ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-يەتتىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 08:59:04

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمانـــ ھەي! بارمۇ يا سەن بۇ دۇنيادا؟ ــ دەپ سۆزلەپلا كەتتى ئۇ.ـــ بار ئاداش ئۆزەڭچۇ؟ـــ مەنغۇ خېلى كەڭرى، توردىن بىرەسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟ قاچانلا...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     


     

     

    ـــ ھەي! بارمۇ يا سەن بۇ دۇنيادا؟ ــ دەپ سۆزلەپلا كەتتى ئۇ.

    ـــ بار ئاداش ئۆزەڭچۇ؟

    ـــ مەنغۇ خېلى كەڭرى، توردىن بىرەسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟ قاچانلا قارىسا كوت-كوتتىن چۈشمەيدۇ دەيدىغۇ قىزلار سېنى؟

    ـــ ياقەي، كوت-كوتنى ئېچىپ قويۇپ شۇ باشقا ئىشلارنى قىلىپ دېگەندەك، سىلەرچۇ؟ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋېتىپسەندە؟!

    ـــ بىز سەندىن ئەنسىرەپ بۈگۈن قۇتۇلدۇرۇۋالايلى دەپ يىغىلدۇق، مەلەڭگە بېرىشقا ئاز قالدۇق. كېيىمىڭنى قېلىن كېيىپ چىق، قار تېيىلغىلى بارىمىز، ياق دېيىشكە، ھەرقانداق باھانە كۆرسىتىشىڭگە رۇخسەت يوق. ــ دەپلا تېلفوننى ئۈزدى ئۇ. مەن قولۇمدىكى تېلېفونغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا دەپ قويماقچى بولۇپ قارىسام ئۇ يوق، ئىچىم تىت - تىت بولۇپ، تۆۋەندىكى خەتنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتىم:

    «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فىرقەت، ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ مەن بۈگۈن بىر كۈن توردا بولمايمەن، قار تېيىلىش مەيدانىغا كەتتىم، ئاخشاملىققا كۆرۈشەيلى».   ئاددىيغىنا مۇشۇ بىر قۇر خەتنى نەچچە رەت ئۆزگەرتىپ، ئاران يازدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا باشقىچە تەسىر بېرىپ قويۇشنى، خالىمايتىم.

    ئىشىك ئالدىغا چىقسام دوستلىرىم تېخى كەلمەپتۇ، ئاپتوبوس بېكىتىدە تۇرۇپ ئۇلارنى ساقلىدىم، بىر ئىككى ئاپتوبۇس ئۆتۈپ كەتتى، ھېچ ئۇلار يوق، تېلېفونۇمنى ئېلىپ پەلەي كىيگەن قۇلۇم بىلەن گۈلمىرەنىڭ نومۇرىنى تەستە باستىم، ئۈرۈمچىنىڭ بىرىنچى ئايدىكى سوغۇقىدا قولنى سىرتقا يالاڭ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تېلېفون تېخى ئۇلانماي تۇرۇپ:

    ـــ زۈبەيدە! چىقە! ــ دەپ ۋارقىرىغان زۇلفىنۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدىم قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوبۇس ئىشىكىگە قاپلىشىپ تۇرۇپ مېنى چاقىرىۋېتىپتۇ، ئاپتوبۇسقا چىقىپلا يۈرىكىم يايراپ كەتتى،  گۈلمىرە، زۇلفىنۇر، ئەلفىرە، قەلبىنۇر قاتارلىق قىزلار چۇرقىرىشىپ ئاپتوبۇس ئىچىنى بېشىغا كىيگەن ئىدى، ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكىنىمنى سەزدىم.

    ـــ بامۇسەنىي؟ ئوخخو......

    ـــ ئاڭلىساق سېنى ئېنتېرنېتنى باشقۇرغىلى مارىسقا چىقىپ كەتتى دەيدىغۇ؟

    ـــ كوت- كوت شاھزادىنىڭ سارىيىغا بەنت قىلىنپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

    ـــ ۋ...ەت!!!

