مەن زادى كىم؟(توختى مەھمۇد ئەلائى)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 02:02:20

مەن زادى كىم؟ (توختى مەھمۇد ئەلائى) «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، S شەھىرىدىكى جەنۇبىي خەلق يولىدا بىر ئەر كىشى بىر قارا رەڭلىك پىكاپنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پىيادىلەر يول...

    مەن زادى كىم؟

    (توختى مەھمۇد ئەلائى)

     

       «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، S شەھىرىدىكى جەنۇبىي خەلق يولىدا بىر ئەر كىشى بىر قارا رەڭلىك پىكاپنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەر توپىغا ئېتىلغان، نەتىجىدە نەق مەيداندا ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، يەتتە ئادەم يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئەر كىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ھازىر بۇ دېلو تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ».

    2020- يىلى 6- ئاپرېلدىكى كەچلىك تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر پروگراممىسىدا، ئايال دىكتور ئۆزىنىڭ ئاشۇ سائەتكە ئوخشاش توغرا، راۋان ھەمدە ناھايىتى ھېسسىياتلىق ئاۋازى بىلەن كىشىلەرگە مۇشۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاتتى.

    ئۇ ئاخىرى ئويغاندى. ئاپئاق تورۇس، ئاپئاق ئاسما چىراق، ئىنتايىن جىمجىتچىلىق. ئۇ بۇنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ بەدىنى قېتىپ قالغاندەك، بېشى ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. دىققىتىنى يىغىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ باقماقچى بولغانىدى، لېكىن بىر دەملىك قاتتىق ئاغرىق ئۇنى توختىتىپ قويدى. ئۇ كاللىسىنى بىر نېمە بىلەن يونۇۋاتقاندەك، قاتتىق سىقىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. كاللىسىنى سىلاپ بېقىۋىدى، ئۇ پۈتۈنلەي بېنت بىلەن يۆگىۋېتىلىپتۇ. ھە، دوختۇرخانىدىكەنمەن- دە، دەپ ئويلىدى ئۇ.

    ئىشىكتىن كىملەردۇ كىرىپ كېلىشتى. ئىككى ئاپئاق باش كىيىم، ئىككى چىراي، بىرى ئەر، بىرى ئايال ئىدى. ئەر مەملىكەت بويىچە داڭلىق مىكرو تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، S مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئىليات دەۋران بولۇپ، ئۇ تونۇيتتى.

    — ئۇ ھۇشىغا كەلدى! — دېدى سېسترا قىز ھەم قورققان، ھەم خۇشال بولغان ھالدا.

    — سەزگۈڭىز قانداقراق؟— سورىدى پروفېسسور ئىليات پەس ئاۋازدا.

    — بېشىم بەك ئېغىرلىشىۋالدى، مىدىراتساملا ئاغرىيدۇ.

    پروفېسسور ئىليات بېشىنى لىڭشىتتى، چىرايىدىن بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

    — ئىككى ئاي ئىلگىرىكى سىز يارىلانغان ئىش ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟— پروفېسسور ئىليات ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

