەزى ئۇقۇشماسلىق مەۋجۇت. بۇ ئاساسەن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئىززەتلىشى، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى مەسىلە. مېنىڭچە، پېشقەدەم باشلامچى بولۇشى، ياشلارنى قەدىرلىشى كېرەك. بۇ ئالدى بىلەن ياش تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇشتا ئىپادىلىنىشى كېرەك. پېشقەدەم يولداشلار، بولۇپمۇ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقانلار ئەدەبىياتنىڭ يېڭى سەۋىيەسىنى يارىتالايدىغان ياش ئەدىبلەرنى بايقاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە، ئۇلار بىلەن كۆپرەك سۆزلەشسە، ئۇلارغا يار-يۆلەك بولسا، ئارىدا ئەدەبىي كۆز قاراش جەھەتتە ئوخشىماسلىقلار بولغان تەقدىردىمۇ ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى قوللىسا، ئىشىنىمەنكى، ئەدەبىياتىمىز گۈللىنەلەيدۇ. ياشلارمۇ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى، ئۇلار چوڭ تۆھپە يارىتالمىغان بولسىمۇ، ئەدەبىياتقا سىڭدۈرگەن  جاپالىق ئەجىرىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ ئىتتىپاقلىقى كۈچەيتىلسە، ئەدەبىياتىمىز چوقۇم روناق تاپىدۇ.

    شائىر تۇرمۇش ئېقىنىدىكى بىر تامچە

    مەن 1984-يىلىنىڭ ئاخرىدا پېشقەدەم شائىر ئەلقەم ئەختەم ۋە ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى توغرىسىدا ماقالە يېزىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم.

    شائىر شىرەگە تاتلىق –تۈرۈملەرنى، بىر بوتۇلكا ھاراق ۋە بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئەكەلدى ۋە:

    -ئۇكام، يېشىمىزدە چوڭ پەرق بولمىسىمۇ، كونا ئۈلپەت بولۇپ قالدۇق. شۇڭا بىر-ئىككى رومكا ئىچكەچ پاراڭلىشايلى، بولمىسا، سىز تارتىنىپ قالىدىغاندەك قىلىسىز، ئۇنداقتا سۆھبىتىمىز ھوسۇل بەرمەي قالىدۇ،-دېدى.

    سۆھبىتىمىز ئاساسەن ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە بولدى.

    -تۇرمۇش- شېئىرنىڭ ئوق يىلتىزىنى قۇچاقلاپ تۇرغان ئانا تۇپراق،- دېدى شائىر سۆز باشلاپ،-شېئىرىيەتنى بىر تۈپ چوڭ دەرەخ دېسەك، شېئىر شۇ دەرەخنىڭ نوتا، يوپۇرماقلىرى. ئانا تۇپراق بەرگەن ئوزۇق يىلتىز ۋە غول ئارقىلىق شاخ ،نوتا، يوپۇرماقلارغا بېرىپ يەتمىسە، ئۇلار جەزمەن قۇرۇپ قالىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئوق يىلتىزنى قۇچاقلاپ تۇرغان ئانا تۇپراقتىن ئايرىلغان شېئىرنىڭمۇ ھاياتى كۈچى بولمايدۇ.

    -ئۇنداقتا شېئىردىكى مەنە، مەزمۇننىمۇ تۇرمۇش بەلگىلەمدۇ؟-دېدىم مەن.

    -بەلگىلەيدۇ دېسەك تازا مۇۋاپىق بولماس. شېئىردىكى مەنە، مەزمۇنمۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ دېسەك مۇۋاپىق بولار. مەسىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ " تاڭ" ،" تاڭ ئاتتى" ، "تاڭ ئاتقاندا" دېگەن شېئىرلىرىمنى مىسالغا ئالسام، ئەگەر 1949-يىلى ئازادلىق تېڭى ئاتمىغان، ھەر مىللەت خەلقى داقا-دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلمىغان بولسا، مېنىڭ ئاشۇ شېئىرلىرىم مەيدانغا  كېلەرمىدى؟ ئەگەر "تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" يوقتىلمىغان، "سول" لۇشىيەننىڭ مەنىۋى كىشەنلىرى پاچاقلانمىغان، ناھەقچىلىككە ئۇچىرىغان مىڭلىغان كادىر ۋە ئامما ئاقلانمىغان بولسا، مېنىڭ "چوڭ يۈرۈشكە تەنتەنە"، "بەردىم جاۋاب" ، "بېرىدۇ جاۋاب" دېگەندەك شېئىرلارنى يازالىشىم مۇمكىنمىدى؟

