قار بار زىمىنغا بارساڭ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 17:43:21

قار بار زېمىنغا بارساڭ(مۇنارجان تەرجىمىسى) تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان دۇنيا مېنى ئاشۇ پارچە-پۇرات، ئابىستىراكىت، ئاتالمىش ھايات بىلىملىرىدىن بەكرەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. كېينكىسى ناھايىتى...

     

    قار بار زېمىنغا بارساڭ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان دۇنيا مېنى ئاشۇ پارچە-پۇرات، ئابىستىراكىت، ئاتالمىش ھايات بىلىملىرىدىن بەكرەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. كېينكىسى ناھايىتى كەلسە بىر يازما نەرسە، ئۆگىنىش، ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ كۈچى ئارقىسىدا ئېرىشكەن ئەقىل-پاراسەت ئۇچقىنىدا ئىپادىلىنىدۇ. تۇرمۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان، تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەم تۇرمۇشنى كىتاب ۋە كۇتۇپخانىلاردىن ئىزدىگەن ئادەمدىن تېخىمۇ بىلىملىك ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش، خوشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تەمىنى تېتىش دىمەكتۇر، تۇرمۇشقا ئۆزىنى بېغىشلاش، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولۇش دېمەكتۇر. ئايىغى چىقمايدىغان كىتاب ئوقۇشلار بولسا، بىر خىل ساختا، ئۆزۈڭگە خاس بولمىغان تۇرمۇشتۇر. بۇنىڭدا مېنىڭ ئىقتىدارى، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسى، تۇيغۇسى ئارقىلىقلا ياخشىلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    بۇ ئىككى خىل تۇرمۇش شەكلىنىڭ پەرقىگە كەلسەك، بىرى، ئوخشىغان تاماقنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەپ باققانغا، يەنە بىرى، باشقىلار ئوخشىغان تاماقنى قاچان، قانداق يىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنگە ئوخشايدۇ، ئىككىسى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. باشقىلار ساڭا ھەرقانچە جانلىق سۈرەتلەپ بېرىپ، ئاشۇ ئېسىل تائامنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ بەرسىمۇ بەرىبىر، سەن ئۇنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن تېتېپ باقمىغاندىن كېيىن بىكار.

    مېنىڭ بىر تۇنۇشۇم بار، ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر كىتابنى يېنىغا ئەكېلىۋالىدىغان ئادىتى بار. لېكىن ئۇ ياتقاندىن كېيىن ئەزەلدىن ئىككى بەتتىن ئارتۇق بىر نەرسە كۆرۈپ باققان ئەمەس. بەزىدە تېخى ياستۇقى يېنىدا تۇرغان كىتابنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇنى ئالاھىدە ياستۇقنىڭ يېنىغا قۇيۇۋېلىشنىڭ قىلچە زۆرۈريىتى يوق ئىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا «يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.» خوتۇنى ئۇنى قانچە مەسخىرە قىلسىمۇ، ئۆزىڭىزنى بىكار ئاۋارە قىلماڭ دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ، بىكار ئاۋارە بولۇپ، ئوقۇمايدىغان كىتابنى ياستۇقى يېنىغا ئەكېلىۋالىدۇ. بەزىدە تېخى كۆزى تويمىغاندەك ئىككى-ئۈچ كىتابنى بىراقلا ئەكېلىۋالىدۇ، ئارىسىدا ھەم يوغان لۇغەتلەرمۇ بار. مەن بۇ تۇنۇشۇمنىڭ«غەلىتە مىجەزى»نى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم،لېكىن ئارقىدىنلا ئويلىنىپ قالدىم، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ بىر غەلىتە مىجەزىدۇ. بەزى ئادەملەر بار، بوران-يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتمىسا كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىتاب ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇيدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئۇخلىتىش سايمىنى، خەت بىلەن ياسالغان ئۇيقۇ دورىسى.

    ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى تۈرلۈك-تۈمەن بولىدۇ، كىتاب ئوقۇش شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. لېكىن، مەن تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى پۈتۈنلەي كىتاب ئوقۇش ئىگىلىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەتىدىن-كەچكىچە كىتاب دۆۋىسى ئىچىگە كىرىۋېلىش لىتاب موللىسى بولۇپ قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن بىلىمنى سۆيىمەن ھەم قەدىرلەيمەن، لېكىن «كىتابنى كۆپ كۆرگەندىن، جاھان كېزىپ كۆپنى كۆرگەن ئەلا» دېگەن سۆزگە بەكرەك ئىشىنىمەن. مەن بىلىمنى سۆيىمەن ھەم قەدىرلەيمەن، خۇددى بىلىملىك ئادەملەرنى سۆيگەن ھەم قەدىرلىگەندەك. لېكىن، بەزىلەرنىڭ تەكەببۇرلارچە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە قىممىتىنى كىتابى بىلىملەرگە باغلىۋېلىشىدىن يىرگىنىمەن، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسلىمە ئۈستىگە قۇرۇۋېلىشىدىن يىرگىنىمەن. ئۇنداقلارنىڭ كىتاب ۋاراقلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەخمىقانە ئىش ئەمەسمۇ.