    — ئېسىمدە! — ئۇ ئاشۇ قورقۇنچلىق كۆرۈنۈشنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن. شۇ كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى، يەنى كۈيئوغلى رەپقەت بىلەن بىرگە S شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي قابىلىيەتنى ئېچىش ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى» غا قاتنىشىۋاتاتتى. چۈشتىن كېيىن يىغىن يېپىلغاندا، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، S شەھىرىنىڭ شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باققاچ، خوتۇنى بىلەن قىزىغا ئازىراق سوۋغات ئېلىۋېلىشنى ئېيتىۋىدى، رەپقەت خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. S شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات رەستە جەنۇبىي خەلق يولى ئىدى. كوچىدا ماشىنىلار بىر- بىرىگە چاپلىشىپ قالغىدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى، پىيادىلەر يولىدا ئادەملەر ئېقىنى دولقۇنلىناتتى. كوچا گەرچە كۆپ قېتىم كېڭەيتىپ ياسالغان بولسىمۇ، يەنىلا تاردەك بىلىنەتتى. ئۇ رەپقەت بىلەن كوچىدا كېتىۋېتىپ، ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا يەنە شۇ ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئېرىشىلگەن خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي قابىلىيەت تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇشتۇمتۇت بىر قارا رەڭلىك پىكاپ ماشىنا يولىدىن ئايرىلىپ، خۇددى غالجىرلاشقان قوڭۇر ئېيىقتەك ئۇلارغا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ ئالاقزادىلىك ئىچىدە يىقىلىپ چۈشتى، رەپقەت ئېڭىشىپ ئۇنى تارتتى، ئەمما پۈتۈنلەي كېچىككەنىدى. ئۇ پەقەت يوغان بىر قارا كۆلەڭگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنى، ئاندىن يەنە قاتتىق بېسىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالاتتى. قورسىقى ۋە بەش ئەزايىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيۇشۇپ ھەم چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزەلىدى. ئۇ پەقەتلا «مېنى ماشىنا بېسىۋەتتى» دەپ ئويلاۋېتىپ، ھۇشىدىن كەتكەنىدى.

    — ئىليات پروفېسسور، رەپقەت قانداق بولدى؟— سورىدى ئۇ تەقەززالىق بىلەن.

    — ھى … ھى، — سېسترا قىز مەنىلىك كۈلۈپ قويدى،— مانا سىز رەپقەتقۇ! — دېدى ئۇ.

    — ياق، سىلەر خاتا تونۇپ قاپسىلەر، مەن دېگەن نىزامىدىن، B شەھەرلىك سۈنئىي ئەقلىي قابىلىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى نىزامىدىن بولىمەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ئاشۇ كۈنى ئوقۇغۇچۇم رەپقەتمۇ يېنىمدا بىللە ئىدى. مەن سىلەردىن سوراۋاتىمەن، ئۇ ھازىر قانداق تۇرۇۋاتىدۇ ؟

    — سىزگە ئېنىقىنى ئېيتساق، دوكتور نىزامىدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىدى، ھالبۇكى رەپقەت سىز ھايات قالدىڭىز.— دېدى سېسترا قىز ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن،— دوكتور نىزامىدىننى ماشىنا قاق بېلىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، دوختۇرخانىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، يۈرىكى ئاللىقاچان سوقۇشتىن توختىغان ئىكەن.

    — بىراق، مەن دېگەن نىزامىدىن، يەنىلا مۇشۇ يەردە سىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەنغۇ ! ئەجەبا بۇ يەردە جىن بارمۇ !؟ — ئۇ دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بۇنداق چاقچاق قىلىشىدىن ناھايىتى خاپا بولدى.

    — كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، سېسترا سىزگە ئەھۋالنى تولۇق ئېيتمىدى.— دېدى پروفېسسور ئىليات تولىمۇ ئەدەپ بىلەن،— سىزگە ئېنىقىنى دېسەم، ئەنئەنىۋى تىببىي ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، دوكتور نىزامىدىن ئاللىقاچان ئۆلدى. چۈنكى، ئەنئەنىۋى تىببىي ئىلىمدا ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بويىچە داۋالىغاندىمۇ يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسا، بىمارنى «ئۆلدى» دەپ قارىلاتتى. بىراق، ھازىرقى داۋالاش تەرەققىياتىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىسا، ئۇنى ئۆلگەنلىكنىڭ بىردىن- بىر ئاساسى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. گەرچە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى تېخى ئۆلمەيدۇ. پەقەت مۇۋاپىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. مۇبادا يېڭى گەۋدىگە ئېرىشىلسە، بۇ چوڭ مېڭە يەنىلا يېڭى بىر ئىنساننى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆلۈپ كەتكىنى رەپقەت. چۈنكى، ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا ئون نەچچە مېتىر نېرىغا سوقۇپ چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، ئېغىر ھالدىكى مېڭە چايقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە يۈرىكى سوقۇشتىن توختىمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەپەككۇرى، خاتىرە سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىكەن. بىراق،— پروفېسسور ئىليات بىر ئاز توختىۋېلىپ، سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى،— ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىڭىز رەپقەت. بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر سىزنى مۇشۇنداق چاقىرىدۇ ۋە تونۇيدۇ. ھالبۇكى، سىز تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق چاقىرىشىغا ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك.