    -شېئىر قۇرۇق خىيالدىن پەيدا بولمايدۇ. ئۇ پەقەت رېئاللىق شائىر قەلبىدە ئويغاتقان ئويناق ھېسىيات شائىرنىڭ توسقۇنسىز جەۋلان قىلغان تەپەككۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىشتىن ھاسىل بولىدۇ،-دېدىم مەن.

    -توغرا، تۇرمۇش شېئىرنىڭ مەنبەسى،- دېدى شائىر ھاياجان بىلەن،- تۇرمۇش گۈزەل، ھايات گۈزەل، تەبىئەت گۈزەل، لېكىن ئۇ تەبىئىي قاشتېشىنىڭ ئۆزى. شائىر خۇددى ئويمىكەشكە ئوخشاش ھېسىياتى، ئوبرازلىق تەپەككۇرى، پاساھەتلىك تىلى ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل، يۈكسەك، غايىۋى، مۇكەممەل، يارقىن ھالەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك.

    -خېلى كۆپ كىشلەر رېئاللىقتىكى ئىشلارنى ۋەزىن، تۇراق، قاپىيلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەينەن تىزىپ قويۇپ شېئىر دەپ ئاتاۋاتىدۇ،- دېدىم مەن.

    -تۇرمۇشنى ئەينەن كۆچۈرۈپ قويسىمۇ شېئىر بولمايدۇ،-دېدى شائىر،- تۇرمۇشنى ئەينەن كۆچۈرۈپ شېئىر دەۋېلىش بىزدىكى بىر پاجىئە، شېئىرىيىتىمىزنىڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىيەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇ. مۇنداق ئەھۋال مەندىمۇ بار. بىز ئېغىشقا ئۇستا. بىر بولسا، تۇرمۇشنى ئەينەنى كۆچۈرۈپ قويىمىز،؛ بىر بولسا تۇرمۇشنى تامامەن چەتكە قايرىۋېتىپ خىيالپەرەسلىككە بېرىلىپ كېتىمىز، بۇ ئىككى تەرەپنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە سەل قارايمىز. تۇرمۇشتا شائىرلار ئىزلىنىۋاتقان، تەلپۈنۈۋاتقان، بەكمۇ موھتاج بولۇۋاتقان نەرسىلەر بەك كۆپ. لېكىن بىز شۇ تۇرمۇشقا چۆكمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى تاپالماي قايمۇقۇپ يۈرىۋاتىمىز،-شائىر بىر پەس جىمىپ، خىيال سۈرۈۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-شائىر تارىخ ۋە تۇرمۇش ئېقىنىدىكى بىر تامچە، دولقۇنلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئەمەس، بەلكى دولقۇنلار ئەۋجىدىكى تامچە. شائىر دولقۇنلارنىڭ يۈكسەك ئەۋجىدە تۇرالىغاندىلا يىراقنى كۆرەلەيدۇ ۋە چىن مەنىسى بىلەن بەدىئىي ئەسەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن شېئىر يازالايدۇ.

    شائىرنىڭ خۇلاسىسى مانا شۇ ئىدى. مەن بۇ سۆزدىن شائىر خەلق تۇرمۇشىغا تامچە بولۇپ قېتىلىشى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇشى،خەلقنىڭ كۈلكىسى ۋە يىغىسىنى چۈشىنىشى، دولقۇنلار ئەۋجىدە تۇرۇپ، ھادىسىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ، تېخى ھېچ كىشى بايقىمىغان ماھىيەتنى كۆرسىتىپ، بىرەر يېڭى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالىسا، بۇ شېئىر بولىدۇ. شائىر قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىنى، سۈزۈك ئاسماندىكى قارا بۇلۇتنى، ئاپپاق سۈتكە ئارلاشقان قىلنى، ئاق قەغەزدىكى كۆزگە كۆرۈنمەس داغنى، كۈل ئارىسىدىكى چوغنى كۆرەلىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ياخشى شېئىر يازالايدۇ.