    بىر بىرىدىن سەت چىچرقىراشلاردىن ئاپتوبۇستىكى كىشىلەر يامان كۆزلىرى بىلەن ئالىيىپ غودۇراشقا باشلىدى، ئۇلاردىن سەل قورۇنۇپ قالدىم. «مەن ئۆزگىرىپ كەتكەندىمەنمۇ؟ فىرقەت بىلەن تونۇشقىلى تېخى  بىر ئايمۇ بولمىدى، ئۇ مېنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇنداق ئېغىر بېسىق قىلىپ قويغانمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈلسىمۇ بولىدىغان، كۈلمىسىمۇ بولىدىغان  گەپلەرگە ۋارقىراپ كۈلۈشلىرى، ئەتراپتىكى كىشلەرنى نەزەرىگىمۇ ئىلىپ قويمايۋاتقان چېكىدىن ئاشقان ھالىتىدىن ئاپتوبۇستىكىلەرگە ئوخشاشلا مەنمۇ بىزار بولۇۋاتاتتىم. «توۋا... بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇنداق بولغىيمىدىم؟»

    ـــ ھەي ئەجەپ جىمغۇرغۇ سەن؟ ساڭا بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟

    ـــ شۇنداق، ماڭا بىر ئىش بولدى، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، چۈنكى كومپيۇتېرىم ئۆيدە قالدى ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ ئاۋازىنى زىل چىقىرىپ، مېنى ئوخشاتتى گۈلمىرە، قىزلار يەنە چىرقىرىشىپ كۈلۈشتى.

    ـــ ئازراق مىجەزىم يوق، چىقماي دېسەم سىلەرنى سېغىندىم، ــ دەپلە كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى، بىلمىدىم ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئەسلىدە ساپساق ئىدىم، ئۇلارغا قەستەن شۇنداق دەپ قويماقچى بولغان ئىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى. ئۇلارمۇ بىر بىرىگە قارىشىپ، بارماقلىرىنى چىشلىشىپ، ماڭا كۆيۈنۈپ ئەھۋالىمنى سورىشىپ كەتتى. ئاپتوبۇس ئىچى بىردىنلا قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەكلا جىمىپ كەتتى.

    زۇلفىنۇر بىلەن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا، گۈلمىرە مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتىدا، ئەلفىرە بىلەن قەلبىنۇر تىببىي ئۇنىۋېرتېتىدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، ھەممىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىدۇق، بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئايرىلماي بىرگە يۈرەتتۇق، شۇڭا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىمۇ بىر بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماي، ئارزۇغا ھەممىمىز ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنى تاللىغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئاپتوبۇستىكى كىشىلەرنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك پىچىرلىشىپ گەپ قىلىشىپ ماڭدى، ئاپتوبۇس نەچچە ئايلانمىلاردىن، بىر ئىككى ئۈزۈكچىلىكتىن ئۆتۈپ، قار تېيىلىش مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.  ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا بايىقى جىمجىتلىققا خاتىمە بېرىپ، مەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ چۇرقىرىشىپ كەتتۇق، چېكى كۆرۈنمەيدىغان ئاپئاق كەتكەن كەڭ دالا يۈرىكىمىزنى لەرزىگە سالغان ئىدى، بىز ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بىر كۈنلۈك بىلەت ئالدۇق ئاندىن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە تېيىلىش تاختىسى ۋە چاڭغىلارنى  ئېلىپ قار تېيىلىش مەيدانىغا قاراپ ماڭدۇق،

    ـــ ئاداش، مىجەزىم يوق دەۋاتقان ئىدىڭ، چىدىيالارسەنمۇ؟ ــ دېدى گۈلمىرە.

    ـــ را...س! ياكى بولمىسا قىردا تۇرۇپ بىزنىڭ تېيىلغىنىمىزنى كۆرەمسەنيا....؟ ــ دېيىشتى قالغانلارمۇ بىردەك.

    ـــ ياق بولدى، سىلەرنى كۆرۈپ ياخشى بولۇپ قالدىم. چاتاق يوق، ــ دېدىم مۇشتۇمۇمنى تۈگۈپ «غەيرەت قىل» دېگەندەك ھاۋاغا سىلكىپ.

    ـــ ئەمىسە ياخشى، دېيىشتى ئۇلارمۇ مېنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىمغا خۇش بولۇشۇپ.