    ماۋۇ شورى قۇرغۇرلار نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى! نېمانچە تولا «ئېنىق قىلىپ ئېيتىش» بۇ، ئادەمنى ئېلىشتۇرۇپلاۋەتتىغۇ بۇلار. نېمىلا دېگەن بىلەن مەن يەنىلا نىزامىدىن تۇرسام، قېرىشقاندەك كىشىلەر مېنى رەپقەت دەۋالسا، بۇ قانداق قاملاشمىغان گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئۇ تازا بىر چېچىلماقچى بولدىيۇ، بىراق بېشى بىر پەس خۇددى بىر نەرسە بىلەن قوچىغاندەك قاتتىق ئاغرىپ كەتتى- دە، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

    — بۇلارغا ناھايىتى تېزلا ئادەتلىنىپ كېتىسىز.— دېدى پروفېسسور ئىليات خۇددى كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك،— خاتىرجەم ئوبدان داۋالىنىڭ، تىككەن جاينىڭ يارا ئېغىزى تۇتقاندىن كېيىن، سىزنى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرىمىز.

    ئۇلار چىقىپ كېتىشتى. خېلى بىر چاغ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايىقى خاپىچىلىقى تېخىچە بېسىلمىغانىدى. ئۇ قورسىقىنى سىلاپ باقتى، غەلىتە ئىش! ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى ماشىنا مۇشۇ يېرىنى باسقانلىقى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە تۇرۇپتۇ، لېكىن شۇ تاپتا ئازراق يارا ئىزىمۇ يوققۇ. بېشى يارىلانمىغان، بىراق دوختۇر ئۇنىڭ بېشىغا تۈرلۈك ئەسۋاب- سايمانلىرىنى ئىشلىتىپلا كەتتى، راستلا ھېچ چۈشەنگىلى بولمىدىغۇ بۇ ئىشلارنى.

    ئۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىشى خېلىلا پەسەيدى. پروفېسسور ئىليات ئۇنىڭ بېشىدىكى بېنتلارنى يېشىۋېتىپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا خوتۇنى ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ مۇشۇ ئىككى- ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ يەنە ئاچچىقلىنىپلا كەتتى.

    — سىزگە يەنە ئەسكەرتىپ قوياي ئىليات دوختۇر، مەن رەپقەت ئەمەس نىزامىدىن! ھەر ئىككىلىمىز ئىلىم ساھىبلىرى، شۇڭا بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز چاقچاقلارنى قىلمىغىنىمىز تۈزۈك. مېنىڭ قېيىن ئانام يوق، چۈنكى ئۇ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئائىلەمدە پەقەت ئايالىم ۋە قىزىملا بار.

    پروفېسسور ئىليات يەنە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغۇسى كەلمەي، مىيىقىدا كۈلۈپلا قويدى. ئۇ سېسترا قىزغا بىر ئەينەك ئەكەلدۈرۈپ بىمارىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بېقىشىغا بەردى. ئۇ ھاڭ- تاڭ قالدى. قولىدىكى ئەينەك گويا چۆچەكلەردىكى شەيتان ئەينىكىگە ئوخشاش، رەپقەتنىڭ ھەيرانلىقتىن ئېغىزىنى ھاڭدەك ئېچىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان قىياپىتىنى زاھىر قىلىپ تۇراتتى. مەنچۇ ؟ ھېلىقى چېچىنىڭ تەڭدىن تولىسى چۈشۈپ كەتكەن، يۈزىنى قورۇق قاپلاپ، قېرىلىق داغلىرى ئىز سالغان نىزامىدىن قېنى ئەمدى؟ ئۇنىڭ خاتىرىسى خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بارغانسېرى تۇتۇقلىشىپ كەتتى.