    ئەدىب ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشى كېرەك

    بىر كۈنى مەن " ئەھمەد زىيائى ئەسەرلىرى"نى تەھرىرلەشتە يولۇققان ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرگە ئىزاھات يازدۇرۇش ئۈچۈن ئەھمەت زىيائىنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىۋاتقاندا، مەن چاقچاق ئارىلاش:

    -زىيائى ئاكا، سىلى "كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۇنىڭ چەت تىل تەسىرىگە ئۇچراش جەريانى" دېگەن ماقالىلىرىدە ئەدەبىياتتا ئانا تىلنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزغانلارنى ئەيىبلەپ، قوغدىغانلارنى ماختىغان ئىدىلە، ئەمما، بۇنىڭغا ئۆزلىرى ئەمەل قىلماپلىغۇ؟-دېدىم.

    -بۇ ئىشتا ئىنتايىن خىجىلمەن ، ئۇكام،-دېدى شائىر خۇرسىنغان ھالدا،-ئەسەرلىرىمدە ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر خېلى كۆپ. بۇ سۆزلەرنى ئىشچى-دېھقانلارنىڭ، ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىشى قىيىن. ئەسەر يازغاندا ساپ ئانا تىل بىلەن يازاي دەيمەنۇ قەلەم تەۋرەتكەندە يەنىلا غەيرىي سۆزلەر ئارىلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى  مەن ئۆسمۈر ، ياش چاغلىرىمدا ئاشۇ تىل، يېزىق بىلەن ساۋات چىقارغان، ئاشۇ تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، بىلىپ –بىلمەيلا ئاشۇ تىلدىكى سۆزلەرنى ئارلاشتۇرىۋېتىپ ئەسەر يازغان. ھازىر بىزنىڭ ياش ئەدىبلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. بىزغۇ كونا ئادەملەر، ئاشۇ ياشلار نېمىشقا ئارلاشتۇرىۋالىدۇ؟ بەلكىم ئۇ بىزدىن يۇققان كېسەل بولسا كېرەك. مەن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ بۇ كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن ئاز-تولا ھەسسە قوشمىسام بولمايدۇ. شۇڭا رابىيە-سەئىدىن" ۋە "ئىلمىي ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى يۈسۈپ ۋە مەھمۇت" ناملىق داستانلىرىمدا، تىلىمىزغا  تامامەن ئۆزلىشىپ كەتكەن چەت ئەل تىلىدىن باشقا، يات سۆزلەرنى زادىلا ئىشلەتمىدىم.

    ئەھمەد زىيائى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئانا تىل ساپلىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:

    -تىل-بىر مىللەتنىڭ روشەن بەلگىسى. ئۆز تىلىنى يوقاتقان ھەر قانداق بىر مىللەت باشقا ھەر قانداق نەرسىسىنى، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىمۇ يوقتىپ قويىدۇ. ئەدىب-تىل ئۇستىسى. ئۇنىڭ بۇرچى ئانا تىل بايلىقىنى قېزىش، بېيىتىش، گۈللەندۈرۈش، ئۇنىڭ گۈزەللىكى، ئەۋزەللىكلىرىنى نامايان قىلىش، ئانا تىل ئارقىلىق ئەل يۇرتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش. ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىيالمىغان ئەدىبنى ھەققىي، پىشقان ئەدىب دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئانا تىلنى سۆيۈش ئۆز ئانىسىنى، ئۆز مىللىتىنى، ئەل يۇرتىنى سۆيۈش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئانا تىلنى سۆيمىگەن ئادەمدىن باشقا سۆيۈشلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىلەر ياشلار بىزنى دورىماڭلار، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىڭلار.

    ياشلارنى ئەيىبلەۋېرىش زىيانلىقكى، پايدىلىق ئەمەس

    ئەھمەت زىيائى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىلا " ياش ئەدبلەرگە ياردەم" دېگەن بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلىپ، ياش ئەدىبلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ياشلارغا بولغان قارىشىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە :

    -زىيائى ئاكا، سىلى ھازىرقى ياشلار يېزىۋاتقان يېڭىچە، يەنى " گۇڭگا" دەپ ئاتالغان شېئىرلارغا قانداق قارايلا؟-دەپ سورىدىم.