    ـــ قىزلار ھەممىمىز تەڭلا تېيىلايلى، ئەمىسە مەن ساناق سانايمەن، ئۈچ بىلەن تەڭلا ھەممىمىز تەڭلا شۇڭغۇيمىز.ــ دېدى گۈلمىرە، ــ بىر، ئىككى، ئۈچ!

    بىر بىرىمىزگە قارارغا كۆزىمىز يوق، ئۈچ بىلەن تەڭلا قويۇندەك تۆۋەنگە قاراپ ئۇچتۇق، يېرىم يولغا بارماي مەن ئوڭدىسىغا يىقىلدىم، قارىسام گۈلمىرە پۇتىدىكى چاڭغىنى بوشىتالماي يېتىپتۇ، بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق، قالغان قىزلار بىزدىن خېلىلا يىراقلىشىپ كېتىشكەنىدى. قار تېيىلغاندا يىقىلمىسا ياخشى، بىر يىقىلدىمۇ ئۆزىنى ئاسان ئوڭشىۋالغىلى بولمايدۇ، گۈلمىرە ئىككىمىز نەچچە قېتىم يىقىلىپ قوپۇپ تېيىلىپ، مەن كېتىپ يەنە ئۇ قېپقالدى، ئاران تەستە ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ، سىرىلما ئاسما تۆمۈرگە ئولتۇرۇپ، يەنە باش نۇقتىغا قايتىپ چىقتۇق. ئاۋل كەتكەن قىزلار بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ھەممىمىز قاتارلىشىپ يەنە چۈشمەكچى بولۇپ تۇراتتۇق، بىر ئوغۇل بالا كېلىپ:

    ياخشىمۇ سىلەر قىزلار؟ يامان ئەمەس تېيىلىپ قويىدىكەنسىلەر جۇمۇ؟! ــ دېدى ئۇدۇللا بىزنى ماختاپ.

    ـــ شۇنداق بولمايچۇ؟! ــ دېدى قەلبىنۇر جاۋاب بېرىپ.

    ـــ بىز سىلەردىن كۆپكەنمىز، شۇنداق بولسىمۇ سىلەر بۇيەردە، بىز ئۇيەردە تېيىلساقمۇ تازا قىزىقى بولمايدىكەن، بۇيەرگە ئويناپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلغىلى چىققان بولغاندىكىن، ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭلار بەستلىشىپ تېيىلساق قانداق دەيسىلەر؟ ــ دېدى ئۇ، بىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. زۇلفىنۇر بىزگە كۆزىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن:

    ـــ شەرتىچۇ؟ ــ دېدى.

    ـــ قايسى گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا ھەم بالدۇر ھەم يىقىلماي بارالىسا ئۇتقان بولىدۇ، شەرتى  ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇتقان تەرەپكە ئىككى سائەتلىك تېيىلىش ۋاقتى تۆلەيدۇ قانداق؟

    ـــ چاتاق يوق!  ــ دېدى زۇلفىنۇر يەنە. ئۇ يىگىت دوستلىرىنىڭ يېنىغا كەتكەندىن كېيىن:

    ـــ  قىزلار، بىز تۆتىمىز ئايرىلماي بىرگە مېڭىپ، ئۇلارنى سوقۇپ يىقىتايلى، ئەلفىرە تېيىلىشقا ئۇستا بولغاندىكىن ئاخىرقى نۇقتىنى قارالاپ بىز بىلەن كارى بولماي ئۇدۇل ئۇچسۇن، ــ دەپ ئۆگەتتتى، ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ئەقلىدىن سۈيۈنۈپ كېتىشتۇق. بىز كېلىشىۋالغاندىن كېيىن يىگىتلەرگە قاراپ تەييارلىق ھالەتتە  تۇردۇق. ئۈچ! دېگەن بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئاتلاندۇق، ئالدىن كېلىشىۋالغان بويىچە ئەلفىرە ئاخىرقى نۇقتىنى قارالاپ ئۇچتى، قالغانلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قەستەن يىقىلىپ، ئۇلارنىمۇ يىقىتتۇق، ئەلفىرە ئاخىرقى نۇقتىغا ئەڭ تېز ھەم يىقىلماي بارغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇتقان بولدۇق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.