    بىر كۈنى ئەتىگەندە پروفېسسور ئىليات چىرايىنى تەبەسسۇم قاپلىغان ھالدا بالنىتسىغا كىرىپ كەلدى- دە، قولىدىكى بىر پارچە گېزىتنى ئۇنىڭغا سۇندى، ئۇ 2020- يىل 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى «يېڭى پەن- تېخنىكا گېزىتى» ئىدى. گېزىتنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان «تىببىي ئىلىم ساھەسىدىكى غايەت زور بۆسۈش— ئادەم مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېگەن قارا خەتلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ماقالىدا مۇنۇلار خەۋەر قىلىنغانىدى: «كىشىلەرگە ئايان بولغان ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا بەدەنگە كۆچۈرۈلگەن باشقا بىر تەن ئەزاسىنىڭ يەكلەش ئەكس تەسىرى مەۋجۇت بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش، كۆپ يىللاردىن بۇيان پەقەت تىببىي پەن خادىملىرىنىڭ ئىلمىي تەسەۋۋۇرى ھالىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنىدى. S مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور ئىليات دەۋران ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى تۆت يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ‹ياتلارنى يەكلىگۈچى قورغان› نى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان ‹NCP› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھورموننى تېپىپ چىققان ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كلىنىكىدا قوللىنىپ، ئىچكى ئەزالىرى قاتتىق زەخمىلىنىپ، يۈرىكى ئاللىبۇرۇن سوقۇشتىن توختىغان بىر كىشىنىڭ چوڭ مېڭىسىنى مېڭە قىسمى ئېغىر سىلكىنىش تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان باشقا بىر كىشىنىڭ مېڭە قاپقىقىغا كۆچۈرگەن. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە، چوڭ مېڭە كۆچۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولغان. ھازىر ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە خاتىرە ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىنكاسىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن».

    — بۇنىڭدا يېزىلغىنى مەنمۇ؟— سورىدى ئۇ.

    ھەئە،— پروفېسسور ئىليات بېشىنى لىڭشىتتى،— مەن ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىل، ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ پىكرىڭىزسىزلا بۇ ئوپېراتسىيىنى قىلغان ئىدۇق، چۈنكى شۇ چاغدا سىز بىلەن پىكىرلەشكىدەك ئامالمۇ يوق ئىدى!— ئۇ يېنىدىكى سېسترا قىزغا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى،— مەن سىزنىڭ دوكتور نىزامىدىن بىلەن بىرلىكتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئون ئىككىنچى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا پەقەت سىلەرنىڭ ئەسلىي جىسمى تۇرقۇڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا داۋالىغان بولساق، ئۇنداقتا دوكتور نىزامىدىننىڭ چوڭ مېڭىسى، يەنى سىزنىڭ ھازىرقى چوڭ مېڭىڭىز ئۇنىڭ گەۋدىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەن بولاتتى. سىز گەرچە ھايات قالسىڭىزمۇ، ئەمما ھېچقانداق كارغا يارىمايدىغان «ئۆسۈملۈك ئادەم» گە ئايلىنىپ قالاتتىڭىز. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىشلەۋاتقان مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرى توختاپ قالغان بولاتتى. بۇ مەملىكىتىمىز، ھەتتاكى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زور يوقىتىش ھېسابلىناتتى. شۇڭا، مەن دوكتور نىزامىدىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى سىزنىڭ مېڭە قاپقىقىڭىزغا كۆچۈردۈم. سىزگە بىر مۇنچە دىشۋارچىلىق تېپىپ بەرگىنىم ئۈچۈن ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن!

    ئۇنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ئۇ پروفېسسور ئىلياتنىڭ ئۇنى «قايتا تىرىلدۈرۈش» تىكى كارامەت تېخنىكىسىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدى. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن رەپقەتنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇغۇچىسى ھەم ياردەمچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۈيئوغلى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا، كۆڭلىنى ئىختىيارسىز غەم بېسىپ روھسىزلىنىپ قالاتتى. ئۇ ئەمدى ئەينەككە قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر ئەينەكتە ئەكس ئەتكىنى ناتونۇش چىراي دېيىلگەندە، ئۇ ئېھتىمال بۇنى قوبۇل قىلغان، بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتنى ھەم كىشىلىك دۇنيانى چوڭقۇر چۈشەنگەن، شۇنىڭ بىلەن خۇشخۇيلىشىپ قالغانمۇ بولاتتى. چىراي، ئىسىم- فامىلە دېگەنلەر پەقەت شۇ كىشىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۆزىنى باشقا كىشىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگىدىن ئىبارەت، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغۇ. لېكىن، مانا بۇ چىراي، مانا بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا ئەڭ تونۇش، ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان كىشىنىڭغۇ، بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ئۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ دوكتور نىزامىدىن بىلەن رەپقەتنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى، ئىچكى دۇنياسىدىكى مەن بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى مەننى بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى ئەسلا خالىمايتتى.

    6- ئاينىڭ 20- كۈنى، پروفېسسور ئىليات ئەتىگەندىلا بالنىتسىلارنى تەكشۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا بۈگۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئۇنىڭ يارىلانغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئايالى ۋە قىزى بىلەن كۆرۈشۈشى ئىدى. بىرىنچى قېتىمقىسى ئۇ ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان چاغ بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى خۇدىنى بىلمەيتتى. شۇڭا، ئاسمان ئۆرۈلۈپ، زېمىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچنېمىنى سەزمەيتتى. مانا شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىدە خوتۇنىغا نىسبەتەن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجايىپ ئىللىق بىر خىل مېھىر- مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىچى تىت- تىت بولغان ھالدا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئىزھار قىلىۋېلىشنى كۈتەتتى.

    ئۇنىڭ ياداڭغۇ، دەسلەپ كۆرگەندە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئايالى ھۆرىيەت، ئوماق ھەم غەمكىن كۆرۈنىدىغان قىزى ئىلمىيە قولىدا يېڭىلا ئېچىلغان بىر دەستە گۈل تۇتقان ھالدا ئۇ ياتقان كارىۋات ئالدىدا پەيدا بولغان چاغدا، ئۇ ئۆزىنى خۇددى بىرەر ئەسىر يوقاپ كېتىپ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ، چەكسىز ھەسرەتكە تولدى. ئۇ دوختۇرنىڭ تاپىلىغانلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى- دە، قوللىرىنى كېرىپ ئايالى ۋە قىزىنىڭ ئۆزىگە ئېتىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بىراق، ئايالى كارىۋاتنىڭ قېشىغا كېلىپ توختاپ، مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. بۇ پەقەت سۆيۈملۈك ئانىدىلا بولىدىغان قاراش ئىدى. قىزى ئىشىكتىن كىرىپلا قولىدىكى گۈلدەستىنى ئانىسىغا تۇتقۇزدى- دە، خۇددى نېرۋىسىدىن ئاداشقان كىشىدەك ئۇنىڭغا تاشلىنىپ، مەڭزىنى ئۇنىڭ مەڭزىگە ياقتى ۋە بوش ئاۋازدا: «مەن تېخى سىزنى قايتا كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپتىمەن» دېدى.

    قىزىنىڭ شاتلىق يېشى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك سىرغىپ چۈشۈپ ئۇنىڭ يۈزىنى نەملىدى، ئوت تەپتى كېلىپ تۇرىدىغان مەڭزى ئۇنىڭ ئېغىزىنى توسۇۋالغاچقا، ئۇ تىنالمايلا قالدى. شۈبھىسىزكى، قىزى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئېرى دەپ قالغانىدى. «بىراق، مەن سېنىڭ داداڭغۇ ئاخىر!» ئۇ ئىچىدە ئاشۇنداق شىۋىرلىغىنىچە، قىزىنى ئۆزىدىن نېرىراق ئىتتىردى.