    -ئۇ شېئىرلارنىڭ ياخشى –يامانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر باھالىشى، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىشى كېرەك،-دېدى شائىر،-لېكىن ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىلھام بېرىش زۆرۈر. "ياش" دېگەن سۆز جۇشقۇن، ئالغا ئىنتىلىش، يۇقىرى ئۆرلەش دېگەن مەنىگە ئىگە. ياشلار ھامان ئالغا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.

    -تېيىپجان ئاكىمۇ ياشلار تىرەجەپ تۇرۇۋالسا، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالسا بولمايدۇ، دېگەنىدى،- دېدىم مەن.

    -بۇ تازىمۇ جايىدا گەپ بوپتۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ قالسا، جەمئىيەتمۇ، ئەدەبىياتمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ. ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى جۇشقۇن بولۇشى، ھارماي-تالماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇشى كېرەك. توغرا، ياشلاردا تەجرىبىسزلىك تۈپەيلىدىن بەزى نۇقسانلار بولىدۇ. لېكىن قايسىبىر پېشقەدەم ياشلىق چاغلىرىدا نۇقسان سادىر قىلمىغان؟! ھازىرمۇ قايسىبىر پېشقەدەم نۇقسانىم يوق دېيەلەيدۇ؟! شۇڭا، ياشلارنى يا ئۇنداق، يا مۇنداق نۇقسانى تۈپەيلى ئەيىبلەۋېرىش زىيانلىقكى، ھەرگىزمۇ پايدىلىق ئەمەس. ئۇلارغا زۆرۈرى –سەممىي ياردەم.

    ئەمدى ئالدى بىلەن چىن ئادەم بولۇشى كېرەك

    سۆھبەتتە يەنە ئەدىبنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى.

    -ئەدەبىيات قوشۇنىدىكى بەزىلەردە ھەرخىل ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ يازغىنى باشقا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ قىلۋاتقانلىقىنى باشقا،-دېدىم مەن.

    -توغرا ئۇكام، مۇنداق ئەدىبلەر يوق ئەمەس،- دېدى ئەھمەد زىيائى،-بەزى ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا. ئەسلىدە ئەدىبلەر پەرىشتىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىناتتى، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى دەپ تەرىپلىنەتتى. ئۇلارنىڭ پاك، سەممىيلىكىدىن شۇنداق ئاتالغان. ھازىر بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەدىب بولۇشىدىكى نىيىتى باشقا. ئۇلار نام –شۆھرەت، مەنسەپ-ئەمەل، مال-دۇنيا كۆزلىگەن، ئەدەبىياتنى ئاشۇنداق مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پەلەمپىيى، شوتىسى قىلۋالغان. شۇڭا بەزىلەر چېقىمچىلىق، پىتنە تارقىتىش، مەزھەپچىلىك، خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ؛ بەزىلەر "دېھقان ئوغلىمەن" دەپ ۋارقىرايدۇ-يۇ، پۇرسەت تاپسىلا دېچقاننى شۈلىدۇ. ئەدىب بولماق ئانچى قىيىن ئەمەس. ئەمما چىن ئادەم بولماق قىيىن، ھەققىي ئەدىب بولاي دېگەن ئادەم  ئالدى بىلەن چىن ئادەم بولۇشى، ھەممىنى ۋىجدان تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرۈشى كېرەك. چىن ئادەمنىڭ بەلگىسى پاك، سەممىي، ھالال بولۇش، بىر ئىرادە تىكلەش ۋە ئۇنىڭدىن تايماسلىق، تىلى بىلەن دىلى ببىردەك بولۇش، باشقا قىلىچ كەلگەندىمۇ راسىت گەپ قىلىشتۇر. مۇشۇنداق ئادەم بولالىغان ئەدىبنىڭ ئەسىرى ئەل كۆڭلىگە ياقىدۇ. ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاساسىي تەلەپ ئوخشاش بولىدۇ. سېنىڭ ئادىمىيلىكىڭ ئەسىرىڭدىكى مىللىيلىك ئارقىلىق نامايەن بولسا، سېنى ئاندىن باشقىلار ئەدىب ھېسابلايدۇ.

    تەڭرىتاغ ژۇرنىلى1997-6-سان)

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەسلىمە ئەدىب شائىر _