    ئېكۋاتور رايونىدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا «قار»نىڭ ھالىتىنى چۈشەندۈرمەكچى بوپتۇ، لېكىن ھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار چۈشەنمەپتۇ. ئوقۇتقۇچى:«قار سوغوق نەرسە» دېسە، ئوقۇغۇچىلار، قار تۇزغا ئوخشايدىكەن، دەپ پەرەز قىپتۇ. ئوقۇتقۇچى:«قار سوغوق نەرسە» دىسە، ئوقوغۇچىلار، قار ماروژونىغا ئوخشايدىكەن، دەپ پەرەز قىپتۇ. ئوقۇتقۇچى:«قار ئۇششاق نەرسە» دېسە، ئوقۇغۇچىلار، قار قۇمغا ئوخشايدىكەن، دەپ پەرەز قىپتۇ. ئوقۇتقۇچى قارنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرەلمەپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىرنەچچە ئوقۇغۇچى:«قار سوغوق ھەم تۇزلۇق قۇم»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

    ئەمەلىيەتتە، بىز قارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، قار بار زېمىنغا بېرىشىمىز كېرەك. ئوخشاشلا، سېرىق سوپسوپىياڭنىڭ ئاڭلاش ئۈچۈن، سېرىق سوپسوپىياڭ قونغان دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇبېروزا ەۈلىنىڭ ھىدىنى پۇراش ئۈچۈن، كېچىسى گۈللۈككە چىقىشىمىز كېرەك. ئوخشاشلا، كىشىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە قاتناشقاندىلا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئاشۇ ئەڭ ئوتلۇق، ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت مەكتۇپى يازغانلارنىڭ بىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم بولۇشى ناتايىن؛ بىز بىلەن يەپ-ئىچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەقىقىي دوست بولۇشى ناتايىن؛ ئاغزىدىن ئىنساپ، ئەدەپ-ئەخلاق توغرۇلۇق گەپ چۈشۈرمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي پەزىلەت ئىگىسى بولۇشى ناتايىن؛ دەبدەبە بىلەن توشقۇزۇلغان كېلىشمىلەرنىڭ بىكار قىلىۋېتىلىدىغان ۋە يىرتىۋېتىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ! ھەرقانداق نەرسىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش كېرەك.

    ھەرۋاقىت تۇرمۇشتىن ئايرىلغان، لېكىن مول تەسەۋۋۇرغا ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر كەم ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئادەم بەكلا بېكىنمە ھالەتكە كىرىۋالسا، ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئاستا-ئاستا ئەمەلىيەتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، مەن كىتاب ئوقۇشقا بېرىلىپ كېتىپ، تۇرمۇشتىكى يېڭىلىقلارغا بولغان سەزگۈدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن؛ كىتابتىكى ھۆكۈم-خۇلاسىلەرنىڭ پۇت-قۇلۇمنى چۈشەپ قۇيۇشىدىن قورقىمەن؛ كىتاب ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، پۈتۈن جانلىقلىق ۋە جۇشقۇنلۇقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن.

    نەچچە كۈنلەپ سىرتقا چىقماي، كۇتۇپخانامغا سولىنىپ ئولتۇرۇپ قالغاندا، ئۆزۈمگە ئىختىيارسىز سۇئال قويىمەن: سەن كىتاب موللىسى بولۇپ قېلىشقا رازىمۇ؟ سەن ئاي شارىدىن چۈشكەنمۇ؟ كىتابىي بىلىملەر بېشىڭنى ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ جۇشقۇن تۇرمۇشنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويدىمۇ؟ سەن ئاشۇ ئۆلۈك كىتابىي نەزەرىيلەرنى بىر مىنۇت بولسىمۇ كاللاڭدىن چىقىرىۋېتىپ، ھەقىقىي تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن ئۆزۈڭنى بېغىشلا...ھىم ئېتىلگەن، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان كۇتۇپخانامنىڭ دېرىزىسى ئېچىۋېتىلگەندە، سىرتتىن كىرگەن ئاجايىپ بىر ساپ ھاۋا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا چەكسىز راھەت بېغىشلايدۇ. شۇ چاغدىلا ئېسىمگە كېلىمەن، شۇنچە كۈنلەردىن بېرى مېنىڭ ھاياتىم كۇتۇپخانىدا، گۇڭگا چىراغ نۇرى ئارىسىدا، كىتاب تارقىتىۋاتقان ھىس-تۇيغۇ، ئىدىيە ياكى ئەخلاق ھىدلىرى ئارىسىدا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ھاياتىم ئاستا-ئاستا خوراۋېتىپتۇ. ياخشى يېرى، مەن ئۆزۈمنى تەڭشەپ تۇرالايمەن، كەڭ كىشىلىك ھايات قاراشلىرىغا ئېرىشەلەيمەن.

     ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.