گۇناھ-2(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 05:40:45

گۇناھ(2) ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ھىدايەت قارى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاتىسى بىلىدىغانلىكى سۈرىلەرنى قويماي يادلاپ بولدى؛ بەش ۋاق ناماز ئوقۇشقا باشلىدى؛ قوي باققان يەردە ئۇ ئىلگىرى ئۆگەنگەن سۈرىل...

    گۇناھ(2)

    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

     

    ھىدايەت قارى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاتىسى بىلىدىغانلىكى سۈرىلەرنى قويماي يادلاپ بولدى؛ بەش ۋاق ناماز ئوقۇشقا باشلىدى؛ قوي باققان يەردە ئۇ ئىلگىرى ئۆگەنگەن سۈرىلىرىنى تەكرارلىغاچ، ئاتىسى ھەپتىيەكتىن بەرگەن ساۋاقلىرىنى پىششىقداپ، قىسقا ۋاقىتتىلا ساۋادىنى چىقىرىپ، يېڭى سۈرىلەرنى ئۆزى ئوقۇپ يادلاشقا چۈشتى. ئۇ ھەپتىيەكنى تۈگىتىپ قۇرئانغا ئۆتكەندە مەكتەپكە قەدەم باستى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ خەت تونۇيدىغان، تۆت ئەمەلنى تولۇق بىلىدىغانلا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

     

      ھىدايەت قارى مەكتەپ قوينىدا سۇدىكى بېلىقتەك يايراپ، بىلىم قېتىغا شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىدى. دەرسلىك كىتابتىكى يېڭى دۇنيا— يېڭى بىلىم، يېڭى چۈشەنچە ۋە باشقا بارلىق يېڭى نەرسىلەر ئۇنى قىزىقتۇرۇپلا تۇراتتى. ئۇ تەنەپپۇستىمۇ باشقا بالىلارغا قېتىلماي ئايرىم كىتاب كۆرەتتى، كىتابتىكى ر ەسىملەر ۋە ئەمدىلا تونۇش كۆرۈنۈۋاتقان خەتلەر، سان-سېفىرلار ئۇنى ئاجايىبات دۇنياسىغا باشلاپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى توختىماي غىدىقلايتتى، راھەتلەندۈرەتتى. دەرس ۋاقتىدا ئۇ ھەممىدىن جىم ئولتۇراتتى، بىرەرسى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزىدىغانلا بولسا ئاچچىقتىن يىغلىغۇدەك بولاتتى، كىمكى ئۇنى يەنە تېرىكتۈرمەكچى بولسا ئۇ شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم بار-يوق دېمەي ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. سىنىپتىكى ھەممە بالىلار بۇ غەلىتە ساۋاقدىشىنى بەكمۇ يۆچۈن كۆرگەچكە ئۇنى يەكلەيتتى، ئەمما ئۇنىڭ دەرستە يامانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭ دائىم ماختايدىغانلىقىنى بىلگەچكە كۆڭلىدە يەنىلا چوڭ بىلىشەتتى. شۇنىسى ئاجايىپكى ھىدايەت قارى كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ئىچىدە خور ئوقۇشقا ھەممىدىن بەكرەك ئاكتىپ قاتنىشاتتى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ۋە توغرا ئاھاڭدا بالىلار ناخشىسى ئېيتىشلىرى مۇزىكا مۇئەللىمىنى دائىم ھەيران قالدۇراتتى، ھەر بىر ناخشا ئۆگەتكەندە ئۇنىڭ باشقا بالىلاردىن ئاۋۋال ئۆگىنىپ بولىدىغانلىقىغا ھېچ ئەقلى يەتمەيتتى، ھەر قېتىملىق ناخشا دەرىسىدە ئۇنى بالىلارغا يېتەكچى قىلىپ قوياتتى.

     

      سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا بېرىدىغان دىنىي تەربىيە ۋە ساۋاقلارنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. ھىدايەت قارى مەكتەپتە ساۋادىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى يىغىپ ساقلاپ قويغان«قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تۆت كىتابنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇپ چىقتى. ئۆيدە بارىمۇ شۇ تۆت كىتاب بولغاچقا ئۇ قايتا-قايتا ئوقۇدى، ئاتىسى بىلەن نۇرغۇن دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشەلەيدىغان بولدى، كاللىسىدىن ئىلگىرىلا ئۇرۇن ئالغان دىنىي چۈشەنچىلەر تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى. ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى توغرىسىدىكى خىياللىرى روشەنلەشتى. بولۇپمۇ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»دا بايان قىلىنغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوي بېقىۋاتقاندا پەرىشتىگە يولۇققانلىق ۋەقەسى ھىدايەت قارىنىڭ قەلبىنى قاتتىق لەرزىگە سالدى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدا قوي بېقىۋاتقاندا پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن بىر نەرسىنى ئالىدۇ، بۇ ئىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچىقىچە يۈز بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋۇجۇدى پاكلىنىدۇ. سەمەت مەخسۇم بۇ ۋەقەنى ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئوغىلىغا نۇقتىلىق شەرھلەيتتى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن گۈزەل سۈپەتلىرى، ئېسىل ئەخلاق-سۈپەتلىرى شۇ ئشتىن كېيىن يەنىمۇ تاكاممۇللاشقان ۋە كېيىنچە رەسۇلۇللاھقا ئەگەشكۈچىلەر ئەمەل قىلىدىغان تۇرمۇش مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن؛ شۇڭا ھەر قانداق مۇسۇلمان كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز ۋۇجۇدىدا گۈزەل سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن، يەنى ئاشۇ بۇزۇق قاننىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا قالايمىقان ئېقىپ يۈرۈشىدىن ساقلىنىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ بەدەن ۋە قەلبىنى ھەر ۋاقىت پاكلاپ تۇرۇشى لازىم. بالىلارنىڭ قەلبى قەلەم تەگمىگەن ئاق قەغەزگە، كىر قونمىغان ئاپئاق خەسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئەگەر ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتۇلۇپ تۇرمايدىكەن، شەيتان ھامان ئۇنى ئازدۇرىدۇ، ئازغۇن ئادەم ئاقىۋەتتە ئادىمىي ئالۋاستىغا ئايلىنىپ ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىغا يېقىلغۇ بولىدۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.