    — بۇنداق قىلمىغىن، بۇنداق قىلمىغىن!

    قىزى ئۆزى قۇچاقلىۋالغان كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىغا قىلچە ئېرەن قىلمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى شەپەقتەك قىزاردى، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىكى چەكسىز ئاتىلىق مۇھەببىتى سىڭگەن قانلىرىنىڭ ئۇرغۇشىدۇر! قىزىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ بىر خىل ئىللىق نۇر چاقناشقا باشلىغان بولۇپ، خۇددى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىۋەتكەن ئىدى.

    ئۇ قىزىنىڭ قوللىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ چىڭ سىقاتتى.

    — بالام، رەپقەت ئۇ … — ئۇنىڭ «ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن بۇ سۆزنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا يۈرىكى چىدىمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا دەۋەتتى.

    نېمە دەۋاتىدىغانسىز؟— ئىلمىيە شۇنداق دېدى- دە، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

    — ئانا، قارىڭا ئۇنىڭغا، بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىش بىلەنلا، يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

    — ياق! مەن سىزنىڭ دادىڭىز. ئۇقتىڭىزمۇ، مەن سىزنىڭ دادىڭىز.— ئۇ قىزىنىڭ گەپلىرىگە سەۋرى قىلىپ تۇرالمىدى.

    يەنە بىر پەس قاقاقلىغان كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.

    — ئانا، قاراڭ ئۇنىڭغا، چاقچاقچى بولۇپ قاپتۇ دەپ قويسام، ئۇ ئەمدى راستتىنلا ئېشىۋالغىلى تۇردىغۇ. مېڭىڭ نېرى،— قىزى بىگىز بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ پېشانىسىدىن يېنىككىنە بىر ئىتتىرىپ قويدى،— تولا ئۇنداق قالايمىقان گەپ قىلماڭ.

    ھۆرىيەتمۇ ھەم نارازى بولغان، ھەم زورىغا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا،— رەپقەت، بۇ قىلىقىڭىز بەك چەكتىن ئېشىپ كەتتى جۇمۇ.— دېدى.

    — ياق، ياق! مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز نىزامىدىن! مەن رەپقەت ئەمەس، ئۇقتىڭىزمۇ؟ رەپقەت ھازىر مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ دېگەن مەن. ياق، مەن دېگەن ئۇ، ئۇقتىڭىزمۇ؟!— ئۇ گېپىنى ھەر ياققا بۇراپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دەپ بېرەلمىدى. ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، بېشى يەنە ئاغرىشقا باشلىدى.

    بالنىتسىغا پروفېسسور ئىليات كىرىپ كەلدى. ئىلمىيە ئانىسىنىڭ بىلىكىگە چىڭ چاپلاشقىنىچە، پروفېسسور ئىلياتنىڭ رەپقەتنى يۆلەپ ياتقۇزۇشىغا قاراپ تۇردى.

    — ئانا، ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدىغۇ- ھە؟ قىلىنغان ئوپېراتسىيە ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنى زەخمىلەندۈرگەنمۇ قانداق، گەپلىرى جايىدا ئەمەسقۇ ئۇنىڭ؟

    ھۆرىيەت لام- جىم دېمىدى، پەقەتلا قولياغلىقىنى ئېلىپ كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قويدى.

    پروفېسسور ئىليات ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئانا- بالا ئىككىيلەننى بالنىتسىدىن چاقىرىپ چىقتى- دە، باياتىنقى ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى سوراپ بىلدى، ئاندىن كېيىن ئەپۇ سورىغان ھالدا مۇنداق دېدى:

    — ھازىر ئۇ زادى نىزامىدىنمۇ ياكى رەپقەتمۇ، بۇنىڭغا ھېچكىممۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى نىزامىدىننىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېڭىمۇ نىزامىدىننىڭ. بىراق، ئۇنىڭ تېنى، تاشقى سىماسى رەپقەتنىڭ. ھالبۇكى، بۇ دەل كىشىلەرنىڭ بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئاساستە! دەسلەپتە چوڭ مېڭىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان چاغدا، پەقەت دوكتور نىزامىدىننىڭ ئاشۇ قىممەتلىك بىلىملەرگە تولغان، ئۇچۇرلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە چوڭ مېڭىسىنى رەپقەتنىڭ ياش بەدىنىگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق ساقلاپ قېلىپ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا كېتىپ بارغان پەن تەتقىقاتىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىلا ئويلاپتۇق. لېكىن، بىر ئادەمنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا بۇنداق ئاۋارىچىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمىز، بۇ پۈتۈنلەي مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى.— پروفېسسور ئىلياتنىڭ قەلبى ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى بىلەن تولغانىدى،— ھازىر بەزىلەر ئەنئەنىۋى مەنتىقە كۆز قارىشىنى چىقىش نۇ, قتىسى قىلىۋېلىپ، چوڭ مېڭىنى يۆتكەش ئىشىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق، مەن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىمنى يەنىلا قەتئىي بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇۋېرىمەن، چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق.— ئۇنىڭ ۋۇجۇدى جاسارەت ۋە ئىشەنچكە تولغانىدى.

    ئانا- بالا ئىككىيلەن يەنە بالنىتسىغا قايتىپ كىردى، قىزى تېخىچە ئانىسىنىڭ بىلىكىگە يېپىشقىنىچە تۇراتتى. باياتىندىن بېرى ئۇلارنىڭ قەلبىدە پەيدا بولغان بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش ۋە يېقىنچىلىقنىڭ ئورنىنى، ئەمدى ئېتىبارسىز قاراش ھەم يوچۇن بىلىنىشتەك غەلىتە ھېسسىيات ئىگىلىگەنىدى.

    — بۈگۈن بىز بىر كۈن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ چارچىدۇق، ئەمدى مېھمانسارايغا قايتىپ ئارام ئالايلى، دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىڭىزنى ئەتە كېلىپ بېجىرەيلى. ئەمىسە بىز ماڭدۇق،— دېدى ھۆرىيەت بىر خىل سۆرۈن كەيپىياتتا.

    ئۇلار چىقىپ كېتىشتى. ئۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ «ھۆرىيەت» دەپ چاقىرىۋېلىشنى، خۇددى بۇرۇنقى چاغلىرىدىكىدەكلا چاقىرىۋېلىشنى قانچە ئارزۇ قىلاتتى- ھە! بىراق، شۇنچە ئۇرۇنۇپمۇ چاقىرالمىدى. ئانا- بالا ئىككىسىگە ئۇلار بالنىتسىدىن چىقىپ كۆزىدىن غايىب بولغىچە قاراپ تۇردى. ئۇشتۇمتۇت يەنە ئۆزىنى بىر بىمەنە چۈش كۆرۈپ قوپقاندەك ھېس قىلدى.

    — ئەتىلىككىلا دوختۇرخانىدىن چىقىمەن،— دېدى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىلگىرىكى ئاشۇ قايناق ھېسسىياتتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.

    — مەن ئەمدى قايسى ئائىلىگە بارىمەن، مەن زادى كىم؟ …

    ئەتىسى ھۆرىيەت ئانا- بالا ئىككىيلەن بالنىتسىغا كەلگەندە، ئۇ ئاللىبۇرۇن كېتىپ قالغانىدى. سېستىرا ئۇنىڭ بىر پارچە خېتىنى ھۆرىيەتكە تاپشۇرۇپ بەردى. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى:

    «سىلەرنىڭ مېنى ئالغىلى كەلگىنىڭلارغا رەھمەت. بىراق، مەن ئۆزۈم يالغۇز كېتىشنى توغرا تاپتىم، كەچۈرگەيسىلەر. مەن ئەمدى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا تەۋە بولماستىن، بەلكى سىلەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. سىلەرنىڭ مېنى يادىڭلاردىن چىقىرىۋېتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ناۋادا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنى سۈنئىي ئەقلىي قابىلىيەت تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ ئىزدىگەيسىلەر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.